1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇبىيىتى

شېرىپ نىياز خۇشتار

1864 – يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇپ بولىشى تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلىبى پارتىلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا- ئارقىدىن پارتىلايدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى ، ئىقتىسادىي كرزىسكە دۇچ كېلىدۇ .ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادى سېلىقنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈدۇ.ئىلىدىكى جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلگىرىكى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان تۆت خو (256كىلوگىرام) بۇغداي غەللە -پاراقنى 1863-يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرۈدۇ.ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادىي زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .دەسلەپتە 1863-يىلى 3-ئايدا ياڭ سەنشىڭ ،مائېرلەنلەر باشچىكىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ .بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ،خۇيزۇلار غۇلجا شەھىرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ ،ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ،چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇل بەگ باش قوماندان بۇلۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ مەخپى تەييارلىقلاردىن كېيىن ،1864-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ .قوزغۇلاڭچىلار شۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ .ئەتىسى مۇھىم ھەربىي قورغان -چىلپەنزىنى ئىشغال قىلىپ ،زور تۈركۈمدە قورال-ياراغ ،ئوق -دورا ۋە ماددىي ئەشيالارنى غەنىيمەت ئالىدۇ ھەمدە بايانداي قورغىنىغا يۈرۈش قىلىدۇ .بۇ چاغدا تەڭلا ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلىپ ،،ئۇ يەردىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ .قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بارغانسېرى كېڭىيىپ ،ئادەم سانى 30مىڭغا يېتىدۇ .ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەمىر باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىدۇ .1865-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىنى ئىشغال قىلىدۇ .ئارقىدىنلا كۈرە بىلەن سۈيدۈڭنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قورشاۋغا ئالىدۇ ۋە تارباغاتايدىن ياردەمگە كەلگەن چىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ .يۇلتۇزدىكى تۇرغاۋۇت ۋاڭلىرىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن قوشۇنلىرىمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ .چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاپچالدا تۇرۇشلۇق قوشۇنى دەرھال بىتەرەپلىك ئېلان قىلىدۇ. 1866-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا قوزغىلاڭچىلار بايانداينىڭ شىمالىدىكى شەندۇڭ جاڭزىسىنى،1866-يىلى 3-ئاينىڭ 8 -كۈنى كۈرە قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ .ئىلى جاڭجۇنى مىڭ رۈي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ.سابىق جاڭجۈن چاڭ چىڭ ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. 4-،5- ئايلاردا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيدۈڭدە تۇرۇشلۇق قىسىمى تەسلىم بولىدۇ. قورغاس جەڭ ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىدۇ .ئىلى خەلقى بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ ،ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارنىڭ يەر-زېمىن ،مال -مۈلىكىنى قوزغىلاڭچى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ.قەرز ھۆججەتلىرى يىرتىپ تاشلىنىدۇ ، يانچىلار ئازاد قىلىنىدۇ ،ئېغىر باج-سېلىق ،ئالۋان-ياساقلار بىكار قىلىنىدۇ . قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا ،ئىلى جاڭجۈنى مىڭ رۈي مەزەمزات ھېكىمنى زىنداندىن چىقىرىپ (مەزەمزات ئەسلىدە ئىلىنىڭ ھېكىمبېگى بولۇپ ،1864-يىلى ئۆستۈرمە سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى ،دېگەن باھانە بىلەن زىندانغا تاشلانغانىدى)،تارتۇقلارنى بېرىپ ،ئۇنى قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئەۋەتىدۇ .مەزەمزات قوزغىلىاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىن كېيىن ،خەلق تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە قوزغىلىڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشكە كىرىشىدۇ . بايانداي ئۇرۇشى بولىۋاتقان پەيتتە،ئۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خەلق بىر رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە قازى نەسرىدىن ئەلەمنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن كېڭەش مەجلىسى ئېچىلىدۇ .مەجلىسكە نەسردىن ئەلەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ .مەجلىس مەزەمزاتنى سۇلتان مەزەمزاتخان ئۇنۋانى بىلەن خان قىلىپ تىكلەيدۇ .ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر ،نەسردىن ئەلەمنى قازى كالان ،شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر ،موللا روزىنى مۇپتى قىلىپ ،ئالاھەزەل ،سۇلتاندىن يۈز بېشىغىچىلىك ھەممە مەنسەپدارلارنى تەيىنلەيدۇ .شۇنداق قىلىپ ئىلىدا دىنىي ھاكىمىيەت -ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلىدۇ .لېكىن ،ئۇزاق ئۆتمەيلا سۇلتانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەزھەپچىلىك ،ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشى ئەۋىج ئالىدۇ .نەتجىدە سۇلتان مەزەمزات ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.1865-يىلى مۇھەممەت پوچى خوجا(ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن) مەزەمزاتنى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالىدۇ.ئۇ ئۆزى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلىققى بارلىق بەگلەرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈدۇ.شۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ،ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ۋە مۇھەممەت پوچىنىڭ قىلمىشى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ئارا ئۆستەڭلىك شەمسىدىن خەلپەم پۇرسەت تېپىپ مۇھەممەت پوچىنى ئۆلتۈرۈدۇ.ئۇنىڭ سۇلتان بولغان ۋاقتى ئاران 36كۈن بولىدۇ .مۇھەممەت پوچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئېچىلىپ ،موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىققا تەيىنلىنىدۇ .موللا شەۋكەت سۇلتانلىقتا ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئەمىر لەشكەر ئوبۇل ئەلاغا سۇمۇلدىكى شىبەلەرنى جازالاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈدۇ.ئوبۇل ئەلا 500ئاتلىق ئەسكەرنى ئېلىپ قاراتام كېمىسى ئارقىلىق شىبە يېزىلىرىغا ئۆتۈدۇ.قوشۇن سەككىز سۇمۇلدىن ئۆتۈپ ،شىبە سەككىز تۇغ باش بۇغىسى جايلاشقان ئالتە سۇمۇلغا بارغۇچە ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ .ئەمىر لەشكەرنىڭ چاپچال تەۋەسىگە ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان توقىلەك يۈز بېگى 300دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئېلىپ ئالتە سۇمۇلغا يېتىپ كېلىدۇ .توقىلەك يۈز بېگى ئوبۇل ئەلانىڭ شىبەلەرنى جازالاش مۇددىئاسىغا ئاشكارە قارشى تۇرىدۇ.ئاشۇ جىددىي پەيتتە سەككىز تۇغ باش بېگى قارماڭا ئوبۇل ئەلا بىلەن توقىلەك يۈز بېگىنى ئۆز مەھكىمىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ.ئوبۇل ئەلا تەسلىم بولۇش شەرتىنى قويىدۇ .شىبە باش بۇغىسى قارماڭا (1) ئىلى سۇلتانلىقىدىكىلەر شىبەلەردىن قىز ئالماسلىق ،(2) شىبەلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ،(3) ئۆز قەبىلىسىنى ئۇرۇشقا سالماسلىق شەرتىنى قويىدۇ . ئەمىر ئوبۇل ئەلا بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ .نەتىجىدە شىبەلەر يۇقۇرقى شەرتلەر ئاساسىدا تەسلىم بولىدۇ.بۇ سورۇنغا شىبە ئايال سۇخا مېھمان كۈتۈشكە چاقىرىلىدۇ .سۇخا تولىمۇ يېقىملىق ،چىرايلىق ئايال بولۇپ ،ئوبۇل ئەلا سۇخاغا كۆز ئۈزمەي قارايدۇ .بۇنى سەزگەن باش بۇغ قارماڭا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكىدۇ.يۇقۇرقى شەرت بويىچە قان توكۈلمەي مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ .شىبە قوشۇنى ئەمىر ئوبۇل ئەلا قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ .بۇ قوشۇن ئىچىدە ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ۋە ئاز-تولا روس تىلىنى بىلىدىغان فۇشەن ئىسىملىك بىر شىبە ياش بولۇپ ،ئۇ ئەمىر ئوبۇل ئەلا يېنىدا تەرجىمان بولىدۇ . سۇلتان موللا شەۋكەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ،مۇستەبىتلىكنى يولغا قويىدۇ .ئۇ تولىمۇ قابىليەتسىزلىكى ۋە ئەمىر ئوبۇل ئەلا بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەپلىك 1870-يىللىرى ئەتراپىدا قاش دەريا بويىدا ،ھاكىمىيەت بېشىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ،ئورنىغا ئەلا پالۋان « جاھان پالۋان ،سۇلتان باھادىر غازى ،ئوبۇل ئەلاخان» ئۇنۋانى بىلەن خانلىققا كۆتۈرۇلىدۇ .شىبە يىگىتى فۇشەن ئوردىدا ئوبۇل ئەلا يېنىدا بولىدۇ .بۇ كۈنلەردە ئوردىدا زىددىيەتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ،سۈركىلىش ئېغىر بولىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇشەن ئوردىدىكى قورال-ياراغ ،ئەسكىرىي كۈچ ۋە باشقا ئىشلارنى ئىگلەيدۇ -دە ،شىبە باش بۇغىسى قارماڭا يېنىغا بېرىپ ، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ . بۇ چاغدا قارماڭا تەسلىم بولۇش سورۇنىدا ئەمىر ئوبۇل ئەلانىڭ سۇخاغا تىكىلىشىنى ئويلاپ ،تېخىمۇ كۆپرەك ماتېريالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ،ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان سۇخانى ئېرىدىن ئاجىرتىپ ،ئەلا سۇلتانغا سوۋغا قىلىدۇ .سۇخا شۇ كۈندىن باشلاپ ئەلا سۇلتان يېنىدا بولۇپ ،ئوردا ۋە سۇلتاننىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە تەرجىمان فۇشەن ئارقىلىق باش بۇغ قارماڭاغا يەتكۈزۈدۇ (سۇخا سۇلتان ئوبۇل ئەلاغا تەگكەندىن كېيىن ،خەلق ئۇنى شىۋە سارىخان دەپ ئاتايدۇ).ئۇلار مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن ،فۇشەن ئوردىدىن چىقىپ چارروسىيىگە ئۆتۈپ ،چارروسىيىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونسۇلىغا سۇلتان ئوبۇل ئەلانىڭ ئوردىسىدىكى ئىچكى سىرلارنى يەتكۈزىدۇ .كونسۇل چارروسىيىنىڭ ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ،ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلايدۇ .(بۇ ئەھۋالنى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چارروسىيىە كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان روسچە بىلىدىغان تەرجىمان شىبە فىراسىيەلىك بىر كونسۇل خادىمگە سۆزلەپ بېرىدۇ .فىرانسىيىلىك دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ،بۇنى فىرانسۇز تىلىدا كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتاب كېيىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ .رۇسچىدىن خەنزۇچىغا شۇمۇتۇڭ ئەپەندى تەرجىمە قىلىدۇ.) ئەلا پالۋان سۇلتانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ .جۈملىدىن موللا شەۋكەت ئاخۇننى ئەمىرلىككە كۆتۈرىدۇ ، كېيىن ئەلاخان سۇلتان بىلەن موللا توختى ئاخۇن ئوتتۇرسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ .ئەخمەتخان غوجا(ئىلىدىكى چوڭ غوجا)بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇلتانغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ ،لېكىن توپىلاڭ تېزلىكتە بېسىقتۇرۇلىدۇ .ئەخمەتخان غوجا بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن خۇيزۇ ئاتامانى ياكۇرنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ .بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ياكۇر ئىلىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلىپە بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئەلاخان سۇلتاننىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى رەت قىلىپ ،ئۇرۇش قوزغايدۇ.نەتىجىدە ياكۇر بىلەن ئەلاخان ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى خۇيزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى مىللىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ .ئۇرۇشتا ياكۇر مەغلۇپ بولىدۇ .موللا شەۋكەت ئاخۇن بىلەن ئەخمەتخان غوجا ئۆلتۈرۈلىدۇ . ئەلاخان سۇلتان ياكۇر ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىن كېيىن ،چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە دۈچ كېلىدۇ .چارروسىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ تېكەسكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ .ئىلى سۇلتانلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ .چارروسىيە 1869-يىلى چوڭ مازارغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ .1870-يىلى 6-ئايدا تېكەسكە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر كىرگۈزۈپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ .شۇ يىلى 9-ئايدا مۇز داۋاننى بېسىۋېلىپ ،ئىلى سۇلتانلىقىغا يولسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ .ئىلى سۇلتانلىقى چارروسىيىنىڭ بۇ خىل يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىدۇ ھەمدە مۇز داۋانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ .ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىسى چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارا نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارلايدۇ .جۈملىدىن 1871-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ ،ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى رەسمىي قارار قىلىدۇ ھەمدە كالپاكوۋىسكىينى باش قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ . بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا قازاق دالاسىدا چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ ،چارروسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلىدۇ .قازاق ئاتامىنى تازبېك ئالبان قەبىلىسىنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ پاناھلىنىدۇ .ئەلاخان سۇلتان ئۇلارنى توققۇز تارا تەۋەسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ .چارروسىيە دائىرلىرى ئىلى سۇلتانلىقىدىن تازبېكنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .ئىلى سۇلتانلىقى تەلەپنى رەت قىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلى سۇلتانى ئەلاخانغا «ئەگەر سىلەر تازبېكنى تۇتۇپ بېرىشنى خالىمايدىكىنسىلەر ،ئۇ ھالدا ساڭا ۋە سېنىڭ خەلقىڭگە پايدىسىز بولىدۇ .بىز سىلەرگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىپلا قالماي ،چوقۇم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىمىز »دېگەن مەزمۇندا نوتا تاپشۇرۇپ تەھدىت سالىدۇ .لېكىن ئەلاخان سۇلتان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ .ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ : بىرىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چونجىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق شەرىققە ئىلگىرلەپ ،تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ .مۇز داۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قوشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ .ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چاروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ ،قورغاس دەرياسىغا قىستاپ كېلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزۇغا قارشى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى سەپ شەكىللىنىدۇ .شىمالىي تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ .20-كۈنى ئىلى قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چېكىندۈرىدۇ .21-،22-كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت (ھازىرقى قازاقىستان چېگرىسىدا)گىچە قوغلاپ بارىدۇ .جەنۇبىي سەپتە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۈشمەن قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ ،21-كۈنى قىرىق ئاساۋ سۈيىگە چېكىندۈرىلىدۇ .26-كۈنىمۇ ئىلى قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ،دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىپ ،ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ:چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز قوشۇنىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىقىدىكى تەسلىمچىلەرنىڭ كاتتا بېشى بېشىربەگنى سېتىۋالىدۇ .بېشىربەگ ئىلى قوشۇنىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسى ئەھۋاللارنى چارروسىيەگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى چونجى بىلەن بۇرۇغجىردىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەنگە ھوجۇم قىلىدۇ .ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ .بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازبېكلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ ،لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ ،6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ . ئۈچۈنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى غۇلجا شەھىرگە ھۇجۇم قىلىدۇ .بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر ،قازاق ،خۇيزۇ ،موڭغۇل ،خەنزۇ ،شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىنىپ ،چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ .لېكىن ،قوماندان تەن شىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۇرۇشتا چېكىنگەنلىكتىن ،قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كېتىدۇ .6-ئاينىڭ 30 -كۈنى چىڭسىخوزا قولدىن كېتىدۇ .7-ئاينىڭ 1-كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى سۇيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمچىلەرنى قۇترىتىپ ،خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ،ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرسىدا مىللىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ . ئىچكى جەھەتتىكى تەسلىمچىلىك ،ئىتتىپاقسىزلىق ،قىرغىنچىلىق، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمپېريىنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ .چارروسىيە ئىلىنى قوراللىق بېسىۋالىدۇ . 1871-يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى ئائىلىسى بىلەن چارروسىيىگە ئېلىپ كېتىدۇ .سۇلتان ئوبۇل ئەلاخان ئۈچ يىل روسىيە تەۋەسىدە تۇرغاندىن كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە 1874-يىلى ۋاپات بولىدۇ .ئۇنىڭ جەسىتى غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى «تېرەك بۇزرۇكۋار» غا قويۇلىدۇ . چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىلى دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككى رايۇن تەسىس قىلىدۇ ھەمدە غۇلجا شەھىرىنى شىمال رايۇننىڭ مەركىزى ،قاينۇقنى جەنۇبىي رايۇننىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەپ ،ئىككى رايۇنغا 14 بولۇش تەشكىل قىلىدۇ .بېشىر بەگنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ .ھەرەمباغ ۋە سايبويى مەھەللسىدە ھەربىي گازارما قۇرۇپ ،رەسمىي مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەيدۇ . 1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن ،چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمى ۋە زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربىي گوروھنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ،ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سوھبەتلىشىدۇ .1878-يىلى 12-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭ خۇنى سوھبەت ۋەكىلى قىلىپ روسىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ .1880-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە زىڭ جىنى روسىيىگە سوھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ .ئىككى يىل سوھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى «جۇڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى»ئىمزالىنىدۇ .بۇ تەڭسىز شەرتنامىگە ئاساسەن قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلار چارروسىيىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ .ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بەدىلىگە 9مىليۇن رۇبلى تۆلەم تۆلىنىدۇ .لېكىن ،چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىدا «تەڭرىتاغنىڭ ئاساسى غول ئومۇرتقىسى چېگرا سىزىقى قىلىنىدۇ »دەپ ئوچۇق كۆرسۈتۈلگەن بولسىمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چېگرا سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇڭگۇترلىق تاغنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ.

مەنبە : <شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .