مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى
1- يېرىم يىلدىكى زور ۋەقەلەر
1- ۋەقە
2- ۋەقە
جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى ياكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ زۇڭتۇڭى خوجانىياز ھاجى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى جەنۇبتىكى مۇھىم بازىسى ئاقسۇنى تاشلاپ قەشقەرگە كەلدى. ئۇنى باش ۋەكىل سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى كۈتۈۋالدى. خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپلا، يېڭى شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن ماجەنساڭغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئاتلاندى. خوجانىياز ھاجى سابىت داموللىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن بىرلىكتە يېڭى شەھەرنى 4 تەرەپلەپ قورشاپ، 2-3 كۈن ئىچىدىلا ماجەنساڭ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ سېپىل ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتى. بۇ نۆۋەت خوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتتى. ماجەنساڭ يېڭى شەھەرنىڭ ئېگىز سېپىللىرىنىڭ دالدىسىدا كۈن كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى. ماجەنساڭنىڭ تۈۋرۈكى سانالغان ئاتاقلىق بىرىگادا كوماندىرى كامازا يېڭى شەھەر سېپىلى يېنىدىكى بىر ئۇرۇشتا ھالاك بولۇپ، ماجەنساڭنىڭ مەغلۇبىيىتى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مەجەنساڭ بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالمىدى بەلكى يېڭى شەھەرنى جان تىكىپ قوغدىدى. نەتىجىدە خوجا نىياز ھاجىنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەن ماجۇڭيىڭنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋەزىيەتنى ئكزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 167 كۈن داۋاملاشقان يېڭى شەھەر ئۇرۇشى تۇڭگانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى.
3- ۋەقە: مافۇيۈەننىڭ قەشقەرنى ئىستىلا قىلىشى
4- ۋەقە: قەشقەردە قەتلىئام
5- ۋەقە: ئاتۇشتىكى پاجىئەلەر
مافۇيۈەن ئۆزبېكلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن، ئاتۇشنى «تىنچلاندۇرماقچى» بولدى-دە، قوشۇنلىرىنى ئېلىپ ئۇچتۇرپاندىن بىللە ئېلىپ كەلگەن قىرغىز قۇلىبەگنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتۇشقا يۈرۈپ كەتتى. «جۇمھۇرىيەت»نىڭ شەھەرنى قوغداش قوماندانى كىچىك ئاخۇن تاغ ئاغزىنى توسماي، بىرىگادىسىنى ئېلىپ تاغقا چىقىۋالغاچقا، مافۇيۈەن ئاتۇشقا توسالغۇسىز باستۇرۇپ كىردى. رېشىتەمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئازاق كەنتىگە بېرىپ، سابىت داموللىنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈردى. نەرسە-كېرەكلىرىنى بۇلىدى. تېجەنگە بېرىپ، كىچىك ئاخۇننىڭ بۇندىن 2 ئاي بۇرۇن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان پولك كوماندىرى يۈسۈپ ئاخۇن قاتارلىق بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆيىنى بۇلىدى ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. بىرمۇنچە كىشىنى ئورۇنسىز ئېتىۋەتتى. ئۇلار بۇ يەردىن ئۆتۈپ ئۈستۈن ئاتۇشقا باردى. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن بۇ يەردىكى زەيدىن كارۋان بىرىگادىسى تاغقا چىقىۋالغان، قىرغىز جانىبەگ تغ ئارىلاپ مۇشۇ تەرەپكە كىلىۋالغانىدى. تۇڭگانلار بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ كىرەي دەپ قالغانلىقتىن، ئازاق، بەيساق، دىخانلار، يولچىدىن ئىبارەت 4 يولنىڭ تۈگۈنىدە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشكۈن قىلماقچى بولدى. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشى ئۆي-ۋارانلىرىنى تاشلاپ كەتتى، قاچالماي قالغان 13 ئەر، 5 ئايال مۇھەممەت ئېلى ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ بېرىۋالدى. بۇ ئۆيگە قەشقەر شەھىرىدە ئۇزۇن يىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يۈسۈپ تۇڭگان دېگەن كىشى ئوغلى نۇر ئاخۇن بىلەن مالىمانچىلىقتىن قېچىپ كېلىۋالغانىدى. ھېلىقى 13 ئەر، 5 ئايال مۇشۇ 2 تۇڭگاننىڭ سايىسىدە ئامان قېلىش ئۈمىدىدە كەلگەنىدى. يۈسۈپ تۇڭگان تىنچلىق بەلگىسى بولغان ئاق بايراقنى ئۆگزىسىگە قاداپ، ئۆزى ھەم ھەمرالىرىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. لېكىن مافۇيۈەن قوشۇنى ئاق بايراقنى كۆرۈپلا «ئوغرىلار بار ئىكەن» دەپ ئويلاپ ئۆيگە يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى. ئوق توختىغاندىن كېيىن يۈسۈپ تۇڭگان ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، مافۇيۈەن ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، 5 نەپەر قېرى-چۈرى ئايالنى ئايرىپ قېلىپ، قالغان 13 كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى. 2 كىشى يارىلىنىپ ساق قالدى. يۈسۈپ بىلەن نۇر ئاخۇننى تۇڭگانلار ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. تۇڭگانلار توپا دېگەن جايغىچە بېرىپ ئاتۇش خەلقىگە بىرقۇر ھەيۋە كۆرسەتكەندىن كېيىن شەھەرگە قايتتى.
6- ۋەقە: ئارغۇدىكى سوقۇش
7- ۋەقە: يېڭىسار ئۇرۇشى
8- ۋەقە
9- ۋەقە
10- ۋەقە: سابىت داموللىنىڭ تۇتۇلۇشى
11- ۋەقە
خوجانىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، قوشۇنلىرىنى مەھمۇت مۇھىتىغا قالدۇرۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتتى. خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق 6- دېۋىزىيىسى تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتېنات ئۇنۋانى بىلەن دېۋىزىيە قوماندانى بولدى. قوشۇنمۇ قايتا تەشكىللەندى. ئۇلار مارالبېشىدىكى تۇڭگانلارنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، پولات تۇەنجاڭنى 1 پولك ئەسكەر بىلەن يەكەنگە يولغا سالدى. سەمەت ھاجى تۇەنجاڭنى 1 پولك ئەسكەر بىلەن يېڭىساردا قالدۇرۇپ، سالىھ لۈجاڭ، پازىل لۇجاڭ باشلىق قالغان ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قەشقەرگە كەتتى.
12- ۋەقە
2- يېرىم يىلدىكى زور ۋەقەلەر
1934- يىلنىڭ 1- يېرىمى ماجۇڭيىڭ ئىستىلاچىلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى بىلەن ئۆتتى. 2- يېرىمى شىنجاڭدا تىكلەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت دەۋرىگە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدىكى ۋەقەلەر تۆۋەندىكىچە:
1- ۋەقە
2- ۋەقە: ماشاۋۋۇغا قىلىنغان قەست
3- ۋەقە
ماشاۋۋۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولغان بىرنەچچە تۇڭگان يىگىت ماشاۋۋۇنى تاشلاپ غايىپ بولدى. بۇلار يول ئارىلاپ يوشۇرۇنچە يەكەن دەرياسىغا يېتىپ كەلدى. يەكەن دەرياسى «چېگرا جاي» بولۇپ، دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ماخۇسەن قوشۇنى، بۇ تەرىپىدە پولات تۇەنجاڭ قوشۇنى بار ئىدى. تۇڭگان يىگىتلەر يېتىپ بارغان كېچىسى دەريانى ساقلاۋاتقان بەئدى ليەنجاڭ ئەسكەرلىرى بىخۇدلۇق قىلىپ ئۇخلاپ قالغانىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۇڭگانلار پوستتىكى ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ ماخۇسەن تەرەپكە بەدەر تىكىۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن قاراۋۇللار قاتتىق جازالاندى، ۋەزىپىگە سۇسلۇق قىلغان بەئدى ليەنجاڭ قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىندى.
4- ۋەقە
ماشاۋۋۇ قەشقەردە بىر مەزگىل دۋالانغان بولسىمۇ، ئوق بىر پۇتىنى چېقىۋەتكەچكە، چەتتە داۋالىنىشقا توغرا كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلدى. ئۇ سوۋېتتا بىر مەزگىل داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار نازارىتىگە مۇئاۋىن نازىر بولدى. 1937- يىل 9- ئايدا خوجانىياز ھاجى قاتارلىق 10 نەچچە كىشى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ ئىز-دېرەكسىز يوقالدى.
5- ۋەقە
10- ئايدا ئۈرۈمچىدىن سابىق شەرقىي شىمال پىدائىي قىسىملىرى (ئاتالمىش خاڭخوزا) نىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان لوبىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ قەشقەرگە كەلدى. لوبىن ئەسلى گېنېرال لېيتېنات دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، بويى پاكار، دوغۇلاق، بۇرنى پاناق، قوۋ-مەككار ئادەم ئىدى. مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى بولدى. گۇڭ جىڭخەن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋالىي بولدى.
6- ۋەقە: قەشقەردە تازىلاش ئىشلىرى
7- ۋەقە: ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىرغىز قوشۇنىنىڭ باستۇرۇلۇشى
8- ۋەقە
ئاتۇشلۇق رېشىتەم تۇڭگنلارنىڭ «پارتىزانلار قوماندانى» بولغان بولسىمۇ، ماخۇسەندىن ئايرىلىپ مەھمۇت سىجاڭغا تەسلىم بولغانىدى. ئۇ قۇربان نىياز پولكىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، تازىلاش دائىرىسىدىكى يامان ئادەملەر قاتارىدا قورالسىزلاندۇرۇلۇپ مۇددەتلىك قاماققا ئېلىندى. ئەسكەرلىرى يۇرتىغا قايتتى. رېشىتەم جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ ئائىلىسىگە قايتقان بولسىمۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، ئېتىزلىقتا ئېتىپ تاشلاندى.
9- ۋەقە
10- ۋەقە
11- ۋەقە: ئۆزبېك پولكىنىڭ يوقىتىلىشى
12- ۋەقە: يېڭى شەھەردە قوزغىلاڭ
گېنېرال لوبىننىڭ قوشۇنىدىكى مەلۇم بىر پولكتا تۇڭگانلار كۆپرەك بولۇپ، بۇلار ماجۇڭيىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەر ئىدى. بۇلار يىلنىڭ ئاخىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ ككتۈردى. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ ئىش لوبىننى ئالاقىزادە قىلىۋەتتى. تۇڭگانلار لوبىننىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن كېچىچە ئېتىشىپ تەڭ كېلەلمەي، تاڭ ئېتىشى بىلەن شەھەردىن چېكىنىپ يېڭىسار تەرەپكە قاچتى. لوبىن قوغلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلىرى ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە، مەھمۇت سىجاڭدىن ياردەم تىلىدى. مەھمۇت سىجاڭ 2- پولكتىن ئابدۇشۈكۈر ليەنجاڭنى 86 نەپەر ئەسكەر بىلەن قوغلاشقا ئەۋەتتى. ئالدى تەرەپتىن سەمەت ھاجىنىڭ 1- پولكى توستى. ئىسيانچىلار ئوتتۇرىدا قېلىپ يېڭىشەھەر بىلەن يېڭىسار ئارىلىقىدىكى ئات باقىدىغان مەيدانغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار بۇ يەردە بىرەر ئايدەك قاپسىلىپ يېىتپ، ئاخىرى خوتەنگە يول بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا يول بېرىلدى ھەم يېڭىساردىن ئۆتكەندە قورشاۋغا ئېلىنىپ قورالسىزلاندۇرۇلدى.
تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئوخۇن