20 – ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى – ئابدۇقادىر داموللام

20 – ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى – ئابدۇقادىر داموللام

ئىسلاھات ئىنسانىيەت تارىخدىكى يورۇق تېما. ئىسلاھات-ياخشىلاش، تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش دىمەكتۇر.يەنى، ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ، تۈزىتىپ، گاھىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكە باي يىڭى تۈزۇم، يىڭى مەدەنىيەت ۋە يىڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھات شەكىل كۆپ خىل، ئۈنۈمى پەرقىلىق بولسىمۇ بىراق ئورتاقىلىقى شۇكى، بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قۇرقماس جاسارەت يىراقىنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق تۈپ ساپانى ھازىرلىمغان كىشىنڭ ئىسلاھاتچى بۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانىيەت تارىخدىكى بارلىق داڭلىق ئسلاھاتچى دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋەر ئەزىمەتلەردۇر.
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ، مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام دەل مۇشۇنداق تۈپ ساپاغا ئىگە زات ئىدى.
ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلاھاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتىقىق قىلش 20-ئەسىرىنىڭ باشلرىدىكى مىللى ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىنى يۇرۇتۇشىمىزدا مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە. مىسالەن، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەدىتلىك ھەرىكىتى قاچان، قانداق باشلانغان؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاتارمەرىپەتچىلىرى قوزغىغان جەدتىلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئىدىيۋى ئىقىم پەيدا قىلالىغانمۇ- يوق ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەدىتىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە مەنىۋى يولباشچىلاربارلىققا كەلگەنمۇ -يوق ؟

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنشى قانداق تەسىر ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئىڭى ۋە مىللىي ئىڭى قاچاندىن باشلاپ ئۇيغانغان ؟ بۇ بىر قاتار مەسىلە بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىدىيە، ئەدەبىيات، تارىخمىزغا مۇناسۋەتلىك مەسىللىلەردۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئابدۇقادىر دامۇللامىنڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنشى ۋە جەدىتىلىك پائالىيەتلىرىنى بىر قەدەر مەنتىقىلىق رەۋىشتە بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىنقىسز مەسىللىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرشتىم.مىنڭچە، ئابدۇقادىر دامۇللام دەۋىرى بولغان 1910-يىللردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى يورۇتقاندا بۇ مەسىللەرگە بىر قەدەر رۇشەن جاۋاب تاپقلى بولىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىسلامىيەت تارىخىدا 18-ۋە 19ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.
چۆنكى، بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولغان تۈرك ئوسمانلى بىلەن تۈرك موغۇل ئىمپىرىيەسى كۈنسىرى ئاجىزلىشىپ، قەدەممۇ –قەدەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىساپتا بىرى يوقىتىلىپ، بىرى لىڭىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى، ئافغانستان ۋە ئىران ئىگىزلىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان بۇ ئەسىرلەردە ئىسلەمىيەتنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بىرى يامراپ كىلىۋاتقان ھەرخىل دىنى مەزھەپىنڭ بىدىئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسىلرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە –ئىتىقادلىرىنى ئىزىدن چىقىرۋەتكەن، بولۇپمۇ سۇپى –ئىشانلار گۇرۇھى ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەلتەنىتگە سالجىدەك چاپلىشۋىلىپ، ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگۋار قاراشلىرىنى چىرىتىۋەتكەن، تەركى- دۇنيالىقىنى ئەڭ ئالىي ئەخلاق دەپ داۋراڭ سىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنسدىن بەخىت ئىزدەش غايىلرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇرلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇىشلارغا بۇرىۋەتكەن. سۇپى-ئىشانلار گۇرۇھنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى زۇر تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىزدىنىش ۋە كۈرەش جاسارىتى كەمچىل مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۈچى زەئىپ، ئىمانى مۈجىمەل، ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن ئاڭقاۋ (نادان) جامائەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن، تەركى-دۇنياچىلىق كەيپىياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۋاتقان بۇنداق شارائىتتا ياشىغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بارا-بارا خارۇ-زارلىق كوچىسىدا قىقىلىپ-سوقىلىپ ياشاشىنى ھار ئالمايدىغان بىپەرۋا جامائەتكە ئايلانغان. قسىقىسى، سوپى –ئىشانلانىڭ تەركى –دۇنياچىلىق تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپنچسىنى ھۇرۇنلۇق، چىچىلاڭغۇلۇق، بوشاڭلىق، قاشاڭلىق، ئىللەتلىرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۋەتكەن.«بۇ سوپىلار دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسى تامامەن ئۇلارنىڭ بوياقلرى بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن، قەيەردە شەھەر ياكى يىزا بولدىكەن.ئۇ يەردە سوپىلار بار ئىدى».

دىمەك ئىسلامى ھاكىميەتلەرنىڭ زەئىپلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ چۆشكىنلىشى، ئىسلام ئىتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملىققا يۈزلىنىشى ئېغىر تارىخى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋىرلەردە ھاكىم مىللەتلەر ھىساپلىندىغان ياۋرۇپا ئەللىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنسىرى قۇدرەت تىپىپ، كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كۆرلىمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ، رىقابەت ئىقتىدارى ئىشىپ، ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تىپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ –زەمبرەكىلىك كىمە –پاراخۇتلىرى دىڭىز –ئوكيانلارنى تىنىمسىز كىزىپ، زامانىۋى قۇشۇنلىرى سەلدەك يامراپ، يىڭىدىن –يىڭى موستەمىلىكە زېمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ سىرلىق ھەم سىھىرىلىك ھىساپلىندىغان شەرق ئۇلارنىڭ بۇيسۇندۇرۇش، تالان –تاراج قىلش نىشانى ئىدى. ئۇلار شەرقىنى بۇي سۇندۇرۇش ۋە تالان-تاراج قىلشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يىتىش يولىدا بىر -بىرى تىنىمسىز بەسلىشەتتى. بولۇپمۇ قارام نىيىتى تىشىپ تۇرغان بىرىتانىيە ئىمپىرىيسى بىلەن چاررۇسىيە ئىمپىرسىنىڭ بەس-بەستە زىمىن كىڭەيتىشى نەتىجىسدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافىرىقا، ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىندا كەينى-كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ، قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس زەنجىرلىنىپ ئۈمۈد چىرىقى بارغانسىرى خىرەلىشىپ ئۆزلىرنىڭ تارىخى دۆشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەسرەت ئىلكىدە قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.
مانا مۇشۇنداق ئىغىر تارىخى كۈلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسنىڭ تارىخى شان-شۆھىرىتى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ مىللىي ئەرك –ھۇقۇقى ۋە مەرىپەتچىلىك رۇھىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۆچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان شىر يۈرەك مىللى داھىلار بىلەن ئوت يۈرەك موتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشىنى تەقەزار قىلدى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمدا بارلىققا كەلگەن ئىسلاھات رۇھىغا ئىگە ئىسلامىيەت دۇنياسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىش قوڭغۇرىقىنى چالدى.

شۈبھسىزكى، ئىسلاھات روھى كۈچلۈك ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەلىماتى يىقىنقى زامان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى موھىم تۈرىتكە ھىساپلىنىدۇ. خۇددى زامانىمىزدىكى خەنزۇ تەتىقىقاتچى سەي دېگۈي ئىيتقاندەك :«ئىسلام مىللەتلىرى ئاجىزلاشقان ۋە قۇل قىلشقا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ مىللەتنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۇردى»، «ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە تىنماي كۈرەش قىلش رۇھى شەرق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يىقىنىقى زاماندىكى گۈللىنىشكە يىتەكچى بولىدۇ». تىخىمۇ توغرىراقى، «ئۇلارنىڭ تەلىمى تالاش – تارتىشسىز ھالدا شەرقىتىكى ئىدىيە گۈللىنشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.» 19-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسغا كۆرسەتكەن تەسىردىن ئىيتقاندا،ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋي موتەپەككۇر ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار «بىرەر ئىسلام دۆلىتىگە بارسا، شۇ دۆلەتنىڭ زىمنىدىكى چىرىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىنقلاپ يالقۇننى تۇتاشتۇرۋىتەتتى.»ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كىشلەرگە قالدۇىرىغان گەۋدىلىك ۋە چوڭقۇر تەسىرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىتپاقلىش ۋە ئويغۇنىشىنى ئارزۇ قىلش ھەم موستەملىكچىلكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ھەمدە مۇشۇ يولدا باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلش رۇھىدىن ئىبارەت. ‹‹مۇشۇ تەشەببۇس ئاساسىدا، ئۇلار سىياسى، ئىجتىمائى ۋە دىننى ساھەسىدكى بىر قاتار چوڭ مەسلىدە پەيلاسۇپىنىڭ مەنتىقى چوڭقۇرلىقى ۋە باتۇرلىقىنى، سىياسەتچىنىڭ يىراقىنى كۆرەرلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى، دىننى ئىسلاھاتچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئوچۇق-يۇرۇق خسلىتىنى ئىپادلىدى.»
ئۇلار مەسىلىنى رەت قىلغۇسىز دەرجىدە ئىنق، چۈشنىشلىك ئوتتۇرىغا قوياتتى.ئۇلار، تەبىئى پەنلەر رۇھى تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەبىئى پەنلەر رۇھىنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن «خۇدا ئىككى كىتاب ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بىرى (قۇرئان )، يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت. بىر موئەللىپ يازغان بۇ ئىككى كىتاب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، شۇنىڭ ئۆچۈن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۆگىنش لازىم »دىگەن.

ئۇلار يەنە مۇنداق قارىغان :«كىيىكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىڭ قاتارىغا ھەرخىل تەركىبتىكى كىشلەر كىرىپ، ھەرخىل ئىدىيە فۇرماتسىيەسىنىمۇ ئىلىپ كىرىپ، ھەرخىل غەيرى ئەقىدىنى شەككلەندۇرۈپ، كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن، كۈچلۈك تەسىر ۋە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىسلام دىننى ئەسىلدىكى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلاردىن چەتلتىۋەتتى. دىندا پائال كۈرەش قىلىدىغان رۇھ تۈگىدى. كونىلقققا يىپشۋىلىش، پاسىپلىق بىلەن كۈتۈش مۇسۇلمانلارنىڭ (نىسىۋىسى) بولدى. ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقان ئىقىمىدىن ئايرىلىپ قالدى.» شۇڭا ئۇلار «ئىسلاھاتنى دىندىن باشلاپ، كىشلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىدىئولىگىيەسنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كىرەك، دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقانلىقىنى تونۇشقا، بۈگۈنكى دۇنيادا قاتار تۇرماقچى بولىدكەن، جاپالىق ئىشلەش، تىرىشىپ ئىجاد قىلش ۋە قۇرۇشقا، ئۆتكەنكى شان-شۆرەتنى مەدىھلەش بىلەن مەمنۇن بۇلۇپ يۈرمەستىن، ھازىرقى زامان پەن مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلشقا چاقىرىدى؛ دىن بىلەن پەنىڭ، دىن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. ئۇلار يەنە پەن بىلەن دىن زىت ئەمەس، دىن پەننى ئىنكار قىلمايدۇ، پەننمۇ دىننى ئىنكار قىلمايدۇ، دەللىلەش پىرىنسپى ۋە قانۇم چىقىرىش پەرقلىندۇ، يەكۈنى ئوخشاش. شۇڭا مۇسۇلمانلار پەن بىلەن دىننى قارمۇ –قارشى قىلىپ قويماي، ھازىرقى زامان پەن-تىخنىكسىنى ئۆگىنىشى لازىم، دەپ قارىدى.»

ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاڭ ئۇيغىنشىغا ماس قەدەمدە تۈركى خەلىقلەر ئارسىدىمۇ ئىسلاھات ئىدىيەسى شەككلەندى. بۇ خىل ئىدىيە جەدىتچىلىك دەپ تەرىپلەندى. جەدىتچلىك زامانىۋىلىشش، يىڭلاش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ئىسلاميەتنىڭ قىممەت قارشى ئاساسىدا، ياۋرۇپانىڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيتىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى مىللى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. جەدىتچلىك ھەرىكتىنىڭ بايراقدارلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىم ھەم ئېدىل- ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارلار ئارسىدىن چىققان مەشھۇر موتەپەككۇر ئىسلاھاتچىلار ئىدى. ئۇلار تۈركى دۇچ كەلگەن تارىخى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ قىرىم يىرىم ئارىلى ئۇرال ئېدىل بۇيلرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىرىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ئاڭ جەھەتىىكتى ھەقىقى ئۇيغۇتشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ كىمنىڭ دوست، كىمىنىڭ دۆشمەنلىكىنى، نىمىنىڭ زالالەت، نىمىنىڭ سائادەت ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىيتەلمەيدىغان نادان خەلىققە كىلەچەكىنىڭ داغدام يولىنى كۆرسەتكلىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىدە ئىپادىلەندى. ئۇلار رۇسىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرۇپ، چاررۇسىيە ھاكىميىتى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قىلشىغا سەۋەب بولدى، دەپ قارىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەۋھۇم خەلىقتە زۇلۇمىنى ھىس قىلىدىغان ئاڭ بولمىسا، ئۇلار زۇلۇمىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئادەتتكى مەزمۇنى سۈپتىدە ھىس قىلىپ كىتىۋىرەتتى.

زادى قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىڭىنى ئۇيغىتىپ، زاماننىڭ زۆرۈرىيەتلرىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، مىللى ئاڭىنى ئۇيغىتىپ، ھۆرىيەت رۇھىنى شەكللەندۇرگىلى، خۇراپاتلىققا خاتىمە بىرىپ ئەقىدىنى ساپلاشتۇرغىلى، نادانلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى، خارلىق، ئىتپاقسىزلىق، بۇشاڭلىق، قاشاڭلىق ئىللەتلرىنى تۈگىتىپ گۈللىنىش يولىغا قەدەم قۇيۇپ، ئاخىرىدا قۇللۇق كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدۇ ؟ مانا بۇ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دىننى مۇتەپپەككۇرلار بىلەن مىللى داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىندىغان، ئويلىندىغان جىددى مەسىلە ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايىغان مىللى ئۇيغىنىش ھەرىكتىنىڭ بايراقدارى، مەشھۇر جەدىتچى ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللا ئىبنى ئابدۇۋارىس كاشغەرى (ئەزىزى) خەلىقمىز ئارسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى موتەپەككۇر ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن زامانداش مەشھۇر شائىر، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىن خان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ھەزىرەتلىرى ( 1925-1856) نىڭ تىلى بىلەن ئىيتقاندا : ئابدۇقادىر دامۇللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسنىڭ، مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىنىڭ موللۇقىدا دىڭىزغا ئوخشايتى. ئەپسۇسنارلىقى، مىللى ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويىنغان ئىجتمائى ئىسلاھاتچى ھىساپلىندىغان ئابۇقادىر دامۇللام ھەقىقدە ھازىرغىچە ئىلان قىلنغان بارلىق چوڭ كىچىك ئەسەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھايات پائالىيىتى مۈجىمەنلەشتۈرۈۋىتلگەن، دەۋىر ئارقا كۆرنشى تەھىلل قىلنمىغان، ئسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ شەكللىنش باشقۇچلىرى رۇشەن يورۇتىلمىغان. شۇڭا سىستىملىق باغلىنش يوق بوپقالغان. بىر ئىدىيەنىڭ شەكلىنىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرىنىش ۋە موئەييەن باشقۇچىنى بىسىپ ئۈتۈشتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىزدىنش، دەللىلەش، مۇھاكىمە قىلش ئارقىلىق ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ پائالىيىتى، ئىدىيەسىنىڭ شەككلىنشىدىكى ئارقا كۆرنۈش ۋە باسقۇچىلارنى سىستىمىلىق بايان قىلشقا تىرشتىم.
ئابدۇقادىر دامۇللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشىنڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنىتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسملىك دىھقان ئائلسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەد – قارىخانىلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىلگىرى بىلەن ساخاۋەتچى بايلار سولتان ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىنى ئۆچۈن قەۋرىگاھ يىنغا مەسچىد ، مەدرسە، خانقالارنى تەمىر قىلغان. ئابدۇقادىر دامۇللام دەسلەپكى مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى «ھەز(ھەزر ىتى) سولتان مەدىرسەسى» دە ئالغان. يىشى 20لەرگە ئۇلاشقاندا قۇقانغا چىقىپ ئوقۇغان.

ئەيىنى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشىنىڭ يولى ئىدى.چۈنكى، 15-ئەسىردىن كىينىكى بۇخارا ئىسلام دىننى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.شۇڭا، «سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم، بۇخارى قۇۋىتى ئىسلام» دەپ ئۇلۇغلانغاندى.

ئابدۇقادىر دامۇللام ئاتۇش ۋە قۇقاندا ئىگەلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، ئىلىمدە قانائەتكە يىتىش ئۆچۈن بۇخاراغا بىرىپ، ئۇ يەردىكى «ئابدۇلئەزىزجان مەدرسەسى» گە ئوقۇشقا كىرىپ، دىنى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى بۇيىچە ئەتىراپلىق مەلۇمات ھاسىل قىلپلا قالماستىن، ئەدەبىيات تارىخ، ئىلىمى مەنتىق، ھىساپ ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەلىگەن. ئۇ، بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇررەززاقىي، بۇخارا مۇپتىسى ئىۋەز خوجەندىي، قۇقاننىڭ شەيخۇلىئسلامى دامۇللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ئابدۇقادىر دامۇللام 1907-1909 –يىللاردا بۇ ئوستازلىرىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىدە ئۇلارنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋە قايىللىق ھىسىياتى بىلەن مەدھىيەلىگەن، بۇخارا شەھىرى ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم –تەربىيەۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى باھاۋدىن نەقشىبەندىي بەرپا قىلغان نەقشىبەندىيە ئېقىمىنىڭمۇ مەركىزى ئىدى.. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدا «بۇخارى شەرىف» دەپ ئۇلۇغلىناتتى، بۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائى جەريانىدا بۇخارادا مەدرسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنى ئۆلىمالار يىتەكچىلىكدىكى كۈچلۈك بىر قەدىميىچىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۇرگەندى. بولۇپمۇ بۇخارى ئەمىرى ئابدۇللاخان زامانىدا شەيىخۇل ئۆلىمالىققا تەكلىپ قىلنغان مىرزاجان شىرزاىي دۇنياۋى پەنلەرنى ئوقۇتۇشىنى چەكلەش جەھەتتە سەلىبى ئۈلگە تىكلىگەن. مۇتەئەسىپ خاراكتىرىگە ئىگە بۇ ناچار ئۈلگە ئۈچ ئەسىر جەريانىدا كەڭ ئومۇملاشقان. شۇڭا قىرىم ۋە ئۇرال-ئېدىل بويلرىدىكى تاتارلار ئارسىدا تېز ئۇلغىيىپ جەدتىچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇخارادا كۈچلۈك قارشلىققا ئۇچرىغان، بۇ مەتەئەسىپ قەدىمىيچىلەر جەدىتچلىكىنى ئىسلامغا قارشى بىر ھەرىكەت شەكىلىدە كۆرەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى كىينكى ھاغلاردا كۆپنچە مىڭىنى چىرتىدىغان بىلملەرنى ئۆگىتدىغان قالاق مائارىپ بوپقالغان. بۇخارا مەدرىسلىرى ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتىنى جان –جەھلى بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىديەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر مۇنداق قالاق مائارىپىنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى ‹‹شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە مۇنداق باياب قىلغان :«ساپ ۋىجدانىمىنىڭ ۋە بەزى ھەقەقەتچى زاتلارنىڭ، سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرستىشلرى بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلش جەريانىدا ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخۇرلۇق زۇلۇمدىن، شۇنداقلا مەنتىق، كالام، پەلسەپە كىتاپلىرىنىڭ شەرھ – ھاشىيەلىرى، قاتمۇقات ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر- كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمىنى ئازاد قىلدى.»

ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن سۆھبەت قۇرغان ھەم ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن «ھەقىقەتچى زاتلار» كىم بولۇشى مۇمكىن ؟ بۇ ھەقىقەتچى زاتلار ھەقىقدە ئابدۇقادىر دامۇللام ئىنىق قىلىپ مۇنداق يازغان : «بۇخارادا ھاشىيە خانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە پىكىرىمىنىڭ شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەب : بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبىنى تەيىميە، ئىبىنى قەيىم جەۋزىي، جامالدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەت ئابدۇ ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى موتالىئە –مولاھىزە قىلماق ۋە ھازىرقى زاماندىكى ‹تەرجىمان › ‹ۋاقىت›، ‹شۇرا› كەبى پايدىلىق گىزىت ۋە ژۇرنال مەسلەكلىرىگە ئەگشمە بولىدى» بۇ نىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىسلاھات ئېڭى ۋە جەدىتىلىك ئىدىيەسى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن شەكللىنشكە باشلىغان.
ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ 20-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن، تۇنجى نىكاھى كۆڭلدىكىدەك بولماي، ئىككىنجى قىتىم نائىلە ئىسىملىك قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. 1902-يىلى ئاۋغۇستىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كىيىن بىر يىل ئۆتكەندە ، يەنى 1903-يىلى 33يىشدا تۇنجى پەرزەنتى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دۇنياغا كەلگەن، ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇشىنى يىڭىدىن تۈگىتىپ كەلگەن ياش دامۇللام بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردىكى ئومۇمى ئىقىم ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ، بىخ ھالىتىدىكى يىڭى قاراشلرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر پەيدا قىلشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى «ياۋرۇپا ئەللىرىدە مائارىپ-مەرىپەتچلىك ئىشلىرى تازا يۈكسىلۋاتقان شارئىتتا، ئۇغۇر جەمىئىيتىدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە جاھالەت، يەنى ئاڭ، بىلىم، پىكىرىدە قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى.» ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە بىر مەزگىل مۇدرسىلىك قىلغاندىن كىيىن، ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاچ چەتئەللەردىكى ئىسلاھات ئەھۋالىنى بىلىپ كىلش مەقسىتدە 1906-يىلى مەككىگە بارغان، ھەجىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا بارغان. ئۆزىنىڭ يېزشىچە، مىسىردا تاتار تالىبلارنىڭ ياردىمىدە داڭلىق يىڭلىقپەرۋەر مۇتەپەككۇر شەيىخ رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» ژۇرنىلنىڭ باشلىقى مۇستاپا كامىل، تەھزىرىيە مەدرسىنىڭ مۇدىرى سەيپىدىن مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىق زاتلار بىلەن پىكىرلەشكەن، ئىسلاھات رۇھىغا باي ئەدىب – ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، مىسىردا ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ۋەتنىگە قايىتقان. ئۇ بۇقىتىم غەيرەت قىلىپ قەشقەر ئاھالىسىنى تەرەققىيات ۋە جەدىتچىلىك ئىسلاھاتىغا دالالەت قىلشقا كىرشكەن. ئۇنىڭ ياشلارغا خاس قىزغىن ھېسىيات بىلەن قىلغان بۇ دالالەتلرى خۇراپاتلىق نادانلىق، قاششاقلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسپىكلىنىڭ قاتمۇ-قات چاڭ تۇزانلرىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەشقەر دىيارىدا ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن،

مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار ئۇنىڭغا بىردەك ئۆكتە قۇپقان. ئىككى ئوتتۇرىدكى تۈپ زىدىيەت مەدرسە –مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى – ساۋاق ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاش، يىڭلماسلىق مەسىلسىگە مەركەزلەشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ ئەھىميىتنى تونۇپ يەتكەن ئىلغار زات ئىدى. ئۇ، مەشھۇر تاتار جەدىتچلىرىنىڭ ئىدىيە-تەشەببۇلرىدىن خەۋەردار ئىدى. كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال بولغاچقا جەدىتچىلەر قەتئى ئىسلاھات قىلشىنى تەلەپ قىلاتتى. داڭلىق تاتار جەدىتچى ئالىم رىزائىدىن ئىبىنى فەخىردىن (1858-1937) ‹‹ساۋاق (دەرس) ئۇسۇلىغا رىئايە ) دېگەن ماقالىسىدە كەسكىن قىلىپ «ساۋاق ئۇسۇلى ۋە تەربىيە قائىدىسى بۈيۈك ۋە شۇ نىسبەتتە مۇبارەك بىر پەن. ساۋاق ئۇسۇلىغا رىئايە ئەتىمىگەن مۇئەللىم ئۆز ئىتىبارسىزلىقى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ زېھنىلىرىنى ئەزىمەكتىن ئۆزگە بىر پايدا كەلتۈرمەس. بالىلار مۇنداق مۇئەللملەرگە بەرگەندىن كۆرە، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى ھاللىرىغا قالدۇرىغان ياخشىدۇر. ھازىر تەلىم رەۋشلىرى ( ئۇسۇللىرى، شەكللىرى) نى ئۆزگەرتىپ يىڭلاشقا زامان بىزلەرنى تەقەززار قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇزاق ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ زۆزۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن : «رۇس ۋە پەرەڭلەر ( ياۋروپالىقلار) دە بولغان ئاجايىپ ئىختىرالارنىڭ بارچىسى پايىدلىق ئىلملەر تەلىم ئىتىلمەك سەۋەبىدن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئۈستمىزدىكى كۆڭلەكلىرىمىز ، ئاستىمىزدىكى كۆرپىلىرىمىز، چانايۇ –ھارۋىلىرىمىز ھەتتاكى ساياھۇ- قەغەزلىرىمىز، قىسقىسى، يالىڭاچ تىنىمىزىدىن باشقا نېمىمزى بار بولسا، بارچىسى شۇلار قولىدىن ئىشلىنىپ چىققانلىقى، ئۇلاردا تەربىيە دۇرۇس بۇلۇپ، بىزلەردە دۇرۇس بولمىغىنى ئۆچۈندۇر. لىكىن بىزلەر قاچانغىچە ئەل- ۋەتەنىڭ رۇناق تىپىشى ئۆچۈن زەرىچە پايدا كەلتۈرمىگەن كىتاپلاردىن ساۋاق بەرمەك بىلەن بالىلارنىڭ زىھنىلرىنى زەھەرلەپ، ئىستقباللىرىنى بەربات ئىيتۇرىمىز ؟! »

ئەمما قەشقەر ئۆلىمالىرى ئىسلاھات دىگەن ئاتالغۇغا بۇخارا مەدرسىلرىگە ئوخشاشلا سۇغۇق قارىغاچقا ئابدۇقادىر دامۇللامىنى قاتتىق چەتكە قىقىپ يىتىم قالدۇرغان نەتىجىدە ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە تۇرالماي، 1909-يىلى يەنە قۇقان، تاشكەنت، بۇخارا تەرەپلەرگە يول ئالغان.

ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارغاندىن كىيىن بۇ جايلاردىكى يىپيىڭى جاللىنىش مەنزىرسىنى كۆرگەن قىرىملىق مۇتەپەككۇر ئىسمائىل غاسپرالى قۇزغىغان جەدىتلىك ھەركىتى بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلنۋاتاتتى جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى تېز سۆرئەتكە كۆپىيۋاتاتتى «تەرەققى›،، «خۇرشىد» دىگەن گېزىتلەر نەشىر قىلنۋاتاتتى. مۇنەۋەر قارى ئابدۇ رەشىدخان ، ئابدۇللا ئەۋلانى، مەھمۇد خۇجا بەھبۇدى قاتارلىق جەدىچىلەر سەپىنىڭ ئالدىدا رۇل ئويناۋاتاتتى. ئابدۇرەئوف فتىرەت باشچىلىقدىكى جەدتچىلەر بۇخارى ئەمىرلىكى تەۋەسىدە بۇخارى ئەمىرىنىڭ تۇسقۇنلىقى ۋە بىسملىرىغا قارىماي ئوقۇتۇش ساھەسىگە ئوخشاش، سىياسى ساھەلىرىدىمۇ ئىسلاھات ۋە ئۇيغىنىش ۋەزىيىتىنى يارتىشقا تىرشماقتا ئىدى. قازان، ئورىنىۇرگ، ئوفا قاتارلىق شەھەرلەردىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى بۇ مەزگىلىدە ئاللىبۇرۇن دەۋىرىنى يىتەكلەيدىغان ئالاھىدە تەسىرىگە ئىگە زىياللار قۇشۇنى بۇلۇو شەكللىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، گىزىت- ژۇرناللارنى چىقىرىپ، كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ جەدىتىلىك يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈپ بولغان ئىدى. ئەھمەد ھادى مەقسۇدى، رىزائىدىن ئىبىنى فەخردىن، يۈسۈف ئاقچۇرا، موسا جارۇللا، ھەسەن سەبىرى، قاتارلىقلار داھى سۈپەت جەدىتچىلەرگە ئايلانغان ئىدى. بەختىكە يارىشا، ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخاراغا بارغان مەزگىلىدە بۇخارى ئۆلىماللىرى ئىدىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ، ئىلگىرى «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئۇقۇغۇچى دەھرى» دىگەن پەتىۋا ئورنىغا «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىب، ئۇنى ئوقۇش زۆزۈر» دېگەن پەتىۋانى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇخارا تاجىكلىرى ئارىسىدن چىققان جەدىتچى ئەدىب سەدردىن ئەينىنىڭ يېزىشچە، ئىسمائىل غاسپىرالى 1908-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكىگە زىيارەتكەن كەلگەندە جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش مەسلىسنى موزاكىرە قىلش ئۆچۈن ئۆلىمالارنى چاقىرىغان. مۇزاكىرىدە مۇللا نىزامى دىگەن كىشى بۇخارا ئەمرى ئابدۇلئەھەتتىن مەكتەپ ئىچشقا مەخسۇس ئورۇن كۆرسىتىپ بىرشىنى ئىلتىماس قىلغان. مۇزاكىرىگە قاتناشقانلار مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ئىسمائىلىيە» قۇيۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئىسمائىل غاسپىرالى بۇنى مۇۋاپىق كۆرمەي، بۇخارا ئەمىرنىڭ دادسى مۇزەففەرىددىننىڭ ئىسمى بۇيىچە «مۇزەففەرىيە» قۇيۇش تەكلىپىنى بەرگەن مانا بۇنڭدىن جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىدە ئۆلىمالار ۋە ئەمىزنىڭمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئومۇمى قىزغىنلققىا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەردە جەدىتلىك ھەرىكتنىڭ بۇنداق تېز جانلىنشىغا 1905-يىلىدىن 1908-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە چاررۇسىيە، ئىران ھىندىستان ۋە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىنقلابلار سەۋەب بولغان ئىدى.

1904-يىلى پارتىلغان چاررۇسىيە بىلەن پاپۇنىيە ئوتتۇرسدىكى ئۇرۇشتا رۇسىيە مەغلۇپ بۇلۇپ، خەلىقئارادا ئىغىر ئاھانەتكە قالغان. شۇ سەۋەبتىن چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىتلكىدىن نارازى بۇلۇپ كىلۋاتقان پىتىربۇرىگە ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى زىياللىلار ۋە ئىشچىلار 1905-يىلى ئىنقلاب قۇزغىغان. بۇ قىتمىقى ئىنقىلاب ئارقىلىق چار پاھىشاھ نىكۇلاي (2) شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ‹‹ئۆكتەبىر باياناتى» نى ئېلان قىلىپ دۇما تۈزۈمى، سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۈچ يىلچە داۋام قىلغان بۇ خىل دىمۇكىراتىك سىياسى مۇھىت رۇسىيەنىڭ زۇلىمىنى چىكىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى ۋە سىياسى ئىڭنىڭ شەكلللىنشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، ھەرخىل ئىجتىمائى، سىياسى تەشكىلات بارلىققا كەلگەن. رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىردە شۇ يىلى پىرىسيە، يەنى بۈگۈنكى ئىراندا بۇرژۇئا ئىنقىلابى قۇزغالغان. تېھىران خەلىقى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ساتقىن باش ۋەزىرنى ۋەزىپسدىن قالدۇرۇشىنى، ،ئسلاھات ئىلىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان. خەلىقىنىڭ بىسىمى ئاستىدا پىرىسىيە پادىشاھى 1906-يىلى ئىيۇلدا خەلىقىنىڭ ئىشەنچسىدىن قالغان باش ۋەزىرنى ۋەزىپسىدىن قالدۇرىغان ھەم مىللى پارلامېنىت تەسس قىلشقا قۇشۇلغان. 1906-يىل 7-ئۆكتەبىردە پىرىسيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇرژۇئازىيە قانۇننى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا پىرسىيە پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق دۆلەت، پارلامېنىت ئەڭ ئالى ھۇقۇقلۇق ئورگان، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، مەتبۇئات، سۆز ئەركىنلىكتىن ۋە مائارىپتىن بەھىرىمان بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە، خۇسۇسى مۈلۈك دەخلىسىز ؛ ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىسلاھاتتىن بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكللىنىپ بولغان مىللەت ۋە رايۇنلار كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇزاقتىن بىرى بىرىتانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ كىلۋاتقان ھىندىستاندا گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1905-يىلى مىللەتچى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيە ئىتپاقى»قۇرۇلغان . 1906 –يىلى دىنى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتپاقى قۇرۇلغان»، ئاغاخان رەئىسلىككە سايلانغان، ھىندىستاندىكى بۇ ئىنقىلابى تەشكىلاتلار تۈرلۈك يول بىلەن بىرىتانىيە مۇستەنلىكچىلىرىگە قارشى ھەىكەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بۇ، تەبىئى ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىشغا قىزغىن ئىلھام بەرگەن. 1908-يىلى لىڭىشىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيتىنى» قۇزغىغان. ‹‹مۇستەبىت سولتان» دەپ نام ئالغان ئابدۇلھەمىد پارلامېىت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىنقىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەر ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ قەلبىنى زەرەتلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە 1905-يىلدىن 1910-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىسلاھات ئۆزگىرشلىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان.

ئابدۇقادىر دامۇللام قوقان، تاشكەنت، ۋە بۇخارادا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلرىنىڭ جەدىتچلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجىربىلرى، جەدىتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن يىقىندا تونۇشقاچ ‹‹جاۋاھىرۇل –ئىيقان»، «مىفتاھۇل- ئەدەب» («ئەدەبىيات ئاچقۇچى») نامىلىق كىتابلرىنى پۈتكۈزگەن، «مىفتاھۇل – ئەدەب» 1910-يىلى سىراجىدىن مەخدۇمىنىڭ كۆچۈرگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشكەنتىكى «غۇلامىيە» مەتبەسىدە بىسىلغان. شۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام يەنە تاشكەنتىلىك موراد خوجا پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان «تۈركى گۈلىستان» ناملىق كىتابقا تەكلىپ بىلەن شېئىرىي تەقرىز يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام پىكىرى ئۆتكۈر، بىلىمى مول، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئارزۇسى كۈچلۈك كىشى بولۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىسلاھات نىيىتى، جەدىتچە مەكتەپلەرنى ئىچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۈن «بىدايەتۇس-سەرپ»، «بىدايەتۇن –نەھۋى»، «تەسھىلۇل –ھېساب» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ قەشقەرلىك تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەر نوززرادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، ئابدۇرېمئاخۇن، مەھمۇد ئاخۇنلارنىڭ ئىقسادى ياردىمى بىلەن قازان شەھىرىدىكى «مىللەت» مەتبەسىگە بېسىپ بىرىش ھەم قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرشىكە تاپشۇرۇپ بىرشىكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئۇ تاشكەنىتىكى مەزگىلىدە تۈزگەن «مىفتاھۇل- ئەدەب» نامىلق كىتابىنىڭ مۇقەددىمسىدە سەمىمىيلىك بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىقتىدارلىق كىشلىرىگە «ئىلگىرى ياخشى ئالىملارنىڭ يولىدا مېڭىپ، مەنپەئەتلىك ئالىم ۋە ئالى مائارىپىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ترىشقايلا» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. بۇ پاكىتلاردىن بىز ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئۆلىمالار ۋە جەدىتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھىس قىلالايمىز. دېمەك ئۇ ئانا ۋەتنىدە تاپالمىغان ئابرۇي ئىناۋەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە تاپقان. ئەمما، ئۇنىڭ تۈپ غايسى ئانا ۋەتىندىكى جاھالىيەت تۈتۈكلىرى ئىچدە تىمسىقلاپ يۈرگەن مەزلۇم قىرىنداشلىرىنى ئادەمدەك ئاڭ ۋە ئارزۇ بىلەن ياشاش يولىغا باشلاش ئىدى. ئابرۇي –ئىناۋىتى ئېشىپ، ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، غايسى پىشىپ يىتىلگەن ئابدۇقادىر دامۇللام تەرەققىيات ۋە يىڭىچە مائارىپىنى يولغا قۇيۇش جەھەتتە شىنجاڭ بۇيىچە ئالدىدا كىتىۋاتقان شەھەر – غۇلجىغا 1911-يىلى ئالما-ئاتا ئارقىلىق كەلگەن. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا –ئۇكا مۇسابايېفلار ۋە غۇلجا تەۋەسىگە يىڭىدىن كەلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ئاچقان يىڭچە مەكتەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكللەنگەنىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام غۇلجىغا ئىلغارلىققا داڭلىق ئۆلىما ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭغا جەدىتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. «ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇشقا بىرقىسىم دۇنياۋى پەننى كىرگۈزۈش، ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلرىنى ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەمىنىڭ ئىشەنچىسنى تىخمۇ ئاشۇرغان. نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، خەلىقىنى ئۇيغۇتىش پائالىيەتلرىنى تىخمۇ كۈچەيىتكەن.»

ئابدۇقادىر دامۇللام بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردە ئىلىم زىيارىتىدە بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يىڭىچە ئوقۇتۇش مېتۇدى -‹‹ئۇسۇلى جەدىتى» (ئۇسۇلى سەۋتىيە )نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى -«ئۇسۇلى قەدىمىي ) دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. بۇ قىتىم ئۇنىڭ جەدىتچىلىك ئىدىيەسى ھەقىقى مەنىدە شەكىللىنىپ، بۇ خىل يىڭى ئىسلاھاتنى قەشقەردە ئىككىلەنمەسىتىن يولغا قويۇگش ئىرادىسىگە كەلگەن ھەم 1912-يىلى قەشقەردە ئۆزى باش بولۇپ جەدىتچە مەكتەپ ئاچقان.

قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم –مەرىپەت سۈپىتىدە دۇنياغا شۆھرەتلەنگەن مەشھۇر شەھەر بولسىمۇ، كىيىكى كۈنلەرگە كەلگەندە گويا كۆز تەگكەندە، جاھالەتتە قالغان شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالغان، تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائوشىفنىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا، «تارىختا ئىلىم –مەرىپەت نۇرى بىلەن يەر-كۆك ئارىسىنى نۇرغا چۆمۈلدۇرگەن» بۇ شەھەر شۇ يىللاردا «مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالەتتە جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز» ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى، قەشقەر مەدرسە مائارىپى خېلىلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن تەلىم –تەربىيە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. سەۋەبى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال، ئوقۇتۇش مەزمۇنى چولتا ئىدى. بۇنداق مەدرسە مائارىپنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشۋاتقان رىئال ئىجتىمائي كىرىزىسىنى ھەل قىلشقا نۆۋەتتىكى مىللى ئىچتىاجىنى قاندۇرۇشقا ماجالى يەتمەيىتى. ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلدىغان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىدى. نۇرىدىن ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئەرەب تىلى نەۋھىگە ئائىت «كافىيە» نىڭ ئىزاھى بولغان «شەرھى موللا» كىتابىنى ئوقۇش ئۆچۈنلا بەش يىل ۋاقىت كىتەتتى. «مۇقەددىماتى مەنتەقىيە»، «مەۋھۇمە يۇنانىيە» دەرسىلرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. ‹‹سەرب»، «مۆئزىي» «زەنجانىي»، «ئاۋامىل» قاتارلىق گىرامماتىكا كىتابلرىنى بەش-ئالتە يىللاپ ئوقۇتاتتى. دەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ساپ ئەقىدىگە ياتىدىغان بىلىملەرگە سەل قارىلىپ، تەسەۋۋۇپ نامايەندىلىرنىڭ كىتابلىرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى.

شۇڭا قەشقەردە «گەپنى ھە دېسىلا ھاپىز بىلەن مەۋلىۋى جامىينىڭ ئەسەرلىرىدىن باشلايدىغان، ھەرخىل لەتىپە ۋە ئەبۇ مۇسلىم قاتارلىقلارنىڭ جەڭ قىسىسەلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇماتى مول بىلىملىك ئادەم» سانىلاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىرىگە ئوخشاش ئىشنى ئالدى بىلەن جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ، مەدرسە مائارىپىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ۋە مەزمۇنى جەھەتتن تەڭ ئىسلاھ قىلشىنى باشلىغان. كەلگۈسىدە ئۆزىگە قول –قانات بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان زېھىنى ئوچۇق ياش تالىبلارنى ۋە بىر قىسىم شاگىرتىنى تۈرلۈك ئامال بىلەن چەت ئەللەردىكى ئىسلاھات ئىدىيەسى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان جايلارغا ئوقۇشقا چىقارغان. ئوقۇشقا چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى 1911-يىلى ئىستانبۇلدا ئابدۇرەئوف فىتىرەت، ئوسمان خۇجا، ئابدۇلئەزىزى غۇلجائىي، مۇقىمىدىن بەگجانىي ۋە سادىق ئاشۇر ئوغىلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەرىپدىن قۇرۇلغان «بۇخارا مەرىپەت جەمىئىيتى» ئۈستىگە ئالغان.
ياپونيىلىك تەتقىقاتچى ئويىشى شىنيىچىرو «قەشقەردىكى يىڭلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» نامىلق ماقالىسىدە «دانا ئىسلاھاتچى، ئۆلىما ئابدۇقادىر دامۇللام 1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە يىڭچە مەكتەپ ئاچقان، ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەر قاتارلىق تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتىراپىدىكى جايلاردا مۇسۇلمانلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيلەش ئۆچۈن ئوقۇتقۇچى تەكىلىب قىلش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ئىستانبۇل، قازان، ئوفا، ئورىنبۇرگ قاتارلىق ئىلغار مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا 10-15تىن ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان» دەپ يازغان.
ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ھالدا كۈچىيىپ، پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ، مۇنەۋەر بىر جەدىتچىگە ئايلىنشىدا قىرىم، قازان، ئوفا، ئورىنبۇرگدىكى تاتار زىيالىلارنىڭ جەدىتلىك پائالىيەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تاشكەنت، سەمەرقەنتكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاڭ ۋە ئارزۇدىكى ياش-ئۆلىمالارنىڭ مەرىپەتچلىك ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئىسمائىل غاسپرالىنىڭ «تىلىدا، دىلىدا، ئىشتا بىرىلىك» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللى ئۇيغۇنىش ھەرىكەتلرىنىڭ بارلىققا كىلشى، جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ تەسس قىلنشغا تۈرتكە بولغان، ھەرقايسى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئويغانغان زىياليلىرى ئۆزىنىڭ مىللى غايلرىنى تۇرغۇزۇپ، زامانۋىلىشش، ئىلغارلىق، تەرەققىيات، گۈللىنش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. موتەئەسىپىلىك بىلەن ئىلغارلىق خراپاتچىلىك بىلەن مەرىپەتچىلىك، تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتچىلىك ئوتتۇرسىدىكى بۇ كۈرەش ناھايىتى كەسكىن ھەم مۈشكۈل بولغان. بۇ جەرياندا مىللى غايىلرى پىشىپ يىتىلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ناھايتى مۇھىم رول ئويىنغان.

تارىخ نۇقتىدىن ئىيتقاندا، تاتار مەرىپەتچىلىرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئويغىنش ھەرىكىتى چاررۇسىيەنىڭ ئوچ ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تاتارلانىڭ زىمىنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈنلكى ۋە ماددا مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بىرىشى، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيتىگە غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش نەتىجىسىدە شەكللىنىشكە باشلىغان. بۇنداق زور مىللى خەۋىپ ئاستىدا تاتار مەرىپەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قىلش ئۆچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيتدىكى قالاقلىقلارنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت قارشى بىلەن غەربىنىڭ پەن-مەدەنىيتىنى ماسلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ تارىخ ئويغۇنشىنى ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئاڭدىكى بايراقدار موتەپەككۇرلىرى بىلەن پائالىيەتچان مىللى بۇرژۇئازىيلىرى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ ئويغۇنش ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىدىيۋى ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. باغچا ساراي، قازان، ئورىنبۇرگە، ئوفا، تىرويسكى، ئاستراخان قاتارلىق تاتار شەھەرلىرى بۇ خىل ئېدىيۋى ئېقىمىنىڭ مەركەزلىرى بولۇپ جەدىتچە مەكتەب ۋە نەشىر بويۇملىرىنىڭ تەسىرى يىرا- يىقندىكى قېرىنداش خەلىقلەر ئارىسىدا زىلزىلگە قوزغىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تاتار مەرىپەتچىلىرى نەشىر قىلغان ‹‹تەرجىمان»، «ۋاقىت»، ‹‹شۇرا» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغان ئىلىپ، «بۇ پايدىلىق ئەسەرلەردىن بەھىرىمان بولغان كىشىنىڭ ۋىجدانى كونىلقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدىن قايتماس» دەپ يازغان. دېمەك، تاتار مەرىپەتچىلرىنىڭ جانلىق، ئەمەلى، ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرى، جەدىتچىلىك ئىدىيۋى ئېقىمىنى ئۇرغۇتۇپ، مىللى ئۇيغۇنش ھەرىكتىنى كۈچەيتكەن. 1905-1906-يىللىرى تۆۋەن نوۋىگورد ۋە سانكىت پېتىبۇرگدا تاتار مەرىپەتچلىرى باشلامچىلىقىدا ئىچىلغان ئۈچ قېتىلىق رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيى بۇ ھەرىكەتنى خەلىقئارالىق تەسىرىگە ئىگە قىلغان.

دەل شۇ يىللاردا بىرىتانىيە مۇسىتەملىكچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغان بولغان قارا نىيىتىنى سىستىملاشتۇرۇش، مۇستەملىكە رايونلىرىدا ھەربى غەلبىدىن تاشقىرى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۆچۈن ئالدىرماقتا ئىدى. 1906-يىلى قاھىرەدە چاقىرىلغان گوسپىېل يىغىنى خىرستيان دىنىنىڭ ئىسلام دىنىغا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك خىرسىدىن دېرەك بەرگەن. ئەنگلىيە ئىشخالىيەتچى دائىرلىرىنىڭ مىسىرىغا قاراتقان سىياسى، ئىقسادى كونتروللۇقىنىڭ تەدىرىجى كۈچىيىشگە ئەگىشىپ غەرىب مەدەنيىتىمۇ سىڭىپ كىرشىنى جىدىيلەشتۈرگەن. خىرستىيان دىننى تارقىتىش ئۆچۈن غەرىب مىسسيونېرلىرى مىسىرغا تۈركۈملەپ يىتىپ كەلگەن. بۇ قىتىمقى يىغىن ئىسلام مەسىلىسىنى ھەل قىلش ۋە ئىسلامىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئۇسۇللىرىنى، مىسالەن، دوختۇرخانا ۋە دارىلئېتاملارنى قۇرۇش، مەكتەپ سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلغان، ئەزھەر ئۇنىۋىرستىغا خىرستيئان ئۇنىۋىرستىتنى قۇرغان.

ئۇلار ‹‹ئەڭ مۇھىم ۋاستە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ غەربكە تەربىيە ئىلشقا ئەۋەتىش، ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن گوسپىلنى تارقىتىدىغان ئىدىيۋى رەھبەرلەر بولۇشى كىرەك» دەپ قارار قىلشقان. ئابدۇقادىر دامۇللام ئىسلامىيەت دۇنياسى مەۋجۇتلۇق، ئىدىئولوگىيە جەھەتلەردە جىددى خىرسقا دۇچ كەلگەن مۇشۇ دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى مۇھىم موتەپەككۇلار بىلە سۆھبەتتە بولغان ھەم «تاتار مەدەنىيەت ئۇيغۇنشى» ئەۋجىگە چىققان شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، بۇ جەريانىدا بۇ خىل خىرسىنى چىن مەنسى بىلەن تونۇپ يەتكەن ھەم نېمە قىلش زۆزۈرلىكىنى چۈشەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئاشۇ ئىدىيۋى دۇلقۇنلاردا كۈرەش غايسىنى مۇستەكەملىگەن. ئۇ «ئەدەبى مىر موساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە غۇلجىدىن ۋەتىنمگە قايىتىپ، ئاۋالقى مەسلەكىنى داۋام ئىيتىپ، ئاھالىنى جەدىتچە ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتلارغا تەشۋىق ۋە تەرغىپ ئەتتىم» دەپ يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئاقائىد زۆرۈريە» ناملىق ئەسىرىدە ئىنق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن : «- ئىنسانىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس ‹ سەۋەب› نېمىدۇر ؟ – ئىككى نەرسىدۇر. بىرى، جاھالەت ۋە نادانلىق ؛ ئىككىنجسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر – ئىزەت-ئابرۇي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بۇلۇر ؟ — ئىلىم –مەرىپەت، ئىتپاق بىلەن بولۇر.» ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىنى ئايلىنش، كۈزتىش جەريانىدا ئويلىنش، تەپەككۇر قىلش ئارقىلىق ئاخىرقى ھىساپتا يۇرتنىڭ، مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۆچۈن چۇقۇم ئىشنى مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلشتىن باشلاش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بۇ خىل ئىسلاھات غايسىنى، يەنە جدىتچىلىك ئوي – پىلانلارنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۆچۈن 1912-يىلدىن باشلاپ قەشقەردە ئۇيۇشما قۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىپ، كىتاب چېقىرىپ زۇر تەسىر پەيدا قىلغان.
ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەردە باشلىغان جەدىتلىك ھەرىكتىنىڭ داغدۇغسى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەردىن ھالقىپ كەتكەن. ئۇ، بۇ يېڭى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتدىكى يىتەكچىسى سۈپتىدە تونۇلغان. گەرچە ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ تەرەققىيات تەرەپدارلىرىنىڭ نەزىردە يۈكسەك ئاتالسىمۇ، ئەمما بۇ ياش ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاھالەت تۈتۈكلىرى ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان قالاق شەھەردە تەرەققپەرۋەرلىك غايىلىرىنى رىئالققا ئايلاندۇرالىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللامغا ئوڭ كىلىپ قالغان يىرى شۇكى، 1912-يىلى جۇڭگۇ پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ جوڭخۇا مىنگۇ قۇرۇلغان ئىدى. ياڭ زېڭشىن دەل شۇ يىلى مايدا شىنجاڭنىڭ ئالى ئەمەلدارلىقىغا تەينلەنگە ئىدى. بۇ چاغدا جۇڭگۇ، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. ئۇ، ھەربى ئۆزگىرش قىلىپ ئىلىنى مۇستەقىل ئىدارە قىلۋاتقان شىنخەي ئىنقلابچىلرىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قۇمۇل تاغلرىنى سورۋاتقان تۆمۈر خەلىپىنى، تەڭىرىتاغلرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ئىنتايىن جانلىنىپ كەتكەن گىلاۋخۇچىلارنى يۇقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىز ھاكىميتىنى مۇستەھكەملىسە، مالىيەسى قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ھۆكىمەت غەزىنسىنى غەملىمىسە بولمايتى. بۇنداق ئەھۋالدا ياڭ زېڭشىنىڭ قەشقەردىكى يېڭىلىق ۋە كونىلىق تالا- تارتىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلگىدەك چولىسى يوق ئىدى. جايلاردىكى مەنسەپدارلارمۇ سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قاياققا بۇرۇلدىغانلىقىنى كۈزىتىپ، ئۆزلرىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قايغۇرشىپ ئۆتۈشۋاتاتتى. شۇڭا، ئابدۇقادىر دامۇللام ياڭ زېڭشىنىڭ رەزىل سىياستىنڭ قارشلىقىغا ئۇچىرىماي جەدىتچىلىك ھەرىكتىنى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل داۋام ئەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان. لىكىن، مۇتەئەسىپ ئۆلىما- ئىشانلار زامانغا لايىقلشقا جان- جەھىلى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرى بىلىپ – بىلمەي ياڭ زېڭشىنىڭ رەزىل سىياسىتگە ئۇيغۇن يول تۇتقان. ئابدۇقادىر دامۇللامغا ئوخشاش ئىسلاھات بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بىر ئادەم ئالدى بىلەن چۇقۇم قەشقەردە يۈكسەك نوپۇز تىكلىشى، كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، قەشقەر مەشھۇر مەدرسلەرمۇ، داڭلىق دىنى ئۆلىمالارمۇ كۆپ قەدىمى شەھەر ئىدى. سوپى- ئىشانلارنىڭ تەسىر كۈچىمۇ سەل چاغلىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىدى. بۇنداق مۇھىتتا يىشى ئەمدىلا 40تىن ھالقىغان، كۆپ يىل چەتئەللەردە يۈرگەن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ موتەئەسپلەر تەرپىدىن ئىجتىمائىى غايىلرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالشى ئاسان ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى ئۆلىما – ئىشانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى تار مەندىكى ئىبادەتلەرگىلا بىرلىگەن، ئۇنڭدىن باشقا ئىشنى ئارتۇقچە ھەم ئىتقادىقا مۇخالىپ دەپ قارايدىغان نەزەر دائىرىسى تار كىشلەر ئىدى. ئۇلار دۇنيا مىقىياسىدا ئىلسلام دىنى ھەم ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ۋە ئارقىدا قالغانلقىدىن بىخەۋەر ئىدى. خەۋىرى بار دىگەندىمۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلانغۇدەك تەپەككۇر قۇۋتىدىن، بۇنداق قاباھەتلىك رىئالىققا ئىچىنغۇدەك ساپ ۋىجداندىن، خەلىقىنى قۇل قىلغۇچى زۇراۋان زالىملارغا قارشى تۇرغىدەك غەيرەت-شىجائەتتن مۇستەسنا ئىدى ئۇلار يۇمشان ئىبادەتلەرنىلا ئادا قىلشىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلرىنى ئەڭ تەقۋادار ھىساپلىشىپ، نەزىر-چىراغلاردا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن دۇئا تىلەكلەرنى تىلىشىپ كۆرۋاتقان كۈنلرىگە مىڭ مەرتە شۈكۈر قىلشىپ يۈرىۋىرەتتى. كۈلپەتلىك قىسمەتلەرنىڭ سەۋەبى ئۈستىسدە ئويلىنش، ئاپەت كەبى كەلمىشلەرگە چارە –تەدىبىر ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى تەقدىر قىسمەت، ئاللاھىنىڭ ئىرادىسى دىيشىپ پاسسىپ پۇزىتسىيە تۇتۇپ ياشاۋىرەتتى. بۇلارنىڭ باشچىسى جەدتچىلككە ئۆچمەنلىك قىلشتا تۇنۇلغان ئۆلىما سىلىم دامۇللا ئىدى. ئۇ، «تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ھارامدۇر» دەپ پەتىۋا چىقارغان ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە بىدئەتلىككە ياتدىغان ئادەتلەرنى ئىسلاھ قىلش تەشەببۇسلىرىنى بۇرمىلاپ چۆشۈندۈرۈپ «يەھۇدى ناسارالار، ئاللاھىنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ دىننى ئىسلاھ قىلسا بولىدۇ، بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ توغرا، ئەڭ موكەممەل دىن، شۇڭا ئىسلاھ قىلشىنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنداق قىلش كۇپۇرلۇقتۇر» دىگەندەك گەپلەرنى تارقاتقان. ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسىپ ئىكەنلىكىنى 1914-1916 يىللىرى قەشقەر، ئاتۇشلاردا يېڭى مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال ئەپەندىمۇ ئۆز كىتابىدا قاقشاپ تۇرۇپ تىلغا ئالغان.

ئابدقادىر دامۇللام قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن. 1912-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى جەدىتلىك ھەرىكتىنىڭ شاماللىرى قەشقەرگە ئەمدىلەتىن يىتىپ كىلۋاتقان، قەشقەردە ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلش مەسىلىسى ئۈستىدە گەپ سۆزلەر بولۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارپىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىشىق تونۇشۇپ، جەدىتلىك ئىدىيەسى مۇككەملەشكەن ئابدۇقادىر دامۇللام يېڭى مائارپنىڭ ھاميلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولغان ئاكا –ئۇكا مۇسابىيفلارنى قىزغىن قوللىغان، ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرغان 1914-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈستن ئاتۇش ئىكساقتا قۇرۇلغان، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى مۇنتىزىم يېڭىچە مەكتەپ بولغان دارىلمۇئەللىمىنگە زۇر ئۈمۈد باغلىغان. مەدرسلەرنىڭ دوگما تەلىم تەربىيە ئۇسۇلىنى قارغۇلارچە يادلاتقۇزۇشنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش شەكىللىنى، دەۋىر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ، جەدىتچە ئوقۇتۇشىنى ئىزچىلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى دەرسلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئىلىپ بارغان ئۇنىڭ بۇ قىتىم قەشقەردە ئوينىغان رولى ئىلگىرىكى يىللاردا ئوينىغان رولىدىن كۆپ ئىشىپ كەتكەن. خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرلۇپ، 19120-يىلى جوڭخۇا مىنگۇ ھاكىميىتى تىكىلنىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورۇنتىلغاندىن كىيىن جايلاردىن بىجىڭدىكى پارلامنىتقا ۋەكىل سايلاش تۇغۇرسىدا ئوقتۇرۇش تارقاتقان. قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنى پارلامىنتقا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش ھەقىقىدە غۇلغۇلا بولغان بۇنىڭ ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە كونسايىن ئابرۇي تىپىپ يېڭلىق ۋە ئىلغارلىقىنىڭ بايراقدارى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ تەسىرى بىلەن يىڭللىققا تەلپۈنگە قەشقەر ياشلرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە نەشىر قىلنۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغان قىرائەتخانە ئاچقان، «جەمىئىيەت ئسلامىيە» دىگەن نامىدا ئۆلىمالار كىڭشنى قۇرغان. بۇ كىڭەشكە قەشقەرنىڭ ئاتاغلىق ئۆلىمالىرىدىن «شەيخۇل ئىسلام» دەپ نام ئالغان مۇللا ئىسلام دامۇللام «سولتانۇل ئۆلىما» دەپ نام ئالغان باھاۋىددىن مەھدۇم، ئوبولقاسىم ئاخۇنۇم خانئرىقلىق ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەقدۇم قاتارلىق زاتلار ئىشتىراك قىلغان. «جەمىئىيەتى خەيرىيەت ئىسلامىيە» نامىدا فونىد تەسى قىلغان.«مۇتالىئە ھىدايەت» دىگەن نامىدا جەدىتچە مەكتەب ئاچقان. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۆزىنىڭ جەدىتلىك ئىدىيەسى ۋە غايسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىروگىرامما خاراكتىرىلىك مۇھىم ئەسىرى «نەسىھەتى ئامما» نى يېزىپ، باستۇرۇپ تارقاتقان. ( بۇ ئەسەر ئۆمەر ئوسمان شىپاھىينىڭ نەشىرگە تەييارلىشى، ئالى مۇھەررىر ھاجى غۇجا ئابدۇللا ئوسمانىڭ بېكتىشى، ئەيىنى ۋاقىتىكى باش مۇھەررىر قۇربان مامۇتىنىڭ تەقرىزى بىلەن ژۇرنىلىمزىنىڭ 2000-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلنغانىدى.- مەسئۇل مۇھەرردىن ). بۇ ئەسەر قاراتملىقى كۈچلۈك، چاقىرىق كۈچى زۇر، جەدىتزملىق رۇھىغا باي ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا شۇنداقلا ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىدېئىلوگىيەسى ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ۋەكىللىك ئەسەر ھىساپلىندۇ. بۇ ئەسەردىن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسىنى ئىنق كۆرۋالغىل بولىدۇ. ئەسەردە بۇ مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام تۈسىدىكى قالاق ئۇيغۇر جەمىئيتىنى زامانىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدىغان كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى. ئۇ، دىنىدىن تاشقىرى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنمۇ، كونا ئەندىزدىكى قاتمال دىنى ھاياتنىمۇ قەتئى ھىمايە قىلمىغان، پەقەت غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرىق بولغان ئەنئەنىۋى جەمىئىيەتنى ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن جەمىئىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ؛ ئىدراكقا بىپەرۋا قارايدىغان نادان جەمىئىيەتنى مەرىپەت رۇھىغا باي يېڭى جەمىئىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ؛ زەئىپلەشكەن، بىدىئەت چىرمىغان مۈجىمەل ئەقىدە-ئېتقادىنى كۈچلۈك ھەم ساپ ھايات پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئەينى دەۋىرنىڭ ئىلغار ئېدىئولوگىيەسى ۋە مائارىپ ئىسلاھتغا يېقىدىن ياندىشىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان يۇقىرىقى پائالىيەتلىرى قەشقەردە ئىلغارلىق تەرەپدارلىرى بولغان «قەدىميچىلەر» ئوتتۇرسىدىكى پەرق ھەم زىددىيەتىنى روشەن ھالدا كۈچۈيىتۋەتكەن. كونىلىق تەرەپدارلىرى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت يېقىن، شۇنداقلا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا غالىب كەلگەن. ئىلغارلىق تەرەپدارلىرنىڭ باشلامچىسى بولغان ئابدۇقادىر دامۇللام مۇتەئەسىپ موللا –ئىشانلارغا تەڭ كېلەلمەي مۇرەسسە قىلشقا، ھەتتا يول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇ، «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1915-يىل 1-دېكابىر نەشىر قىلنغان سانىغا بىسلغان «بايانى ھەقىقىدە» ناملىق ماقالىسدە قەشقەرنىڭ مۇتەئەسىپ ئۆلىما- ئىشانلرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئۇ بۇ، خىل جاھىل كۈچلەرنى «ئۆلىمالار» ‹‹چوڭلار» «رەھبەرلەر» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلار ئۈستدىن مۇنداق شىكايەت قىلغان :«قايسى كۈنى دىيارىمىزدا تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، رەھبەرلىرىمىز نامىدىن مەزكۇر مەدەنىيەتنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ‹ لەنەتگەردى ئازغۇنلار ›دېگەندەك پەتىۋالارنى يامغۇردەك ياغدۇرۇشقا باشلىدى»، «بىزنىڭ تەشەبۇسلىرىمىز ئەمەلگە ئاشماي، يەككە- يىگانە ھالىتىدە نەزەردىن چەتتە قالدۇرۇلدى، بىزنىڭ دالالىتىمىز بىلەن ياشلار ئىجتىھات بىلەن قىرائەتخانە ئاچتى، چوڭلار بۇنى ‹ مەزھەب بۇردى › دەپ ياپتۇردى، ئىسلام جەمىئىيتىنى قۇردى، بۇنى ‹ دەھرىيە ئوچىقى › دەپ بۇزدى، ئىسلامنىڭ ياخشىلىق قىلش جەمىئىيتىنى (جەمىئىيەتى خەيرىيەت ئىسلاميە) نى قۇرۋىدى، ‹ پىتنە-پاسات تارقىتدىغان مەركەز › دەپ تەشۋىق قىلىپ يىمىرىۋەتتى. ‹ نەسىھەتى ئامما › ئىسلمىلك رىسالىنى نەشىر قىلسا، ‹بىدىئەت› دەپ پەتىۋا قىلىپ بىكار قىلدى. ‹ موتالىئە ھىدايەت› نامىدا دىنى، مىللى، ئەدەبى مەكتەپ ئاچتى، بۇنى ‹ ئازغۇنلار ئۇيۇشمسىنى › دەپ تاقىتۋەتتى……..ئامالسىزلىقىمىزدىن تەرەققى مەدەنىيەت ئىشلرىمىزىدىن يۈز ئۆرۈپ، رەھبەرلىرمىزگە ئەگىشىپ راھەتلەرگە ئىرشتۇق»، شىكايتىنىڭ ئاخىرىنى ‹‹راھەتلەرگە ئىرشتۇق» دەپ ئاچچىق كىنايە بىلەن ئىپادىلىگە ئابدۇقادىر دامۇللان تىخمۇ ئاشۇرۇپ تەنە قىلىپ شۇنڭىدىن كىيىن «جامالىدىن ئافغانى، شەيخ مۇھەمد ئابدۇھ، ئىسمائىل بەگ، غاسپىرىنسكىلەرگە مۇيەسەر بولمغان تەھسىل ۋە ئەقىدىلەر ئاپرىنلەر بىزگە مەنسۇپ بولدى» دەپ يازغان. بۇنڭىدا قەشقەر جەمىئيىتىدە كىشنى چۆچتىدىغان قاباھەتلىك كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نەقەدەر زۇر جاسارەت بىلەن بۇ جاھالىيەت ھامىيلرىغا روبىرۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ، مەزكۇر ماقالىسدە ئۆكۈنگەن ھالدا «مەدەنىيەتكە ئاياغ بىسىش – ھەقىقەتنى چۈشۈنگەن بۈيۈك رەھبەرلەرنىڭ يول كۆرسىتشى ياكى قوشنلرىدىن پايدىلنش بىلەن بولۇش مۇمكىندۇر» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدى ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ قالاق ھەم بىكنمە ھالەتتە قالغان مىلەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن قوراللىنشىنى يىراقىنى كۆرەر رەھبەر بىلەن جۇغراپىيىلىك ئامىلغا باغلاپ چۆشەنگەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق توغرا بىلش كىشنى ھەقىقەتەنمۇ كىشنى قايىل قىلىدۇ جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ مىللەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا كۆرسىتدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. شۇڭا مەشھۇر گىرمان پەيلاسۇپى ھىگل «دۇنيا تارىخىنڭ تەرەققىيەت يۈلنىشىنى جۇغراپىيلىك سەھندە ئايرىپ قارىغلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. «چۈنكى، زېمىن بىلەن ئىنسانلار بىر-برىدىن ئايرىلالمايدۇ.جۇغراپىيلىك شەرتلەر بولسا ئىنسانلارنىڭ تارىخى يولىنى، ھاياتلىق خۇسۇسيەتلرىنى گۇيا تەقدىردەك بەلگلەيدۇ.» كىلەچكە يول كۆرسىتەلەيدىغان، ھەقىقەتنى چۆشەنگەن بۈيۈك رەھبەر ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر جەمىئيىتدە بارمىدى دىگەندە، بىز بۈگۈنكى تارىخى يۈكسەكلكتە شۇنداق ئىيتالايمىزكى، پەقەت ئابدۇقادىر دامۇللا مۇشۇنداق سۈپەتكە مۇناسىپتۇر. ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ «بايانى ھەقىقەت» ناملىق ئەسىرى «شۇرا» ژۇنىلىدا ئېلان قىلنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر جەمىئيتىنى خىلى ئەتراپلىق چۈشۈنگەن، كۆزەتكەن تاتار زىيالى نۇشىرۋا يائوشىف «شۇرا» ژۇرنلىنىڭ 1916-يىل 15-ئاپرىل ساندا ئېلان قىلغان تەسىرات ماقالسىدە «قەشقەرلىك دامۇللا ئابدۇقادىر جانابلرىنىڭ ‹ بايانى ھەقىقەت › ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىسلدى. قەشقەردەك ئەڭ قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭدىن شۇنداق ئاڭلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئالىمنىڭ چىقىپ، تۈركچە مەتبۇئات ئارقىلىق ھەقىقەت ھانلرىنى بايان قىلشى مىنى ئەڭ سۆيۈندۈردى. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق قەلەم تەۋىرتىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن» دەپ يازغان. «شۇرا» ژۇرنلىنىڭ مۇھەررىرلىرى ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ «بايانى ھەقىقەت» دىگەن ئەسىرىگە تەھرىر ئېلاۋىسى يازغاندا «ئابدۇقادىر دامۇللا ئەپەندىنىڭ ‹ جاۋاھرۇل – ئىيقان» ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا مۇئەللىپ شام ياكى مىسر ئالىملىردىن بولسا كىرەك، دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدۇق. بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلغان پىتى ئەرەب تىلىدا بۇ دەرىجىدە پەسھىۋە تەبىئى قەسىدە يازالايدىغان مۇقتەدەر ئالىم بولۇشى ئىسمىزگە كەلمىگەن ئىدى» دەپ قايىل بولغانلىقنى بىلدۇرۈشكەن.

1912-يىلدىن باشلاپ ئىسلاھاتىنى قانات ياندۇرغان ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ بۇ يىللاردا قەشقەردە مۇتەئەسىپ قەدىميچىلار بىلەن بولغان كۈرەشتە مۇرەسسە قىلشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۇنىڭ تامامەن يەككە-يىگانە قالدۇرۇلغانلقىنى سۆز چاقىرىقلىرى ئىتبارسىز مۇئالىمگە ئۇچىرىغانلىقى ۋە ئىش –پائالىيەتلىرى زىيادە تۇسقۇنلىققا دۇچ كەلگەنلكىدىن دېرەك بەرمەيتى، ئەلۋەتتە. ئابدۇقادىر دامۇللام 1916-يىلى«شۇرا» ژۇرنلىدا ئېلان قىلغان «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» نامىلق ماقالىسدە «ھال ھازىردە چوڭلارغا ئەگەشمەك يۈزسىدىن بۇخارى تەرتىپلىرى ئىلە مەنتىق، كالام، پەلسەپە، تەدرىس مۇكالىمەلەرگە مەشخۇل بولساممۇ، لىكىن زىيالى شاگىرتلەرگە تەپسىر، ھەدىس، ئىلمۇ ئەما يىللەردىن تەلىم بەرمەكتىمەن» دەپ يازغان. ئۇ . ئۆزى بۇ يىللاردا ھەم مۇددەرىس ھەم قەشقەرنىڭ مۇدىسى ئىدى. 1914-يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەرگە كىلىپ 6ئاي تۇرۇپ، 1915-يىلى قەشقەردىن ئايرىلىپ تاشقۇرغان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ماڭغان ئادىل ھىكىمەتبەي، ئەمرۇللا بەي، قاتارلىق تۈركىيەلىك زىياللىلار ئۈستۈن ئاتۇشتىكى باھاۋدۇن باينىڭ ئۆيىدىن خۇشلىشپ ئافغانستانغا بىرىش ئۆچۈن رۇسيە تەۋەسىگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا بولغان ئىشنى مۇنداق يازغان : «ئاتۇشتىن يولغا چىقىش ئەسناسىدا قەشقەر مۇپتسى ھاجى ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئارقىمىزدىن ئەۋەتكەن بىر ئاتلىق كىشسى بىزنى جىددى ئارقىمىزغا قايتىشقا دەۋەت قىلدى. مۇپتىيى ئەپەندى بىزلەر رۇسلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۆشۈپ قالغان ھالەتنى چۆش كۆرۈپتۇ. شۇڭا قەشقەرگە قايتشمىزنى ئۈمۈد قىلپتۇ. بىر نەرسىنى چۆشىنگەندەك قىلدۇق بۇ چۆش مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. مۇپىتى ئەپەندى بىر نەرسىنى بىلىپ قىلغاندەك قىلاتتى.» بۇ تۈركىيلىك زىياللىلار ھىندىستاندىن قەشقەرگە كەشمىر يولى بىلەن كەلگەن بۇلۇپ، ئافغانستان تەرەپكە چىقىدىغان يولىنىڭ ئوي –چوڭقۇرىنى بىلمەيتى، ھەم بۇ جايلارنى رۇسلار قامال قىلۋالغاچقا خەتەرلىك ئىدى. ئۇلار چىگرادىن چىقپلا رۇسلارنىڭ تۇتقىنغا ئايلانغان. بۇ باياندىكى ئۇچۇردىن بىز شۇ يىللاردا، يەنى 1915-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەرنىڭ مۇپتسى ئىكەنلىكىنى بىلۋاالايمىز. بىز قەشقەر تۈرمىسىگە قامالغان ئەھمەد كامالىنى 1915-يىل 10-ئۆكتەبىردە ئابدۇقادىر دامۇللام يوقلاپ كەلگەندە ئەھمەد كامالىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىگە يازغان مۇنۇ بايانلاردىنمۇ كۆرۋالالايمىز : «شۇ كۈنى ئابدۇقادىر ھاجىم مۇپتى ھەزىرەتلىرى مەن بىلەن كۆرشىش ئۆچۈن تۈرمىگە كەلگەن ئىدى. بۇ زاتى شىرىپ مىنىڭ مەنىۋى پەدەرىم ئىدى. ئۇ ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى، بەلكى پەرىز ئىكەنلىكى ھەقىقىدە بۇ دىياردا تۇنجى قىتىم پەتىۋا چىقارغان پەزىلەتلىك كىشى ئىدى». مۇپتىلىق ئىسلام جەمىئيىتىدە خىللىلا يۇقىرى مەرتىۋە، شۇنداقلا ئالى ئىمتىياز ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام جەدىتىلىك يولىدا چىڭ تۇرۇش، تۇرماسلىق مەسلىسىدە ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ قاتتىق بىسىمى سەۋەبىدىن مۇرەسسەتچىلىك يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئۇنىڭ مەيداننىڭ، نىشاننىڭ، غايسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتى. ئۇنىڭ جەدىتچىلىك شان –شۆچىرىتى بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن شىنجاڭدىن ھالىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارسىدا تارالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا قازان شەھىرىدە نەشىر قىلنغان «شۇرا» ناملىق يىرىم ئايلىق ژۇرنالىنىڭ 1916-يىلىدىكى سانىدا «ئابدۇقادىر دامۇللام كىمدۇر» دېگەن ئوچىرىك ئۇلاپ ئېلان قىلنغان بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل تۈركى خەلىقلەرگە مەشھۇر بۇلۇپ كەتكەن. ئۇ مۇشۇ مەزگىللەردە «سەرىب نەھۋى» ( مورفۇلوگىيە- سىنتاكس ) ‹‹تەسھىلۇل-ھېساپ» (ھېساپنى ئاسانلاشتۇرۇش )، ‹‹جۇغراپىيە ئىلىمى»، «ئاقائىدى زۆرۈرىيە» (زۆزۈر ئەقىدىلەر )، «بىدايەتۇس سەرىب» ( لېكسىيدىن دەسلەپكى ئاساس )، «بىدايەتۇن نەھۋى»، «تەئلىمۇن سىبيان» ( گۆدەكلەرگە تەربىيە ) «تەجىۋىد تۈركى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، تۈرلۈك چارە –ئامال بىلەن باستۇرۇپ، مەكتەب مەدرسلەرنى دەرسلىك بىلەن تەمىنلگەن. 120 كۇپلىتلىق «مۇخەممەس» ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ جەمىئىيەت، ئېتىقاد، ئەخلاق، مائارىپ ھەقىقدىكى تەشەببۇسلىرى ۋە تەنقىدى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەزمۇنى چۇڭقۇر، تىلى گۈزەل، تەنقىدى رىئالىزملىق رۇھىغا ئىگە بۇ ئەسەر 1910-يىللاردىكى ئەدەبىيات تارىخمىزدا يىگانە ئەسەر ھىساپلىندۇ.
ئەيىنى چاغدا قەشقەر شەھىرىدە «يىراق- يىقنغا نامى مەشھۇر مەدرسلەردىن ئون بەشى بولۇپ ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ لايپەشتاق مەدرسەسى، قەشقەردىكى خانلىق مەدرسەسى، ھېيتىگاھ مەدرسەسى، ئاخۇن ھاجى مەدرسەسى، قازان مەدرسەسى، ۋاڭلىق مەدرسەسى، باھاۋدۇن مۆھتەرەم مەدرسەسى، دورغا بەگ، مەدرسەسى، ناجى ھاكىمبەگ مەدرسەسى، ئوردىئالدى مەدرسەسى، قاتارلىق مەشھۇر مەدرسلەر قاتارىددىن ئورۇن ئىلىپ. 200دىن ئارتۇق تالىبى بار» مەشھۇر مەدرسە بۇلۇپ قالغان.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغان «ئۇيغۇر بالسى» – نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتۇف ( 1887-1952) ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىردە 1913-يىلى 26يېشىدا يۇرتى غالجاتتىن غۇلجىغا كېلىپ مۇز ئات داۋىنى ئارقىلىق «ئالتە شەھەرگە» سەپەر قىلغنلىقىنى يازغان. ئۇ، سەپەر جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرسىدە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى پاجىئەلىرىنى كۆرۈپ : «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستقبالى بەك قاراڭغۇ، تۇمانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئاقسۇدا ئەھۋال مۇنداق بولسىمۇ، باشقا ياقلاردا ئۇنداق ئەمەستۇ، قەشقەر خەلېقى خىلى تەرەققى قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ يەردە تەرەققىپەرۋەر مۇسابايېفلار، ئابدۇقادىر دامۇللاملار بارغۇ دەپ ئۆزلىرىمىزگە تەسەللى بەردۇق» دەپ يازغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز.

1914-يىلى يازدا باھاۋدۇن باينىڭ غەيرىتى بىلەن ئۈستنئاتۇشتا ئېچىلغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى پېداگوگىكا مەكتىپى – ‹ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ باش موئەللىمى ئەھمەد كامالنى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ھەرىكتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قەشقەردىكى دىنى ئۆلىمالار ۋە باي –بايۋەچچىلەر دەسلەپتە ئىككى گۇرۇقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئابدۇقادىر دامۇللا، باۋدۇن باي، شەمشىدىن دامۇللام، مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام، زىرىپ قارىھاجىم، ئابدۇقادىر ھاجىم، ، ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەخدۇم، نورززادە ھاجى مۇھەممەت ئەلى، ، ئوبۇلقاسىم دامۇللام، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، ، قازىكالام ئىسلام دامۇللام قاتارلىق كىشلەر قوللايدىغان گۇرۇھىنى، ئۆمەر باي، سېلىم دامۇللام قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرھىنى تەشكىل قىلغان، قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ رۇس كونسۇلخانسى ۋە ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ. بۇ كۈرەشتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان.

ئەھمەد كامال شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار تۇغۇرسىدا «بەيساقاللىق مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام بىلەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئەپەندىلەر قاراڭغۇ كىچىدە چاققان چاقماقتەك چىرايلىق ۋە مەنلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇلار ئۆچۈرمەكچى بولۋاتقان مائارىپ مائارىپ مەشئلىنى چاقنىتش ئۆچۈن كۆپ تىرشتى» دەپ يازغان. ئەمما، خەلىقنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى بۇ زىدىيەت ناھايىتى تېزىلا مۇرەسسە ھالىتىگە كەلگەن. چۆنكى قەشقەرنىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق قازىكالانى ھاجى ئىسلام دامۇللام جەدىتچىلىكىنى قوللاش مەيدانىدا تۇرغان. شۇڭا، 1915-يىل 28- ئاپرىلدا قەشقەرگە كەلگەن تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائۇشېف قەشقەردىكى ئۆزگىرشلەردىن مەمنۇن بولۇپ «بۇلتۇر يېڭچە مائارىپنى چەكلەپ جەدىتچىلەرنى ‹كافىر» دەپ ئاتىغان قەشقەرنىڭ داموللىلىرى بۇ يىل ھەممسى ئۆزگىرپتۇ، يېڭچە مائارىپقا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى كۆرۈپ ئۆز ياردەملىرىنى ئاتاپتۇ» دەپ يازغان قەشقەردە يىرىم يىلدەك تۇرۇپ ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئادىل ھېكىمەت باي قاتارلىق تۈركىيىلىك زىيالىيلار1915-يىلى ئاپرېلدا يازغان خاترىسىدە مەدرسلەردىكى ئۆزگىرش تۇغۇرسىدا مۇنداق دېگەن «قەشقەرلىكلەر بىزگە شۇ قەدەر مۇھەببەت باغلىدىكى، بىر دېگىنىمزىنى ئىككى ئېتقۇزمايتى» مەدرسە تالىپلىرى بىزدىن گىئۇمىترىيە دەرسى ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى» قەشقەردىكى بۇ ئۆزگىرش مۇقەررەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى قەشقەر ئىككى مىڭ يىلىدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئىلىم –مەرىپەت مەشئەللىرى نەچچە قىتىم لاۋۇلداپ يىنىپ، نەچچە قىتىم خىرەلەشكەنىدى. مەدەنىيەت ئەنئەنىسگە باي بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ زېرەك، تىرشچان خەلىقى زامان تەقەززار قىلغان، مىللەت مۇھتاج بولغان پايدىلىق ئىلملەرگە ئىنتايىن تېز يېپىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا ئەينى يىللاردا قەشقەرگە كەلگەن گېرمانيلىك فون لىكوك «ئەگەر ياخشى مەكتەپ بولسا، تۇغما تالانتلىق بۇ مىللەت چۇقۇم ئۇچقاندەك ئالغا باساتىكەن» دەپ تەن ئالغان. ئەمما ھەرقانداق شەكللىدىكى ئىسلاھاتقا دۈشمەنلىك پوزتىيسى تۇتىدىغان يا زېڭشىن ھۆكۈمىتى تەرەققىيات يولىغا تاشلانغان ھەر قانداق قەدەمىنى كۆرۈشىنى خالىمايتى، ئۇ ئۆزىنىڭ «سەۋەنلىكلەردىن خاتىرە»، «ئىستىغپار ھۇجىرسىدىكى خاتىرلەر» «سەۋەنلىكلەردىن ساۋاق ئىلش ئۆچۈن لاۋزى تەلىماتىنى ئوقۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش قول يازما خاتىرلىرىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى :«خەلىقنىڭ ئىدارە قىلشىنىڭ تەس بولۇشى بىلملىكلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقدىن بولغان، ئەھلى خالايقىنىڭ بىلىملىك بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن……بىلىم ئارقىلىق ئەلىنى ئىدارە قىلسا دۆلەتكە ئاپەت كىلىدۇ، خەلىقنىڭ بىلىمى ئاشقانسىرى ئۇلار يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، يامان ئىشلارنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، ۋەقە پەيدا قىلىپ دۆلەتنى مالماتاڭ قىلشتىن باش تارتمايدۇ…. ھۈنەر – تىخنىكىسى بار ئادەملەردىن بىرى كۆپ بولسا، دۆلەتكە ئاپەت كەلتۈردىغان ئادەمدىن بىرى كۆپىيىدۇ، جاھاندىكى بىغەرزەلىكىنى كۆپىنچە ئەقىللىق ئادەملەر قىلىدۇ….. مەكتەپلەر ياخشى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەلىماتلار ئارقىلىق پايدىسىز ئۇرۇقلارنى تارقىتىدۇ. شۇڭا، بارلىق مەكتەپلەرنى بىكر قىلىپ تاشلىماي بولمايدۇ، مەن ئادەم ئىشلىتىشتە نادان ئادەملەرنى ئىشلىتمەنكى، ھەرگىز ئەقىللىق، بىلىملىك كىشلەرنى ئىشلەتمەيمەن» ياڭ زېڭشىنڭىنىڭ خاتىرسىدىكى بۇ بايانلاردىن بىز جۇڭگۇ خەلىقى تۇتمۇتۇشتىن ئۇيغىنىپ يۈكسەك تەرەققىيات دەۋىرى ھىساپلانغان 20- ئەسىرگە جۇمھۇرىيەت ئارزۇسى، دېمۇكىراتىك رۇھى ھەم يېڭى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ قەدەم قۇيۇۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى نەقەدەر ئەكسىيەتچى فىئۇدال ئىدىيەنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ھاكىميەت تۇتقانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. مانا بۇ 20- ئەسىرنىڭ بىشىدا دىيارىمىزغا 17يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر سىياسى سېھرىگەرنىڭ بىخۇدلاشتۇرۇش تاكتىكسىدۇر!

1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ئالى ئەمەلدارلىقغا تەيىنلەنگەن ياڭ زېڭشىن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۆزىگە قارشى ھەربىي ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى پاك-پاكىز يوقتىپ ئۆز ئورننى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كىيىن، يەنى 1915-يىلىدىن باشلاپ زەھەرخەندە نەزەرىنى يەرلىك خەلىق ئىچىدىكى ئىلغارلىق پائالىيەتلىرى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ئاۋانگاراتلرىغا ئاغدۇردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ «كۆز قۇلاقلىرى» پۈتكۈل شىنجاڭنى قاپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھاكممۇتلەق ئىشپيونلۇق سىياستىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ياۋرۇپالىق بىر دىن تارقاتقۇچى ئۇنى قۇمۇلدىكى بۈرگىنىڭ مىدىرلىغىنى بىلىپ تۇرىدىغان مەنسەپدەر» دەپ تەىپلىگەنىدى. شىنجاڭدا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن 17يىل جەريانىدا (1912-1928) «خەلىقىنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش سىياسىتى» نى يولغا قويغان ياڭ زېڭشىن :

يىراق شەرقتىن كەلدىم مەن،
چىڭ ساقلاپ تۇرىمەن غەربنى.
قالدۇرىمەن بىلمىسز نادانلىقتا،
پادىشاھقا بويسۇندۇرىمەن خەلىقىنى.

دېگەن ئەكسىيەتچى سىياسى ئەقىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كونا مائارىپىنى قوللاپ، يېڭى مائارپىنى كۈچىنىڭ بېرىچە توسقان. ئەينى يىللاردا «ئىسلام دىنىدىن ساۋاق بىرىدىغان دىننى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسنى ئاخۇنلار ئاچقان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر ئىپتىدائىي دەرىجىلىك مەكتەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ دەپ ئىككى خىلىغا بۆلۈنەتتى، ئوقۇغۇچىلارغا دىنى قائىدە، دىنى ئەقىددىن ساۋاق بىرىلەتتى، نامازنىڭ ئايەتلىرى ئۆگتىلەتتى، پەن –مەدەنىيەت بىلىملىرى ئۆگتىلىمەيتتى، ئۆگىنش ئۇسۇلى ئۆلۈك ھالدا يادلاش بولۇپ، مەنىسىنى بىلىش تەلەپ قىلنمايتى. ياڭ زېڭشىن بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ھەممسىنى زىغبەتلەندۇرگەنىدى.» ئۇ، شىنجاڭنىڭ لاۋزنىڭ «دانالارنى ئەتىۋارلىماي، نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەرىيەسى بىلەن ئىدارە قىلغان. «شىنجاڭنىڭ مىنگو تارىخى» دېگەن كىتابتا. يېزىلىشچە، ئۇ«لاۋزىنىڭ نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەريسىنى يولغا قويغانلىقى ئۆچۈن، شىنجاڭىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپنڭ، ئۇزاق مەزگىل ھالەتتە قالاق تۇرۇش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭ زېڭشىن، «ئىستغپار ھۇجىرسىدا ئوقۇلغان لاۋزا خاتىرلىرى»، «سەۋەنلىكلەردىن خاتىرىلەر» دېگەن كىتابلرىدا «لاۋزى تەلىماتى» غا قايتا-قايتا چۇقۇنۇپ، «نادانلىق ئەۋزەل» دىگەن ئىدىيەنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلشتىكى مەقسىدى شىنجاڭنى ‹‹گومۇشلار دۇنياسى»غا، شىنجاڭ خەلىقىنى بىلىمسىز «ئىپتىدائىي ئادەملەر» گە ئايلاندۇرۇپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىلتارىسىت ھاكىميتىنى ساقلاپ قىلش ئىدى، شۇنداقلا خەلىقىنى «خەت يازالمايىدىغان، كىتاب ئوقىيالمادىغان»، «نادانلىق ۋە ئويۇن –كۈلكە بىلەنلا ياشايدىغان»، «پاراسەتسىز خەلىق» كە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «خاتىرجەم يۇرت سوراش» ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. شۇڭا ئاخىرقى ھېساپتا ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىن زۇرلۇق بىلەن تارقىتىۋىتىلگەن ، قۇللايدىغان گۇرۇھتىكلەر ئامالسىز قالغان. بۇنڭىدىن قاتتىق ئىچىنغان تاتار زىيالىي نۇشېرۋان يائوشېف مۇنداق يازغان : «ئالدىنقى يىللىرى مەشھۇر جامائەت ئەربابلرىدىن مۇسابيېفلارنىڭ تىزشچانلىقى بىلەن قەشقەردە يېڭىچە تەلىم – تەربىيە مىكتىپى ئېچىلىغانىدى. بۇ مەكتەپ بەش –ئالتە يىل داۋاملاشقان بولسا ‹ ئالتە شەھەر › ئۆچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇيقۇچىلىرى يىتشىپ قالغان بۇلاتتى. لېكىن بەخىتسىز بۇ خەلىق شۇ بىردىنبىر ئىلىمىي ئورۇنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمىدى».

ئەلۋەتتە بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلشىدا ياڭ زېڭشىڭنىڭ رەزىل قولى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇ : «تۈركلەر ئايەت ئۆگىتىش نامى ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا، ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئاپىتىنى تەسەۋۇر قىلش تەس» دېگەن سەم 1917-يىلى ئەھمەد كامالىنى كۇچاغا سۈرگۈن قىلغان، كيىن كۇھادىمۇ توختاتماي ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە ھەيدەپ ئاپارغۇزۇپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە ئىككى يىل قامىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى تارىخىدىكى بۇ ئىستراتېگىيەلىك قەدەم مەنزىلىگە غەلبىلىك يېتەلمىگەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكتىنىڭ تەرەققىياتى 20-يىل كېچىككەن.

ئىكساقتىكى «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى قەشقەردىكى جەدىتلىك ھەرىكەتلرىگە قاتتىق زەربە بولغان. جەمىئىيەت ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان، بۇ يىللاردا شەرق ۋە غەربتىكى ھەممە ئەلدە تەرەققىياتقا، يېڭى مەدەنىيەتكە يۈزلىنش ھۆكۈمەت ھەرىكىتى ئارقىلىق داغدۇغلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۋاتقان بولسا، شىنجاڭدا دەل بۇنىڭ تەتۇرسىچە ياڭ زېڭشىڭنىڭ «نادانلىققتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش» تەڭ رەزىل سىياسىتى سەۋەبدىن غۇلجا، قەشقەر، تۇرپانلاردا يېڭدىن كۆز ئاچقان مەرىپەت بۇلاقلىرىنىڭ كۆزلىرى رەھىمسىزلىك بىلەن تىندۇرۇلۇپ، جەدىتلىك ھەرىكەتلرىگە ئازراقمۇ راۋاجلىنش ئىمكانيىتى بېرىلمىگەن.

ئەمما، جاھان مىقىياسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلىغان جەدىتلىك ھەرىكتىگە تارىخىى خاراكتىرىلىك سەكرەش پۇرسىتى ئاتا قىلغان. 1914 –يىلى ئىيۇلدا مەشھۇر سارايىۋۇ ۋەقەسى سەۋەبىدىن پارتىلغان 1- دۇنيا ئۇرۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ، تۆت يىل ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ، 1918-يىلى 11-نويابىردا ئاخىرلاشقان. بۇ قانلىق ئۇرۇشتا ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە پايدا ئالغاندىن باشقا، ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق دۆەتلەر مىسلىسىز ئېغىر زىيان تارتقان. چار پادىشاھ مۇستەبىت ھاكىميىتى ئەڭ بالدۇر غۇلاپ چۈشكەن. 1917-يىلى رۇسىەدە ئىككى قىتىم زۇر ئىنقىلاب بولغان. فېۋرالدىكى «فېۋرال ئىنقىلابى» ئارقىلىق پېتېرگىراتا ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. «ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان . چار پادىشاھقا تۈزۈمگە قارشى بارلىق كىشىنى كەچۈرۈم قىلغان، ئاممىۋى يىغىلىش نامايىش ئۆتكۈزۈش، گېزىت – ژۇرناللارنى نەشر قىلشقا رۇخسەت قىلغان. بارلىق سىياسى پارتىيەنى ئىتىراپ قىلغان. 1917-يىلى باھاردا رۇسىيە ۋاقتىنچە دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان» شۇ يىلىنڭ ئاخىرى بولشۋىكلار «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» نى قوزغاپ، ھاكىميەتنى «فېۋرال ئىنقىلابى» ئارقىلىق قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن تارتىۋالغان.

1917-يىلىدىن 1921-يىلغىچە بولغان ئارىلقتا رۇسىيەدە لېنىن رەھبەرلىكدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا تۇرغان. رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلاب تەبىئى ھالدا بىر ئەسردىن بۇيان رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلاب تەبىئى ھالدا بىر ئەسىردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆمۈر چاڭگلىدا تۇرۇپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىستقبالىنى نەزەرگە ئالغان مىللى ھەرىكەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رۇسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مۇسۇلمان تۈركى خەلىقلەر رايۇنلرىدا مۇستەقىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كۆپ يىلىدىن بۇيان ئىچىكى ئىلشلاردا ئەركىن، ئەمما تاشقى ئىشلاردا رۇسىيەگە باغلىنىپ تۇرۋاتقان بىقىندى خانلىق خىۋە خانىلىقى بىلەن بۇخارا ئەمىرلىكىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىچىكى –تاشىقى ئىشلرىغا ئۆزى ئىگە بولۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. جەدىتچىلەردىن تەشكىل تاپقان «ياش بۇخارالىقلار» ۋە «ياش خىۋەلىكلەر» تەشكىلاتى جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلغان. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ ئىلغار مەنىۋى داھىيلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجىتىمائىي ۋە سىياسى پائالىيەتلەرگە يىتكەكچىلىك قىلش مەقسىتىدە 1917-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا بىر يەرگە يىغىلىپ، كۆپ ساندىكى ئەزاسى جەدتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ‹ ئىسلام شۇراسى › نى قۇرۇپ چىققان بۇ پارتيىنىڭ سىكىرتارلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىك ھەرىكتىنىڭ ئاۋانگاراتلرىدىن بىرى بولغان مۇنەۋەر قارى ئابدۇرەشىتخان ئۈستىگە ئالغان . ئۇلار دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە بىر قۇرۇلتاي چاقىرشىنى قارار قىلشقان. قۇرۇلتاي تەييارلىقلىرى تاماملىنىپ، 1917-يىلى 17 –ئاپىرىل تاشكەنت شەھىرىدە 440 نەپەر ۋەكىل قانتاشقان تۇنجى قىتملىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلار قۇرۇلىتىيى چاقىرىلغان. بۇ قۇرۇلتايدا ‹ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئىجىتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ تۈزۈم ئىچىدىكى ئورنى › ھەمدە ‹ رۇس كۆچمەنلىرىگە تارقىتىلىپ بىرلىگەن يەرلەرنىڭ ئەھۋاللىرى تۇغۇرسىدا › دېگەندەك بىر مۇنچە تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممسى دېگۈدەك جەدىتلىكىنى ھىمايە قىلشدىغان كىشلەر ئىدى»

ئۇزاق ئۆتمەي قازاقلاردىن چىققان مەشھۇر جەدىتچى مۇستافا چۇقاي ئوغىلى رەھبەرلىكدىكى قوقان موختارىياتى قۇرۇلغان. ئۈچ ئايغا يىقىن ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ ھۆكۈمەت 1918-يىلى 18 – فېۋرالدا قىزىل گىۋاردىيەچىلەرنىڭ قۇراللىق باستۇرۇشى بىلەن ئاغدۇرۇلغان. ئورنىغا تۈركستان ئاپتۇنۇم سوۋىت سوتيالىسىتىك جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا توختاۋىسز سىياسى ئۆزگىرش ۋە تۈرلۈك ئىجىتمائىي ئىنقىلاب يۈز بىرىپ، داغدۇغىسى جاھاننى بىر ئالغان. مۇشۇ يىللاردا قەشقەردىكى بۇرۇقتۇرما ۋەزىيەتتىن ئىچى سىقىلغان، غايە ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشماي تاقىتى تاق بولغان ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قىتىم سەپەر قىلغان. بۇ قىتىمقى سەپەر ۋاقتى 1918-يىلدىن 1921-يىلغىچە بولغان. بۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىردىكى ئۆزگىرشلەرگە يىقىدىن دىققەت قىلغان. ھەر قايسى سىياسى گۇرۇھىنىڭ مۇدىئا –مەقسەتلرىنى تەھىلىل قىلغان. بولشىۋىكلار ھەقىقدىكى چۈشۈنچىسنى ئايدىڭلاشتۇرغان. شۇ جەريانىدا ئوشتا بىر ئۆزبەك ئايالىنى ئەمىرىگە ئىلىپ، ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئوغۇل كۆرگەن. 1921-يىلى رۇسىيە تۇپرىقىدا بولشىۋىكلار ھاكىميىتى مۇشتەھكەملىنىپ، خەلىقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلشىغا ئىرىشكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوخشىمغان سىياسى قاراشتىكى پائالىيەتچىلەر، بىر قىسىم داڭلىق دىنى زات ۋە مال –مۈلىكى كۆپ باي تۈرلۈك ئوي –خىيال بىلەن قوشنا ئەللەرگە قاراپ يول ئالغان. ئابدۇقادىر دامۇللام بولۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بولشىۋىكلار ھاكىميىتى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ نۆۋەتتكى كىلەچىكىنى تۇنۇپ يەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ يىلغا سۇزۇلغان كۆزىتىش، كۈتۈش ئويلىنش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوشتىن قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن.

ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ بۇ قىتىمىقى سەپەردىن قايىتدىن كىيىن قەشقەردە ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى مەرىپەتچىلىك غايسىگە ئىگە جەدىتچىدىن ئىجتىمائىي كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە كەسكىن ئەمەلىيەتچىگە ئايلانغانلىقىنى ئىنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خەلىق ئارىسىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان. ئۇنىڭ تەسىرى يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئۇ، خەلىقىنىڭ قان –تەر بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى مەنسەپدارلارغا جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەككار ئۆلىما –ئىشانلارغا، مال-دۇنيا توپلاشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئاچكۈز بايلارغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي، مۇرەسسەسىز مۇئامىلە قىلغان. قەشقەردىكى خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى كەيپىياتىنى ئەمەلى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلانىڭ سىياسى تارىخدىكى تۇنجى نامايشىنى تەشكىللەپ، ئاممىۋى نارازلىق ھەرىكىتنى قۇزغىغان.

غەرىب خىرىستيان دىن تارقاتقۇچىلىرى – مىسيونېرىلىرى ( قەشقەرلىكلەر مىسى دەپ ئاتايىتى ) قەشقەرگە 1892-يىلى قەدەم قۇيغان. شىۋىتسىيە باش دىنى جەمىئيىتنىڭ كافكاز رايۇنىدا دىن تارقىتۋاتقان مىسيونىرى ھۆيجىىر رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە تۈركىيلىك ئەرمەن يوھانس ئاۋىتارانىئات دىگەن شاگىرتىنى ئەگەشتۈرۈپ 1892-يىلى قەشقەرگە كەلگەن. بىللە كەلگەن ئۇ تۈركىيلىك ئەرمەن تۈرك تىلىنى بىلەتتى ھەم ئەسلى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ، كافكازدا ھۆجىر بىلەن تونۇشۇپ خىرستيان دىنغا ئېتقاد قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈرك تىلىنى بىلشى ۋە ئىسلام دىننى پىشىق بىلىشى ھۆجىرنى قىزىقتۇرغان. ھۆجىر قەشقەرگە كىلىپ ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ، قايىتىپ بارغاندىن كىيىن قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن بىر دىن تارقتىش نۇقتىسى قىلىپ بىكتىكەن. ئارقىدىنلا بىر ئۆمەك تەشكىللىنىپ ھۆگبرىگ دىگەن پۇپنىڭ يىتەكچىلكىدە 1894-يىلى فىۋرالدا قەشقەرگە يىتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ئىلىپ بارغان ئېتىقاد ئۆزگەرتىش تىرشچانلىقى ئىسلام دىنى ئىنتايىن چوڭقۇر يېلتىز تارتىپ كەتكەن قەشقەردە ھىچقانداق ئۆنۈم بەرمىگەن. ئۇلار قەشقەر خەلىقىنى دىننى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ خىرستىيان دىنىغا ئېتقىاد قىلدۇرۇش ئۆچۈن بىۋاستە تەشۋىقات ئىلىپ بىرشىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1906-يىلى قاھىرەدە ئىچىلغان گوسپىل يىغىنىڭ رۇھى بۇيىچە، دوختۇرخانا، مەكتەپ، دارىلئىتام ئىچىش، شۇ ئارقىلىق داۋالاش ۋە تەربىيلەش يولى بىلەن ئۆنۈمگە ئىرشىنى ئويىلغان. بۇ نۇقتىدىن شىۋىسىيەلىك گۇننار يارىڭمۇ ئىنق كۆرسىتىپ «دوختۇرخانا خىزمىتى بىلەن مائارىپىنى يولغا قويۇش دىن تارقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆچۈن يول راسلاش – كۆۋرۈك سېلشتىن ئىبارەت» دەپ يازغان. «تۈپ ماھىيتدىن ئىيتقاندا، شىۋىت مىسسىيولىرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ رايۇنىدا خىرسىتيان دىنى تارقىتىشقا كىرشىشى ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىسى بىلەن زىچ يۇغورۇلۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنشى بىر ‹ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى › دىن باشقا نەرسە ئەمەس» ئۇلار دىن تارقىتىش خىزمىتنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئىشلىگەن. ئىگە –چاقىسىز يېتىم –بالىلارنى بېقىپ تەربىبيلەش ئارقىلىق بارا-بارا ئېتىقاد ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. 1920-يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە باردىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 100 دىن ئىشىپ كەتكەن. 1923-يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ 200دىن ئاشقان.

ئابدۇقادىر دامۇللام خەلىقىنىڭ مىڭ يىلىدىن ئاشقان ئەقىدە- ئېتىقادى خىرسقا دۇچ كەلگەن مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلىقىنىڭ ئەقىدە – ئېتىقادىنى چىڭتىش، دىنى كىملىكىنى ھىس قىلدۇرۇش، نۆۋەتتكى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش توغۇرلۇق پۇرسەت يار بەرگەنلىكى سورۇندا تەشۋىقات – تەربىيەنى كۆچەيتىپ قانات يايدۇرغان. ئالدى بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ قەلبىگە مىسيونېىرلارغا قارشى غەزەپ يالقۇننى تۇتاشتۇرغان. ھەر كۈنى ناماز دېگەردىن كىيىن ھىيتگاھ جامائەسىدە ئەمىرى مەروپ، مۇنازىرە سورۇنلىرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەز –تەبىلغ قىلىپ ، غاپىل خەلىققە ئۆزلىكسىز تەشۋىقات، تەرغىبات ئىلىپ بارغان. مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ، كامالەتكەن يەتكەن مۇنازىرە قابىليىتى ۋە ھەققانىي سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى مات قىلغان. تار دائىردىكى يومشاق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلش بىلەنلا قانائەت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، خاتىرجەم ياشاشقا ئادەتلەنگەن موسمۇس مۇللاملارغا نەپرەتلەنگەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇلارنىڭ ئىبادەتنى تولىمۇ يۈزە چۈشىنىپ، بىپەرۋا كۈن ئۆتكۈزۈشلرىگە چىداپ تۇرالماي يالقۇنلۇق نۇتۇقلىرى بىلەن ئۇلارغا بۇرچىنى تۇنۇش تۇغۇرلۇق نەسىھەت قىلغان. ئۇ ئىنق قىلىپ «ئالىملىرىمىز زىمسىدىكى ۋەزىپىنىڭ ئىغىرلىقىنى تونۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزسۇن» دەپ ئىيتقان. ئابدۇقادىر دامۇللام يۇرت كاتىللىرى بولغان بىخىل بايلارغا قەشقەر كوچىلىرىدا سەرسان – سەرگەندان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى، گۈلەخلەردە كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان يىتىم –يىسىرلارنى قانات –ئاستىغا ئىلىش ئۇلارغا ساخاۋەت داستىخنىنى يىيىپ، قېرىنداشلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلش ھەقىقدە يو كۆرسەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇلارغا «ئۆزىمىز يۇرتنڭ كۆزى خەلىقىنىڭ بىشى بولۇپ تۇرۇقلۇق خەلىقىنى بەخىت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا – تەڭگىلەرنى ئەۋرەزىگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغۇرسىدا زەرىچە قايغۇرمىساق كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاب بىرىمىز، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىيى گۇناھكار بوپقالماسمىزمۇ !…. ئەپسۇسكى بىز غەمخۇرلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن موخالىپيەتچلەر ئۆز قويىنغا تارتماقتا، ئىنگىلىز – شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قورۇپ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا. ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتشكە كۆز يەتسە، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمزىنى كوچىلارغا تاشلاپ، ئۆزىمزىدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز» دېگەندەك جاراڭلىق خىتابلارنى قىلغان. «نەسىھەتى ئامما» نامىلىق مەشھۇر ئەسىرىنى قايتا باستۇرۇپ كەڭ تۈردە تارقاتقان. ئۇ بۇ ئېسىل ئەسىرىدە خەلىققە مۇنداق مۇراجىئەت قىلغان : «بۇ زامان غەپلەت بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئۇيغىنش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر ! جاھىلىق ۋە نادانلىق دەۋىرى ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت دەۋىردۇر، سۇسلىق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرشش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسدا ھاۋادا ئوچۇپ پەرۋاز قىلماقتا، سۇ ئاسىتدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تىخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمىنىڭ بۇرادىرى ۋە موقەددىمسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئوخلىماق يۇقىلىش ۋە ئۆلىم يولىدۇر ! ھېلى ھەم ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار» پىرۇگىرامما خاراكىتىرلىك بۇ ئەسەر ئەيىنى ۋاقىتتا زىلزىلە خاراكتىرىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلغان. بۇ ئەسرنىڭ تەسىرى بىلەن كىشلەردە مىللى ئاڭ ئۇيغىنشقا باشلىغان. ئىلگىركى مەرىپەتچىلىك روچى بۇ مەزگىلىگە كەلگەندە سىياسى ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تىخىمۇ بىيىغان قىسقىسى، ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ زۇر تىرشچانلىق كۆرستشى نەتىجىسە قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس. بەلكى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. كىشلەر يېڭىلىق، تەرەققىيات، مەرىپەت ھەقىقدىلا ئەمەس ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئۈسىتىدىمۇ ئويلىشدىنغان سۆزلىشدىغان بولغان. ئۇ، ھۆسەيىنخان قۇتبددىنشاھ تەجەللى، باھاۋۇدۇن باي، شەمسىدن دامۇللام، سابىت ئابدۇلباقى كامالى، قۇتلۇق شەۋقى، ھاجى مۇھەممەد ئەلى قاتارلىق مەشھۇر مەرىپەت ئاشنالىرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمدە بولۇشى نەتىجسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد پىداكار شاگىرتلارنى تەربىيلەپ چىققان مۇشۇ مەزگىلىدە قەشقەردە «ياش قەشقەرلىكلەر» نامىدا بىر تۈركۈم جەدىتچە روھتىكى زىيالىي بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىجىتمائىي پائالىيىتى قەشەردە يېڭى جانلىنش مەنزىرسىنى پەيدا قىلغان. قاغىلىقتا تۇرۇپ قەشقەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە يىقىدىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئاتاقلىق شائىر، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قولىدا ئوقۇۋاتقان گۇمىلىق شاگىرتى ئابدۇجىلىلغا يازغان شئىرى مەكتۇبىدا «غازىنىڭ غەيرىتىدىن تۇغۇلغان غەۋغالارنى يېزىپ تۇرغىن» دەپ تاپلىغان. بۇنىڭدىن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەردىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات پائالىيەتلرىنىڭ ئەيىنى چاغدا ئۇيغۇر جەمىئيىتىدە بىر قىزىق تېما بوپقالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

ئەينى يىللاردا، يەنى 1920-يىللارنىڭ بىشىدا بولشۋىزىم بىلەن بىرىتانىيە كىڭەيمىچلىرنىڭ شىنجاڭغا بولغان سىڭىپ كىرىش قارا نىيىتى شىنجاڭنى ئۆزلىرنىڭ تەسىر دائىرسى ئىچىگە ئىلىش ئۇرۇنشلىرى قەشقەر ۋەزىيتىنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يىرىدىن چىققان. 1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللام ھەر قايسى مەدرسەدىكى تالپلارنى تەشكىللەپ شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلرىنىڭ ھەرىكتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. 1936-يىلى نەنجىڭدە نەشىر قىلنغان، زېڭ ۋىنۋۇ يازغان «جۇڭگۇنىڭ غەربى يۇرتىنى ئىدارە قىلش تارىخى» دېگەن كىتابتا يېزىلىشچە، «مىگۇنىڭ 12-يىلى قەشقەردىكى چوڭ مۇپتى ئابدۇقادىر دامۇللام خىرستيان كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا يامىراپ كىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن ھۆكۈمەتتن ژۇرنال چىقىرشقا ئىجازەت بىرىشىنى تەلەپ قىلغان لىكىن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى يېزىپ، تالىپلىرىغا ھەرقايسى مەسجىدكە چاپلاشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان. بۇنى ئوقۇغانلار ناھايىتى كۆپ بولغان. ئۈنۈمى چوڭ بولغان. مانا مۇشۇنداق ئىدىيۋى قۇزغىتش نەتىجسىدە قەشقەردىكى ئوقۇغۇچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۇپ، شۇئار تۇۋلاپ كوچىلارنى ئايلانغان. پىلاكاتلارنى كۈتۈرۈشكەن ئوقۇغۇچىلار مىسيونېىرلانىڭ تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى كۆيدۇرۇپ تاشلىغان، باسما ماشىنلرىنى پاچاقلىۋەتكەن. بۇ ئىش قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن. قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسىلخانىسى، شىۋىت مېسيونىرلرى ۋە سوۋىتلەر ئىتىپاقىنىڭ ئادەملىرى چۆچۈپ كەتكەن. «نامايىش كۆتۈرۈلگەن كۈننىڭ ئەتسىلا قەشقەر دوتىيى ئابدۇقادىر دامۇللام، مامۇ ھاجىم، ياقۇپ ھاجىم باشلىق 30ن يىقىن كىشىنى 40كۈن ھەپسىگە سولاپ قۇيغان.» ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئىشنى ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بۇيىچە ھەل قىلدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن. جۇڭگۇنىڭ فىئۇداللىق مەدەنيىتى ھەقىقدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن مۇتەپەككۇر ئەدىب لۈشۈن ئەپەندى جۇڭگۇنىڭ فىئۇداللىق جەمىئيىتىنى «ئادەمخۇر جەمىئىيەت» دەپ ئاتىغان. ئۇ جۇڭگۇ قىئۇداللىق جەمىئيتنىڭ نىگىزلىك ئىللەتلىرى ھەقىقدە توختىلىپ : «جۇڭگۇنىڭ كونا ئۇدۇمى شۇنداق، ئوقۇمشلۇق ئادەملەرنىڭ قۇرسىقىدا ئومۇمەن قانخۇرلۇق ئامىلىرى بولىدۇ. ئۇلار يولى ياتلارغا ھەر قاچان ئۆلۈم يولىنى راسلاپ قۇيىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. جۇڭگۇ فىئۇداللىقى جەمىئيتنىڭ مەھسۇلى مەككار سىياسۇن ياڭ زېڭشىن ئادەمخۇرلۇقتا ئۇچىغا چىققان فىئۇدال مەنسەپدار ئىدى ئۇ : «مائارىپى يوق مىللەت دۇم كۈمتۈرۈپ قۇيۇلغان قازانىڭ ئاستدىكى قوڭغۇزغا ئوخشايدۇ. جاھان مۇشۇ دەپ يۈرىۋىرىدۇ. نادان ئادەمىنى باشقۇرماق ئاسان، ئۇلارنى قۇيغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۆچۈن مەن ئۇلارغا مائارىپىنى بەرمەيمەن، ئۇلارنىڭ ئارسىدىن چىققان ھەر قانداق ئىقتىدارلىق ۋە ئەقىللىق كىشىنى دەرھال نەزەربەندى قىلىمەن. بىر باھانە تىپىپ يوق قىلىمەن» دېگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابدۇقادىر دامۇللامدىن ئىبارەت بۇ دانا ئىسلاھاتچىنى يۇقتىش مەقسىدىنى كالتە پەم، بۇرنىنىڭ ئۇچىنلا كۆردىغان، مۇناپىق مىجەز شەخسىيەتچى بايلار بىلەن ھەسەتخۇر ئۆلىمالارنىڭ غالچىلىق قىلىپ ماسلىششى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان.
قەتئى ئىرادىلىك – مۇرەسسەسىز ۋەتەنپەرۋەر پىداكار يولباشچى، مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى، ئوت يۈرەك جەدتىچى ئابدۇقادىر دامۇللام 1924-يىلى 14- ئاۋغۇسىت تاڭ سەھەردە قەشقەر شەھىردىكى ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستىلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلىقى ئۆچۈن زۇر يۇقىتىش ھىساپلانغان بۇ قاتتلىق پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كەتكەن. قەشقەردىكى ئىلغارلىققا مايىل كۈچلەر تۈركۈملەپ قولغا ئىلنغان. بىرقىسىمى تاشكەنت، ئەنجان، قاراقۇلغا، بىرقىسمى غۇلجىغا، يەنە بىر قىسمى شاڭخەي، تىيەنجىنگە قىچىپ قوتۇلغان. ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قەشقەر خەلىقى چەكسىز قايغۇ –ھەسىرەتكە چۆمگەن، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىئىلى ئەپەندى، شەمسىدىن دامۇللام قاتارلىق شائىرلار ئازابلىق ھىسياتى بىلەن مەرسىيەلەرنى يازغان، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى ھەسرەتلىك قۇشۇقلارنى تۇقۇشقان :

ئىتىڭ بەكمۇ چىرايلىق،
ئابدۇقادىر ئەمەسمۇ
خەلقىمىزگە يول باشلاپ،
ئۆمىرىڭ ئۈتكەن ئەمەسمۇ.

داموللام ئۆلۈپ كەتتى،
تالىپلار يېتىم قالدى.
سەن ياشىغان بۇ يۇتتا،
شەيتانۇ رەجىم قالدى.

مۇللام شىھىت بولدى،
ياتار جايى بېھىش بولدى.
دامۇللامغا قەشقەرلىك،
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.

ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئىدىئولوگىيەسىنىڭ شەكلىللىنشگە ئۇل سالغان، جەدىتچىلىك ئىدىيەسىنى ئۇيغۇر جەمىئيىتىگە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، تۇنجى ئىسلاھات ھەرىكتىنى قوزغىغان بۇ ئۇلۇغ يولباشچىنىڭ سۇيقەسكە ئۇچىرششى خەلىقىمىزنىڭ مىللىي ھاياتىدىكى زىيىنى ھەقىقەتەنمۇ زۇر تارىخى تىرۇرلۇق ئىدى. بۇ زۇر يۇقتىشىنى گويا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن ئىيتقاندەك «كىشىنى ئەسىرلەپ ئويلاندۇدىغان ۋە ۋىجىدان نەپرىتىنى قۇزغايدىغان پاجىئە بولدى» دەپ خاراكتىرلەشكە بولىدۇ. بۇ پاجىئە بىزنى شۇنىڭ ئۆچۈن ئەسىرلەپ ئويلاندۇردىكى، سەئىدىيە خانلىقىدىن كىيىن 300 يىللاپ داۋام قىلغان جاھالەت تۈتۈكلىرى ئىچىدە ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئوخلاپ كەلگەن غاپىل خەلىققە «بۇ ھالەتتە دائىم ئوخلىماق بەك – ——– يۇقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !» دەپ تەخرىسز ھىسىياتتا تۇنجى بولۇپ جاراڭلىق خىتاپ قىلغان ئەزىمەت ئابدۇقادىردامۇللام ئىدى كاللىسىدا زامانغا لايىق ھىچقانداق بىر ئاڭ چۆشەنچە يوق نادان خەلىققە مەرىپەتچىلىك، مىللەتچىلىك ئىڭىنى ئەڭ دەسلەپ سىڭدۇرگەن مۇنەۋەر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام ئىدى ! ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەستلىشدىن ئىبارەت بۇ پاجىئە شۇنىڭ ئۆچۈن بىزنىڭ ۋىجىدان نەپىرىتىمىزنى قۇزغايدۇكى، ئەسەرلەردىن بىرى نادانلىق، قاششقاقلىق، چۈشكۈنلۈك، چىچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە تىپرىلاپ كىلۋاتقان بىر خەلىقىنى سەگەكىلىك بىلەن ياشاشقا ئۈندىگەن، يېڭىلىققا يىتەكلىگەن ئىنسانى قەدىر –قىممىتى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلغان، ئادالەت ۋە سائادەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنشكە چاقىرىغان بىر دانا يولباشچىنى كاللىسى فىئۇدال ئاڭ – ئىدىيە بىلەن تولۇپ كەتكەن ئەكسىيەتچى مەنسەپدار ياڭ زېڭشىنىڭ كۆزىنى مىىت قىلماستىن يوق قىلۋەتكەنلىكىدۇر. بۇنداق قاباھەت قىلمىش فىئۇدال پادىشاھلىق شارئىتىدا كۆرۈلگەن بولسا، چۈشىنشكە بولسىمۇ، «4-ماي» دىن كيىن جۇڭگۇنى قاپلىغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى شارئىتىدا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نۇمۇسسىزلىق دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. بىزنىڭ ۋىجدان نەپىرىتىمىزنى قۇزغايدىغان يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئابدۇقادىر دامۇللامدەك مۇنەۋەر بىر يولباشچىنى يوقۇتقان رەزىل دۇشمەنلەر ئىچىدە بىزنىڭ ھاماقەت قىرىنداشلرىمىزىنىڭمۇ بار بولغانقىدۇر. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ تۆھپسى ۋە ئىدىيەسىگە زامانىمزىدىكى تەتقىقاتچىلار يۇقىرى باھالارنى بىرشىتى. پىروفسۇر ئازاد رەھمۇتۇللا سولتان ۋە جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نامىلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسەتلگەن : «ئابدۇقادىر دامۇللام مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە مەرىپەت پائالىيەتچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاسچىلىرنىڭ بىرى. 20 –ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلىپ بىرىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مەرىپەت ھەرىكتىدە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان، شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ئىدىيە مەدەنىيىتنىڭ مەرىپەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان»، «ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر نۇرلۇق چولپان ۋە يول ئاچقۇچى. ئۇيغۇر ھازىرقى ئەدەبىياتىدىكى جاھانگىرلىككە، فىئۇداللىزىمغا، نادانلىققا قارشى تۇرۇش، ئازادلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، تەرەققىيات، دېىمۇكىراتىيە تەلەپ قىلش ئىدىيەسى ئابدۇقادىر دامۇللامدىن باشلانغان.»

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانى