ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى

ئۇيغۇر - خانىم قىزلىرى

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

مەن جوڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان « بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟» دېگەن ماقالەمدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ « نەسھەتى ئامما» دېگەن ئەسىرىدىكى ئاياللارغا ئائىت بايانلاردىن نەقىل ئالغان ئىدىم. شۇنداقلا « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرۇپ يازغان « ئاياللار ۋە جەمئىيەت » دېگەن ماقالەمدىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۈگۈتلىرىدىن كۆپ مەنپەئەت ئالدىم. بۇ قېتىم شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى فىلىلوگىيە تارمىقىنىڭ بىر سىنىپىغا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن « نەسھەتى ئامما » دېگەن ئەسەرنى قايتا − قايتا ئوقۇپ كۆرۈپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر نەرسە يېزىپ بېقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى بۇ كۆز قاراشلىرى بىر خەلقنىڭ مائارىپىغا يېتەكچى ئىدىيە بولۇپ، شۇ مىللەتنىڭ مائارىپىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغۇدەك مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە ئىدى. ناۋادا بۇ ئىدىيە بىر مىللەت مائارىپى تەرىپىدىن ئاڭلىق، پىلانلىق قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ شۇ مىللەتنىڭ سەرخىللىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئائىلىلەرنىڭ يېتەكچى مائارىپ ئىدىيىسى قىلىنسا ئائىلىلەردە ئويلىمىغان ساپا ئۆزگۈرۈشلىرىنى پەيدا قىلالايتتى.
ئابدۇقادىر داموللام مۇنداق يازىدۇ: « ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىنىڭ پەرزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭغا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشىمىز، (نۆۋەتتە) خوتۇن – قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم. چۈنكى كىچىك بالىلار نادان، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر.ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا، پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار، ئىسلامىيەتكىمۇ زىيان يەتمەس. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ. ھەدىستىمۇ < ھەر بىر پەرزەنت تۇغۇلۇشتا ئەيىپسىز، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى − يامان بولىشى ئاتا − ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق دېگەن مەزمۇن بار.> »ئابدۇقادىر داموللام ئىسلام دىنىنىڭ ئۆلىماسى ۋە ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردە ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىنىڭ پەرزلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى پەرز دېگەن نېمە؟ ئاللا تەرىپىدىن بۇيرۇلغان، ئىجرا قىلمىسا بولمايدىغان قانۇندۇر. دېمەك، ئەرلەرنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى پەرز بولۇپلا قالماي ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىمۇ پەرزدۇر. ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان تەربىيە جەريانىدۇر. چۈنكى، ھەر قانداق ئايال ئانا بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ قورسىقىدا تۆرىلىمىز، ئۇ بىزنى قورسىقىدا توققۇز ئاي توققۇز كۈن پەرۋىش قىلىپ ئاسراپ، نەچچە قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىپ تولغاق تارتىپ بۇ دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. بىز چوڭ بولۇپ بولغۇچە بىزنى پوق − سۈيدۈكتىن خالاس قىلىپ، قەلبىمىزنى ئانىلىق مېھرى بىلەن سۇغىرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا تۇنجى تەربىيىنى قوبۇل قىلىمىز.مۇشۇ نوقتىلاردىن ئويلىغاندا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ تەربىيلەش ھەقىقەتەن زۆرۈر. چۈنكى بىز بۈگۈن يۈزلىنىۋاتقان مائارىپ بۇنىڭدىن تۆت − بەش يۈز يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن، ياۋۇرپا ئەدەبىيات − سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە مەنسۇپ مائارىپ شەكلى بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ بۈگۈنكى قۇدرىتى ئۈچۈن ئاساس سالدى ۋە تارىخقا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خىل مائارىپ ئوخشاش ياشتىكى ۋە تەربىيىلىنىش نوقتىسىدىن باشلىنىش نوقتىسى ئوخشاش بولغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق مەدرىسە مائارىپىدىن پەرقلىق ھالدا گۇمانىتارلىقنى مائارىپنىڭ ئاساسىي ئىدىيە، ئىلىم − پەن ئۆگۈتۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان مائارىپ ئىدى. ئارىدىن يېرىم ئىراچە ۋاقىت ئۆتتى. دۇنيانىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى بىلەن بۈگۈنكى مائارىپ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ھاڭ پەيدا بولۇپ ئورتاق ھالدا پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىك مائارىپ ئىسلاھاتى چۇقانلىرى پەيدا بولدى. پىسخولوگىيە ۋە پىداگوگىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ زۆرۈرلىكىنى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى.بۈگۈنكى مائارىپنىڭ ئاساسى ياش پەرقى ۋە بىلىم پەرقىنى ھېسابقا ئېلىش ئاساسىدا سېلىنغان بولسا، بۈگۈنكى ئىسلاھات چۇقانى سالغۇچىلار ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىكى تۇغما ئەقىل (يەنى تۇغما تالانت) ۋە پىسخىكا پەرقى ھېسابقا ئېلىنىدىغان بىر مائارىپنىڭ بولۇشىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يېڭى تەلىپى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. چۈنكى، بۈگۈنكى مائارىپ ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتى تالانتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىش بىلەن بىرگە مائارىپتا بالىلارنىڭ تالانت بۇلىقىنى ئېچىشقا پايدىلىق بىر تۈزۈلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
دېمەك، بۈگۈن كىشىلەر ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ ئەقىل پەرقى ۋە پىسخىكا پەرقىنى ئېتىراپ قېلىشقا يۈزلىنىپ قالماي، يېشى ئوخشاش لېكىن جىنسى ئوخشىمايدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەقىل ۋە پىسخىكا نوقتىسىدا نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەن ئېلىشقا باشلىدى. دېمەك، پەرق بولغانىكەن پەرقنى بايقاپ تەربىيلىنىش جەريانىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش، بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مائارىپ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەش زۆرۈر. شۇنداقلا پىسخىك ۋە ئەقلىي پەرقلەرگە ئاساسەن بالىلارنى ئايرىم تەربىيە توپىغا ئايرىش تېخىمۇ زۆرۈر. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ نۆۋەتتە خوتۇن قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلىشىمۇ بىر خىل ئالدىن كۆرەرلىك . بىر قارىماققا بۇ گەپلەر مۇتەئەسسىپلىكتەك، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى كەمسۇندۇرىدىغان تۇيىلىدۇ. لېكىن، ئىلمىي نوقتىدىن كۈزەتكەندە ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ بىر خىل تېخىمۇ زور ئىلمىيلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بىز بۈگۈن قىز − ئوغۇل ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىلەن ئەقىلنىڭ يېتىلىش پەرقىنى تەن ئالىمىز. پىسخولۇگلار قىزلارنىڭ تەڭ ياشتىكى ئوغۇللارغا قارىغاندا تىز پىشىپ يېتىلىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بىزگە ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ يەردىكى تىز پىشىپ يېتىلىش ئەلۋەتتە جىسمانى نوقتىدىكى بۇرۇن پىشىپ يېتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي ئەقىل نوقتىسىدىكى پىشىپ يېتىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇنداق بولغانىكەن بالىلارنى تەربىيىلەشتە نوقۇل ھالدا ياش پەرقىگە ئېسىلىۋېلىش ۋە جىنسىي پەرقنى يوققا چىقىرىپ ھەممە بالىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە ئۇرۇنۇش، بۈگۈنكىدەك پىسخولوگىيە قاتارلىق مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولۇۋاتقان ۋە مائارىپنى نۇرغۇن قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك تەجرىبە نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان كۈندە قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
ئۇنداقتا خوتۇن − قىزلار ئۈچۈن ئايرىم مەكتەپ ئېچىش دېگەن ئىدىيىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
دۇنيادىن ئىبارەت ئويۇن سەھنىسىدە ئەر ۋە ئايالنىڭ ئالىدىغان رولى زور دەرىجىدە پەرقلىق. لېكىن ئۇلارنى باراۋەرلىك نوقتىسىدىن ئاياللارنى ئەرلەرگە ئوخشاش رول ئېلىشقا دەۋەت قىلىش ۋەياكى مەجبۇرلاش ۋەياكى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئاستىن − ئۈستۈن قىلىۋېتىش ئاياللىق نازاكەت ۋە ئەرلىك جاسارەت كەبى خاس ئامىللارنىڭ ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى ۋە خاس تەۋەلىكىدىن ئاجراپ ئۆزى تەۋە بولمىغان ئوبيېكىتلارغا تەۋە بولۇپ قىلىشىغا ئوخشاش نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش جاسارەتكە ئىگە بولسا مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ، ھازىرغا قەدەر مەدھىيلەپ كەلدۇق. لېكىن نېمىشقا بۇ ئايال ئاشۇنداق رول ئېلىشقا، ئەرلەردەك جاسارەت كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولدى؟ ئۇنداقتا جاسارەت كۆرسىتىشكە تىگىشلىك ئەرلەر نەگە كەتتى؟ دېگەن سوئاللارنى كاللىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەرلەر ئاياللاردەك نازاكەتلىكلىشىپ كەتسىچۇ؟ دېگەن سوئال ھەققىدە ئويلاپ باقمىدۇق. ئەلۋەتتە بۇنداق ئويلىنىش بىزنى ھەسرەتكە سالىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئېلىشقا تىگىشلىك روللاردىن چەتنەپ كېتىشى ياكى باشقا روللارنى ئېلىپ قېلىشى، موزدۇزنىڭ تېۋىپ بولۇپ، تېۋىپنىڭ تامچىلىققا مەجبۇرلىنىشى قىيامەتنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى. ھەرقانداق نەرسە ئۆز رولى ۋە ئۆز خۇلقى بىلەن گۈزەل.دېمەك، ئايرىم مەكتەپ ئېچىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى تەربىيىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلغىلى، ئەر ۋە ئاياللارنى ئۆز خۇلقى بىلەن تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى رول ئېگىسى ئۆز رولىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئورۇنلارش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا، شۇنداقلا ئۆز رولىنىڭ قەدىر − قىممىتىنى ھېس قىلالىسا، ئاياللار ئاياللىق خىسلەت − خۇلۇقلىرىغا باي، ئەرلەر ئەرلەرگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن گەۋدىلەنسە، ئىككىسى ئۆزىگە خاس رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالسا، مانا، بىر جەمئىيەتنىڭ بەختى ئەمەسمۇ؟
مەخسۇس مەكتەپلەر بولغانىكەن مەخسۇس تەربىيە بولىدۇ. بالىلار جىنسىي پەرق يوق ئارىلىشىپ ئوقۇغان مەكتەپلەردە يول قويغىلى بولمايدىغان بەزى دەرسلەرنى بۇ مەكتەپلەردە تامامەن يولغا قويغىلى بولىدۇ. ھەتتا قىز − ئوغۇللارنى پىسخىك ۋە ئەقىل پەرقى بويىچە تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. تەربىيە تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ. بەزىلەر ئايرىم مەكتەپلەرگە ئايرىشنى قىزلارغا ئۆي تۇتۇشنى، يېڭنە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىتىش دەپ ئاددىي چۈشىنىدۇ ۋە بۇ خىل ئايرىشنىڭ مەقسىتىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. لېكىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نەزىرىدىكى ئايرىش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. بەلكى پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيەنى چىقىش قىلغان، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىنىشنى ئىلمىي كۆزىتىش ۋە يەكۈنلەشتىن كېلىپ چىققان.ناۋادا خانىم − قىزلار ئايرىم مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئانىلىق قەدىر قىممەت، ئاياللىق ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىڭ مەنىسىنى ۋايىغا يېتىپ چۈشۈنۈپلا قالماي بىر پىداگوك سۈپىتىدە تەربىيىلەنسە بالىللىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىپ ۋايىغا يېتىشى تېخىمۇ ئوڭايلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تالانتنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقان بىخلىرىنى بايقاش تېخىمۇ ئوڭايلىشاتتى. چۈنكى بىر بالىنى ئانىسىدەك چۈشىنىدىغان يەنە بىر شەخسنىڭ بولۇشى ناتايىن. ناۋادا ئانا ئانىلىق رولىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ھەقىقىي بىر پىداگوك رولىنى ئالسىچۇ؟ ناۋادا بىر ئايال تەبىئەت ئاياللارغا يۈكلىگەن رولنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ ئۇنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىسىچۇ؟ شۇنداقلا، ئەنە شۇنداق ئايرىم مەكتەپلەردە ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئىلمىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئەركەككە ئوخشاش چوڭ بولغان بىر ئەر بىر ئايالنىڭ ئەنە شۇنداق رولىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنى چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن پەرۋىش قىلسىچۇ؟
مېنىڭچە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقان جەمئىيەتكە قارىغاندا بۇنداق پەرق ئىلمىي ھالدا تونۇلۇپ ۋايىغا يەتكۈزىلىۋاتقان، ھەركىم ئۆز رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىۋاتقان جەمئىيەت تېخىمۇ بەختلىكتۇر، ناۋادا ئەرنىڭ لامزەللىكى(لامزەللىك ماھىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنىڭ يېگلەپ كېتىشىدۇر)تۈپەيلىدىن بىر ئايال ئائىلىدە ئەرلەردەك ھېممەت ۋە جاسارەت كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولسا شۇ ئايالغا مەدھىيە ئوقۇيمىز، ئەرنى ئەيىبلەيمىز. ناۋادا بىر ئەر ئايالىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يۈرىكىنى قاندۇرۇپ ئۆز ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشسا بىز بۇنداق ئائىلىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. بۇنداق ئائىلىلەر شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ساغلام ھۈجەيرىللىرىدۇر.
ناۋادا ئايالنىڭ ساپاسىزلىقىدىن قەلبى ئۇسسىغان ئەر بۇلاقتا تۇرۇپ ئۇسسىزلىق ھېس قىلسىچۇ؟
خوش، ئاياللارنى تەربىيلەش پەرز. ئۇنداقتا ئۇلارنى قانداق تەربىيلەش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا بۇ پەرزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغىلى بولىدۇ؟
ئەڭ ئاۋۋال ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئاياللارنى تەربىيلەش پەرز دېگەن ئوينى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئىلمىي ئەھمىيى
تىنى تونۇتۇش كېرەك. شۇندىلا بۇ ھۆكۈم بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ماياكقا، بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا رىئايە قىلىدىغان قانۇنغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە ئاياللارنى تەربىيلەيدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئابدۇقادىر داموللام تىلىغا ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم مەكتەپ ئېچىش ھەركىتىدۇر. ئۈچىنچى قەدەمدە شۇ مەكتەپتە ئىجرا قىلىنىدىغان مائارىپ پىروگراممىسى بەرپا قىلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىزنىڭ تەربىيە خىزمىتىمىز تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىدۇ. بىز ھازىر تەكىتلەۋاتقان ئىناق جەمئىيەتمۇ مانا شۇندىلا تېخىمۇ ئوڭاي بەرپا بولىدۇ.
«كىچىك بالىلار نادان، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر.» دەيدۇ ئابدۇقادىر داموللام.
بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەشنىڭ شەرتى ئاياللارنى ياخشى تەربىيىلەش. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ ئاياللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئاياللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئابدۇقادىر داموللام 1924- يىلى جاھالەتنىڭ ھامىيلىرى تەرىپىدىن قەتلە قىلىندى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆلمەس ئىدىيىلىرى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كېلىپ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي مىراسىمىزغا ئايلاندى. ھازىر بۇ مىراسلار بىزنىڭ ۋارسلىق قىلىپ نۇرلاندۇرىشىمىزنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.