ئالتۇن قەدىمقى شەھەر خارابىسى

ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسى شايار ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، ئېنىق ئورنى ھازىرقى 74 – نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقى جايلاشقان قۇملۇق ئىچىدە. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ھازىرچە ساقلانغان قالدۇق سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىرچە، ئەڭ ئىگىز جايلىرى تۆت مېتىرچە كېلىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر ئۈچ قات سېپىل بىلەن قورشالغان. تاشقى سېپىل قۇم ئاستىدا قالغاچقا، ئورنىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، ئارا، ئېچ سېپىل بىلەن ئوردا ئارىلىقى تەخمىنەن 200 مېتىر كىلىدۇ.

ئالتۇن قەدىمكى شەھىرىنىڭ سېپىللىرى سېغىز توپىنى چىڭداپ قۇپۇرۇلغان. ھازىرقى قالدۇق سېپىل خارابىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكى بۇزۇۋېتىلگەن، شەھەر ئىچى ئاساسەن قۇم ئاستىدا قالغان. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۆلىكىدە بىر چوڭ قەبرە بولۇپ، قەبرە ئەتراپىدىن قاشتېشى ئوق بىلەن قاشتېشى قەلەم، چىپار تاشتىن ياسالغان بىر دانە ئۈزۈك پارچىسى بايقالغان. بۇ بۇيۇملار ھازىر ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش ئورنىدا ساقلانماقتا. قەبرىنىڭ ئەتراپىدىن يەنە ئىككى دانە مىس تۈگمە تېپىلغان. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ سىرتىدا شىمالدىن جەنۇپقا سوزۇلغان چوڭ قۇملۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىلىقىدا ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ روشەن ئىزناسى بار. ئۆي ۋە ئىمارەتلەرگە قىزىل سېغىز توپا ئىشلىتىلگەن. بۇ يەردە قىزىل سېغىز توپىدا قۇپۇرۇلغان ئىككى قەبرە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى كىشىلەر ” تەتۈر قەبرە “دەپ ئاتىشىدۇ. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ساپال بۇيۇملاردىن دىئامېتىرى 2.3 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 10 سانتىمېتىر، ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى بار بىر ئۇرچۇق، يەنە كوزا، ئىدىش، ئىۋرىق، تەخسە، تۇۋاق، قەدەھ قاتارلىقلارنىڭ پارچىلىرى، مىس بۇيۇملاردىن ئات ئىگىرىنىڭ مىستىن ياسالغان ئىلغۇچى؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر، كەڭلىكى1.9سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 2.3 سانتىمېتىر كىلىدىغان ئىككى دانە مىس تۈگمە، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 2.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان مىستىن ياسالغان مۆھۈر قاتارلىقلار بار.

ئالتۇن قەدىمكى شەھىرى نىمە سەۋەپتىن ئالتۇن شەھىرى دەپ ئالتالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. بۇ ھەقتە پەقەت كىشىلەر ئارىسىدا بىر قانچە قىياسىي قاراشلار بار. بۇ ھەقتە بەزىلەر بۇ قەدىمكى شەھەردىكىلەر بۇرۇندىن ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق بايلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلگەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ” ئالتۇن شەھەر” دەپ ئاتىۋالغان دېسە؛ بەزىلەر، بۇ شەھەردە بۇرۇنقى ئىنسانلار ئالتۇننى پىشىقلاپ ئىشلەپ چىقارغان ئالتۇن شەھەر ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ نامى” ئالتۇن شەھەر” بولغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر بۇرۇندىن بۇرۇنىسىدا بۇ شەھەرنى ئالتۇن ئىسىملىك بىر قەبىلە باشلىقى بىنا قىلىپ، شەھەر نامىنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئالتۇن شەھىرى، دەپ قويغان ئىكەن دېيىشىدۇ. بۇ ئۈچ قاراشنىڭ قايسىسى توغرا، قايسىسى خاتا، بۇ ھەقتە ئىنىق بىر نىمە دىەىلى بولمايدۇ.

دېمەك، ئالتۇن قەدىمى شەھەرخارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە تاش قۇراللارغا، ساپالچىلىققا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىس تۆمۈر بۇيۇملار بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمكى شەھەردە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دېيىشكە بولىدۇ.

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ : ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﻰﺗﻮﺭﻯ