ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە

ئاپتور: ئەخمەتجان ھەسەن

مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «ئاپپاق خوجا» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاننىڭ 17– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمائىلخان تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەئىدىيە سەلتەنەتىنىڭ تەختىنى تارتىۋېلىش، ئۆچ ئېلىش، قارشىلىشىش ئوي– خىياللىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىلچەئۇيالماستىن ۋە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەستىن تىبەتكە بىرىپ لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيىسى دالاي لاماⅤكە ئۆز «قىيىنچىلىقى» دىن ھال- داتلاشتا قايسى يوللار ئارقىلىق بېرىپ كەلگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئاپپاق خوجا؛ قاچقۇن ھايات؛ تىبەتكە سەپەر

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاپپاق خوجا يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلانغان ۋاقىت تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلارغا ئۇيرات موڭغۇللىرى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ھەم ئۇلارنىڭ سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ـــ جۇڭغار خانلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، يەكەن خانلىقى بولسا كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ پەقەت تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلارنىلا ئىدارە قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، خانلىق تەۋەسىدە تەپرىقچىلىق، ئىچكى نىزا، مەزھەپچىلىك، پىرقىۋازلىق، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئېغىرلىشىۋاتقان، مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى بولغان خوجا– ئىشانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا باشچىلىقىدىكى ئاقتاغلىق ئىشانلار گۇرۇھىنىڭ كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا قول تىقىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان، «ئاقتاغلىق» سوپى– ئىشانلار بىلەن «قاراتاغلىق» سوپى– ئىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگە جىدەل كۈچەيگەن ۋاقىت ئىدى.

17- ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى زالىم، ئىسيانكار يولۋاسخاننى ئۆلتۈرۈپ يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئىسمائىلخان «ئاقتاغلىق» ۋە «قاراتاغلىق» تىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك، قىساس تۈسىنى ئالغان كۈرەشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ خانلىقتا تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، خانلىق ھوقۇققا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتنى يوقىتىش ۋە ئۆزىنى قوللىغان قاراتاغلىقلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاقتاغلىق ئىشانلار گۇرۇھىنىڭ پىرى ئاپپاق خوجىنى يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقارغان.

ئاپپاق خوجا ناھايىتى زېرەك بىر سىياسىي قارانىيەتچى بولۇپ، ئۇ شۇ دەۋردە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭغار خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تىبەتتىكى دالاي لاماⅤنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان، سۆزىنى يىرمايدىغان، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى جان دەپ ئورۇندايدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى، يەكەن خانلىقىغا تاقابىل تۇرالايدىغان سىياسىي كۈچنىڭ جۇڭغار خانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەن. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتىكى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نەزەر سالساق، 17– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 18– ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر مەزكۇر رايوندا مۇستەھكەم ھاكىمىيەت ئاساسىغا ئىگە بىرەر خانلىق تېخى روياپقا چىقمىغان بولۇپ، پەقەت بىر– بىرى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ئۇرۇش– جېدەل قىلىپ كېلىۋاتقان بۇخارا خانلىقى بىلەن خىۋە خانلىقى بار ئىدى. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، شۇنداقلا يەرلىك بەگ– ئەمىر ۋە خوجىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھ ۋە تەبىقىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىققان زىددىيەتلەر ئاپپاق خوجىنىڭ ئاتا– بوۋىلىىرى ياشاپ ئۆتكەن پەرغانە ۋادىسىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەخت تاجىنى بېشىغا كېيىش «ئارزۇ» سىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىسىز ئىدى. شۇڭا، ئۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى يەكەن خانلىقىغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر رايوننى يۇتۇۋېلىش غەرىزىنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، جۇڭغار خانلىقىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. شۇنداق قىلىپ تارىخىمىزدا ئۆتكەن بۇ «ئۇلۇغ ئەۋلىيا»نىڭ «ئارزۇ»سى ئۇنىڭ جۇڭغار خانلىقىنىڭ 3- خانى غالدانغا يول باشلىشى ۋە ھەمدەمدە بولۇشى بىلەن ئىشقا ئاشقان.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپپاق خوجىنىڭ تەخت، ھوقۇق، ئەمەل– مەنسەپلەرنى پۈتۈنلەي ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش «قىزغىنلىقى» دىن قىلچە بوشاشماي، سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 12 يىل «جاھان كېزىش» نامى بىلەن كۆپ يەرلەرنى ئارىلاپ، ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئاخىرى تىبەتتىكى لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى دالاي لاماⅤنىڭ قېشىغا بارغانلىقى، ئۇنىڭ خوجا– ئىشانلارنىڭ «تەخت- سەلتەنەت» ىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مەقسەتلىك، غەرەزلىك ۋە پىلانلىق باسقان تۇنجى قەدىمى ئىدى.

بۇ ھەقتە تەزكىرە– قوليازمىلاردا ۋە تارىخىي ئەسەرلەردە كۆپلەپ مەلۇمات قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر– بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق پەرق، بەزى ئەسەرلەردە ئاپپاق خوجىنىڭ جاھانكەزدىلىك ھاياتى 10 يىل داۋاملاشقان دېيىلسە، يەنە بەزىسىدە 12 يىل داۋاملاشقان دېيىلگەن (قايسى كىتابنىڭ نەچچىنچى بېتىدە شۇنداق دېيىلگەن؟ ئېنىق بولسۇن). تىبەتكە بېرىشى توغرىسىدا بەزى ئەسەرلەردە لەنجۇ، چىڭخەي ئارقىلىق بارغان دېيىلسە، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا كەشمىر ئارقىلىق بارغان دېيىلگەن (قايسى كىتابنىڭ نەچچىنچى بېتىدە شۇنداق دېيىلگەن؟ ئېنىق بولسۇن). لېكىن بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي لاماⅤدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ «تونۇشتۇرۇش خېتى» نى ئېلىپ جۇڭغار خانى غالداننىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىدۇر.

دېمەك، ئاپپاق خوجىنىڭ يەكەن خانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى سەرگەردانلىق ھاياتى قانچىلىك داۋاملاشتى؟ تىبەتكە بېرىش ئۈچۈن قايسى يولدا ماڭدى؟ دېگەن مەسىلە تەتقىقات ساھەسىدە ھازىرغىچە تالاش– تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. مەزكۇر ماقالىدە، مەن ئاپپاق خوجىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە دائىر تارىخىي تەزكىرە ۋە قوليازمىلارغا، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن سۆز– چۆچەكلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، قايسى خىل قاراشنىڭ تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقماقچى.

ئاپپاق خوجىنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئىچىدە ئەڭ تەسىرى بار مەلۇمات ئېكسپېدىتسىيەچى چوقان ۋەلىخانوف[①]نىڭ مەلۇماتىدۇر. ئۇ 1858~ 1859– يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، ئاھالىسى، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، پەۋقۇلئاددە ھەربىي ۋەزىپە بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگەنىدى. ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە بىلىملىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۆزىنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەر بىر جاينىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، ھاۋا كېلىماتى، ئاھالىسى، خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ– ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىگىلىگەن ماتېرىياللارىدىن ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرە يېزىپ ماڭغان. جۈملىدىن ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىدىمۇ، ناھايىتى مول ماتېرىيالغا ئېرىشكەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە بولغان تارىخى، خوجىلارنىڭ بۇ زېمىنغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. ئۇ قەشقەردىكى پائالىيىتى جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللىرىدىن بىر قىسمىنى تاللاپ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان» نى تۇنجى بولۇپ ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى ئالىملارنىڭ بۇ ئەسەرگە بولغان قىزىقىشى قوزغىلىپ، بۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەنىدى. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ 1858~1859– يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىدا يازغان كۈندىلىك خاتىرىلىرى، تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئۇنىڭ «ئالتىشەھەرنىڭ 1858~1859– يىللىرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا ئىلان قىلىنغان. ۋەلىخانوف مانا شۇ ماتېرىيالىدا خوجىلار ھەققىدە خېلى كەڭ توختالغان بولۇپ، ئۇ: «قاراتاغلىقلارنىڭ مۇرىتى بولغان يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمائىل خان ئاپپاق خوجىنى يەكەن خانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. خوجا ھىدايەتۇللا كەشمىرگە قاچىدۇ ۋە ئۇ يەردىن تىبەتكە بارىدۇ. ئۇ دالاي لامانى تاۋاپ قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ، دالاي لاما ئۇنىڭغا بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بېرىپ، غالدان بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرۇيدۇ»[②]دەيدۇ.

ۋەلىخانوفنىڭ يۇقىرىقى مەلۇماتى 1861– يىلى «رۇسىيە خان جەمەتى جۇغراپىيە ئىلمىي جەمىئىيىتى ژۇرنىلى» نىڭ 3– سانىدا ئىلان قىلىنغان. جون مىشىر بىلەن روبىرت مىشىر ئۇنى ئىنگلزچىغا تەرجىمە قىلىپ، «رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيادا» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ۋەلىخانوفنىڭ كۆزقارىشى ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تېزلا دىققىتىنى قوزغاپ، بارتولدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ سانلىق ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئەنگلىيەلىك ئالىم ئېلىئاس (N.Elias) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەلىخانوف يۇقىرىقى دوكلاتىنى يېزىشتا ئاساسلىقى مۇھەممەد سادىقنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلانغان، مەزكۇر ئەسەرنى روبېرت شاۋ (R.shao)1897- يىلى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. گەرچەروبېرتشاۋ بۇ ئەسەرنى تولۇق ۋە مۇكەممەل تەرجىمە قىلالمىغان بولسىمۇ (ئۇ تەرجىمىدە قىينالغانلىقتىن، خېلى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن)، لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنىڭ مۇھەررىرى ئېلىئاس مەزكۇر ئەسەرگە ھەجىم جەھەتتىن خېلى ئۇزۇن ھەم تەتقىقات خاراكتېرلىق بىر مۇقەددىمە يازغان بولۇپ، ئۇزۆرۈر ئىزاھلارنى قوشۇپ«مۇقەددىمە ۋە باھا» دەپ ئاتالغان سۆز بېشى ئورنىدىكى بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىلان قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات بولۇپ،1898– يىلى كالكۇتتادا نەشر قىلىنىۋاتقان «بېنگال ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (JASB) نىڭ 66– جىلد 1- سانىنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان«تەزكىرەئى ئەزىزان» نىڭ بۇ تەرجىمىسىغەرپ ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ،ئۇلار تەرىپىدىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەملىكىتىمىزدە چېن جۈنمۇ ئەپەندى بىلەن جۇڭ مېيجۇ ئەپەندى روبېرت شاۋ تەرجىمە قىلغان«تەزكىرەئى ئەزىزان» نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسى 1980– يىلى ئىشلىگەن «مىللەتلەر تارىخىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلار توپلىمى» نىڭ 8– توپلىمىغا كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدە سەئىدىيە خانلىقى تارىخى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىدا بۇ ئەسەردىن كەڭ پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئاپپاق خوجىنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى ھەققىدە يۇقىرىقى تەرجىمىدە:«ئىسمائىلخان ئاپاق خاجامنىكاشىغەردىن ھەيدەپ چىقارغاندا، خىراج قىلىپ شەھەر بىشەھەر يۈرۈپ كەشمىر ۋىلايەتلىرى بىلەن كۆزلەرى چىن مەملىكىتىگە چۈشۈپ، ئاندىن يۈرۈپ‹جۇ›دېگەن كافىرلەرنىڭ بۇتخانىسىگە چۈشتىلەر. ئاندا چىن كافىرلەرىدىن بەرەھمەنلەر بار ئىدى»[③]دېيىلگەن بولۇپ، ئاپپاق خوجا ئۆزىنىڭ «كەشپ- كارامەتلىرى» بىلەن ئۇلارنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ، كۆڭلىنى ئۇتقاندىن كېيىن، ئۇلار ھىدايەتۇللا ئىشاندىن ئۇنىڭ كىملىكى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىغان. بۇ ھەقتە«تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق كىتابتا: «سوئال قىلدىكى:‹كىمدۇرسىز؟ قايسى تەرەپتىن كىلۇرسىز؟›ھەزرەت ئەيدىلەر: ‹مەن مۇسۇلمان فىرقەلەرىنىڭ ئالىم، سەيدزادىسىدۇرمەن، خۇسۇسەن ياركەند، كاشىغەر خەلقى مۇرىت- مۇخلىسىم ئەردى. ھالا بۇ شەھەرلەرنى بىراۋ مەندىن سويۇپ ئالدى ۋە مېنى قوغلاپ چىقاردى. سىزدىن ئىلتىماس قىلادۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئالىپ بەرگەيسىز›»[④]دېيىلگەن. دالاي لاما ئاپپاق خوجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانى غالدان بۆشۇكتۇغا خەت يېزىپ بېرىدۇ، ئاپپاق خوجا ئۇ يېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ جۇڭغار خانى غالداننىڭ قېشىغا بارىدۇ. بۇ ھەقتە«تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق كىتابتا:«بەرەھمەن ئەيدى: ‹بۇ يەردىن ئۇ يەرگە لەشكەر بارماغى دىشۋار› دەپ قالماققا خەت پۈتتى»[⑤]. «ئى بىشەۋكەتى خان، ئافاق بىسيار ئۇلۇغ، ئۆز دىنىدا كامىل مۇئەككەل كىشىدۇر. كاشىغەرنىڭ، ياركەندنىڭ خاجەسى ئىكەن. ئىسمائىلخان دېگەن مۇنىڭ يۇرتىنى سويۇپ ئالىپتۇ. كېرەككى لەشكەر ئىبەرىپ، يۇرتىنى قولىغە ئالىپ بەرگەيسەن ۋە ئەگەر سەۋەپ قىلماسەڭ مۈشكۈل بولغۇسىدۇر»[⑥]، «خاجە ئافاق بۇ خەتنى ئالىپ، قالماق تۆرەسىگە يەتكۈزدى. تۆرە كامال تەۋازۇئ بىرلە خەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆز لەشكەرى بىرلە كاشىغەرغە يۈزلەندى»[⑦]دېيىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۆزىنى قەشقەر، يەكەننىڭ خوجىسى، سەييىدزادىسى دەپ ئاتاپ كەلگەن ئاپپاق خوجىنىڭ بۇ خەتنى كۆتۈرۈپ غالداننىڭ ئالدىغا كېلىشى، ئۇزاقتىن بېرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنىڭ شىرىن چۈشىنى كۆرۈپ، چىشىنى بىلەپ ئولتۇرغان غالدانغا ئالەمچە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنىدى.

19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغان «ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى ــــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىىسى» دە: «جانابى ئاپاق خوجام بۇ نۆۋەت جاھاننى 10 يىل ساياھەت قىلدى. ئاخىرى خىتاي مەملىكىتىگە باردى، لەنجۇ شەھىرىگە يەتتى. لەنجۇ خەلقىنىڭ ئىنتايىن تولالىقى بىلەن ئاۋات ئىدى، ئۇ چاغلاردا خىتايلار قالماقلاردىن تولا ئەندىشە قىلاتتى. ئاپاق خوجام شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تۇڭگان مەسچىتىگە چۈشتى، مەسچىتنىڭ سەيناسىدا بىر تۈپ ئاچچىق ئۈرۈك بولۇپ، مېۋىسى زەھەر ئىدى، ھەر كىم يېسە ئۆلەتتى. بۇ ئەھۋالدىن ھەممە خەلق ھەيران قالغانىدى. بۇ مەسچىتنى سۈپۈرۈدىغان جارۇپكەش مۇنداق دېدى: سىزلەر مۇساپىر ئىكەنسىزلەر، مۇنۇ ئۆرۈكنىڭ مېۋىسىدىن يەپ سالمىغايسىزلەر، بۇ ئۆرۈك بۇ يىل زەھەر بولۇپ قالدى. ئاپاق خوجام مۇنداق دېدى: دەرەخنىڭ مېۋىسىنى زەھەر قىلغانلىق خۇدانىڭ قۇدرىتىدۇر، يەنە ئۇ زەھەردەك مېۋىنى بىز ئۈچۈن ھەسەلدەك قىلىپ بېرىشكىمۇ قادىر، ھەسەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ، تازا پىشىپ تۇرغان ئاچچىق ئۆرۈكنى ئاپاق خوجام مۇبارەك قولى بىلەن ئىرغىتتى، مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشتى. ئاپاق خوجام: ئەي يارانلىرىم ئەندىشە قىلماي يەڭلار دېدى. سوپىلار دەرھال يېدى. تۇڭگانلار ئەھۋالدىن قورقۇپ ئۆزلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا مەلۇم قىلدى. كاتتىباش تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ ھېچ نەرسە تاپالمىدى. خادىملار بۇ ئەھۋالنى كاتتىباشقا مەلۇم قىلدى، كاتتىباش خاقانىغا مەلۇم قىلدىكى، بۇ شەھەرگە مۇسۇلمان سودىگەرلىرىدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەر پەيدا بولدى، سودىگەرمىكىن دېسەم رەخت- ماتالىرى يوق، قاچقان ئەسكەرلەرمىكىن دېسەم جەڭ ئەسۋاپلىرى يوق دېدى. خان: بۇ مۇساپىرلار بىر ئىشتىن خالىي ئەمەس، بىر قانچە كۈن ئېھتىيات بىلەن دىققەت قلىڭلار دېدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خان ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى. بۇ يۇرتتىكى پۈتۈن تېۋىپلار خاننى داۋالاشقا ئاجىزلىق قىلدى. چۈنكى ھەزرىتى ئاپاق خوجامنىڭ دىلى خاندىن رەنجىگەن ئىدى، شۇڭلاشقا خانغا كېسەل چاپلاشتى. چىراغچىلار، قۇرئەندازلار دېدىكى: خاننىڭ كېسىلى مىجەزىنىڭ ۋە تەبىئىتىنىڭ ئېگىز- پەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كىشىنىڭ دىلى خاندىن ئاغرىغان ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن خان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپتۇ، دىدى. خان ھەزرىتى ئاپاق خوجامغا خەت ئەۋەتتى: جانابلىرىغا يامان گۇمان بىلەن قارىغان ئىكەنمىز، ئۆزرىمىزنى قوبۇل قىلىپ گۇناھىمىزنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى سورايمىز دېدى. ئاپاق خوجام تۈكۈرۈكىگە بىر ئاز سۇ ئارىلاشتۇرۇپ بىر شىشە قۇتىغا سالدى ۋە خانغا ئىبەرىتتى، خان شۇ زامان ساقايدى. خان رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەر خىل رەخت- ماتا، زىلچە- گىلەملەرنى 40 تۆگىگە يۈكلەپ خوجامغا سوۋغا قىلدى. خان لەنجۇ تەۋەسىدىكى بارلىق ئەمەلدارلارغا مۇنداق دەپ خەت يازدى: بىزگە تەۋە ھەر قانداق شەھەرگە مۇشۇ مۇساپىر مېھمانلار بارسا، زىياپەت بېرىپ، ياخشى كۈتۈڭلار، ھەممە خادىملار ۋە تەۋەلىكتىكى بارلىق خەلقلەر بىلەن خەزىنىدىكى ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ، مۇشۇ مېھمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار. ئەگەر بۇ مېھمان خەزىنىدىكى نەرسىنىڭ قاندىقىنى تاللىسا دەرھال بېرىڭلار، ھەرگىز ئايىماڭلار دېدى. ئاپاق خوجام خاننىڭ خەزىنىسىگە كىرىپ ھەممە نەرسىنى كۆردىيۇ، ھېچ نەرسىنى قوبۇل كۆرمىدى. پەقەت چاي خەزىنىسىگە نەزەر قىلدى. بىزگە مۇشۇ چايدىن بېرىڭلار دېدى، خەزىنىچى نېمىنى كۆڭۈللىرى تارتسا ئېلىۋەرسىلە دېدى. ئاپاق خوجام 18 تۆگىگە خۇشبۇي چاي ئارتىپ سالا دېگەن شەھەرگە كەلدى. بۇ شەھەرنىڭ خەلقى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان ئىدى. ئاپاق خوجام بۇ شەھەردە ئالتە ئاي تۇردى. خانىقا بىنا قىلدى. سالا شەھرىنىڭ پۈتۈن خەلقى ھەزرىتى خوجامغا قول بەردى. ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇقايەتۇللا ئىسىملىك، لەقىمى ئالتۇن باش ئاخۇن ناملىق ئىبادەت ۋە ئىستىقامىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كىشىنى ئۆز ئورنىدا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەپ، سالادىن چىقىپ سىچۇئەن (سىچۈەن) گە كەلدى. بۇ ئۆلكىدە خىتاي، قالماق ۋە تىبەت كاپىرلىرى بار ئىدى. تىبەت خەلقى چىراغچى ۋە رەمباللارغا ئېتىقاد قىلاتتى. تىبەت دېگەن جايدا دالاي لاما ناملىق بىر چىراغچى بولغان. ئاپاق خوجام تىبەتكە يېتىپ كەلگەننى دالاي لاماغا شېپى قىلدى. بىزنىڭ تەرەپىمىزگە ئاق دەستار كىشى كەلدى. بۇ كىشى ئۇلۇغ زاتتۇر دەپ ئاپاق خوجامنى قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئات- ئۇلاغ ۋە باشقا پەش- كەشلەرنىئالدىغا ئىبەرىتتى. دالاي لاما يولدا بىر چېدىر تىكتى، چېدىرغا بىرقانچە تۆشۈكلەرنى قويدى. بىرقانچە قاچىلارنى سۇغا تولدۇرۇپ، ھەر بىر قاچىنى بىردىن تۆشۈككە ئېسىپ قويدى. ۋاقىتكى ئاپاق پادىشاھىم يېتىپ كەلدى. دالاي لاما جانابى پادىشاھىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، ئاتنىڭ يۈگۈنىنى يېتىلەپ چېدىرنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە چېدىرغا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى پادىشاھىم بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ چېدىرغا قەدەم قويىۋىدى، دالاي لامانىڭ قىلغان ھىيلىلىرى، ئەپسۇنلىرى يوقاپ كەتتى. چېدىرنىڭ ئورنى بولغان زېمىن قالدى. دالاي لاما كۈلۈپ تۇرۇپ: يەر يۈزىدە مەندىن ئۇلۇغراق كىشى يوق دەپ ئويلايتتىم، ئەمما جانابلىرى مەندىن ئۇلۇغراق ئىكەنلا. ئاندىن دالاي لاما ئاپاق خوجامنى ئۆزىنىڭ جايىغا تەكلىپ قېلىپ ئۈچ كۈن زىياپەت ئۆتكۈزدى. ئاپاق خوجام يەنە سەپەرنى ئىرادە قىلدى، دالاي لاما: ئەي خوجام بىزگە خىزمەت تاپشۇرۇڭ، بىزنىڭ سىزگە خىزمەت يەتكۈزۈش ئارزۇيىمىز بار ئىدى، دېدى. ئاپاق خوجام: ئەي دالاي لاما سېنىڭ خىزمەت قىلىش ئارزۇيىڭ بولسا، ئىمان ئېيتقىنكى سېنىڭ خىزمىتىڭ مۇشۇدۇر دېدى. دالاي لاما: ھەقىقەتەن بۇ گەپلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئىمان ئېيتسام بىرقانچە مەملىكىتىم قولۇمدىن كېتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا خىزمەت بولسا بۇيرۇق قىلسىڭىز، مېنى مەيۇسلەندۈرمەڭ دەپ تولا يالۋۇردى. ئاپاق خوجام مۇنداق دېدى: يەكەن ۋە قەشقەردىكى خەلق بىزنىڭ مۇرىت- سوپىلىرىمىز ئىدى، ئەلھال زالىملار بۇ ۋىلايەتلەرنى تەسەررۇپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋىلايەتلەرنى قولىمىزغا كەلتۈرۈپ بېرىڭ، بۇ ۋىلايەتلەرنى زالىملاردىن خالىي ۋە بىز ئۈچۈن مەخسۇس قىلىپ بەرسىڭىز دېدى. دالاي لاما دەرھال بۇ سۆزنى ماقۇل كۆردى. ئىلىنىڭ باشلىقى بۆشۈكتۇ ناملىق قالماق ئىدى، بۇ قالماققا دالاي لاما بۇيرۇق قىلدىكى، سەن ئۆزۈڭ بېرىپ شەھەرلەرنى زالىملارنىڭ قولىدىن ئېلىپ مۇشۇ خوجامنى پادىشالىق تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ قايتىپ كەل، دېگەن مەزمۇندا بۇيرۇق خېتى يېزىپ تامغىسىنى بېسىپ بەردى. بۆشۈكتۇ قالماق خەتنى ئېلىپ 10 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قەشقەر تەرەپكە راۋان بولدى. ئاپاق خوجام ئاق ساي يولى بىلەن ئىككى كۈندە قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ ئۈستۈن ئاتۇشقا چۈشتى. شۇ كۈنلەردە پۈتۈن قەشقەر خەلقى ئاپاق خوجامنىڭ خىزمىتىگە كېلىپ يېڭىدىن قول بەردى. بۆشۈكتۇ (غالدان) قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلغان زالىملارنى ئەسىر ئېلىپ ئىلىغا قايتىتى»[⑧]دېيىلگەن.

«چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» دىمۇ «ئىخلاسمەنلەر سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» دىكىگە ئوخشاش مەلۇمات قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئىسمائىل خان تەرىپىدىن ھەيدەلگەن خوجا ھىدايەتۇللا ئىشان ۋە ئۇنىڭ «ئىشقىيە» گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، كۈچ توپلاپ قايتا باش كۆتۈرۈش كويىغا چۈشكەنلىكى، ھەم ئاشۇ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بېرىش»، «جاھان كېزىش» نامى بىلەن «سىرتتىن ياردەمچى ئىزدەش» سەپىرىگە ئاتلانغانلىقى، شۇ قېتىمقى سەپەردە گەنسۇ، چىڭخەي ئارقىلىق تىبەتنىڭ لخاساشەھىرىگە بېرىپ دالاي لاماⅤتىن ياردەم تىلىگەنلىكى، كېيىن ئۇ دالاي لاماⅤيېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ جۇڭغار خانى غالدان باشلاپ ماڭغان قوشۇنغا يول باشلىغۇچى بولۇپ، يەكەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى بايان قىلىنغان.

«چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» بىلەن «ئىخلاسمەنلەر سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» نى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، ئاپپاق خوجىنىڭ شىزاڭغا قۇمۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەيلەر ئارقىلىق بارغانلىقىنىڭ تارىخىي رېئاللىققا بىرقەدەر ئۇيغۇنلۇقىنى بايقىۋالغىلى، شۇنداقلا ئاپپاق خوجىنىڭ شۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاپپاق خوجىنىڭ شىزاڭغا بارغان ئېنىق ۋاقتىنى چەت ئەللىك ئالىملار 1678– يىلى دەپ مۇقىملاشتۇرغان. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا 1680– يىلى قايتىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ[⑨].

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئاپپاق خوجىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغان ۋاقتى ۋە ئۇ بارغان جايلار توغرىسىدا گەنسۇ، چىڭخەيلەردە ساقلانغان ئاپپاق خوجىغا دائىر ماتېرىياللار ۋە غەربىي شىمالدىكى سوپىزم تەرىقەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللاردا، ئۇنىڭ قۇمۇل، خېشى كارىدورى، لەنجۇ ئارقىلىق جەنۇبقا مېڭىپ، خېجۇ ۋە شىنىڭ قاتارلىق جايلاردا 1671– يىلىدىن 1674– يىلىغىچە تەرىقەت تارقىتىپ شىزاڭلخاساغا بارغانلىقىقەيت قىلىنغان. شۇ ۋەجىدىن گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە– ئاپتونوم رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەلگەن»[⑩]دېگەن گەپ تارقالغان.

ئاپپاق خوجىنىڭ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقاتقانلىقى ھەققىدە خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ بولغان بىجياچاڭ (گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ لىنشيا شەھىرىگە جايلاشقان) خانىقاسىدىكىلەر مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «كاڭشىنىڭ 11– يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى بولغان خوجا ھىدايەتۇللاھ مەككىدىن تەڭرىتاغ ئارقىلىق چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ رايونىغا كېلىپ تەرىقەت تارقاتقان»[11]. بۇ خانىقادىكىلەرنىڭ يەنە بىر بايانىدا: «كاڭشىنىڭ 11– يىلى (مىلادىيە 1672– يىلى) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى خوجا ھىدايەتۇللا ئاپپاق مەسئۇلى ئىسىملىك ئۇستاز ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭ ئارقىلىق چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ رايونىدىكى فېڭخۇاڭشەن (رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاپپاق خوجا شىنىڭغا بىرنەچچە قىتىم بارغان) گە كېلىپ تەرىقەت تارقاتقان»[12]دېيىلىدۇ.

خۇاسى (گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ لىنشيا شەھىرىگە جايلاشقان) سۈلۈكىدىكىلەر مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «…كاڭشىنىڭ 10– يىلى (مىلادىيە 1671– يىلى) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ھىدايەتۇللا چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ سوپىزم تەلىماتىنى تارقىتىپ، يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن…»[13].

مۇپتى سۈلۈكىدىكىلەر بولسا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «كاڭشىنىڭ 10– يىلى (مىلادىيە 1671– يىلى) ما شۇجېن شەنشىنىڭ شىشياڭ دېگەن يېرىدىن گەنسۇنىڭ خېجۇ رايونىغا چاي ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ھەزرىتى ھىدايەتۇللا ئاپپاق مەسئۇلىنىڭ خېجۇ، خۇاڭجۇڭ رايونلىرىغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقان… كاڭشىنىڭ 12– يىلى (مىلادىيە 1673– يىلى) ئاپپاق چىڭخەيدە تەرىقەت تارقىتىۋاتقاندا… ما شۇجېن (مۇپتى سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى) شىنىڭ خۇاڭجۇڭغا بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلغان»[14]. مۇپتى سۈلۈكىدىكىلەرنىڭ يەنە بىر بايانىدا: «ما شۇجېن يول ئۈستىدە ھىدايەتۇللانىڭ تەرىقەت تارقىتىش ئۈچۈن چىڭخەيگە كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقان، بۇ چاغ كاڭشىنىڭ 11– يىلى ئىدى»[15]دېيىلىدۇ.

يۇقىرىقى سۈلۈكلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپپاق خوجا كاڭشىنىڭ 10– يىلى (مىلادىيە 1671– يىلى) دىن 12– يىلى (مىلادىيە 1673– يىلى) غىچە بولغان ئارىلىقتا گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقاتقان. بۇ، ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. لېكىن، بىجياچاڭ سۈلۈكى، خۇاسى سۈلۈكى ياكى مۇپتى سۈلۈكى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاپپاق خوجىنىڭ تەرىقەت تارقاتقانلىقىغا ئائىت خاتىرىلىرىدە بۇ «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» نىڭ سىياسىي غەرىزى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. بۇ، «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» نىڭ مەقسەت– مۇددىئالىرىنى مەخپىي تۇتقانلىقىدىن بولسا كىرەك. شۇڭا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈلۈكلەرنىڭ ماتېرىياللىرىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بولماسلىقى تەبىئىي. لېكىن، بۇ ھەرگىز ئاپپاق خوجىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە دائىر شىنجاڭدا ساقلانغان ماتېرىياللار بىلەن گەنسۇ، چىڭخەيلەردە ساقلانغان ماتېرىياللار بىر– بىرىگە زىت دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار بىر– بىرىنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە. چۈنكى شىنجاڭدا ساقلانغان ئاپپاق خوجىغا ئائىت ماتېرىياللاردا ئاساسلىقى ئۇنىڭ لخاسادىكى دالاي لاماⅴنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ «تونۇشتۇرۇش خېتى» نى كۆتۈرۈپ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ يېنىغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا «يول باشلىغۇچى» بولۇپ يەكەن خانلىقى زېمىنىغا تاجاۋۇزچى قوشۇننى باشلاپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسا؛ گەنسۇ، چىڭخەيلەردىكى سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ ئاپپاق خوجا ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىدا، ئۇنىڭ چىڭخەي، گەنسۇلاردا تەرىقەت تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، خانىقا بىنا قىلغانلىقى ۋە مۇرىت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە ئائىت مەلۇمات بار. بۇ مەنبەلەر بىزنى تارىخىمىزدىكى ئىشانلىق ئېقىمىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر سوپىزم تەرىقەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىشانلىق ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ئاپپاق خوجىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بىزگە مەلۇم، ئاپپاق خوجا ھەرگىز ئىشانلىق ئەقىدىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈكلىكىدىن، خاس تەرىقەت تارقىتىش مەقسىتىدە گەنسۇ، چىڭخەيلەرگە بارغان ئەمەس، ياكى گەنسۇ، چىڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار ئاپپاق خوجىنىڭ يەكەن خانلىقىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» نى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن گەنسۇ، چىڭخەيگە «ھىجرەت» قىلسۇن دەپ تەكلىپ قىلغان ئەمەس ۋە ياكى ئۇنى تەرىقەت تارقىتىپ بەرسۇن دەپ چاقىرغان ئەمەس. ئاپپاق خوجا «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن تىبەتكە قىلغان شۇ سەپىرىدە، گەنسۇ، چىڭخەي ئۇنىڭ ئۆتەر يولى بولغاچقا، زۆرۈرىيەت تۈپەيلى تەرىقەت تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولغان. چۈنكى، ئاپپاق خوجىنىڭ بىردىنبىر دەسمايىسى ئۆزىنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» ۋە «ئىشانلىق تەرىقىتىنىڭ پىرى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتاش بولۇپ، ئۇ مۇشۇنىڭغا تايىنىپ گەنسۇ، چىڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئاسانلا كۆپلىگەن ئاخباراتقا ۋە سەدىقە، پۇل– پۈچەككە ئېرىشىپ، تەرەپ– تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىرتقى ھەربىي كۈچنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان. بۇ، ئۇنىڭ «تەرىقەت تارقىتىش» نامى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۇرت كېزىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ كۈچ توپلاپ، قولدىن كەتكەن دىنىي ۋە سىياسىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زادى ئېسىدىن چىقارمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىجياچاڭ سۈلۈكى، خۇاسى سۈلۈكى، مۇپتى سۈلۈكى ۋە شيەنمىن سۈلۈكى قاتارلىق تەرىقەتلەرنىڭ ماتېرىياللىرىدىكى ئاپپاق خوجىنىڭ تەرىقەت تارقىتىشىغا دائىر بايانلارنى تەھلىل قىلساق، ئاپپاق خوجىنىڭ شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بۇرۇن بېرىپ تەرىقەت تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىشان ئىكەنلىىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ 1671– يىلىدىن باشلاپ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە بىرنەچچە يىل پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەرىقەت تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن يۇقىرىدىكى سۈلۈكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. مەسىلەن، خېجۇ ئايمىقىنىڭ بافاڭ دېگەن يېرىدىكى ما زۇڭشېڭ بىجياچاڭ سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن بىجياچاڭ سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان. گەنسۇ لىنتاۋنىڭ بېيشياڭ دېگەن يېرىدىكى ما شۇجېن مۇپتى سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن مۇپتى سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان. خوجا ھىدايەتۇللا ئۇنىڭغا «مۇپتى» (دىنىي شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغۇچى) دېگەن نامنى بەرگەن. شەنشىنىڭ چاڭئەن دېگەن يېرىدىن گەنسۇنىڭ خېجۇ ئايمىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ما لەيچى خۇاسى سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن خۇاسى سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان. چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ دېگەن يېرىدە ئولتۇرۇشلۇق شيەن مېيجېن شيەنمېن سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن شيەنمېن سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان.

ئەمدى بىز، ئاپپاق خوجا يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن بىۋاسىتە ئىلىدىكى غالداننى ئىزدىمەي ئەكسىچە تىبەتتىكى دالاي لاماⅤنىڭ قېشىغا بارغانلىقى، ئارىلىقتا 1671– يىلىدىن باشلاپ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقىتىش نامى بىلەن قاتراپ يۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلساق، «جۇڭغارلار تارىخىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى» دىكى مۇنداق بىر ۋەقە كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ: «1671– يىلى (كاڭشىنىڭ 10– يىلى) جۇڭغارىيەدە سىياسىي مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ، زىڭگې ئانا باشقا ئىنىلىرى چىچەن ۋە باتۇرلار تەرىپىدىن كېچىسى ئۇخلاۋاتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈلدى. ئانۇ خاتۇن (زىڭگېنىڭ ئايالى) ئادەم ئەۋەتىپ، زىڭگېنىڭ ئانا بىر ئىنىسى غالداننى شىزاڭدىن چاقىرتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا غالدان شىزاڭدا دالاي لاماⅤنىڭ شاگىرتى ئىدى. ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە شىزاڭدىن جۇڭغارىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئاكىسىنىڭ ئايالى ئانۇخاتۇننى ئەمرىگە ئالدى، شۇ ئارقىلىق خوشۇت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئوجىرتۇخان (ئانۇخاتۇننىڭ دادىسى) نىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. سىياسىي ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ، ئاكىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ قاتىللارنى جازالىدى»[16].

دېمەك، غالدان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى 5 ~ 6 يىل سىياسىي سەھنىدىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەتراپىغا ئادەم توپلاپ كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئەگەر ئاپپاق خوجا ھالداتلاپ ئۇدۇل غالداننىڭ ئالدىغا بارغان تەقدىردىمۇ، غالدان ھەرگىز ئۇنىڭ«ئارزۇ»سىنى قاندۇرالمايىتتى. شۇڭا، ئاپپاق خوجا قۇمۇل، خېشى كارىدورى، لەنجۇ ئارقىلىق جەنۇبقا سەپەر قىلىپ چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئاندىن شىزاڭنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇنىڭ قۇمۇل ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغانلىقى ھەققىدىكى: «ئاپپاق خوجا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىشتا قۇمۇلدىن ئۆتكەن بولۇپ، سۇباشى دېگەن جايدا تۇرغان ۋە شۇ يەردە مۇسۇلمانلارغا تەرىقەتتىن تەلىم بەرگەن. ئۇ جايدا بىر ياغاچ ئۆي بولۇپ… كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئورنىغا بىر مەسچىت سالغان ۋە ئۇنى ‹ئاپپاق خوجا مەسچىتى› دەپ ئاتىغان. بۇ جاي ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپ ۋە قۇمۇل مېھمانخانىسىنىڭ يېنىغا توغرا كېلىدۇ»[17]دېگەن مەلۇماتمۇ ئاپپاق خوجىنىڭ قۇمۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئارقىلىق تىبەتكە بارغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى ئىگىرى سۈرىدۇ.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى:ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقاتئىنستىتۇتى