«ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا» سۆزلىرى توغرىسىدا

غەيرەتجان ئابدۇللا

«ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا» سۆزلىرى بىزنى تۇغۇپ، تەربىيىلەپ، قەلبىمىزنى مېھرى مۇھەببەت تولدۇرغان ۋە مىڭ بىر جاپا بىلەن قاتارغا قوشقان قەھرىمان ئەرلەر ۋە خوتۇنلارغا ئېيتىلىدىغان، يۈكسەك ھۆرمەت مەنىسىدىكى سۆزلەردۇر.
خەلقىمىزنىڭ تارىختا ياشىغان يەرلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، قەدىمكى ئايرىم ئۇرۇق- قەبىلىلەرگە خاس بولغان تىل ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەر قايسى يەرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىشى، تارىخدىكى ھەر قايسى يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزغا تۇغقان ۋە يات مەللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن تىلىمىزدا «ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا» دېگەن بۇ تۆت سۆز ھەر قايسى يەرلەردە تۈرلۈك مەنىلەردە ساقلاندى. شۇ سەۋەبتىن، ئەدەبىي تىلىمىزدىمۇ بۇ سۆزلەر شېۋە ۋە ئادەت تەسىرى بىلەن گاھىدا تەڭداش، گاھىدا مەلۇم دەرىجىدىكى پەرقلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلىپ كەلدى. ئالايلى، تۇرپان شېۋىسىدە «دادا» ئۆزىنى تاپقان ئەرنىڭ ئاتىسىنى، «ئانا» ئۆزىنى تۇغقان خوتۇننىڭ ئانىسىنى كۆرسەتسە، «ئاتا» ئۆزىنى تاپقان ئەرنى، «ئاپا» ئۆزىنى تۇغقان خوتۇننى كۆرسىتىدۇ. قەشقەر شېۋىسىدە ئۆزىنى تاپقان ئەر- خوتۇننى «دادا»، «ئانا» دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. ئىلى تەۋەسىدە بۇ تۆت سۆز خېلىلا ئارىلاش ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن «دادا»، «ئاپا» ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. باشقا يەرلەردە ، ئالايلى، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرى، بايىنغۇلىن ئوبلاشتىنىڭ چەرچەن، چارقىلىقتىن باشقا ناھىيىلىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردا تۇرپان شېۋىسىدىكى ئاتىلىشى بىلەن ئوخشاش بولسا، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە چەرچەن، چارقىلىق ناھىيىلىرىدە قەشقەر شېۋىسى بىلەن ئوخشاشلىق بار. ئالتاي، تارغاباتاي، قاراماي، مايتاغ، بورتالا ئەتراپلىرىدا ئىلى شېۋىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ ئۈچ چوڭ شېۋىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق ۋە جانلىق تىلىنىڭ مەركىزىي شېۋىسى بولغان ئۈرۈمچى شېۋىسى قەشقەر، خوتەن، ئىلى، قۇمۇل، ئاتۇش شېۋىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان «دادا» دەپ ئاتاش بىلەن تۇرپان، ئىلى، ئاقسۇ شېۋىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان «ئاپا» دەپ ئاتاشنى بىرلەشتۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي شېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزور، دەرسلىك كىتاب ۋە ھەر خىل ئەسەرلەر، شۇنىڭدەك جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئىشلىتىپ كەلدى. ئاددىيسىنى ئالايلى، ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىش ئورۇنلىرى ۋە سەنئەت ئورۇنلىرى تەرجىمە قىلغان ۋە ئورۇندىغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە نومۇرلاردا «دادا»، «ئاپا» سۆزلىرى ئىشلىتىلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يەرلىك شېۋىدە قانداق ئىستېمال قىلىپ ئادەتلەنگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەدەبىي تىلدا دېيىلىۋاتقان بۇ سۆزلەرنى ئامما توغرا چۈشىنىدىغان بولدى. ھەتتا قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش… تەرەپتە «ئاپا»لىشىش؛ تۇرپان، كورلا،ئاقسۇ… تەرەپتە«دادا»لىشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى. مەتبۇئاتلىرىمىزدا بولسا بۇ سۆزلەر ئارىلاش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.مەسىلەن،
«ئانىسى ھەم دادىسى دەرقەمدە تۇرۇپ… تۆت ياشتا دادىسىدىن، 16 ياشتا ئاپىسىدىن يېتىم قالغان… سان-ساناقسىز يوللار ئىچىدىن ئاتا-ئانىڭىز باشلايدىغان يولنى ئىلغا قىلىپ تېپىپ… بىز ئانىلارنى… ھەرقانداق ئانا بولغۇچىغا… پەرزەنتنىڭ ئانا ئۇمىدىنى ئادا قىلىشىنى…»(غەلىبە مۇھەممەغد:«ئادىلجانغا ئوچۇق خەت»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»،1997-يىل 5-سان).
بۇ جۈملىلەردە «ئاتا، دادا،ئانا،ئاپا» سۆزلىرىنى جۈملىنىڭ مەنا ئېھتىياجىغا قاراپ يۇقىرىقىدەك ئىشلەتكەن. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ سۆزلەرنى بىر خىللاشتۇرۇش تولۇق ئورۇندىلىپ كەتتى، دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مۇھىم مەنبەسىنى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى نوپۇسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن… ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ «داد»، «ئانا» دەپ قوللىنىش ئادىتىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۆزلىرىدە تەرجىمە قىلىنىپ، ئاۋاز بېرىلگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە «ئاتا»، «ئاپا» دەپ تەرجىمە قىلىشتا چىڭ تۇردى… جەمئىيەتتىكى تىل ئىستېمالىدا بەزىلەر «ئاپا» دەپ ئاتاش توغرا ھەم يېقىملىق دەپ قارىسا، بەزىلەر «دادا» دەپ ئاتاش توغرا، «ئاتا» توغرا ئەمەس… دەپ قارىماقتا. ئەمەلىيەتتە ھازىرچە بۇلاردىن خالىغان بىرىنى خاتا ياكى توغرا دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. سەۋەبى بۇ سۆزلەر يېقىندا پەيدا بولغان سۆزلەر بولماستىن، ناھايىتى ئۇزاق زامانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەل ئىچىگە چوڭقۇر سىڭگەن قەدىمىي سۆزلەردۇر.
بۇ سۆزلەرنىڭ قايسى زامانلاردىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىزدا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ سۆزلەر، بىرىنچىدىن، ئۆز ئانا تىلىمىزغا مەنسۇپ؛ ئىككىنچىدىن، ناھايىتى قەدىمىي سۆزلەر بولۇپ، بەلكىم نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ شەرق تەرەپ 25-،26-قۇرلىرىدا «تۈرك خەلقىنىڭ نام-ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاتامنى قاغان، ئانامنى خاتۇن قىلىپ كۆتۈرگەن…» دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ ۋە پۈتۈن مەڭگۈ تاشتا «ئاتا» سۆزى 14يەردە، «ئانا» سۆزى ئىككى يەردە كۆرۈلىدۇ؛ «مۇيۇنچۇر(بايانچۇر) مەڭگۈ تېشى»دا «دادا» سۆزى ئىككى يەردە كۆرۈلىدۇ؛ « بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»دا «ئاتا» سۆزى 20 يەردە، «ئانا» سۆزى ئۈچ يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ(شەرىپىدىن ئۆمەر: « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلەر»). «ئالتۇن يارۇق»تىمۇ «ئاتا» سۆزى تىلغا ئېلىنغان(«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 3-بەت).ئاتاغلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسىرىدە «ئاتا» سۆزىگە «ئاتا،دادا» دەپ («دىۋان»،1-توم 117-بەت)،«ئانا» سۆزىگە «ئانا» دەپ («دىۋان»1-توم 125-بەت) قىسقىلا ئىزاھات بەرگەن. «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ 342-،350-قۇرلىرىدا «ئاتا» سۆزى تىلغا ئېلىنىدۇ. 14-،15- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»دىمۇ «ئاتا» ۋە «ئانا» دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ(شۇ كىتاب 69-بەت). لېكىن، «دادا» ۋە «ئاپا» دېگەن سۆزلەر ئۇچرىمايدۇ. 19-ئەسىرگە تالىق ئۆلمەس يادىكارلىق «تارىخىي مۇسىقىيۇن»دىمۇ «ئاتا»،«ئانا» دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ(26-بەت) ۋە باشقىلار. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «ئاتا» ۋە «ئانا» سۆزلىرى مەيلى كۆك تۈرك، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىرى دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى قوچۇدىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى، گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلى،قاراخانىلار دەۋرلىرىدە بولسۇن، مەيلى چاغاتاي خانلىقىدىن مانجۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولسۇن، ھەر قايسى جايلاردا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئەدەبىي تىللىدا ھازىر بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇز ۋە مەنىدە ناھايىتى كەڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. «دادا» ۋە «ئاپا» سۆزلىرىگە كەلسەك، «دادا» سۆزى «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»دا ئىككى يەردە تىلغا ئېلىنغان(باشقا ئىككى مەڭگۈ تاشتا بۇ سۆز ئۇچرىمايدۇ) بولسىمۇ، بىراق مەنىسى «ئاتا» بىلەن ئوخشىمىغان.يەنى تاغىسىنى كۆرسىتىپ «كىچىك دادا» مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. 7-،8- ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا-تۈرك خەلقلىرىنىڭ (جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ) قەھرىمانلىق داستانى «دەدە قورقۇت»تىمۇ قورقۇت ئىسىملىك بۇ باش قەھرىمان «دەدە»(دادا) دەپ تىلغا ئېلىنغان. مەنىسىمۇ «ئاتا» بىلەن ئوخشاش بولۇپ، «دەدە(دادا) قورقۇت» بەزىدە يەنە «قورقۇت ئاتا» دەپمۇ ئېلىنماقتا.يۇقىرىقى ئىككى ماتېرىيالدىن قارىغاندا، 6ــــ 9-ئەسىردىكى بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدە قۇرۇلغان تۈرك، ئۇيغۇر قاغانلىقلىرىدا «دادا» ئاتالغۇسى «تاغا» مەنىسىنى بەرگەن بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئىنىسىنىڭ «كىچىك دادا» دەپ ئاتىلىشىدىن، ئاتىسىنىڭ ئاكىسىنىڭ «چوڭ داد» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. تۇرپان شېۋىسىدە ھازىرمۇ ئاتىسىنىڭ ئاكىسىنى «چوڭ ئاتا» ۋە ئاتىسىنىڭ ئىنىسىنى «كىچىك ئاتا» دەپ ئاتاش ئەنە شۇ خىل ئاتاشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەل ئىچىدە ساقلىنىشى بولۇشى مۇمكىن(باشقا جايلاردا، بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر… تەرەپلەردە «چوڭ دادا» بوۋىسىنى كۆرسىتىدۇ، بىراق «كىچىك دادا» سۆزى ئىشلىتىلمەيدۇ). قەدىمكى «كىچىك دادا» سۆزى بىلەن ھازىرقى «كىچىك ئاتا» سۆزىنىڭ ئوخشاش مەنىدە ئىكەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇلاردا تارىخىي مەنىداشلىق ياكى مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا «ئاتا» سۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنىپ، «دادا» سۆزىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»دىكى ئىككى يەردە تىلغا ئېلىنغان «دادا» سۆزىنىڭ مەنىسى «ئاتا» سۆزىنىڭ مەنىسىدىن پەرقلىق بولۇشى، قوچۇ، قاراخانىلار تۈركلىرى (ئۇيغۇرلىرى) ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە يازما،باسما ماتېرىياللاردا «دادا» سۆزىنىڭ ئۇچرىماسلىقى ۋە تۇرپاندا ھېلىھەم «دادا»، «ئاتا» سۆزلىرىنىڭ بەرگەن مەنىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەل غەلىتىرەك تۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدا ــــ ئون ئوق تۈركلىرى ۋە ئوغۇزلار… ئارىسىدا «دادا» سۆزى بەرگەن مەنا «خاقانىيە تۈركلىرى» ۋە «ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى(گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى)» تىلىدىكى «ئاتا» سۆزىنىڭ مەنىسىگە ئوپمۇ ئوخشاش. «دەدەقورقۇت» داستانىدىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەڭ چوڭ تارماق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولغان، كېيىن سەلچۇق، غەزنەۋى، خارەزىم ۋەئوسمان خانلىقى، سۇلتانلىقلىرىنى قۇرغان ئوغۇزلارنىڭ «دادا»نى «ئاتا» مەنىسىدە چۈشىنىشى(«دىۋان» 3-توم 304-بەت) پاكىت. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «ئاتا»نى «ئاتا،دادا» دەپ ئىزاھلاپ، «دادا»نى «ئاتا» ئىزاھلىغىنىغا قارىغاندا، قاراخانىلار تەۋەسىدىن( شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغىچە (كېيىن بولسا تاڭغۇت خانلىقىغىچە) بولغان كەڭ زېمىندا «ئاتا» سۆزى، ئۇنىڭ غەربىدە «دادا» سۆزى بەكرەك ئومۇملاشقان بولۇشى مۇمكىن.
«ئاپا» سۆزىگە كەلسەك، «مۇيۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» ۋە «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»نىڭ ھەر بىرىدە بىردىن يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئاپا» سۆزى ھەرگىزمۇ ھازىرقى مەنىدىكى «ئاپا» بولماستىن، بەلكى «ئاپا» ئاتلىق تارخان، يەنى ئاپا تارخاننىڭ ئېتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ(«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئوچېركلەر» گە قاراڭ). «ئاپا» سۆزىنىڭ خوتۇن –قىزلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى ھەققىدىكى تۈنجى ماتېرىيال قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى(گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى) ۋە قاراخانىلار خانلىقلىرى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، گەنجۇ، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوغۇزلارنىڭ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشى، مەنىسى ۋە تەلەپپۇزى ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن، «ئاپا» سۆزى قوچۇدا «ئاچا،ھەدە،ئېگىچە ۋە بىر تۇغقان قىز قېرىندىشى»(«قوچۇدىن تېپىلغان مانى دىنى يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»،3-بەت) مەنىسىنى بەرسە، ئوغۇزلاردا «ئاپا ۋە ئانا» («دىۋان» 1-توم 116-،117-بەتلەر) مەنىسىنى بەرگەن ۋە «پ» تاۋۇشى قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «ئابا-ئاپا،ئانا» دەپ ئىزاھلىشىدىن قارىغاندا، قاراخانىلار تېررىتورىيىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسىم جايلىرىدا «ئاپا» سۆزى «ئانا» مەنىسىنى ئاڭلاتقان، لېكىن «ئوغۇزچە» دەپ ئىزاھلاپ قويۇشىدىن قارىغاندا، بۇ سۆز پەقەت ئوغۇزلارغىلا خاس بولغان بولۇپ، قاراخانىلار تەۋەسىدە ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمىگەن. گەنجۇ، ئىدىقۇت ۋە قاراخانىلار زېمىنىدە كۆپ ھاللاردا «ئاچا،ھەدە،ئېگىچە، قىز بىر تۇغقان » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەندەك قىلىدۇ. ھازىرمۇ قۇمۇلدا (غۇلام غوپۇرى: «ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى» 1-بەت)، چىرا ناھىيىسىنىڭ گۇلاخما ۋە دامىكۇ يېزىلىرىدا، چەرچەن ناھىيىسىدە… ئاپا سۆزىنىڭ «ئاپا، ھەدە، ئېگىچە» مەنىسىدە ئىشلىتىلىشى بۇنىڭ پاكىتى.
ئەمدى «دادا» ۋە «ئاپا» سۆزلىرىنىڭ قاچان ۋە قانداق قىلىپ ئەدەبىي تىلىمىز ۋە ھەر قايسى دىئالېكت ۋە شېۋىلەردە بۇ دەرىجىدە ئومۇملاشقانلىقىغا كەلسەك، ھازىرچە بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېمەك تەس. لېكىن، بەزى تارىخىي تىل پاكىتلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ. بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ قەدىمدە ئاشۇ ئوغۇزلار ئائىلىسىدىن (توققۇز ئوغۇز ۋە ئوغۇزلاردىن) بولغاچقا، گەرچە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوغۇز تىلى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا (بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق بولۇشى مۇمكىن) بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوغۇزچىمۇ يات تىل بولمىغانلىقتىن قىسمەن جايلاردىكى ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا ئوغۇزچىغا خاس، ئەمما ئۇيغۇرچىغىمۇ ئورتاق سۆزلەرنىڭ ساقلانغانلىقى پاكىت. مەسىلەن، «مەن» سۆزى ئوغۇزچىدا «بەن»؛ «مىز» ئوغۇزچىدا «بىز»؛ «قىلدى» ئوغۇزچىدا «ئەتتى»، «تامغاق» ئوغۇزچىدا «تاماق»… دېيىلگەن. ھازىرمۇ «بىز»، «بىزنىڭ»، «ئەتتى»، «تاماق ئەتتى» (بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر تەرەپلەردە)،«تاماق»، «بوغۇز» … دېگەندەك مەھمۇد قەشقىرى «ئوغۇزچە» قاتارىدا سانىغان ناھايىتى نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدا يەنىلا بارلىقى يۇقىرىقى قارىشىمىزغا ئىسپات بولالايدۇ. شۇڭا، بەلكىم «دادا»، «ئاپا» سۆزلىرى ئۆز دەۋرىدىكى ئورتاق ئەدەبىي تىلىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلگەن بولسا، مەھمۇد قەشقىرى خۇددى ئۆزى ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەندەك پەقەت ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئومۇمىي بولغانلىرىنىلا تىلغا ئېلىپ، ئايرىم شېۋە، دىئالېكتلارغا تەۋە مەزكۇر سۆزلەرگە ئوخشاش سۆزلەرنى خاتىرىلەپ قالدۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يازغانلىرى ۋە ن. ئا. باسكاكوۋنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تەركىبىدە، بولۇپمۇ قاراخانىلارنىڭ غەربىي قىسىملىرىدا ئوغۇزچە سۆزلىشىدىغانلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ئەھۋاللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەدرىجىي ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچىدىن، قەدىمكى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلىنىڭ ھەر قايسى شېۋىلىرىدە كېلىپ چىقىش مەنبەسى بىر، ئاتىلىشىمۇ ئوخشاش (ياكى ئاساسەن ئوخشاش). لېكىن ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرنى بەرگەن سۆزلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. تۆتىنچىدىن، قەدىمكى تۈركى تىللارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر- ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا تەۋە ياكى ئالاقىدار تىللارنىڭ، ھەتتا ھون-ئالتاي دەۋرىدىكى كېيىن تۈرك ۋە باشقا خەلقلەرگە مىراس قالغان، ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان ياكى دىققەت –نەزىرىمىزدىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىشى ياكى تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە ھادىسىلىرى بولۇشى مۇمكىن ۋە باشقىلار.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خەلقىمىزنىڭ نەچچە يۈز يىللىق جانلىق تىلى ئاساسىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن ئېتىبارەن شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە «ئانا» سۆزى بىلەن «ئاپا» سۆزى يەنە تەڭ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «ئانا» سۆزى ئۆزىنىڭ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى يوقاتماي، «ئاپا» سۆزىدىن يەنىلا چوڭقۇر ۋە كەڭ مەنىلەردە، بولۇپمۇ ئەل-ۋەتەن، مىللەت… قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى مەنىلەردە ۋە يېزىق تىلىمىزدا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، ئانا ۋەتەن، ئانا يۇرت، ئانا تىل، ئانا ماكان، ئانا مېھرى، ئانا دىيار، ئانا تۇپراق، ئاتا-ئانا،ئانا-بالا… «ئانا» سۆزى ھەتتا ئۈرۈمچى، ئىلى رايونلىرىدىمۇ، تۇرپاننى مەركەز قىلغان «ئاپا» تىل رايونلىرىدىمۇ ئەل ئىچىگە شۇنداق چوڭقۇر سىڭگەنكى، ھېچكىممۇ مەزكۇر سۆزلەرنى «ئاپا»لاشتۇرۇپ ئاتىمايدۇ. «ئاپا» سۆزى پەقەت ئۆزىنى تۇغقان خوتۇنغىلا خاس بولغان سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ «ئانا» دەڭ ئۇنچە چوڭقۇر مەنىسى يوق. «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى –روھىڭ سامان بولماس»، «ئانىلىق ئوق، ئاتىلىق پوق»… لار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسى، ۋەھاكازالار. «ئاتا» سۆزىگە كەلسەك، ئۇمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا «دادا» سۆزى بىلەن بەسلىشىپ نۇرغۇن جەھەتلەردە خۇددى «ئانا» سۆزى «ئاپا» سۆزىدىن «ئۈستۈن»تۇرغاندەك چوڭقۇر ۋە كەڭ يىلتىزغا ئىگە بولۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يېزىق تىلىمىزدا «ئاتا» سۆزى تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئاتا-بالا، ئاتا مىراس، ئاتا-ئانا، ئاتا–بوۋا، ئاتاجان، ئاتا زامانىدىن… بۇلاردىن «ئاتا-بالا»نى «دادا-بالا» دەپ ئاتىغاندا، «ئاتا» بىلەن «دادا» ئورۇن ئالماشتۇرالىسىمۇ باشقىلىرىدا «ئاتا» دەپ ئاتاش ۋە يېزىش ئادەتكە ئايلانغان.
يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ تۆت سۆز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا تۈرك –ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوغۇز تىلىنىڭ ئارىلىشىشى بولۇپ، ئۈرۈمچى شېۋىسىدە «ئوغۇزچە» بولغان «دادا، ئاپا»دىن ئىبارەت ئىككى سۆز ئەدەبىي جانلىق ۋە يېزىق تىلىمىزغا تاللاپ ئېلىنغان. ئەسلى ئۇيغۇرچە بولغان «ئاتا،ئانا» دىن ئىبارەت ئىككى سۆز لۇغىتىمىزدىكى تىل بايلىقى ھېسابىدا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈپ تەڭداش مەنىدىكى سۆزلا بولۇپ قالدى. ئەمما، باشقا زور كۆپ سانلىق تۈرك خەلقلىرى يەنىلا «ئاتا» ۋە «ئانا» ئاتالغۇسىغا ئېتىبار بىلەن قارىماقتا. شۇڭا، مەنمۇ ماقالەمنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى تارىخىي پاكىت- ئىزچىللىققا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، «ئاتا» ۋە «ئانا» سۆزلىرىنى زاپاس سۆزلۈك ئورنىدىن ئەسلى ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى، ھېچبولمىغاندا، ئۇنى ئەدەبىي يېزىق تىلىمىزدا ئىشلىتىپ، تارىخىي ئەدەبىي تىلىمىزدىكى بۇ ئىزچىللىقنى قوغداپ قېلىش تەكلىپىنى كەڭ تىلچىلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ سەمىگە سۇنىمەن.