ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللا

بوغدا ئابدۇللا 1942-يىلى لەنجۇدا تۇغۇلغان (ئەسلى يۇرتى يېڭىسار ناھىيىسى). باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە ھازىرقى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1987-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1998-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

بوغدا ئابدۇللا 37 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، 1980-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات، نەزەرىيە تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن سىرت، ئىزچىل تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)، «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن سىرت، «يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983-يىلى) ناملىق دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ يەنە 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى دەرسلىك باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «يېزىقچىلىق ئىلمى» ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب بوغدا ئابدۇللا ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «1999-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر دەرسلىك»لەرنى باھالاش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئۇ ئا ر ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىتاب مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى.

يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، بۇ ئاساسلار پۇختا بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بوغدا ئابدۇللا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ «مىللىي تۇپراق – لىرىكا»، «بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، «قۇرۇلما سەنئىتى»، شېئىرىيەتكە قايتىش» ، «شېئىرىي ئوبيېكت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر»، «21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق ئىككى توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بوغدا ئابدۇللا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. لىرىك شائىر 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978-يىل)، «يەلكەن» (1983-يىلى)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل» (1988-يىلى)، «قىز قەلئەسى» (1993-يىلى)، «سالغا تېشى» (1998-يىلى) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «مەلىكە ئاماننىسا»، «مەريەم»، «جۇڭغار يۇلتۇزى»، «يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «شالدىراق گۈل»، «سالغا تېشى» قاتارلىق داستانلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان «سالغا تېشى» ناملىق بۇ داستانى ھەققىدە، 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىدىن باشقا رۇس، قازاق، ئۆزبېك تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ تىللاردا چىقىدىغان ژۇرناللاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 1988-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات قامۇسى»نىڭ 2-تومىدا تونۇشتۇرۇلغان.

بوغدا ئابدۇللا 40 يىلغا يېقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، بىر تىرىشچان ئوقۇتقۇچىغا ۋە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويغان بىر شائىرغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. ئۇ، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.