بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز

ئارسلان ئابدۇللا

ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۈم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمى يېزىقى ، قارۇشتى يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، كونا تىبەت يېزىقى ، ئەرەپ يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ، ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، سلاۋيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ، ئومۇمىيۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغىنى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .

1. قەدىمكى تۈرك ( ئورخۇن ) يېزىقى

قەدىمكى تۈرك يېزىقى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى خەلقلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ھەم 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ئېلىپبەلىك يېزىق . بۇ يېزىقتىكى بەلگىلەر تىك ، قىيپاش ، يايسىمان سىزىقچىلارنىڭ ھەرخىل شەكىلدە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ , ئۇنىڭ شەكلى ، قۇرۇلمىسى ۋە باشقا خاس ئالاھىدىلىكلىرىدىن قارىغاندا, تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تامغىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكى قىياس قىلىنىدۇ . بۇ يېزىق تۈركىي قەۋملار تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن , قەدىمكى تۈرك يېزىقى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ؛ بۇ يېزىقتا خاتىرلەنگەن يادىكارلىقلار _مەڭگۈ تاشلار موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا, ئورخۇن – يېنسەي يېزىقى دېگەن نام بىلەن ؛ كۆكتۈرۈك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەبلىك ، كۆكتۈرۈك يېزىقى ياكى ئورخۇن يېزىقى دېگەن نام بىلەن ؛ شەكىل جەھەتتىن قەدىمكى گېرمانلار قوللانغان رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن ، تۈرك – رونىك يېزىقى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . بىز ئادەتتە قەدىمكى تۈرك يېزىقى , دەپ ئىستىمال قىلىشنى توغرا تاپىمىز .

قەدىمكى تۈرك يېزىقى خاراكتېرى جەھەتتىن قارىغاندا تاۋۇشلۇق يېزىق . يەنى , ئۇنىڭدىكى بەلگىلەر تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلاتتى . ئورخۇن يېزىقىدا 40 بەلگە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە توت ھەرپ سوزۇق تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ . قالغان ھەرپلەر ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بەزى ھەرپلەر ئىككى خىل شەكىلگە ، بەزى ھەرپلەر ئۈچ خىل شەكىلگە ، بەزى ھەرپلەر بەش – ئالتە خىل شەكىلگە ئىگە . بۇ يېزىق ، قوشۇلۇپ يېزىلمايدۇ . ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدۇ . سۆزلەر يېزىلغاندا ، ئايرىم ئورۇنلاردا سوزۇق تاۋۇشلار يېزىلسا ، كۆپىنچە ئورۇنلاردا يېزىلمايدۇ . شۇڭا ، بۇ يېزىقتا ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . سۆز بىلەن سۆز ، سۆز بېرىكمىسى بىلەن سۆز بېرىكمىسى ۋە جۈملىلەر قوش چېكىت ئارقىلىق بىر – بىرىدىن ئايرىلىدۇ .

بۇ يېزىقتا خاتىرلەنگەن يادىكارلىقلار تاكى 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە , ئىلىم دۇنياسىغا سىر پېتى تۇرغان ئىدى . بۇ يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلار تاشقا ئويۇپ يېزىلغان تەزكىرىلەردىن ئىبارەت . بۇ تاشلار «ئابىدە» دەپ ئاتىلىدۇ . ئىلىم دۇنياسى تەزكىرىلەر پۈتۈلگەن بۇ خاتېرە تاشلارنى « مەڭگۈ تاش » دەپ ئاتايدۇ . بۇ مەڭگۈ تاشلار 1692 – يىلى گوللاندىيىلىك ن . ۋىنتسىن ، 1730 – يىلى شىۋىتسىيلىك سترالېنبېرگ قاتارلىقلارنىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان . بىراق شۇنىڭدىن يەنە 100 يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ , « مەڭگۈ تاشلار » دىن ئىبارەت بۇ خاتىرە تاشلاردىكى يېزىقلار سىر پېتى تۇرىۋەرگەن . 1884 – يىلى فىنلاندىيىلىك ئالىم ئاسپېلىن , مەڭگۈ تاش يېزىقىدىكى بارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ، بۇ يېزىقنىڭ تەخمىنەن 38 – 40 بەلگىدىن تەركىب تاپقانلىقى ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . بىراق ھەرپلەرنىڭ تاۋۇش قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغان . ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ، 1893 – يىلى 11- ئاينىڭ 25 – كۈنى بۇ سىر دانىيىلىك ئالىم ۋ . تومسۇن تەرىپىدىن يېشىلدى .

قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلار ئىچىدە ,« كۆل بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى » ، « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى » ، « بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى » « توققۇز ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى » قاتارلىق ئابىدىلەرگە ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن .

2. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئشلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق . ئىلىم ساھەسى ئۇنى بىردەك « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتايدۇ . خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە 回鹘文字 دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ يېزىق 8 – ئەسىرىدىن 15 – ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملار تەرىپىدىن ئورتاق قوللىنىلغان .

مىلادىيە 840 – يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى جەھەتتە قەھەتچىلىك ئاپىتى ، تاشقى جەھەتتە قىرغىز قوۋملىرىنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئورخۇن ۋادىسىنى ۋە ئۆتۈكەن تاغلىرىنى تاشلاپ غەرپكە كۆچكەن . بىرىنچى تۈركۈم ئۇيغۇرلار بوغدا تېغى ئەتراپىدىكى زېمىنلارغا كېلىپ ، شۇيەردىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ؛ ئىككىنچى تۈركۈم ئۇيغۇرلار كۆكئارت تاغلىرى ئەتراپىغا كېلىپ قاراخانىيلار سۇلاسىنى قۇرغان ؛ يەنە بىر تۈركۈمى بولسا خېشى كارىدۇرىغا كېلىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان . ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، ئۇيغۇر يېزىقىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن . مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق يازىدۇ : « قەدىمىدن تارتىپ قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ بارلىق خەت – ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن » . مەھمۇد قەشقەرى بۇ يېزىقنى « تۈرك يېزىقى » دەپ ئاتىغان . چىڭگىزخان دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا نىيەت باغلىغاندا بۇ يېزىقنى موڭغۇل دۆلىتىنىڭ يېزىقى قىلىپ قوبۇل قىلغان ھەمدە « ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتىغان . 16 – ئەسىرگە كەلگەندە بۇ يېزىقنى مانجۇلار ، موڭغۇللار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان . ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك شىۋەلەر قۇبۇل قىلىپ ، ھازىرقى شىۋە يېزىقىنى شەكىللەندۇرگەن .

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى ئۇزاق قوللىنىلغان . ھەتتا 13 – ئەسىردىن 15 – ئەسىرگىچە ۋولگا دەريا ۋادىسىدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا ئالاقىلەردە كەڭ قوللىنىلغان . قىسقىىسى بۇ يېزىق 700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلغان . ئوڭدىن سولغا قارىتىپ ، توغرىسىغا ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلىدۇ . جۈملە ئاخىرىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ .

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلاردىن « ئالتۇن يارۇق » ، « قۇتادغۇبىلىك » ، « ئوغۇزنامە » ، « قىسسەسۇل ئەنبىيا » ، « سامىتۇ ئاچارنىڭ تەرجىمھالى » قاتارلىق ئەسەرلەر بار .

قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ باشچىلىقىدا , 10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر ئسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن دىنىي ئىتىقاد سەۋەبىدىن ئەرەب يېزىقى , بارا – بارا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ « خاقانىيە تىلى » دەپ ئاتىلىپ ، ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەيدىغان ئاساسىي يېزىققا ئايلانغان . شۇ سەۋەبتىن بۇ يېزىق « خاقانىيە يېزىقى » دەپ ئاتالغان . بەزىلەر « ئەرەب يېزىقى » دەپمۇ ئاتايدۇ .

3. خاقانىيە يېزىقى

خاقانىيە يېزىقى __ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھېچقانچە ئىسلاھ قىلىنمىغان ھالدا قوبۇل قىلىنغان يېزىق . بۇ يېزىقتا ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرپ ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن,« پ » ، « گ» ، « چ » ، « ژ » ھەرپلىرىنى پارس ئېلىپبەسىدىن قۇبۇل قىلغان . ئىملا جەھەتتىن پارس يېزىقلىرىنىىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئاساسەن ئەمەل قىلغان . . سوزۇق تاۋۇش ، ياردەمچى بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن . بۇ يېزىق 10 – ئەسىرىدىن 14 – ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ قاراخانىلار زېمىندا قوللىنىلغان . ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش ۋاستىسى قىلىنغان . 11 – ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بۈيۈك ئەسەرلەردىن « تۈركىي تىللاردىۋانى » ، « قۇتادغۇبىلىك » ، « ئەتەبەتۇل ھەقايىق » قاتارلىق ئەسەرلەر مۇشۇ تىلدا يېزىلغان .

4. چاغاتاي يېزىقى

« چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتالغان بۇ يېزىقنىڭ ئاساسى ، ئەرەب ئېلپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقى . خاقانىيە يېزىقى بىر مەزگىل ئشلىتىلگەندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ماسلاشماي قالغان . شۇنىڭ بىلەن خاقانىيە يېزىقى ئۈستىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈلۈپ , ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن . بۇ يېزىق قوللىنىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى ، بولۇپمۇ ، بۇ يېزىقتا مەيدانغا كەلگەن زور ھەجىمدىكى كاتتا ، نادىر يادىكارلىقلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن باشقا ھەرقانداق يېزىقتىن ئېشىپ چۈشىدۇ .

بۇ يېزىق 13 – ئەسىرىدىن تارتىپ تاكى 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى بولغان . بۇ يېزىق چاغاتاي خانلىق دەۋرىدە ئشىلىتىلگەن يېزىق بولغاچقا ، بۇ يېزىقىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار ئۇنى « چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتىغان .

چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ، يەنى شەرقتە قۇمۇلدىن ، غەربتە ئامۇ دەرياسىغىچە ،شىمالدا ئىلىدىن ، جەنۇپتا ھېندىستاننىڭ پايتەختى دېھلىنىڭ شىمالىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا قوللىنىلغان ھاكىمىيەت يېزىقى ئىدى .

بۇ يىزىق بىلەن سەككاكى ، لۇتفى ، نەۋائى ، خاراباتى ، زەلىلى ، ئەرشى ، گومنام ، نىزارى ، موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ ، موللا مۇسا سايرامى ، تەجەللىي ، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئالىم – ئۆلىمالار مېڭلىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .

چاغاتاي يېزىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىلمۇ – خىل ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى مەيدانغا كەلگەن ، خەتتاتلىق يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان . چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلىرى بۇنىڭغا ئوبدان مىسال بولالايدۇ .

5. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقىنىڭ بىۋاستە راۋاجى ، يېڭى دەۋردىكى شەكلى ھېساپلىنىدۇ . 20 – ئەسىرنىڭ 20 – ۋە 30 – يىللىرىغا كەلگەندە دۇنيادا زور سىياسىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي ھادىسىلەر بارلىققا كەلدى . بۇ ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ زىلزىلىسى ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە بېكىنمىچىلىك ، خۇراپاتلىق ۋە قالاقلىقنىڭ قۇچىقىدا ئۈگدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاز – تولا سەگىتتى . مىللىي ئويغۇنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ، زامانغا لايىقلىشىش سادالىرى بارلىققا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئېھتىياجى , مىلىتارىست شېڭ شىسەينى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا پەن – مەدەنىيەتكە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى . 30 – يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى شىنجاڭنىڭ جاي – جايلىرىدا تەسىس قىلىنغان « ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى » ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا يېپ – يېڭى مەزمۇن قوشتى . جۈملىدىن زىيالىلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىپ 1937 – يىلى يېڭى ئېلىپبە ۋە ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقتى .

چۈنكى ، چاغاتاي يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرپ بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا ، بۇ يېزىق ئىلمىي ئىزغا سېلىشقا موھتاج ئىدى . 1935 – يىلدىن باشلاپ چىقىرىلغان « شىنجاڭ گېزىتى » مانا مۇشۇ يېڭى ئىملادا نەشىر قىلىنغان . « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ غەلبىسى بىلەن ، بۇ يېڭى ئېلىپبە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىنغان .

1954– يىلىغا كەلگەندە ، بىز ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئېلىپبەنىڭ ئاساسىي تۇرغۇزۇلدى. 1984 – يىلى تۆت لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم تۆت ھەرپ بېكىتىلىپ ، ئۇيغۇر كونا يېزىقى 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش ئۈچۈن , بىردىن ھەرپ بەلگىلەنگەن ئىلمىي بىر ئېلىپبە مەيدانغا كەلدى