بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز

ئابلىز مۇھەممەد سايرامى

  ‹‹بوۋاقلارغا خاس ئارامگاھ، راھەت ماكان›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە بۆشۈك قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ بالا تەربىيەلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. بۆشۈكنىڭ ئاددىي ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىكلىكىدىن قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىلا بۆشۈك ئىشلىتىشى خېلى ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم.

  تۇرمۇشىمىزدىكى بۆشۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، نۇسخىلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇملاشقانلىرى خانتاجى، سەنەم، قول سەنەم، قىرىما، ئەگمە، ناۋا، ئانارچە بۆشۈك، مېھراب نۇسخىلىق بۆشۈك قاتارلىق ئون خىلدىن ئاشىدۇ.
ئادەتتە ئەنئەنىۋى بۆشۈكلەر ئوخشاشلا يەرلىك ياغاچ ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. بۆشۈكلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 85 – 90 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 – 60 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قۇرۇلمىسى ئاساسەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا)، ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە (تەڭلىك – بالا ياتىدىغان قىسمى) قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۆشۈكنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىرغۇدا ئالما، ئانار، قاپاق، مۇنچاق قاتارلىق شەكىللەر چىقىرىلىپ، ئىسىتېرېئولۇق كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. بۆشۈككە يەنە بىر يۈرۈش بۆشۈك جابدۇقلىرى، يەنى ئۇۋۇدا، ياستۇق، شىلدىرشاپ، يۆگەك، زاكا، چەمبىرەك، جاك، شۈمەك، چۆرەك، تىزلىق، ئوشۇقلۇق، كاشا(قول تارتقۇ)، يۈز ياپقۇ قاتارلىقلار ھازىرلىنىدۇ.
ئانىلىرىمىزنىڭ بۆشۈكىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئىلمىيلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئاساسەن، بۆشۈكنىڭ رولىنى مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
بىرىنچى، بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بۆشۈكتە چوڭ بولغان بالىلاردا ئادەتتە دوقا، دوك، توخو تۆش(دۆڭ مەيدە)، ئىچ مايماق، تاش مايماق، سىڭا سۆڭگەچ، مۈرىلىرى ئېگىز – پەس، بوينى مايتۇق، پەچەك(پاقالچاقلىرىO شەكىللىك) بولۇپ قېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.
ئىككىنچى، بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، ئېغىر يۆتىلىدىغان، زۇكام بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.
ئۈچىنچى، بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا قاقلىنىپ، قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا تولا سىيىپ سۈيدۈك يېيىۋېتىدىغان، ئەنگىزى ئېشىپ كېتىدىغان، قەغىشلىق قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
تۆتىنچى، ئۇيقۇ بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئارام ئېلىش، ھۇزۇرلىنىشتۇر. ھەرخىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلسىمۇ، ئۇيقۇسىنى تاپالماي تولا يىغلايدىغان بوۋاقلار بۆشۈككە بۆلىنىپ ‹‹ئەللەي ناخشىسى››غا سىيلىق تەۋرىتىپ بېرىلسە ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ.
بەشىنچى، بۆشۈكنى لەرزان تەۋرىتىش بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىن باشقا، بوۋاق بەدىنىدىكى بوغۇم – ئۈگىلەرنى، مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ، ئۇلاردىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ مول تېببىي بىلىمى، ئىلمىي تەجرىبىسى بىلەن بۆشۈكلەر ناھايىتى ئىلمىي ئاساستا لايىھەلەنگەن. بالىنىڭ مېڭىسى چايقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ‹‹يورغا›› چىقىرىلغان، ھازىر شارىكلىق ئاسما شەكىلدىمۇ ياسالماقتا. فولكلور مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولغان بۆشۈكلىرىمىز لايىھەلىنىشى ئىلمىي، ماتېرىيال مەنبەسى تەبىئىي ھەم كۆپ، تەننەرخى تۆۋەن، باھاسى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، ھۈنەر – سەنئەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلىدۇ.
خەلقىمىز ئەزەلدىن بۆشۈكنى ئېتنىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئۇلۇغلىغاچقا، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىش ئادىتى بىر خىل ئېتنىك ئۇدۇم سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ ئېتنىك تۇرمۇش ئادىتىمىز بىر تەرەپتىن مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بوۋاقلارنى ساغلام چوڭ قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلسە، يەنە بىر جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماس كەلگەنلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئىشىنىمىزكى، ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مىللىي ئەنئەنىگە، ئۆزگىچە ئېتنىك تۇرمۇش خاسلىقىغا ئىگە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق، ئۇ دەۋر مېلودىيەسىگە جور ھالدا تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇپ، كېلەچەك ئىگىلىرىنى تېخىمۇ ساغلام تەربىيەلەشتە ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك جارىي قىلدۇرغۇسى.