ئۇيغۇر دىيارى

باغداشنىڭ تەغدىرى …

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىغا، بۈيۈك سەلتەنىتىگە سىموۋۇل قىلىنىدىغان تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ قومۇل تەرىپىدە باغداش دەپ تىللاردا داستان بولىۋاتقان پەلەكنى سۆيگەن بىر تاغ بار، ئۇ خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر سۆيۈملۈك يەرنامى باغراش بىلەن ئاھاڭ -تەلەپپۇز جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە بولغاچقا…

دولانلارنىڭ داڭلىق تائامى _ كۆجە

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس كۆجە _ دولانلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تائام بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئەجىر – مېھنەت سىڭدۈرۈلىدۇ. كۆجە كۈز پەسلىدىلا ئىچىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى كۆكباش بولغاچقا، كۆممىقوناق چۈرۈش بولىدىغان كۈز پەسلىدىن باشقا چاغلاردا ئۇنىڭ ئاشۇ ئاساسلىق…

«لوپ» سۆزى ھەققىدە

شېرىپجان قاسىم كامالى لوپ خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى. لوپ ئىلگىرى ‹‹ئورۇڭقاش›› (يورۇڭقاش، يۇڭقاش) دېيىلىپ كېيىنچە ‹‹لوپ›› دەپ ئاتالغان. لوپ ناھىيەسى تارىختا ئىزچىل خوتەن دىيارىنىڭ يىپەك، قەغەز، گىلەم، قىيمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇپ كەلگەن. ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېپىش…

كاچۇڭ دېھقانلىرى ۋە رەسساملىق

ئەخمەتجان ئىگەمبەردى يىراق – يىراقلارغا سوزۇلغان يەكەن دەرياسى بويىدىكى بىپايان بوستانلىقلاردا ئۆزگىچە بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئات ئۈستى مەدەنىيىتىگە تويۇنۇپ، رەڭدار مەدەنىيەتنىڭ ھەقدار ئىگىسى بولۇپ كېلىۋاتقان كاچۇڭلۇقلار ئەقىل – پاراسەتلىك ۋە ئىجادكار ئەجدادلىرىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىنى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ – ئادىتىنىڭ ھەممە…

بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە—كارىز

كارىز— بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتىكى مۆجىزە، خەلقىمىز ئۇزاق زامانلار داۋامىدا ئىككى قولى، ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئەمگەك مېۋىسى. تۇرپاندا ‹‹ئەر ئۆلسە چىراغ ئۆچىدۇ، كارىز ئۆلسە، ئەل كۆچىدۇ›› دەيدىغان ماقال بار. بۇ، خەلقىمىزنىڭ كارىزغا بولغان ئەقىدە، مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى…

مۇزلۇقتىكى ئاجايىباتلار

رىسالەت ئوبۇلقاسىم يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا مۇزلۇق دەپ ئاتىلىدىغان خىلۋەت ماكان بار. بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئوقۇرمەنلەرگە بەزى يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ توپلۇق يېزىسىدىن ماشىنىلىق يولغا چىقتۇق. ئىككى…

سىرلىق غەلىتە تاغ — ئىنگەن

تۇرسۇن قۇربان كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزا بازار مەركىزىدىن 29 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاقاسلىقتا تۆت ئەتراپى قارا، قىزىل، ئاق، يېشىل، سېرىق، قوڭۇر ۋە مىستىن ئىبارەت يەتتە خخل رەڭدىكى تاغ بىلەن ئورالغان تاغلىق كەنت ـ ئىنگەن كەنتى بار. دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىككە…

ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى

ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى – تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئاستانە كەنتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ شىمالىي تەرىپى قاراغوجا كەنتىگە يېقىن.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت قەلئەسى دەپ ئاتالغان ، شەرقىي جىن سۇلالسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقى ئىدىقۇت ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان .شىمالىي ۋېي…

كوسىراپلىقلارنىڭ‹‹مىتەۋىلىشىش››ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى زامان شەھەر تۇرمۇشى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىدىن بىر قەدەر يىراقتا. ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى نىسبەتەن تولۇق ساقلانغان تاغلىق يۇرت. بۇ جايدىكى ‹‹مىتەۋىلىشىش›› ئەنە شۇنداق مە دەنىيەت ئىزچىللىقىنىڭ…

قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نامايەندىسى — قاغىلىق چەكمىنى

قاغىلىق ناھىيىسى قەدىمىي ‹‹ يىپەك يولى ›› نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ‹‹ قارا قۇرۇم باغرىدىكى بىباھا مەرۋايىت ›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . ئۇ غەربتە تەكلىماكان قۇملۇقىغا ، جەنۇبتا قارا قۇرۇم تېغىغا يېقىن ، شەرقتە شىزاڭ ھەم…

شايار قارا كۆل تۇمىقى

شايار ناھىيىسىدىكى 90 ياشلىق تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ سەككىز يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن قارا كۆل تۇمىقى تىكىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ بۇ ھۈنىرىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، ھازىر تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ بىلەن ھۈسەن مۇھەممەد قارا كۆل تۇمىقىنى تىكىش بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ…

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئەسلى نامى ھەققىدە ئىزدىنىش

ھازىرقى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى خەنزۇچە سۇلې(疏勒) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئەسلىدىكى «سۇللاغ» دېگەن نامىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىپ بولدى ۋە بىرقىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بىراق ھازىرقى يېڭىشەھەر دەپ…