ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

مەھمۇد قەشقىرىيگە كۆرە قاراخانىيلاردا تېبابەت

ئەنۋەر ياسىن بۇ ماقالە 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 20-24-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «1- قېتىملىق خەلقارا تۈرك تىپ تارىخى قۇرۇلتىيى» نىڭ ماقالىلار توپلىمىدىكى نۇسخىسىغا ئاساسەن يۈسۈپجان ياسىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. قاراخانىيلاردا تېبابەتنىڭ ئايرىم بىر پەن سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.بۇ دەۋردە يېزىلغان ئىككى…

ئۇيغۇرلاردا سوۋغا بېرىش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئادەم بىلەن ئادەم ۋە شەخىس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىگە خاس ئەخلاق نۇرمىلىرىنى ۋە قاىىدە – يۇسۇنلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن سوۋغات بىرىش ئادىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. «…

كۆكتۈرك ئارخېئولوگىيىسىدىكى يېڭى كەشپىياتلار

(كۆكتۈرك مەدەنىيىتىگە دائىر يېڭى تېپىلمىلار) يۈسۈپجان ياسىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سېرى ئېچىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىلىم تارماقلىرى كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى مۇھىم بىر تېما قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا تەۋەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئارخېئولوگىيىلىك…

بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز

بۆشۈك ناھايتتى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلار ئويغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكلىرى يەرلىك ياغاچ ماتېرياللىرىدىن ياسىلىپ، قۇرۇلمىسى ئاساەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا). ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە(تەڭلىك بالا ياتىدىغان قىسىمى) دىن تەشكىل تاپىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەشتىن ئىلگىرى…

ئۇيغۇرلاردىكى بەرىكەت چۈشەنچىسى

ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۇيغۇر خەلقى مەنىۋىي دۇنياسى تولىمۇ كەڭ، شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە نىسبەتەنمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە ۋە شەيئىلەرنىڭ مەۋھۇم، ئابستراكىت تەرەپلىرىنىمۇ مۇناسىپ رەۋىشتە ئۇقۇملاشتۇرالايدىغان مەرىپەتلىك خەلقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بۇنىڭ بىر روشەن دەلىلىدۇر. « بەرىكەت – جىق نەرسىنىڭ ئورنىنى…

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى

مەزكۇر تەرجىمە ماقالىنى 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان ئىدىم، ئەينى چاغدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۇنشىيەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بارلىق سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەر ھەممە تور بەتلەردە…

شەھەرلەردە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ئادەتلىرىمىز

غالىپ مۇھەممەد قارلۇق  شەھەر- ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ساپلىقتىن يىراق داشقايناق كارتېنىسى . بۇ يەردە تۇرمۇش رېتىمى تېز ، تىرىكچىلىك شاۋقۇن – سۈرەنلەرگە تولغان بولىدۇ . تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ناھايىتى تېز سۇرئەتتە ئۇچرىشىىپ تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ، كۆز قاراشلىرىمۇ تاشقى تەسىرلەرنىڭ غىدىقلىشىغا…

كىتاب سوۋغا قىلىش

ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۇيغۇرلار خېلىلا تاكامۇللاشقان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ مەلۇم ئەخلاق مىزانلىرى، ئېلىم – بىرىم، سوۋغا– سالام ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، قىلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىستېتىك…

ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت…

ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت ۋەسىيەت ___ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئېغىزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بۇيىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق »①تۇر. قەدىمكى دەۋىرلەردىن…

«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى

ئىبراھىم كافەسئوغلۇ(تۈركىيە) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن مەشھۇر تارىخ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇر ئىبراھىم كافەسئوغلۇ 1914- يىلى تۈركىيىنىڭ بۇردۇر شەھىرىدىكى تەفەننى بۆلگىسىدە تۇغۇلغان. تەفەننىدىكى كافەسلەر جەمەتىدىن بولغان رەجەپ ئەپەندى بىلەن خاتىچە خانىمنىڭ ئوغلى بولغان كافەسئوغلۇ 1926- يىلى تەفەننى باشلانغۇچ مەكتىپىنى ۋە 1932-…

ئۇيغۇرلاردا مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇنى تەقسىملەش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت «مىراس-ئۆلگەنلەردىن قالغان مال ـ مۈلۈك » ياكى « ئۆلگەنلەردىن كېيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپىي ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە » ① بولۇپ، مىراسقا ئىگە بولۇش « مۈلۈك ۋارىسلىقى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىراس قالدۇرۇش ۋە مۈلۈك ۋارىسلىقى ئىنسانلاردا…