دولان ئۇسسۇلى

دولانلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ناخشا – ئۇسسۇل ، مۇزىكىغا ماھىر خەلق بولۇپ ، ناخشا – ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى .

دولان ئۇسسۇلى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 200 يىللار ئىلگىرى دولاندا چورۇق مىڭ بېشى دېگەن كىشى ئارىلىق تەرتىپكە سېلىنغان . دولان ئۇسسۇلى – دولان ئۇيغۇرلىرىغا خاس بولغان قەدىمكى چالغۇلار بىلەن ئورۇندىلىدىغان ۋە ‹‹ دولان مۇقامى ›› غا تەڭكەش قىلىپ ئوينايدىغان تۆت باسقۇچلۇق دولان مەشرەپ ئۇسسۇلىنى كۆرسىتىدۇ . دولان ئۇسسۇلىدا مۇزىكىلىق قۇرۇلما بەش باسقۇچتىن ، ئۇسسۇللۇق فورماتسىيە تۆت مۇقىملىقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ھەر باسقۇچ ئۇسسۇلدىكى قەدەم بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ ، ئاساسەن جۈپ – جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ ، قول ھەرىكەتلىرى ھەمدە داپنىڭ رىتىمىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ باشقا تۈرىگە ئوخشىمايدۇ .

دولان ئۇسسۇلى بىلەن دولان مۇقاملىرى بىر پۈتۈن گەۋدە . دولان مۇقاملىرىدا ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەزمۇن ئاساسەن دولان ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق روشەنلەشتۈرۈلىدۇ . مەسىلەن : دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئوينىلىشىدا بىرىنچى بۆلىكى مۇقەددىمىسى بولۇپ ، چاچما ئۇدار ئىختىيارىي ئوينايدۇ . بۇ باسقۇچى شۇ سورۇنغا نىسبەتەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەييارلىق ھالىتىدە ھازىرلىنىش مەنىسىنى ئىپادىلىسە ، دولان ئۇسسۇللىرىدا ئىپادىلىنىدىغان مەزمۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىر قېتىملىق ئوۋغا تەييارلىنىش يۈزىسىدىن ئادەم چاقىرىش ۋە ئادەم توپلاش كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ .

ئۇسسۇل باشلىنىشتىن بۇرۇن سازەندىلەر ئىچىدىكى بىرى ياكى بىر نەچچىسى ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ‹‹ ۋاي ئاللا … ! ۋاي ئاللا … ! ۋاي ئاللا … ! ›› دەپ توۋلاپ ئارقىدىنلا ئىختىيار قىلغان كىشىلەر ئۇسسۇل ئويناشقا چۈشىدۇ ، بىر مەيدان قېرى – ياش ، ئەر – ئايال بولۇپ 100 دىن 150 كىچە كىشى جۈپ – جۈپى بىلەن بىر – بىرىگە بېقىشىپ ، بىر – بىرىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ . مەيداندا مەيلى 100 كىشى ياكى 200 كىشى بولسۇن ئۇسسۇل خۇددى بىر كىشى ئوينىغاندەك رەتلىك ئوينلىدۇ .

دولان مەشرىپىنىڭ بىر قېتىمدىكى ئۇسسۇلى تۆت باسقۇچلۇق شەكىل بىلەن ئاياغلىشىدۇ ، ھەمدە باسقۇچنىڭ مەزمۇنى يەنىلا ياۋايى ھايۋانلار بىلەن كۈرەش قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . بىرىنچى باسقۇچ — چېكىتمە ( ئىز ئىزدەش دېگەن مەنىدە ) دېيىلىدۇ . بۇ 3/4 ئۇدارلىق ئاستا ئۇسسۇللۇق ئاھاڭدۇر . ‹‹ چېكىتمە ›› دېگەن سۆز داپنىڭ چېكىپ چېلىنىشىغا ئاساسەن قويۇلغان نام بولۇپ ، مۇقامنىڭ ئەركىن ئۇدارلىق ئاھاڭىدىن رىتىملىق ئاھاڭغا ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . بۇ باسقۇچتا ئۇسسۇلچىلار داپنىڭ رىتىملىق ئۇرۇلۇشىغا ماسلاشتۇرۇپ پۇت ۋە قولنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ . ئەرلەر ئىككى قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ ئوڭ ۋە سول تەرىپىنى ئاختۇرىدۇ . بۇ جاڭگالدىكى چاتقاللارنى قول بىلەن قايرىپ تۇرۇپ ، ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئاياللار بولسا بىر قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئوينايدۇ . بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ياردەملىشىپ مەشئەل ‹‹ چۇچۇلا ›› كۆتۈرۈپ يولنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىسە ، قولنىڭ ئىككى ياققا رىتىملىق ئېچىلىشى ئەرلەرگە يېقىندىن ماسلاشقان ھالدا مەشئەلنى قولدىن – قولغا ئالماشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .

ئىككىنچى باسقۇچ — سەنەم ( ئېلىشىش ، تىركىشىش ۋە چىرمىشىش دېگەن مەنىدە ) دېيىلىدۇ . بۇ 4/4 ئۇدارلىق تېزرەك ئورۇنلىنىدىغان ئۇسسۇللۇق ئاھاڭ . ‹‹ سەنەم ›› دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا ‹‹ مەبۇت ، گۈزەل يۇرت ›› دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، ئەينى دەۋردە كىشىلەر ئۆزلىرى گۈزەل دەپ قارىغان ھەم چوقۇنغان بۇتنى ‹‹ سەنەم ›› دەپ ئاتاشقان . كېيىنچە ‹‹ سەنەم ›› سۆزى ‹‹ گۈزەللىك ›› مەنىسىگە كۆچۈپ ، دولان مۇقاملىرى ، قۇمۇل مۇقاملىرى ۋە ئون ئىككى مۇقام قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كىلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ ئەلنەغمىلىرىگە ۋە خەلق ئۇسسۇللىرىغا سىڭىپ كىرگەن . مۇزىكا بۇ باسقۇچتىن ئۆتكەندە ، ئاھاڭنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن ئۇسسۇل جىددىيلىشىدۇ . بۇ ، تېپىلغان ياۋايى ھايۋان بىلەن قاتتىق كۈرەش باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . بۇنىڭدا ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئوڭ ۋو سول تەرەپكە بۇرۇلۇشى ، ھايۋان بىلەن ئېلىشقانلىقىنى ، چەبدەسلىك بىلەن سولدىن ئوڭغا ئايلانغانلىقىنى ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلغانلىقىنى ، كېيىنكى ھەرىكەت ئازدۇرۇلغان ھايۋاننى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئوقيا ئېتىپ يىرتقۇچ ھايۋانغا ئەجەللىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن بۇ باسقۇچ ئاخىرلىشىدۇ .

ئۈچىنچى باسقۇچ — سەلىقە ( سەن ئۇنى يوقات دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ 4/2 ئۇدارلىق تېز سۈرئەتتىكى ئۇسسۇللۇق ئاھاڭ . ‹‹ سەلىقە ›› ، ‹‹ زوق ، زوق بېغىشلىماق ، شوخ ، شوخ پەدە ›› دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، بۇ سۆزمۇ كېيىنكى مەزگىللەردە دولان مۇقاملىرى ۋە ئون ئىككى مۇقاملاردا ئۇسسۇللۇق ئاھاڭلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نام سۈپىتىدە قويۇلغان . نەغمىنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇسسۇل شەكلىمۇ ئۆزگىرىدۇ ، بۇ باسقۇچ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ مەغلۇپ بولۇپ قاچقانلىقىنى ، ئەر – ئايال ئوۋچىلارنىڭ ھالقىسىمان دائىرە ياساپ ، يىرتقۇچ ھايۋاننى قورشىۋالغانلىقىنى ۋە قورشاۋدا قالغان ھايۋاننى قاتتىق دۇمبالاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .

تۆتىنچى باسقۇچ — سىيرىلما ( غەلىبە ، تەنتەنە ، خوشاللىق دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ 4/2 ئۇدارلىق تېز ساما ئاھاڭىدۇر . ‹‹ سيرىلما ›› سۆزى ‹‹ سيرىلىش ›› سۆزى بىلەن مەنىداش بولۇپ ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ئىچىدىكى مېلودىيە ئۆزگىرىشى ئاددىي بولغان يېنىك ئۇسسۇللار ‹‹ سىيرىلما ئۇسسۇلى ›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، بۇ خىل ئۇسسۇللار مۇزىكىغا ماس ھالدا يەڭگىل – سىلىق ئوينىلىدۇ . دولان ئۇسسۇلىنىڭ سىيرىلما ھەرىكىتىمۇ ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە . بۇنىڭدا نەغمە ئاھاڭىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوۋچىلارنىڭ ئاخىرقى غەلبىگە تەنتەنە قىلىپ چەكسىز خوشاللىققا چۆمۈلگەنلىكى ئىزھار قىلىنىدۇ .

دېمەك ، دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئوينىلىشى ۋە مۇشۇنداق راۋاجلىنىشى ، دولان خەلقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ياكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى بىر قېتىملىق كەسكىن كۈرىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ .