ئەكبەر قەھرىمان

ئەكبەر قەھرىمانئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئاممىباب ناخشىچىلار قاتارىدا ئەكبەر قەھرىمان تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان لىرىك ناخشىلىرىدا 90-يىللاردىكى ياشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشق-مۇھەببەت، جۇدالىق، ھىجران ئازابى مەزمۇن قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ ئەشۇ تەكرارلانماس، قايتىلانماس، كۆڭۈل تارىنى چېكىدىغان ئاۋازى بۇ ناخشىلارنى قايتا-قايتا ئاڭلاشقا مەجبۇر قىلالايدۇ.

ئەكبەر قەھرىمان ياشلار ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان ئوت يۈرەك كۈيچى. ئۇ 1972-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدە سەنئەت مۇھىتى قويۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان، 1983-يىلى ئۈرۈمچى ياشلار-ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ سەنئەت سىنىپىدا، 1984-يىلى ليۇجاڭشۈن خۇسۇسىي گىتار سىسنىپىدا تەربىيەلىنىدۇ. 1987-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەكتەپنىڭ گىتار كەسپى بولمىغاچقا راۋابنى كەسپىنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. كىچىكىدىنلا خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىپ سەنئەتكە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان ئەكبەر قەھرىمان ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئويۇن قويۇش مەركىزىنىڭ تەشكىللىشىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئويۇن قويۇش جەريانىدا تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپ ئۆزى ئىجاد قىلغان «يوپۇرماق»، «كۆڭۈل ئىزھارى»، «كىچىككىنە قارا كۆز» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە ياشلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان، 1991-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شىنجاڭ مۇقام ئانسانبىلىدا مۇزىكانت بولىدۇ.

ناخشا ساھەسىگە قەدەم قويۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ھېسىياتقا باي، لىرىك، جۇشقۇن ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتىكى يۇقىرى ماھارىتى ئۇنى ياشلار چوقۇنىدىغان چولپانغا ئايلاندۇرىدۇ، 1993-يىلى بېيجىڭغا گىتار كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدۇ. شۇ يىلى بېيجىڭدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ تۇنجى ئۈن لېنتىسى «ئۆچمەس ئوت» نەشر قىلىنىدۇ.

ئەكبەر قەھرىمان خەلق ئىچىدە تارالغان مۇھەببەت ناخشىلىرىنى زامانىۋى ئۇسلۇبتا گىتار بىلەن ئورۇنداپ شۆھرەت قازىنىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ راۋاب چېلىش كەسپىدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇقام ئانسانبىلىنىڭ ياخشى مۇزىكانتى بولۇپ قالىدۇ، خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىككى يىل دولان راۋابىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. ئۇ يەنە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ نۇرغۇنلىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئۆچمەس ئوت»، «كەچۈرمىشىم»، «قىزىل گۈل»، «مۇھەببەت»، «شېرىن ئەسلىمە» قاتارلىق لىرىك ناخشىلىرى مۇجەسسەملەنگەن 39 دىن كۆپ ئۈن لېنتىسى ۋە «كونا ئالبۇم»، «كۆڭۈل»، «مېھرى-شەپقەت»، «ئەسىر سوۋغىسى» قاتارلىق MTV پىلاستىنكىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەش، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتېتىنىڭ ئىجادىيەت كەسپىدە ئىككى يىل بىلىم ئاشۇردى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شىنجاڭ مۇقام ئانسانبىلىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىغا يۆتكىلىپ سەنئەت ھاياتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى. 2005-يىلى تېكىستىنى ئۆزى يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان «دۇنيا» ناملىق ناخشىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇكاپاتلىق ناخشا-مۇزىكا پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ شىنجاڭدا ئەڭ كۆپ پىلاستىنكا چىقارغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى.

ئەكبەر قەھرىمان يېقىنقى زامانلاردىن بۇيانمۇ مۇزىكا، ناخشا ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختىتىپ قويمىدى، «ئەكبەر قەھرىمان گىتار تەربىيلەش سىنىپى» خانساراي كىنو-تىياتىرخانىسى قورۇسىدا ئېچىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق يىللىق تىرىشچانلىقى ئاستىدا يېقىندا شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتىدىن «ئۇيغۇر گىتار مۇزىكىلىرى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. بۇ كىتابقا ئۆزى گىتار چېلىپ ئېيتقان ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكا نوتىلىرى كىرگۈزۈلگەن ۋە كىتابقا ناخشا پىلاستىنكىسى قىستۇرۇلغان. بۇ ئۇيغۇر گىتار گىتار مۇزىكىچىلىقى توغرىسىدىكى تۇنجى كىتاب. ئۇ يېقىندا يەنە ئىككى سائەتلىك كېچىلىككە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ كېچىلىكتە ئۇنىڭ مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭىدىن ئىجاد قىلغان بىر يۈرۈش ناخشىلىرى ئېيتىلىدۇ. ئۇنىڭ كېچىلىكىنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشۈشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىرىنىڭ 2014-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى.