ئېتراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتېرىت

ئېتراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتېرىت

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلۇق

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010 – يىللىق 1 – سانىغا مەشھۇر رەسسامىمىز غازى ئەمەتنىڭ «ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەري پورترېتلىرىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە» نامىدىكى ماقالىسى بېرىلدى. ماقالە مېنىڭ 2006 – يىلى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان، 2007 – يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسى» دېگەن كىتابىمغا كىرگۈزۈلگەن «ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتى ۋە مىللى خاراكتېرى» دېگەن ماقالەمگە جاۋابەن يېزىلغان ئوبزور ئىدى. مەن ماقىلىنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ھەيران قالدىم، يەنە بىر تەرەپتىن ئەپسۇسلاندىم. ھەيران قېلىشىمدىكى سەۋەب، ماقالىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىيەتلىك ئىلمىي ۋە تارىخى مەسلىلىەرگە قارىتا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان، ھېچ بولمىغاندا «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋان لۇغەت تۈرك» دېگەن شاھىت ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن پىكىر قىلماي، ئەكسىچە مېنى «يېتەرلىك بىلىم ئاسىسى بولمىغان ئوبزورچىلارنىڭ ئاساسسىز ۋە ئورۇنسىز باھا ۋە تەقرىز يېزىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دەپ ئەيىبلەيدۇ.

ئاپتور «يېتەرلىك بىلىم ئاساسى بولۇش» دېگەن تەلەپنىڭ سالمىقىنى مۆلچىيەرلىيەلمىگەن بولسا كېرەك، بۇ پىكىردىن «مەندەك بىر مەشھۇر رەسسام ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ ئوبزور يېزىشىغا ھەققى يوق» دېگەن مەنا چىقىدۇ. مەن رەسسام ئەمەس، رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى تازا چۈشەنمەيمەن، شۇڭا ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت ئۆلچىمى ھەققىدە پىكىر قىلمىدىم، بەلكى مەن 30 يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان بىلىش نەتىجىلىرىمگە، تارىخى پاكىتلارغا ئاساسەن ئىلمى نۇقتئىي نەزەردە تۇرۇپ سەمىمىي تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مەن ئۆمرۈمنى ئىككى ئالىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈشكە سەرپ قىلدىم، ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدىم، بىرگە ياتتىم ھەم پىكىرلەشتىم. «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە بىر قانچە كىتاب يازدىم، ھەمدە بىر قانچە يىل سەرپ قىلىپ «دىۋان لۇغەت تۈرك» كە شەرھى يازدىم. بۇ جەريانىدا مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي سىماسى دىلىمغا چوڭقۇر ئورناشتى. شۇڭا، ئۇلار توغرۇلۇق پىكىر قىلىشقا ئۆزۈمنى تامامەن ھەقلىق دەپ قارايمەن.

ئەپسۇسلىنىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، غازى ئەھمەت ئاكىنىڭ ئىلمىي مەسلىلەرگە قارىتا ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقى ۋە سەمىمىي بولمىغانلىقى بولدى. بىز ھېچ بولمىغاندا تارىخقا ئوبدانراق نەزەر سېلىشىمىز، تارىخقا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىشىمىز لازىم. بىر- بىرىمىزگە سەمىمىيەتسىزلىك، ھۆرمەتسىزلىك قىلساق كارايىتى چاغلىق، تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلساق تارىخقا يۈز كېلەلمەيمىز. تارىخ ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. بىزنىڭ قىلغان ھەر- بىر ئىشىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، تارىخ ئېتىراپ قىلىدىغان بولىشى كېرەك. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرى 11- ئەسىردىكى قاراخانىلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھەرگىزمۇ ئەرەب ياكى پارس شائىرلىرى ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىدىن ئەمەس. شۇڭا مىڭ يىل بۇرۇنقى مىللىي مەدەنىيەتنى، ئىتنىك ئالاھىدىلىكنى، مىللىي خاسلىق ۋە تارىخى ئالاھىدىلىكنى بىلمەي تۇرۇپ، تارىخى شەخسلەرنىڭ پورتېرىتى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلىش ئەلۋەتتە شۇ تارىخى شەخسلەرگە نىسبەتەنمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا كىتابخانلارنىڭ ئېڭىدا شەكىللىنىپ قالغان بەزى مۈجۈمەل چىگىشلەرنى يېشىۋېلىشىغا ياردىمى بولار دېگەن نىيەتتە بىر قىسىم مەسلىلەرگە قارىتا كونكرىتراق پىكىر قىلىشقا توغرا كەلدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتى نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان يۇقارقى ئىككى رەسىم ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق ماھىيەتلىك نۇقتىلاردا ئۇيغۇنلۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.

بىرىنچى، تارىخىيلىق ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتمىگەن.
ئىككىنچى، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىيە دەۋرىدىكى ئېرقىي ئالاھىدىلىك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، نەتىجىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر تىپ قىلىپ قويغان.
تۆتىنچى، شەخسىنىڭ ئىندىئۇدال ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى سالاھىتى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە سالاپىتىنى ئىپادە قىلىدىغان پاكىتلارغا زادىلا نەزەر ئاغدۇرۇلمىغان.
بەشىنچى، تارىخى پاكىتلار ۋە «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋان لۇغەت تۈرك» تىكى ئۇچۇرلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىغان. ھېچ بولمىغاندا رەسسام ئىككى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن- ئاياغ بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان. پەقەت باشقىلار يازغان ماقالە ئەسەرلەردىكى ئۈزۈندىلەردىنلا پايدىلانغان. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ سالا- سۈلھى قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيتى ۋە ئىپتىخارىغا تاقىشىدىغان مۇھىم تارىخى مەسلە. بىز مۇنداق ئېغىر سەۋەنلىكلەرنى ئۆزىمىز ھېس قىلىپ تۈزەتمىسەك بەرىبىر تارىخ ئۇنى ئىنكار قىلىۋېتىدۇ. تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشىلىق بېرەلمەيدۇ.

«قۇتادغۇبىلىگ» كە بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىينەزەرىدىمۇ سەپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ

ئالدى بىلەن دېققىتىمىزنى تارتىدىغان تەرەپ، ئىككى ئالىمنىڭ رەسىمىنى سىزىشتا ياش قۇرامى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان، ئەسلىدە بۇ ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل ئىدى، بىراق رەسسام غازى ئەھمەد بۇ ھەقتىكى پاكىتنى ئېتىراپ قىلمايلا قالماي، بەلكى مېنىڭ رەسىمنى چۈشىنىش ئىقتىدارىمنىڭ تولىمۇ چولتا ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن، ھەم ئىككى ئەسەرنى رەسساملىق نەزەر بىلەن كۆزەتمىگەن دەپ: «ئىككى ئالىمنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئاپتور بۇ ئىككى ئالىمنىڭ كىتابلىرىنى رەسساملىق نەزىرى بىلەن ئەستايىدىل ئوقۇپ باقىمىغان بولسا كېرەك» دەپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ رەسسامغا خاس نەزەرى بىلەن قايتا – قايتا ئوقۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پوترىتىنى سىزىپ چىقىشقا:

365 تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك ياشىم،
قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك باشىم.

دېگەن بېيىتقا ئاساسەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ساقاللىرى ۋاقىتسىز شۇنچە ئاقىرىپ كەتكەن قىلىپ سىزغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. {ئەمەلىيەتتە يۇقارقى بېيىتتا گەپ ساقال توغرىسىدا ئەمەس، باش (چاچ) ھەققىدە بولۇنغان بولسىمۇ} ئەسلىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بېيىتلارنى ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى، ياشلىقنىڭ پۇرسەتلىرى ۋە قىممىتى، قېرىلىقنىڭ مەھرۇملۇقلىرى ۋە مۇشەققەتلىرىنى بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەۋلاتلارغا، ياشلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئىبرەت كۆزىنى ئېچىشقا، ھاياتىنى قەدىرلەشكە دالالەت قىلماق بولىدۇ. بايانلىرىدا ئەلۋەتتە مۇبالىغە (كۆپتۈرۈش) تەك بەدىئىي ئامىللار بار. ئەگەر ئۇنداق ئەدەبىي ۋە بەدىئىي ئامىللارنى نەزەرگە ئالماي، «رەسساملىق نەزىرى بىلەنلا» ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل چۈشەنگەندە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئەما، پالەچ، دوك قىلىپ سىزىشقا توغرا كېلىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرىنىڭ 371 – بېيىتىدا «ئوقتەك تۈز قەددىم يادەك ئىگىلدى» دېسە، 374 – بېيىتىدا «كىشەنسىز تۇرۇپ قەدەم ئالالماس بولۇپ قالدىم، نۇرلۇق كۆزلىرىم قاراڭغۇ كىچىدەك يورۇماس (كۆرمەس) بولۇپ قالدى» دەيدۇ. 6529، 6530، 6532 بېيىتلىرىدا: « ئىپاردەك قارا باشقا كاپۇر پۈركۈدۈم، قىيىىندەك تۈز قەددىم ئەگرى يادەك ئىگىلدى (مۈكچىيىپ قالدىم). ئەرغۇۋاندەك قىزىل مەڭزىم زەپىراندەك سارغايدى.»دەيدۇ، بۇ ئارقىلىق، ھاياتتا ئىنساننىڭ بېسىپ ئۆتۈشى مۇمكىن بولغان تەبىئىي قانۇنىيىتىنى «مەن» ئوبرازدا ئەكىس ئەتتۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا رەسساملىق نەزەرى بىلەنلا سەپ سالماي، يەنە بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىينەزەرى بىلەنمۇ نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەن راسىتنلا «رەسساملىق نۇقتىئىنەزەر» دېگەننىڭ نېمىنى نەزەردە تۇتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم. رەسساملىق نۇقتىئىنەزەر دېگەن بىر تەرەپنى كۆرۈپ، يەنە بىر تەرەپكە كۆزىنى يۇمىۋېلىشمىدۇ؟ ئىنساننىڭ تەبئىي يېتىلىش قانۇنىيتىنى ھېسابقا ئالماي، شەيئىنى ماھىيەت جەھەتتىن كۈزەتمەي، ھادىسىلىك تەرەپكە ئېسلىۋالىدىغان «نەزەر» مىدۇ دەپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە، رەسساملىق سەنئىتى بىلەن بەدئىي ئەدەبىيات قارىمۇ– قارشى قۇتۇپتىكى ئىلىم ئەمەس، بىرى بوياق بىلەن ئوبراز ياراتسا، يەنە بىرى تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق بىر پىرىنسىپى بار، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇش ۋە شەيئىلەرنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈش. رەسىمدە ھەقىقەتەنمۇ چىنلىق ئەكىس ئەتمىگەن. ئاپتور ماقالىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسلى ياش قۇرامىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ. «ساقال- بۇرۇتى چۈشۈرىۈۋېتىلسە، ياش يىگىتتەك كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ، چىرايى پارقىراپ، قەددى- قامىتىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ھەم جۇشقۇن ھەم روھلۇق ھالىتىنى كۆرگەن بولاتتۇق» ، مەن تەكىتلىمەكچى بولغان قانۇنىيەتكە مۇخالىپ ئىشنىڭ بىرى دەل شۇ ئىدى. شۇنچە ئۈمۈدۋار، شۇنچە جۇشقۇن، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ، چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئېسىل تەبىئەتلىك بىر ئادەمنىڭ ساقاللىرىنى چۈشكۈنلەشكەن، ئۈمۈدسىزلەنگەن، ئېرسىي كېسەلگە كىرىپتار بولغان ئادەمنىڭكىدەك، قىران ئادەمنىڭ ئېڭىكىگە يەتمىش ياشلىق بوۋاينىڭ ساقىلىنى چاپلاپ قويۇش قايسى مەزھەپىتىكى رەسساملىقنىڭ مەنتىقىسىدۇ. بىزگە ياش قۇرامى ئەللىك ياشتىن ھالقىغان، روھىيتى بىلەن جىسمانىيتى بىر گەۋدىگە ئايلانغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى لازىم. ھەرگىزمۇ ساقىلى يەتمىش ياشلىق بوۋاي، ئۆزى تېخى ياش يىگىت بولغان سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىسنىڭ ئوبرازى ئەمەس. رەسسام غازىكام يېتەكلىگەن مەنزىل بىلەن ماڭغاندا نىشان خاتا تاللانغان بولىدۇ، 50 ياشلاردىكى جۇشقۇن، ئۈمۈدۋار، روھلۇق بىر ئادەمنىڭ چاچ- ساقاللىرىنىڭ شۇنچە ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى يۇقارقى بېيىتتىن باشقا چۈشۈندۈرىدىغان ئاساس بارمۇ؟ يۇقارقى بېيىتلاردا قويۇلغان چاچ ھەققىدىكى ئوبرازلىق بايانلارنى بەدئىي ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن «قارا چاچلىرىمغا ئاق سانجىلدى» دەپ چۈشىنىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپكە نەزەر ئاغدۇرغاندا قەلەم ھەم ئەلەمدە يېتىلگەن بۇ غورۇرلۇق ئالىمنىڭ بويۇن- كۆكرەكلىرىدىن بۇغدىيەكنىلا ئېلىۋەتسە، بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان ياش يىگىتلەرنىڭ كۆكرىكىدەك سىدام، مويسىز سىزىلىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز. ساقاللىق شۇنچە ۋىژدانلىق، غورۇرلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەيدىسىدە ئازراقمۇ تۈك يوق بولغىيمىتى. يۈز- چىرايىدىكى ئالامەتلەر بىلەن، بويۇن ۋە كۆكرىكىدە ماسلىق ئەكىس ئەتكەنمۇ؟ باش تەرىپىنى توسۇپ تۇرۇپ، بويۇن ۋە كۆكرىكىنى تەجىربىلىك رەسساملاردىن بىرىگە كۆرسەتسە قانداق باھا بېرەر؟ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۈرىتىدەك ئۇنداق مويسىز ئەمەس ئىدى. 1082- يىلدىكى قانۇن ھۆججىتىدە گۇۋاھلىققا چىققان ئەرنىڭ بەدەنلىرىنى «تۈكلۈك» دەپ سۈپەتلىگەن، ئوغۇزخانمۇ شۇنداق تۈكلۈك خاقان ئىدى. مەنىۋىيەت بىلەن جىسمانىيەىتنىڭ بىرلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئەلۋەتتە بۇ تەرەپلەرگىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇش لازىم ئىدى. ئۇيغۇرلاردا ‹‹مەيدىسىدە تۈكى بار›› دېگەن ئېدىئوم ئېسىل تەبىئەتلىك، غورۇرلۇق، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سۈپىتىدۇر، دېگەن. رەسىم دېگەن رەسسام ئۆز نەزىرى بىلەنلا قاراپ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن سىزىلمايدۇ، بەلكى ئاۋامنىڭ بەھرىمەن بولىشى ئۈچۈن سىزىلىدۇ، ئاۋامنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىنى يۇقارقى پورتېرتىدىن ئۇلارنىڭ ياش پەرقى نۇقتىسىدىن نېمىنى ھېس قىلالايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مەھمۇد كاشغەرىدىن 10ياش ئەتراپىدا كىچىك دەپ ھېس قىلالامدۇ؟ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنمىغاچقا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇد كاشغەرىدىن 20 ياش ئەتراپىدا چوڭدەك تەسىرات بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئالىم ياش قورامى جەھەتتىن تەڭتۇش ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىماسىنى ئىزدەش يولى

«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى مۆجىزىلىك بەدىئىي پىرامىدا، ھاكىمىيەتچىلىك ئېڭىنىڭ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىلغار تىپى، 11 – ئەسىردىكى بىلىش نەتىجىلىرىنىڭ بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكىس ئېتىشى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلغار ھاكىمىيەتچىلىك ئېڭىدا تۇرۇپ، پادىشاھتىن تارتىپ دۆلەتنىڭ بارلىق تەبىقىلىرىنىڭ ئۆزىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ساپا ۋە كەسپىي ساپاسى ھەققىدە ئۆلچەم قويۇپ چىقىدۇ. ئەسەردىكى ئىدىيىۋىي سىستېما دۆلەت ۋە قانۇن سىمۋولى كۈنتۇغدى ئىلىگ، بەخت ئىقبال سىمۋولى ئايتولدى، ئەقىل پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش، ئاقىۋەت ۋە قانائەت سىمۋولى بولغان ئودغورمىشلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەت ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق تۇرغۇزىلىدۇ. ئەسەردە يارىتىلغان ھەربىر ئوبراز ئىدىئال تىپ بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غايىسىدىكى ئىدىئال دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى. ئەلۋەتتە، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ پىرىنسىپى ئەسەرگە ئاپتورنىڭ مەنىۋىي ئوبرازى مەلۇم دەرىجىدە سىڭىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئۇنداق بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قايسى قاتلامدىن ئىزدىسە مۇۋاپىق. بۇ مەسىلىدە يەنىلا «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۇزۇن تەتقىق قىلغان مەشھۇر ئالىملارنىڭ پىكرىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەشھۇر ئالىم رەشىد رەھەتى ئارات يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى ئوبرازىنى ئىزدەشكە توغرا كەلسە «ئاي تولدى بىلەن ‹ئوقۇش-ئەقىل›گە سىمۋول بولغان ئۆگدۈلمىشنىڭ كىشىلىكىدە شائىرنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئېيتالايمىز. ئەسەردىن بۇ ئىككىسى ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىمىز، يۈسۈپنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزغا ماس كېلىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ سېلىشتۇرمىدا ئەسەردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان شەخسلەرنىڭ ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولغان پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك»①دەيدۇ. رەسىد رەھمىتى ئارات يۇقىرىقى كۆز قارىشىنى يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئەتراپىغا ئىستىداتلىق كىشىلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىكىدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ پايتەخىتكە كېلىپ، كېيىن ئوردىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەمدە كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنچە يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ، 50 ياشلارغىچە زاماننىڭ كۈلپەتلىرىدىن دىلى جاراھەتلەنگەن، نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئالىم بالاساغۇندىن ئورداكەنت «قەشقەر» گە كېلىپ، ئېدىئال دۆلەت غايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «قۇتادغۇبىلىگ» ئەسىرىنى بۇغراخانغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئوردىغا قوبۇل قىلىنىپ، بۇغراخاننىڭ يۈكسەك قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە تارتۇقلىنىپ خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەنلىكىدەك بىر قاتار ئىقتىدار ۋە سەرگۈزەش ئورتاقلىقى قاتارلىقلار نەزەردە تۇتىلىدۇ.

غازىكام ماقالىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتىرىتىنى «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى خاس ھاجىپ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بايان قىلغان 31 – بابتىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ خىل ئىزدىنىش مەنتىقىغا چۈشمەيدۇ. رەسىمىدە ياراتماقچى بولغان ئوبراز «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى، ھەرگىزمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ» تە ئېدىئال دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ خاس ھاجىپى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان ئادەمنىڭ تەسۋىر كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەسەردىكى خاس ھاجىپ بەدئىي ئوبراز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژ ئوبرازى ئەمەس، يانداشما ئوبرازمۇ ئەمەس، ئۇ بىر ئەدەبىي دېتال، يەنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋاستە. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ» نى يېزىشتىن بۇرۇن خاس ھاجىپ ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇغراخان يۈسۈپكە ۋەزىرلىك، ئىشىك ئاغىلىق، غەزىنىدارلىق، يالىۋاچلىق، سۇباشىلىق، پۈتۈكچىلىك قاتارلىق مەرتىۋىلەرنىڭ بىرەرىنى بەرگەن بولسا، يەنىلا بۇ ئوبرازلاردا ئەكىس ئەتكەن قىياپەت ۋە مەنىۋىي كامالەت يۈسۈپ خاس ھاجىپتا« تولۇق ھازىرلانغانلىقىغا جەزىم» قىلارمىتى. شۇڭا، رەشىد رەھمىتى ئارات ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىماسى ئەكس ئەتكەنلىكىنى بايان قىلغاندا مۇنداق دېگەن: « ئايتولدىنىڭ ئوغلى چوڭ بولۇپ ، ھۆكۈمدارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋەزىر بولىدۇ . شائىر ھەر تۈرلۈك پەزىلەت ۋە خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ ئالىم ۋەزىرنى دۆلەت ئىشلىرىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە شەخسىي چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەردىمۇ ھۆكۈمدارنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىرىدۇر . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مۇئەسسەسىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ . بەزىدە ھۆكۈمدارنىڭ ۋە بەزىدە ئۇدغۇرمىشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە سۆزلەنگەن بۇ پىكىرلەر دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ پەلسەپەسىنى ۋە ئەخلاقىي ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، قەدىمكى ۋە يېڭى دەۋرلەرنى بىر بىرىگە باغلاش جەھەتتىن تەڭداشسىز بىر قىممەتكە ئىگە . شۇڭا ، نۆۋىتى بىلەن ھۆكۈمدار ، ۋەزىر ، قوماندان ، ھاجىب ، ئىشىك ئاغىسى ، ئەلچى ، پۈتۈكچى ، غەزىندار ، باش ئاشپەز ، شارابدار مەنسەپلىرى ۋە بۇ ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى ئايرىم بابلاردا چۈشەندۈرۈلگەن . » يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەردىكى سىيماسىنى «قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان مۇكەممەل ئوبرازلاردىن ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ئوبرازلار بايان قىلىۋاتقان بەدئىي دېتالدىن ئىزدەش ئەلۋەتتە ئازغۇنلۇق بولىدۇ. ئەگەر، بۇ ئىلمىي كۆز قاراشلار ئېتىبارغا ئېلىنمىسا يېڭىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئاپتورنىڭ خائىشىدەك تون پىچىلغاندا ئۇ ئوردىغا كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ خاس ھاجىپلىققا تەيىنلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندەك، بۇغراخانغا بۇ ھەقتە بىشارەت بېرىپ، غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ تەبىرىچە مېنىڭ ئاۋازىم «ئەرەنچە» دېگىنىگە ئوخشاش بىر قاتار سۈپەتلىرىنى سۈپەتلەپ بەرگەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى، جىسمانىي ئوبرازىنى، ئەڭ مۇكەممەل يارىتىلغان تۆت ئوبرازنىڭ بىرەرسىدىن ئەمەس، بەلكى ئەسەردە ھېچقانداق ئەمەلىي رول ئوينىمايدىغان، ئۆلۈك بەدئىي ۋاستىدىن ئىزدەشنى ئىلىم ھەرگىزمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

يۇقارقىدەك ئازغۇن يولغا كىرىپ قالغاچقا، رەسسام ئوبىكىتنى ئارلاشتۇرىلىۋېتىپ، «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى خاس ھاجىپنىڭ «ئاۋازى ئەرەنچە» بولسۇن دېگەندەك شەرتلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، بەزى خەنزۇ ناخشا مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇلاردىن ئەۋازى بوم (ئەرەنچە) كىشىلەرنىڭ بوينى ئۇزۇن، كۆكرىكى كەڭ، ئۆپكىسى تەرەققىي قىلغان، بۇغدىيىكى بىر قەدەر روشەن كۆرۈنىدىغان ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋاز ياكى تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىچى بولىدۇ، دېگەن مەلۇماتىغا ئېرىشىپ، «ئاۋازى ئەرەنچە» دېگەن مەسىلىنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ھەل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئىشتا رەسسام، يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزەردە تۇتقان «ئاۋازى ئەرەنچە بولسۇن» دېگەن شەرتتىكى ئوبىكىت بىلەن ناخشا مۇتەخەسىسلىرى تەمىنلىگەن ناخشىچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنى ئارلاشتۇرۇپ قويغان، ياكى، بۇ ئىككىسىنى بىر ئىش دەپ چۈشىنىپ قالغان بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىكىسى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش ئىدى.

ئەگەر، مەسىلە يۇقىرىقىدەك تەقىسلانسا تازىمۇ كۈلكىلىك مەنتىقە بولۇپ قالىدۇ. ئاپتور ئەر ناخشىچى تاللاۋاتامدۇ، خاس ھاجىپ تاللاۋاتامدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزەردە تۇتۇۋاتقان «ئاۋازى ئەرەنچە» بولسۇن دېگەندە كۆزدە تۇتقان مۇددىئا بىلەن ئەر ناخشىچىلارغا قويىلىدىغان يۇقىرى – تۆۋەن ئاۋازلىق بولۇشنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟ ئادەتتە تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاۋازى دېگۈدەك ئەرەنچە چىقىدۇ (ناخشىچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئايرىم ئەھۋال)، بۇ يارالمىش تەبىئىي قانۇنىيەت. ئەگەر مەسىلىگە ئۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولسا، ئاپتور ياراتقان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوينى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بوينىدىن خېلىلا كالتە سىزىلغان. ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بوينىمۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، يەنىلا ئاۋازى ئەرەنچىغۇ. بۇ يەردىكى پەرقنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رەشىد رەھمىتى ئارات يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيە بىلەن: « ئەسەردە ئۇچرايدىغان تېمىلار ئۈستىدە مۇمكىن بولغان بارلىق تەھلىل يۈرگۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئايرىم – ئايرىم پارچىلاردىن ھەرقانداق بىر نەتىجىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش كىشىنى خاتا يولغا باشلايدۇ» دېگەن. ③شۇ سەۋەبلىك غازى ئەمەت سىزىپ چىققان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتېرتى ئەمەلىيەتتە، قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۆگدۈلمىش كۈن تۇغدىغا بايان قىلغان خاس ھاجىپنىڭ قىياپەت تەلەپلىرىگە ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان سىما بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتېرتى بولالمايدۇ.

مەن بىر قاتار ئىلمىي، قانۇنىيەتلىك تەلەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ: «تارىخىي شەخسلەرنىڭ سۈرىتىنى ھەر بىر رەسسام ئۆزى خالىغانچە سىزىۋەرسە، مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئۇنى ئېلان قىلىۋەرسە نەچچە خىل سىمادىكى يۈسۈپ، مەھمۇدلار ئوتتۇرىغا چىقىپ كەتسە، ئۇلار تارىخىي ئوبرازدىن ئەپسانىۋىي ئوبرازغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىتىبارغا ئالغاندا، تارىخىي شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى قالايمىقان سىزىۋېرىشكە چەك قويۇش كېرەك ئىدى. ئەگەر تارىخىي شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى تۇرغۇزۇش توغرا كەلگەندە شۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، بىرقانچە رەسسامنى تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى ۋە خاراكتېرىدىن نىشان بېرىدىغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ سىزىشىغا تاپشۇرۇش» كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەكلىپىمنى بەرگەنىدىم. ئاپتور ماقالىسىدە پىكرىمنى بۇرمىلاپ، كېسىپ، قىرقىپ ئۆزىگە مۇنداق پاس چىقىرىدۇ: «رەسساملار قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆزى خالىغانچە سىزىۋەرمەسلىكى لازىم. ئالىملارنىڭ رەسىمىنى قالايمىقان سىزىۋېرىشكە چەك قويۇش كېرەك. ‹ئەڭ ياخشىسى ئالىم مۇتەخەسسىسلەردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇلار رەسساملارغا رەسىمنى قانداق سىزىشى ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ سىزىپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش› دەپ ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە مۇخالىپ كېلىدىغان قاراشنىمۇ ئىپادىلىگەن»دەپ قارايدۇ، ئارقىدىن يەنە «ئېنىقكى بۇ رەسساملارنىڭ مۇستەققىل ئىجاد قىلىش ئەركىنلىكىگە چاڭ سالغانلىق» دەپ قالپاق كەيگۈزىدۇ. ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە چاڭ سېلىش دېگەن، يۇقارقىدەك ئاپتورنىڭ پىكىرىنى قايچىلاپ كۆتمەك قىلىپ، ئۆز مۇددىئاسى بويىچە كىتابخانلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن گەپ ئويدۇرۇش ۋە قەستەن پىكىرلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئېيىتسا بولىدۇ. مېنىڭ ماقالەمدىكى يۇقارقى مەنتىقىي پىكىرلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئۇقۇمۇشلۇق كىتاپخان، ئۇنىڭ يوللۇق تەكلىپ ئىكەنلىكىنى، ئاپتورنىڭ ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بېقىندۇرۇش مەقسىتىدە قايچىلاپ كۆتمەك قىلغانلىقىنى، «تارىخى شەخسلەرنىڭ» دېگەن سۆزنى «ئالىملارنىڭ»دەپ، «تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن» دېگەن مەزمۇننى «قانداق سىزىشنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدۇ. چۈنكى، تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىياپىتى ۋە خاراكتىرىدىن نىشان بېرىدىغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ، رەسساملارنىڭ ئۇتۇقلۇق سىزىپ چىقىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىش دېگەن پىكىر قانداقمۇ «ئالىملار رەسسامغا رەسىمنى قانداق سىزىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن» دېگەن مەنىنى بەرسۇن. بۇ قەستەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىكمۇ قانداق. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش ھاجەتكى، ئادەتتىكى رېئال شەخسلەرنى ۋە باشقا خىيالى ئوبرازلارنى نەچچە خىل سىزىپ تورۇسقا ئېسىۋالساق بولىدۇ، بىراق نامى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخى ۋە غۇرۇرى بىلەن باغلانغان شەخسلەرنى سىزىشتا ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇشقا بولمايدۇ. تارىخقا ئوبدان نەزەر ئاغدۇرماي، تارىخىي پاكىتلارغا ئېتىبار قىلماي، ئىككى بۈيۈك ئائەسەرنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ تولۇق ئوقۇپ باقماي، مۇتەخەسىسلەردىن پىكىر ئېلىشقا سەل قاراپ، ئۆز خائىشى بويىچە قەلەم تەۋرەتكەچكە، رەسىم نۇرغۇن نۇقسانلاردىن خالىي بولالمىغان ۋە ئەسلى تەلەپتىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن. رەسسام تۇنجى قېتىم سىزغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۈرىتىدە قولىغا ياۋروپاچە پەي قەلەم تۇتقۇزۇپ، كۈلكىلىك ئىشتىن بىرنى قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك، مانا شۇ سەۋەنلىكمۇ ئالىملارنىڭ تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئوڭشالغان ئەمەسمىدى. بىر ئادەم ھەممىنى بىلەلمەيدۇ، تارىخى شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا تارىخچىلار، تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرنى ئالغانلىقنىڭ نېمىسى يامان، بۇ قانداقمۇ «ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە مۇخالىپ» پىكىر بولسۇن.

مۇكەممەللىك تەلىپىنى قويۇشقا ھەرقاچان ھەقلىقمىز

مېنىڭ ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتىنى مۇكەممەلرەك تۇرغۇزۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەلەپ ۋە ئارزۇيۇمنى ماقالىدا: «ئاپتور ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان پىكىر پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتىنى مۇكەممەل ئەمەس، مۇكەممەل ئوبراز يارىتىش كېرەك، دېگەندىنلا ئىبارەت» دەپ «مۇكەممەل» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەپچە مەنىسىنى بىزگە يېشىپ بېرىدۇ ۋە مېنىڭ ماقالەمدە «مۇكەممەل» ئىبارىنىڭ سەككىز يەردە تەكرارلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەن ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، بىز ئەرەپ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر. ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن خېلى كۆپ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا ئەسىلىدىكى ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسىدە ئەينەن قوللىنىلمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى ئۆزىنىڭ تىل ئادىتى بويىچە قوللىنىدۇ. «مۇكەممەل» سۆزىمۇ شۇنداق. مېنى «مۇكەممەل» سۆزىنى ئىشلەتكەن دەپ تەنقىد قىلغان ئاپتۇر ماقالىسىدە: «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ يېڭى نەشرىنى تىلغا ئېلىپ «(مۇكەممەل نۇسخا)» دېگەن سۆزنى ئىختىيارسىز تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە «دىۋان» نىڭ يېڭى نەشرىمۇ مۇكەممەل سۆزىنىڭ ئەرەپچە مەنىسىدىكىدەك «كەم كۈتسىز، ئىۋەنسىز» ئەمەس. ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى بويىچە ئىستېمال قىلغاندا دۇنيادا مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە توشىدىغان ھېچقانداق شەيئى يوق. «كەم كۈتسىزلىك، ئىۋەنسىزلىك» پەقەت تەڭرىگىلا خاس.

مەن ماقالەمدە مۇكەممەللىك تەلىپىنى ئاپتور ئېيتقاندەك ئۇنداق يالىڭاچ – قوڭالتاق مەنىدە قويغان ئەمەسمەن. بەلكى «مۇكەممەلرەك، خېلى مۇكەممەل» دېگەندەك سېلىشتۇرما دەرىجە قوشۇمچىلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدىم. «تارىخىي شەخسلەرنىڭ مۇكەممەلرەك پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئەمگەك» «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇكەممەلرەك سۈرىتىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ھەققىدە» «تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەسلىي چىن مەنىسى، شۇ تارىخى شەخسلەرنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەلرەك ئىپادىلەپ بېرىدىغان قىياپەت بىلەن ئەكىس ئېتىشى كېرەك» دېگەندەك.

تەرەققىيات نۇقتىينەزەرىدىن قارىغاندا تارىختىن بۇيان ھەر بىر يېڭى شەيئىگە مۇكەممەللىك تەلىپى قويۇلۇپ كەلدى.
چۈنكى ھەرقانداق شەيئى بالداقمۇ – بالداق تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. بۇ خۇسۇستا يۈسۈپ خاس ھاجىپ «نە ئىشىكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۆتەر، تۇلۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار» دەپ مۇكەممەللىك سۆزىنى ساپ تۈركىي تىلىدىكى «تولوقلۇق» سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن. دېمەك، مۇكەممەللىك تەلىپىنى قويۇش تەرەققىياتىنىڭ، يۈكسەكلىككە قاراپ ئىلگىرلەشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى مەڭگۈلۈك دىئالىكتىك جەريان. ئىجادىيەتتە قانچىلىك ئۇيغۇنلۇق ۋە چىنلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلسە، شۇنچىلىك مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. يۇقارقى ئىككى ئەسەردە تارىخىي چىنلىق ھەرگىزمۇ ئەكىس ئەتمىگەن.

كىيىم – كېچەك مەدەنىيەتىدىكى ياتلاشتۇرۇش

دەۋىر ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىق ھەققىدە پىكىر قىلغاندا، كىيىم – كېچەك مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يورۇتۇشتىمۇ قەتئىي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلارنىڭ بىرى.

ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرتى نامىدا سىزىلغان ئىككى سۆرەتتە دەل دەۋر ئالاسىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقنىڭ يارقىن جۇلاسى بولمىش كېيىم- كېچەكلەردىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇلغان. مەن ئىلگىرىكى ماقالەمدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە كەسپىي ۋە ئەمەل كىيىمى سۈپىتىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ساۋۇت، دۇبۇلغىلارنى ھەمدە «يۇغرۇش»نىڭ ئەمەلدارلىق باش كىيىم ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلدارلىق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەخسۇس ئەمەل – مەنسەپ كىيىملىرى بولغانلىقىغا ۋە ئۇنى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇنتىزىملىقىغا پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدىم. ماقالىدا بۇ دەلىللەرنى يولسىزلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ: «ئالىملار… بېشىغا قار يامغۇر ۋە ئىسسىقتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن قارا يىپەك كۈنلۈك تۇتۇشى كېرەك ئىدى، دېگەن. بۇ يەردە ئاپتور ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تالا – تۈزگە چىققاندا، ئاممىۋىي سورۇنلارغا بارغاندا ياكى شىكارغا چىققاندا بېشىغا كۈنلۈك (سايىۋەن) تۇتىدىغانلىقىنى، ئوردا ئىچىدە بولسا مۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ئويلىمىغان» دەيدۇ. مەن ماقالەمدە ھېچقاچان، ئالىملار ئوردىدا كۈنلۈك تۇتۇپ يۇراتتى دېگەن گەپنى قىلغان ئەمەسمەن. پەقەت «يۇغۇرۇش» نامىدىكى ۋەزىرنىڭ باش كىيمىگە قارا رەختتىن كۈنلۈكسىمان ئەمەل بەلگىسى تۇتۇلاتتى دەپ مىسال ئالغان. شۇڭا، ياندا مۇلازىملار تۇتۇپ ماڭىدىغان كۈنلۈك بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئالغان باش كېيمىگە تۇتۇلغان كۈنلۈكسىمان دەرىجە كېيمىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بىزگە قالدۇغان مەلۇماتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرى مۇنداق دەيدۇ: «يوغرۇش، تۈركلەردە ئاددى خەلق ئىچىدىن چىقىپ ۋەزىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئادەم. پارس ۋە باشقىلارغا ھەرقانچە چوڭ سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ كەتسىمۇ بۇ ئۇنۋان بېرىلمەيدۇ، ئۇ خاقاندىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا قار – يامغۇر ۋە ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارا يىپەك كۈنلۈك تۇتىلىدۇ».④بۇ پاكىت بىزگە خاقانىيەدە مۇنتىزىم ئەمەل- دەرىجىنى ئىپادىلەيدىغان مەرتىۋە كىيىملەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىلمىي مەسلىدە پاكىتقا كۆز يۇمۇۋېلىش سەمىمىيەتسىزلىك بولىدۇ. ئالىم فوئاد كۆپرۇلۇ بۇ مەلۇمات ھەققىدە پىكىر قىلىپ: «بىز بۇ ئىپادىدىن ئۇلارغا بېرىلگەن بايراقنىڭ ھەتتا كىيدۈرۈلگەن خىلاتنىڭمۇ قارا رەڭلىك يىپەكتىن تىكىلگەن، دېگەن نەتىجىگە كېلەلەيمىز»⑤دەيدۇ. مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردىنىڭ «يۇغۇرۇش» نامىدىكى ۋەزىرى بولمىسا، نېمىشقا ئۇلارنىڭ بېشىغا قارا يىپەكتىن كۈنلۈك تۇتۇلىشى كېرەك ئىدى دېيىلىدىكەن.

مەھمۇد كاشغەرى خاقانىيە دەۋرىدىكى كېيىم- كېچەك ۋە شاھزادىلارنىڭ ياسىنىش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. بۇلار مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇشتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مەنبە ئىدى. «Butبۇت، بىر خىل قىممەتلىك چوڭ يېشىل چەش (پېروزە) بولۇپ، ئۇلۇغلارنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى ماڭلىيىغا تاقايدۇ. » (3 – توم 166 – بەت) ئۇلۇغلارنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى دېگەن شاھزادە، بەگزادە، مەلىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى قايتا-قايتا كۆرۈپ دەلىل ئىزدىدىم دېگەن رەسسام، بۇ قىممەتلىك مەلۇماتنى نېمە ئۈچۈن ئېتىبارغا ئالمىغاندۇ. ئەگەر بۇ يېشىل ياقۇت مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ماڭلىيىغا تاقالغان بولسا، مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن دەۋىر ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سالاھىيىتى بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە جۇلالانغان بولاتتى.

بىز بۇ يەردە يەنە مەھمۇد كاشغەرىي مەلۇمات بەرگەن خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېيىم- كېچەك ئۆرنەكلىرىدىن مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.

«يېشىل رەڭلىك تون، يېشىل تون» (1- توم 57- بەت)، «ئۆز» نى ئىزاھلاپ «كەمزۇلنىڭ قولتۇقى» دەيدۇ. (1- توم 65- بەت) ئىچۈك– ئىچىك، بۇلغۇن، سۆسەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا، (1- توم 93- بەت)، «زەرباب – چىندا ئىشلەنگەن قىزىل رەڭلىك، زەر بېسىلغان يىپەك رەخت» (1- توم 416- بەت)، «ياقا – كېيىمنىڭ ياقىسى» (3- توم 30 بەت)، «قۇلاق تون – قىسقا يەڭلىك تون» (1- توم 498- بەت)، «بارتۇ – كەمزۇل، قىسقا پەلتۇ» (1- توم 543- بەت)، «قوتۇرما بۆرك – قايرىما بۆك، ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدە قايرىمىسى بولغان قالپاق. (1- توم 638- بەت)، «سوقارلاپ بۆرك – ئۇزۇن قالپاق» (1- توم 642- بەت)، «قىزغىلىغ بۆرك – قېيىقلىق بۆك، جىيەكلىك بۆك» (1-توم 646- بەت)، «تىزىلدۇرۇق – ئۆتۈكنىڭ تۇمۇشىقىغا زىننەت ئۈچۈن تاقىلىدىغان تەڭگىلەر» (1- توم 686- بەت)، «ساقالدۇرۇق – ئىڭەكباغ، بۇ يىپەكتىن توقۇلغان بولۇپ، قالپاقنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىڭەكتىن قوشۇپ باغلاپ قويۇلىدۇ. » مەھمۇد كاشغەرىيدەك يۇقىرى نەسەبلىك شاھزادىلەر يۇقارقى كېيىم- كىچەك ئۆرنەكلىرىنىڭ قىممەت باھالىقلىرىنى ئېلىپ كېيىپ يۈرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. بىز «بارتۇ» دەپ ئاتالغان قىسقا كەمزۇلنىڭ نامىنى كۆرگەندە، كۆز ئالدىمىزغا كۇچا مىڭ ئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىدە ئېسىلزادىلەر كەيگەن مۇنۇ كەمزۇللار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. يۇقارقى «بارتۇ» ـ كەمزۇل، روسلارغا ئۆتۈپ «پەلتو» بولغان، بىز روسلاردىن قوبۇل قىلىپ «پەلتۇ» دەپ ئاتاۋاتىمىز. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى كېيىم- كېچەك مەدەنىيتىنىڭ باشقا ئەللەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم يىپ ئۇچى تەمىنلەيدۇ. ( رەسىم كىرىشتۈرىلىدۇ)

بۇ تېخى مەھمۇد كاشغەرىيدىن 2، 3 ئەسىر بۇرۇنقى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي مانا شۇ كەمزۇللارنى، قىسقا يەڭلىك «قۇلاق تون» ئالدى- ئارقىسىدا قايرىمىسى بولغان بۆرك ۋە كەمچەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن جىيەك تۇتۇلغان «قىزغىلىغ بۆرك – تۇماق» لارنى كەيگەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. مانا بۇلار دەۋر ئالاھىلىكى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مەنبە ئىدى. مەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇچىسىغا يۇقارقى كېيىملەرنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاپتورنىڭ ئىككى ئالىمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقىشتىن بۇرۇن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى قايتا- قايتا ئوقۇغانلىقىدىن شۈبھىلەندىم.

مەھمۇد كاشغەرى «ئاياغ» دېگەن سۆزگە لەقەم – ئۇنۋان دېگەن ئىزاھاتنى بەرگەن. (3- توم 236 – بەت) «ئايادى» دېگەن سۆزنى ئىزاھلاپ: خان ئاڭا ئاياغ بەردى – خان ئاڭا لەقەم – ئۇنۋان بەردى، (1 – توم 358 – بەت) دەيدۇ. قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇنۋان بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مەرتىۋىسىگە ئاساسەن تون، ئات، تامغا بېرىلەتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ مەلۇماتى بۇ پىكرىمىزنىڭ دەلىلى بولىدۇ: «ئاياغ بەردى تامغا ئات ئۈستەم، كەدۇت»⑥. بۇ مىسرانىڭ كېڭەيتمە مەنىسى: كۈن تۇغدى ئىلىگ ئۆگدۈلمىشكە ئۇنۋان بېرىپ، قوشۇننى تاپشۇردى، ئەمەلىگە مۇناسىپ تامغا، ئات ۋە تون ئىنئام قىلدى، دېگەنلىك ئىدى. يۇقارقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن قارا خانىيلاردا مەخسۇس ئەمەل – دەرىجە كېيىملىرى بولىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايمىز. ۋاھالەنكى، ھېچقانداق بىر جايدا «خان سەللە بەردى» دېگەندەك بىرەر ئۇچۇرمۇ بەرمىگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەھمۇد كاشغەرى ماددا سۆزلۈكىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىگەنلىكىدىن، سەللىنى ئۆز دەۋرىدىكى دىنىي ئىماملار قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئوردىدا سەللە ھېچقاچان بىرەر ئەمەل دەرىجىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە بولمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپقا، مەھمۇد كاشغەرىگە سەللە ئوراپ قويۇپ، ئۇنى شاھزادىلار قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى ئۇلۇغ خاس ھاجىپلار كيىدىغان خاس مەرتىۋە كىيىمى ئورنىدا قوبۇل قىلىنىشى رەسسامنىڭ ئۆز خائىشى بويىچىلا ئىش قىلغانلىقى بولىدۇ.

قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان يەنە بىر نۇقتا بار ئىدىكى، بۇ مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك خاراكتىرىنى، مىللىي مەدەنىيەتنى جان تىكىپ قوغدايدىغان روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىدى. مەن ئۆتكەنكى ماقالەمدە «يەلمە» دېگەن يەڭسىز تون ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئەرەپ، پارسلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم- كېچەك مەدەنىيتى سېلىشتۇرمىسىدا كوزۇر قىلىپ كۆرسەتكەن ئۆرنەكلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدىم. تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىكىر قىلغاندا مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار شۇنچىلىك مەغرۇر ئالىملاردىن ئىدىكى، مىللىي مەدەنىيەتنى ھەرگىزمۇ ئەرەپ، پارىسلارنىڭ مەدەنىيتىگە تېگىشىشنى خالىمايىتتى. تۈرك- ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ئەرەپ- پارس مەدەنىيتىدىن ئاللا قاچان يۇقۇرى قوياتتى. شۇنداقلا تۈرك- ئۇيغۇرلارنى ئەرەپ، پارسلاردىن ئۇلۇغ بىلەتتى. ئەرەپ- پارسلارنىڭ گۇپپاڭچىلىرى ئەمەس ئىدى، مەيدانى مۇستەھكەم، گىگانىت ئالىملاردىن ئىدى. تۆۋەندىكى شېئىر بۇنىڭغا پولاتتەك پاكىت بولىدۇ.

قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونىسا،
خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ
بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ،
بۇنىڭدىن باشقىسىگە ئاشمايدۇ.
(1- توم، 456- بەت)

ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، يۇقارقى شېئىر ئەرەپ خەلپىسىگە تەقدىم قىلىنغان كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھەدسلەردىن مىساللار كەلتۈرۈلۈپ، تەڭرى بىزنى ئۇلۇغلىغان، ئەزىزلىگەن دەپ ئىپتىخارلىنىدۇ، بۇ ئۇلۇغلۇق مەدەنىيەت جەھەتتىكى، مىللىي روھتىكى ئۇلۇغلۇق ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرى مانا شۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ كىگانىت قوغدىغۇچىلىرى، مىللىي روھنىڭ ئاۋانگارت ئىجراچىلىرىدىن ئىدى. ئۇلار ئەرەب ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ تۈرك– ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيتىنى يۈتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۇستەھكەم مەنىۋى سېپىل سوققان. دەھشەت بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەرەبلەشتۈرۈش دولقۇنىغا توغان ئورناتقان ئۇلۇغ سەركەردىلەردىن ئىدى.

بىزنىڭ بۇ پىكىرنى قويۇشىمىزدىكى مۇددىئا شۇكى، ئۆزىنىڭ مىللىتىنى، مىللىي مەدەنىيتىنى شۇنچە ئۇلۇغ بىلىدىغان بىر ئالىم ئۆزىگە، مىللىي مەدەنىيتىگە مەنسۇپ بولمىغان كېيىملەرنى كېيىپ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاىشى، ئەقىدىسىگە مۇخالىپ يول تۇتارمۇ؟ بىز ئۇ لۇلۇغ ئالىملىرىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيتىگە بولغان ئۆزلۈك ئەقىدىسى ۋە نازۇك تاللاشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىغا، ئەقىدىسىگە مۇخالىپ ھالدا مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلاشتۇرىۋەتسەك ئۇ ئالملارغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز.

سەللە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي باش كىيىمى ئەمەس

مەن ماقالەمدە سەللە مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدىم. چۈنكى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىغان تارىخىي پاكىت شۇكى، سەللە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللى باش كىيىمى ئەمەس، ئۇ سېپى ئۆزىدىن ئەرەپلەرنىڭ «يالدامىسى» شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى. «سەللە» پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «ئەرەپچە سۆز» دېگەن بولسىمۇ، ئەرەپچە مەنبەلەردە «ئەلئمامە» دېيىلىدۇ. سەللە يەنە (دەستار) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (دەستار ھىندى تىلىدىكى سۆز بولۇپ، ئىسلام دىنى بىلەن ھىندى دىنىنى بىرلەشتۈرمەكچى بولغان تاناك (1469 – 1539) قۇراشتۇرۇپ چىققان ئاتالمىش «سىخ» دىنىدىكىلەر كىيىدىغان باش كىيىم) ⑦ دېيىلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە: «سەللە ناماز ئوقۇغاندا ئەر كىشىلەر بېشىغا يۆگەيدىغان ئۇزۇن ئاق رەخت» (1999 – يىلى 1 – بېسىلىشى 622 – بەت) دېيىلگەن. ھاجى ئەبدۇلئەزىز ئەلى ئارقان«مۇقامچىلىقتا سەللە مەسىلىسى»دېگەن ماقالىسىدا ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىنىڭ «ئاخىرەتلىك ئۇزۇق تۈلۈك» دېگەن كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ: «ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سەللە كىيەتتى، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سەللىسىنى كۈيئوغلى ئەلى كىيگەن»⑧دېگەن مەلۇماتنى بېرىدۇ. يەنە ھەدىسلەردە «پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا قارا رەڭلىك سەللە كىيگەنلىكىنى ۋە پەتلىسىنى ساڭگىلىتىپ قويىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىمۇ سەللە يۆگەشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان⑨. گاھى دەۋىرلەردە سەللە يۆگەش، ئۇنىڭ رەڭگى، يۆگەم سانى مەزھەپكە مۇناسىۋەتلىك بولغان. سۈنئى مەزھىپىدىكىلەر تۆت خەلىپىگە سىمۋول قىلىپ تۆت يۆگەم ئورىغان ، قارا ياكى يېشىل رەڭلىك سەللە شىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇلار 12 ئىمامغا سىمۋول قىلىپ 12 ئۆرۈم قىلىپ سەللە يۆگىگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، سەللە روشەن ھالدا دىنىي ئىسلامنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى. ئاپتور دىنىي ئۆلىما ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ۋە ئۆزى خەتمىدە تۇرغان تۇرۇقلۇق سەللىنى: «سەللە باي – كەمبەغەللىكنىڭ ياكى ئەمەلدار بىلەن پۇقرانىڭ ئايرىمىسى ئەمەس» دەيدۇ، ئۇنداق بولسا سەللە زادى نېمىنىڭ بەلگىسى؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىگە كىيدۈرۈلگەن سەللە ئاپتور ئېڭىدا ئەمەلدارلىقنىڭمۇ بەلگىسى ئەمەس، دىنى كامىللىقنىڭ بەلگىسىمۇ ئەمەس ئىكەن. ئۇنداقتا ئۇ ئالىملارغا كىيدۈرۈلگەن سەللە ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە بولغاندا پەقەت «سالاپەتلىك كۆرسىتىش» ئۈچۈنلا قوبۇل قىلغانمۇ؟ سەللىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا، دىنىي سالاھىيەتنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە سۈپىتىدە ئومۇملاشقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرى بېشىغا يۆگەلگەن سەللىنىڭ پەتلىسىنىڭ ئىككى خىل ھالەتتە بولىشى كىتابخانلارنىڭ ئېڭىدا يەنە بەزى سوئاللارنى تۇغدۇردى. بىراق ماقالىسا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان، شۇنداق بولسىمۇ بىز يەنە بىر قېتىم سوراپ باقايلىكى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سەللىسىنىڭ پەتلىسىنى سولدىن چۈشۈرۈپ، ئوڭ مۈرىسىگە ئارتۇلدۇرۇلىشى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سەللىسىنىڭ پەتلىسىنى قۇتبىگە چىققان ئىماملارنىڭكىدەك مۈرىسىدىن ساڭگىلىتىشىنىڭ ھېچقانداق مەناسى يوقمۇ، ياكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتبىگە چىققان ھالىتىنى ئىپادە قىلامدۇ؟ مەھمۇد كاشغەرىچە پەتلىنى بىز پارىس رەسساملىرىنىڭ قولىدىن چىققان رەسىملەردىنلا كۆرەلەيمىز، ئۇندقتا بۇ بىر تەقلىدمۇ؟ بىر دەۋر تۇغقان قوشكېزەك ئالىملارنىڭ سەللە ئورىشى ۋە بۇ سەللىلەرنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق بولىشى ھەرگىزمۇ نورمال ئىش ئەمەس.

100 يىلنى 1000 يىلغا بىرلىك قىلىش ئىلمىيلىك ئەمەس

ماقالىدا ئاپتور يەنە شۇ سەللە توغرىسىدا پىكىر قىلىپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا سەللىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كېيىم- كېچىكى كاتاگورىيسىدە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىمەنە ئاساسلاردىن كۆرسىتىدۇ: «سەللە باش كىيىم كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار بېشىغا سەللە ئوراپ
ئادەتلەنگەن….

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 يىللار ئىلگىرى تارتىلغان فوتو سۈرەتلەردىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتلىرى يالاڭ ئاياغ، كىيىملىرى جۇل – جۇل بولسىمۇ، بېشىدا سەللە بارلىقىنى كۆرگەن»دەپ ئارقىدىن كىچىكىدە كىشىلەرنىڭ بېشىغا سەللە ئورىغانلىقىنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدا بىر قاتار گەپلەرنى قىلىدۇ. دېمەك، ماقالىدا تىلغا ئالغان «بۇرۇن» ئەمەلىيەتتە 60- 100 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئىكەن. ئاپتور كۆزدە تۇتقان بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلار ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنتايىن زەئىپلەشكەن، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي روھتىن زور دەرىجىدە چېكىنگەن، «قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالدۇق ئوتۇنچى ئاپىرىپ ساتسۇن» دېگەندەك بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان دەۋر ئىدى. قارخانىيلار دەۋرى دېگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك چوقا، مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىي زەنجىرىنىڭ ئالتۇن ھالقىسى، مىللىي ئاڭ ، مىلىي مەدەنىيەت بۇلغانمىغان، شالغۇتلاشمىغان دەۋر. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلار قوينىدا بۇرۇن ئېيتىدىغان يىپەك قولياغلىق ساقلايدىغان، قولغا پەلەي سالىدىغان، ئۆتۈكنىڭ پاشنىلىرىغا ھەرخىل تەڭگىلەردىن زىننەت قويىدىغان، ياستۇق قېپى، تام چارشاپلىرى، زەدىۋاللىرى، دەستۇرخانلىرىغا ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈپ كەشتە ئىشلەيدىغان، كەمەرلىرىگە ئالتۇن، كۈمۈشتىن توقا بېكىتىدىغان، ئۆتۈككە پىتەك سالىدىغان، خۇرجۇنلارنىمۇ كەشتە بىلەن زىننەتلەيدىغان، ئىپار ۋە باشقا خۇشپۇراقلارنى ئىستېمال قىلىدىغان، دەزمال بىلەن كىيىملەرنى قاتۇرۇپ كىيىدىغان مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلاردىن بولغان. بۇنى قانداقمۇ پۇتى يالاڭ ئاياغ قالغان، جۇل – جۇل كىيىمگە ئورالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل باش كىيىملىرىنى ئېلىپ كىيىشكە قۇربىتى يەتمەي بىر مېتىر، يېرىم مېتىر ماتا ۋە داكىنى بېشىغا يۆگىۋېلىشتىن باشقا ئامالى قالمىغان دەۋردىكى كىشىلەرنى سېلىشتۇرغىنى بولسۇن. ئەگەر بىز 100 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭمۇ سەللە ئورىۋېلىشىنى مىللىي ئاڭنىڭ ئەمەس، پەقەت دىنى ئاڭنىڭ ئىپادىسى ئىدى، دەپمۇ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. تارىخنىڭ ھېچقانداق بىر باسقۇچىدا سەللە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كېيىم- كېچەك مەدەنىيتى قاتارىدا ئومۇملاشقان ئەمەس. كىيىم – كېچەك مەسىلىسىدە ھەتتا قارا خانىيلاردىن كېيىن ئەڭ گۈللەنگەن تۆمۈرىلەر دەۋرى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى تۇرمۇش، كىيىم – كېچەك ئادىتىنى قارا خانىيلارغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ تارىخنى دەلىلەشكە ئۇرۇنۇش يەنىلا ئىلمىي پىرىنسىپقا مۇخالىپ كېلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە خۇددى بىرەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا غىزادا بىللە ئولتۇرغاندەك «تارىختا ئۆتكەن شاھلارنىڭ رەسىملىرىگە قارىسام ھەممىسىنىڭ بېشىدا سەللە بار ئىكەن، شاھلار، شاھزادىلەر، ئېسىلزادىلەر، ۋەزىر – ۋۇزرالار ئائىلىسىدە تاماققا ئولتۇرغاندا، ئارام ئالغاندا، ئۇخلىغاندا بېشىدىكى سەللىسىنى قوزۇققا ئاسىدۇ» دەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە قايسى ئەلنىڭ، قايسى دەۋرنىڭ پادىشاھلىرىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ.

دۇنيا تۈركلوگ ئالىملىرى ئورتاق ئېتراپ قىلغان تارىخىي پاكىتلاردا قارا خانىيلارغىچە بولغان نەچچە ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىدە ھېچقانداق تۈرك-ئۇيغۇر شاھلىرىنىڭ سەللە ئورىغانلىقىغا دائىر مەلۇمات يوق. ھون تەڭرىقۇتلىرىمۇ، كۆك تۈرك خانلىرىمۇ قارا خانىيلار خاقانلىرىمۇ، كۇچا پادىشاھلىرىنىڭمۇ ئىزچىل ئالتۇن تاج كىيگەنلىكى ئارخىئولوگىيەلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى، ھەم ئۇ تاجلار مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. بىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىدىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن داستان، چۆچەكلەردە خەلقىمىزنىڭ پادىشاھلىرىنى ئالتۇن تاجلىق ھالەتتە كۆرگەنلىكىنى بىلىمىز. قارا خانىيلار دەۋرىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان «قۇتادغۇبىلىگ» ئەسىرىدىمۇ ئالتۇن تاج ھەققىدە روشەن مەلۇماتلار بار.

213
قوڭۇر يەر تېگىدە ئالتۇن ئىدى تاش،
گەر چىقسا بەگلەرگە بولۇر باشقا تاج.

تەڭرىقۇت تاجى

دېمەك ، ئەلۋەتتە يۇقىرقىدەك پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلماسلىق ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىش توغرا ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس.

دۈم كۆمتۈرۈلگەن ئېرقىي ئالاھىدىلىك مەسلىسى
بۇ يەردە يەنە ئاپتورنىڭ ئەڭ پرىنسىپال يەنە بىر ئىلمىي سەۋەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەت. ئاپتور ماقالىسىدە: «مەندەك بىر كەسپىي رەسسام ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبرازلارنى بايقاش بۇلارنى مۇۋاپپىق ھالدا بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق قىلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۇنچە تەسكە توختىمىدى» دەيدۇ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى، 1000 يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتىرتىنى تۇرغۇزۇشتا، ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن پىروتوتىپ بولىدىغان ئادەملەرنى ئاساس قىلىپ سىزىپ چىققانلىقىنى ئۇققىلى بولىدۇ. ئاپتور بۇنداق ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇلنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتىنى سىزىشتىمۇ قوللىنىپ، زامانىمىزدىكى يەنى ئوپالنى مەركەز قىلىپ قەشقەردىن «ئوبراز» ئىزىدىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ، «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ پوتېرىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە: «بۇ ئالىمنىڭ ئوبرازىنى شۇ ئالىم ياشىغان ماكان ۋە شۇ ماكاندا ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالىمنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن ئىزدەش لازىم دەپ قارىدىم، ھەمدە مەقسەتلىك ھالدا يالغۇز ئوپال يېزىسىنىلا ئەمەس، بەلكى قەشقەر رايونىنى ئارىلىدىم. پىشقەدەم ئۆلىمالار، ياشانغان كىشىلەر ئارىسىدىن تىپىك ئوبرازلارنى بايقاش يولىدا ئىزدەندىم»⑩- دەيدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تارىخقا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز مۇئامىلە قىلىپ، ئوبراز يارىتىشتا زامان ۋە ماكان بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆز يۇرتىدىكى 21 – ئەسىردە ياشاۋاتقان قوپقارا ساقاللىق، قار كۆزلۈك، قاڭشارلىق، تەمبەل ئادەمدىن بىرنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى پىروتوتىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا قايسى دەۋرنىڭ كىيىم پوسۇنى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەيرىي فورمىدىن بىر كىيدۈرۈپلا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتى، دەپ، ئۇنى: «غەيۇر شاھزادە، ئىلىم – ئېرپاندا كامالەتكە يەتكەن زات
ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغاندىن باشقا ساغلام بەدەن، پۈتكۈل جىسمى كۈچ – قۇدرەتكە تولغان باھادىر» ئوبرازى دەپ تەرىپلەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئۇسۇلنى ئىلمىي قانۇنىيەتتىن ئازراقلا خەۋىرى بار ھەرقانداق بىر ئادەم ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.

ئىلىم ساھەسىگە كۈندۈزدەك روشەنكى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ياشىغان 11 – ئەسىردىن ھازىرغا قەدەر مىڭ يىل مۇساپە ئۆتتى. بۇ جەرياندا تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە 30 ئەۋلاد يېڭىلاندى. بۇ مەسىلىنىڭ ئاددى تەرىپى، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ناھايىتى مۇھىم خاراكتېرلىق بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، قارا خانىيلار دەۋرىدىن 20 – ئەسىرنىڭ بېشىغا قەدەر تەبئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ياشاش شارائىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، ئەڭ ماھىيەتلىك بولغىنى، ئۇيغۇرلار 1000 يىل مابەينىدە كۆپ قېتىملىق ئېتنىك يۇغۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى. نەتىجىدە ئىرقى تىپىدا بەلگۈلىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ، ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەجدادلىرى بۈگۈنكىدەك قارا چاچ، قارا كۆز، قارا ساقال بولماي، بەلكى قىزغۇچ ۋە قوڭۇر چاچ، كۆك كۆز بولغانلىقى مەلۇم. مەركىزى ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمقى ئاھالىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان كىرورەن ئانا تىپىك ئاق جىنىسلىق ئەجدادلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى دەپ قارالغان ئوغۇزخانغا باغلانغان ئىرقىي تىپ ساپ ياۋرو ئاق جىنسلىق تىپىدىن ئىدى. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان ۋە ئوغۇزخاننىىڭ ئايالىنىڭ تەسۋىرىدە «كۆزلىرى كۆك» ئىدى دەپ بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە يەنە تارىخىي ھۆججەتلەرگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر لى بەي ئۆزىنىڭ « شاڭيۈن غەزىلى» (上云乐)دېگەن شېئىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى «قاڭشىرىدۇر خۇددى ئۇيۇلتاش ، كۆكۈش كۆزلىرى مىسالى قۇياش ، سېرىق چاچلىرى ئالتۇنغا رەڭداش ، كالپۇكى قېلىن ، قېشى قەلەمقاش»11دەپ سۈرەتلەپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىرقىغا كىرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن .
1082 – يىلى يەركەندە پۈتۈلگەن بىر قانۇنىي ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان سوتقا گۇۋالىققا چاقىرتىلغان بىر كىشىنىڭ قىياپەت تەسۋىرىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: « بۇ كىشىنىڭ تېرىسى ئاق ، بەدىنى تۈكلۈك ، ساقىلىنى چۈشۈرىۋەتكەن ، بۇرۇتلۇق ، يايما چاچ ، گۈرەنلىك ، كۆك كۆز»⑿ ئىكەنلىكى ئېنىق خاتېرىلەنگەن . مۇشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي تىپى توغرىسىدا مەشھۇر تۈرك تارىخچىسى ئانىل چەچەن« ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوتتۇرا بوي ، ئۇزۇن ۋە سېرىق چاچلىق ، قاڭشارلىق ۋە كۆك كۆزلۈك بىر قەۋم سۈپىتىدە تونۇتۇلغان . كىيىملىرى ئومۇمەن بوزقىر تىپىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادە قىلاتتى . » دەيدۇ .⒀ 957 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىسلام جۇغراپىيىچىلىرىدىن ئەبۇ ئېسھاق ئىبراھىم ئىبنى مەھمۇد ئەل ئىستەھرى ئەل پارىسىنىڭ«مەسالىك ئەل مەمالىك»دېگەن جۇغراپىيە كىتابىدا غەربىي تۈركلەر بولۇپمۇ ھازارلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن ۋە «ھازارلار تۈركلەرگە ئوخشىمايدۇ قارا چاچلىقتۇر»⒁دەيدۇ . بۇ بايانلاردا ھازارلارنى قوڭۇر ياكى ساغۇچ چاچلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىغا سېلىشتۇرما قىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بىز يەنە گ . گارژىمايلونىڭ«موڭغۇلىيىنىڭ غەربى ۋە ئۇرۇتقاي چېگرا رايونى» دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنى يۈزى سوزۇنچاق، رەڭگى ئاق، كۆزلىرى كۆكۈش دەپ يازغانلىقىنى، جۇڭگو تارىخچىلىرىدىن ئاۋياڭشيۇ «يېڭى تاڭ يىلنامىسى قىرغىزلار ھەققىدە قىسسە»دېگەن ئەسىرىدە، ئۇغۇرلارنىڭ چىرايىنى ئاق سۈزۈك، بۇرنىنى قاڭشارلىق، چېچىنىڭ قىزغۇچ رەڭلىك ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق ئەھۋالدا بىز دۇنياغا غازىكام سىزىپ چىققان يۇقارقى ئىككى ئەرەب قىيەپەتلىك ياكى ھازىرقى زاماندىكى بىرەر مەھەللە مەسچىتنىڭ ئىمامى سالاھىيەتلىك بۇ سۈرەتلەرنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟

بۇ يەردە رەسسام ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىيە دەۋرىدىكى مۇھىم مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ياتلاشتۇرغان يەنە بىر مەسلىنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈر. مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار، ئومۇمەن ئۇزۇن چاچ قوياتتى، بېشىنى يالاندىدەك چۈشىرىۋەتمەيتى. بۇ خۇسۇستا تارىخى پاكىتلارمۇ بار، مەھمۇد كاشغەرىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. مەھمۇد كاشغەرى «سولۇندى» دېگەن سۆزگە «ئەر كىشىلەرنىڭ ئارقىسىغا ساڭگىلىتىۋالىدىغان چېچى» دەپ ئىزاھات بەرگەن، بۇ سۆزنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ :«بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ‹سالىندى نەڭ› (ساڭگىلىغان نەرسە) بولۇپ، «بۇ چىرايلىق ئىبارە ئەمەس» دېگەن. (1- توم، 587- بەت) مەھمۇد كاشغەرى «تۈركمەن» رىۋايىتىنى سۆزلىگەندە :«زۇلقەرنەيىن كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىلەرنى كۆرۈپ، بۇلار تۈرككە ئوخشايدۇ دەيدۇ» دەيدۇ. (3- توم 566- بەت) (بۇ رىۋايەتتە تۈركلەرگە خاس بەلگىلەرنىڭ مۇھىم نىشانى سۈپىتىدە «ئۇزۇن چاچ قويۇش» نى كۆرسىتىدۇ. ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلاردىمۇ بۇ خىل ئالاھىدىلىك روشەن بولماقتا). يىراق قەدىمكى دەۋردە ئۇزۇن ئۆرم چاچ قويۇش ئادىتى ئاياللاردىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى تۈركىي خەلقلارنىڭ ئەرلىرىدىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ئەنئەنە بولغانلىقى مەلۇم. ھونلاردا دىڭلىڭلاردا، سۈي، تاڭ دەۋرىدە تېلىلار ۋە خۇيخېلاردا، تۈركلەردە، تارىم ئويمانلىقىدا، تەڭرىتاغ، ئالتاي تاغ ئېتەكلىرىدە ياشىغان قەدىمكى تۈركىي تىللىق قوۋملاردا، ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ساكلاردا زور دەرىجىدە ئومۇملاشقان ئەنئەنە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ ئۆرمە چاچ مەدەنىيتى تىلغا ئېلىنغان، «يېڭى تاڭنامە . تەيزۇڭنىڭ خانزادىلىرى تەزكىرىسى» دە تۈركلەر «قوي تېرىسىدىن كىيىم كىيگەن، ئۆرۈم چاچ قويغان. بەش ئادەمنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گۇرۇپپا دەپ ئاتايىتتى» دېيىلگەن.

«كونا تاڭنامە» 199- جىلد «تېلىلار تەزكىرىسى» دىكى بايانلاردا «ئۇيغۇرلار ئۆرۈم چاچ قوياتتى» دېگەن مەلۇماتلار بار. بۇ خىل ئادەت تاكى قاراخانىيلار دەۋرىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار بۇ ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلغان. بىراق رەسىمدە بۇ خىل ئالاھىدىلىك زادىلا ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. بۇ تارىخىي پاكىتلار بىزگە ، تارىخىي مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا رەسساملىق نۇقتىئىنەزىرى بىلەنلا ئەمەس، تارىخىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراشنىڭ تەخىرسىز ئىلمىي زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

پەن – تېخنىكىنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىماسلىق كېرەك

مەن ئىلگىرىكى ماقالەمدە: «ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىدى» دېگەن ئۈمىد تىۋىشىمدىن چىقارغان ئىككى ئالىمنىڭ ئۇستىخان – سۆڭەكلىرىگە ئاساسەن پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇپ چىقساق بۇنىڭ دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولاتتى، دېگەن ئارزۇيۇم بۇرمىلىنىپ، پىكىرىمنى ھۆكۈم خاراكتېرىدە ئۆزگەرتىپ: «ئالىملارنىڭ باش سۆڭىكىنى قېزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىياپىتىنى تۇرغۇزۇش كېرەك» دېدى، دەپ ئارقىدىن بۇ خىل تىرىشچانلىق سەنئەت ئاناتومىيىسى ئىلمىنى ئاساس قىلغاندا ھېچ نەرسىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ، دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ ۋە «تارىختا ئۆتكەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى زاتلارنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا قەبرىنى كولىغان ئەمەس، ئالىملارنىڭ تەۋەرۈك ئۇستىخانلىرىنى ئورنىدىن قوزغاشنى لايىق كۆرمىدىم» دېگەن باھانىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىنكارچىلىق ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىنىڭ غايەت زور ئىقتىدارىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان تەتۈرلۈك.
ئەگەر بىز يۇقىرىدا كۆرسەتكەندەك تارىخىي پاكىتلار بولمىغاندا ئىدى، بىزگە بۇ ئىككى ئالىمنىڭ چاچ – ساقال، قاش – قاپاق، ئېغىز – بۇرنىدىن كۆرە، ئاپتور ئېتىبارغا ئېلىشنى خالىمىغان، باش سۆڭىكى ئارقىلىق يورۇتىلىدىغان: « باشنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، يۈزىنىڭ سوزۇنچاق ياكى يۇمىلاق ئىكەنلىكى، مەڭزىنىڭ ئىگىز ياكى پەسلىكى، قاڭشىرىنىڭ ئىگىز ياكى پەسلىكى» قاتارلىقلارنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئېرقىي ئالامەتلەر بىزدىن يىراق ئەسىرلەردە قالغان تارىخىي شەخسلەرنىڭ پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇشتا قىممەتلىك ئالامەتلەردىن سانىلىدۇ. «قېلىپ» توغرا ھەل قىلىنسا، شۇنچىلىك تارىخىي ئاساسلار تۇرغان يەردە باشقا ئاناتومىيىلىك ئەزالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرقانداق بىر رەسسامنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. بۇ ئىشتا ئۇلارنىڭ ئالىملىقى، زالىملىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ دەپ، بىز ئۈچۈن ھېچقانداق بىر قىممىتى يوق، بىزگە ناتونۇش بولغان بىر ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندەك قۇرۇق باھانە كۆرسەتمەي، ئىمكانىيەت يار بەرمەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىش سەمىمىيلىك بولىدۇ. چۈنكى بىزگە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ خاراكتىرى كۈندۈزدەك روشەن ئەمەسمۇ. كىروران گۈزىلىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سۈرىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، گەرچە ئۇ موميا بولسىمۇ، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىدارى بولمىسا، قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان 4000 يىللىق جەسەتتىن يۇقارقىدەك گۈزەل ساھىبجامالنىڭ چىقىشىنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالايتى. سەنئەت ئاناتومىيەسىنى پەش قىلىپ ئىلىم- پەننى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ، رەسسامىمىز تىلغا ئېلىۋاتقان سەنئەت ئاناتومىيەسى ئارخىئولوگىيە ئىلمى دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى كونا نەزەرىيە، ئۇنى ھازىرقى زامان ئارخىئولوگىىيە ئىلىمىگە تەدبىلىغىلى بولمايدۇ.

ئىلىم مۇئەييەنلەشتۈرگەن پورتېرىت نېمە؟

ئاپتور 1981 – يىلى ئۆزى سىزغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «ئىش ئۈستىدىكى» سۈرىتىنى «پورتېرىت ئەمەس ئىدى» دەپ دەۋا قىلىدۇ. ۋە «دەسلەپتە سىزغىنىم پورتېرىت ئەمەس، كېيىن سىزغىنىم پورتېرىت ئىدى» دەيدۇ. ئۇنداق بولسا ئالدىنقىسى نېمە؟ پورتېرىت دېگەن پەقەت يېرىم گەۋدىلىك، ئۇدۇل قاراپ تۇرغان رەسىمنىلا كۆرسىتەمدۇ؟

پورتېرىت ئەسلى فرانسۇزچە «پورترائىت» دېگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، مۇنداق ئىككى خىل مەنىسى
بار: « بىرى بىر كىشىنىڭ ماي بوياق، سۇ بوياق ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن سىزىلغان رەسىمى. مەسىلەن: بىرى يەنە باشقا بىرسىنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتىدۇ، دېگەندەك. يەنە بىرى، بىر نەرسە ھەققىدىكى ئېغىزاكى ۋە يازما تەسۋىر».⒂ قادىر قاۋۇز تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004 – يىلى نەشر قىلغان «ئېنگلىزچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» تە «پورتېرىت» سۆزى ئېنگلىزچە «portait» دەپ يېزىلىپ «بۇ-چۇيت» دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى، مەنىسى «رەسىم» دېگەنلىك بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

ئېنگلىزچە – خەنزۇچە قوش ئىزاھلىق ئەمەلىي قوللىنىش لۇغىتى» نىڭ 59 – بېتىدە بۇ سۆز «肖像» (سۈرەت، رەسىم) 画像(رەسىم) 相片(سۈرەت، فوتوسۈرەت) دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇزۇن يىللىق رەسساملىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر رەسسام پورترېت ھەققىدىكى چۈشەنچىنى شۇنچە تار ئۇقۇمدا ئىزاھلاش ئارقىلىق، 24 يىل بۇرۇن سىزغان رەسىمنى ئىنكار قىلىش بەدىلىگە، يېڭى سىزغان رەسىمىگە خاتىرە مۇنارى تىكلىمەكچى بولىدۇ. « كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئىككىنچى قېتىم سىزغىنىم مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى مەھمۇد كاشغەرى بولدى» دەيدۇ، ئۇنداقتا ئالدىنقىسى كىمنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى مەھمۇد كاشغەرى ئىدى؟ بىراق بىزنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنىمىز، ئاپتورنىڭ شەخسىي تەسەۋۋۇرىدىكى «غايىۋى، روھىي» مەھمۇد كاشغەرى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، بىز يۇقىرىدا تىلغان ئالغان تۆت خىل ئالاھىدىلىك مۇجەسسەم قىلىنغان، ئەلنىڭ قەلبىگە بەدئىي سەنئەت چىنلىقى بىلەن سىڭالايدىغان ، قارا خانىيلارنىڭ شاھزادىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ قوش بىسلىق «خەنجىرى» بولغان بىر ئۇلۇغ ئالىمنىڭ سىماسى. ئۇ ھەرگىزمۇ ئەرەپ ياكى پارسلارنىڭ دىنى ئۆلىماسى ئەمەس، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زاماندىكى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمام – خاتىپى ئەمەس.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە: «كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولغان پورترېتلار ئالىملارنىڭ رېئال ئوبرازى ئەمەس، بەلكى، رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى غايىۋى، روھىي ئوبرازىدىن ئىبارەت» دەيدۇ. يۇقارقى پىكىردىكى مەنتىقىسىزلىكلەرنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ «غايىۋى، روھىي ئوبراز» دېگەن سۆز ئالدى بىلەن ئىككى ئالىمنىڭ تارىخىي رىئال شەخىس ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. «غايىۋى، روھىي ئوبراز» دېگەن ئۇقۇم بىلەن تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تۇرغۇزۇلغان تارىخىي رىئال ئوبراز ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئارلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. ئادەتتە «غايىۋى، روھىي ئوبراز» دېگەن ئۇقۇم ئەپسانىۋىي ئوبرازلاردا قوللىنىلىدۇ، تارىخىي رىئال ئوبرازلارغا ئۇنداق يالىڭاچ قوللىنىلمايدۇ. ئەگەر ئۇقۇملار ئارلاشتۇرىۋېتىلىپ «رېئال ئوبراز ئەمەس» دېيىلسە، خىيالىي، ئەپسانىۋىي ئوبراز بولۇپ قالىدۇ.

شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى

مەن ماقالەمدە باشلانما سۆز سۈپىتىدە تىلغا ئالغان: «رەسىم دېگەن بىر ئادەمنىڭ قىياپىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى، خاراكتېرىنى مۇجەسسەم ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان سەنئەت» دېگەن پىكرىمنى «قىياپەتنىڭ كېرىكى يوق» دېگەن گەپ دەپ چۈشەنگەن ياكى بۇرمىلىغان ئاپتور «قىياپەتنى سىزماي تۇرۇپ، ئوبراز ۋە خاراكتېردىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ بۇ بىر ئەقەللىي ساۋاتقۇ؟ ئاپتورنىڭ رەسساملىق سەنئىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى شۇقەدەر چولتا تۇرۇپ بۇ ھەقتە ماقالە يېزىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دەيدۇ. قارىغاندا، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىردەكلىكىدىن ئىبارەت نەزەرىيە مەسىلىسىنى ھەمدە تەبىئىي قانۇنىيەتلىك ئىلمىي پرىنسىپىنى تىلغا ئېلىش رەسسامنىڭ نەزەرىدە « ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، چولتىلىق» ئىكەن. نېمىنى سىزىش، قانداق ماھىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ھەققىدە ئاۋۋال ئويلاشماي تۇرۇپ، ئاۋۋال شەكىلنى- قىياپەتنى سىزىۋېلىپ، ئاندىن ئوبراز ۋە خاراكتىر ھەققىدە ئويلىنىش قايسى رەسساملىق ئېقىمىنىڭ مەنتىقىسى؟ ئاپتور ماقالىسىدە گۈزەل – سەنئەت ھەققىدە توختىلىپ، «سەنئەتنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ‹گۈزەل شەكىل يارىتىش سەنئىتى› ئۇ شەيئىلەرنىڭ شەكلى ھالىتىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ماھىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇنداقتا ئاپتور تىلغا ئېلىۋاتقان ماھىيەت نېمە؟ تارىخىيلىق بىلەن دەۋر ئالاھىدىلىكى، مىللىي خاسلىق بىلەن شەخسىي خاراكتېرنىڭ مۇجەسسەم ھالدا گەۋدىلىنىشىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان، شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇناسىۋىتى دۈم كۆمتۈرۈلگەن ماھىيەتمۇ؟ تېخىمۇ كونكېرتلاشتۇرغاندا ئاۋۋال ئاپتورنىڭ «رەسساملىق ئۇسلۇبى» بويىچە بولغاندا، مەزمۇن ۋە ماھىيەت ھەققىدە ئويلاشماي تۇرۇپ، زامانىمىزدىكى بىرەر ئادەمنىڭ سۈرئىتىنى سىزىۋىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا«مەھمۇد كاشغەرى»دەپ ئىسىم قويغاندەك ياكى تارىخى ئاساسلارنى نەزەرگە ئالماي «غايىۋىي، روھى ئوبراز» دىن بىرنى سىزىۋېلىپ، ئۇنى مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ دەۋا قىلغاندەك ماھىيەتمۇ؟

مەن ماقالەمدە يۇقىرىقى تەلەپنى خېلى كونكرىت بايان قىلىپ: «مىللىي خاراكتېرنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن قاش، قاپاق، قاڭشا، ساقال، بۇرۇتلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك (شەكىل) شۇ مىللەتكە مەنسۇپ بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە مىللى ئالاھىدىلىك بىلەن خاسلىقنى، تارىخيلىق بىلەن دەۋر ئالاھىدىلىكىنى، قىياپەت تەسەۋۋۇرى بىلەن پىسخىك تەسەۋۋۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇيغۇن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.» دېگەن ئىدىم. ئەلۋەتتە مەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تۈپ مەسىلەمەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىدىكى رەسىمدە مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىردەكلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. شەكىلسىز مەزمۇن، مەزمۇنسىز شەكىل بولمايدۇ، مەزمۇن تەلىپى شەكىلنىڭ قانداق قۇرۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل، شەكىلنىڭ قانداق بولۇشى مەزمۇنغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر تەرەپكە ئېتىبار بېرىپ يەنە بىر تەرەپكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ دېگەنلىك كونكىتراق مەنىدە ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىنىڭ قىياپىتىنى سىزىپ قارا خانىيلار دەۋرىدىكى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويۇشمۇ، كېيىنكى دەۋردىكى كىيىم – كېچەكلەرنى 11 – ئەسىردىكى ئالىملارغا كىيدۈرۈپ «ماھىيەتنى ئەكىس ئەتتۈردۈم» يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىدىن ئىبارەت مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈردۈم دەپ قارىسىمۇ كۆز بويامچىلىق بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپ.

مۇھەببەت بىلەن مۇۋەپپىقىيەت بىر نەرسە ئەمەس

ئاپتور ماقالىسىنىڭ خېلى كۆپ سەھىپىسىنى ئىككى ئالىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرىپلەشكە، ئۆزىنى ماختاشقا ئاجراتقان. بولۇپمۇ مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىنىڭ يۇرتلىقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مۇھەببەت قويغان ئاپتور: «بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدىن بولسا، مەن كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ قورغان يېزىسى ھوجرادار (خوجىدار) كەنتىدىن بولغاچقا، يۇرتدىشىم مەھمۇد كاشغەرى بىلەن تېخىمۇ پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن، بۇ مېنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتىنى سىزىشقا چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن كىرىشكەنلىكىمنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىدۇر» دەيدۇ. بۇ بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېغزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس ئىدى. بۇ پىكىرى بىلەن ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىنىڭ ئەسلىدە تار يۇرتپەرەسلىك ئاساسسىغا قۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ سۈرىتىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش جەريانىنى دۇنياۋى مەشھۇر ئالىم ۋە رەسسام لىئوناردو داۋىنچى ۋە ئۇنىڭ «ئاخىرقى كەچلىك غىزا»دېگەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئەسىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىگە پاكىت قىلغانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن رەسساملىق سەنئىتىدىكى مۇنداق بىر ئىدىيومنى بىلمەن: «شەيتاننى سىزماق ئوڭاي ئادەمنى سىزماق تەس». داۋىنچى ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ ئەيسا ئەلايھىسسالامنى مەركەز قىلغان «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا»دېگەن مەشھۇر ماي بوياق رەسىمنى چوڭقۇر ئەقىدە بىلەن سىزىپ چىقىپ، دۇنيا رەسساملىق سەنئىتىدە بۈيۈك ئابىدە تىكلەپ بەردى. ئاپتور ماقالىدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك مۇنداق بىر مىسالنى دەلىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئەگەر بىز رەسساملىق تارىخىنى ئاز- تولا ۋاراقلىساق، زامانى ئەۋۋەلدە ئۆتكەن ياكى رىۋايەت قىلىنغان، لېكىن سېماسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئوبرازلىق ئۇچۇر بولمىغان شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى، كېيىنكى دەۋردىكى رەسساملار سىزىپ چىققان مىساللارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈۋالالايمىز» دەپ «ئاخىرقى كەچلىك غىزا» دېگەن رەسمىنى مىسال ئالغان ۋە «داۋىنىچى ئۆزىدىن تەخمىنەن 1500 يىل بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپىقەتلىك ياراتقانىدى» دەيدۇ. رەسساملىق تارىخىنى تەتۈر ۋاراقلىماي، ئوڭ ۋاراقلىساق، تارىخى پاكىتلار كۆمۈلۈپ كەتمىگەن بولاتتى. داۋىنچىغىچە دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر رەسساملار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرىنى تالاي قېتىملاپ سىزىپ ئەيسانىڭ ئوبرازى ھەققىدە مۇكەممەل ئوبراز تۇرغۇزۇپ بەرگەن. ھازىرغىچە بىرەر رەسساممۇ ئەيسا ئوبرازىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆلچىمىنى بۇزۇۋەتكىنى يوق. 2000 يىلدىن بېرى، بىنا قىلىنغان قايسى بىر چېركاۋدا ئەيسانىڭ ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلمىگەن. شۇنداق ئەھۋالدا، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى ھەققىدە «ھېچقانداق ئوبرازلىق ئۇچۇر بولمىغان» دېيىشكە پېتىنغانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. غازى ئەمەت ئەپەندىم سىزغان ئىككى ئالىمنىڭ نامىدىكى پورتېرىتىدا يۇقىردا بىز كۆرسەتكەندەك كۆپ نۇقسانلار بولغانلىقى سەۋەبلىك، تېخى دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىنى يوق. 2008 – يىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەھمۇد كاشغەرى يىلى قىلىپ بېكىتىلگەنلىك شەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركىيەدىكى يىغىن سەھنىسىگە ئۆزى سىزغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورترېتىنى ئاسقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىز دەل شۇ يىغىن نەق مەيدانى تارتىلغان كۆرىنىشلەردىن بۇ گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. 2008 – يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىيە تىل قۇرمىنىڭ باشلىقى شۈكۈر خالىق ئاكالىن مەزكۇر رەسىمگە بولغان تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن ۋاقىپمىز. شۇڭا يۇرتداشلىق مۇھەببىتىنى باھانە قىلىپلا، ئۇنى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. «مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئوبراز» دەپلا يوللۇق تەكلىپ پىكىرلەرنى، «يولسىز»، « ئورۇنسىز پىكىر» دەپ ئىنكار قىلىش سەممىيەتسىزلىك ۋە جاھىللىق بولىدۇ. بىزگە تارىخىي دىتاللار ۋە روشەن مەلۇماتلار ئېتىبارغا ئېلىنمىغان، زامانىمىزدىكى مەلۇم بىر شەخىسنى پىروتوتىپ قىلىپ سىزىپ چىققان، «رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى خىيالىي، غايىۋى ئوبراز» لازىم ئەمەس.

بىرەر ئەسەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ياكى تەقرىز يېزىش ئۈچۈن شۇ ئادەمنىڭ چوقۇم رەسسام ياكى يازغۇچى بولۇشى، ئۇ يۇرتلۇق ياكى بۇ يۇرتلۇق بولۇشى شەرت ئەمەس. قەدىمقى ئۇيغۇرلاردا: «پىچاق ئۆز سېپىنى يۇنۇيالماس» دېگەن تەمسىل بار. ئادەم باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى خەسىنى كۆرۈۋالالايدۇ، ئۆزىنىڭ كۆزىدىكى خادىنى كۆرەلمەيدۇ، دۇنيادا مىڭلىغان ئالىملار ھاياتىنى بۇ ئىككى ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان، ئۇلار ھېچقاچان يۇرتداش، ۋەتەنداش دەپ ئايرىمىغان. بىزدە ھەر- بىر يۇرتتىن چىققان ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىزنىڭ تەسردائىرىسىنى بۆلىۋېلىشتەك ئىنتايىن بىر يامان خائىش بار.

بىلىش لازىمكى، ئالىمنىڭ ۋە ئىلىمنىڭ دۆلەت ۋە يۇرت چىگىرىسى يوق. 11 – ئەسىردىكى بۇ قوشكېزەك ئالىملار تۈرك – ئۇيغۇر دەۋرىنى ئاچقان، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتقان، دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدە يۇلتۇزدەك چاقنىغان ئىدى. بۇ ئىككى ئەسەرگە مۇجەسسەملەنگىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ 11 – ئەسىردىكى مۇجەسسىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدىن ئىبارەت. ئۇ ئالىملار ئوپالغا ۋەياكى قەشقەرگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بەلكى، ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقەرنىڭ دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدىكى ئورنىغا، ئۇلارنىڭ غورورى ۋە ئىپتىخارىغا، بىلىش نەتىجىلىرىگە، شۇنداقلا مىللىي روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىلمىي مەسىلىگە قارىتا شۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ يوللۇق پىكىر بولسا قويۇش ئەركىنلىكى بار. يۇرۇتلۇقۇم بولغانلىقى ئۈچۈن قانداق ىزسام بولىۋېرىدۇ، ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئىپادىسى دەپ تۇرىۋېلىشمۇ ئىشمۇ؟

تارىخ ۋە دەۋر ئىككى ئالىمنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى بولغان بىزدىن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇبىلىگ» تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتىرلىق بۈيۈك نەتىجىلەرنى كۈتمەكتە. بۇ ھەم قوشكېزەك ئالىملىرىمىزنىڭمۇ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى، ئىشەنچىمىز كامىلكى، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە زور مۇۋەپپىقىيەتلەر بارلىققا كېلىدۇ. سەنئەتكارلىرىمىز ئىككى ئالىمنىڭ نامىغا سىزىلغان يۇقارقى رەسىملەرنىڭ ئەسلى ماھىيەتتىن زور دەرىجىدە يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، قايتىدىن سەنئەتنىڭ چەكسىز ئىماكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەزمۇن بىلەن شەكىل يۈكسەك دەرىجىدە بىر گەۋدىلەشكەن، تارىخىيلىق بىلەن دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىق روشەن ئەكىس ئەتكەن. 11- ئەسردىكى ئۇيغۇرلارغا خاس تىپىك قىياپەت بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىگە خاس ئىندىۋىدال ئالاھىدىلىك ماھىرلىق بىلەن مۇجەسسەم قىلىنغان. مۇكەممەل نۇرانە سىمانى جاھان ئەھلىگە تەقدىم قىلغۇسى.

ئىستات مەنبەلىرى
①(رەسىد رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇبىلىگ» مە تىن 23 – (ئەگرى شەكىلىك يەر) 1979 – يىلى ئەنقەرە، تۈرك تىل قورمى نەشرىياتى )
②رەشىد رەھمەتى ئارات : 《 قۇتادغۇ بىلىگ 》، 《 ئىسلام ئېنسىكلوېدىيىسى 》، 6 – توم ، 1041 – بەت ، 1977 – يىلى ، ئىستانبۇل ، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى .
③(رەسىد رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇبىلىك» مە تىن 24 – (ئەگرى سىزىقلىق يەر) بەتلەر1979 – يىلى ئەسقەرى، تۈرك تىل قورمى نەشرىياتى )
④مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانە لۇغەت تۈرك» ئۇيغۇرچە نەشرى-54- Ⅲبەت
⑤ (فوئاد كۆپرۇلۇ «بايراق» «ئىسلام ئىنىسكىلوپېدىيىسى» تۈركچە 2 – توم، 407 – بەت، 1979 – يىلى ئىستامبول مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى)
⑥ «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ 1766 – بېيىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسى
⑦⑧⑨ھاجى ئابدۇلئەزىرئەلى ئارقان «مۇقامچىلىقتا سەللە مەسىلىسى» شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2008 – يىللىق 3 – سان
⑩ئەخمەت سۇلايمان : «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە ، 256 – بەت ، 2005 – يىلى ، ئۈرۈمچى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى .
⑾نيۇ رۇجى : «يەركەندىن تېپىلغان قارا خانىيلار خانلىقىغا ئائىت ئەرەبچە قانۇنىي ھۆججەت ۋەقۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى »، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ژۇرنىلى ، خەنزۇچە، 1999 – يىل ، 3 – سان ، 101 – بەت .
⑿ئانىل چەچەن : « تۈرك دۆلەتلىرى »، 173 – بەت ، 2007 – يىلى ئەنقەرە ، فارك نەشرىياتى .
⒀ رامازان شەشەن «ئىسلام جۇغراپىيىچىلىرى كۆرە تۈركلەر ۋە تۈرك مەملىكەتلىرى»، 160 – بەت، تۈركچە ، 2001 –يىل، ئەنقەرە، تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
⒁ غازى ئەمەت «مەھمۇد كاشغەرى پورترېتىنىڭ بارلىققا كېلىشى»، «مەھمۇد كاشغەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008- يىلى نەشىرى 85- بەت.
⒃«تۈركچە سۆزلۈك» ، تۈركچە ، 1621 – بەت. 2005 – يىل ئەنقەرە تۈرك تىلى قورمى نەشرىياتى