ئەخەت تۇردىنىڭ تەرجىمھالى

يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى 1940 – يىل 11 – ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 – يىلدىن 1959 – يىلغىچە باشلانغۇچ – تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1964 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە كېيىنچە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 – يىل 1 – ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئەخەت تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۈرۈچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. بۇ تۇنجى ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭغا زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى ھېكايە ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، «گۈلخان»، «ھاياتنىڭ باشلىنىشى»، «مەرھابا، باغۋەن»، «مەھبۇس قىزى»، «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»، «خەير – خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «قىزىق ئىشلار»، «يەر گۇۋاھ، ئاسمان گۇۋاھ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلەرنى يازغان، بۇ ھېكايىلەر كىتابخانىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئەخەت تۇردى يەنە پوۋېست ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «قىيانلىق دەريا»، «باھاردىكى جۇدۇن»، «مۇزلىغان يۈرەك»، «سەبىيلەر پاجىئەسى»، «قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا»، «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» قاتارلىق بىر تۈركۈم پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. ئەخەت تۇردى رومان ئىجادىيىتىدىمۇ مول ھوسۇل ئالغان يازغۇچى. ئۇ، 80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاساسەن يىرىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپرەك ئىجادىي كۈچنى رومان ئىجادىيىتىگە قاراتقان. ئۇ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»،ئۇنتۇلغان كىشىلەر »،«ھايات شۇنداق»،«بەختسىز سەن.ئىدىيە»، «ئاي يامغۇرى» ناملىق رومانلاردا كەڭ، باي بەدىئىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق، شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە بەدىئىي ئىزدىنىشلىرى خېلى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئەخەت تۇردى يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ 25 يىللىق زېھنىي كۈچىنى، ئەجرىنى «تارىم» ژۇرنىلىغا بېغىشلاپ، ژۇرنالنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ياخشى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش، ياش ئەدىب – ھەۋەسكارلارنى يېتەكلەش، ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان. ئەخەت تۇردىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «گۈلخان» (1980 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «قىيانلىق دەريا» (1982 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، «گىرىمسەن يوللار» (1985 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «قەترە» (1986 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» (1987 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» (1991 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «ھايات شۇنداق» (1991 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، «خەير – خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان» (1993 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق تاللانغان ھېكايىلەر توپلىمى، «ئاي يامغۇرى» (1994 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى),«قاباھەت» ، «سەرسان روھ»، «يەكچەشمە»،«كونا كۇچا» ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. ئەخەت تۇردى ھازىر 1 – دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.“

قىسقىسى ، ئەخەت تۇردى دەۋر قىياپىتى ئىجابىي ۋە سەلبەي ياقتىن تورۇتقان ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، زىددىيەت- توقۇنۇشلىرى كەسكىن ، پىرسۇناژلىرى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە ، تىلى تاتلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋەر ئەسەرلىرى بىلەن يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رومانچىلىق ساھەسىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچىدۇر.