ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەر

ئۇيغۇرلاردا يېزىق

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى

مۇھىم مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش قائىدە ئاساسىنى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنى تەتقىق قىلىش، توپلاش ۋە رەتلەپ لۇغەتلىرىمىزگە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي دەۋرلىرى ئوزايىدىن، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى» دېگەن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. چاغاتايخانلار زامانىسىنى ئۆزىگە دەۋر بېشى قىلغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر قارخانىيلار دەۋرىدىكى خاقانىيە تىلىنىڭ بىۋاسىتە راۋاجى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇل-ئاساسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش ئەھمىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈردۇر. ھالبۇكى، ماۋزۇيىمىزدىكى ئىزافەتلەر مەسىلىسى مۇشۇ تەتقىقات ساھەسىگە كىرىدىغان مۇھىم بىر نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

(1) ئىزافەتلەر ۋە ئۇلارنى ئوقۇش-يېزىشنىڭ قائىدە ئاساسى

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن تارتىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن، ئېنىقلانغۇچى سۆزى ئالدىدا، ئېنىقلىغۇچى سۆزى كەينىدە كەلگەن، ئېنىقلاش-ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتىدىكى تەڭسىز بىرىكمە «ئىزافەت» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، خەلقى ئالەم: ئالەم خەلقى؛ روھىي زەمىن: يەر يۈزى؛ سىرا تۇلمۇستەقىم: توغرا يول، دېگەنلەرگە ئوخشاش. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، «ئىزافەت» بىلەن ھازىرقى تىلىمىزدىكى «تەڭسىز بىرىكمە» قۇرۇلما شەكلى جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا مەزكۇر «ئىزافەت» دېگەن ئاتالغۇنى يەكلەپ تاشلىۋەتمەي، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىنتاكسىسلىق ئۇقۇم دائىرىسىنى كۆرسىتىدىغان خاس تېرمىن قىلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ سوستاۋىدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنڭ ئالتە ئەسىرلىك ئىستېمال ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋە بۈگۈنكى ئىستېمالىمىزدىمۇ ئۇپرىماس ھاياتىي كۈچى بىلەن ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئىزافەتلەر ئاز ئەمەس. ئەمدى، بۇ خىل ئىزافەتلەرنى لېكسىكولوگىيە ئىلمىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئوچۇقلاپ چۈشەندۈرۈش مەزكۇر سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدىكى قوللىنىشچانلىقىنى، يەنى بىلىپ ئىشلىتىش ۋە توغرا ئىشلىتىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىزافەتلەر ئېتىمولوگىيە جەھەتتىن ئەرەب-پارس تىللىرىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن، تۈزۈلۈش شەكلى جەھەتتىن بولسا، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەنئەنىۋى تەڭسىز بىرىكمىلەردىن تۈپلۈك پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارغا دائىر ئاساسىي قائىدىلەر ھەققىدە مۇۋاپىق بايان بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، ئىزافەتلەر ئۆزلىرىدىكى خاس ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ، «ئەرەبچە ئىزافەت» ۋە «پارسچە ئىزافەت» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئادەتتە، تەركىبىدە ئەلفلام (ال-)بولغان، يەنى ئېنىقلانغۇچى سۆز بىلەن ئېنىقلىغۇچى كەلىمە ئەلفلام ئارقىلىق بىركىپ كەلگەن ئىزافەت «ئەرەبچە ئىزافەت» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «يول» مەنىسىدىكى « «پرائ»كەلىمىسى بىلەن «تۈز، توغرا، داغدام، ئۇقۇمىدىكى مستقيم» سۆزىدىن تەركىب تاپقان ئەرەبچە ئىزافەت «پرائ المستقيم» شەكلىدە بولىدۇ ۋە ئىزافەت ئالدىدا ھېچقانداق بىر ئالدى قوشۇلغۇچى بولمىغان ئەھۋالدا«سىراتۇلمۇستەقيم» دەپ ئوقۇلىدۇ.
ئەرەبچە ئىزافەتلەرنى ئوقۇش ۋە ترانسكرپسيە قىلىشتا، ئىزافەتنىڭ ئالدىدا «بى، فى، ئان، ئىلە، ئەلە،» قاتارلىق ئالدى قوشۇلغۇچى كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئەلفلام بىلەن قوشۇلۇپ يېزىلىدىغان ئېنىقلىغۇچى سۆز باش ھەرپنىڭ قەمەرىيە ھەرپى ياكى شەمسىيە ھەرپى ئىكەنلىكىگە قارايمىز.
ئەگەر ئىزافەت ئالدى قوشۇلغۇچىسىز بولسا، بۇ ھالدا ئالدى بىلەن، ئېنىقلانغۇچى سۆزنىڭ ئاخىرىغا بىر «-ئۇ» تاۋۇشى قوشۇلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئېنىقلىغۇچى سۆز قوشۇلۇپ ئوقۇلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ترانسكرپسيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، «امر» سۆزى بىلەن «اللە» سۆزىدىن تۈزۈلگەن ئالدى قوشۇلغۇچىسىز ئەرەبچە ئىزافەت ئادەتتە، امراللە شەكلىدە يېزىلىدۇ ۋە «ئەمرۇللاھ» دەپ ئوقۇلىدۇكى، بۇنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ ئەمرى » دېگەن بولىدۇ. («ئاللاھ» سۆزىدىكى «ھ» تاۋۇشىنى يىزىقتا چۈشۈرۈپ قويۇش مۇتلەق توغرا ئەمەس!) ئەمدى ، ئەگەر بۇ ئىزافەت «ب» «بى» دېگەن ئالدى قوشۇلغۇچى بىلەن كەلسە، بۇ ھالدا، بامراللە شەكلىدە يېزىلىدۇ ۋە مەزكۇر ئالدى قوشۇلغۇچى «بى» نىڭ تەسىرى بىلەن، ئەسلىدىكى «ئۇ» تاۋۇشى «ئى» گە ئۆزگىرىپ «بىئەمرىللاھ» دەپ ئوقۇلىدۇكى ،بۇنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن» دېگەن بولىدۇ. ئوخشاشلا، اسىم بىلەن اللە سۆزىدىن تۈزۈلگەن ئەرەبچە ئىزافەت ئالدى قوشۇلغۇچىسىز ئەھۋالدا، اسم اللە يېزىلىپ، «ئىسمۇللاھ » دەپ ئوقۇلىدۇ ۋە مەنىسى «ئاللاھنىڭ ئىسمى» دېگەن بولىدۇ. ئەمما، ئۇ ئالدى قوشۇلغۇچى «ب-» بىلەن كېلىپ، بىسم اللە يېزىلغاندا بولسا، «بىسمىللاھ» دەپ ئوقۇلىدۇ. ۋە مەنىسى «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن» دېگەن بولىدۇ.
ئەگەر ئەلفلام بىلەن كەلگەن ئېنىقلىغۇچى سۆزنىڭ باش ھەرپى شەمسىيە ھەرپى بولسا ۋە ئىزافەت ئالدىدا ھېچقانداق بىر ئالدى قوشۇلغۇچى بولمىسا، بۇ ھالدا، ئېنىقلىغۇچى سۆزنىڭ ئاخىرىغا بىر «-ئۇ»تاۋۇشى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئېنىقلىغۇچى سۆزنىڭ بېشىدىكى شەمسىيە ھەرپى قاتلاپ (تەكرار) ئوقۇلغان ھالدا قوشۇلىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسلەن، «دېڭىز» مەنىسىدىكى «بچر»سۆزى بىلەن «نىجاتلىق» ئۇقۇمىدىكى «نىجات»كەلىمىسى ئەلفلام ئارقىلىق بىرىكىپ« بچرالنجات» شەكلىدىكى ئىزافەت ھاسىل قىلسا، ئۇ «بەھرۇننەجات» دەپ ئوقۇلۇپ ترانسكرپسيە قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئەلفلام كەلگەن ئېنىقلىغۇچى سۆزنىڭ باش ھەرپى ھەر قانداق قەمەرىيە ھەرپى بولسا، ئۇ ھالدا، ئېنىقلانغۇچى سۆزنىڭ ئاخىرىغا بىر «-ئۇ» تاۋۇشى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دەسلەپ «ال-»(ئەلفلام) دىكى «ل-»(لام) ھەرپى قوشۇلىدۇ. ئاندىن ئېنىقلىغۇچى سۆز ئەينەن قوشۇپ ئۇقۇلىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن، « قىسىسلەر، ھېكايىلەر» مەنىسىدىكى «قپپ»سۆزى بىلەن «ئەۋلىيالار» ئۇقۇمىدىكى «انبيا» سۆزى ئەلفلام بىلەن بىرىكىپ ئەرەبچە ئىزافەت ھاسىل قىلسا، قپپ الانبىيا شەكلىدىكى بۇ ئىزافەت «قىسەس-ۇل-ئەنبىيا» دەپ ئوقۇلىدۇ. ئەگەر مەزكۇر ئەرەبچە ئىزافەتتىكى «انبيا» (ئەنبيا) سۆزىنىڭ ئورنىدا، باش ھەرپى شەمسىيە ھەرپى بولغان «رابغوزى» كەلىمىسى كەلگەن بولسا، بۇ ھالدا «قپپ الرابغۇزى»شەكلىدىكى بۇ ئەرەبچە ئىزافەت ئەمدىلىكتە «قىسەس-ۇر-رابغۇزى»(رابغۇزى توپلىغان قىسىسىلەر) دەپ ئوقۇلىدۇ ۋە مۇشۇنداق ترانسكرپسيە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ خىل ئىزافەت ئىككى كەلىمىلىك ئەمەس، بەلكى ئۈچ كەلىمىلىك بولسا، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىزافەت تەركىبىدىكى ئېنىقلانغۇچى سۆز بىردىن ئارتۇق بولسا، بۇ ھالدا، ئەڭ ئالدىدا كەلگەن بىرىنچى ئېنىقلانغۇچى سۆزنىڭ ئاخىرىغا بىر «-ئۇ» تاۋۇشى، ئىككىنچى ئېنىقلانغۇچى سۆزنىڭ ئاخىرىغا بولسا، بىر «-ئى» تاۋۇشى قوشۇلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئەلفلام بىلەن كەلگەن ئېنىقلىغۇچى سۆز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدە بويىچە، شەمسىيە ھەرپلىك بولسا تەكرارلىنىپ، قەمەرىيە ھەرپلىك بولسا، ئۆزىگە «ل-» ھەرپى قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. ۋە شۇنداق تراسكرپسىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، «تىللار» مەنىسىدىكى « لغات» سۆزى بىلەن « تۈركىي تىللىق مىللەت » مەنىسىدىكى «ترك» كەلىمىسىدىن تۈزۈلگەن ئىككى كەلىمىلىك ئەرەبچە ئىزافەت «لغات الترك»يېزىلىپ، «لۇغات-ۇت-تۈرك» ئوقۇلىدۇ. «تۈركىي تىللار» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى، مەزكۇر ئىككى كەلىمىلىك ئەرەبچە ئىزافەتنىڭ ئالدىغا «قامۇس، چوڭ لۇغەت» مەنىسىدىكى يەنە بىر ئېنىقلانغۇچى سۆز بولغان «يوان»سۆزى قوشۇلسا، بۇ ھالدا، مەزكۇر ئۈچ كەلىمىلىك ئەرەبچە ئىزافەت ئەمدىلىكتە «ديوان لغات الترك» شەكلىدە يېزىلىپ، «دىۋان-ۇ لۇغات-ىت-تۈرك» دەپ ئوقۇلىدۇ ۋە مەنىسى «تۈركىي تىللارنىڭ قامۇسى» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، جاھانغا مەشھۇر قامۇسىمىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئەرەبچە ئىزافەتلىك ئەسلى شەكلىنى نېمە ئۈچۈن «دىۋانى لۇغاتىل تۈرك» ئەمەس، بەلكى «دىۋانۇلۇغاتىتتۈرك» دەپ ئوقۇيدىغانلىقىمىزنىڭ قائىدە ئاساسى مانا شۇ.
روشەنكى، بۇ خىل ئەرەبچە ئىزافەتلەرنى توغرا ئوقۇش ۋە دۇرۇس ترانسكرپسىيە قىلىش ئۈچۈن، ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى 28ھەرپنىڭ ئىچىدە، «ا، ب، ج، چ، خ ، غ ، غ، ف، ق، ك، م، ھ، و، ھ، ى»دىن ئىبارەت 14 دانىسىنىڭ «قەمەرىيە ھەرىپلىرى « ت، ڭ، د، ۇ، ر، ز، س، ش، پ، گ، ئ، ئ، ل، ن»، »دىن ئىبارەت 14دانىسىنىڭ «شەمسىيە ھەرپلىرى» ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز بەكلا مۇھىم.
ئەمدى، پارسچە ئىزافەت دېگىنىمىز بولسا، پارس تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچى تۈزۈلگەن، تەركىبىدە ئەلفلام(ال) بولمىغان ئىزافەتلارنى كۆرسىتىدۇ. پارسچە ئىزافەتلەردىمۇ ئوخشاشلا ئېنىقلانغۇچى سۆز ئالدىدا ،ئېنىقلىغۇچى سۆز بولسا كەينىدە كېلىدۇ. پارسچە ئىزافەتلەرنى ئوقۇش ۋە ترانسكرپسيە قىلىشتا، ئىزافەت تەركىبىدىكى ئېنىقلانغۇچى سۆزنىڭ قانداق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىقىغا قارايمىز. ئەگەر ئىزافەت تەركىبىدىكى ئېنىقلانغۇچى سۆز «-ئا» سوزۇق تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بولسا، مەزكۇر ئېنىقلانغۇچى سۆز بىلەن ئېنىقلىغۇچى سۆز ئارىسىغا بىر «يى» بوغۇمنى قوشۇپ ئوقۇيمىز ۋە شۇ بويىچە ترانسكرپسىيە قىلىمىز. مەسىلەن، دريا چيرت (دەرياىي ھەيرەت): ھەيرانلىق دەرياسى؛ دنيا باقى (دۇنيايى باقى: مەڭگۈلۈك ئالەم؛ خدا تىالى(خۇدايىتەئالا)؛ تەڭداشسىز ئاللاھ، دېگەنلەرگە ئوخشاش.
ئەگەر ئىزافەت تەركىبىدىكى ئېنىقلانغۇچى سۆز «ئە، ئى، ئو، ئۇ،» قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان بولسا، ئېنىقلانغۇچى بىلەن ئېنىقلىغۇچى سۆز ئارىسىغا بىر «ئى» بوغۇمى قوشۇپ ئوقۇلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ترانسكرپسيە قىلىنىدۇ.
مەسىلەن: پردە ئلمت(پەردەئىي زۇلمەت: زۇلمەت پەردىسى؛ غنچە خندان(غۇنچەئى خەندان): پورەك ئېچىلغان غۇنچە؛ سو ئن (سوئى زەن) گۇمان، يامان كۆز بىلەن قاراش؛ سوقپد” (سۇيىقەسد) سۈيقەست؛ ئوئى دل (تۇتىئى دىل): يۈرەكنىڭ تۇتىسى دېگەنلەرگە ئوخشاش.
ئەگەر ئىزافەت تەركىبىدىكى ئېنىقلانغۇچى سۆز ھەر قانداق بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، بۇ ھالدا، ئېنىقلانغۇچى بىلەن ئېنىقلىغۇچى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر «-ئى»تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە ترانسكرپسيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، گل نار (گۈلى نار): ئانارگۈلى؛ دل نار(دىلى نار): ئوت يۈرەك؛ ماەنور(ماھى نۇر) نۇرلۇق ئاي، دېگەنلەرگە ئوخشاش.
قەدىمىي تېكىستلەردە، ئىككىدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلگەن پارسچە ئىزافەتلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مست غرق بادە (مەستى غەرقى بادە): رومكىغا چۆكۈپ كەتكەن مەست؛ مزرى لئف الھى(مەزرەئى لۇتفى ئىلاھى): ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى تېرىلغان جاي، دېگەنلەرگە ئوخشاش.
ئىزافەتلەر ھەققىدىكى قائىدە ئاساسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوبدان ئىگىلەش بىزنى بۇ تۈردىكى سۆزلەرنى بىلىپ ئىشلىتىش، جايىدا ئىشلىتىش ۋە جانلىق ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.

(2) ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ تۈرلىرى

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن، ئىملا تەلەپپۇز ۋە ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئالغان، شۇنداقلا جانلىق ۋە يېزىق تىلى ئەمەلىيتىدە قوللىنىلىۋاتقان ئىزافەتلەرنى ئىستېمالىمىزدىكى نەق ھالىتى بويىچە تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

بىرىنچى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئەينەن ئۆزلەشكەن ئىزافەتلەر:
خەلقىئالەم (خلق ىالم): ئالەم خەلقى، پۈتكۈل خەلق؛
پادشاھىئالەم(پادشاە ىالم): ئالەمنىڭ پادىشاھى؛
تەركىدۇنيا(ترك دنيا) دۇنيا ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىش؛
ئەكسىلھەرىكەت(ىكس الچركت )قارشى ھەرىكەت، تەتۈرلۈك؛
ئەكسىلئىنقىلاب ( ىكس الانقلاب): تەتۈر ئىنقىلاب؛
بەيتۇللاھ (بيت اللە) ئاللاھنىڭ ئۆيى، مۇقەددەس ئۆي، كەبە؛
ئەبەدىلئەبەد (ابدالابد)؛ مەڭگۈگە؛
بەيتۇلمۇقەددەس (بيت المقدس): مۇقەددەس ئۆي، كەبە؛
مەردىمەيدان (مردميدان): جەڭگاھ ئىنسانى، جەڭ مەيدانىدىكى ئەركەك .
ئەھلىمەھەللە(اھل مَچلە): مەھەللە ئەھلى، مەھەللە ئىنسانى؛
جانىجان (جان جان) جاننىڭ جېنى، ئەڭ ئەزىز؛
مىراب (ميرژب ): سۇ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار
مىراخور(ميرژخور) جەڭ ئەتلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار؛
ئابىچەشمە (ژب چشمە )؛ بولاق سۈيى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامدىن بىرسىنىڭ نامى، ئابىچەشمە مۇقامى؛
ئابىزەمزەم ( ژب زمزم): زەمزەم بولىقىنىڭ سۈيى؛
ئابىكەۋسەر(ژب كوٍڭ):جەننەتتىكى كەۋسەر بۇلىقىنىڭ سۈيى؛
خەتمىقۇرئان (ختم قرژن) قۇرئاننى ئوقۇپ تۈگىتىش؛ قۇرئان ئوقۇش
شەيخۇلسىلام (شيخ الاسلام) ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان ۋە مۇشۇ ئۇنۋانغا مۇشەررەپ بولغان زات؛
دارلىئاجىزىن (دارالَىاجزين): قېرى-چۈرىلەر يۇرتى، ئاجىزلار يۇرتى؛
دارلىمۇئەللىمىن(دارالمىلمن لمين): مۇئەللىم تەربىيلەش يۇرتى؛
دارىلفۇنۇن (دارالفنۇن) ئىلىم-پەن يۇرتى؛
دەردىسەر(دردسر)باش ئاغرىقى؛
دىۋانۇلۇغاتتتۈرك(ديوان لغات الترك) تۈركىي تىللار دىۋانى؛
تارىخۇرەۋزەتسىسەفا (تاريخ روگە الپفا): ساپالىق باغ تارىخى ؛
تارىخرەشىدى (تاريخ رىشيدى) ئابدۇرەشىدخان تارىخى؛
تارىخھەمىدى (تاريخ چميدى) ئابدۇلھەمىدىخان تارىخى
تارىخئەمنىيە (تاريخ امنيە) ئەمىنىيەتلىك تارىخ؛
ماھىنۇر(ماە نور) نۇرلۇق ئاي؛
سەددىچىن (سىد چين): جۇڭگو سېپىلى؛
ئىمانىكامىل(ايمان كامل): تولۇق ئىشەنچ ئىمامئەخپەش (امام اخپش) ئەخپەش ئىمام ؛
ئىلمىنۇجۇم (ىلم نجوم): ئاسمانشۇناسلىق ئىلمى
ھەججىئەكبەر ( چج اكبر): چوڭ ھەج، بۈيۈك ھەج؛ قەتلىئام (قتل ىلم ) ئومۇمىي قىرغىن، قىرغىن
غەيرىرەسمى (غير رسمى): رەسمىي بولمىغان؛ ۋەلىيۇللاھ (ولى اللە): ئاللانىڭ دوستى
ۋەلىئەھد (وليىھد): تەخت ۋارىسى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

ئىككىنچى، ئىزافەت قوشۇمچىسى چۈشۈپ قالمىغان، ئەمما تەركىبىدىكى سۆزلەردە فونېتىك ئۆزگىرىش بولغان ھالدا ئۆزلەشكەن ئىزافەتلەر:
رويىزېمىن: يەر يۈزى، دۇنيا، ئەسلى: رەيىزەمىن (روى زمين).
تەختىراۋان: ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان چاغدا چىقىدىغان تەخت، جەسەت يۇيۇلىدىغان خاس تاختا؛ كونا جەمئىيەتتە مەرتىۋىلىك كىشىلەرنى يەلكىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ
ماڭىدىغان جاھاز؛ ئەسلى: تەختىرەۋان (تخت روان).
ئابىھايات: تىرىكلىك سۈيى، ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى سۇ؛ ئەسلى: ئابىھەيات (ژب چيات).
ئابىناۋات: ناۋات سۈيى، بىر خىل قوغۇن ئىسمى؛ ئەسلى: ئابىنەبات (ژب نبات).
ئابىراۋان: ئاقار سۇ؛ ئەسلى: ئابىرەۋان (ژب روان)
ئاشىقىبىقارار: تاقەتسىز ئاشىق. ئەسلى: ئاشىقىبىقەرار ( ىاشق بيقرار)
ئالىمادىس: ھادىسىلەر دۇنياسى؛ ئېھتىمال. ئەسلى: ئالەمىھادىسە ( ىالم چاد شە )
تەركىجاھان: جاھاندىن كېچىش. ئەسلى: تەركىجەھان (ترك جھان)
دارىلئېتام: يېتىملەر يۇرتى. ئەسلى: دارىلئەيتام (دارالايتام)
بالايىبەتتەر: ئەڭ زور بالا-قازا. ئەسلى: بەلايى بەتتەر (بلا بتر)
زامانىئاخىر: ئاخىرەت، ئاخىر زامان. ئەسلى: زەمانى ئاخىر (زمان ژخر)
زامانىئەۋۋەل: ئۇزاق ئۆتمۈش، بۇرۇنقى زامان. ئەسلى: زەمانىئەۋۋەل (زمان اۋل)
ئەھلىمۆمىن: مۇسۇلمان. ئەسلى: ئەھلى مۇئمىن (اھل مۇمن)
دۇئايىبەت: قارغىش. ئەسلى: دۇئايىبەد (دىا بد)؛
دۇئايىسالام: تىنچلىق تىلىكى. ئەسلى: دۇئايى سەلام (دىا سلام)
روزىرامىزان: رامىزان كۈنى. ئەسلى: روزى رەمەزان (روز رمگان)
رەڭگىرۇخسار: چىراي، چېھرە رەڭگى. ئەسلى: رەنگى رۇخسار (رنگ رخسار)
پەيلىشەيتان: شەيتاننىڭ پەيلى. ئەسلى: فىئلى شەيتان (فىل شيئان)
بەدەرىبۇزرۇك: بۈيۈك ئاتا. ئەسلى: پەدەرى بۇزورك (پدر بزورك)
پەۋقۇلئاددە: ئادەتتىن تاشقىرى. ئەسلى: فەۋقۇلئاددە (فوق الىادھ)
پۇشتىپاناھ: ئارقا تىرەك. ئەسلى: پۇشتى پەناھ (پشت پناە)
خۇدايىتائالا: تەڭداشسىز خۇدا. ئەسلى: خۇدايى تەئالا (خدا تىالى)
سۈيىقەست: يامان غەرەزلىك ھەرىكەت. ئەسلى: سۈيى قەسد (سو قپد)
سۇيىئىستېمال: يامان غەرەزلىك پايدىلىنىش، ۋاسىتە. ئەسلى: سۇيى ئىستىئمال (سواستىمال)
ئەمرىمەرۇپ: مەشھۇر ئىش. ئەسلى: ئەمرى مەئرۇف (امر مىروف)
ئەھلىسەلىپ: كرېست بەلگىلىك قوشۇن. ئەسلى: ئەھلى سەلىب (اھل پليب )
ئەھلىئىلىم: ئىلىم ئەھلى. ئەسلى: ئەھلىئىلم (اھل ىالم)
تەھتىسارا: يەر-زېمىننىڭ ئاستى. ئەسلى: تەھتىسەرا (تىت سرا)
ئەرشىئەلا: ئاسماننىڭ ئەڭ ئۈستى. ئەسلى: ئەرشىئەئلا (ىرش اىلا )
جامادىيەلئاخىر: ھىجرىيە 6-ئاي. ئەسلى: جەمادىيەلئاخىر (جمادى الاخر)
جامادىيەلئەۋۋەل: ھىجرىيە 5-ئاي. ئەسلى: جەمادىيەلئەۋۋەل (جمادى الاول)
رەببىيەلئاخىر: ھىجرىيە 4-ئاي. ئەسلى: رەبىئولئاخىر (ربيى الاول)
رەببىيەلئەۋۋەل: ھىجرىيە 3-ئاي. ئەسلى: رەبىئولئەۋۋەل (ربيى الاچز)
مىرشاپ: يىگىت بېشى، يىگىتلەر ئەمىرى. ئەسلى: مىرشاب (ميرشاب)
مىرشەب: كېچىلىك جېسەكچىلەر باشلىقى، ئەسلى: مىرشەب ( ميرشب )
لەۋزى ھالال: راست گەپ. ئەسلى: لەفزى ھەلال (لفئ چلال)
لەۋزى ھارام: يالغان سۆز. ئەسلى: لەفزى ھەرام ( لفئ چرام)
قازىكالان: باش قازى. ئەسلى: قازىكەلان (قاپ كلان)
ۋەلىدىزىنا: نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا. ئەسلى: ۋەلەدىزىنا (ولدزنا)
قازايىقەدەر: پېشانىگە پۈتۈلگەن ئىش. ئەسلى: قەزايى قەدەر (قپا قدر)
ئىسمىئەزەم: ئەڭ بۈيۈك ئىسىم. ئەسلى: ئىسمى ئەئزەم (اسم اىئم)
ئىسمىشېرىپ: ئۇلۇغ ئىسىم. ئەسلى: ئىسمى شەرىف (اسم شريف)
ۋەلىئەزەم: باش ئىش بېجىرگۈچى. ئەسلى: ۋەلىئى ئەئزەم (ولى اىئم)
ۋەلىنېمەت: نېمەت ئىگىسى. ئەسلى: ۋەلىنىئمەت (ولينىمت)
مەدىكار: ئىشلەمچى. ئەسلى: مەردىكار (مردكار)
مىرغەزەپ: غەزەپ ئىگىسى. ئەسلى: مىغەزەب (ميرغگب)
كالامشېرىپ: ئۇلۇغ گەپ، قۇرئان. ئەسلى: كەلامى شەرف (كلام شريف)
توقىلەنەت: لەنەت چەمبىرىكى. ئەسلى: تەۋقى لەئنەت ( ئوق لىنت)
شاھىئەزەم: ئۇلۇ شاھ. ئەسلى: شاھى ئەئزەم (شاھ اىئم)
پادىشاھىئەزەم: ئۇلۇغ پادىشاھ. ئەسلى: پادىشاھى ئەئزەم (پادشاھ اىئم)
كەبىتۇللاھ: ئاللھانىڭ كەبىسى. ئەسلى: كەئبەتۇللاھ (كىبە اللە) ۋ.ب

ئۈچىنچى، ئوتتۇرىدىكى ئىزافەت قوشۇمچىسى چۈشۈپ قالغان ھالدا زىچ يەملىشىپ كەتكەن ئىزافەتلەر:
ئاداپ: سۇيۇق ئوماچ. ئەسلى: ئاردىئاب (ژرد ژ ب )
ئابروي: يۈز ئىناۋىتى. ئەسلى: ئابىروي (ژب روى). بۇ سۆزنى تۈركلەر « » (يۈز سۈيى) دەپ ئىشلەتمەكتە.
ئارامخۇدا: خۇدا بەرگەن ئاراملىق. ئەسلى: ئارامى خۇدا (ارام خدا)
ئارامخۇش: ياخشى ئارام. ئەسلى: ئارامى خۇش (ارام خوش)
ئاسار ئەتىقە: قەدىمكى ئىزلار. ئەسلى: ئاسارى ئەتىقە (اڭار ىتيقە)
بايۋەچچە: بالا باي، باينىڭ ئوغلى. ئەسلى: بايى بەچچە (باى بچە)
بەچچىخەر: ئېشەكنىڭ بالىسى. ئەسلى: بەچچەئى خەر (بچەخر)
پايناپ: ئېرىق ئۆستەڭنىڭ ئەڭ ئاخىرى. ئەسلى: پايىنى ئاب (پاين ژب)
پەردىشەپ: قاراڭغۇلۇق پەردىسى؛ توسۇق. ئەسلى: پەردەئى شەب (پردە شب)
پايتەخت: پادىشاھ تەختى بار جاي. ئەسلى: پايى تەخت (پاى تخت)
پېشايۋان: ئايۋاننىڭ ئالدى. ئەسلى: پېشى ئايۋان (پيش ايوان)
تەرجىمىھال: ئەھۋال تەپسىلاتى. ئەسلى: تەرجىمەئى ھال (ترجمە چال )
تەندۇرۇس: ساغلام بەدەن. ئەسلى: تەنى دۇرۇست (تن درست).
ئەۋلىيا ئەزەم: ئەڭ بۋيۋك ئەۋلىيا. ئەسلى: ئەۋلىيايى ئەئزەم (اوليا اىئم )
چۆلئىراق: ئىراق چۆلى؛ مۇقام ئىسمى. ئەسلى: چۆلى ئىراق ( چول ىراق )
خەزىنەدەپىنە: كۆمۈپ قويۇلغان خەزىنە. ئەسلى: خەزىنەئى دەفىنە (خزينە دفينە)
دۇردانە: دانە مەرۋايىت. ئەسلى: دۇررى دانە (در دانە)
شاكراپ: سۇيۇق شېكەر، ئۆتە تاتلىق سۇ. ئەسلى: شەكەرى ب (شكر ژب). بۇ ئىزافەت كېيىنچە مەنە كۆچۈش قىلىپ،
«ئۆتە تۇزلۇق» دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدىغان بولۇپ قالغان.
رويخەت: خەت يۈزى، تىزىملىك. ئەسلى: رويى خەت (روى خئ )
سەللىمازا: پۈتۈنلەي ساغلام: ئەسلى: سەلىمۇلئەئزا (سليم الاىگا)
روياپ: سۇ يۈزى. ئەسلى: رويى ئاب (روى ژب)
ساھىبخانا: ئۆي ئىگىسى. ئەسلى: ساھىبى خانا (پاچب خانە )
ساھىبخان: داستىخان ئىگىسى، مېھمان ئىگىسى. ئەسلى: ساھىبى خان (پاچب خان )
ساھىبقىران: يېتىكلىك ئىگىسى. ئەسلى: ساھىبى قىران (پاچب قران)
ساھىبتەدبىر: تەدبىر ئىگىسى. ئەسلى: ساھىبى تەدبىر (پاچب تدبير)
سانايىنەپىسە: گۈزەل سەنئەت. ئەسلى: سەنايىئى نەفىسە (پنايچ نفيسە )
ساھىبپەرمان: پەرمان چۈشۈرگۈچى. ئەسلى: ساھىبى پەرمان (پاچب پرمان)
ساھىبجامال: جامال ئىگىسى، چىرايلىق. ئەسلى: ساھىبى جەمال (پاچب جمال)
ساھىبكامال: كامالەت ئىگىسى. ئەسلى: ساھىبى كەمال ( پاچب كمال)
سىماب: سۇيۇق كۈمۈش، سىماپ. ئەسلى: سىمى ئاب (سيم ژب )
سىمكار: ئىش ھەققى (工钱). ئەسلى: سىمى كار (سيم كار)
سەپراس: تۈز سەپ. ئەسلى: سەفى راست ( پف راست)
سەركار: ئىش بېشى، ئىش باشقۇرغۇچى. ئەسلى: سەرى كار (سركار)
قەدەمتەشرىپ: مۇبارەك قەدەم. (光临)ئەسلى: قەدەمى تەشرىف (قدم تشريف)
گۈلنار: ئانار گۈلى. ئەسلى: گۈلى نار (گل نار)؛ دىلنار: ئوت يۈرەك. ئەسلى: دىلى نار (دل نار)
گۈلسۇرۇخ: قىزىلگۈل. ئەسلى: گۈلى سۇرۇخ (گل سرخ)
گۈلقەقە: پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل. ئەسلى: گۈلى قەھقەھ (گل قھقە)
گىرداب: سۇ قاينىمى، قاينام. ئەسلى: گىردى ئاب (گرد ژب)
لەپشىرىن: تاتلىق لەۋ. ئەسلى: لەبى شىرىن (لب شيرين)
مويلاۋ: بۇرۇت. ئەسلى: مويى لەب (موى لب)؛ مويسىپىت: ئاق چاچ. ئەسلى: مويى سەفىد (موى سفيد)
ۋەزىر ئەزەم: باش ۋەزىر، بۈيۈك ۋەزىر. ئەسلى: ۋەزىرى ئەئزەم (وزيرا ىئم)
مەككە مۇكەررەمە: ئۇلۇغ مەككە. ئەسلى: مەككەئى مۇكەررەمە (مكەمكرمە)
مەدىنە مۇنەۋۋەرە: نۇرلۇق مەدىنە. ئەسلى: مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە (مدينە منورە)
ساھىبماقام: ئەمەلدار، مەنسەپدار. ئەسلى: ساھىبى مەقام ( پاچب مقام) دېگەنلەرگە ئوخشاش.

تۆتىنچى، ئالدى قوشۇلغۇچىلىق ئىزافەتلەر:
بىسمىللاھ (بسماللە): ئەرەبچە ئىزافەت ئىسمۇللاھ (اسم اللە) بىلەن ئالدى قوشۇلغۇچى «بى» نىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. مەنىسى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن.
ئەزبىرايىخۇدا (ازبراى خدا): پارسچە ئىزافەت «رەيئى خۇدا» بىلەن ئالدى قوشۇلغۇچى «بى» ۋە «دىن \تىن» رولىدىكى ئالدى قوشۇلغۇچى «ئەز» (از) نىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان.
مەنىسى: ئاللاھنىڭ رايى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى؛ خۇدا ھەققى، جەزمەن.
پىسەبىلىللاھ (فى سبيل اللە): ئەرەبچە ئىزافەت «سەبىلىللاھ» (سبيل اللە) بىلەن «دا\ دە،\ تا \ تە» رولىدىكى ئالدى قوشۇلغۇچى «فى» نىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. مەنىسى: ئاللاھنىڭ
يولىدا، خالىس، خالىسانە.
پىسىۋىللا: بۇ يۇقىرىدىكى دىنىي كەلىمە «پىسە بىلىللاھ» نىڭ جانلىق تىلدىكى ئۆزلەشمە شەكلى بولۇپ، قەشقەر شىۋىسىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئەستايىدىل: بۇ سۆز ئەسلىدە، پارسچە ئىزافەت «تەھى دىل» (تەدل) بىلەن «دىن \ تىن» رولىدىكى ئالدى قوشۇلغۇچىلىق ئىزافەت بولۇپ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ،
بۈگۈنكى ئىستېمالىمىزدىكى «ئەستايىدىل» كەلىمىسى بولۇپ قالغان. سۆز مەنىسى «يۈرەكتىن چىقىرىپ، چىن يۈرەكتىن» ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .مەزكۇر «ئەستايىدىل» كەلىمىسىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدىكى شەكلى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ژىرىك ئەسىرى « تارىخىي ھەمىدى» دە مۇنداق كۆرۈلىدۇ:
بەگ بەچچە باشلىغ ھەممە ئەمىر، لەشكەر، يىگىت، ئەسكەرلەر ئەزتەھىدىل مۇھارەبە ۋە مۇقاتەلەگە تۇردىلەر. (بەگقۇلى بەگ باشلىق بارلىق ئەمىر، لەشكەر، يىگىت ۋە ئەسكەرلەر ئەستايىدىل جەڭ قىلىشقا باشلىدى). ئول ھەييۇ قەييۇم لانىيام دەرگاھى تەقەددۇستىن ئىلتىجا ۋە ئىستىد ئايى تەماملار بىرلە ئەزتەھەدىل يىغلادىلەر. (ئۇ ئەبەدىيلىك ئىگىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن كەمكۈتسىز ئىلتىجا تىلەپ ئەستايىدىل يىغلاشتى) .

(4) ئىزافەتلەر تەتقىقاتنىڭ بۈگۈنكى تىل ئەمەلىيىتىدىكى رولى

بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىمىزدىكى ئىزافەتلەر ئەسلىدە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر بولغاچقا، تەتقىقات ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەركىبىنى ئوچۇقلاپ كۆرسىتىش ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا جەھەتتىكى تەرەققىيات جەريانىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالايلۇق، بۈگۈنكى تىلىمىزدا «چۈپرەندە»دېگەن بىر سۆز بار. بۇ سۆز «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە مۇنداق ئىزاھلىنىدۇ: «شاكال، شۆپۈك قاتارلىق كېرەكسىز، تاشلاندۇق نەرسىلەر؛ ئەخلەت؛ چۈپرەندە ئازگىلى» ئەمدى ئىزدىنىپ قارايدىغان بولساق، مەزكۇر «چۈپرەندە» سۆزىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە، «ياغاچ» مەنىسىدىكى «چوب» (مەسىلەن، چوبگەز)سۆزى بىلەن «رەندە» كەلىمىسىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان «چۆبىرەندە»شەكلىدىكى پارسچە ئىزافەت ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. دېمەك، ئۆز زامانىسىدا، «رەندىلەشتىن چىققان ياغاچ قىرىندىسى، پۈزەك» ئۇقۇمىنى ئاڭلىتىپ ئىشلىتىلگەن مەزكۇر «چوبىرەندە» بىرىكمىسى ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستېمال ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، بۈگۈنكى تىلىمىزدىكى «چۈپرەندە» تەلەپپۇز قىلىنىپ، «شاكال-شۆپۈك؛ ئەخلەت» مەنىسىنى ئاڭلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالغان. دەرۋەقە، بۇ سۆز بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىمىزدا، «چۈپرەندە ئادەم» دەپمۇ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھال مەزكۇر ئىزافەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، «يارىماس، چاكىنا، ئېتىبارسىز» قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆزىگە يېڭىدىن يۈكلىگەن بىر كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، ھازىرقى تىلىمىزدا «ئەۋرەز» دەيدىغان بىر سۆز بار. بۇ سۆز ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدە: «ئۆينىڭ ئىچىگە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئۈستى يېپىق ئورا» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. بۇ سۆزمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، «سۇ» مەنىسىدىكى «ئاب» سۆزى بىلەن «تۆكۈۋېتىلگەن، تاشلىۋېتىلگەن» ئۇقۇمىدىكى «رىز» كەلىمىسىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان «ئابرىز» شەكلىدىكى پارسچە ئىزافەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدا، «يۇيۇندى سۇ، يۇيۇندى سۇ ئازگىلى، يۇيۇندى سۇ يولى» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئەگەر بىز بۇ «ئابىرىز ئەۋرەز» سۆزىنىڭ ئۆز زامانىسىدا «يۇيۇندى سۇ يولى، تۆكۈندى سۇ يولى» ئۇقۇمىدىمۇ قوللىنىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىمىزدىكى «مۇنچا ئۆينىڭ ئىچىگە يۇيۇنغان سۇنى ئېقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياسالغان ئورا» دېگەن مەنىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى «下水道» دېگەن بىرىكمە سۆزگە بەدەل قىلىپ ئىشلىتەلىسەك، بۇمۇ بىر نەتىجە بولىدۇ ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىپ ئۆزلەشكەن تەڭسىز بىرىكمىلەر بولۇپ، ئۇلارنى داۋاملىق قېزىپ، توپلاپ ۋە رەتلەپ لۇغەتلىرىمىزگە ئېلىشىمىز ۋە توغرا، تولۇق ئىزاھلاپ كۆرسىتىشىمىز لازىم. چۈنكى، بۇ خىل سۆزلەر يالغۇز «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» ۋە «كاڭشى خانىدانلىقى» غا ئوخشاش تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى دەۋر تىل ئىستېمالىمىزنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان رول ۋە ئەھمىيەت بىلەن ئەسقاتىدۇ.

___________________________
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1) «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.
(2) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى.
(3) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985-يىل نەشرى.
(4) موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى» قوليازما، 269-بەت، 8-9-قۇرلار. 323-بەت، 5-6-قۇرلار.

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2005 -يىل 1 -سانى