ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى

(بۇ ماقالەمنى تەجەللي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىقىغا، ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

مۇختار مامۇت مۇھەممىدى

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنى باغلاشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ئەدىبلەرنىڭ بىرى، مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى مىلادىيە ھىجرىيە 1262–يىلى (1848–يىلى)① خوتەن② ۋىلايەتلىك، قاغىلىق ناھىيە زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدە ئىسلام دىنىي ئالىمى، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

تەجەللى ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان، ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى مەككىنىڭ مەدرىسلىرىدە ئالغان. ئوغلىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىجتىھاتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئاتىسى سەئىد قۇتبىدىن شاھ ئۆز پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ ئىمتىھان بەرگۈزۈپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلى شەھىرىنىڭ دېھلى دارىلئولۇم مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسفاھان دارىلفۇنۇنىدا، ئافغانىستاننىڭ كابۇل دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇتىدۇ. تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەندىن تاشقىرى، خىمىيە، تېبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىياتقىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن پىششىق تونۇشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن «مەۋلىۋى»③لىك ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، مەدرىسنى تاماملىغان تەجەللى ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن مەككە، مەدىنە، دېھلى، كابۇل، تېھران، تۈركىيە، ھەتتا روسىيىلەرگىچە بېرىپ ساياھەت ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن خېلى بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ.

تەجەللى ھەج قىلىش ۋە ئىلىم ئېلىش پائالىيەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھىندىستاندىن قايتىش يولىدا پاكىستاننىڭ گىلىگىتقا كەلگەندە ئانىسى بۈبى گۈلسۈم خېنىم④ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەركەن دەرياسى باش ئېقىنىنىڭ چاتۇلى يولىدىكى كېچىكتىن ئۆتۈشىدە بارلىق بېساتلىرى دەرياغا غەرق بولىدۇ. تەجەللى قاتمۇقات مۇسىبەت، يول ئازابىدا غەم-قايغۇغا چۆمگەن ھالدا يەركەنگە كېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا شائىر تېخى يىگىرمە نەچچە ياشلىق يىگىت ئىدى. شۇ چاغدىكى يەركەن ۋالىيسى شائىرنىڭ ئۇلۇغ پەزىلەت-كامالەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئاتىسى بىلەن بىرگە ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تولغان سۆزلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كۆپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يازغان بەزى شېئىرلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئېلىنىپ ئوقۇلىدۇ. شۇنداقلا ئالىملار ۋە ئەدىبلەرگە سۆزلىگەن دىنىي، پەننىي، ئەدەبىي بايانلىرى تىللاردا داستان بولۇپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناب خىسلىتى ھەر تەبىقە زاتلىرىنى، ئاۋام خەلقىنى مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ يەركەندىكى «يېشىل مەدرىسە»گە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. نۇرغۇن تالىپلار ئۇنىڭ ئىلىم-مەرىپەت دەرياسىدىن قېنىپ سۇ ئىچىپ، شېئىرىيەت گۈلشەنىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ يەنە تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسەلدىن شىپا تېپىشىغا يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولىدۇ. يوقسۇزلاردىن ھەق ئالمايدۇ ھەم خىمىيە ئىلمى بويىچىمۇ تەجرىبە-تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى تېبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەپسۇسكى، مۇنداق ئوڭۇشلۇق شارائىت تەجەللىگە ئىنتايىن ئاز ۋاقىت خۇشاللىق ۋە يورۇقلۇق كەلتۈرىدۇ. ئالىمنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا مۇنداق چوڭ ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى ئاز ساندىكى مۇتەئەسسىپ، خۇراپىي بىدئەتچىلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە ھەسەت ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئالىمغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ئاخىر ئالىمغا ئىنتايىن رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش كويىغا چۈشىدۇ. تەھدىت، ئەپسانىلەرنى توقۇپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئالىمنىڭ ئىناۋەت ھۆرمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا، ئالىمنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز بىئەدەپلىك قىلىپ، ئۇنىڭ پاك قەلبىنى ئازاب-كۈلپەت خەنجىرى بىلەن جاراھەتلەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق ھەسەتخور نادانلارنىڭ غەيۋەت شىكايەتلىرىگە نىشان بولۇپ قالغان نازۇك تەبىئەتلىك، يۈكسەك غەيرەتلىك ئالىم خېلى ئۇزاق مۇددەت يەركەن شەھىرىدە دەرد-ئەلەملەر بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بۇ جەرياندا ئۇ قەلەم شەمشىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەرەب، پارس، ئۇيغۇر تىللىرىدا قەسىدە-شېئىرلارنى يېزىپ، ھەسەتخورلارنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. بۇ قەسىدىلەر ۋە شېئىرلار ئالىمنىڭ «بەرق تەجەللى»، «سەبەقە مۇجەللى»، «دىۋان ئەرەبى» ۋە «توھىپەتۇل بەھرەيىن» قاتارلىق ئەسەرلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

بۇ ۋاقىتتا ئۇ يېقىن بۇرادىرى مۇتىۋۇللا ئەلەم⑤ ئاخۇنۇمنىڭ جان-دىل بىلەن قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ ۋە بىر مەزگىل خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. بىراق، مەرىپەت ئەھلىگە ھەسەت قىلىش ۋە دۈشمەنلىك زەھىرىنى چېچىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان ئەبلەخلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى يەنە ئەۋجىگە چىقىدۇ. ھەتتا ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ئەينى دەۋردىكى مۇستەبىت ئەمەلدارلارغا تەجەللى ئۈستىدىن نۇرغۇن تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بەتنام چاپلاپ، ئۇنىڭ خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشىگە تەھدىت سالىدۇ. ئاخىرى ئۇ مۇتىۋۇللا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن يەركەننى تاشلاپ قاغىلىققا يۆتكىلىدۇ. ئالىم مۇتىۋۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم باشلىق قاغىلىقتىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرى تەجەللىنى قاغىلىق بازىرىدا ئولتۇرۇپ مۇددەرىسلىك قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئالىم ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىگە ئورۇنلىشىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بورا كەنتىدە تۆت يىل تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ كوھتامغا (ھازىرقى كىلىياڭ) يېزىسىنىڭ دەريا بويىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە سۈپۈرگە ھاجىم دېگەن كىشىدىن 82 تەڭگىگە بىر يۈرۈش ئۆي، يەر، ئورمان سېتىۋېلىپ، بۇ جايدا ئائىلىسى بىلەن يەتتە يىلنى ئۆتكۈزىدۇ. شائىر ھەم خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ قىزى ھەمراخاننى ئوغلى ئوبۇل ھۇداخانغا ئېلىپ بېرىپ، ئىسمائىل ھاجىم بىلەن قۇدا بولۇشىدۇ. بۇ جەرياندا تېۋىپلىق ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن قاغىلىقتىكى ئۆلىما، يۇرت-مۆتىۋەرلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن كىلىياڭ يېزىسىدىكى ئۆينى مۇساق ئاخۇن دېگەن كىشىگە 50 تەڭگىگە سېتىۋېتىپ قاغىلىققا كېلىدۇ. قاغىلىقتىكى بارلىق خەلقلەر ئۇنى مۇددەرىسلىك ياكى خاتىپلىققا ئوخشاش بىرەر خىزمەت ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما، ئالىم ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتىپ، ھاۋالىقراق يېزىلارنىڭ بىرىدە ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى ئاڭلىغان قاغىلىق چارباغ يېزا شور ئېرىق كەنتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر شائىر، مۆتىۋەر زات نازارىخان ھاجىم تەجەللىگە ئىخلاس قىلغانلىقتىن، يېڭىدىن ياساپ ئەمدىلا كۆچۈپ چىقاي دەپ تۇرغان يەتتە ئېغىز ئۆي، بىر يۈرۈش باغلىق ھويلىنى ياردەم قىلىدۇ. ئالىم بۇ جايغا چىققاندىن كېيىن، ئايالى بۈۋى مەينىسا خېنىم ۋە ھىندىستاندىن قايتىپ كەلگەن شائىر فۇرقەت بىلەن تېبابەتچىلىك ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىپ، مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتنىڭ ئۇرۇقىنى ھەممە يەرگە چاچىدۇ. تەجەللىنىڭ ئىلىم-پەزىلىتى ۋە ئۆلىمالىقتىكى شۆھرىتىدىن خەۋەر تاپقان قەشقەر، يەركەن، پوسكام، گۇما، خوتەن قاتارلىق يىراق-يېقىندىكى بىر قىسىم ئىلىم تەلەپكارلىرى ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ھازىر بولۇپ، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن باشقا، ئۆز دەۋرىنىڭ خېلى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلىرى دەپ سانالغان پېشقەدەم ئۆلىما مۇددەرىسلەرمۇ ئۆز بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلىم ئىقتىدارىنى سىناش يۈزىسىدىن تەجەللىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم، شۇنىڭدەك ئالىم ۋە ئەدىبلەردىن ئابدۇقادىر داموللا، تاتار ئالىمى مۇسا جارۇللا، يەركەنلىك سالىھ داموللا، زىرىپ قارى ھاجىم، قەشقەرلىك ئابدۇقادىر زىيائى، پوسكاملىق ئىسراپىل داموللام، تۇرپاندىن مۇتىۋۇللا ئەلەم، قاغىلىقتىن ئابدۇۋايىت قازاخۇنۇم⑥ قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان.

ئۇ ئۆز تېببىي ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل كېسەللەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە، سىل كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە داۋالاپلا قالماي، بەلكى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە داۋاسى تېپىلمىغان راك⑦(سەرتان) كېسىلىنى يىلان گۆشى(زەھىرى) بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋالاپ ساقايتقان. تەجەللى يەرلىك چۆپ-دورىلارنىڭ خىمىيىۋى تەركىبلىرىنى تەكشۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن، كېسەل كىشىلەرنى كۆپىنچە ئاددىي دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتقان.

دورىگەرلىك جەھەتتە، قەدىمكى تېببىي كىتابلاردىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياك، ھەبىبى زۇفا، ھەبىبى جەۋھىرى، ئازاراقى سىستىرخىنىن كومۇلىچى، پولات كۆشتىسى، سىماب كۆشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ياخشى دورىلارنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنى داۋالاپ، كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان ھەمدە بۇ تېببىي ئەسىرىدىن «تەجەللى نۇسخىلىرى»، «شىپايى سىيادادى»⑧، «مۇجەررىباتى تەجەللى»⑨، «شىپايى شەيىخ»⑩، «مۇرەببى تەجەللى»⑾ قاتارلىق قوليازما كىتابىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان.
خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدىكى 125 يېشىدا ۋاپات بولغان مۇدىر ۋراچ، داڭلىق پېشقەدەم تېۋىپ تۇردى ھاجىم (مەزكۇرغا 1983-يىلى مۇدىر ۋراچلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىكەن) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق تېۋىپلاردىن قاغىلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندىم، ياسىن ئاخۇن داموللام، سەيدىنا ئەپەندىم، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجىم، ئىبراھىم ھاجىم، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى (سۆھبەتدىشى)، مۇسا ئاخۇنۇم (شاگىرتى) قاتارلىقلار ئۇنىڭ تېببىي ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان تېۋىپلاردۇر.

تەجەللى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ مەزمۇنلارنى توغرا ئىزاھلاش، توغرا شەرھلەش، چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش يۈزىسىدىن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر كىتابلىرىنى قايتا ئىشلەپ تولۇقلىغان. يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئۇنىڭغا شەرھ يازغان.
ھىجىرىيە 515-يىلى (مىلادىيە 1121-يىلى) ياشىغان خۇراسانلىق مەشھۇر ئالىم ئەللامە زەمەھشەرىنىڭ «تەپسىرى كەششاف» ناملىق كىتابىنى يېڭىلاپ يازغان «تەجدىدى كەششاف»⑿ دېگەن ئەسىرى ئەنە شۇ مەقسەتتە قىلغان ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىڭ بىرىدۇر.

تەجەللى جامائەتچىلىككە گەرچە ئاتاقلىق دىنىي ئالىم ۋە مەشھۇر تېۋىپ سۈپىتىدە تونۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خېلى كۆپ ۋاقتى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا ئەدەبىيات ۋە تېبابەتكە دائىر مول مەزمۇنلۇق گۈزەل ئەسەرلەرنى ياراتقاندىن باشقا، شېئىرىيەت ساھەسىدىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ ھىندى، ئەرەب، ئوردۇ، پارس، ئۇيغۇر تىللىرىدا كۆپلىگەن غەزەل ۋە قەسىدىلەرنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلغان.

ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولغان «بەرقى تەجەللى»، «سەبەقە مۇجەللى» ناملىق دىۋانى ھىجىرىيە 1317-يىلى (مىلادىيە 1899-يىلى) 43 يېشىدا ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باھاۋۇدۇن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان قەشقەردىكى «مەتبەئى خۇرشىد» ⒀ مەتبەئەسىدە 1000 دانە بېسىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. تەجەللىنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرلار ئۇنى ئۇستاز سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، خەت يېزىپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى ئورناتقان.
تەجەللىنىڭ قوقانلىق شائىر مۇھى، شائىر زاكىرجان خال مۇھەممەد ئوغلى فۇرقەت⒁ ، گۇمىلىق شائىر ئىسمائىل ھاجى قاتارلىقلار بىلەن ئالماشتۇرغان خەتلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.

تەجەللى مۇھىنىڭ دوستلۇق خېتىگە نەزمە يېزىپ، مۇنداق جاۋاب قايتۇرىدۇ ⒂ .

ئابى ھايات ئىچكەن كەبى مەسىھ قولىدىن،
سېنىڭ شېرىن سۆزلىرىڭدىن تىرىلىپ كەتتىم.
فۇرقەت گويا تولا قەدەھ مەي ئۇزارتقاندەك،
سېنىڭ لەتىپ مەكتۇبىڭنى بەردى سۆيۈندۈم.
فۇرقەت قەلبلەر تېۋىپىدۇر دائىم ساق بولسۇن،
خەت تاپشۇرۇپ بېرەلىدى دىللەرگە شىپاھ،
سەن ياخشى سۆز بۇلبۇلى سەن سايرا ۋەر مۇدام،
بۇ ئالەمدە ناۋايىدەك بولۇپ قال يەكتا.

مانا بۇ جاۋاب خەتتىن تەجەللىنىڭ مۇھىغا بولغان كۆڭۈل ئىزھارى ۋە تەشەككۈرىنى، مۇھىنىڭ نەتىجىسىگە بولغان قايىل بولۇش ھېسسىياتىنى، تىلەكداشلىق پوزىتسىيىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر-قويۇقلۇقىنى ھەم بۇ دوستلۇقنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە فۇرقەتنىڭ ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

تەجەللىنىڭ شان-شۆھرىتى ئەينى دەۋردە يالغۇز قاغىلىققىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر تارقىلىشى ئۇنىڭ بىر قىسىم دۈشمەنلىرىنىڭ قاتتىق ھەسەتخورلۇقىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەجەللىنى يوقىتىش كويىغا چۈشكەن بۇ چۈپرەندىلەر ئۆزئارا تېپىشىپ، بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، تەجەللىگە قارشى بىرلەشمە سۇيىقەست پىلانلاپ، جاي-جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، تەجەللىنىڭ كىتاب ئەسەرلىرىنى يىغىپ يەركەندە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن تەجەللىنى قاغىلىقتىكى مۇھەممەد نىياز بېگىم دېگەن كىشى يېتىملىقۇم يېزىسىنىڭ كاسكى مەھەللىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ. تەجەللى مەرھەمەت قىلىپ كېلىپ بۇ يەردە 25 يىلغا يېقىن تۇرۇپ، ھىجىرىيە 1345-يىلى (مىلادىيە 1927-يىلى) رامىزان ئېيىنىڭ 11-كۈنى سەيشەنبە كەچ 73 يېشىدا كېسەللىك بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
ئالىمنىڭ جەسىتى قاغىلىق ناھىيە بازىرى مەركىزىدىن بەش چاقىرىم يىراقلىقتىكى غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان كاسكا مازىرىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

ئالىم ئوتتۇرا بوي، چاچ-ساقاللىرى قويۇق، ئۇستىخانلىرى چىڭ، قاڭشارلىرى ئىنچىكە، چىرايلىق ۋە تۈز، بۇغداي ئۆڭلۈك، گۈلدەك ئېچىلغان تەبەسسۇملۇق، چىرايىدىن مېھىر-مۇھەببەت جۇلالاپ، كۆزلىرىدىن تەپەككۇر نۇرلىرى يېغىپ تۇرىدىغان، جەسۇر ئىرادىلىك كىشى بولۇپ، ئىلمىي مەشغۇلاتى كۆپ، تۇرمۇشى رىيازەت بىلەن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ۋۇجۇدى ئورۇقراق ئىدى.

تەجەللى ئوغۇللارنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، تەجەللىنىڭ ئىككى ئاكىسىنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمى سەبدەر ئىلى، كىچىكىنىڭ ئىسمى ھەيدەر ئىلى ئىكەن. ئەنگلىيە ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەن.
تەجەللىنىڭ ئۆگەي ئانىسى بۈبى خەدىچە خېنىم، تەجەللى ھەزرەتنىڭ ئانا بۆلەك بىر تۇغقانلىرى: مۇنىردىنخان ھەزرىتىم، نۇسرىدىنخان ھاجىم، سەئىد پارۇخخان ھەزرىتىم، مەختۇم خېنىم، مەپىزە خېنىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. نۇسىردىنخان ھاجىم گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزا ئىسمىسسىلا كەنتىدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ نەۋرىلىرىدىن: ئىسراپىلخان بار، قالغان تۆت بىر تۇغقىنىنىڭ ئەۋلادلىرى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزا دۆڭچاقار، ئايكەنت، قاغىچى، قاراڭغۇ ئېغىز قاتارلىق كەنتلەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
تەجەللى ھەزرەت ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن. تۇنجى ئايالىدىن تۆت ئوغۇل، تۆت قىز پەرزەنت كۆرگەن. بۇ ئايالىنىڭ ئىسمى بۈبى مەينىسا خېنىم بولۇپ، زوڭلاڭ مازىرىنىڭ شەيخى يۇنۇس شەيخىمنىڭ قىزى. ئىككىنچى ئايالى زىننەت خېنىم گۇمىنىڭ پىشنا يېزىسىدىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ئايالىدىن كارامەتنىسا خېنىم ئىسىملىك بىر قىزى بولغان. بىرىنچى ئايالىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ ئىسىملىكى: سەئىد ئەبۇلھۇداخان، سەئىد رۇھۇلھۇداخان، سەئىد نۇرۇلھۇداخان، سەئىد زورۇلھۇداخان، قەمەرنىسا خېنىم، بۈبى ئالىي خېنىم، ھاسسانى خېنىم، مەھبۇبە خېنىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تەجەللىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى

تەجەللىنىڭ ئىجادىيىتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات تارىخىمىزدا كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزئارا باغلاشتۇرۇپ تۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي ھاياتىنى ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بەرگەنلىكىدەك مۇھىم قىممىتى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەجەللى يازغان ئەدەبىيات، تېبابەت، پەلسەپە، دىن ئىلمىگە دائىر كۆپلىگەن مول مەزمۇنلۇق نادىر ئەسەرلەردىن خەلق قولىدا ساقلىنىپ قالغان «بەرق تەجەللى»⒃ ، «سەبەق مۇجەللى» ناملىق 114 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك شېئىرىي دىۋانى بىلەن خوتەن، گۇمىدا ياشىغان مەزگىللەردە يازغان شېئىرلىرىدىن جەملەنگەن ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا بۇلغارىيىدە نەشر قىلىنغان «دىۋان تەجەللى» ناملىق ئەسىرى ۋە شۇ زاماندىكى تۈركىيە سۇلتانى ئابلىمىت خانغا يېزىپ تەقدىم قىلغان «رەيىت»⒄ ناملىق كىتابى ھەمدە «دىۋان ئەرەبى»⒅، «مەجمەئەتۇل قەسايئىد»⒆ ، «سەبدەر نامە»⒇، «تىلسىم ئىشىق»، «ساقى نامە»، «مۇراققى كەلىمە شېرىف» قاتارلىق كىتابلىرى يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى قىممەتلىك بەدىئىي يادىكارلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«بەرەقى تەجەللى»، «سەبەقە مۇجەللى» ناملىق توپلىمى ئالىمنىڭ ھىندىستاندىكى ئوقۇش مەزگىللىرىدىن تارتىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرچە، پارسچە، ئەرەبچە ۋە ھىندى تىللىرىدا يازغان شېئىرلىرىدىن مۇجەسسەملەنگەن 17 پارچە قەسىدە، 31 پارچە مۇسەددەس، 15 پارچە ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرىدىن ۋە شائىرنىڭ دوستلىرىغا يازغان نەزمىلىك سالام خەتلىرىدىن تەركىب تاپقان لىرىك شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت.
ئالىم توپلىمىدىكى شېئىرلىرىنى زور ئىجتىھات بىلەن بەدىئىي جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزگەنلىكتىن، ئەينى ۋاقىتتا ئالىمنىڭ ھايات چاغلىرىدىن باشلاپلا، كونا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرسلىكى قىلىپ ئوقۇلغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئوي-پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پەلسەپىۋى مۇلاھىزىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، مەنتىقە باغلىنىشچانلىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، تىلىنىڭ گۈزەل، نەپىسلىكى، ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ خىلمۇخىل رەڭدارلىقى ھەمدە بەدىئىي سۈپەتلەش ئېلېمېنتلىرىغا باي بولۇش، كۈچلۈك لوگىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

مەسىلەن:
سەنسىز ئولسەم باغ ئارا، ئول باغ مېھنەت تاغىدۇر،
سەن بىلەن باغ ئىچرە يۈرسەم تاغ جەننەت باغىدۇر.
(سەن بولمىساڭ باغ ئىچرە يۈرگىنىم بىلەن ئۇ باغ ماڭا زۇلۇمنىڭ تېغىدۇر، سەن بىلەن تاغدا يۈرسەم ئۇ تاغ ماڭا جەننەتنىڭ بېغىدۇر)

بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ يۇقىرىقى ھېسسىياتىنى قىسمەن بولسىمۇ چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى بىلىم ئۆگىنىش، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى خاسىيەتلىك ئىش دەپ بىلىدۇ. «دۇنياغا كېلىش ۋە ياشاشتىن مەقسەت، بەخت-سائادەت يارىتىش ۋە بىلىم ئېلىش ئۈچۈندۇر» دېگەن ئىلغار قاراشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۈملىدىن، «ھايات گۈلىستانىغا»، «شامالدەك ئۇچۇپ كىرىپ»، «چىمەن ئىچىدە بەزمە قۇرايلى» دەپ يېزىپ، ئەجىر ھەم مېھنەت بىلەن ھايات ھۇزۇرىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەكىتلەيدۇ.

مەسىلەن:
ھەقايىقدە گاھ ئەجدىھادەك ئۇرۇپ دەم،
مەئارىفدە گاھ ئارسلاندەك يۈرەلىم.
باھاردا ۋە فايوق غەنىيمەتتۇر ئول كىم،
چىمەن ئىچرە، بىر بەزمە ئىشرەت قۇرەلىم.
(ھەقىقەت ئىلمىدە ئەجدىھاغا ئوخشاش دەم تارتىپ مائارىپتا يولۋاس سۈپەت يۈرەيلى، باھارنىڭ ۋاپاسى يوق ئۇنى غەنىيمەت بىلىپ، گۈلشەن ئارا ئىشرەت بەزمىسى قۇرايلى).

1895-يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتىكى مۇساباي ھاجى ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئۇغۇللىرىغا «ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم» مازىرىنى ياساپ چىقىشنى ۋە يېنىغا ئازادە مەكتەپ بىنا قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە «ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم» مازىرى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ھۈسەينىيە مەكتىپىنىڭ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشى 1896-يىلى رەسمىي ئىش باشلىنىپ، 1898-يىلى ئىككى يىلغا يېتەر-يەتمەي گۈمبەز مۇنارىسى ئاسمانغا بوي تارتقان كۆركەم مازار بىلەن ئازادە سېلىنغان يېڭى مەكتەپ بىناسى ئىكساقتا قەد كۆتۈرىدۇ. بۇنى كۆرگەن تەجەللى ئۆزىنىڭ مەدھىيە شېئىرىدا بۇ ئىككى چوڭ قۇرۇلۇشنى ياساشقا ۋەسىيەت قالدۇرغان مۇساباي ھاجىغا ۋە بۇ ئىشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بەجا كەلتۈرگەن ھۈسەيىن ھاجى بىلەن باھاۋۇدۇن بايغا ۋە قۇرۇلۇشنى سالغۇچى ماھىر ئۇستىلارغا يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيىگە ئىگە غەزىلىي تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
تەجەللى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يازغان بۇ قەسىدىسىدە «ھەبىب ئەجەم مازىرى» ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تەسىس قىلىنغان «ھۈسەينىيە» مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىككى بىنانىڭ قۇرۇلۇشىدا مەردلىك كۆرسەتكەن مۇسا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشقا بەل باغلىغان ئوغۇللىرى ھۈسەيىن ھاجى، باھاۋۇدۇن بايلارنى ئىنتايىن يۈكسەك بەدىئىي تىل بىلەن مەدھىيىلىگەن.

ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ «بەرق تەجەللى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «قارا رەڭ ئاقتىن گۈزەل» ماۋزۇلۇق قەسىدىسى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. ھۈسەيىنخان بۇ قەسىدىدە ئۆتكۈر پەلسەپىۋى مۇلاھىزىسى ئارقىلىق «قارا» بىلەن «ئاق»نىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىقىنى ۋە زىددىيەتلىرىنى كۆركەم بىر بەدىئىي شەكىلدە ئۇتۇقلۇق ئىپادىلەپ بەرگەن.
قەسىدىدە «ئاق»، «قارا» سۆزى باشتىن-ئاخىر مەجازى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ئۇنىڭدىن بىز پىشقان بىر پەيلاسوپنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى ئانالىزلىرىدىن ھادىسە ۋە شەيئىلەرگە بولغان ئوبيېكتىپ باھالىرىنى، مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئىلمىي چۈشەنچىلىرىنى ھېس قىلالايمىز.
تەجەللى ئىجادىيىتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە يەنە شۇنىمۇ ئېيتىشقا تېگىشلىككى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا لىرىك ھېسسىيات چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن. ھايات ھادىسىلىرىگە بولغان چۈشەنچە ۋە باھالار بىر قەدەر كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بولۇپمۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرى بەدىئىي سۈپەتلەش ئېلېمېنتلىرىغا باي بولۇش خۇسۇسىيىتى بىلەنمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.

بولدى چۈن زەررىن لەۋا سۈبىھ ئاقلىقىدىن نۇرى بار،
قىلدى ئالەم ئەرسەسىدىن قارا تۈن فەۋجى فىرار.
كەيمىش ئېردى قارا ئەتلەستىن ھاۋا بىر تەيلىسان،
ئانى مېھىر ئەتتى زىيا تىرناغى بىرلە تار تار.
چەشمائى خۇرشىد نۇر ئەمۋاجى بىرلە دەھىرنىڭ،
يۇپ يۈزىدىن قارسىن كۆزگۈدەك ئەتتى ئابدار.

(سۈبھى ئاق نۇرىدىن ئالتۇن بايرىقىنى تىكلىگەن ئىدى، ئالەم سەھنىسىدىن تۈننىڭ قارا گۇرۇھى قاچتى.
قارا ئەتلەستىن پۈركەنجى تون كىيىۋالغان ھاۋانىڭ قارا تونىنى قۇياش نۇر تىرنىقى بىلەن تال تال قىلىپ يىرتىۋەتتى.
قۇياشنىڭ نۇر دولقۇنلىرى جاھاننىڭ يۈزىدىكى قارىنى (قاراڭغۇلۇقنى) يۇيۇپ، سۈپسۈزۈك ئەينەكتەك روشەن قىلدى).

بۇ مىسرالاردا قوللىنىلغان ئوخشىتىش، مۇبالىغە، جانلاندۇرۇش، روشەن سېلىشتۇرۇش ۋە ئىلمىي يەكۈن قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەرقانداق كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.

ھۈسەيىنخان (تەجەللى)نىڭ ئىجادىيەتلىرىدە پارس تىلىدا يېزىلغان شېئىرلارمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ پارسچە شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ پارس تىلىغا ماھىر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ تىلدىمۇ ئەسەرلەر يارىتىشقا ئالاھىدە قابىلىيىتى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
شائىرنىڭ «بەرق تەجەللى»، «سەبەق مۇجەللى» ناملىق ئەسىرىمۇ ئاساسەن ئىشق-مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدا مۇھەببەتنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھايات، گۈزەللىكنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئازادلىق، ھۆرىيەتكە ئىنتىلىشتەك ئىلغار ۋە جەڭگىۋار قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىكنى چوڭقۇر پاش قىلغان. ساداقەت، سەمىمىيەت، مۇھەببەت قاتارلىق ئالىيجاناب ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئۇلۇغلاپ، ساختىپەزلىك، زالىملىققا ئوخشاش رەزىل، ئىپلاس قىلمىشلارنى كەسكىن قارىلىغان.

ئۇ يەنە «تېببىي ئەزەم» ناملىق پارسچە تېبابەت كىتابىنى قاغىلىقنىڭ زوڭلاڭدا ياشىغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كەتكەن.

تەجەللىنىڭ قەبرىسى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ رەتلىنىشى ھەمدە گۇمىدىكى ئۆيىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى

تەجەللىنىڭ قەبرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭىلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. تەجەللى دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، قاغىلىق خەلقى ئالىمغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن قەبرىسىنىڭ چۆرىسىگە ياغاچتىن پەنجىرە ياسىغان، قەبرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر مو چامىسىدىكى دائىرىنى قورشىغان ھالدا قورۇ-تام ياسىغان ھەمدە قەبرە قورۇسىغا كىرىدىغان چوڭ ياغاچ دەرۋازا بېكىتكەن. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن قاغىلىق ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئالىمنىڭ قەبرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ پارتىيىنىڭ 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى پارلاق نۇرىنى چاچتى. 2-بىناكارلىق ئەترىتىدىكى ئۇستا نەققاشچىلار ۋە يەركەندىن چىققان ئۇستىكارلار قاغىلىقنىڭ بىشېرىق يېزىسىدىكى ئۇستا نەققاشچىلار تەرىپىدىن ئورنى يىتۇپ كېتەي دېگەن مەقبەرىنىڭ ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا سەككىز پۇڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پىششىق خىش بىلەن ئىككى يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە قورۇ-تام چۆرۈدى. قەبرىنى كۆركەم قىلىپ ياساپ، گۈل-نەقىش چىقىرىپ ياغاچ پەنجىرىنىڭ ئىچىگە ئالدى ھەمدە خىش، سېمونت، پولات چىۋىق بىلەن ئۇيغۇرچە نۇسخىدا قەبرىگە كىرىش ئىشىكى ۋە گۈمبەز چىقاردى ھەمدە چوڭ قاتناش يولىدىن قەبرىگە بېرىش ئۈچۈن، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 680 مېتىر قىلىپ يول ياسالدى. مەخسۇس بىر كىشىنى قەبرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بېكىتتى. 2007 يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ جاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن كەلگەندىن باشقا قوشنا ناھىيە، ۋىلايەتلەردىن بىر قىسىم يازغۇچى، شائىر، مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە چەت ئەلدىن ئۇرۇق-تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن ساياھەتچىلەردىن بولۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى بۇ مەقبەرىنى زىيارەت قىلدى.

شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى خوجا-ئىشانلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن خالىي بولۇش مەقسىتىدە، شائىر ھەم خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ زاماندا گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلىياڭ يېزا كۇتام مەھەللىسىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى سۈپۈرگە ئاخۇن دېگەن كىشىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ۋە يەر سېتىۋالغان، كۇتام گۇما دەرياسى (تازغۇن دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بويىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ يىپەك يولىنىڭ بىر تارمىقى مۇشۇ يەردىن كېسىپ ئۆتكەن. بۇ جاينىڭ ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەجەللى مۇشۇ جايدا تۇرغان مەزگىللەردە نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىلغار پىكىرلىك زاتلار بىلەن تونۇشقان، ھەمسۆھبەتتە بولغان. ئەتراپتىكى نۇرغۇن دېھقان، چارۋىچىلارنى داۋالاپ ساقايتقان، نۇرغۇن ياشلارنى ئوقۇتقان. تەجەللى كۇتامدا ئالتە يىل تۇرۇپ، 1922-يىلى ئۆيلىرىنى مۇساق ئاخۇن دېگەن كىشىگە سېتىۋېتىپ، قاغىلىقنىڭ كاسكى يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن.

1984-يىلى 9-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى «تەجەللى مۇجەللى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلىپ 15 مىڭ نۇسخا تارقاتتى.
2000-يىلى 9-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى مۇختار مامۇت مۇھەممىدى تۈزگەن «تەجەللى شېئىرلىرىدىن» ناملىق قاتتىق مۇقاۋىلىق توپلامنى 3000 نۇسخا تارقاتتى.
مەرھۇم باتۇر روزى يازغان «شېئىرىيەت نۇرى-تەجەللى» ناملىق كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 5000 نۇسخا تارقاتتى.

تەجەللى ئەسەرلىرىنى قېزىش ئىشلىرىمۇ ياخشى ئىشلەندى. يېقىندىن بۇيان، تەجەللىنىڭ ئاق كېسەل قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن يازغان 80 پارچىگە يېقىن يەككە دورىلار رېتسېپى «شىپايى سىيادادى»، «تەجەللى نۇسخىلىرى»، «مۇجبەرىباتى تەجەللى» ناملىق ئەسەرلىرى دوست-بۇرادەرلىرىگە يازغان 280 مىسرادىن ئارتۇق ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە شېئىرىي سالاملىرى «تۆھپەتۇل بەررەئىن»، «دىۋان ئەرەبى»، «بەرق تەجەللى»، «سەبەق مۇجەللى»، «مەجمەتۇل قەسەئىد» قاتارلىق كىتابلىرى ھايات ۋاقتىدا بېشىغا ئورىغان مەللە رەڭ سەللىسى، يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا ئىشلەتكەن رەڭ چىلىغان دۈۋىتى، كېسەل داۋالىغاندا راك كېسىلىگە تاماق بەرگەن چىلان ياغىچىدىن ياسالغان تەخسىسى، دورا قۇتىسى ۋە ھاسىسى قاتارلىق نەرسىلىرى تېپىلغاندىن باشقا، ئۇلۇغ ئالىم تەجەللىنىڭ ئاسترونومىيە ئىلمى ھەققىدە يازغان بىر قوليازما كىتابىنى يەركەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى تاپشۇرۇۋېلىپ ساقلىغان بولۇپ، 1958-يىلى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر تارىخىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خادىملارغا يەركەن مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تاپشۇرۇپ بەرگەن.

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى» ناملىق كىتابتا يەنە مەۋلانە ھۈسەيىن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مىلادى 1894-يىللىرى «تەمەتىل ھەۋاشى ئىزلەتىل غەۋاش» ناملىق بىر كىتاب توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن، بۇنىمۇ مەن ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ كىتابى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.

ئۇلۇغ ئالىم تەجەللىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، پارتىيە مىللىي دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. خەلقىمىزنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدىكى چوڭ ئىش. بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بولۇپمۇ، ئىلىم سۆيەر، ئەمگەكچان قاغىلىق خەلقىنىڭ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىلىم-پەننى ئۆگىنىپ، تۆتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىغا زور ئىلھام بەردى.
نۆۋەتتىكى خۇش خەۋەر شۇكى، ئالىم تەجەللى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى مەخسۇس تەستىقلىدى. تەجەللىنىڭ مازىرىنىڭ قورۇسىغا قويۇلغان باشقا مېيىتلەر يۆتكىۋېتىلدى. تەجەللى مازىرى بۇ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يادىكارلىق قىلىپ تەستىقلاندى. ئۇلۇغ ئالىم تەجەللىنىڭ «شىپايى سەھىيددى» ناملىق تېببىي كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئاخىرىدا كىتابخانلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم، ئالىم تەجەللىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. بولۇپمۇ تېببىي ئىلىمگە دائىر رېتسېپلىرى ئاز تېپىلدى. ئۇلۇغ ئالىم توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ھاياتىغا دائىر ماتېرىياللارنى ساقلاپ قويغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىزاھاتلار:
①ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەجەللىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىللىرى مۇشۇ ماقالىدە دېيىلگەن بويىچە بېكىتىلدى.
② ئۇ مەزگىللەردە قاغىلىق خوتەنگە تەۋە ئىدى.
③ مەۋلىۋى: ئوقۇغان مەكتىپىدىن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان.
④ بۇبى گۈلسۈم خېنىم: يەركەندە ئۆتكەن سېيىت جالالىدىن ھەزرىتىمنىڭ قىزى.
⑤ مۇتىۋۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم: (ھىجىرىيە 1823-يىلى) مىلادىيە 1908-يىلى ۋاپات بولغان، ئەسلىي تۇرپانلىق كىشى بولۇپ، قاغىلىققا ئەلەم بولغان.
⑥ سۈت ئاقىدىغان ئېرىق دېگەن مەنىدە.
⑦ ئابدۇۋايىت قازى ئاخۇنۇم قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، مەرھۇم ئەيسا شاكىرنىڭ بوۋىسى بولۇپ، ئەينى دەۋردە ئۇششاقباش ۋە زوڭلاڭ يېزىلىرىنىڭ قازىسى بولغان.
⑧ يەنە بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا شۇ زاماندىكى كۇچانىڭ چوڭ ئەمەلدارىنىڭ قىزىنىڭ بويۇن راكىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا داۋالىيالماي قاغىلىققا ئەكېلىپ تەجەللىدە ئىككى ئاي داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتىپ ئەكەتكەن ئىكەن.
⑨ شىپالىق مۇھىم رېتسېپلار.
⑩ تەجەللىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپلىرى.
⑾ شىپايى ئۇستاز.
⑿ غەمخور تەجەللى.
⒀ كەشپىياتنى يېڭىلاش.
⒁ مەتبەئى خۇرشىدى: قۇياش مەتبەئەسى.
⒂ زاكىرجان خال مۇھەممەد ئوغلى فۇرقەت: 1859-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قوقەند شەھىرىدىكى غىشىت كۈيرۈك گۈزەرى «ئىشىكى پىشرىق» مەھەللىسىدە كاسىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1909 يىلى 9-ئايدا بوغۇز ئاغرىقى بىلەن يەركەندە ۋاپات بولغان.
⒃ ئابدۇرېھىم سابىتنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
⒄ تەجەللىنىڭ قەلبىدىن چاقناپ چىققان يالقۇن.
⒅ تەجەللىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكەن شېئىرلىرى.
⒆ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان شېئىرلار توپلىمى.
⒇ قەسىدىلەر توپلىمى.
تەجەللى— ئەرەبچە سۆز بولۇپ، چاقناپ تۇرغان نۇر، مۇجەللى مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى دېگەن مەنىدە.
پايدىلانمىلار:
① ئابدۇرېھىم سابىت: 1985-يىلى قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلغان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، 2-قىسىم، 2-كىتاب.
②ئاتۇش ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەپ باسقان «مەشئەل» ناملىق ژۇرنال، 12–، 13-بەتلىرى.
③ ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى نەۋرىلىرىدىن شەمھۇلداخان غوجا ۋە سەئىد قۇبىدىنخان تەمىنلىگەن ماتېرىياللار.

(مەنبە: «مىراس» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانى)