ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى

ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى

ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى – تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئاستانە كەنتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ شىمالىي تەرىپى قاراغوجا كەنتىگە يېقىن.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت قەلئەسى دەپ ئاتالغان ، شەرقىي جىن سۇلالسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقى ئىدىقۇت ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان .شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقىنڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئەۋلادى بۇ يەرنى پايتەخىت قىلىپ ، ئۆزىنى ‹‹لياڭ پادىشاھلىقى ›› دەپ ئاتىغان ، كېيىن ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەركىزى قىلىنغان ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئايماق (قوچۇ ئايمىقى ) تەسىس قىلىنغان . تۆتىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بۇ شەھەرنى پايتەخىت قىلغاچقا، ئۇ ئىدىقۇت شەھىرى دەپ ئاتالغان ، يۈەن ،سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قوچۇ ھۆدەيچى مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ،ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ، مىڭ سۇلالىسنىڭ باشلىرىدىكى ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان بۇ شەھەر خارابىسى تاشقى شەھەر ،ئىچكى شەھەر ۋە بالا شەھىردىن ئىبارەت ئۈچ قات بولۇپ، ھەربىرى خاڭداپ ياسالغان سېپىل بىلەن ئورالغان ، تاشقى شەھەر تەرتىپسىز چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى بەش يېرىم كىلومېتىر ، ئومومىي كۆلىمى 2 مىليون 100 مىڭ كۋادرات مېتىر ، سېپىلنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 12 مېتىر ، بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان بۆلىكىنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى 11.5 مېتىر كېلىدۇ. سېپىلنىڭ تۆت ئەتراپىغا يۆلەك تام ياسالغان ، شەھەر قۇۋۇقىنىڭ سانى ئىنىق ئەمەس ، بۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي تەرەپتىكى قوۋۇق خېلى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئۇنى قوشۇمچە سېپىل قورۇقداپ تۇرىدۇ .

ئىچكى شەھەر تاشقى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىر ، شەرىقتىن غەربكە كەڭلىكى 820 مېتىر كېلىدىغان چاسا شەكىللىك شەھەر ھېساپلىنىدۇ . بالا شەھەر ئىچكى شەھەرنىڭ قاق ئوتتۇرسىنىڭ غەل شىمالىدىراق بولۇپ ،تەكشى يۈزى تۈز ئەمەس ، كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ كېۋدرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىگىز سۇپا ، سۇپا ئۈستىدە كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان 15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چاسا شەكىللىك مۇنار بار. بالا شەھەر شىمالىي سېپىلنىڭ سىرتىدا بىر نەۋۋە سۇپا ئۇلى بار ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە يەرنى ئويۇپ ياسالغان مەھكىمە قۇرۇلۇشى بار، تاشقى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۈرجىكىدە بىر كىچىك ئىبادەتخانا بولۇپ، ئىبادەتخانىدا مۇنارنىڭ قالدۇق ئۇلى بىلەن تام رەسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى قېپقالغان بىر ۋەيرانە چايتيا غارى بار ، غەربىي جەنۇب بۇرجىكتە بىر چوڭ ئىبادەتخانا بار ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسى شەرققە قارايدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا دۇكان شەكىلدىكى قۇرۇلۇشلار سېلىنغان .

قەدىمكى شەھەردىن قېزىۋىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئەينى يىللاردا چەت ئەلگە ئېلىپ كېتىلگەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيىدە ساقلىنۋاتقانلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاساسەن مانى دىنى ، بۇددا دىنى، نېستورىئان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ نوم–دەستۇرلىرى ۋە ھۆجەتلەر، تام رەسىملىرى، رەسىملەر ، ھەيكەللەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .قول يازمىلاردىن سانسكرىتچە، قەدىمكى تۈرۈكچە ، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، تىبەتچە ۋە مۇڭغۇلچە ھۆجەتلەر بىلەن قەدىمىي ئىران تىلىدىكى قول يازمىلار بار ، يەنە ئاز مىقداردا ‹‹ تۇمشۇق تىلى ›› ۋە بەكتېرىيە تىلىدىكى قول يازمىلارمۇ ساقلانماقتا . گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن شىمالىي لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېڭپىڭ 3–يىلى (445–يىلى )ئورنىتىلغان ‹‹جورچى ئانجۇنىڭ ئىبادەتخانا ياساتقانلىق ئابىدىسى›› دەل مۇشۇ شەھەر ئىچىدىن قېزىۋىلىنغان . بۇ قەدىمكى شەھەر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېساپلىنىدۇ .