ئىلى خەلقىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى ، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ( 1897 – 1948 ) نىڭ ” ئىلى تارىخى ” ( ” تارانچى تارىخى “) ناملىق ئەسىرى ئىلى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ، ئۇيغۇر مۇئەررىخلەر يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى . بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ( 5 – قىسمى ) چارروسىيە ئىلىنى ئون يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامەن بويىچە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇنگان ( خۇيزۇ ) لارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ . ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى بىزنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدا بولۇپ ئۆتكەن ” كۆچ – كۆچ ” دەپ ئاتالغان بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ جەريانى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . تەزكىرە خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، ” ئىلى تارىخى ” دىگەن ئەسەرنىڭ مۇشۇ قىسمىنى ژورنىلىمىزدا قىسقارتىپ بەردۇق . ئەسەر ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابدۈشۈكۈر ئىمىنجان ساقلاپ كەلگەن ” ئىلى تارىخىنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى . ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى نەزەردە تۇتۇلۇپ بەزى سۆز ئىبارىلەر ئەينەن ساقلاپ قېلىندى .

تارانچى تۇنگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى

روسىيە ھۆكۈمىتى 1871 – يىلى ئىلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىش بىلەن بىللە تارانچى ، تۇنگانلارنىڭ مۇستەقىل سۇلتانلىقى يوقىتىلغان ۋە ئۇ 1881 – يىلغىچە روسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن . 1881 – يىلى 12 – فېۋرالدا پېتېربۇرگدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇئاھىدە ( كېلىشىم ) بويىچە ئىلى ۋىلايىتىنى بىرمۇنچە شەرتلەر بىلەن مانجۇ ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان بولغان . روسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ ، مانجۇلار ئىلىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغىچە بىر يىل ئىچىدە روسىيەگە تەۋە بولۇشنى خالىغۇچىلار بولسا ، روسىيە ئۆز ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە كېلىشكەندى ھەمدە مانجۇلار ئېلىگە تەۋە يەردىن روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىرمۇنچە يەرلەرنى ( قورغاس دەرياسى بىلەن غالجات ئارىلىقىنى ) روسىيەگە بەرگەندى . 1881 – يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ مۇئاھىدە گېزىتكە بېسىلىپ ، ئەلگە مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىلىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانجۇ ھۆكۈمىتى تۆرىسى يېتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن ، ئىلى داۋاملىق رۇسلار قولىدا تۇرۇپ تۇرغان .

لېكىن ئىلىدىكى تارانچى ، تۇنگانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، بۇرۇنقى دۈشمىنى بولغان مانجۇلار ئىلىغا قايتىپ كەلسە ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، يۇرت ئارىسىغا چوڭ ئەندىشە ۋە قايغا پەيدا قىلغان . ئاخىرىدا ئىلىنىڭ تارانچى تۇنگانلىرى بىرلىشىپ ، چوڭ – كىچىك ھەممىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن روسىيە زىمىنىغا كۆچۈشنى قارار قىلغان ۋە يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ گېنېرال – گۇبېرناتورىغا خەلق نامىدىن ئەرز سۇنغان . تارانچىلارنىڭ ئەرزنامىسىگە يۇقۇرقى ئۆستەڭدىن ئابابەكرى بولۇس ، روزى بولۇس سوپى نىياز ، زىكرىيا بولۇس بىن توختى ، مۇھەممەت بولۇس بەگ بىن نېدىر ، تۆۋەنكى ئۆستەڭدىن موللا ئابدۇللا بولۇس ، مۇھەممەت ئەلى ، ھوشۇر قارى بىن موللا ھۈسەيىن ، مەخپىر بىن ئىسھاق ، ئابدۇماناپ قازى بىن ئابدۇرازاق ، خوجا نەمرى قازى بىن توختى ، تاھىر قازى ، ناسىر قازى ، ئىمىن قازى ، سادىر قازى قاتارلىق 24 كىشىنىڭ مۆھرى بېسىلغان .

بۇ ئىككى ئەرز مەخسۇس ئەلچى ئارقىلىق گۇبىرناتورغا يەتكۈزۈلگەن . يەتتە سۇ گۇبىرناتورى كولپاۋسكىي تۇركىستان گۇبىرناتورىنىڭ 20 – ئىيۇندا بەرگەن يوليورىقى بويىچە بۇلارغا كۆچۈشكە رۇخسەت قىلغان . قىلىنغان رۇخسەت يۇرتقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ، تارانچى ، تۇنگانلار بىرلىكتە روسىيەگە چىقىپ يەر – سۇنى كۆرۈپ كېلىش ۋە ئۆي – تام سېلىشقا كېرەك بولىدىغان ياغاچ – تاشلارنى جايلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىللەرنى سايلاپ بەرگەن . گېنېرال كولپاۋسكىي تەرىپىدىن بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن چېلەك دەرياسى بويىدىكى يەرلەر بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قانىتىدىكى يەرلەر كۆرسىتىلىپ ، ئەگەر بۇ كۆرسىتىلگەن يەرلەر يەتمىسە ياكى يارامسىز دەپ قارالسا ، چۇ دەرياسىنىڭ يەرلىرىدىن ھەتتا ئەۋلىيا ئاتىغىچە يەر ئېلىشقا مۇمكىمچىلىكى بىلدۈرۈلگەن . ھېلىقى يۇرت سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەر ئىلى رۇسلارغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن بېرى ئىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ناچالنىڭ ( باشلىق ) بولۇپ كەلگەن ئىزرەتوۋ دىگەن پولكوۋنىك باشچىلىقىدا 1881 – يىل 3 – ئىيۇلدا يولغا چىقىپ 27 – ئىيۇلغىچە غالجاتتىن قارا بالتىغىچە بىكار ياتقان يەرلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ، باشقا يەرلەرگە بارماستىن قايتقان . نەتىجىدە ھەر بىر بولۇس ۋەكىللىرى كۆرگەن يەرلەردىن تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشىۋالغان :

1 . چوڭ ئاقسۇ ، كىچىك ئاقسۇ ، بايانقازى يەرلىرى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سول قانىتىدىكى ( جەنۇبىدىكى ) بىرمۇنچە يەرلەر 839 تۈتۈنگە بۆلۈنگەن ، يەنى خونىخاي بولۇسىغا بۆلۈنگەن .

2 . چارىن دەرياسىنىڭ تۆۋىنىگە ھەرقايسى بولۇستىن يىغىپ – تېرىپ 500 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

3 . چېلەكنىڭ ئوڭ قانىتىغا ( شىمالىغا ) ئۈچ بولۇس ( قاش ، قاينۇق ، بوبوسۇن ) تىن 2465 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

4 . چېلەك دەرياسىنىڭ سول قانىتىغا ( جەنۇبىغا ) تۆت بولۇس ( قاش ، ئارائۆستەڭ ، بايتوقاي ، ئارابوز ) تىن 2694 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

5 . ئاتامقۇلنىڭ تۆۋىنىدىن ( ۋەكىللەر ئاۋۋال تۈرگۈن سۈيىنى ياقىلاپ تۇتقانكەن ، نىمىشقىدۇر ، كېيىن ئۇلار مۇنداق بۆلمەپتۇ ) ھازىرقى قارا سۇ بولۇسىغا 1685 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ( نىلقا ، توققۇزتارادىن چىققانلار ھەم بىرئاز شەھەرلىكلەر .

6 . چۇ دەرياسى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا تۇنگانلاردىن 1410 تۈتۈن ھەم شەھەر تۆگۈرۈگى ۋە شەھەر ئىچىدىكى تارانچىلار بولۇپ 3340 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

لېكىن تۇنگانلاردىن بىرمۇنچىسى بېرىپ قارىسا ، ئۇ يەرگە بەلگىلەنگەن ھەممە تارانچىلار مۇشۇ كۈندىكى ياركەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇرۇپ قالغان . يۇرت ۋەكىللىرى يۇقۇرىدىكى پىلان بويىچە يەرلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەن . دەرۋەقە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يەتتە سۇنىڭ يەر – زىمىنى پىلانلاپ ئۆلچەنمىگەن ۋە ياخشى – يامان يەرلەر ، سۇلۇق – سۇسىز يەرلەر ھىساپقا ئېلىنمىغانلىقتىن ، بۇ ۋەكىللەر غالجاتتىن قارا بالتىغىچە 1030 چاقىرىم يەرنى ئاتلىق 24 كۈن ئىچىدە كۆرۈپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن ، يەرنىڭ ياخشى يامىنىنى ئوبدان بايقاپ كېتەلمىگەن . ئەل – يۇرت كۆچۈشكە غەملىنىپ تۇرغان چاغدا ئىچكىرىدىن ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىۋېلىشقا تەيىنلەنگەن تۆرە 1881 – يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىغا يېتىپ كېلىپ ، ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە توختاۋسىز قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئەل – يۇرتقا جاكارلىغان .

” مانجۇلار تارانچى ، تۇنگانلارنى رۇسلارغا بەرمىگۈدەك ، ئۇنداق قىلغۇدەك ، مۇنداق قىلغۇدەك ……” دىگەن ئۆسەك پاراڭلار بىلەن ئەندىشىدە قالغان خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش ، يۇرتنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە ئىختىيارى بار – يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ، بۇ كەلگەن تۆرە ئەل – يۇرتنى ئارىلىغان . تۆرە ئىلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھەممە يېزا كەنتلەرنى ئارىلاپ ، ” مانجۇلاردىن قورقماسلىق ۋە ئىلاجى بولسا ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي تۇرۇپ قېلىش ” ھەققىدە خەلققە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن خەلق كۆچۈپ كېتىش توغرىسىدا ئۈزۈل – كېسىل تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن . ئومۇمەن كۆچمەنچىلىكتە بولىدىغان بۆلگۈنچىلىك ، مۇساپىرلىق ، ۋەتەنگە مۇھەببەت ، كۆچۈپ بارىدىغان يەردە يەر سۇ كەمچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېيتىپمۇ بۇلارنى توختىتالمىغان . شۇنىڭدەك خەلق كۆچۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆرىدىن ئىككى يىللىق مۆھلەت سورىغان . بىراق ئاۋۋال كۆچمەنلەرنى بىر يىل ئىچىدە 1882 – يىلغىچە كۆچۈرۈپ چىقىپ بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، كۆچۈش باشلانغان ۋاقتىدا ئەھۋال قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ تەلىپىدەك بولۇپ ، كۆچۈش ۋاقتى 1883 – يىل 10 – مارتقىچە سوزۇلغان ، كومىسسار تۆرە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئالاھىدە كومىسسىيە تەشكىللەپ ، كۆچۈشنى خالىغانلارنىڭ ھىسابىنى ئالدۇرغان . كۆچمەكچى بولغانلار : تارانچىلار 11 مىڭ 365 تۈتۈن ، تۇنگانلار 1308 تۈتۈن ، جەمىئىي 12 مىڭ 673 تۈتۈن ( تەخمىنەن 51 مىڭ جان ) بولغان .

بۇلارنىڭ ئىچىدە 2000 ئۆيلۈك كىشى ئۈچۈن گېنېرال گۇبىرناتورنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆسەك بىلەن قورغاس ئارىسىدا يەر بېرىلىپ ، قالغان 10 مىڭ 673 تۈتۈن ئۈچۈن باشقا يەردىن يەر – سۇ بېرىلمەك بولغان .