ئىلىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى: ھېزىم موللا، مەتتاھىر ھەسەن، نۇرمۇھەممەت ناسىر….

ئۇستاز ئەزىم موللا بىننى باقى ئوغلى: ئەزىم موللا بىننى باقى (ھېزىم موللا) ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىلىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى سەنئەت كۇرژۇكلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ تەشكىلاتلىق ۋە ئۇستازلىق رولىنى ئويناپ، ئىلى رايونىدىكى سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان پېشقەدەملىرىمىزنىڭ بىرى.

ھېزىم موللا 1906–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدىكى «ئايخان مەكتەپ»، «تائالىيە مەكتەپ»، «ئۈمىد مەكتەپ»لەردە ئوقۇپ، 1920–يىلىدىن باشلاپ ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. ھېزىم موللىنىڭ دادىسى باقى موللا، ئاكىسى ھېزدۆلەتلەر ياخشى ناخشىچىلاردىن ئىدى. ھېزدۆلەت غۇلجىدىكى تونۇلغان سازەندىلەردىن ھېسابلىناتتى. ھېزىم موللا دەسلەپتە ئاكىسىدىن دۇتار چېلىشنى ئۆگىنىپ 1928–يىلىدىن باشلاپ رەسمىي سازەندىلەر قاتارىغا قېتىلغان. مەشرەپلەردە دۇتارچى رۇشىدىن ئاكا، تەمبۇرچى ئابدۇرېھىم ئاكا، نادىر غېجەكلەردىن ئۆگەنگەنلىرىنى تولۇقلىغان ۋە ئىلى ناخشىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېيتىشنى ئىگىلىگەن. 1930–يىلىدىن باشلاپ سۇ دەرۋازا مەھەللىسىدىكى مەشرەپكە قاتنىشىپ، بۇ يەردە جامى ئاكا، زوزى تەمبۇر، ئابدۇرېھىم غېجەكچى قاتارلىق ئۇستازلاردىن ئون ئىككى مۇقامنىڭ نەغمە–مەرغۇللىرىنى ئۆگەنگەن. 1932–يىللىرىغا كەلگەندە غوجاملارنىڭ (ھاكىمبەگ غوجا) مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ سورۇنلاردا ھاسان تەمبۇر، بارات تەمبۇر، زۇنۇنكام، قەرەخۇنكام، نىيازكام دۇتار، سونۇمكام قاتارلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلىغان. ئۇ يەنە خەنزۇلارنىڭ ۋاڭ بوچىڭ دېگەن سازەندىسىگە ئۈچ يىللىق ھەق تۆلەپ ياڭچېڭ چېلىشنى ئۆگەنگەن.

ھېزىم موللا ياش ۋاقتىدا سەنئەت جەھەتتە كۆپ ئىزدەنگەن، ئەينى يىللاردىكى نۇرغۇن داڭلىق سازەندىلەر بىلەن ئۇچراشقان بولغاچقا، مۇزىكا بىلىمى ئەتراپلىق ئىدى، ئىلى خەلق ناخشا–سازلىرى ۋە ئون ئىككى مۇقامنىڭ نەغمە–مەرغۇللىرىنى پىششىق بىلەتتى، دۇتار چېلىشتا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ئىدى. شۇڭا، 1934–يىلىدىن كېيىن قازانچى (5–رايون) تەۋەسىدە قۇرۇلغان سەنئەت كۇرژۇكلىرى ۋە «جۇڭگو –سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتى» قارمىقىدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇستازلىق ۋە تەشكىلاتچىلىق روللىرىنى ئۆتىگەن.

1955–يىلى ھېزىم موللا قورغاس ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەيىنلىنىپ چىققاندىمۇ قورغاس ناھىيىسىدە سەنئەت كۇرژۇكلىرىنى تەشكىللەپ، كۆپلىگەن ياشلارنى تەربىيىلەپ، قورغاس ناھىيىسىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان. ئۇ ئۇيۇشتۇرغان كۇرژۇكلارنىڭ نۇرغۇن نومۇرلىرى ئەينى يىللاردىكى سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتلىنىپ، خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئەينى يىللاردا غۇلجىدا «سەنەم» رولىنى ئېلىش بىلەن داڭ چىقارغان گۈلسۈم، ئاتاقلىق ئارتىستلاردىن ئامىنە قادىر، پاشا ئىشان، مەريەم كېرىم، چاڭچى ماخمۇتجان، مەشچى ئابدۇرېھىمكام، تۇرسۇن تېيىپ، مۇساجان روزى، ئابدۇكېرەش ئەلى، غىياسىدىن بارات، قۇربان ئۆمەر، داۋۇتجان ناسىر قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق سەنئەتچىلەر ھېزىم موللىدىن دەرس ئالغان ياش نوتىلار ئىدى.

تۆھپىكار ئۇستاز ھېزىم موللا 1986–يىلى ئاپرېلدا غۇلجىدا 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

تەمبۇرچى مەتتاھىر ھەسەن: مەتتاھىرھەسەن 1904–يىلى تۇغۇلغان. كىچىك چاغلىرىدا بوۋىسى ئىبراھىم ئاخۇن ئۆزى بىلەن ئەگەشتۇرۇپ كارۇشاڭ ئاخۇنۇم، غازى كور قاتارلىق داڭلىق سازەندىلەر جەم بولغان مەشرەپ، ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. كېيىن ئۇ موزدۇزلۇققا شاگىرتلىققا كىرگەن. ئەينى چاغلاردا موزدۇز كاسىپلار ئارىسىدا ئۇستا سازەندىلەر بارئىدى. بۇ سازەندىلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەنە موزدۇزخانىلارغا ئاجايىپ ياخشى ناخشىچىلار كېلىپ–كېتىپ تۇراتتى. بۇنداق تۇرمۇش مەتتاھىر ئۈچۈن دەسلەپكى سەنئەت مەكتىپى بولدى. ھۈسىيىن تەمبۇر، سىدىقجان زىلاۋىدۇن ھاجى، زۇنۇن پاينەك قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتچىلەرنى مەتتاھىرنىڭ دەسلەپكى ئۇستازلىرى دېيىشكە بولىدۇ. مەتتاھىر ھەسەن ئۇلاردىن دۇتار، تەمبۇر چېلىشنى ئۆگەنگەن.

1934–يىلى غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى سانائىنەپىسە قۇرۇلغاندا مەتتاھىر ھەسەن بۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سازچىلار تەركىبىدە ئىشلىگەن، روزى تەمبۇر ئاچقان كۇرسلاردا مۇقام ئاھاڭلىرىنى ئۆگەنگەن، «قۇرغۇيۇم»، «گۈلزارەي» قاتارلىق ناخشا–مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ شىنجاڭدىكى سەنئەت سېپىدە ئۆتكۈزگەن يىگىرمە يىللىق ئۆمرىدە غۇلجا، ئۈرۈمچى، تارباغاتاي قاتارلىق ئورۇنلاردىكى سەنئەت تەشكىللىرىدە ئىشلەپ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن.

مەتتاھىر ھەسەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزىستانغا كۆچۈپ بارغان. كېيىن، فىرۇنزى شەھىرىدىكى رىسپوبلىكىلىق خەلق ئىجادىيىتى ئۆيىدە ئۇيغۇر ناخشا–ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1970–يىللارنىڭ ئالدى–كەينىدە ئۆزبېكىستاندا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئون ئىككى مۇقامنى توپلاش، رەتلەش، پلاستىنكىغا ئېلىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى تونۇلغان مۇقامچىلاردىن سۇلتان مۇرات، قادىر رازى مەمەتوف، ئەركىن يونۇسوف، سەيدەكرەم تۆگەلەنوف، ئايتۇرغان ھەسەنوۋا قاتارلىق نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. تالانتلىق سازەندە مەتتاھىر ھەسەن 1987–يىلى 83 يېشىدا فىرۇنزىدا ۋاپات بولدى.

سازەندە نۇرمۇھەممەت ناسىر: نۇرمۇھەممەت ناسىر 1906–يىلى تۇغۇلغان. ئاكىلىرى ئوسمان ۋە ئەھمەت پاڭلار غۇلجىدىكى ئۇستا سازەندىلەردىن ئىدى. نۇرمۇھەممەت ناسىر دەسلەپكى مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆز ئاكىلىرىدىن ئالغان. كېيىن، ھۈسىيىن تەمبۇر، رۇشىدىن ئاكىلاردىن ساز ئۆگەنگەن. روزى تەمبۇر چاقىرغان مۇقام كۇرسلىرىدا تەربىيىلىنىپ ئىلى مۇقامىنىڭ ئاھاڭلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. 1939–يىلىدىن 1956–يىلىغىچە ئىلى تىياتىرىدا ئىشلەپ ساز چېلىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان. 1956–يىلىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، تالدىقورغان ئوبلاستى فانفىلۇۋ رايونىدىكى «بىرلىك كولخوزى»غا قاراشلىق چۇلۇقاي يېزىسىغا كېلىپ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. يېزا كۇلۇبلىرىدا ياشلارغا ئىلى خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقام ئاھاڭلىرىنى ئۆگەتكەن. 1958–يىلىدىن 1968–يىلىغىچە قازاقىستان ياركەنت رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ساز باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 1968–يىلىدىن 1974–يىلىغىچە تاشكەنتتە ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا بېرىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. نۇرمۇھەممەت ناسىر ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېيتىشنىڭ ماھىرلىرىدىن ئىدى. 1989–يىلى 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ماھىر تەمبۇرچى غوپۇر يۈسۈپ: تەمبۇر ۋە چاڭ چېلىشتىكى ئۇستىلىقى، ئۆتكۈر چاقچاقچىلىقى بىلەن داڭق چىقارغان سازەندە غوپۇر يۈسۈپ قادىر ھاجىيوف (غوپۇر دىڭخۇلۇ) 1916–يىلى چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان بىرھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. غوپۇر يۈسۈپنىڭ دادىسى دۇتار، تەمبۇر، چاڭ، ناغرا، سۇناي دېگەندەك ھەرخىل چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياسايتتى. ئۇ ئۆز ئوغلى غوپۇرغىمۇ مۇزىكا جەھەتتىكى دەسلەپكى بىلىملەرنى بەرگەن. غوپۇر ھەرخىل مۇزىكىلارنى چېلىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالغان. بولۇپمۇ، ئۇ تەمبۇر چېلىشتا كىچىكلا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلغان. يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي غۇلجا سانائىنەپىسىگە قوبۇل قىلىنغان. بۇ سەنئەت ئوچىقىدا ئۇ ھاسان تەمبۇر، ھۈسىيىن تەمبۇر، تېيىپ غېجەك قاتارلىق شۆھرەتلىك نەمۇنىچىلەر بىلەن ئۇچراشقان. روزى تەمبۇرنىڭ مۇقام كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ مۇقامچىلار دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەن. 1958–يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتىدىكى رىسپوبلىكىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا–كومىدىيە تىياتىرىدا ئىشلىدى ۋە تىياتىرنىڭ باشلامچى سازەندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يەتتىسۇ تەۋەسىدە ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئومومىيلىشىشىغا چوڭ تۆھپە قوشتى. ئۇ «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ئون ئىككى مۇقام كونسېرتلىرىنى تەييارلاش ئىشلىرىدا ئۇستازلىق رولىنى ئۆتىگەن، تاشكەنتتىكى ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا ئېلىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. 1989–يىلى 73–يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

قابىلىيەتلىك مۇزىكانت سۇلتان مۇرات: ئاز ئۇچرايدىغان مۇزىكىلىق تۇيغۇغا ئىگە سۇلتان مۇرات 1919–يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئون نەچچە يېشىدىلا دۇتار، تەمبۇر، غېجەكلەرنى چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان. ئۇ 1940–يىلىدىن 1951–يىلىغىچە غۇلجا تىياتىرىدا مۇزىكانت بولۇپ ئىشلەپ، روزى تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا، مەتتاھىر ھەسەن قاتارلىق داڭلىق سازەندىلەردىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈردى. بىر مەزگىل ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق ئورۇنلاردىكى سەنئەت مەكتەپلىرىدە مۇزىكا مۇئەللىمى بولدى.

سۇلتان مۇرات كېيىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى مۇزىكىلىق دراما تەركىبىدە بىر ئاز ۋاقىت ئىشلىگەندىن كېيىن، 1955–يىلى قازاقىستان ئۇيغۇر رايونى ئاقسۇ يېزىسىدا مىللىي ناخشا–ئۇسسۇل ئانسامبىلىنى تەشكىللىدى. سۇلتان مۇراتنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ ئانسامبىل ياشلار ۋە ستودېنتلارنىڭ موسكۋا خەلقئارا فېستىۋالىدا لائورىيانت بولغان. 1960–يىلى بۇ ئانسامبىلغا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن «خەلق تىياتىرى» نامى بېرىلگەن.

سۇلتان مۇرات ئۆزبېكىستاننىڭ تەكلىپى بويىچە تاشكەنتكە كۆچۈپ بېرىپ، تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا ئېلىش، رەتلەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، شۇ ئانسامبىلنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس خالىسخان قادىرىۋا ۋە ئەركىن يونۇسوف قاتارلىق سەنئەتچىلەر تاماشىبىنلارغا كەڭ تونۇلغان.

سۇلتان مۇرات «تارىم ۋالىسى»، «ۋەتەنگە سالام»، «دوستلۇق» قاتارلىق 50تىن ئوشۇق ناخشا–مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. سەنئەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈچۈن 1979–يىلى ئۇنىڭغا «ئۆزبكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس»نامى بېرىلگەن. 1997–يىلى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مۇقامچى قادىر رازى: قادىر رازى مۇھەممەتوف 1924–يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈپ، قەشقەر خەلق ئاھاڭلىرىنى ياخشى ئىگىلىگەن. ئۇ 14 يېشىدا ئىلى ناخشا–سازلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىشتىياقىدا پىيادە يولغا چىقىپ،غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ چايخانا، ئاشخانىلاردا ئىشلىگەن. ئەينى يىللاردا بۇ يەردىكى چايخانىلاردا شەھەرنىڭ ماھىر چالغۇچىلىرى يىغىلىپ نەغمە قىلىشاتتى. قادىر رازى ئۇلاردىن ساز ئۆگىنىپ، ئاستا–ئاستا سازچىلار قاتارىغا قېتىلغان. كېيىن ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ ئوقۇغان ۋە مەتتاھىر ھەسەن بىلەن تاغىسى سەيدۇللام رەخمىتوللايوف يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن بەدىئىي ھەۋەسكارلار ئۆمىكىگە قاتنىشىپ دۇتار، راۋاب، ناغرا چېلىش ماھارەتلىرىنى ئىگىلىگەن. 1946–يىلى ئۇ يەنە غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ «ئىتتىپاق» تىياتىرىدا ئىشلىگەن. ئۇ يەردە ئۇ روزى تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا، ئابدۇۋەلى جارۇللايوف، مەتتاھىر ھەسەن قاتارلىق سەنئەتچىلەردىن مۇقام ئاھاڭلىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە قەشقەر، كۇچا ناخشىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېيتىش شەكلىنى ئىشلەپ چىقىپ، سەھنىلەرنى جانلاندۇرغان. كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، 1961–يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئالمۇتا ئۇيغۇر مۇزىكا–كومىدىيە تىياتىرىدا ئىشلەپ «پەرھاد–شېرىن»، «غېرىب–سەنەم»، «تاھىر–زۆھرە»، «نەسرىدىن ئەپەندى» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدە باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئېلىپ، ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى. قادىر رازى «ۋەتەن مۇھەببىتى»، «ساتارىم بار»، «بەختىمىزگە خۇشالمەن» قاتارلىق بىر قاتار ناخشا–سازلارنىمۇ ئىجاد قىلغان. ئۇ ئون ئىككى مۇقام مۇقەددىمىلىرىنى يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنداش بىلەن، تاشكەنتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش، لېنتىغا ئېلىش خىزمىتىگە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان. 1976–يىلى 52 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

سازەندە زوردۇن نۇسرەت: 1904–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا دورامچى، قىزىقچى، خۇشچاقچاق، سازغا ھەۋەسكار بولۇپ، سازچىلار ساز چالغان سورۇنلارنى ئەگىپ كېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ مۇزىكىدىكى دەسلەپكى ئۇستازى سىدىقجان زىلاۋىدۇن ھاجى ئىدى. 1934–يىلى غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدا سانائىنەپىسە تەشكىل قىلىنغاندا زوردۇن نۇسرەت بۇ سەنئەت تەشكىلىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ ھاسان تەمبۇر، ھۈسىيىن تەمبۇر، روزى تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكا پېشىۋالىرىدىن ساز ئۆگەنگەن، دۇتار، تەمبۇر چېلىشنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئۇ خەلق ئاھاڭلىرى ۋە مۇقام نەغمىلىرىنى تەمبۇردە نەپىس ئورۇنلاپ ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلالايتتى، سەھنە ئەسەرلىرىدە سەلبىي روللارنى ئېلىش بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇ غۇلجا خەلقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى توي–تۆكۈن، ھېيت–بايرام، مەشرەپ سورۇنلىرىنى مۇقام ئېيتىش، گۈلدەستە، پانۇس ۋە كېمە ئويۇنلىرى بىلەن ئاجايىپ قىزىتقۇچى ئىدى. ئۇ ئېيتقان لەپەرلەر، سەھنە قىزىقچىلىقلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيتتى.

زوردۇن نۇسرەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70–يىللىرىغىچە بولغان دەۋرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىلى تىياتىرىدا سازەندە ۋە سەھنىدە رول ئالغۇچى ئارتىس بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئەينى يىللاردا ئىلىدا شۇنچىۋالا سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ سەھنىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىشىمۇ زوردۇن نۇسرەتتەك قابىل سەنئەتچىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ «نازىركوم»، «قارا يورغام» قاتارلىق كومىدىيىلىك نومۇرلارغا ئىجادىي ھەرىكەتلەرنى قېتىپ، ئىنتايىن قىزىقارلىق قىلىپ ئىشلەپ چىققان. شۇنداقلا، ئۇ ئىلىدىكى مەشھۇر چاقچاقچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇربان: «بىز ئەسلىدە چاقچاقلىشىشىنى زوردۇنكامدىن ئۆگەنگەن» دېگەن ئىدى. زوردۇن نۇسرەت 1975–يىلى غۇلجا شەھىرىدە 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مۇقامچى ئابلاخان كېپەك: ئىلىدىكى پېشقەدەم ئارتىس، تەسىرى بار مۇقامچىلارنىڭ بىرى مەرھۇم ئابلاخان كېپەك ھايات ۋاقتىدا شەخسي تارىخىنى ئۆز ئاغزى بىلەن مۇنداق بايان قىلغانىدى: «مەنكى ئابلاخان كېپەك ئوغلى 1912–يىلى غۇلجا شەھەر يېڭى مەھەللە (ھازىرقى ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جايلاشقان ئەتراپ)دە، نامرات ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. دادام كېپەك ئاخۇن مۇسابايۇفنىڭ تېرە زاۋۇتىغا ئىلى دەرياسى ئارقىلىق تاغدىن سال بىلەن قوۋزاق ئەكىلىپ سېتىپ تۇرمۇش كۆچۈرەتتى. ئانامنى بىلمەيمەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىمدا دۇنيادىن كەتكەنىكەن. بىز ئۈچ ئوغۇل بىللە تۇراتتۇق. 1925–يىلغىچە دادام بىلەن بىرگە بولدۇم. دادام رەھمىتى ئۆلۈپ، چوڭ ئاكامنىڭ قولىدا تەربىيلەندىم. چوڭ ئاكام نىزاخۇن جاللاپچىلىق قىلاتتى. مەن ھەركۈنى بازارغا چىقىپ، ئاشخانا، مويكا، كېيىن مۇسابايوفلار زاۋۇتىغا زەمبىلدە قوۋزاق توشۇپ سېتىپ، ئۆزۈمنىڭ راسخوتىنى تېپىپ، كېچىسى ئاكامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ياتاتتىم. 1932–يىلنىڭ چىقىشى چوڭ ئاكام ۋاپات بولدى. ئىككىنچى ئاكام روزاخۇن بىلەن تالادا قالدۇق. كۆپچىلىك مېنى يۈسۈپ ئاخۇن دېگەن موزدۇز ئۇستامغا شاگىرتقا بەردى. روزاخۇن ئاكام ئاغرىقچان ئىدى. دۇكانغا ئاكامنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، شۇ يەردە يېتىپ–قوپۇپ ئىشلىدىم. قولۇم بېخچىلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇستام ماڭا ھازىرقى پۇلغا قىرىق سوم چامىسىدا ئايلىق بېرىدىغان بولدى. بۇ پۇل بىلەن ئاكام ئىككىمىز ئايدىن–ئايغا ئاران ئۇلىشاتتۇق.

ئىككىنچى ئاكام تۇيۇقسىز كېسىلى تۇتىدىغان ئاغرىققا دۇچار بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ كېسىلىنى مەن داۋالىتىپ كېتەلمىدىم. ئاكام بىر كۈنى تۆت كوچا ئېغىزىدا، تامغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپلا تۈگەپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئۇستام بىر ئايلىق مۇئاشىمنى ئالدىن بەردى. ئاكامنى مۇساپىرخانىغا ئاپىرىپ، يۇيۇپ دەپنە قىلدىم. يېتىمچىلىك، يالغۇزچىلىق ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. كېچىلىرى مەھەللىدىكى ياش بالىلار دۇكانغا يىغىلىپ ھالىمنى سوراپ تۇراتتى. دەردىمنى دۇكاننىڭ تېمىغا ئېسىقلىق دۇتارنىڭ مۇڭى بىلەن يېنىكلىتىدىغان بولدۇم.

1936–يىلى ئۆزبېك كۇلۇبىدا ئۆزبېك ياچېيكىسىنىڭ ئويۇنىنى كۆردۇم. ھازىرقى نەسىرۇللا قارى ئاكىنىڭ سەپدىشى ھەبىبۇللا نەيچىنىڭ ھالغان نېيى ماڭا قاتتىق مۇڭلۇق تەسىر قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەركۈنى دۇكاندا ئىشىم تۈگىشى بىلەنلا ئۆزبېك ئۇيۇشمىسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىگە بېرىپ ساز ئاڭلايدىغان بولدۇم. مېنىڭ دۇتارغا ئۇستا ئىكەنلىكىمنى بىرسى ئېيتىپ قويغان ئوخشايدۇ، بىر كۈنى ھەبىبۇللا نەيچى مەندىن:

— ئۇكا، بىر دۇتار چېلىپ بەرسەڭ!– دەپ ئىلتىماس قىلدى. خۇشال بولۇپ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان سازلارغا چالدىم. ئۇلار ماختاشتى. مەن ھەبىبۇللا نەيچىگە: — ئۇستاز ، مەن بىر يېتىم بالا، موزدۇزلۇق قىلىمەن. ئاتا–ئانام، قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىلدىم. سىزنىڭ نېيىڭىزنى ئاڭلسام دەردلىك كۆڭلۈمگە ئارام بولىدىكەن. ماڭا نەي چېلىشنى ئۆگىتىپ قويسڭىز، سىزگە خۇدا رەھمەت قىلار!– دېدىم.

ھەبىبۇللا نەيچى ماقۇل بولۇپ،ماڭا بىر نەينى بەردى. ھەركۈنى كەچتە ئۆزبېك ئۇيۇشمىسىغا بارىدىغان بولدۇم. ھەبىبۇللا نەيچى بەزى كۈنلىرى توي–تۆكۈنلەرگە بىللە ئېلىپ بارىدىغان بولدى. مەن ئۇلارغا دۇتار چېلىپ بېرىپ يۇردۇم. شۇنداق قىلىپ، ئىككى يىل بىرگە بولدۇم. نەينى ئوبدان ئۆگەندىم. بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئورۇندا سەنئەت ئۆمىكى بارئىدى. چوڭ ئورنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا، كىچىك ئورنى ئوردا مەھەللىسىدىكى سەنئەت ياچېيكىسىدا ئىدى. مېنىڭ نەي چېلىپ يۈرگەنلىكىمنى زىكرى ئەلپەتتا بىلەتتى. بۇ كىشىنىڭ تونۇشتۇرۈشى بىلەن ئوردا مەھەللىسىدىكى سەنئەت ئۆمىكىگە كىرىپ نەي چالدى. سەنئەت نومۇرلىرىغا قاتناشتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي مېنى ئۇيغۇر ئۇيۇشما سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلدى. بۇ ئۆمەكتە نەي چالدىم. كېيىن تەرەققىي قىلىپ چوڭ –چوڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى ئوينايدىغان بولدۇق. مەن «غېرىپ–سەنەم»دە قۇرئانداز، ساتارچى بوۋاي، جۈنەيدىل باغدادى قاتارلىق روللارغا چىقتىم.

سەنئەت كەسپىم تەرەققىي تاپقاندىن كېيىن، يېتىم بالىلار يۇرتىغا سازمۇئەللىمى بولۇپ بەلگىلەندىم. ھەرئايلىقىم ئۈچۈن 100جىڭ ئۇن بېرەتتى. 30بالا دۇتار–تەمبۇر، نەي، چاڭ قاتارلىق سازلارنى بىر قەدەر ئۆگەندى. تۇرمۇشۇممۇ ياخشىلىنىپ قالدى. 1939–يىلى ئۆزۈمدەك يېتىم بىر قىزغا–ھازىرقى بالىلىرىمنىڭ ئانىسى تاجىخانغا ئۆيلەندىم. مەھەللىدىكى موزدۇز ئۇستاملار ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، بىر تىيىن چىقىم قىلدۇرماي نىكاھلاپ قويدى. بىر ئىدىم، ئىككى بولدۇم. تۇرمۇشىمنى تېخىمۇ ياخشىلاش يولىدا ئىزدەندىم.

بىر كۈنى دۇكاندا ئىش تىكىپ ئولتۇرسام، چۆچەكلىك بىر ئادەم كېلىپ ئاياغ كىيىم بۇيرۇتتى. دۇكىنىمدىكى چالغۇلارنى كۆرۈپ، سازەندە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ: — ئۇستام سىلى چۆچەككە بارسىلا، ئۇ يەردە گارمۇندىن باشقا سازنى چالىدىغان ئادەم ئاز. سىلىدەك بىر سازەندە بارسا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، – دەپ مېنى قىزىقتۇردى.

شۇ ئادەمنىڭ گېپى بىلەن مەن 1939–يىلى چۆچەككە باردىم. راست دېگەندەك چۆچەكلىكلەر مېنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇيۇشما مەسئۇلى ماڭا بىر قىسىم ياشلارغا ساز ئۆگىتىش ۋەزىپىسىنى بەردى. ئۇ چاغدا، سەيپىدىن ئەزىزى چۆچەك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىبى ئىكەن، ئايالى ئايىمخانمۇ سەنئەتچى ئىكەن. ئۇيۇشما ماڭا ھەرئايدا 30 سوم راسخوت پۇلى بېرەتتى. يەنە ئۆزەمنىڭ موزدۇزلۇق كەسپىمنىمۇ قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ چۆچەكتە ئىككى يىل تۇردۇم. «ئارشىن مال ئالان»، «قانلىق داغ» قاتارلىق دراما ۋە باشقا كونسرتلارنى ئوينىدۇق. سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن ئايىم باش روللارنى ئالدى. كېيىن دۆربىلجىندىكى ئادەملەر تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيۇشما مېنى دۆربىلجىنگە ئەۋەتتى. دۆربىلجىندىكى يولداشلارغا ئىخلاس بىلەن ساز ئۆگەتتىم. بۇ يەردىمۇ ئىككى يىل تۇردۇم.

1944–يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوزغالدى. چۆچەكتىكى غۇلجىلىقلار گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئەڭ خەتەرلىك ئادەم بولۇپ قالدۇق، بۇنىڭدىن چۆچۈپ، بىر كېچىسى ھارۋا كىرا قىلىپ بورتالاغا كەتتۇق، كەڭساي يولى توسۇلۇپ قالغاچقا بورىتالادا تۇرۇپ قالدۇق. 1944– يىلى ئىيۇلدا غۇلجىغا ئاران كېلىۋالدۇق.

كېيىن، مېنى سەنئەت ئۆمىكىگە چاقىرتىپ، مۇئاشلىق سەنئەتچى قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن سەنئەتتىكى يېڭى ھاياتىم باشلاندى. ئۆمىكىمىزدە روزىكام (روزى تەمبۇر) باشلىق پېشقەدەم ئۇستازلار بارئىدى. ماڭا مىللتىمىزنىڭ كلاسسىك سەنئىتى ئون ئىككى مۇقامنى ئۆگىنش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. مەن ئۆگىنىپ ئېيتقان مۇقاملارنى خەلق ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ، روھىمنى كۆتۈردى. ئۆگەنگەنسېرى ھەۋىسىم ئېشىپ قىزىقىپ ئۆگەندىم. ئوپېرالاردا جانلىق رول ئېلىشىم بىلەن كۆپ روللارغا ئىشتراك قىلدىم. كونسېرتلاردا زوردۇن نۇسرەت بىلەن تەڭ ئورۇندىغان «قارا يورغام» دېگەن نومۇرنى تاماشىبىنلار بەك ياقتۇرۇپ كۆردى.

1956–يىلىغا كەلگەندە روزىكامنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا باشلىدى. تەشكىل دەرھال بىر بۆلۈم ئادەملەرنى ئاجرىتىپ، روزى تەمبۇردىن مۇقام ئاھاڭلىرىنى تولۇق ئۆگىنىۋېلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، يەتتە ئايلىق كۇرس ئاچتى. بۇ كۇرسقا مەنمۇ قاتناشتىم. بىر مىنۇتمۇ ۋاقىتنى زايە قىلماي تېرىشپ ئۆگىنىپ، كۇرسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ مۇكاپات ئالدىم. شۇنىڭدىن بېرى ئون ئىككى مۇقامنى چېلىپ خەلققە ئارام بېرىپ كېلىۋاتىمەن. 1953–يىلى ئىلى ھەربى رايون سەنئەتچىلىرى بىلەن بېيجىڭغا باردىم. بېيجىڭدا داھىيلارنى كۆردۈم. سەھنىدە «قارا يورغام» نومۇرلىرىنى ئوينىغىنمىدا كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىشلىدى. ئىككىنچى قېتىم، 1961– يىلى كىنوغا رول ئېلىش ئۈچۈن شەرقى شىمالغا باردىم. 5–6 ئۆلكىنى ئېكىسكۇسىيە قىلدۇق…. 1975–يىلى پېنسىيىگە چىقتىم. ئون ئىككى مۇقامنى ھەرۋاقىت خەلققە چېلىپ بېرىپ ئۇلارنى خۇشال قىلىپ كېلىۋاتىمەن»

خەلق مۇقامچىسى ئابلا كېپەك 1989–يىلى 77 يېشىدا غۇلجىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەنبە: «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» 164–بەت، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» 119–بەت.