ئىقبال تۇرسۇن

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئىقبال تۇرسۇن 1969 –يىلى 8- سېنتەبىر قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۆرتالا ۋە قەشقەردە ئوقۇغان. 1986 يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تولۇق كۇرس ئوقۇشىقا قۇبۇل قىلىنغان. 1991 –يىلدىن 1994 يىلغا قەدەر شۇمەكتەپنىڭ تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان، شۇ يىلى 7– ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. ئىقبال تۇرسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»، « ئىستېتىكا»، « ئەدەبىيات–سەنئەت پىسخولوگيىسى»، «نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتى»، «كىنو–تېلېۋىزىيە سەنئىتىدىن زوقلىنىش»، «ئەدەبىيات تەتقىقات مېتودولوگىيىسى»، «ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىيات نەزەرىيىسى» قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي دەرىسلەرنى ئۆتۈپ كەلگەن.

2003– يىلدىن 2006– يىلىغىچە شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان. ئۇ كۆپ يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى، ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىدچىلىكى ساھەلىرىدە ئىزدىنىپ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

ھازىرغىچە ئۇنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ھېكمەت ئۈنچىلىرى» (شىنجاڭ ياشلارـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1997– يىل 2– ئاي 1– نەشرى) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى، «ئۇيغۇرلاردا كىنو تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005– يىل 8– ئاي 1- نەشرى)، «ئۇيغۇرلاردا ھايات ھېكمىتى ۋە ئۆلۈم كۈلپىتى» ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2005- يىلى 8– ئاي 1- نەشرى) قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە «ئۇ نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ» (شىنجاڭ ياشلار– ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2005– يىل 10– ئاي 1– نەشرى) ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك شېئىرىيەت سەنئىتى»، دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى چوڭ تەتقىقات تۈرىنىڭ بىر تارمىقى «جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىدچىلىك ئەسەرلىرى خەزىنىسى: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئەسەرلىرى توپلىمى» دىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات تۈرى: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ھازىرقى زامانغا بۇرۇلۇشى ھەققىدە تەتقىقات» نى مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ پۈتتۈرگەن.
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ نوقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات مائارىپىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات تېمىسى» قاتارلىق بەش تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. نوپۇزلۇق خەنزۇچە ئىلمىي ژۇرناللاردا 8 پارچە ئىلمىي ماقالىسى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆپ قېتىم ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى ئاسپرانتلىق نوقتىسىنىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى يۆنىلىشىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوقتىلىق پەن تۈرى ــ ئەدەبىياتشۇناسلىق پەن تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىمەكتە. شۇنداقلا ئۇ يەنە جۇڭگو تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتى، شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئىلمىي ماقالىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئويغىنىش ئېڭى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2006– يىللىق 1– سان.
2. «نەۋائىي تەتقىقاتىغا دائىر بەزى مەسلىلەر»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2005– يىللىق 4 – سان.
3. «مەدەنىيەت نىسبىيلىكى نەزەرىيىسى ۋە جۇڭگو مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ماسلىشىپ راۋاجلىنىش مەسلىسى»، «گەنسۇ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2005– يىللىق 3– سان. 4. «ئەلشىر نەۋائىي شېئىرلىرىدىكى ھايات تراگېدىيىسى ئېڭى»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 2005 – يىللىق 6 – سان.
5. «ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ پەلسەپىۋىي دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىيەت مېتودى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2005– يىللىق 1 – سان.
6. «مەدەنىيەت نىسبىيلىكى ۋە شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2005– يىللىق 4 – سان.
7. «شەھەر مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتى »، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى، 2006– يىللىق 3 – سان.
8. «چاغاتاي تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسى ۋە سوفىزم »، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى، 2006 – يىللىق 1 – سان.
9. « شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ساپاسى ۋە تەربىيىلىنىشى»، «مىللىي مائارىپ تەتقىقاتى»، 2002 – يىل 2 – سان.
10. « ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە سەنئىتىدە مىللىي مەدەنىيەت ئېڭى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى»، « شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ژۇرنىلى»، 2004 – يىللىق 2 – سان .
11. « ئۇيغۇر كىنو – تىېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئىستېتىك ئالاھىدىلىكى»، « شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ژۇرنىلى»، 2004 – يىللىق 1 – سان.
12. «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ھايات-ئۆلۈم قاراشلىرىنى تارىخىي سېلىشتۇرۇش» ، « شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1999 – يىل 1 – سان.
13. «قارخانىيلار دەۋرى ئەدەبىياتىدىكى خەلق مەركەزچىلىك ئىدىيىسى»، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1997 – يىل 1 – سان.
14. «ئازاب ئېڭى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى»، « شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1995 – يىل 4 – سان.
15. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 40 يىلى ۋە ئۇنىڭغا باھا»، « شىنجاڭ كۇتۇپخانىچىلىقى» ژۇرنىلى، 1994 – يىل 3 – سان.
16. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر بەزى مەسلىلەر »، « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1994 – يىل 1 – سان.
17. «ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ چىقىش يولى ھەققىدە ئويلىنىش»، «تارىم » ژۇرنىلى ، 2009 – يىل 5 – سان.
18. «ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى »، « قەشقەر» ژۇرنىلى. 2010- يىل 5 – سان.
19. «ئابلەت ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدىكى ئورنى»، «قەشقەر» ژۇرنىلى، 2011– يىل1– سان.
20. «20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كىيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە »، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2011- يىل 4– سان.
21. «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت قاراشلىرى »، « شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2011– يىل 4– سان.
22.«20- ئەسىرنىڭ 90 يىللىرىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى»، «تۇرپان» 2012 –يىل 2 – سان.
23. «مۇھەممەت پولات ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى »، « شىنجاڭ گېزىتى»، 2010– يىل 9– ئاينىڭ 3– كۈنىدىكى سانى.
24. «تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت قارشى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، 2010– يىل 11 –ئايدىكى سانى.
25. «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئارزۇسى»، « شىنجاڭ گېزىتى»، 2013– يىل12– ئايدىكى 07-سانى.
26. «جۇڭگو ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى بوز يەر ـــ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، 2014– يىل 12– ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سانى.