كۆكتۈرك ئارخېئولوگىيىسىدىكى يېڭى كەشپىياتلار

پومادىن تېپىلغان ئۈستىگە قىزىل ياقۇت قۇيۇلغان ئالتۇن نىقاپ

(كۆكتۈرك مەدەنىيىتىگە دائىر يېڭى تېپىلمىلار)
يۈسۈپجان ياسىن

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سېرى ئېچىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىلىم تارماقلىرى كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى مۇھىم بىر تېما قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا تەۋەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار قەدىمكى خەنزۇ يىلنامىلرى، ئەرەب، پارىس مەنبەلىرى ۋە ۋىزانتىيە ھۆججەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ماتېرىيالغا ئايلاندى.

ئاۋۋال شۇنى تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، بۇنىڭدىن 78يىل بۇرۇن تېپىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تولۇق يورىتىلمىغان سوغدى ۋە باكتىرىيە تىلىدا يېزىلغان بىر مۇنچە ھۆججەتلەر كۆكتۈرك ئارخېئولوگىيىسىدىكى مۇھىم تېپىلما سۈپىتىدە يېڭىدىن قولغا ئېلىنماقتا. سوغدىچە ھۆججەتلەر ئىچىدە مۇغ تېغى سوغدى ھۆججەتلىرى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 1932- يىلى تاجىكىستاننىڭ پەنجىكەنت ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مۇغ تېغى ئەتراپلىرىدا قەدىمكى قەلئە خارابىلىرى تېپىلغان. ئارخېئولوگلار بۇ يەردە بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشقان قېدىرىش جەريانىدا مىلادى 7- ۋە 8- ئەسىرلەرگە ئائىت 80 پارچىگە يېقىن ھۆججەت تاپقان. ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن <<مۇغ تېغى سوغدى ئارخىپى>> دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ 70 پارچىسى سوغدىچە، تۆت پارچىسى خەنزۇچە، بىر پارچىسى ئەرەبچە، بىر پارچىسى تۈركچە يېزىلغان. سوغدىچە ھۆججەتلەر ئا.فرېيمان، ۋ. ئا. لىۋشىتس، ئو.ئى. سىمىنوۋا ۋە م. ن. بوگوليۇبوف قاتارلىق سوغدى تىلى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ سوغدى رايونىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان پەنچ(پەنجىكەنت) خانى دىۋاشتىچ(709- 722)نىڭ سارىيىغا ئائىت ئارخىپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنى شەرقىي كۆكتۈرك(ئەسلى تېكىستتە <ھۇن> دەپ يېزىلغان) قاغانىنىڭ نائىبى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن دىۋاشتىچنىڭ ئەسلىدە مىلادى 693-708- يىللاردا پەنچ ۋىلايىتىگە ۋالى بولغان تۈرك نەسىللىك چاقىن چور بىلگەنىڭ ئورنىغا چىققان كىشى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن. بۇ ئارخىپلارنىڭ ئىچىدە چاقىن چور بىلگە دەۋرىدە يېزىلغان ھۆججەتلەرمۇ بار. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدە كۆكتۈرك تارىخى ئۈچۈن مۇھىم مەلۇماتلارنى بىرىدىغان خاتىرىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ خاتىرىلەردە تۈركچە قاغان، تۇدۇن، ئىلتەبېر، تۇتۇق، تارخان قاتارلىق ئۈنۋانلار كۆزگە چېلىقىدۇ. باكترىيە تىلىدا يېزىلغان ھۆججەتلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا تېپىلغان. بۇ ھۆججەتلەرنى ۋ. سىمىس ۋىللىئامىس ئوقۇپ تەتقىق قىلغان ۋە ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ 2000- يىلى نيۇيوركتا نەشىر قىلدۇرغان. كۆپقىسمى قانۇن – ھوقۇققا ئائىت مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ ھۆججەتلەرنىڭمۇ كۆكتۈرك تارىخىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىلىنمىگەن تەرەپلىرىنى يورىتىپ بېرىشى شۆبھىسىزدۇر. بۇ ھۆججەتلەردىمۇ ئۇچرايدىغان قاغان، تېگىن، تارخان، تۇدۇن، ئىلتەبېر قاتارلىق ئۈنۋانلار ۋە باشقا تۈركچە ئىسملار كۆكتۈركلەرنىڭ ئافغانىستان، خوراسان ۋە شىمالىي ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخىنى يورىتىپ بىرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەنبە ھېساپلىنىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى شۇ يەرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرك ۋالىلىرىنىڭ ھېمايىسى بىلەن يېزىلغان ئىدى.

ھەقىقەتەن 20- ئەسىردە ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان ھەر خىل تېپىلمىلار كۆكتۈرك تارىخىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى يورىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ سەنئىتىگە دائىر قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بىرىدىغان تام رەسىملىرىمۇ بار ئىدى. ئاپراسىياپ، بۇنجىكەش، ۋاراشاھ، ئاچىنا تۆپە، تاۋكا تۆپە، پەنجىكەنت، شەھرىستان تام رەسىملىرى ۋە بامىيان غارىدىكى مىلادى 7- ۋە 8- ئەسىرلەرگە ئائىت تەسۋىرلەردە ئۇچرايدىغان قاغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەلچىلەر، قوغدىغۇچى قىسملار ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇراسىم كۆرۈنىشلىرى شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي ھاياتنى جانلىق ئىپادە قىلىش بىلەن بىرلىكتە كۆكتۈركلەرنىڭ ئەدەبىيات، تەسۋىرى سەنئەت، مىمارلىق، كىيىنىش، تارىنىش، قۇراللىنىش ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ. بولۇپمۇ بۇنجىكەش سارىيىدىكى تام رەسىملىرىدە بايقالغان كۆكتۈركلەرنىڭ تۈرىلىشى ھەققىدىكى <<بۆرە داستانى>> تەسۋىرلەنگەن بىر رەسىم تولىمۇ قىممەتلىك بىر ئەسەر ھېساپلىندۇ. بۇ رەسىم يۇقىرىدىن تۈۋەنگە قاراپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ سىزىلغان. ئەڭ ئۈستۈنكى قىسىمدىكى رەسىمدە بىر قاغاننىڭ(گەۋدىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى كۆرسىتىلمىگەن)تەخىتتە ئولتۇرغان، قاغاننىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يېنىدا بىر بۆرە تۇرغان، تەختنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى قىرىدا ئاشىنا قەبىلىسىنىڭ ئانىسىغا تىمسال قىلىنغان يالىغاچ بىر ئايال تىزلىنىپ ئولتۇرغان، يېنىدا يەنەبىر بۆرىنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ھالىتى، رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولسا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقنىڭ دادىدىسىغا سۇنۇلىۋاتقان كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن. ئوتتۇرىدىكى رەسىمدە پۇت ۋە قۇللىرى كىسىۋىتىلگەن تۈرك بالىسىنى بۆرىنىڭ دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ قېچىۋاتقان كۆرۈنىشى ئىشلەنگەن. ئاستىدىكى رەسىمدە بۆرىدىن تۇغۇلغان تۈرك بالىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسى بولغان ئاشۇ بۆرىنى ئىمىۋاتقان كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزبەكىستاننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە قول – پۇتلىرى كىسىك بىر ئىنساننىڭ بۆرىگە مىنگەن فىگۇرىلىرى ئۇچرايدۇ. بۇ خىل فىگۇرىلار بايقال كۆلى بويلىرىدىن تېپىلغان مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت سەنئەت ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. تۈركىي خەلقلەردە توتېم سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى مىللىي قەھرىمانلار ۋە يىتەكچى شەخسلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بۆرە ئۆزىنىڭ شىجائىتى، خاراكتېرى ۋە ياشاش ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ روھى، تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسىنى زىلزىلىگەسالغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن ئەجدات، رەھبەر ۋە قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بۆرە ئۇلاردا بىر داستان ئەدەبىياتىنى ياراتقاندىن سىرىت،سەنئەت ئەسەرلىرىدىمۇ ئەڭ مۇھىم بىر موتىفقا ئايلانغان ئىدى. ھەقىقەتەن، بۇنجىكەش سارىيىدىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادا بايقالغان بۆرىگە دائىر بارلىق تەسۋىرلەر تۈرك تەپەككۇرى ۋە مىللىي زوقىنى چۈشىنىشتە بىزنى بىۋاستە دەلىل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تارىخ 21- ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن كۆكتۈرك ئارخېئولوگىيىسىدە يەنە زور كەشپىياتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بىرى خېلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى بۇ ساھەدە مۇھىم تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كۆكتۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنجىلىك، سانائەت ۋە سەنئەتكە مۇھىم ئەسەرلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ، تۈركولوگىيە ئىلمىنى تېخىمۇ قىممەتلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئون نەچچە يىلدىن بېرى گېرمانىيە،فرانسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر موڭغۇلىيىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانماقتا. موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى تسېۋېندورجى بىلەن موڭغۇلىيە تارىخ مۇزىيىنىڭ مۇدىرى ئوچىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالاھىدە زور بولغان. تۈركىيىدە 1992- يىلى قۇرۇلغان <<تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئاگىنتلىقى >>(قىسقارتىلىپ <<تىكا>>دېيىلىدۇ)موڭغۇلىيە مەرىپەت مىنىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئورخۇن ئابىدىلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى جىددى قولغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئورخۇن ئابىدىلىرى تىكلەنگەن يەرلەرنى مەركەز قىلىپ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 2000- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە ھاككى ئاجۇن باشچىلىقىدىكى ئۆمەك موڭغۇلىيىدە قىدىرىش، ئۆلچەش، سىزىش، سۈرەتكە ئېلىش، رېمونت قىلىش، قوغداش ۋە تەتقىققىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئۆمەككە تۈرك ۋە موڭغۇللاردىن بولۇپ جەمئىي 50 كە يېقىن ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس قاتناشقان. مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۆرۈلۈپ ئۈچ پارچە بولۇپ كەتكەنبىلگە قاغان ئابىدىسى موزېيغا يۆتكەپ ئاپىرىلغان. بۇ ئابىدىنىڭ ئۇلى قىلىنغان تاش پاقا شەكىللىك ھەيكەلمۇ قېزىپ چىقىرىلغان. يەنە يېڭىدىن تېپىلغان بىر مۇنچە ھەيكەل، بالبال ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرمۇ مۇزىيغا يۆتكەپ ئاپىرىلغان. بۇ بالباللار ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت بولغان، ئۈستىگە كېپىنەك ۋە بۇقا سۈرەتلىك تامغا ئويۇلغان بىر بالبالمۇ بار.

2001 – يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملاشقان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى سائادەتتىن گۆمەچ باشچىلىق قىلغان. ئاۋۋال ئۈچ پارچە بولۇپ كەتكەن بىلگە قاغان ئابىدىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇزىيدا تاشپاقا ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە قايتىدىن تۇرغۇزۇلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىم تونيۇقۇقنىڭ قەبرىسى يېنىدا يېڭىبىر قەبرە، بىلگە قاغانبىلەن كۆل تېگىننىڭ ئابىدىسى تىكلەنگەن ئورۇندا توققۇز قەبرە بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىلگە قاغان كۇللىياتىغا مەنسۇپ بىر قەبرە قېزىلغان. قەبرىدىن تۈرك مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن بۈيۈك قىممەتكە ئىگە بىر كۆمۈش ساندۇق تېپىلغان.بۇ ساندۇقنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تۆمۈردىن ياسىلىپ ئۇنىڭ ئۈستى كۆمۈش بىلەن قاپلانغان. لېكىن، ساندۇق بىراز چۇۋۇلغان. بۇ كۈمۈش ساندۇقتىن ئالتۇن، كۆمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللاردىن ياسالغان 4500 دانە بويۇم چىققاچقا، ئالىملار ئۇنى <<بىلگە قاغان غەزىنىسى>> دەپ ئاتىغان. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆكتۈرك قاغانلىرىغا ئائىت مۇشۇنداق بىر كاتتا غەزىنىنى تېپىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق غەرپتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرىمۇ كۆپ ئىزدەنگەن. ئامېرىكا ھەتتا سۈنئىي ھەمرادا كۆزەتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن ئىدى.

بۇ غەزىنىدىكى ئالتۇن بۇيۇملار بولسا ئاساسلىقى بىلگە قاغاننىڭ قۇش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاجى، كەمەر توقىسى، ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىشلەنگەن چۆمۈچ، جام، قاچا– قۇچا، تۈگمە ۋە باشقا ھەر خىل زىبۇ — زىننەت بويۇملىرى ئىدى.

كۈمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ سانى 1850 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپىنچىسى گۈل نۇسخىلىق بىزەكلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دانە بۇغا ھەيكىلى ئالاھىدەدىققەتنى تارتىدۇ. يەنە قاچا، چۆمۈچ، كۈپ، جام قاتارلىق مۇراسىم بويۇملىرىمۇ بار ئىدى. بۇ بۇيۇملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىسىل تاشلار، قىممەتلىك مىتالدىن ياسالغان نەرسىلەر ۋە تۈرلۈك ئورگانىك بۇيۇملارنىڭ قالدۇقلىرى (توقۇلما رەختلەر، كۆمۈر، سۆكەڭ پارچىلىرى) بار. كۆمۈش بۇيۇملار ئىچىدە يەنە سۇنۇق ۋە ئىرىپ كەتكەن كارتلار، لەھۋە ۋەسىملارمۇ بار. بۇلاردىن باشقا كۆمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ۋە ئۈستىگە زىننەت چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىگەن بىرونزى مىخلار ۋە مۇراسىمغا ئائىت بىر مەنىنى ئىپادە قىلىدىغان ئىرىپ كەتكەن قۇغۇشۇن بۇيۇملارمۇ بار ئىدى.

<<بىلگە قاغان غەزىنىسى>>نىڭ تېپىلىشى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە زۇر تەسىر قوزغىدى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ تېپىلمىلار ھازىر موڭغۇلىيە تارىخ موزىيىنىڭ تۈرك مەدەنىيەت بايلىقلىرى زالىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

يازما مەنبەلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ساكلار، ھۇنلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۆكتۈركلەردىمۇ ئالتۇنچىلىق سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. ئالتۇن ئۇلارنىڭ قۇرال – سايمانلىرىدا ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەن. ھۆكۈمدار ئوردىسىدىكى نەرسىلەرمۇ ئاساسەن ئالتۇندىن ياسالغان،شۇ ۋەجىدىن ھۆكۈمدارنىڭ تۇرىدىغان چىدىرى <<ئالتۇن ئوتاغ>>(ئالتۇن چىدىر) دەپ ئاتالغان. شەرقى يرىم ئەلچىسى زىماركوس بىلەن تاڭ سۇلاسىنىڭ مەشھۇر راھىپى شۈەنزاڭمۇ غەربىي كۆكتۈركلەرنىڭ ئوردىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ساپلا ئالتۇندىن ياسالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. <<بىلگە قاغان غەزىنىسى>>نىڭ بايقىلىشى بۇ ھەقتىكى يازما مەنبەلەرنى ماددىي ئاساسلار بىلەن دەلىللىگىنىدەك، 1997- يىلى موڭغۇلكۆرە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى پوما تېغى ئېتىگىدە كۆكتۈركلەرگە ئائىت بىر قەبرىدىن تېپىلغان بىرتۈركۈم يادىكارلىقلارمۇ ئىلىم ساھەسىنى كۆكتۈركلەرنىڭ ئالتۇنچىلىق سانائىتى ھەققىدە يەنە بىر مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يادىكارلىقلار ئىچىدىكى قىزىل ياقۇت قۇيۇلغان ئالتۇن نىقاپ، قىزىل ياقۇت قوندۇرۇلغان قاپقاقلىق ئالتۇن كومزەك،قىزىل ھېقىق بىلەن نەقىشلەنگەن يولۋاس ساپلىق ئالتۇن لوڭقا، قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك ۋە ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنگەن تاق قۇلاقلىق كوزا قاتارلىقلار قەدىمكى ئىران، شەرقىي رىم ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكسەنئىتىدىن تۈپتىن پەرقلىقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تىپىنى تەشكىل قىلغانۋە تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- مىڭ يىللارغا قەدەر تاقىلىدىغان <<مىتال ھۈنەر سەنئىتى>>نىڭ 6-8- ئەسىرلەردىكى تەرەقققىيات باسقۇچىدىن بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم ئۆرنەكلەردۇر.

2001- يىلى تۈركىيە ئالىملىرى <<بىلگە قاغاننىڭ غەزىنىسى>>نى تاپقان مەزگىلدە موڭغۇلىيەئالىملىرى بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلىنى تاپقانلىقىنى ئىلان قىلدى.موڭغۇلىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن كۆل تېگىن جەمئىيىتىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئۆمىكى شۇ يىلى ئۇلانباتورنىڭ غەربىي شىمالى تەرىپىدىن 365 كلومېتىر كىلدىغان رايوندىكى ئورخۇن ئابىدىلىرى تىكلەنگەن يەردە مەركەزلىك ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش موڭغۇلىيە ئانود بانكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئىرىشكەن. موڭغۇلىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە — ئانتروپولوگىيە بۆلۈمىدىن 30 كىشى قاتناشقان بۇ ئۆمەككە مەشھۇر ئارخېئولوگ بور جۇگدېر باشچىلىق قىلغان. ئۆمەكنىڭ تەركىۋىدە يەنەموڭغۇلىيىنىڭ نوپۇزلۇق ئارخېئولوگى، پروفېسسور، دوكتۇر باسايخان زاگدمۇ بار ئىدى. 2001- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئارخانگاي ۋىلايىتىنىڭ ھاشات ناھىيىسى تەۋەسىدىكى شېۋىت قۇرغانىدا قېدىرىشنى باشلىغان. بىلگە قاغان بىلەنكۆل تېگىن ئابىدىسىدىن ئىككى كلومېتىر يىراقلىقتىكى شېۋىت قورغىنىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە قولغا كەلگەن ئەڭ زور نەتىجە بىلگە قاغان ھەيكىلىنىڭ تېپىلىشى ئىدى. بور جۇگدېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قورغان ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئىككى چوڭ ئۆيدىن تەشكىل تاپقان، سىرتقى تېمىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 36 مېتىر، ئىچكى تېمىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 24 مېتىر بولۇپ، بۇ ھازىرغا قەدەر دۇنيادا بايقالغان ئەڭ چوڭ قورغان ھېساپلىنىدۇ. موڭغۇلىيە ئالىملىرى تەكشۈرۈشنى باشلاپ شېۋىت قورغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىنى قازغاندىن كېيىن بىر ھەيكەلنىڭ ئاياق قىسمىنى تاپقان. دەستلەپتە بۇ ھەيكەل پارچىسىنىڭ قايسى دەۋرگە ۋە كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر قاراشقا كىلەلمىگەن. كېيىن تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن ھەيكەلنىڭ باش ۋە گەۋدە قىسىملىرىمۇ تېپىلغان. ئالىملار ھەيكەلنىڭ ھەر قايسى پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ئاندىن كېيىن بۇنىڭ بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. مەرمەر تاشتىن ياسالغان بۇ ھەيكەلدە بىلگە قاغان بەدەشقان قۇرۇپ، ئوك قولىدا قەدەھ تۇتقان، سول قولىنى سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە قويغان قىياپەتتە تەسۋىرلەنگەن. بور جۇگدېر بۇنىنىمە ئۈچۈن بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: <<ئورخۇن ۋادىسى كۆكتۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىدۇر. بىز تاپقان ھەيكەل بىلگە قاغان بىلەن كۆل تېگىن ئابىدىلىرىگە ناھايىتى يېقىن بىر يەردە بايقالدى. بىز قېدىرىش ئېلىپ بارغان شېۋىت قورغىنى بىلەن ئابىدىلەرنىڭ ئارىلىقى پەقەت ئىككى كلومېتىرلا كېلىدۇ. ھەيكەلدە تابغاچ سەنئىتىنىڭ ئىزلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەيكەلنى ياساشتا تۈرك نەسىللىك يەنە بىر خەلق تابغاچلارنىڭمۇ ياردىمىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇ ھەيكەلنى بىلگە قاغانغا ئائىت دەپ قارىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ھەيكەل بېشىدا بۆرك يوق قىياپەتتە ئىشلەنگەن.>> تەخمىنەن بىر مېتىر 40 سانتىمېتىر ئىگىزلىكتە ئىشلەنگەن بۇ ھەيكەل ھازىر شۇ يەرگە يېقىن يەردىكى بىر لاگىردا قوغدىلىۋاتىدۇ. بىلگە قاغان ھەيكىلىنىڭ پارچە ھالەتتە بىر قانچە ئورۇندىن تېپىلىشى شېۋىت قورغىنىنىڭ ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئېچىلىپ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.مۇشۇنداق بوزغۇنچىلىق نەتىجىسىدە ھەيكەلنىڭ بۇرۇن قىسمىمۇ بىراز زەھمىلەنگەن.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، 1958- يىلىدىن كېيىن ئورخۇن ۋادىسىدىن كۆك تېگىن ھەيكىلىنىڭ باش قىسمى، ئۇنىڭ خانىشىنىڭ ئولتۇرغان قىياپەتتىكى ھەيكىلىنىڭ گەۋدىسى ۋە ئېغىز، بۇرۇن، ئىڭەك قىسملىرى، باشسىز بىر ھەيكەل، قوشقار، ئارسلان ۋە تاشپاقا ھەيكەللىرى تېپىلغان. ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى بارىسغاندىنمۇ كۆكتۈركلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئەر ۋە ئايال ھەيكەللىرى تېپىلغان. بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى گەرچە پارچىلانغان ھالەتتە تېپىلغان بولسىمۇ، پۈتۈن گەۋدىسى تولۇق ساقلانغان. بۇنىڭدىن باشقا ئورخۇن ۋادىسىدىن تېپىلغان بەزى ئابىدىلەرنىڭ ئۈستىدە ئادەم، بۆرە، بۇغا، بۈركۈت ۋە ئەجدەرھا قاتارلىقلارنىڭ قاپارتمىلىق تەسۋىرلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇلار كۆكتۈركلەرنىڭ ھايات چۈشەنچىسى، ھوقۇق ئېڭى، بەدىئىي زوقى ۋە تەسۋىرىي سەنئىتىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

كۆكتۈركلەرگە ئائىت مېتال پۇللارنىڭ تېپىىشى كۆكتۈرك ئارخېئولوگىيسىدىكى يەنە بىر مۇھىم كەشپىياتتۇر. بەزى ئالىملار تۈركىي خەلقلەردە مىلادىدىن بۇرۇنلا ئالتۇن، كۆمۈشتىن قويۇلغان ۋە <<سىتىر>>دېگەن نامدا ئاتالغان مىتال پۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدىكى ئىسىلماللار سودىسىدا مۇھىم قىممەت ئۆلچىمى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كۆكتۈركلەر دەۋرىدىمۇ ئالتۇن، كۆمۈش، مىس، برونزى ۋە تۆمۈردىن قويۇلغان مېتال پۇللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يازما مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار بار. بۇ دەۋردە كۆمۈش پۇل <<ئاقچا>> دېگەن نامدا ئاتالغانىدى. ھانىس ۋېلھىم خائۇسىگ<<يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كۈلتۈرتارىخى>> دېگەنئەسىرىدە كۆكتۈركلەرنىڭ خەنزۇ قاتارلىق قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان سودىدا دىسكا شەكىلدە كىسىلگەن كۆمۈش پۇللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە كۆمۈش كاسە قاتارلىقلارنىمۇ ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمەلىيەتتىمۇ شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىدا يىتەكچى ئورۇندا تۇرغان ۋە يىپەك يولىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ ئىلكىدە تۇتقان كۆكتۈركلەر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر خىل پۇللارنى قۇيدۇرغان ئىدى. ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە ئۈستىگە سوغدى، باكتىرىيە ۋە پەھلىۋى يېزىقىدا قاغان، قاتۇن، تېگىن، تۇدۇن، تارخان ۋە ئېلتەبېر دېگەنگە ئوخشاش كۆكتۈركلەرگە خاس ئۇنۋان ناملىرى چۈشۈرۈلگەن مېتال پۇللار تېپىلغان. بۇ پۇللار ئۈستىدە گەرچە ئو. سىمىرنوۋا، ئې. رتۋېلادزې ۋە ل. باراتوف قاتارلىقلار تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ئومۇمىي بىر تەتقىقات نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقمىغاچقا، بۇنىڭ كۆكتۈرك تارىخىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئەھمىيىتىمۇ تولۇق يورىتىلماي قالدى. بۇنىڭدىن باشقا يېقىندا ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن يەنە كۆكتۈركلەرگە ئائىت ھەر خىل مېتال پۇللار تېپىلغان. تەكشۈرۈش داۋامىدا قولغا چۈشكەن مىتال پۇل جەمئىي 104 تال بولۇپ، بۇلار 2006 – يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كونفرانىستا كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىغا قاغاننىڭ، چۆرىسىگە ئۈچ دانە ئاي– يۇلتۇزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پۇلمۇ بار. مىلادى 576- 600- يىللار ئارىسىدا سوقتۇرۇلغانلىقى ئالغا سۈرۈلىۋاتقان بۇ مېتال پۇللار كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسى، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە پۇل– مۇئامىلە ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بىرىش بىلەن بىرلىكتە تۈرك سەنئىتىدە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئاي– يۇلتۇزنىڭ مۇھىم بىر موتىفقا ئايلانغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى. تارىخچىلار تەرىپىدىن ئورخۇن ئابىدىلىرىگە ئوخشاش يۇقىرى قىممەتكە ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان بۇ مېتال پۇللار ھازىر ئۆزبەك ئالىمى، دوكتۇر گايبۇللاخ بابايار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنماقتا.

پايدىلانغان ماتېرىياللار

يىلماز ئۆزتۇنا:<<بۈيۈك تۈركىيە تارىخى>>، تۈركچە، 1- توم،82-بەت، 1977- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
<<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<ئۇيغۇر سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە، 33-توم، 132-بەت، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
<<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<تۈرك سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم، 2- قىسىم، 268- بەت، 1988- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
ئالى ئۆزتۈرك:<<ئۆتۈكەن تۈركئابىدىلىرى>>، تۈركچە، 127-، 128-، 132-، 137-، 138- بەتلەر، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
ياشار چورۇھلۇ:<<دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئىلىپبەسى>>، تۈركچە، 95-،96- بەتلەر، 1998-يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
<<بىلگە قاغان غەزىنىسى يورۇقلۇققا چىقىرىلدى>>، <<ئورخۇن>> ژورنىلىنىڭ باش ماقالىسى، 2001- يىلى، 43- سان.
سائادەتتىن گۆمەچ:<<بىلگە قاغان كۇللىياتىدىكى ئابىدە قەبرە>>، <<ئورخۇن>> ژورنىلى، تۈركچە، 2001 -يىلى ، 44-سان.
سائادەتتىن گۆمەچ :<<تۈرك تارىخىنىڭ قەھرىمانلىرى — بىلگە قاغان>>، <<ئورخۇن>> ژورنىلى، تۈركچە، 2004- يىلى، 74- سان.
سائادەتتىن گۆمەچ :<<تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئانا خەتلىرى>>، تۈركچە،69-، 145-،338-بەتلەر، 2006-يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
ھانىس ۋېلھىم خائۇسىگ :<<يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 199-بەت، 2001-يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
<<بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى تېپىلدى>>،تۈركچە،http:/www.yenicaggazetesi.com.tr سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
<<1500يىللىق ئاي – يۇلتۇزلۇق تۈرك پۇلى>>، تۈركچە،http:/www.milliyetciforum.com.tr سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

يېڭىدىن تېپىلغان كۆكتۈركلەرگە ئائىت مىتال پۇللار

<<بىلگە قاغان غەزىنىسى>>دىن چىققان بەزى بويۇملار:

بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى

كۆل تېگىن ھەيكىلىنىڭ باش قىسمى

بىلگە قاغاننىڭ ئەنقا قۇشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن تاجى

كۆمۈشتىن ياسالغان بۇغا ھەيكىلى

ئالتۇندىن ياسالغان مۇراسىم قاچىلىرى

ئالتۇندىن ياسالغان كەمەر پارچىسى

ھەر خىل نۇسخىلىق كۆمۈش قاقمىلار

پومادىن تېپىلغان قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك
پومادىن تېپىلغان قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك
پومادىنتېپىلغان قىزىك ياقۇت قوندۇرۇلغان قاپقاقلىق ئالتۇن كومزەك
پومادىنتېپىلغان قىزىك ياقۇت قوندۇرۇلغان قاپقاقلىق ئالتۇن كومزەك
 پومادىن تېپىلغان ئۈستىگە قىزىل ياقۇت قۇيۇلغان ئالتۇن نىقاپ
پومادىن تېپىلغان ئۈستىگە قىزىل ياقۇت قۇيۇلغان ئالتۇن نىقاپ