مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى

( ئەدەبىي ئاخبارات )

پلانلىغۇچى: قادىر مەخسۇت، مۇسا ئەھەد، ئىمىرھەسەن مەخمۇت

خاسلىق ھەققىدە مۇلاھىزە

بىر قارىساق جاھاندىكى خىلمۇخىل مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى بىزنى ئۆزلۈك، خاسلىقىمىزدىن بارغانچە يىراقلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقاندەك؛ يەنە بىر قارىساق ئاۋام ئارىسىدا يىمىرىلمەس يىلتىز تارتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى؛ تالاي ئەسىرلەر مابەينىدە قىممەتلىك مىراس بولۇپ ساقلىنىۋاتقان ئۇلۇغلۇقلار؛ ئەۋلادلار قېزىشنى كۈتۈپ ياتقان گۆھەرلەر؛ ئۆزىمىزدىن ھالقىپ دۇنياغا كۆز تىكسەك، مەدەنىيەت خاسلىقى ئىزدەۋاتقان ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاۋاتقان دۇنيا…
جاھان سىرلىرىنى ئۆز قوينىدا بېسىپ ياتقان تەكلىماكان؛ چەكسىز قۇملۇق قوينىدا بوستانلىق مەدەنىيىتى ياراتقان خەلق؛ مۆجىزىدەك بەرپا قىلىنغان مىڭ ئۆيلەر؛ جاھان سودىسىنى بىر-بىرىگە ئۇلىغان يىپەك يولى، ئەجدادلار يۈرىكىنى قاندۇرغان كارىز، دۇنيا قايتا تونۇپ ئۆز قانات-قۇيرۇقى ئاستىغا ئالغان مۇقاملار؛زامان-زامانلىرىمىزنىڭ ئەينىكى خەلق قوشاقلىرى، خەلق ئاھاڭلىرى، قول ھۈنەر سەنئىتىدىن ئىبارەت تېخى ئېچىلمىغان قويۇق مەدەنىيەت مۇھىتى-مانا بۇ خاسلىق بىزنى ئوراپ تۇرۇپتۇ.
ئۇيغۇر يىمەك-ئېچمەك ساھەسىدە تېز تاماقخانلارنىڭ بۈگۈنكى يۈزلىنىشىگە ئاساس سالغان «مىراج» تېز تاماقخانىسىنىڭ دىرېكتورى كېرەم ئاتۇش ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىمدە ئۇ ماڭا: «بالا چاغلىرىمدىن باشلاپلا سودىغا كىرىشتىم، بارا-بارا ئىلگىرىلەپ قەدەملىرىم خېلى كۆپ دۆلەتلەرگە يەتتى. ئۇيان يۈرۈپ، بۇيان يۈرۈپ خېلى كۆپ سودىلارنى قىلدىم. دۇنيا سودا-سېتىق بازارلىرىنى ئايلاندىم. ئاقىۋەت رېئاللىق ماڭا ھەركىم، ھەر بىر مىللەت ئۆز خاسلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ۋايىغا يەتكۈزەلىگەندىلا دۇنيا ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تونۇتتى، شۇڭا مەن ئىشنى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن تېز تاماقخانا يولى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن‹ئەنجۈر› تېز تاماقخانىسىنى ئاچتىم» دېگەنىدى.
90-يىللىرىدا بىر ياپونىيىلىك قولدا توقۇلغان، سۈنئىي بوياق ئىشلىتىلمىگەن ئەڭ ئىپتىدائىي ئەتلەسنى ئىزدەپ خوتەنگە كەلگەن. ئىزدە-ئىزدە ئاخىر مۇنداق ئەتلەسنى تاپالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجادچىلىرىنىڭ ۋارىسلىرىنى تاپقان. ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرى توقۇغانغا ئوخشاش ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا توقۇلغان، سۈنئىي بوياقلار ئىشلىتىلمىگەن ئەتلەسنى توقۇپ بېرىشنى تاپىلىغان ھەمدە مۇنداق ئەتلەسنى قانچىلىك توقۇسا ھەممىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ زاكالەت پۇلى بەرگەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتقان. بىراق، بۇ خىل قەدىمىي قول ھۈنەر سەنئىتى بولغان ئەتلەسلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، توقۇلۇپ بولۇشىلا ئۇدۇللۇق تۈگەپ كەتكەن. خېلى مەزگىللەرگىچە ھېلىقى ياپونىيىلىككە ئەتلەس توقۇپ بېرىش ئىشقا ئاشمىغان. بۇ خىل بازارنى كۆرگەن كىشىلەر ئىلھاملىنىپ شۇ يېزىدا مەخسۇس قول بىلەن ئەتلەس توقۇش قىزغىنلىقى بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۇنتۇلغان بىر قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك قايتا جانلىنىشقا باشلىغان.
ئەسىرلەر بويى تەكلىماكان باغرىدا مەشرەپ سالغان دولان مۇقامچىلىرى دۇنيا مەدەنىيەت كۆزنىكى پارىژدا ئۇلۇغلاندى. مۇقام گۈلخانىلىرىنىڭ ئوتلۇق لاۋۇلداشلىرىدىن دۇنيا تەكلىماكاننى، ئۇنىڭ باغرىدىكى سەنئەتكە كۆيگەن خەلقنى كۆردى.
2005-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت، مائارىپ مەركىزىي ئۆز قامۇسىنىڭ گۆھەر بەتلىرىدىن ئۇيغۇر 12 مۇقامى، دولان مۇقامى، تۇرپان، قۇمۇل مۇقاملىرىغا ئورۇن بەردى. يۈرەكلەر تېپچەكلەپ، كۆز چاناقلىرىمىزغا ياش تولغىنىدا، دۇنيا ئۆز قوينىغا ئالغۇدەك شۇنداق بىر خاسلىقىمىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەندۇق، سۆيۈندۇق، ئەلۋەتتە…
ئامېرىكىلىقلار تىلغا ئېلىنسا، ھەممىنىڭ كاللىسىغا ئارىلاشما مەدەنىيەت يۇغۇرۇلمىسىدا ئورتاق يول، تەرەققىيات يارىتىۋاتقان بىر توپ كېلىدۇ؛ ياپونلار پەن-تېخنىكا، جۈملىدىن ئېلېكترون يېڭىلىقلىرى بىلەن ھەممىگە ئايان، سودا-سېتىقتىكى ماھىرلىق، خاسلىق يەھۇدىيلارنى دۇنياغا تونۇتقان؛ زۇڭتۇڭغىمۇ پوتبۇل بىلىش تەلىپى قويىدىغان خەلق كىم؟ دەپ سوئال قويۇلسا برازىيىلىكلەر دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. ھىندىلارنىڭ كۈنىگە نەچچە فىلىم ئىشلەيدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ، نېگىرلار دۇنياغا خۇددى تەنتەربىيە ئۈچۈن يارالغاندەك تەنتەربىيە مۇنبىرىگە يامرىغان؛ بەرھەق دۇنيادا ھەر بىر مىللەت ئۆزىگە بېسىلغان خاسلىق بىلەن جۇلالىنىدۇ…
تارىختىن بۈگۈنگە ئۇلانغان خاسلىقلىرىمىزغا بىر قۇر نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، يوقىلىش گىردابىدا ئىڭراۋاتقانلىرىنىمۇ، ئەۋلادلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى كۈتۈپ ياتقانلىرىنىمۇ، ئارىلاش مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىرىنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئەمما، ئۇزۇن زامانلاردىن تا بۈگۈنگىچە بىزنى جۇلالاندۇرغان، بىزنى جاھان مەدەنىيىتىدە يېگانە قىلغان خاسلىق يەنىلا يېمەك-ئىچمەك سەنئىتى بىلەن سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز. مانا بۈگۈن ئەجدادلار ياراتقان مۇقام، خەلق سەنئىتىنىڭ گۈلخانلىرى دۇنيا سەھنىسىدە قايتىدىن ياندى.
ئۇچۇرلىشىش، سانائەتلىشىش 20-ئەسىرگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئۇچۇر قۇدرىتى ھەش-پەش دېگۈچە پايانسىز جاھاننى كىچىككىنە كەنتكە ئايلاندۇردى. دۇنيا، ۋاقىت، ھاياتلىق، جۈملىدىن مەۋجۇدات ئۆزىنى نۇر كابىلىدا، ئېلېكتر دولقۇنلىرىدا، زەررىچىلەردە يېڭىلىدى، نۇسخىلىدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ ھەيران بولدۇق، قايىل بولدۇق. بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز ئۇرۇنۇش، كۈچلۈك يانغىن ئالدىدىكى ئۇچقۇنداش بولدىكى، لاۋۇلداپ يانالمىدۇق…
ھارماس جەڭ ئاتلىرىنىڭ تەكلىماكان، تارىم بويلىرىغا قاراپ چاپقان تېۋىشىدىن بىر خىل مۇزىكىلىق، كۈچلۈك ئۇدارنى قەلبىگە چەككەن قوۋمنىڭ كېيىنكى چاغلىرى سەنئەت ئاشىقلىقىدا ئۆتتى. تەكلىماكان قۇملىرىنى ئۇيان-بۇيان سۆرەپ، غالىبلىقتىن ھۆركىرىگەن بوران ئۇلارغا مۇزىكا بولۇپ بىلىندى؛ بوراندىن كېيىنكى قۇم دولقۇنلىرى، ئاجايىپ مەنزىرە ئۇلاردا رەسساملىق تۇيغۇلىرىنى ئويغاتتى؛ تەكلىماكان باغرىنى داغلىغان قۇياش، كېچە ئاسمىنىدىكى ئاي، قۇم دانچىلىرى بىلەن كۆپلۈك تالىشىۋاتقان يۇلتۇزلار ئۇلارغا شېئىر بولۇپ كۆرۈندى؛ قۇم جىسمىغا ھارارەت، بوستانلىق ئاتا قىلىش يولىدىكى كۈرەش ئۇلار قەلبىگە يېڭى-يېڭى كۈيلەرنى قاتتى؛ تەكلىماكاندا يانغان سەنئەت گۈلخانىلىرى بۈگۈنمۇ ياندى، يانغاندىمۇ ئۆزىمىزدىن ھالقىپ دۇنيا سەھنىسىدە ياندى. يۇرت-يۇرتلاردا، مەھەللە-كويلاردا، ھەتتاكى ئۆيلەردە سەنئەت ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەر بىر مىنۇتمۇ توختىمىدى. مانا بۈگۈن سەنئەت ئىسلاھاتچىلىرى، سەنئەت ئىز باسارلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان يېڭىلىقلىرى ھەممىدىن ئېشىپ چۈشتى. بىز ئۆزىمىزنى چۈشەندۇق. كۈلكىمىز سەنئەت بىلەن پۈتۈلگەن، يىغىمىزغىمۇ سەنئەت پۈتۈلگەن، مانا بۇ بىز. بىزنىڭ مۇنداق دېيىشىمىز، ئۆز سەنئىتىمىزنى مەھەللىۋى سەنئەت دەرىجىسىدىلا چەكلەپ قويۇش ياكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولغان سىگانلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، سىرلىق جەلپكارلىقى، ئۆزگىچىلىكى بىلەن دۇنيادا يېگانە تۇرىۋاتقان سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ھەمدە مەدەنىيەت جەھەتتىكى خاسلىقىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئۆزىمىزگە مۇناسىپ ئورنىمىزنى تېپىش ئىستىكى بىلەن ئېيتىلغان.
ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى «21-ئەسر مەدەنىيەت ئەسىرى، قايسى دۆلەت مەدەنىيەتتە كۈچلۈك بولىدىكەن، شۇ دۆلەت كۈچلۈك سانىلىدۇ» دېگەن ئورتاق قاراشقا كەلگەن. نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندا، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يىللىق ئېشىپ بېرىش نىسبىتى %6 بولسا، باشقا كەسىپلەرنىڭ %3 بولماقتا. ھازىر ئامېرىكا، ياپونىيە دۇنيادىكى مەدەنىيەت كەسىپلىرىدە كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىنىپ، بۇ دۆلەتلەر ئىگىلىگەن مەدەنىيەت بازىرى دۇنيا بازىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئامېرىكىدا 20 يىل ئىلگىرى خەلق ئىگىلىكىدە 20-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن مەدەنىيەت كەسپى بۈگۈنكى كۈندە 4-ئورۇنغا ئۆتكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايلىق يارىتىدىغان ئىگىلىككە ئايلانغان. ئامېرىكىنىڭ 400 ئەمەلىي كۈچى بار شىركەتنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت كارخانىلىرى تۆتتىن بىر ئۆلۈشنى ئىگىلىگەن. ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇنيانىڭ %75 تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ۋە %60 رادىئو پروگراممىلىرىنىڭ ئىشلەش ۋە ئىشلەپ چىقىرىشىنى كونترول قىلىپ بولغان. ھوللىۋودتا ئىشلەنگەن كىنو پۈتۈن دۇنيادىكى كىنولارنىڭ %80 ىنى ئىگىلىگەن. ئامېرىكا كارتون فىلىملىرىنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا كېمىسازلىق كەسپىنىڭ دائىرىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدىن بېيىتىش سىياسىتى ئايرىم كىشىلەرنىڭ شۇ كىشىلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رايون، ساھەلەرگىمۇ گۈللىنىش ئېلىپ كەلدى. سەنئەتنىڭ تاۋارلىق قىممىتىدىن ئىگىلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى بۇ ساھەدىكى كىشىلەرنىمۇ يېڭى بىر بايلار قاتارىغا كىرگۈزدى. ئالايلۇق:
2005-يىلى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى جۇڭگولۇق 10 چولپاننىڭ رەت تەرتىپى تۇرغۇزۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چولپاننىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ھالقىغان. چېڭ لۇڭ 230 مىليون يۈەنلىك يىللىق كىرىمى بىلەن 1-ئورۇندا، ليۇ دېخۇا 107 مىليون يۈەنلىك يىللىق كىرىمى بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان. چېڭ خۇيلىن 75 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان. جۇ جېلۇن 59 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 4-ئورۇندا تۇرغان. رۇڭ زۇئېر 59 مىليون يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 5-ئورۇندا تۇرغان.TWINS 53 مىليۇن يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 6-ئورۇندا تۇرغان. S.H.E 40 مىليۇن يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 8-ئورۇندا تۇرغان. جاڭ زىيى 38 مىليون يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 9-ئورۇندا تۇرغان. سەي يىلىن 36 مىليون يۈەنلىك كىرىمى بىلەن 10-ئورۇندا تۇرغان. بۇ چولپانلارنىڭ ھەقلىنىشىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چولپانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تونۇلۇشى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، رېژىسسور، سېنارىست، ئوپېراتور، مۇلازىمەتچى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەقىل-پاراسەتنىڭ بىر گەۋدىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تونۇلغان بىر چولپان ئارقىلىق يەنە نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

كورىيە فىلىملىرى داۋرىڭىدىن ئۆز فىلىملىرىمىزغا نەزەر

يېقىنقى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كورىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن بىرنەچچىسى تەرجىمە قىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بولۇپمۇ «يەنە بىر كۆرسەم»، «مۇنچا خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەرلەر» دېگەن فىلىملەرنى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئالدىراش ۋاقىتلىرىنى قۇربان قىلىپ بېرىلىپ كۆردى. باشقا فىلىملەر بولسا بىر يانغا قايرىلىپ قالدى. كورىيە فىلىملىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە، تەخمىنلەر ئولتۇرۇش ۋە ھەرخىل سورۇنلاردا ئاساسلىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. بىزدە كورىيە فىلىم مەستانىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كورىيە دېگەن نامنى ئاڭلىساق، ھەممىمىزنىڭ چېھرىگە كۈلكە يامىشىدىغان، كۆز ئالدىمىزغا كىنولاردىكى يۈنجۇ، كۈنجۇ، ۋاڭ كېفىڭ دېگەندەك ئوبرازلار كېلىدىغان بولدى.
ئەلۋەتتە، كورىيە فىلىملىرىغا مەستانە بولغۇچىلار بىزلا ئەمەس، ئىچكى ئۆلكىلەردە 1997-يىلىدىن باشلاپلا كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنىدى. 2003-يىلى بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ كورىيە فىلىملىرى توغرىسىدىكى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، كورىيە فىلىملىرىنىڭ بازار تېپىشىنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنغان. بولۇپمۇ «مۇنچا خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەرلەر» دېگەن فىلىم قويۇلغاندا تېخىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ھەتتا «جۇڭگو تېلېۋىزىيە گېزىتى»نىڭ بەتلىرى مۇشۇ فىلىم توغرىسىدىكى باھالار بىلەن تولۇپ كەتكەن.
ھازىر كورىيە فىلىملىرىنىڭ دۆلەت ھالقىشى تېخىمۇ تېزلەشمەكتە. مەسىلەن، 2001 -يىلى كورىيىنىڭ 175 فىلىمى دۆلەت ھالقىغان بولسا، 2002-يىلى دۆلەت ھالقىغان فىلىم 230غا يەتكەن، كورىيە بۇ ئېشىش نىسبىتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە. مىسىر، ئىراق، تۈركىيە، ھەتتا ئىران، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاھالىلىرىمۇ كورىيە فىلىملىرىنى قىزىقىپ كۆرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە كورىيە فىلىملىرى خەلقئارا كىنو سەھنىلىرىدە زور ئالقىشلارغا ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، ئاسىيا كىنوچىلىقىنىڭ يېڭى بايراقدارى، مەشئىلى دەپ قارالماقتا. دېمەك، كورىيە فىلىملىرىنى بىزلا ئەمەس، باشقا ئەللەرمۇ قىزىقىپ كۆرمەكتە.
كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بىزنى جەلپ قىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ فىلىملەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىزنىڭ كەيپىيات، خاراكتېرىمىزگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. فىلىملەردە مۇھەببەت، تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تېما ئاساس قىلىنىدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى ھىجران ئازابى ۋە ۋىسال شادلىقى، ھەقىقىي مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدۇ. كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدە باش پېرسوناژ ئەتىگە ھەمىشە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. نۇرغۇن ياشلار كورىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، تىرىشچانلىق ئارقىلىقلا قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.
كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى مەزمۇن مۇنداقلا قارىغاندا ئادەتتىكى ھېكايە. ئەمما، ئەستايىدىلراق قارىغاندا، ئۇنىڭدا كورىيە مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقەلەر ساغلام، تەبىئىي، كۆپتۈرۈۋېتىلمىگەن. مانا بۇ ئىزچىل ئالقىشلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
«يەنە بىر كۆرسەم» دېگەن فىلىمدىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئاتا-ئانىنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ۋاپادارلىق…دېگەندەك ئېسىل ئەنئەنە، پەزىلەت، گۈزەل ئەخلاق بىزدىمۇ بار بولغان، ئەمما ھازىر بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان تەرەپ ئىدى. كىشىلەر كورىيە فىلىملىرىدىن ئۆزى يوقىتىۋاتقان، ئىزدەۋاتقان تەرەپلەرنى كۆردى، بايقىدى، ئويلاندى، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا، بۇ فىلىملەر قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
ئەلۋەتتە، بىز ھازىر ئىشلىنىۋاتقان فىلىملىرىمىزنى كورىيە فىلىملىرىغا سېلىشتۇرالمايمىز. چۈنكى، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى تېخى مايسا ھالىتىدە تۇرماقتا. شۇڭا، ئۇنى پەرۋىش قىلىش، يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش كېرەك. ئەلۋەتتە كورىيە كىنوچىلىقىمۇ بىر كېچىدىلا بۇنداق يېتىلىپ نام قازىنىپ كەتكەن ئەمەس. يۈز مىليارد ۋونلاپ مەبلەغ سېلىنغان «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» دېگەندەك فىلىملەر چوڭ ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن. كېيىن ئۇلار بۇنىڭدىكى سەۋەبنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغان ھەم يەنە مەغلۇپ بولماسلىق ئۈچۈن يېڭىچە يول تۇتۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ نادىر فىلىم ئىشلەش دولقۇنىنى قوزغىغان. نەتىجىدە ھۆكۈمەتمۇ، ئاۋام خەلقمۇ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

كورىيە ھۆكۈمىتى كورىيە فىلىملىرىنىڭ ھازىرقىدەك دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كورىيە فىلىم شىركەتلىرى بىلەن چەت ئەل فىلىم شىركەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ، چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەردى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرمۇ ئۆز فىلىملىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئىشلىنىپ چىقىشىغا ئەھمىيەت بەردى. ھۆكۈمەتمۇ قانۇنسىز كۆپەيتىشكە نىسبەتەن قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، جىنايىتى ئېغىر بولغانلارنى ئۈچ يىل تۈرمىگە قاماش، 50 مىليون ۋوندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇش دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن سېلىنىدىغان مەبلەغ يىلسېرى كۆپىيىپ، 1997-يىلى 21 ترىليون 500 مىليارد ۋون بولغان بولسا، 2003-يىلى 43 تىرىليون 80 مىليارد ۋوندىن ئېشىپ كەتتى. كورىيە خەلقىمۇ ئۆز فىلىملىرىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى. مەسىلەن، 2004-يىلى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە جۇڭگونىڭ بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان بولسا، 74 مىليون 380 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كورىيىنىڭ بېلەت كىرىمى 7 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.
كورىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس مىللىي روھ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئىپادىلەنگەن فىلىملار ئۈچۈن ھەر يىلى مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم قىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدە كىنو قويۇش تۈزۈمى بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى كىنوخانىلاردا، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كورىيە فىلىملىرىنىڭ قويۇلۇش نىسبىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدە 126 كۈندىن تۆۋەن بولماسلىقى بەلگىلەنگەن. كورىيە ھۈكۈمىتى يەنە ئۆز فىلىملىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە فېستىۋالنى تەسىس قىلغان:
(1) فۇشەن كىنو فېستىۋالى. بۇ فېستىۋال 1996-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى 10-ئايدا تارقىتىلىدۇ. ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىلار فۇشەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلار ۋە كارخانىچىلاردىن ئىبارەت. بۇ فېستىۋال كورىيە كىنوچىلىقىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
(2) جىنجۇۋ خەلقئارالىق كىنو-فىلىم فېستىۋالى. بۇ فېستىۋال كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى 4-ئاي ئەتراپىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ فېستىۋالدا ئاساسلىقى رەقەملىك كىنو-فىلىملەر ۋە سۈرەتلەر كۆزگەرمە قىلىنىدۇ.
(3) فۇچۈەن كىنو-فىلىم فېستىۋالى. بۇ فېستىۋال 1997-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، فانتازىيىلىك فىلىملەر ئاساس قىلىنىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، كورىيىدە يىلىغا 550 دىن 600 گىچە فىلىم ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنىدىكەن. كورىيە كىنوچىلىقى 90-يىللاردىن باشلاپ كورىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىنى ۋە ياشاش ئۇسۇلىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلىپ، بازار ئېچىش ۋە ئىگىلەش جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم قازانغان. ئەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن ئىشلەنگەن «مېنىڭ ياۋايى قىز دوستۇم» قاتارلىق فىلىملەر دۇنيا كىنو سەھنىسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئامېرىكا كىنو ساھەسىدىكىلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان. 1998-يىلى ئامېرىكىدىكى بەزى چوڭ شىركەتلەر 500 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، كورىيىنىڭ 20 چوڭ شەھىرىگە دەرىجىدىن تاشقىرى كىنوخانا قۇرۇپ، كورىيە كىنوچىلىقىنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولغان. ئەمما، كورىيىنىڭ كىنو ئارتىسى جياڭ دىگۇي باشچىلىقىدىكى كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشماي قالغان.
كورىيىلىكلەر ئۆز فىلىملىرىنى كۆپ كۆرىدۇ. ئەمما، ئۇلار فىلىملەرنى پەقەت ئۆزلىرى كۆرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىمىگەن. مانا شۇنداق يول، مانا شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق ئۇلارنى ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن.
كورىيىنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى كىنولىرىدىكى ئۇسلۇب، شەكىلدىكى ئىزچىللىق، ئىزدىنىشتىكى كۆپ خىللىق تەبىئىي ھالدا جۇڭگولۇقلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «مېنىڭ ياۋايى قىز دوستۇم» فىلىمى ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم كىنولىرى ئادەمنى غىدىقلايدىغان تەرەپلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى بىلەن زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، كورىيە فىلىملىرىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان قاراش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، جۈملىدىن كورىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەر جانلىق، جەلپ قىلارلىق ھالەتتە ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمۇ 80-يىللاردا «بەخت ناخشىسى»، «رەنانىڭ تويى»، «غېرىب-سەنەم»، «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى»… قاتارلىق فىلىملەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغانىدى. ئەمما، 90-يىللاردىن باشلاپ فىلىملىرىمىز سان جەھەتتە كۆپەيگەن بولسىمۇ، سۈپەت جەھەتتە يۈكسىلىش بولمىدى.
يېقىندىن بېرى ئۆز فىلىملىرىمىز ھەققىدە ھەرخىل ئىنكاسلار بولۇۋاتىدۇ. مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.
يېقىندا شەنشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مودا پاراڭلار» تېمىسىدا مەخسۇس كورىيە فىلىملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى. كورىيىدە ئوقۇپ كەلگەن دوكتور كۇڭ چىڭدۇڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيە فىلىملىرىگە پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئۇرۇشىنى مۇنداق يەكۈنلىدى: «كورىيە فىلىملىرى نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ خىياللىرىنى كورىيىگە باشلاپ كەتتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ياشاش ئۇسۇلىغا ئىنتىلدۈردى. نۇرغۇنلارنىڭ بىر كېچىدىلا كورىيىلىكلەرگە ئايلىنىپ قالغۇسى كەلدى. ئەمەلىيەتتە كورىيىدە چاكىنىلىق، يامانلىق يوقمۇ؟ مەن ئوقۇش جەريانىدا ھەممىنى كۆردۈمكى، ئىنسان بار يەردە ھەممە مەۋجۇت.
كورىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، تەشۋىق قىلدى، نەتىجىدە باشقىلار ئۇلارنى شۇنداق چۈشەندى. ھەرقايسى ئەل، ھەرقايسى مىللەتتە قايتىدىن ئۆز خاسلىقى، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادىتىنى ئۇلۇغلاش، قەدىرلەش روھى ئويغىنىۋاتقان پەيتتە ئۇلار باشقىلاردىن بىر قەدەم بالدۇر ئالدى.
بىز بولساق ھازىرغىچە لۇشۈن دەۋرىدىكى تەنقىدچىلىكتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز. جۇڭگو فىلىملىرى پاش قىلىش، سەلبىي تەرەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. ھە دېسىلا پارىخورلۇق، جىنايەت، ئالدامچىلىق، ۋاپاسىزلىق ئەكس ئەتكەن، فىلىمنىڭ مەقسىتىمۇ تەنقىدلەشتەكلا بولۇپ قالغان. بۇنداق تېما تەكرارلىقى، بىر خىللىق سەۋەبلىك جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئۆز فىلىملىرىنى قويۇپ باشقىلارنىڭكىنى، جۈملىدىن كورىيە فىلىملىرىنى بېرىلىپ كۆرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.
جۇڭگو ئەخلاقنى، ئەنئەنىنى ئۇلۇغلايدىغان دۆلەت، بىزنىڭ يېزىلىرىمىزدىمۇ ئېسىل ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت، ياخشى خىسلەت ۋە چىن ئادىمىيلىكلەر بارغۇ؟ بىز نېمىشقا بۇلارنى كۆتۈرۈپ چىقالمايمىز؟…
بىز كورىيە فىلىملىرى ھەققىدە ياخشىراق ئويلانساق، بۇ فىلىملەردە ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم-ھايا، ۋاپادارلىق، پاك مۇھەببەت تېما قىلىنغان، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى فىلىمگە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىڭدۈرۈۋېتىلگەن، بۇ تەرەپ بىزنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كۆرۈرمەنلىرىمىز بۇ فىلىملارنى شۇنچە ياقتۇرىدۇ؟ چۈنكى، كۆرۈرمەنلىرىمىز بارغانسېرى سۇسلاۋاتقان، يوقىلىۋاتقان مىللىي خاسلىقنى، مىللىي مەدەنىيەتنى كورىيە فىلىملىرىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ فىلىملىرىمىزنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ بۇ ئوبدانراق ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» دۇنيا سەھنىسىدە

تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ يېقىندا دۆلەت رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللىرىنى فرانسىيە 59-نۆۋەتلىك گانا كىنو بايرىمى جۇڭگو فىلىملىرى يەرمەنكىسىگە تاپشۇردى.
بۇ دۆلىتىمىز مۇشۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرىدىغان ئۈچ فىلىمنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى ئىشلىگەن، گانا كىنو بايرىمىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن تۇنجى فىلىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۇنيادىكى داڭلىق كىنو بايراملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 59-نۆۋەتلىك گانا كىنو بايرىمى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» فىلىمىگە دۆلەت رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، شىنجاڭلىق سېنارىست جاڭ بىن يازغان، رېژىسسورلۇقىنى شىرزات ياقۇپ ئۈستىگە ئالغان بۇ فىلىم جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇنەۋۋەر سېنارىيە مۇكاپاتى بويىچە 2-لىككە ئېرىشكەن (1-دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ ئورنى بوش قالغان).
فىلىمدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
−بىز ئادەتتە جۇڭگودىن بۇ بايرامغا قاتناشتۇرىدىغان فىلىملەرنى ئىچكىرىدىكى جاڭ يىمو، چېن كەيگى قاتارلىق داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرى بىلەن چەكلىنىدۇ، دەپ قارايتتۇق. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ھەم ھەيران بولدۇم، ھەم ھاياجانلاندىم. بۇرۇن بىر كىنو ئىشلىگەندە فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكى، ئوپېراتورلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىنغان. بۇ قېتىم بىز «كىچىك يىپ ئۇچىنى بويلاپ رېئال تۇرمۇشنى تاماشىبىنلارغا قانچىلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرەلەيمىز»، دېگەننى چىقىش قىلىپ، ئەسەر ۋەقەلىكىنى تۇرپاننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئۈزۈم، ئۈزۈم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا شاخلىتىپ، تۇرپان ئويمانلىقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۈاتقان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈردۇق. مېنىڭچە، بىز مايسىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلساق، مايسا ناھايىتى ياخشى ئۆسىدۇ. فىلىمدە كىچىك، ئۇششاق دېتاللاردىمۇ خېلى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىقى بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى،−دەيدۇ فىلىم رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ.
−فىلىمدە يەنە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزىگە خاس سەنئەت ئارتۇقچىلىقى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، تېخىمۇ زور بەدىئىي ئۈنۈم يارىتىلغان، يەنى تۇرپان خەلقى ئىچىدىلا ئەمەس، شىنجاڭ، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ كەڭ تارقالغان شوخ، جۇشقۇن «تۇرپاندا ئۈزۈم پىشتى»، «ھىلال ئايمۇ چىقتى ئاسمانغا»، «ئاچقىن يۈزۈڭنى مەن بىر كۆرەي»، «ئالمىخان» قاتارلىق ناخشىلار ئۇستىلىق بىلەن فىلىم ۋەقەلىكىگە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىككى ئەۋلادنىڭ مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە كۈچلۈك جەلپكارلىققا ئىگە قىلىنغان.
−شىنجاڭنىڭ ئارتىسلىرىدىن مىرئادىل ئابلىمىت، مېھرىگۈل ئەمەت، خۇرشىدە تۇردىدەك پىشقان ئارتىسلارنىڭ ئاساسلىق روللارغا چىقىشى ھەمدە ياش ئاكتيور ئارزۇگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى كىنونىڭ 3-مۇۋەپپەقىيىتى.
−فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر تۇرپاندىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بولغان يالقۇنتاغ، بۇيلۇق، شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تاللاپ ئېلىنغان. بۇ گۈزەل، ئۆزگىچە كۆرۈنۈشلەر كىنو ۋەقەلىكىگە تېخىمۇ رەڭ قوشۇپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل، ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئارزۈگۈل ئابدۇرېشىت مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇرۇن بىرقانچە ئېلاندا رېژىسسور شىرزات ئاكام بىلەن ھەمكارلاشقان ئىدىم. ‹تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى› فىلىمىدىكى ئانارخاننىڭ رولىغا چىقىدىغان ئارتىسنى تاللاش جەريانىدا ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىلاشتى. مەن سىناق تەرىقىسىدە رول ئالغىلى بارغىنىمدا بۇ رولغا سىناق ئۈچۈن تاللانغان نۇرغۇن قىزلارنى كۆردۈم. مەن سىناپ بېقىش ئويىدا بارغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، ئۆزۈمگە ئانچە چوڭ بېسىم قىلىۋالمىدىم. رولنى تەبىئىيلا ئالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ رولغا تاللىنىپ قېلىشىمنى راستتىنلا ئويلاپ باقمىغانىدىم. مەن رولنى باشتىن-ئاخىر تەبىئىي، ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ ئالدىم.
فىلىمدە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر كۆرۈنۈش شۇكى، مېنىڭ فىلىمدىكى دادام خالىق، ھەدەم قەمبەرخان كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەندە، كېچىدە يالغۇز تاغقا چىقىپ يىغلاپ كېتىدۇ. خالىقنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مىرئادىل ئاكام ئەسەر ۋەقەلىكىگە شۇنچىلىك كىرىپ كەتكەنكى، ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى راست شۇنداق بولۇۋاتقاندەكلا ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ تەبىئىي، ئىچ-ئىچىدىن ئۆكسۈپ يىغلىغان كۆرۈنۈشى ئەتراپتىكى بارلىق خادىملارنى تەسىرلەندۈردى. مەن فىلىمنى قايتا كۆرگەن چېغىمدىمۇ يەنە يىغلاپ كەتتىم».
شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى، «مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ»، «سوتچى ھاشىم»، «چىڭگىزخان»، «ئاماننىساخان»قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان مىرادىل ئابلىمىت ئۆزىنىڭ «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» فىلىمىدە ئالغان رولى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ فىلىمدە 60 نەچچە ياشلىق بوۋاينىڭ رولىنى ئالدىم. بۇ رولنى خېلى ياخشى ئالدىم دەپ ئويلايمەن. فىلىمدە بۇ دادىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىمەك تولىمۇ قىيىن ئىدى. شۇڭا، بۇ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىش خېلىلا تەسكە توختىدى. دەسلەپ مەن رولغا ئانچە كىرىشىپ بولالمىدىم، بولۇپمۇ دادىنىڭ چوڭ قىزىنى قۇچاقلاپ يىغلىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا كۈلۈپ تاشلىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىنودا خەنزۇ ئارتىسلارمۇ رول ئالغاچقا، بىردەم ئۇيغۇرچە، بىردەم خەنزۇچە سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى، گەرچە كىنوغا كېيىن ئاۋاز بېرىلىدىغان بولسىمۇ كىنونىڭ تەبىئىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقاندا تىل مەسلىسىگە سەل قاراشقا بولمايتتى، شۇڭا بۇ جەھەتتە خېلى قىينالدىم».

شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا نەزەر

1959-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ شاڭخەي فۇيەن كىنو ستۇدىيىسى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كوپىراتسىيىلىشىش يولىغا مېڭىش جەريانىدىكى قايناق تۇرمۇشى، ئۆتكۈر ئائىلە زىددىيەتلىرى ۋە ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق ئۇتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش تەسۋىرلەنگەن «بوستانلىقتا تەنتەنە» ناملىق ھېكايە فىلىمىنى ئىشلىدى.
1956-يىلى شاڭخەي كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن، «باياۋاندىكى كۈرەش» ناملىق ھېكايە فىلىمدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە سۇ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىسى ئەمەت بوۋاي رولىنى ئالغان توختى مولتاجى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئەۋلاد كىنو ئارتىسى بولۇپ قالدى.
1961-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيسى بىلەن بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ «ئانارخان» ناملىق ھېكايە فىلىمنى ئىشلىدى. ئابدۇراخمان ھاۋاز بۇ فىلىمدە قۇربان ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، بىراقلا شۆھرەت قازاندى.
1980-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «قوزام» ناملىق بالىلار ھېكايە فىلىمى ئارقىلىق رېژىسسورلۇق ھاياتىنى باشلىغان گۇاڭ چۈنلەن شىبە مىللىتىدىن بولۇپ، 1981-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە كېلىپ تۇنجى بولۇپ «بەخت ناخشىسى» فىلىمىنىڭ رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالدى. 1984-يىلى «ئارتىس بولالمىغان قىز» ناملىق فىلىم مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا، 1985-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
1986-يىلى «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق فىلىم 1987-يىلى 11-ئايدا مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى ۋە 11-نۆۋەتلىك قاھىرە كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. شۇ يىلى «مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ» ناملىق ھېكايە فىلىم رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 1986−1987-يىللىق مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ۋە 8-نۆۋەتلىك «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» نىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ فىلىم يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «جۇڭگو خەلقئارا كىنو بايرىمى»، تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكىدە قويۇلۇپ يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى. 1991-يىلى بېيجىڭ بالىلار كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن ئۇيغۇر بالىلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى ناخشا-ئۇسسۇللۇق بالىلار ھېكايە فىلىمى «يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى» فىلىمى 1992-يىلى ھېكايە فىلىم بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1991-يىلى رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر بالىلار فىلىمى مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. 1995-يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت تېمىسىدىكى ھېكايە فىلىملەر بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
1980-يىللاردىن كېيىنكى شىنجاڭ كىنوچىلىقى توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا مول ھوسۇللۇق كىنو رېژىسسورى گۇاڭ چۈنلەن سۆھبەت-پاراڭلارنىڭ تېمىسى بولىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئايال كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت تۇرمۇشىنى ئوخشىمىغان تېما، ئوخشىمىغان بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلى بىلەن ئېكرانلاشتۇرغان داڭلىق رېژىسسور.
1979-يىلى «يول باشلىغۇچى» ناملىق ھېكايە فىلىم بىلەن ئېكران ھاياتىنى باشلىغان تۇيغۇن ئەخمىدى 1980-يىلى بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم «نەسىردىن ئەپەندى» رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، چەت ئەللەردىمۇ زور تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىم مانىلا خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا، تۇنىس خەلقئارا كىنو كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى. 1981-يىلى تۇيغۇن ئەخمىدى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن يەنە بىر ھېكايە فىلىم «بەخت ناخشىسى»دا باش پېرسوناژ كېرىم ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، كەڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن «شوخ كېرىم» دەپ ئاتالدى. 1964-يىل بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم «يايلاقتىكى بۈركۈت»دە مال دوختۇرى ئالىمنىڭ رولى بىلەن ئېكران ھاياتىنى باشلىغان سادىق ھاجى ساتتار 1993-يىلى مۇقامشۇناس، شائىر، ئاماننىساخاننىڭ دادىسى-ماخمۇت ئاكىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ تاماشىبىنلار قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
1964-يىلى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ۋە پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق ھېكايە فىلىمنىڭ ئارىدىن 40 نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ھېلىھەم كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق، كىنودىكى ئىنتايىن تەسىرلىك ۋەقەلىك ھەم يۇقىرى بەدىئىي كامالەت بىلەن مۇجەسسەملەنگەن «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» دېگەن ناخشا ھازىرمۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشىلەر سۆيۈپ ئاڭلايدىغان مۇنەۋۋەر ناخشىغا ئايلانغان. «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» فىلىمىدە راست گۈلەندەم رولىنى ئالغان ئايشەم ئابدۇكېرىم گەرچە مەخسۇس ئاكتيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن كەسپىي ئارتىس بولمىسىمۇ، گۈلەندەم رولى بىلەن داڭلىق چولپانغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ئىسمى گۈلەندەمگە ئۆزگىرىپ كەتكەن، بولۇپمۇ خەنزۇ تاماشىبىنلار ھازىرمۇ ئۇنى گۈلەندەم ھەدە دەپ ئاتىشىدۇ.
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتۈن شىنجاڭ سەھنىلىرىدە قويۇلغان «كۈتۈلمىگەن توي» ناملىق درامىدا (كېيىن كىنو قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) باش رول ئالغان پېشقەدەم ئارتىس مەمتىمىن نورۇز ئاكىنىڭ ئىسمىمۇ سايىم ئاخۇنغا ئۆزگەرگەن. خوتۇنىدىن زىيادە قورقىدىغان، ئەمما ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىدىغان سايىم ئاخۇن رولىنى ئالغان مەمتىمىن نورۇز ئاكا ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىسى، ماھارىتى بىلەن ئايالىدىن قورقىدىغان ئەرلەرنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ چىققانلىقى ئۈچۈن خوتۇنىدىن قورقىدىغان، ئەركەك تۈكى يوق ئەرلەرنى سايىم ئاخۇنغا ئوخشىتىش ياكى ئۇلارنى «سايىم ئاخۇن» ياكى «سايىم نوچى» دەپ ئاتاش شۇندىن باشلاپ ئادەتكە ئايلانغان.
«رەنانىڭ تويى» ناملىق ھېكايە فىلىمدە ئاچ كۆز، چېقىمچى، خۇشامەتچى ئايال پاتەمخاننىڭ رولىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېكرانغا ئېلىپ چىققان ئاپرىل سەمەتكە كېيىنكى چاغلاردا پاتەمخان دېگەن ئىسىم سىڭىپ قالغان، ئاپرىل سەمەت ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر قېتىملىق «گۈلىستان» پروگراممىسىدا:
−مېنىڭ ئاپرىل سەمەت دېگەن ئىسمىم ئۇنتۇلۇپ، كىشىلەر مېنى ھېلىقى پاتەمخان دېيىشىدۇ، مەن پاتەمخان رولىنى ئېلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ئاچ كۆز، خۇشامەتچى ئاياللارنى ناھايىتى ئۇزۇن كۆزەتكەن. شۇڭا، بۇ رول شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان،−دەيدۇ.
يەنە شۇ كىنودا لۈكچەك، ئەتكەس سودا بىلەن بېيىغان كۆرەڭ سودىگەر شۆھرەت رولىنى ئالغان فىردەۋس ئەزىزىمۇ بىر مەھەل تاماشىبىنلار تەرىپىدىن لۈكچەك دەپ قارىلىپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك بەزى تاماشىبىنلار ئۇنى ئۇرماقچىمۇ بولغان.
1998-يىلى ئىشلەنگەن «قىرلىق ئىستاكان» فىلىمىدە تۇرسۇن تېكە رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان مەۋلان نىيازنىڭ ئىسمى تەبىئىي ھالدا تۇرسۇن تېكىگە ئۆزگەرگەن. «مېھمان» ناملىق ئىتوت بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن خالمۇرات ئۆمەر چوڭ ئەيسا دېگەن نام بىلەن ھازىر ھەممىگە تونۇشلۇق. شۆھرەت قۇچقان سەنئەتكارلىرىمىز ھاياتىدىن مۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن. نام قازانغان، خەلققە تونۇلغان ئاكتيورلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ تالانتىنى ئۆزى ياشاۋاتقان تۇرمۇش دېتاللىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت مەشىق قىلىش، تۇرمۇش ئۆگىنىش بەدىلىگە شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

ھوللىۋود: شىنجاڭ يۈزى ئېچىلمىغان قىزغا ئوخشايدۇ، دېدى

بىز «مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ داۋامىنى يېزىۋاتقىنىمىزدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دىققىتىمىزنى تارتتى.
تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، «گۈزەل ماكان»دىن ئىبارەت ئىككى يېڭى فىلىمى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە ئاساس قىلىنغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو مۇھاكىمە يىغىنى» 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو ئىجادىيىتى قىزغىنلىقى ۋە بىر قەدەر يۇقىرى ئىجادىيەت سۈپىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ج ك پ مەركىزىي كومېتىت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، مەركىزىي كومېتىت رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ شى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ مىڭفۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر «بۇ ئىككى فىلىم بىر قەدەر يۇقىرى ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن، شۇنداقلا كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغان. كىنونىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كۆپ خىللاشقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بۇ ئىككى فىلىمدىكى بىۋاسىتە ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات، قويۇق مىللىي خاسلىق ۋە مەنزىرە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەم چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ» دەپ قارىدى. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بۇ فىلىمنى كۆرگەندە كۆزىگە ياش ئالدى.
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخسسىسلەر، ئالىملار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى بۇ ئىككى كىنو خەنزۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان كىنولارغا قارىغاندا ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتى زور، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت پسىخىكىسى ۋە ھاياتلىق فورماتسىيىسى ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ كىنولىرىغا يېڭى بىر كۆزنەك بولدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى بۇ ئىككى فىلىمىدە ئادەم بىلەن تەبىئەت، مۇھەببەت بىلەن كىشىلىك ھايات قاتارلىق مەڭگۈلۈك تېمىلار گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ھازىرقى خەلقئارالىق سەۋىيە نىشان قىلىنغان.
«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، «گۈزەل ماكان»دىن ئىبارەت ئىككى يېڭى فىلىمنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنداق كاتتا يىغىننىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا نىسبەتەن تۇنجى ئىش ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم جۇڭگودىكى تۆت فىلىم ئىچىدە ئامېرىكا كىنو بازارلىرىغا ئېلىپ كىرىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كىنوچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سالىدىكەن.
تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو مۇھاكىمە يىغىنى»دىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھاياجان بىلەن مۇنداق دەيدۇ:
−بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگو كىنوچىلىقىدىكى مەشھۇر زاتلاردىن 20 دىن ئارتۇق ئادەم بەس-بەستە پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» ناملىق كىنوغا يۇقىرى باھا بېرىپ:«شىنجاڭ كىنوچىلىقىدا خەلقئاراغا يۈزلەنگەن بىر بىخنى بۇ كىنودىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن خەلقئاراغا يۈزلەنگەن كىنولار شىنجاڭدىن چىقىدۇ» دېيىشتى. شىنجاڭ مەدەنىيىتى تېخى ئېچىلمىغان بازار. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ كىنوچىلىقى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى شىنجاڭ دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالدى. مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئېقىمغا ماسلىشالمىدى. شىنجاڭ كارخانىچىلىرى بۇ يەردىكى غايەت زور بايلىقنى، بوشلۇقنى بايقىيالمىدى.
بۇ فىلىمنىڭ سېنارىستى مۇنداق دېدى:
−رايونىمىز دۇنيا كىنوچىلىقى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئېچىلمىغان سىر، ئېچىلمىغان بوز يەر بولۇپلا قالماي بۇ يەردىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتمۇ غايەت زور بايلىق ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان قۇملۇق، تاغ-دەريا، ئوتلاق مەنزىرىلىرى، يۇرت-يۇرتلاردا ساقلىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، قەدىمىي كوچىلار، بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ئېنىقلىقى…قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر شىنجاڭنىڭ كىنو ئىشلەشتىكى سەھنىلىك ئورنىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرمەكتە. ئەگەر بۇلار سەنئەت بىلەن بىرلەشسە تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بايلىق خەزىنىسىگە ئايلىنىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ھوللىۋود كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بىرنەچچە قېتىم كېلىپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە مەھلىيا بولۇپ قالدى ھەم بۇ يەرنىڭ مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ ئارقا-ئارقىدىن «زېمىن باتۇرلىرى» قاتارلىق بىر قانچە كىنونى ئىشلەپ بازارغا سالدى. بۇ فىلىملەر ئاشۇ كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ھەم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۆتكەن يىلى «قىزىل قوناقلىقتا» ناملىق فىلىمنىڭ ئوپېراتورى كۇ چاڭيۈەن يەنە ھوللىۋودنىڭ بىرقانچە مۇتەخەسسىسىنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن. «ئۇلار دەسلەپتە دۇڭخۇاڭغا كېلىپ، بۇ يەردىكى مەنزىرىلەردىن ھەيران قالغان. مەن ئۇلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇش مەقسىتىدە ئاقسۇ، قەشقەر تەرەپلەرگىمۇ ئېلىپ باردىم. ئۇلار قەشقەرنىڭ خالتا كوچىلىرىنى كۆرۈپ تاڭ قالغان ھالدا: ‹بۇ يەر يۈزى ئېچىلمىغان قىزغا ئوخشايدىكەن› دېيىشتى. بۇ يەردىكى ئۆزگىچە مەنزىرە، مۇھىت، قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئۇلارنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغانىدى. يېقىندا يەنە ھوللىۋود ئابغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر ئۇرۇش فىلىمى ئىشلىمەكچى بولۇپ، بۇنى شىنجاڭدا ئىشلەشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ھەم ئۇلار ئىككى قېتىم قەشقەرگە كېلىپ، بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى قەشقەردىن ئالغان. بۇ فىلىم تېخى ئىشلىنىپ بولۇنمىدى، بۇيىل قىشتا يەنە فىلىمنىڭ قىشلىق كۆرۈنۈشلىرى سۈرەتكە ئېلىنماقچى،−كۇجاڭيۈەننىڭ بۇ بايانى بىزنى ئەتراپىمىزدىكى تولۇپ ياتغان خاسلىقىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلايدۇ.
ئۇ يەنە سېنارىيە يېزىقچىلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
−ھازىر مەيلى شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق بازىرىنى ئېچىشقا قىزىقىۋاتقانلار بولسۇن ياكى مەبلەغ سېلىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممىسى ئىچكىرىدىكى چوڭ كارخانىچىلار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە-ئورگانلار، ئۇلار فىلىم ئىشلەشتە سېنارىيىسىدىن قىينىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزدە سېنارىيىلەشتۈرۈشكە ماتېرىيال بولالايدىغان ئاجايىپ ئېسىل ئەسەرلەر بار. لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار مەبلەغ سېلىشتا قىينىلىدۇ. بىزنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكىلەر كۆپرەك كۈچ چىقارغان بولسا، بىز تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلغان بولاتتۇق.
نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرنىڭ كىنوچىلىقىدا ئاددىي، كىچىك تېما، دېتاللار ئارقىلىق چوڭ-چوڭ ۋەقەلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىر خىل ئېقىمغا ئايلاندى. بىزنىڭ ھازىرقى سېنارىيىلىرىمىزدە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ساختا توقۇلمىلار كۆپ بولۇپ تۇرمۇشتىن، ئىنسان تەبىئىتىدىن يىراقلاشقان. بىزنىڭ كىنوچىلىقىمىز 50-يىللاردىكى سوۋېت ئېتتىپاقى كىنوچىلىقىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغاچقا، ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. بۇرۇن ئامېرىكا كىنولىرى دەسلەپ جۇڭگوغا كىرگەندە كىشىلەر جىددىيلىشىپ، گاڭگىراپ پاسسىپ روھىي ھالەتتە مۇئامىلە قىلغان. لېكىن، ھازىر جۇڭگو كىنوچىلىقى ئۇلاردىكى بىر قىسىم تېخنىكا، ئۇسلۇبلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز خاسلىقى بىلەن دۇنيا كىنوچىلىقىدا پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتىدۇ.
جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان «قىزىل قوناقلىقتا»، «كونا قۇدۇق» ناملىق جۇڭگو فىلىملىرى گانا كىنو يەرمەنكىسى ۋە خەلقئارادىكى كىنو فېستىۋاللىرىدا مۇكاپاتلانغان چاغدا جۇڭگو خەلقى پەخىرلەنگەن، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. چۈنكى، كىنو دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى كۆزنەك. «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمىنىڭ گانا كىنو كۆرىكىگە قاتنىشىشى، 4-ئايدا جۇڭگودىكى تۆت فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ ئامېرىكىدىكى كىنو كۆرىكىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلاش بىلەن بىرگە رىقابەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. فىلىمگە قاتناشقان ئارتىسلار ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاكتيورلىرى ئىقتىدار جەھەتتە دۆلىتىمىزدىكى داڭدار كىنو چولپانلىرىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. شىنجاڭدا مەيلى كىنو ئاكتيورلىرى بولسۇن ياكى باشقا سەنئەت ساھەسىدە بولسۇن، ئىقتىدارلىقلار ئاز ئەمەس، پەقەت پۇرسەت كەم. بىز كىنو ساھەسىگە ياكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، شاڭخەي، بېيجىڭ، چاڭچۈن كىنو ستۇدىيىلىرى ئىشلىگەن فىلىملەردە چەت ئەللىكلەرنىڭ خىلمۇخىل ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ئۇيغۇر ئاكتيورلىرىنى كۆرەلەيمىز. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، «قىزىل قوناقلىقتا»، «كونا قۇدۇق» قاتارلىقلار ئەسەرلەردە ئىنسانلاردىكى ئورتاق خاراكتېر، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىك ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشكەن ھەم ئۇنىڭ تەسىرى پەقەت جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىدىلا چەكلەنگەن. جاڭ يىمو بۇ ماتېرىيالدىن ئوبدان پايدىلانغان. ئۇ كىنودىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئارقىلىق ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنى دۆلىتىمىزدىن چەت ئەللەرگىچە كېڭەيتكەن. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى، بىزدىمۇ مىللىي خاسلىق، مىللىي مۇھىت گەۋدىلەندۈرۈلگەن، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازالايدىغان ئازسانلىق مىللەت ئەدىبلىرى خېلىلا كۆپ. بىزنىڭ شىنجاڭ كىنوچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىيات جۇغلانمىسىنىڭ ئۆزىلا مول بايلىق. شىنجاڭ كىنوچىلىقىدا بۇ خىل بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ كىنو ئىشلىگۈچى تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ قويۇق بولماسلىقى، تەرجىمە قوشۇنىنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن ئۆز دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مۇھىم ئامىل بولۇۋاتىدۇ.
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر كىنو مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ مەخسۇس قاتنىشىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى سانائەتلەشتۈرۈشكە تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەتنىڭ تولۇپ ياتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تەھرىرلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ