مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (3)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ دۇنيادا ئەل بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەل بىلەن بىرگە تۇغۇلىدۇ، ئەل بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ؛ ئەل بىلەن بىرگە يىغلايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئەلنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتگەن بولىدۇ. بىر پۈتۈن خەلق بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. ئادەم بۇ تۇپراققا تۆرىلىشى بىلەنلا، تەييار نېمەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ زېمىننىڭ مەئىشىتى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئەل ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ. بەلكىم بۇنداق دېسە بەزىلەر «مېنى ئاتا – ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئاتا – ئانىمۇ مانا مۇشۇ ئەلنىڭ بىر ئەزاسىغۇ. ھەقىقىي ئىنساپ ۋە ۋىجدان بىلەن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ تۇپراقتا بىر ئۆمۈر ئەمەس، ھەتتا بىرقانچە ئۆمرى بولسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمىغۇدەك قەرزى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى، ھاۋاسى بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇ ئەلنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ بېيىپ كېلىۋاتقان تەييار تۇرمۇش ئەندىزىسى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ھاسىل قىلغان تۇرمۇش ۋە ياشاش تەجرىبىسى، شۇنداقلا تەييار ھايات ئېتىكى بولمىغاندا، قانداق ئىجتىمائىي ئاساسقا تايىنىپ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن؟ ئەگەر ئانا تىل بايلىقى بولمىغاندا، قانداق ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ ۋە كىم بىلەن ئالاقە قىلىپ ياشاش مۇمكىن؛ ئەگەر مائارىپتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىجتىمائىي تەلىم – تەربىيە سىستېمىسى ھازىرلانمىغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدە قانداقمۇ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولاتتى؟ ئاددىيسى بىز سۆيگەن قىزنى، بىز سۆيگەن يىگىتنى مانا شۇ ئەل تۇغۇپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنغۇ. بىز يەۋاتقان ۋە بىز كىيىۋاتقان كىيىم – كېچەكلەرنى مانا شۇ خەلق ھازىرلاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەلدىن ئىبارەت ئومۇمىي كوللېكتىپنىڭ بىر پۈتۈن قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى بولمىغاندا، بىر قازان ئاش ئېتىپ يەپ ھايات كەچۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئىنسانلار ئىچىدىكى بۇنداق قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى ۋە ئۆزئارا ھاجەتمەنلىكنى قەدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئاجايىپ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن.

– دۇنيادىن ۋە ئادەملەردىن قېچىش ياخشى ئادەت ئەمەس – دەپ بايان قىلىدۇ «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن كىتابتا – سۆھبەتنىڭ پايدىسى خىلۋەتنىڭ مەنپەئىتىدىن كۆپرەك. ئاللاتائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە موھتاج ۋە بىر – بىرىگە لازىم قىلىپ ياراتقان تۇرسا، كىشىلەرگە خىلۋەت قانداقمۇ راۋا بولسۇن؟ ئادىمىزاتنىڭ تەبىئىتى تەبىئەت مەدەنلىرىدىن بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر – بىرىگە قوشۇلماققا مايىل كېلىدۇ ۋە بىر – بىرىدىن ياردەم تىلەشكە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر كىشى تائام پىشۇرماقچى بولسا ياكى بىرەر كىيىم كىيمەكچى بولسا، ئاۋۋال قازان ياساش ۋە كەتمەن سوقۇشى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا لاي ئېتىپ بىر قاچا ياساپ، ئۇنىڭدا سۇ ئېلىپ كەكە سوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇن كېسىپ، ھەر ئىشنى ئۆز تەرتىپى بىلەن قىلىش لازىم بولىدۇ. قازان ۋە كەكە سوقۇشقا بولقا، سەندەل، كۆرەك ۋە كۆمۈر كېتىدۇ. ئاددىيسى كۆرەك ياساش ئۈچۈنمۇ تېرە ئەيلەش كېرەك. تاغقا بېرىپ كۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئەپكېلىشكە تاغا توقۇش كېرەك. تاغار توقۇش ئۈچۈن يۇڭ بولۇشى لازىم بولىدۇ. يۇڭنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوي، تۆگە بېقىش كېرەك. قىسقىسى، ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ئاۋارە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق بولسا، ھەرقانداق ئادەم بىر كىمنىڭ ياردىمىسىز پۈتۈن ئۆمرى ئىچىدە بىرەر قېتىم ئاش پىشۇرۇپ يا يېيەلەيدۇ يا يېيەلمەيدۇ. ھەتتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدۇ. شۇڭا زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن بىرى قازان ياسايدۇ، بىرى كەكە سوقىدۇ، بىرى كۆمۈر كۆيدۈرىدۇ، ئالاھازەل قىياس، ھەر كىم بىر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىنى باشقىلارغا بېرىپ، بۇ ئىقلىمنىڭ ئادەملىرى بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ ھايات كەچۈرگەچكە، ھەرقانداق ئىش ئاسانلىق بىلەن ھەل بولىدۇ، ئادەملەر بىر – بىرىگە زۆرۈر. يالغۇزلۇق بىلەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. مانا بۇلار ئادەملەرنىڭ بىر – بىرىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى، بىرلەشمىسە ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ»

مانا بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى خۇلاسىلەپ، ئەل – ۋەتەننىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياشا، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىل، چۈنكى سېنىڭ جانىجان مەنپەئىتىڭ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ، دەپ تەۋسىيە قىلغان. ئۇ يەنە «مال – دۇنيا تارقاتماق سېخىيلىق ئەمەس، ھەقىقىي سېخىي شۇكى، ئەل ئۈچۈن جانۇ تېنىنى تەسەددۇق قىلىپ پۇشايمان قىلماس» دېگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەردلىك بىلەن نامەردلىكنى سىنايدىغان گىر تېشى. شۇڭا ئۇلار ئەل ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئەل ئۈچۈن ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەل قەلبى ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك جەننىتى بولۇپ قالدى. مانا بۇ ھەقىقىي قەدىر – قىممەت، مانا بۇ مەڭگۈلۈك دېئالىكتىكا. ئەل بىلەن بولغان مۇنداق باغلىنىشنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئەلنىڭ مەۋجۇدىيىتى شەخسنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى، ئەلنىڭ تەقدىرى شەخسنىڭ تەقدىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇش نامەردلىك ۋە ۋىجدانسىزلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كىچىككىنە كېكىرتىكى ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى، ئازغىنا، كۆپۈكتەك مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەلگە ئاسىيلىق قىلىش، خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش، خەلقنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلماسلىق، ئەلنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋاپاسىزلىق ۋە كەچۈرگۈسىز نامەردلىك ھېسابلىنىدۇ.

ۋاپا ۋە ساداقەت مەردلىكنىڭ يارقىن سىماسى، ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىك نامەردلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى

ۋاپادارلىقنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ. ئۇيغۇرلاردا «ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغۇچە، ئەلنىڭ ئوغلى بول»، «ئەل رازى خۇدا رازى» دېگەنگە ئوخشاش ۋاپادارلىققا دائىر ماقال – تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. بۇ تەشەببۇسلار ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇدۇم. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن داستانلار ۋە خەلق چۆچەكلىرىدە ۋاپادارلىق مەسىلىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەلگە ۋاپادار بولۇش، ۋاپادارلىق تەلىپىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خەلق بىلەن شەخس ئۇقۇمىنى دېڭىز بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەققاسلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بىر تامچە سۇ يەككە – يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر تامچە سۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت خەلقتىن ئىبارەت دېڭىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ھېكايە قىلىنىشىچە:

بىر كۈنى بىر كىچىك كۆلچەك بىلەن دەريا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ.

– ھەي دەريا، سەن نېمە دېگەن ئەخمەق،-دەپتۇ كۆلچەك دەرياغا مەسخىرىلىك قاراپ،-قارىسام ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن توختىماي ئاقىسەن، بىرئازمۇ ئارام ئالغىنىڭنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بەزىدە قارىسام ھەر – ھەر ئېغىر كېمىلەرنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ يۈرۈيدىكەنسەن، ھەتتا بەزىدە كۆيۈپ پىشىدىكەنسەن. ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولىدىغان بولسام، قۇرۇپ كېتىشكە رازى بولاتتىم.

– سېنىڭ نېمە راھىتىڭ بار،-دەپ سوراپتۇ دەريا كۆلچەكتىن.

– مېنىڭ ھېچقانداق غېمىم يوق. ھەپتىدە، ئايدا بىر قېتىم كۆزۈمگە سۇ توشقۇزىۋالسام بەخىرامان ياتىمەن. دۇنيانىڭ قانداق بولۇپ كېتىشى بىلەن چاتىقىم نېمە،-دەپتۇ كۆلچەك.

– ھەي بىغەم ئەقىلسىز، مەن ئېقىپ تۇرمىسام، سەن قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايسەن. مېنىڭ تىنماي ئېقىپ تۇرۇشۇم ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇمنىڭ ئاساسى، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭمۇ كاپالىتى.

كۆلچەك دەريانىڭ سۆزىگە قايىل بولماي ئۆزىچە تېخىمۇ يوغان گەپ قىلىپ تۇرغان ئىكەن، دەريا ئۆزىنىڭ ئېقىش يولىنى باشقا ياققا يۆتكەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆلچەك بارا – بارا قۇرۇغىلى تۇرۇپتۇ. ئاۋۋال ئۈستىنى لەش بېسىپتۇ، ئاندىن قۇمۇشلار ئۈنۈپتۇ، ئاخىرى مەنبەدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ قاپتۇ. دەريا بولسا توختىماي ئېقىپ باغلارنى ياشارتىپتۇ.

ئەلىشىر نەۋائى بۇ ھېكايەتتە ئەل بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شەخسى تەقدىرىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا خۇلاسىلەپ بەرگەن. دۇنيادا بۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بىغەرەزلىك بولىدۇ. ھېس قىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى تارتىش نامەردلىك دېگەن شۇ.

شۇڭا ۋەتىنى ئۈچۈن ۋاپادار بولمىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان، ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىنى ئويلىمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. ئۇنداق ئادەمنى بېجىرىم ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.

ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتسىزلىك تەلىپى ئەجداتلارغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، ئائىلىسىگە ساداقەتمەن بولۇش، دوستلارغا ۋاپادار بولۇش قاتارلىق يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىر جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ۋاپا، ساداقەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ۋاپاسىزلىق، ساداقەتسىزلىك ئەدەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنماقتا.

توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەربىر ئادەم ھەربىر قەدەمدە ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ھەربىر سورۇندا ۋاپاسىزلىق توغرىسىدىكى ۋايساشلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز. بۇ خۇسۇستا بىز ئالدى بىلەن دەۋرىمىزدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش ۋە ۋاپاسىزلىقنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمى بىلەن سىزىپ بېرىلگەن كارتىنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

«زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال، ھەممە ئىش – ھالەتلەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى. بىلىملىكلەر خارلاندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئايايدىغان بولۇپ قالدى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى. ئەل ئىچىدە يارىماس پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى، مەي بىلەن يۈزىنى يۇغان بىنامازلار مەرد، باتۇر ئاتىلىپ، ئەلگە كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. پىتنە – پاساتچىلار ئەر ئاتىلىپ، مەي ئىچمەيدىغان پاك كىشىلەر خەسىس دەپ تونۇلىۋاتىدۇ. ھەي ئەل ھۆكۈمدارى! ناماز، روزا بىلەن يۈرگۈچى كىشىلەر مۇناپىق ئاتالدى، شۇنداقلا ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھالال يوقالدى. ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا بېسىپ كەتتى. ھالالنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپقۇلۇق؟ ھالالنىڭ نامىلا قالدى، لېكىن ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھارام بولسا تالاشتا قالدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. ھارامنى ھارام دېگۈچى، ھارامنى تاشلاپ ھالال يېگۈچى قېنى؟ قىيامەت كۈنىنى بىلىدىغان ھەقىقىي توغرا، تەقۋادار كىشىلەردىن كىم قالدى؟ قارا! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا غالىب كەلدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلاشتى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، چوڭدا بىلىم كەملىدى. قوپال، نادانلار كۆپىيىپ پەزىلەت ئىگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل، يارماق ئۈچۈنلا بولدى. ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. كىمدە كۈمۈش كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ ئامانەتنىڭ ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىدى، «نەسىھەت» دېگەن سۆزلا قالدى. ئۇنى ئادا قىلغۇچى قېنى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى، قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى…

نەزەر سال! ئوغۇل ئاتىسىغا ئاتىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل – قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى. تۇرمۇش ئېغىرلىشىپ، تەشۋىش ئەدەپ كەتتى. ئاچ كۆزلۈك ئەدەپ، خۇشاللىق سۇسلاشتى. پېقىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەپلەنگۈچى قېنى؟»

مانا بۇ ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەلنى قانچىلىك خاراب ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ يارقىن سىماسى. ئۇنىڭدىن ئەلگە بولغان ۋاپاسىزلىقنىڭ نىشانلىرىنىمۇ، ئەجداتلارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقنىڭ ئىزنالىرىنىمۇ، ئاتا – ئانا ۋە ئەقىدە – ئېتىقادقا قىلىنغان ساداقەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىنىمۇ، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا قىلىنغان ئاسىيلىقنىڭ كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنىمۇ ھېس قىلالايمىز. يۇقىرىقى كونكرېت مىساللارنى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە تەدبىقلىغاندىمۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق بايقايمىز.

دېمەك، ھەرقانداق بىر ئەلدە ۋاپا ۋە ساداقەت كۆتۈرۈلسە، ئۇ ئەلدىن ئامەت ۋە نۇسرەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بەخت – سائادەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھەتتا بىر ئائىلىدە ساداقەتسىزلىك، ۋاپاسىزلىق باش كۆتۈرسە، شۇ ئائىلىمۇ تېز ئارىدىلا سورۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا كىشىلەردىكى چوڭقۇر ۋاپا ساداقەتنىڭ خاسىيىتى ئەلگە ئامەت ئېلىپ كەلسە، ساداقەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق ئەلگە كاساپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھېكايەت قىلىنىشىچە: تۆت ئۈلۈش خانى – قۇدرەتلىك شاھ ئەمىر تېمۇر كۆرەگان ئەتراپتىكى جايلارغا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا، ھىندى دىيارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپتۇ. دەۋران غەلىبە نۇسرىتىنى ئۇنىڭغا يار قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ باغرىنى تىلىپتۇ. ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا قىرغىنغا ئاتلىنىپ، كېسىلگەن باشلار ساينىڭ تېشىدەك يېتىپتۇ. پۈتكۈل دەشتنى جەسەت قاپلاپ، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. ھەممە تەرەپتە ئۆتكۈر قىلىچلار يالتىراپ گويا قىيامەت قايىم بوپتۇ.

قىرغىن بولۇۋاتقان ئاشۇ مەھەلدە ئىككى بىچارە دوست قىرغىنغا دۇچ كەپتۇ. بىر نۆۋكەر ئۇلارنىڭ بىرىنى چاپماق ئۈچۈن قىلىچنى قېنىدىن سۇغۇرۇپتۇ، دوستىنى قىلىچ ئاستىدا كۆرگەن ئۇنىڭ دوستى ئۆز بېشىنى قىلىچ ئاستىغا سۇنۇپ:

– ئەگەر ساڭا باش كېرەك بولسا، ئۇنى چاپما، مانا بۇ مېنىڭ بېشىم ئۇنىڭغا ئەرزىيدۇ،-دەپ نۆۋكەرگە ئىلتىماس قىپتۇ. نۆۋكەر ئۇنى چاپماق بولۇپ يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ دوستىمۇ يەنىلا شۇ سۆزنى تەكرارلاپتۇ. قايسىنى چاپاي دېسە، ئۇلارنىڭ يەنە بىرى تاقەتسىزلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ:

– ئاۋۋال مېنى چاپ، مەن كۆزۈمنى يۇمغۇچە ئۇ تىرىك تۇرسۇن!-شۇ يوسۇندا ئۇلار ئۆز دوستىنىڭ بىردەملىك ھاياتى ئۈچۈن بېشىدىن كېچىپ، ئۆز بوينىغا چۈشىدىغان قىلىچنى تالىشىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ ئارىدا خېلى تالاش – تارتىش بوپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ئارىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئىككى دوستنىڭ بىر – بىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كەچكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شاھ تەسىرلىنىپ، ئەلنىڭ قېنىدىن كېچىپ، قەتلىئام قىلىشنى توختىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆزلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپتۇ، خەلقمۇ قىرغىندىن خالاس بوپتۇ.

**

چىڭغىز ئايتماتوف نەسلىگە ۋاپاسىزلىقنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىكەن: بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئىلغار ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتسا، ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، ھەرقانداق بىر مىللەت ياخشى ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچسە، ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەنئەنە.

ھازىر بىر قىسىم ياشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولغان ھايا ۋە نومۇسنى تەكچىۋاشقا ئېلىپ قويدى. شۇنچىلىك قەبىھ ۋە يىرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىپمۇ ئازراقمۇ يۈزى قىزارمايدىغان، ھەتتا شۇنداق رەزىللىكى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان نامەردلەر مەيدانغا كەلدى. كوچا – كويلاردا ھاياسىزلارچە قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ يۈرگەن ياشلىرىمىز ئۆزىنى نېمە چاغلايدىغاندۇ؟ ئۇلار باشقا ئادەمدە مۇھەببەت ھېسسىياتى، سۆيگۈ تەقەززاسى ۋە سۆيگۈنى يوق دەپ ئويلاپ، بىرەر قىزنى كەلتۈرىۋالغانلىقىنى كۆز – كۆز قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ شۇنداق تۇيغۇدا شۇ چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن شۇ ياش نېمىدېگەن بىچارە – ھە؟! ئۇلارغا تېخى توغرا نەسىھەت قىلىپ قوياي دېسە، قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. تېخى بىزنى مەدەنىيەتسىزلىك، قالاقلىقتا، مۇتەئەسسىپلىكتە ئەيىبلىشىدۇ. بىر كۈنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن بىرىنچى يول ئاپتوبوسىغا چىقتىم. مەن بىلەن يەنە بىر جۈپ قىز – يىگىتمۇ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردۇم. ئازراق مېڭىپلا ئۇ يىگىت قىزغا ئەدەپسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىنلا قىزنىڭ بېشىنى قايرىپ تېخىمۇ ئەدەپسىزلىك، ھاياسىزلىق بىلەن قىلىقسىز ئىشلارنى قىلغىلى تۇردى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ نەدە ئولتۇرغانلىقىنىمۇ، ئەتراپىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتقان، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. مەن بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، دەپ ئۆزۈمنى ئاران – ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغان بولساممۇ، بىراق مەندىكى مەسئۇلىيەت ۋە ھايا ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىغا تاقەت قىلىشقا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يىگىتنىڭ مۈرىسىگە ئاستا نوقۇدۇم. بۇ چاغدا ھېلىقى يىگىت دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ماڭا شۇنداق بىر قاتتىق ھومايدىكى، ئەلپازى ئىنتايىن يامان ئىدى:«ھە، نېمە بولدى؟» دېدى ئۇ مېنى چاينىۋەتكۈدەك ئەلپازدا. «يىگىت، ماۋۇ ئاممىۋى سورۇن، دۇرۇسراق ئولتۇرۇپ ماڭساڭلار ياخشى بولامدىكىن؟» دېدىم مەن. ئۇ دەرھاللا «سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئولتۇرۇشىڭىزنى ئولتۇرىۋېرىڭە، كۆپ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئادەم ئىكەنسىز، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە تەھدىت ئارىلاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ ئاچچىقىم بىرئاز تۇتتى – دە، مۇنداق دېدىم:

– توغرا گەپ قىلسا ھۆكىرەپلا قوپسا بولمايدۇ. مەن سىزگە دەپ قوياي، سىزدەك چۈپرەندە ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، نەسىھەت قىلىدىغانغا ئەخمەق بولۇپ قالمىدىم. لېكىن، ھازىر قىلىۋاتقان ئىش ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ئەمەس، ئولتۇرغان يېرىڭىز دادىڭىزنىڭ ئايۋان سارىيى ئەمەس، ئاممىۋى سورۇن، چەت ئەل ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ. سىزنىڭ ھازىرقى ھاياسىزلىقىڭىز مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئەخلاقىي ئەنئەنىسىگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىزنىمۇ ھاقارەتلەۋاتىسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاقارەت قىلىۋاتىسىز. ئۈچىنچى تەرەپتىن، مۇشۇ ئاپتوبوستىكىلەرنى كۆزگە ئىلماي، ئەخلاقسىزلىق قىلدىڭىز، ھەرقانداق ئىشنىڭ جايى ۋە يولى بولىدۇ.

– سىز خۇددى ماڭا دادامدەك تەربىيە قىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟ داداممۇ ماڭا بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغان،-دېدى يەنىلا گەپتىن قالماي.

– توغرا، ئەگەر دادىڭىز تەربىيە قىلغان بولسا، بۇنداق ئىشلارمۇ بولمايتتى،-دېدىم مەن.

– بىزنى سەھرالىق چاغلاپ قالماڭ جۇمۇ، بىزمۇ ئوقۇغان،-دېدى ئۇ.

– گەپنى ئاز قىل ئۇكام، راست ئوقۇپتىكەنسەن. مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، سەن قىلىۋاتقان مۇشۇ قىلىقنى سەن ھاقارەتلەۋاتقان ھەرقانداق بىر سەھرالىق قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسىمۇ، سەندە يوق بىر ئۇلۇغ بايلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلاردا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت بار، شەرم – ھايا بار،- دېدىم. شۇ ئارىدا ماشىنا مەن چۈشىدىغان بېكەتكە يېتىپ كەلدى.

بۇنداق ياتلىشىش، ئەنئەنىگە ۋاپاسىزلىق قىلىشنىڭ ئىپادىلىرىنى ناھايىتى كۆپ تەرەپتىن مىساللار ئېلىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قائىدىسى ۋە قانۇنىيىتى بار. ھايۋانلار دۇنياسى بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ روشەن، نازۇك بەلگە بار. شۇڭا، ھەربىر ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا، قائىدە – يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ناھايىتى مۇھىم تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.

ھەربىرىمىز مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنمىز، جەمئىيەتتە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ رولىنى، مەسئۇلىيىتىمىزنى جارى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. چېخوپ:«بىپەرۋالىق قەلبنىڭ پالەچلىكى، شۇنداقلا ئۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈمدۇر» دېگەن. مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىنسان خاراكتېرىنى نۇرلاندۇرىدىغان چىراغ دېسەك، بىپەرۋالىق ئىنسان خاراكتېرىنى كۆمىدىغان گۆركار. ھەرقانداق قورقۇنچلۇق ھالەتمۇ بىپەرۋالىقتەك ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىپەرۋا ئادەم خۇددى ئۇخلاپ ماڭغان يولۇچىغا ئوخشاش ئۇنىڭ نە مەقسىتى، نە نىشانى بولسۇن. ئۇنداق تۇيغۇ تەرەققىي قىلىۋەرسە ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ ھەممىگە بىپەرۋا قارايدۇ. مانا بۇ ئەڭ قورقۇنچلۇقى، شۇڭا بىپەرۋا ئادەمنى ئۆز كونتروللۇقىنى يوقاتقان پالەچ ئادەمگىمۇ ئوخشىتىش مۇمكىن. ھەربىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە، ئەنئەنىگە مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەڭ مۇھىمى مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. «جاھاننى سەل باسسا تەرەپ – تەرەپتە، ئېشەكنىڭ غېمى بولارمىش ھەلەپتە» دېگەندەك، «كارىم نېمە؟» دېگەن پوزىتسىيىنى تۇتساق، بۇنى ھەرگىزمۇ ئەركەكلىك ۋە مەردلىك دېمەيمىز.

يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، قىممەت قارىشىمىزدىمۇ خېلىلا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئەخلاق جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتقانلىق نەزىرىمىزدىن نېرى ئەمەس. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئاجىز – كەمبەغەللەرگە يار – يۆلەك بولۇشتەك ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىز ئورنىغىمۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، پۇلغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش، پۈچەك – يارماق ئۈچۈن ۋىجداننى، ئىماننى بۇلغاش قاتارلىق ئىللەتلەرگە يول بەردۇق. چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاممىۋى سورۇنلاردا شەرم – ھايانى ساقلايدىغان، قىز – ئوغۇللار ئارىسىدىكى ئىلمىي مۇئامىلە مۇناسىۋەتلەر ۋە ياخشى ئەنئەنىنىڭ ئورنىنى قوپاللىق، ھۆرمەتسىزلىك، ھاياسىزلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ئىگىلەپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلمايۋاتىمىز. گەرچە قىسمەن قارشىلىق، نارازىلىق ئىپادىلىرىنى ئۇچراتساقمۇ، ئۇ بىر ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن رولى بولمايۋاتىدۇ. بەزى ياشلار ئۆزىنىڭ ياتلىشىش، ئاينىشلىرىغا زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا زامان، دەۋر ئۆزگەرسە، مىللەتنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن، ئەجدادلىرىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋرنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشىغا سەۋەب بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇش خاھىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللىتىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن، روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللىتىگە، مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋە نەسلىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. چۈشكۈن، زەئىپ، ئىرادىسىز كىشىلەرلا ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپلىكنى ئەركىنلىشىش دەپ چۈشىنىدۇ.

**

ۋاپادارلىق ۋە ساداقەت تەلىپىنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى ئاتا – ئانىلارغا بولغان ھۆرمەت، ۋاپا ۋە ساداقەت جەھەتتە سىنىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ئاتا – ئانىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشنى گۇناھ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقانلار جەمئىيەتنىڭ لەنەت – نەپرىتىگە قالىدۇ. چۈنكى، ئاتا – ئانا دېگەن ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەر. ئۇلار بىزنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىغا كېلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتچىسى. شۇڭا، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ يارىلىشىغا سەۋەب بولغۇچىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. بۇ ئېنىق ھايۋانىي سۈپەتنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ھايۋانلارلا چوڭ بولىۋېلىپ ئاتا – ئانىسىنى تونۇمايدۇ.

دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ ئاتا – ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارغا كۆز ئالايتماسلىق، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىپ دىلىنى ئاغرىتماسلىق، ئاتا – ئانىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دەۋەتلەر بار، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن:

«بىز ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئاتا – ئاناڭلارغا، خىش – ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنا، يىراق قوشنا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل – چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللانى خۇش قىلىشتا ئانىنى رازى قىلىشتىن ياخشىراق ھېچبىر ئامالنىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن. ئەگەر ئاتا – ئاناڭ ساڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز رەنجىتمىگىن».

قەدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىزمۇ ئاتا – ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي بۇرۇچ دەپ تەكىتلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغان:

ئاتا پەندىنى سەن قاتتىق تۇت قاتتىق،

كۈنۈڭ قۇتلۇق بولۇر كۈنسايىن تاتىق.

خىزمەتلە خۇش قىلساڭ ئاتا – ئاناڭنى،

تاپارسەن تۈمەن مىڭ كۆپ پايدا – ئاسىغ.

ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دېگەن:

بېشىڭنى پىدا ئەيلە ئاتا قاشىغا،

جىسمىڭنى قىل پىدا ئانا باشىغا.

دېمەك، ئاتا – ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان نامەرد ئادەمگە «نامەرد، ۋاپاسىز» دېگەن تامغا بېسىلىدۇ. ئاتا – ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن ھەرگىزمۇ ئەلگە ۋە باشقىلارغا ۋاپا كەلمەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئاۋۋال ئاتا – ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقتىن ئىزدەش كېرەك. ۋاپاسىز ئادەمدىن ھەرقاچان ئۆزىنى تارتقۇلۇق، ئۇنداق ئادەم بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ مەردلىك جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ۋاپاسىز ئوغۇللار چايان مەسەللىككى، چاياننىڭ تۇغۇلۇشى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇئەييەن ئادەت بويىچە بولمايدىكەن. يەنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچ قارنىنى يەپ، قورسىقىنى يىرتىپ چىقىدىكەن – دە، چۆل – باياۋانلارغا كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇۋۇسىدا كىشىلەر كۆرىدىغان چايان پوستى شۇنىڭ بەلگىسى ئىكەن. بىر ھۆكۈما بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەپتۇركى، بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا كۆڭلۈم گۇۋاھلىق بېرىدۇ، باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كىچىكلىكىدە ئاتا – ئانىسىغا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلغاچ، ئەلۋەتتە چوڭ بولغاندا شۇنداق سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك (كىنايە قىلىپ ئېيتىلغان سۆز) بولىدۇ – دە.

كىشىلەر چاياندىن سوراپتۇ:

– نېمىشقا قىشتا تاشقىرى چىقمايسەن؟

چايان دەپتۇ:

– يازدا تۈزۈك ھۆرمىتىم بولمىسا، قىشتا چىقىپ نېمە قىلاي.

ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەرلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقانچە نامرات بولۇپ كەتسىمۇ، قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، يەنىلا ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنى ئۇنۇتماي ۋاپادارلىقتا بايراقدار بولۇۋاتقان ئەزىمەتلەر خېلى بار. لېكىن، ئاتا – ئانىسىنىڭ قېنىنى شوراپ، ئىچ – باغرىنى يەپ، يىلىكىنى قۇرۇتۇپ، ئاتا – ئانىسىنى مەڭگۈلۈك داغدا، ھەسرەت – نادامەتتە قويۇۋاتقان چايان تەبىئەتلىك نامەرد مەلئۇنلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەرنىڭ تەبىئىتى ئۇلارنى ئاتا – ئانىسىدىن ھەر خىل باھانە سەۋەب تېپىپ يۈز ئۆرۈشكە ئىشتراك قىلغان، بەزىلەر خوتۇنىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خوتۇنىنىڭ يالغان – ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئاتا – ئانىسىدىن يۈز ئۆرىگەن. بەزىلەر ئۆزىنىڭ زەئىپلىكى، ئىقتىدارسىزلىقى، نابابلىقى تۈپەيلى، بىر ئۆمۈر ئاتا – ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان تەمەخورلۇققا ئادەتلەنگەن. ئاتا – ئانىسىنىغۇ باقمىسۇن، ئۆزىنىمۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىمۇ بېقىش ئىقتىدارى بولمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەر قاتارىغا قوشقىلى بولسۇن؟

بىز شۇنى ياخشى بىلىمىزكى، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەمنىڭ بېشىدا ھەرقاچان خارلىق، زەبۇنلۇق ۋە بالا – قازا ئەگىپ يۈرىيدۇ. ئاتا – ئانىسىنى رازى قىلمىغان ۋاپاسىزلار قاچان روناق تاپقان؟

**

بىز ئەمدى ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتنىڭ تېشىنى دوستلۇق تەرەپكە سۈرىمىز. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ يەڭگىل كېلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز