مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (4)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

ھازىرقى رېئال مۇناسىۋەتلەر تۈرىدىن شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى، خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك، ھەقىقىي ئىنسانىي دوستلۇقنىڭ ئورنىنى پۇل، مەنپەئەت تەمەسىدىن ئىبارەت ساختا دوستلۇق قەسىمى ئىگىلىدى. «يېغا (ياغى) ياندىن قوپۇر، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، نۇرغۇن ياخشى خۇيلۇق، دۇرۇس، ئوڭلۇق، مەرد، مەردانە يىگىتلەر نامەرد دوستىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى نۇرغۇن نامەردلەر دوستىنىڭ پوستىغا ئۇردى. يەنى نۇرغۇن گاڭگۇڭ يىگىتلەر ساتقىنلىقنىڭ تورىدا ھالاك بولدى. بەزى خۇمسىلار دوستلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دوستىنىڭ خوتۇنىغا بەدنىيەتلىك قىلدى. بەزىلەر دوستىنى ئالداپ سېتىپ خانىۋەيران قىلىۋەتتى. يەنە بەزى نامەردلەر «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك، ئازراق پۇل تېپىپ ياكى تىرناقتەك ئەمەلنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋېلىپلا بۇرۇنقى نامرات چاغلىرىدىكى، بالا ۋاقىتلىرىدىكى ئۆزىگە يار – يۆلەك بولغان، نۇرغۇن ئىشلاردا قولداش، يولداش بولغان دوستىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك تونۇماس بولىۋالدى. ھېكايەتتە كەلتۈرۈلۈپتۇركى، بىر كىشىنىڭ دوستى چوڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانىكەن، ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يوقلاپ بېرىپتۇ.

– سەن كىم بولىسەن،-دەپتۇ ئەمىلى ئۆسكەن كىشى دوستىنى قەستەن تونۇماسلىققا سېلىپ. يوقلاپ كەلگۈچى كىشى ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ئوسال ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ ۋە:

– مېنى تونۇمامسەن؟ مەن سېنىڭ كونا دوستۇڭ بولىمەن، سېنى كور بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىدىم،-دەپتۇ.

شۇڭا، ئادامىس «ئەمەلدار بولغان دوست يوقالغان دوست» دېگەن. ھەقىقىي دوستلۇق ئوتتۇرىسىدا ئورۇن، مەرتىۋە، بايلىق، كەمبەغەللىك پەرقى بولمايدۇ. تەمەگە، مال – دۇنياغا، ئەمەل – مەنسەپكە باغلانغان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس، بەلكى قۇلچىلىقتۇر. دوست دېگەن قان دوستكى، ھەرگىز نان دوست ئەمەس. كىمىكى يەنە بىرىگە تەمە بىلەن دوست بولماقچى بولسا، ئۇ خۇددى قۇشلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دان چاچقان ئوۋچىغا ئوخشايدۇ. غەرەز ئارىلاشقان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس نامەردلىكتۇر. بىر بۇزرۇكتىن كىشىلەر «نەچچە دوستۇڭ بار؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ كىشى:«بىلمەيمەن، ھازىر دۆلىتىم پاراۋان، نېمىتىم كەڭرىچىلىك، شۇڭا ماڭا ھەممە كىشى دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدۇ، مەن بىلەن قەلبى بىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا لاپ ئۇرىشىدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر ئىززەتنىڭ كۆزىنى مېھنەت قارىغۇ قىلسا، ئۇ چاغدا ئاندىن كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. دېمەك، ئەل خارەزمى دېگەندەك «ئۇرۇش باتۇرنى، جاھىل دانانى، يوقسۇزلۇق دوستنى سىنايدۇ.» بۇزرۈكلار شۇڭا:«تۆت گۇرۇھنى مۇنداق تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك، يەنى باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە، خىيانەتسىز، ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم – بېرىمدە، خوتۇن – پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامراتلاشقان چاغدا، ھەقىقىي دوستلارنى بالا – قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك» دېگەن.

دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،

يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.

بولسا كىم مېھنەتتە دوست، ئۇ جانغا دوست،

دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست، ئۇ نانغا دوست.

بۇ شېئىر ھېكمەت كىتابلىرىدا يېزىلغان مۇنۇ ھېكمەتنى ئىپادىلىگەن: پادىشاھلارنىڭ بىرى بىر پازىل كىشىدىن:«خالايىقلارنىڭ مالدار كىشىلەرنى دوست تۇتۇشىدا نېمە ھېكمەت بار؟» دەپ سورىغانىكەن. ئۇ پازىل كىشى:«مال ئۇلارنىڭ مەشۇقىدۇر، مەشۇق قەيەرگە بارسا، ئاشىق شۇ يەرگە كېلىدۇ، مەشۇق كەتسە ئاشىقمۇ كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن

مەنىۋى دۇنياسى پۈچەك، ياشاش ئىقتىدارى

تۆۋەن ئادەملەر نامەرت كېلىدۇ.

رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، مەرد ئادەمنىڭ قارنى – كۆكسى كەڭ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يۇقىرى، تەبىئىتىدە نومۇس ۋە ۋىجدان بار، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئۆز نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى نومۇس بىلىدىغان، تەمەخورلۇق، قۇلچىلىق بىلەن جان بېقىشنى ئۆلۈم دەپ بىلىدىغان ئالىيجاناب خاراكتېر بولىدۇ. نامەردلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كەمتۈكلۈكى، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن زەئىپ بولىدۇ، ئۇلاردا نومۇس، ۋىجدان بولمايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھالاللىق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزى كىچىك، دىلى شۇنداق زەھەركى، ئۇلار ئۆزىدىن ئالدىغا كەتكەن ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن ھەسەت، كۆرەلمەسلىك ئوتىدا پۇچۇلىنىدۇ. كۆڭلىدە ئۇلارغا ئاداۋەت ساقلايدۇ، تۆھمەت قىلىپ، ياخشىلارنى يىقىتىپ ئۆزىنىڭ مەجرۇھ گەۋدىسى بىلەن ئالدىغا چىقىشنى ئويلايدۇ. مانا مۇشۇنداق چۈپۈرەندىلەر قانچىلىك كۆپەيسە مىللەتكە كېلىدىغان ئاپەت شۇنچىلىك كۆپىيىدۇ، تارتىدىغان دەرد – ئەلەم شۇنچىلىك ئاشىدۇ. شۇڭا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ بەخت – سائادەت مەنزىلىدىكى پۇتلىكاشاڭ قوتۇرلارنى ئوبدان بايقاش، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى چاكىنا، چۈپۈرەندە، مەرەز ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يارىماسلار بىلەن ئېتىشمايدۇ، بەلكى ياخشىلارغا ئورا كولاش ئۇلارنىڭ ئادىتى ۋە خۇمارى، ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەنلەرگە پۇت قويۇش ئۇلارنىڭ ياشاش مەنتىقىسى.

كەڭ قورساقلىق، ياخشىلارنى قوللاش، ئاجىزلارغا يار – يۆلەك بولۇش مەردلىكنىڭ مۇھىم نىشانىسى؛ ھەسەتخورلۇق، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، ياخشىلارغا ئورا كولاش يارىماس نامەردلەرنىڭ ئادىتىدۇر.

«ئادەم ياخشىلىقنىڭ بەندىسىدۇر». ياخشىلىق قىلىش قارنى – كۆكسى كەڭ، سېخىي، مەرد ئادەملەرنىڭ ھاياتلىق مىزانى، ئۇ ئاجايىپ ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنىڭ كانى، ئىنسان قەدىر – قىممىتىنىڭ رەھنىماسى. ياخشىلىقنىڭ چەك – چېگرىسى يوق، ياخشىلىققا چوڭ – كىچىك دەپ باھا بېرىشنىڭمۇ ئورنى يوق؛ ياخشىلىقتا باي، كەمبەغەللىك ئۆلچىمىمۇ يوق. بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشمۇ بىر ياخشىلىق، يولدا ئۇچرىغان بىر زىيانلىق تىكەننى باشقىلارنىڭ پۇتىغا سانچىلمىسۇن، دەپ سىرتقا ئېلىپ تاشلىۋېتىشمۇ ياخشىلىق؛ مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ پۇل چىقىرىپ نامرات بىچارىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشمۇ ياخشىلىق؛ بىرەر كېسەلمەن بوۋاي يكى موماينىڭ سۈيىنى ئەكىرىپ بېرىش، ئوتىنىنى يېرىپ بېرىشمۇ ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە شارائىتىغا قاراپ ياخشىلىق قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە نىيەتتە. نىيەت دۇرۇس، ياخشى بولسا گەرچە ياخشىلىق قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ ئۇنى ياخشى ئادەم دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا: سەن ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ يامانلىق قىلما، يامانلىق قىلمىغانلىقىڭ ياخشىلىق قىلغانلىقىڭ ھېسابلىنىدۇ. (ئەلىشىر نەۋائى) دېگەن تەۋسىيەلەر بار. بۇ مۇقەددەس كىتابلاردىكى «باشقىلارغا يامانلىق قىلماسلىقمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.

كىشىلىك تۇرمۇشتا ياخشىلىقمۇ كۆپ، بىراق خاراكتېرى ئوخشاش بولمايدۇ.

بىرىنچى، ياخشىلىق قىلىش – مەردلىك ۋە سېخىيلىق. بىراق ئۇنى مىننەت قىلىش، ياكى ئۇنىڭدىن بەدەل تەلەپ قىلىش نامەردلىك ۋە خەسىسلىك ھېسابلىنىدۇ. ياخشىلىق قىلىپ ئارقىدىن بەدەل تەلەپ قىلىشنى ئۇلۇغلار: چوشقىنىڭ يۇيۇنۇپ بولۇپ، يەنە چىلىسىگە مىلەنگىنىدەك ئىش، دەپ تەرىپلىگەن. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە سېخىيلىقى بىلەن ئەل ئارىسىدا قەدىر – قىممەت تاپقان ئوغلانلىرىمىز خېلى بار. ئۇلار مىڭ بالادا تاپقان ئىقتىسادىنى نامراتلارنى يۆلەشكە، يېتىم – يېسىرلارنى ئوقۇتۇشقا، ئىقتىسادىي ئامىل سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان مۇنەۋۋەر، ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا، مەكتەپ سېلىشقا سەرپ قىلىپ، پۇلنىڭ ھەقىقىي قىممىتى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسانىي ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بۇ مەرد ئوغلانلار بىلەن خەلققە ياخشىلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش، خەلقنى قاقتى – سوقتى قىلىش ئارقىلىق جان بېقىۋاتقان نامەردلەر ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك زور پەرق بار – ھە!؟ شۇ مەرد ئوغلانلارنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشىغا دۇئا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى:«ئېسىت! شۇ پۇل مەندە بولۇپ قالسىچۇ؟ ئەخمەق ئادەملەر جىق جۇمۇ، بۇ جاھاندا» دېگەن پۇچۇلىنىشلارنى ئاڭلاپ، «يا ھەزرەت ما ئادەملەرنىڭ كۆڭلى نېمىدېگەن قارا» دەپ قالىدۇ كىشى. بەزىلەر بىر مو پۇلنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدۇ، ھەتتا بىز جەمئىيەتتە ئون كوي، يۈز كوي چاغلىق پۇل ئۈچۈن بىر – بىرسىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان نامەردلەرنى خېلى كۆپ ئۇچراتتۇق. پۇل تاپقان ئاشۇ مەرد ئوغلانلار ئۈچۈنمۇ پۇل شۇنداق تاتلىق، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ – تېشىپ كەتكىنى يوق. بىراق كۆز ئالدىدىكى خەلقى ئاچ – يالىڭاچلىقتا ئىڭراۋاتسا ئۇلارنىڭ گېلىدىن غىزا ئۆتمىگەن، ئۇلارنىڭ يېگەن ئېشى زەھەر، كىيگەن تونى كىپەن بولغان. ئۇلار تەڭ يېگەن تەنگە سىڭار دېگەن ئەقىدىنى بىلىدىكەن. يۇرتداشلىرى، خەلقى ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرسا تاپقان پۇلنى كۆز – كۆز قىلىپ، ئۇلارغا بويۇنتاۋلىق قىلىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل دەپ قارايدىكەن.

ھەي خەسىس بىچارە! ئۆزۈڭنىڭغۇ قولىدىن زىياندىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ، ئۇلارغا ئىچىڭ تارلىق قىلىدىغان، ئۇنى كۆرەلمەيدىغان سەندىكى قانداق بىر قەلبتۇ؟…

ساخاۋەت ھەققىدە توختالغاندا، يەنە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، مەجبۇرىي، زورلۇق بىلەن قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ ھەم قىممىتى بولمايدۇ. تولىستوينىڭ بىر سۆزى بار:«ساختا ساخاۋەت ھەممىدىن يامان، ئاشكارا يامانلىققا قارىغاندا ئادەم ساختا ساخاۋەتتىن كۆپرەك نەپرەتلىنىدۇ». بەزىدە غەرەز ئارىلاشقان ياخشىلىق، يوشۇرۇن دۈشمەنلىككە ئوخشايدۇ. بەزىلەر باركى گېزىتكە يېزىلىپ ماختىنىش ئۈچۈن، تېلېۋىزوردا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى خەلققە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن «ساخاۋەتلىك» بولىۋالىدۇ. ھەي بۇرادەر، بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئوڭ قولۇڭ بەرگەن سەدىقىنى سول قولۇڭغا بىلدۈرمە دېگەن ئەنئەنە بار. قىلغان ياخشى ئىشىڭلارنى يامان تەمە بىلەن بىكار قىلغۇلۇق ئەمەس.

جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن يېتىم – يېسىر بالىلار بۇ ھايات داستىخىنىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھېچقانداق مەئىشەتتىن، مېھرىبانلىقتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرى شۇم ئەجەلنىڭ سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن كېتىشكەن. بەزىلەرنىڭ ئاتىسى ھالال، پاك ياشاپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن، ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاپ، خەلق ئۈچۈن ئۆلگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ھېچقانداق مىراسى قالمىغان. ئۇلار ئۆز بالا – چاقىلىرىنى ساخاۋەتلىك خەلقىمىزگە قالدۇرۇپ كېتىشكەن. ئەجەبا ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاشۇ يىتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىلاپ قويغۇدەكمۇ مېھىر – شەپقەت بولمىسا، ئاشۇ پىداكارلارنىڭ كۆزى قانداقمۇ يۇمۇلىدۇ. بىزنىڭ ئارىمىزدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خەلقپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر كىشىلىرىمىز بار، بىراق ئۇلارمۇ ئادەم. ئۇلار قاباھەت دېڭىزىغا سەكرەپ، ھالاكەت گىردابىدا ئىڭراۋاتقان بىر مەسۇمنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان بولسا، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشتا يوق، ئەكسىچە، ئۇنى ئەخمەقلىقتا ئەيىبلىسە، ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىملىك دەردىدە زارلانسا، كىشىلەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۇلار «بولدىلا، بۇ خەلققە بۇنچىلىك قۇربان بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ» دەپ پىداكار قەلبىگە ئىلاجىسىز پەردە تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ كىلۋېتىس:«جاسارەت بەك قەدىرلىنىدىغان، قورقۇنچاقلىق قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ قەدىرلىكتۇر» دېگەن ئىكەن. چۈنكى «جاسارەتلىك يۈرەك ھەرقانداق مۇسىبەتلەرنىمۇ بىتچىت قىلالايدۇ» (سىرۋانىتىس). بىراق ئاشۇنداق جاسارەتلىك سېخىي ئوغلانلىرىمىزنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا ياندىشىدىغان، ئۇنىڭ ئىزىنى باسالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەكتە.

سەن يېتىملارنىڭ قانچىلىك بىچارە، قانچىلىك ئاجىزلىقىنى بىلەمسەن؟ يىلتىزسىز دەرەخنىڭ كۆكلەپ مېۋە بەرگىنىنى كۆرگەنمۇ سەن؟ يېتىم يىغلىسا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم بولمىسا بولامدۇ؟ يېتىمنىڭ يىغا – زارى ئەرشى ئەلانى تىترىتىدۇ، دېگەن گەپ بار. شۇڭا يېتىملەرگە رەھىم قىلىپ ھېچ بولمىسا كۆز يېشىنى بولسىمۇ ئېرتىپ قوي، يۈز – كۆزىدىكى چاڭ – توزانلارنى سۈرتۈپ قوي، شۇنداق قىلساڭ سېنىڭ بالىلىرىڭ يېتىم بولۇپ قالغان چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغانلار چىقىدۇ. بۇنىڭدىن شۈبھىلەنمە. «بىر يېتىمنىڭ بوينى قىسىق، كۆڭلى سۇنۇق كۆرگىنىڭدە، – دەيدۇشەيخ سەئدى – ئۆز بالاڭنى ئەركىلىتىپ سۆيمە. ئاجىزلارنىڭ قولىدىن تۇتقاننىڭ قولىنى ئەتە ئۆزى ئاجىزلاشقاندا تۇتىدىغانلار چىقىدۇ. كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ئاجىزلارنىڭ بېشىغا ئۇرما، بىر كۈنلىرى چۈمۈلىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئايىغىغا چۈشۈپ قالىسەن».

بىزنىڭ خەلقىمىزدە ياخشى، ئەل سۆيەر، ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللىرىغىلا خەير – ساخاۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ھامى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ قالماي، بەلكى يامان دەپ قارالغان ئادەملەرنىڭ بالا – چاقىلىرىغىمۇ خەيرىخاھلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاتىسى گۇناھكار بولغان بولسا، خوتۇن – بالىلىرىنىمۇ شۇ گۇناھغا شېرىك قىلىش ئىنسانلىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، توغرا يولغا باشلاش، خەلقنىڭ ئارىسىغا باشلاپ كىرىش كېرەك.

ئادەم ياخشىلىق قىلغان ئىكەن ئاداققىچە قىلىشى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ. بەزىلەر باركى بىر دوستى ئەمەلدار، پۇلدار بولسا، ئۇ ھايات چېغىدا ئاجايىپ يېقىن بولىۋالىدۇ، ھەتتا ئۇ ئۆزىنى پۈتۈن بارلىقىنى دوستى ئۈچۈن تەسەددۇق قىلىدىغاندەك كۆرسىتىدۇ. بىراق دوستى ئالەمدىن ئۆتسە، ئەمەلدىن چۈشسە ياكى نامراتلىشىپ قالسا، دەرھال يۈزىنى ئۆرۈيدۇ. ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرىغا بىرەر ئاياغ ئېلىپ بېرىشكە يارىمايدۇ. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان نامەردلىك ۋە شەرمەندىلىك ئەمەسمۇ؟

ئىككىنچى، ياخشىلىقنى ياخشىلىق قىلىش لازىم بولغان ئادەمگە ۋە ئورۇنغا قىلىش كېرەك. زۆرۈرىيەتسىز جايغا قىلىنغان ياخشىلىق ۋە يامانلارغا قىلىنغان ياخشىلىق يامانلىق قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. يامانلارغا قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟ ئەلۋەتتە يامانلىق ۋە يۈز ھەسسە يامانلىق. بۇ ھەقتە تارىختا نۇرغۇن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر بولغان سەئدىنىڭ ھېكايەت قىلىشىچە: بىر توپ ئەرەب قاراقچىلىرى تاغ بېشىدا ماكان تۇتۇپ كارۋانلارنىڭ يولىنى توسايتتى. ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىدىن ۋەھىمىگە چۈشكەن، سۇلتان لەشكەرلىرىمۇ يېڭىلىپ قالغانىدى. چۈنكى قاراقچىلار تاغ چوققىسىدا قىيىن يوللارنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئۆزلىرىگە پاناھ جاي قىلىۋالغانىدى. شۇڭا مەسلىھەت بويىچە بىر ئادەمنى چارلاشقا ئەۋەتىپ ئەپلىك پۇرسەت كۈتمەك بولۇشتى.

بىر كۈنى قاراقچىلار خەلقنى بۇلاشقا كېتىپ ئۇۋىسى خالىي قالغان چاغدا، بىرقانچە ئىش كۆرگەن جەڭ تەجرىبىسىگە ئىگە يىگىتلەر ئەۋەتىلدى. ئۇلار تاغنىڭ بىر ئۆڭكۈرىگە مۆكۈپ تۇرۇشتى. قاراقچىلار كەچتە ئولجىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىشتى. ئۇلار قورال – ياراغلىرىنى يېشىپ تاشلاپ، ئولجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى دۈشمەن ئۇيقۇ بولدى. بىرىنچى جىسەك ۋاقتى ئۆتكەندە باتۇر يىگىتلەر پىستىرمىدىن چاچراپ چىقىشتى – دە، قاراقچىلارنىڭ قولىنى بىر – بىرلەپ ئارقىسىغا باغلاپ، بامدات ۋاقتىدا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى، پادىشاھ بۇ قاراقچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلدى. شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ياش بالا كۆزگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ياشلىقىنىڭ كۆچىتىنىڭ مېۋىسى ئەمدىلەتىن يېتىلگەن، جامال گۈلىستانىنىڭ مايسىلىرى يېڭىلا كۆكۈرۈشكە باشلىغانىدى. ۋەزىرلەردىن بىرى شاھ تەختىنىڭ بوسۇغىسىنى ئۈپۈپ، شاپائەت يۈزىنى يەرگە قويدى – دە: بۇ بالا تېخى ھايات بېغىدىن بىرەر تال مېۋىنى تېتىپ كۆرمىگەن ۋە ياشلىق باھارىدىن بەھرىمەن بولمىغان. شۇڭا پادىشاھىمىزنىڭ سېخىيلىق ۋە ئالىيجانابلىقىدىن ئۈمىدىم شۇكى، ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتۈپ مەن بەندىگە بېرىۋەتسە ئىكەن.

پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى، بۇ پىكىر ئۇنىڭ يۈكسەك رەيىگە مۇۋاپىق كەلمىگەچ مۇنداق دېدى:

ياخشىلارنىڭ نۇرى يۇقماس زاتى پەسكە ھېچقاچان،

تەربىيە نائەھلىگە گۈمبەزدىكى ياڭاقسىمان.

ئۇلارنىڭ ناپاك نەسلىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇرۇق ئەۋلادىنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇۋېتىش ياخشىراق. چۈنكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ چوغنى قالدۇرۇپ قويۇش، يىلاننى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇمىنى ساقلاپ قېلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.

ئابىھايات تۆكسىمۇ ئاسماندىن بۇلۇت،

تال سۆگەتتىن مېۋە يېيەلمەيسەن.

پەسكەشكە ۋاقتىڭنى زايا قىلمىغىن،

بورا قومۇشىدىن شېكەر ئالالمايسەن.

ۋەزىر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ خالار، خالىماس ماقۇل كۆرگەن بولدى ۋە شاھنىڭ گۈزەل پىكرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ يەنە مۇنداق دېدى: شاھنىڭ ئىلتىپات قىلىپ ئېيتقىنى چىن ھەقىقەت. ئەگەر بۇ بالا ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ ئۈلپەتچىلىكىدە ئۆسكەن بولسا، ئۇلارنىڭ خۇيىنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بولاتتى. ئەمما مەن قۇلىڭىز ئۈمىدۋارمەنكى، ئۇ ياخشىلارنىڭ ئارىسىدا تەربىيە كۆرسە، ئاقىللارنىڭ خۇلقىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك بالا، بۇ گۇرۇھنىڭ بولاڭچىلىق، توپىلاڭچىلىق ئادەتلىرى ئۇنىڭغا ئانچە سىڭگىنى يوق. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:«ھەربىر بوۋاق تۇغۇلغاندا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدى قىلىپ چىقىدۇ، يا خرىستىيان قىلىپ چىقىدۇ، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ.

يامانغا يار بولغاچ لۇتنىڭ جورىسى،

بولدى پەيغەمبەرلىك خانىدان ۋەيران.

ئەسھاب كەھفنىڭ ئىتى نەچچە كۈن،

ياخشىلارغا ئەگەشكەچ بولغانتى ئىنسان.»

ۋەزىر پەيغەمبەر سۆزىنى شىپى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ ئۇ كىچىك قاراقچىنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى – دە:«بولۇپتۇ، گەرچە بۇ ئىشنى مەسلىھەت كۆرمىسەممۇ كەچۈرۈم قىلدىم!» دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ۋەزىر بالىنى ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى تۈرلۈك نازۇ – نېمەتلەرگە كۆمۈۋەتتى. ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ئۇستاز، ئەدىبلەرنى تەيىنلەپ، سۆزلەش ۋە گەپ قايتۇرۇش سەنئىتىنى ۋە شاھقا خىزمەت قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىش ناھايىتى ماقۇل كۆرۈندى. دېمەكلىكچە، ئۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بىر قېتىم ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۇ بالىنىڭ سۈپەتلىرى توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ، ئاقىللارنىڭ تەربىيىسى ئۇنۇڭغا تەسىر قىلغانلىقىنى، بۇرۇنقى نادانلىقى ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. پادىشاھ كۈلۈپ قويدى – دە، دېدى:

ئاقىۋەت بۆرە كۈچۈكى بۆرە بولۇر،

گەرچە ئۇ ئادەم ئىچرە ئۆرە بولۇر.

ئارىدىن بىر – ئىككى يىل ئۆتكەندە ئاشۇ مەھەللىنىڭ بىر توپ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۈلپەتچىلىك ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت تېپىپ ۋەزىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەددى – ھېسابسىز مال – مۈلكىنى بۇلاپ كەتتى ۋە قاراقچىلارنىڭ غارى ئىچىدە ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھەيرەت بارمىقىنى چىشلەپ دېدىكى:

ئەسكى تۆمۈردىن ياسالمايدۇ كىشى ئۆتكۈر قىلىچ،

رەزىل ئادەم تەربىيىدە، ئەي ھەكىم بولماس ئىنسان.

گەرچە يامغۇر ياخشىلىقتا ھەممىگە ئوخشاش بىراق،

باغدا لالە ئۆسىدۇ، شورلۇقتا يانتاق ھەرقاچان.

شورلۇقتا ھېچقاچان سۇنبۇل ئۆسمەيدۇ،

ئۇرۇقنى، ئەمگەكنى قىلمىغىن زايا.

يامان ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش،

ياخشىغا يامانلىق قىلغانلىق گويا.

بۇ ئەقىدە شەرقنىڭ مۇھىم تەجرىبە – ساۋاقلىرىدىن بىرى. ئۇزۇن ئەسىرلىك تەجرىبە ساۋاقنىڭ يەكۈنى. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىدىنمۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ سىماسى چاقنايدۇ. چۈنكى ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمىغانىكەن، يامان ئۇرۇقتىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ. ئاق كۆڭۈللۈكنىڭمۇ، مېھرىبانلىقنىڭمۇ چېكى بار. تارىخىمىزدا نۇرغۇن پاجىئەلەر قارىغۇلارچە يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىلەن رېئاللىققا مۇئامىلە قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقتى. يەنە نۇرغۇن پاجىئەلەر بىزنىڭ ياخشى، ياراملىق ئادەملىرىمىزنى قوغداپ قالالمىغانلىقىمىزدىن يۈز بەردى. (بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي پىكرىمىزنى كېيىنكى مەخسۇس تېمىدا ئوتتۇرىغا قويىمىز).

بەزىلەرنىڭ كۆزقارشى ۋە كلاسسىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدا يامانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار بار. بىراق بۇ ئىشقا مۇئامىلە قىلىشتا شۇ ئادەمنىڭ ياخشى يامانلىقىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئادەملەر نادانلىقى، نامراتلىقى سەۋەبلىك يامان يولغا مېڭىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ يامان يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالساق، بۇ ياخشىلىق بولىدۇ. بىراق كىشىلەرگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان، خەلققە دۈشمەنلىك ئورۇندا تۇرۇپ ئېغىر زىيانلارنى سالغان، خاراكتېرى يامان، قەبىھ، رەزىل، زەھەرخەندە، رەھىمسىز، تەبىئەتسىز مەخلۇقلارنى ھەرگىزمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش مەردلىك ھېسابلانمايدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا يانتاياق بولغانلىق، ئۇلارنى قوللىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ رەزىللىكىنى بىر كۈن چەكلىمىسە خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇنچىلىك كۆپ بولىدۇ. ئۇنداقلارغا رەھىمدىللىق قىلىش ئەل ۋەتەنگە زىيانكەشلىك قىلىش بولۇپ، بىزدىن ئىنتايىن زور بەدەل بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە كەچۈرۈشنى بىلىش مەردلىك ھېسابلانسا، بەزىدە قەتئىي كەچۈرمەسلىكمۇ مەردلىك ھېسابلىنىدۇ.

تارىختىكى ئاچچىق تەجرىبە – ساۋاقلاردىن چوڭقۇر ئىبرەت ئېلىش كېرەكقۇ؟ بىز يېقىنقى تارىخىمىزدا، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى مۇھىم ئىشتا ئەڭ ئېغىر گۇناھ سادىر قىلدۇق. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئەسىرىگىچە بولغان بىر ئەسىر جەريانىدا خەلقىمىز ئىچىدىن نەچچە يۈز مىڭ سەرخىل ئوغلانلىرىمىز ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە شۇ دەۋر ئېتىبارىدىن قارىغاندا مىللەتنىڭ غۇرۇرى، مىللەتنىڭ ۋىجدانى، مىللەتنىڭ ۋەكىلى، مىللەتنىڭ سەركەردىسى، ئاقىلى، ئالىمى، سىياسىيئونى ۋە باشلامچىلىرى ئىدى. ھەرگىزمۇ چاكىنا – چۇكىنا، كېرەكسىز ئادەملەر ئەمەستى. بىراق ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. ئۇلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن. بىز ئۇلارنى قوغداپ قالالمىدۇق، ئۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنى ئاسرىيالمىدۇق. نەتىجىدە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت خەلقنى ئەقىلدار، يىراقنى كۆرەر باشلاردىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، نادان خەلقنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ ساماسىغا ئۇسسۇل ئويناتتى. خەلق سەركىسىدىن ئايرىلغان قوي پادىسىغا ئوخشاپ قالدى. بىر مىللەتتىن بۈيۈك ئەقىلدار باشلامچىلاردىن قانچىلىك چىقىشى مۇمكىن. دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئادەملەر بارماق بىلەن سانىغىدەكقۇ؟ دۇنيادا قانچە ماندىلا بار، جۇڭگودا ۋە دۇنيادا قانچە ماۋزېدۇڭ ۋە قانچە دىڭشياۋپىڭ بار؛ لىنكولىندىن قانچىسى، مۇستاپا كامالدىن نەچچىسى بار. ئارىستوتىلدىن قانچىسى بار، كۇڭزىدىنچۇ، ئوغۇزخاندىن قانچىسى بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپتىنچۇ؟ دېمەك، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە – بەزىدە بىر ئەسىردە، بەزىدە 10 ئەسىردە، ھەتتا بەزىدە 03-02 ئەسىردە بىردىن بۈيۈك شەخسلەر بارلىققا كېلىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر ماۋزېدۇڭ بىلەن دېڭشياۋپىڭ چىقمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى كىم تەسەۋۋۇر قىلالايتتى. شۇڭا جۇڭگو خەلقى بۇ ئۇلۇق داھىيلىرىدىن قانچىلىك پەخىرلەنسە ئەرزىيدۇ.