مەشھۇر ئالىم، مۇددەرىس – جامالىدىن قەشقەرى

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

جامالىدىن قەشقەرى قەشقەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر مۇددەرىس.
ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپى- ئۇرقۇن ،شامان ، مانى مائارىپ دەۋرى( 552 ~ 844 يىللىرى) ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى( 850 ~ 1250 – يىللار ) بۇددىزىم مائارىپى دەۋرى( 75 ~ 992- يىللار) جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىيلار ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى( 870 ~ 1211 -يىللىرى)گە قەدەم قويدى. بۇ دەۋىردىكى مائارىپ – ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ ، پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغان ئىدى. ھەممە ۋىلايەت ناھىيەلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان ، بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالى بىلىم يۇرتى« مەدىرىسەئىي ساجىيە » تەسسىس قىلىنغان ئىدى. بۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەرىسلىكلىرى – ماتېماتىكا ، يۇنان پەلسەپىسى ، تىلشۇناسلىق ، ئاستۇرنومىيە ، تىبابەتچىلىك ، ئىلمىي مەنتىق(لوگىكا) ، تارىخ ، جۇغراپىيە ۋە ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن. بۇنداق ئالى بىلىم يۇرتىغا جامالىدىن قەشقەرىگە ئوخشاش داڭدار ئالىملا ، ئاتاقلىق مۇددەرىسلەرلا دەرىس بېرەلەيتى.

جامالىدىن قەشقەرى ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىڭ مەلۇمات يوق. تۇلۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 10- ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان ھەمدە ھەرقايسى پەنلەردىكى ئجتىھاتى ئۇنى ئۆز دەۋىرنىڭ ھەر تەرەپلىمە يىتىشىپ چىققان ئالىمىغا ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئۇ ‹‹ مەدىرىسەئىي ساجىيە››گە مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىپ ، ئۇزۇن يىللار مۇددەرىسلىك قىلغان.

ئۇنىڭ كۆڭۇل قويۇپ تەربىيلىشى ئارقىلىق ‹‹مەدىرىسەئىي ساجىيە›› دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم – پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر تىۋىپلەر ، پەيلاسۇپلار يېتىشىپ چىققان. ھەتتا ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تونۇلغان.