مۇھەممەتجان راشىدىن

مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى 6-ئاينڭ 19-كۈنى غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى مەھەللىسىدە دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يېزىدا تۈەەتكەندىن كېيىن،-1955يىلىدىن-1958يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقىغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،1968-يىلى 7-ئايغىچە،چاپچال ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يۈزى ئوتتۇرا مەكتىپىدەخىزمەت قىلغان .
1968-يىلى 8-ئايدا ئاتالمىش “مەدەنيەت زور ئىنقىلاۋى نىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ،1982-يىلىغىچەتۈرمىدە ياتقان.1982-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل ئاخلىنىپ چىقىپ،غۇلجا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمى مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن 2003-يىلى 3-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
مۇھەممەتجان راشىدىن 1958-يىلى 10-ئايدا ،”ئىلى گېزىتى”دە ئېلان قىلىنغان “ئىلى دەرياسى”ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدىبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن .شۇندى بۇيان ،شىنجاڭدىكى ھەرقايسى گېزىت-زورناللاردا شائىرنىڭ 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ،20 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايىسى ،15 پارچە ئىلمى ماقالىسىئېلان قىلىنغان.جۈملىدىن “كاككۇك گۈلى”،”يىللار ئىزى”،”كۈنلەر ئەلبۇمى”،”ئانا يەر قەسىدىسى”،”ئۆمۈر ئىلھاملىرى”،قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ۋە “تېنىگەن كۆڭۈل”ناملىق ھىكايە ،پوۋىست،ئەسلىمىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
بۇ دۇنيا
تالاشساڭمۇ،تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مەيلى گاداي،مەيلى شاھ بىر قىيامەت بىر جانغا ،
بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالۇر ئىكەن بۇ دۇنيا.
يىغلىغانلار پەسلەيدۇ رىزقى ئۇنىڭ شۇنداق،دەپ،
مۇسىبەتكە ھەركىمنى سالار ئىكەن بۇدۇنيا.
بىر ھوجرىغا جەم بولۇپ،ئۈلگۈرمىگەن جۈپلەرنى،
ياش دىمەستىن ئەلەمدە قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغان تىرىكلەرمۇ ئاز ئەمەس،
كۆز ياش بىلەن يۈزۈڭنى يۇيار ئىكەن بۇدۇنيا.
ۋاپاسىز، دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر ،
ئاغرىنغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.
يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسام ئۈنچىقماس،
پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.
توخۇلارغا تاڭ قالدىم تىرىكلىكنى ئويغاتقان،
تەئەجۈپكە ھەركىمنى قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئەجداتلاردىن قەبرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ،
خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات،دەپ،
بىر قىسمەتتە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئۆچۈرگەندەك ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىنى بىر شامال،
ئۆزى يەنە گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مۈكچىيەركەن بەللىرىڭ سەن كۈتمىگەن كەچمىشتە،
ھەر ماڭلايغا بىر قىسمەت يازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئاق سانجىيدۇ چىكەڭگە،
يۈزلەپ قورۇڭ يۈزۈڭدىن سانار ئىكەن بۇ دۇنيا.
قىز -كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا موماي بولماسقا ،
ئۇنىمىساڭ قويماستىن تاڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.
قايرىلىسەن كەينىڭگە ياشلىقىڭغا تويماستىن ،
ئۆشنىسىدە سەن ئۇنىڭ،ماڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.
بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدىن ھەركىم ھەرنە كۆزلەيدۇ،
بېخىلارنىڭ كۆزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
كېلىپ-كېتەر مېھمانسەن،ياخشى قونۇپ،ياخشى كەت،
سېخىي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۈز نەپسىگە چوغ تارتىپ،
توۋا دەڭلار،ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.
گويا ئاتقان ئوشۇقتەك سىيا چۈشۈپ،چۇ چۈشۈپ،
ئويلاپ كۆرسەڭ بىر تاۋكا قىمار ئىكەن بۇ دۇنيا.
چىچەك تۆكسە ئۈرۈكلەر مىۋە قېلىپ ئورنىدا،
ئەجداتلارغا ئەۋلاتنى ئۇلار ئىكەن بۇ دۇنيا.
رىزقى ئەمما تەڭ ئەمەس بۇ “پانىي”غا كەلگەننىڭ ،
بىردە يوقسۇل،بىردە تەل قىلار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئاپەتلىرى ئاز ئەمەس،يولۇققانلار يىغلايدۇ،
كەلكۈن كەبى شاقىراپ ئاقار ئىكەن بۇ دۇنيا.
غەم قىلمىغىن ،ئۆلگەنلەر ،يىتىم قالغان بالاڭدىن ،
ئۆزى بېقىپ قاتارغا قاتار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئەجەپلەنمە بېشىڭغا ئىسسىق كەلسە، سوغ كەلسە،
تارازىسى ئىگىز -پەس بولار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئەيىپ كۆرمەڭ، كۆتۈردۈم شۇ سەۋەپتىن بىر قەدەھ،
شۇ قەدەھكە،شۇ مەيگە خۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.
1974-يىللار ،1980-يىللار،ئۈرۈمچى