ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ئورنى قانچىلىك؟

ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﯘﻏﻴﺎﻥ

مۇقاملىرىمىز،ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكىلىق بەدىئىي قامۇسى،مەدەنىيتىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى(ئەڭ مۇھىم قىسمى ئەمەس).ئۇنىڭ ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان بىرگە مەنىۋىي ئۇرۇن بىرىپ كەلگەنلىكىنى،زورئىستىتىك قىممىتىنى،تەربىيۋىي ئەھمىيتىنى،بىر قىسىم مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى،كۆپلىگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئىغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىنى بىزگىچە يەتكۈزۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى،مۇقاملىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇشتىكى ئىجابىي قىممىتىنى(بۇنىڭدا يەنە دارۋازلىقتىن باشقا تۇنۇتقۇدەك نەرسىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپقا ئېلىش كىرەك)ھەرگىز چەتكە قاقمايمىز ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.تۆگە ئۆركىشىدەك ئېگىز-پەس تارىخ دولقۇنلىرىدا ناخشا-ئۇسسۇل دەردلىك قەلبىمىزگەمەلھەم بېرىپ كەلدى.تۇغۇلىشىمىز بىلەنلا ئەللەي ناخشىسى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇق.مەشرەپلەردە ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگەندۇق.توي-تۆكۈن،بەزمە مەشرەپلىرىمىز رەڭگارەڭ ۋە مول مەزمۇنلاشتى.شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالداتۈرلۈك قائىدە-يۇسۇنلىرىمىزمۇ كۆپىيىپ، بارا-بارا<<كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز>>لاشتى.ھە دېگەندە ئەپيۇنغا خۇمار بولغان كىشىدەك مەجنۇنلارچە شەيدالىق تۈپەيلى،<<ئىنسان روھىغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچى مەنىۋى ئامىل>>بولغان(فارابىي سۆزى)ناخشا مۇزىكا روھىيتىمىزدە <<سەنئەتخۇمارلىق>> تەركىبىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ باردىكى،ئىنسانىي كامىللىق،روھىي مۇكەممەللىك جەھەتتىن شۇنچە غۇربەتلىشىپ باردۇق.ئەل غېمى ئاساسىدىكى مىللى ئۇيۇشۇش كۈچىنى يىراقلارغا چۆرىۋىتىپ،ئىبلىس سۈرەتلىك لەنەتگەردى خوجىلار دەۋرىدىن باشلاپ مەزھەبچىلىك،تەمەخورلۇق،خۇشامەتچىلىك،ئىككى يۈزلىمىچىلىك،چېقىمچىلىق،ساتقىنلىق…قاتارلىق ئىللەتلەرگە چىرمىلىپ،جاھان كەزدىلىك پاتقىقىغا دۈم چۈشتۇق.

قاچانكى <<ئەمگەكچان،ئەقىل-پاراسەتلىك،قەھرىمان مىللەت>>لىك ئەركەك سۈپىتىمىز<<ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت(舞善歌能)دېگەم يېڭىچە <<تەبىر>>گە ئالماشتى،(يېقىندا <<ئىزدىنىش>>تور بىكىتىدىن <<ۋاسكىتبۇل چولپىنى ئادىلجان>> ناملىق ماقالىنى كۆرىۋىتىپ مۇنۇ جۈملىلەرنى كۆرۈپ قالدىم.<<خەلىقئارالىق داڭلىق ۋاسكىتبۇل رېپىرى سۈييى مۇنداق دەيدۇ:شىنجاڭلىقلار مېھماندۇستلۇق بىلەن ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقىغا كېرەككە كەلمەيدۇ،توپ ئويناشقا رىقابەتكە يارىمايدۇ>>…)شۇنىڭدىن بۇيان،بىراۋ مەلۇم غەرەز بىلەن <<سېمىزكەنسەن>>دەپ قويسا،زورلاپ چىڭقىلىپ قوۋۇزىنى كۆپتۇرۋالىدىغان AQ لارچە ھاماقەتلىك بىلەن،ئەسلى سۈپەتلىرىمىزدىن ياتلىشىپ،مەدەنىيەت دېسىلائەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغان ۋە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىزنىڭكىدەك سىستېمىلىق ھەجىمى زور ھالەتتە كۆرۈلمەيدىغان مۇقامىمىزغا،ناخشا-ئۇسسۇلغا ئەمچەككە يېپىشقان بوۋاقتەك باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتۇق،<<قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل،دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى>> ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ <<ئەمچەك>>نىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا كىرەكلىك <<سۈت>> چىقمايدىغانلىقىنى بىلىپ-بىلمەي،ياكى بىلىپ ئەسلەرتىلگەنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي تەشنالىق بىلەن يېپىشتۇق.بۇ <<ئەمچەك>>گە قاراپ قويۇشقىلا،<<ئىككىنجى زۆرۆرىيەت>>(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن سۆزى)سۈپىتىدە زېھنىمىز،ۋاقتىمىز،ئىقتىسادىمىز ئېشىنغاندىلا مۇۋاپىق تەرىقىدە زوقلىنىپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭغا قانچە يېپىشقان بىلەن بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا كىرەكلىك ھېچبىر قۇۋۋەت چىقمايدىغانلىقىنى،ئەكىسچە ئۇنىڭ ئىشقىدا مەجنۇنلارچە پەرۋانە بولغانسېرى،بارا-بارا ئەسلى ۋەسلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى پەرۋايىمىزغا ئالمىدۇق…

ھېكمەت غەزىنىمىزنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك،<<بۇقىنى كالام دىمەڭ،سازەندىنى بالام>>،<<ناخشا ئېيتقانغا يار كەلمەس،ئەسلى بىر كۆڭۈل خۇشى>> دېگەندەك دۇردانىلەر خېلى كۆپ!ئالدىنقىسىدا سازەندە-ئەلنەغمىچىلەرنىڭ دائىم توي-تۆكۈن،بەزمە-باراۋەتلەر بىلەن تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا تۈزۈك ئەسقاتمايدىغانلىقى ئىخچام ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،كېيىنكىسىدە ناخشا ئېيتقانغا يارمۇ كەلمىگەن يەردە،قورساقنىڭ ئەسلا تويمايدىغانلىقىنى،بۇنى پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن،بىكار بولغاندا ئېيتىدىغانلىقىمىز ئۆز-ئۆزىدىن ئاشكارە بولۇپ تۇرىدۇ.

ناخشا-مۇزىكا ئادەمنى خىيالچان،رومانتىك قىلىۋېتىدۇ.ئاڭلىغانچە ئاڭلىغۇسى كېلىپ،كىشى قەلبىنى رەڭگارەڭ خىياللار ئۆمۈچۈك تورىدەك چىرماپ،ئۆزگە بىر ئالەم ئىختىيارسىز ھالدا كىشىنى ئۆز ھوزۇرىغا چىللاپ،رېئاللىقتىكى ھار قانچە زۆرۈر ئىشلارمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ،كىشىنى جاھاننىڭ كارى-بارىنى ئونتۇلدۇرىدىغان بىغەملىك،لايغەزەللىك ۋە تەمەخورلۇققا سۆرەپ كېتىدۇ.بولۇپمۇ مۇھەببەت ناخشىلىرى تېخىمۇ شۇنداق.گەرچە مۇھەببەت ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن باشلانغان،ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانلار زېمىننى ئاۋات قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ،تولىمۇ ئەپسۇسكى،ئۇ چاغدا شۇ مۇھەببەت بولسىلا يېتىپ ئاشاتتى،ئەمما ھازىر<<دەۋىر ئۆزگەردى>>ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە مۇھىم بولغان كەڭ مەنىدىكى مۇھەببەت-بىزنى تۈمەن مىڭ جاپالاردا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنىڭ ئەجىر مۇكاپاتى سۈپىتىدىكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى،يىگەن تۇزىمىزنىڭ ھالال ھەققى-ھۆرمىتى بولغان ئەل-يۇرت مۇھەببىتى،بۇنىڭدىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى ، مىللى كىملىككە بولغان شەيدالىقىمىزنىڭ چىن ياكى ساختىلىقىنى ھەقىقىي سىنايدىغان مىللەت مۇھەببىتى…قاتارلىقلار بىزنىڭ تېخىمۇ زور قوربان بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.

2005.يىلى25.نويابىر ب د ت پەن-مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتى پارىژدا<<جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى>>نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ،3.تۈركۈمدىكى<<ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى>>مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.بىز خۇشاللاندۇق،تەنتەنە قىلدۇق،تېخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ،ناھىيە-يىزىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ،كەينى-كەينىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق.رادىئو -تېلېۋىزورلاردا توختىماي كۆرسەتتۇق.قايتا-قايتا ئۇلاپ ئاڭلاتتۇق.زورلاپمۇ ئاڭلاتتۇق،<<تەلەپ-تەقدىم>>قىلىپمۇ ئاڭلاتتۇق.يېزا-قىشلاقلاردا،كەنت-مەھەللىلەردە،ئوي-ئۆيلەردە، كوچا-كويلاردا نەغمە-ناۋا قاينايدىغان،چوڭ-كىچىك مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى.كۆپ قىرلىق يىتۈك ئالىمىمىز مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ھەمدە ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇقادىر جالالىددىنغا ئوخشاش دوكتۇر،پروفېسسورلىرىمىز بۈگۈنكى ياتلىشىۋاتقان مىللى كىملىكىمىز،نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدلىقىمىز توغرىسىدا ئاچچىق تولغاق يەپ،كىتاپ ماقالە يېزىپ بەرسە،خەقتىن سوراپ بولسىمۇئەستايىدىل ئوقۇپ ھەزىم قىلىپ،ئىدىيىمىزدە ئاز-تولا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا،داڭقان پۇتى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئەبجەش مۇزىكىلاردىن قۇرۇق چاپان تىكىپ،قوڭلىرىنى تولغاپ<<گىلدىڭلىتىش كومىلىچى>> يەۋېلىپ،ئۇيغۇسىراپ كېتىۋاتقان نەشىخوردەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ،گىلدىڭشىپ ئوقۇپ بەرسە،سۈپىتى تۆۋەن بىراك مال قاتارىدا تۆكمە قىلىپ سىتېلىدىغان VCD پىلاستىنكىلىرىدىن ئۈچ-تۆتنى چىقارسىلا<<تالانتلىق چولپان>> دەپ بىشىمىزدا كۆتۈردۇق.(ئۇنداق ئەمەس دەيدىغانلارغا جاۋاپكى،كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسپىتى 30~40%كە يەتمەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتلىمى ئىچىدە ئاۋازغا سالساقمۇ،مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ۋە ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇقادىر جالالىددىنلارنى تونۇيدىغانلارغا ، بىر پارچە ئەسەرلىرىنى مۇلاھىزە بىلەن ئوقۇپ باققانلارغا قارىغاندا،ئاشۇ ئاتالمىش<<تالانتلىق چولپان>>لارنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر ھەسسە كۆپ چىقىشى مۇقەررەر~~).ئالتە يانچۇقلۇق جىلىتكە كىيىپ، بوينىغا فوتو ئاپپارات ئىسىۋالغانكى كىشى-مەيلى چەت ئەللىك ياكى دۆلىتىمىزدىن بولسۇن،مەيلى مۇخبىر،مەيلى ساياھەتچى بولسۇن، ئزدەپ كېلىپلا قالسا،شۇنچە زۆرۈر ئىشلىرىمىزنى قويۇپ،نەچچە مىڭلاپ ئادەمنى مەجبۇرىي تەشكىللەپ،نەچچە سەئەت،ھەتتا شۇ كىنى تۈگىمىسە ئەتىسىگىچە سوزۇپ بىكاردىن بىكارغا مەشرەپ تەشكىللەپ،ئۆزىمىزنى تېخىمۇ <<تونۇتۇش>>قا ئالدىرىدۇق.ئەمما بىز قىزىققانلىق قىلماي، ئۆپكىمىزنى بېسىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ باقساق، بىز بۇنىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتۇق!؟ شان-شۆھرەتكە،نام – ئاتاققا،ئېتىراپ قىلىنىشقا ئىرىشتۇق.<<جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى>>مىز بىلەن خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتنىڭ ئۇئەييەنلەشتۈرىشىگە،تولۇق ئاۋاز بىلەن مۇقۇللىشىغا<ۋەكىللىك ئەسەر> دېگەن ئالىي باھاسىغا ئېرىشتۇق،ئاشۇ يالتىراق قەغەزگە مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ (چەكسىز ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى،بىز ئۇيغۇرلار ئىنسانلار ئارا توققۇرى تەل تۆتنىڭ بىرى) دەپ ئاغزىمىزدىن كۆپۈك قاينىغىچە جار سالغىدەك دەسمايىگە ئىرىشتۇق.ئەممە بۇنىڭغا تۆلىگەن بەدىلىمىز بەكلا كۆپ بولۇپ كەتتى.(بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان <<مەشرەپ>>،<<مۇقام>> نامىدا خەجلىنىۋاتقان ،سەرپ بۇلۇۋاتقان نەچچە مىليۇن يۈەن خىراجەتنى ،ئاشۇ خىراجەتنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىشلىتىپ ، پەلسەپىگە ئەھمىيەت بىرىپ نەشىرىياتلاردا بويۇن قىسىپ يىتىۋاتقان ئىجادىي ۋە تەرجىمە پەلسەپە كىتاپلىرىنى نەشىر قىلدۇرساق،تەبئىي پەن روھىنى يېتىلدۇرسەك ،ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە تەبئىي پەن مۇكاپاتى تەسىس قىلساق،تەبئىي پەندىكى كەشپىيات نەتىجىلەرنى ماددىي رىغبەتلەندۈرسەك،مۇنەۋۋەر سىتۇدىنتلىرىمىزنى پەلسەپە، تەبئىي پەنلەر بويىچە چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارساق،بۇلار ئىلىپ كىلىدىغان ئېجتىمائىي،ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆز ئارا تەخمىنىي سىلىشتۇرۇپ كۆرسەكلە كۇپايە).

<<مۇقام بىزنى دۇنياغا تونۇتتى>>دېگەنلەرگە شۇنداق دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىزكى:بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي يىراققىراق نەزەر سالساق،بۇ تونۇلۇشنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى،بۈگۈنكى ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بۇ دۇنيادا،ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن ئۇزاپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ توپىسىغىمۇ يېتىشەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يىتىشىمىز لازىم(بۇ يەردە ئىككى مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى،گۇاڭجۇ شەھىرىدە يېقىندا مۇھىت تازىلىقى ئىدارىسى قارمىقىدىكى بىر كەسپى ئورۇنغا تۇنجى قىتىم ئاشكارە تازىلىق ئىشچىسى قوبۇل قىلىنغان.ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە بىر دوكتۇر،تۆت ماگىستىر،ئالتە تولۇق كۇرس ئوقوغۇچىسى بار ئىكەن.
يەنە بىر مىسال،ھازىر يەرشارى بويىچە نامراتلار ئومومىي نوپۇس سانى بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان بولۇپ ،بۇنىڭ60%تى ئاسىيا قىتئەسىدە ئىكەن،ئۇشۇ 60%ئىچىدە ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ مەلۇم نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ.6 .نوپۇس بىشىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا،دوكتۇر،ئاسپىرانتلىرىمىزنى مانچە پىرسەنت دەپ سانىيالمايدىغان،نامراتلىق قالپىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلىرىمىزخېلى جىق نىسپەتنى ئىگەللەپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا بىز يەنە نىمىمىزگە چوڭچىلىق قىلىمىز؟نىمىمىزگە ھە دىسىلا ناخشا ئۇسسۇلغا ئىسىلىۋالىمىز؟!شۇڭا بىز ئاۋۋال روھىيتىمىزدىكى جاراھەتلەرنى تازىلاپ،ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ئاشۇرايلى!شۇنىسى ھەقىقەتكى،مەۋجۇتلۇق بولغاندىلا ئاندىن ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ.ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساد، پەن-تىخنىكا،تەنتەربيە،سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولمىسا بولمايدۇ.ئەمما گەپ قايسىسىنىڭ باش بارماق بولۇشىدا.مېنىڭچە ، ھازىرقى رىئاللىقىمىزغا بىر كۆزىنى قىسىۋىلىپ قارىغاندىمۇ،ناخشا-ئۇسسۇلنى ھەرگىزمۇ باش بارماق قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.بىزدە <<ئاۋۋال تائام،ئاندىن كالام>> دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار!بۇنى كەڭرەك يېشىپ چۈشەنسەك،ئاۋۋال ماددىي نىمەتلەر بىلەن بولىدىغان تىرىكچىلىك ، مەۋجۇدلۇق بولغاندىلا،ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى،<<قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ>>غانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.شۇڭا پەلسەپىدىكى ئەڭ ئاۋۋال قائىدە بويىچە،بىر نەچچە خىل زىددىيەت ئالدىدا ئاۋۋال قايسىسىنىڭ مۇھىملىقى،ئايرىپ بولغاندىن كېيىن،مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە بىرمۇ بىر ھەل قىلىش-ھېسياتى ئەقىلنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالمىغانلا كىشى ئۈچۈن بىر ئەقەللى ساۋات.يۈرەك بىلەن ئاشقازاندىن تەڭلا كاشىلا چىقسا،ئاشقازان بىلەنلا ھەپىلەشسەك،ۋاقىت ئۆز يولى بىلەن ئۆتىۋىردۇكى،جان بىزنى ھەرگىز ساقلىمايدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان،ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز،ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسپەتەن قالاق،پەن-تىخنىكىسى راۋاجلانمىغان،مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن-تاماشا ۋە ئىككىنجى زۆرۆرىيەت ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل،نەغمە-ناۋاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى،شەڭ-شۇبھىسىزكى چۈشكۈنلۈك . تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيتقاندا دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.(دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشنىڭ ئەكىسچە)

بىز كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ بۈگۈنكى دەۋرگە قاراپ باقايلى!دەۋىر بىزنى نېمىگە چاقىرىدۇ،بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھېيتى نېمە؟خەق نېمە ئويدا،بىز نېمە كويدا؟بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرى،ئۇچۇر رىقابەت دەۋىرى!دەۋىرنىڭ بۇ خىل تەلىپىگە بىز ناخشا_ئۇسسۇل،نەغمە-ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز؟بىزگە ئوخشاش روھېيتىدە سەنئەتخۇمارلىق تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتكەن مىللەتلەر رىقابەت سەھنىسىدە باشقىلار بىلەن ھەرگىزمۇ روبىرو بولالمايدۇ.چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا سەنئەتخۇمارلىق تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە،تەبئىي ھالدا ئەقلى تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ،كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان،ئۇنۋىرسال ساپاسى يۇقىرى مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟!بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېساپتا رىقابەتتە غەلىبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان چاۋاكچى مىللەت بولۇپ قالمايمىزمۇ؟ئەگەر بۈگۈنكى تىخنىكا سۈرئىتى بويىچە چاۋاك چالىدىغان ماشىنا ئادەملەر ياسىلىپ قالسا ، ئۇ چاغدا تارىخ سەھنىسىدىن مىللەت سۈپىتىدە شاللىنىپ كىتىشىمىز مۇقەررەر!

ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﻛﯩﺮﻭﺭﺍﻥ 2007.7 ﺳﺎﻥ