ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار (كاندىدات تەتقىقاتچى)

لىرىك شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961-يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت ، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» (1984-يىلى ، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى) ، «تاڭ لىرىكىلىرى» (1989-يىلى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى) ، «تەڭرىتاغ شاماللىرى» (1996-يىلى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى) ، «تۈن تىۋىشلىرى» (2000-يىلى ، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشرى) ، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش» (2000-يىلى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى . شائىرنى شائىرلىق ماقامىغا يەتكۈزگىنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سانى ئەمەس ، بەلكى ھەقىقىي شېئىر خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىغان ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى.
مەن بۇ ماقالەمدە تالانتلىق شائىر ، يىتۈك تىل ئۇستىسى ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىمنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئاساسىي قائىدىلىرى نۇقتىسىدىنلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر بەي جۈيى شېئىرىيەت توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «شېئىردا ھېسسىيات يىلتىز ، تىل مايسا ، ئاھاڭ چېچەك ، مەنە مېۋىدۇر» . ئىلگىرى بىر مەھەل شېئىرىي تىل ھەققىدە سۆز بولسا ، دەبدەبىلىك بولۇشنى قوغلاشقانىدۇق . شۇنىڭ بىلەن لۇغەت تەركىبىمىزدىكى سۆزلەرنى شېئىرىي ۋە شېئىرىي ئەمەس دەپ بۆلۈۋالدۇق . «قەلەم»گە «گاڭ»نى ، «قىزىل»غا «تاڭ»نى ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇتىۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىرلىكتە كەلمىسە ، شېئىرنىڭ بىر يەرلىرى كېمىيىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىدىغان بولۇپ قالدۇق . شائىرلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىنى قانچىلىك بىلىدۇ ، قانچىلىك پايدىلىنالايدۇ ، دېگەنبىلەن كارىمىز بولماي ، يانچۇق دەپتىرىدىكى قاپىيىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ شائىرلىق دەرىجىسىگە باھا بەردۇق . ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋە ئوبزورچىلىرىمىز شېئىر قانچە يېنىك ، چۈشىنىشلىك بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ، شائىرلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىش ، ئىلگىرىلەش يولىغا توغان سالدى.
شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش سۆزنىڭ جېنىنى بىلىشكە ، مەنىسىنى چۈشىنىشكە ، گويا رېنتىگىنگە سالغاندەك ئۇنىڭ ئاساسىي ھالقىلىرىنى ، سوزۇق تاۋۇشلاردىن ئاپىرىدە بولغان بارلىق تۈپ سۆز ۋە يىلتىزلارنى قول بىلەن تۇتۇپ ، كۆز بىلەن كۆرۈشكە يېتەكلەيدۇ . بىزدە شائىر ۋە بۇ يولغا قەدەم قويغان ھەۋەسمەنلەر كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن ياشاۋاتقان تېررىتورىيىمىز تەۋەسىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جانلىق تىلىنى ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان تىللارنى چۈشىنىش ۋە ئۆز ئەسەرلىرىدە لايىقىدا ئىشلىتىش مۇقامىغا يەتكەنلەر ناھايىتى ئاز؛ بۇ تىللارنى بىلسىمۇ «شېئىرىي تىل» ئۆلچىمىگە چۈشمەسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ، قاپىيە دەپتىرىدىكى تولا دېيىلىپ ، تۇز-تەمى قالمىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ، كاللىمۇ يېمەي ، چىشمۇ چاقماي يۈرۈۋاتقان «شائىر» لىرىمىز كۈرمىڭ بولسىمۇ ، دادىل ئىزدىنىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ، خەلقىمىز دائىم قوللىنىدىغان ، لېكىن پوئىزىيە ساھەسىدە مەتبۇئات يۈزىگە چىقالمايۋاتقان سۆز-ئاتالغۇلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋاتقان شائىرلىرىمىز ناھايىتى ئاز . ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ توپلاملىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، ئۇنىڭمۇ دەسلىپىدە «شېئىرىي تىل»لارنى ئىشلىتىپ ، شېئىرلىرىنى «بېزىگەن»لىكىنى ، ھەتتا بەزى سۆزلەرنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ قويغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز . ئەمما ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ «شېئىرىي تىل» سېپىلىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، شېئىرنىڭ تىلى ئۈستىدە ھەقىقىي ئىزدىنىپ ، تىلىمىزدىكى بويۇن قىسىپ قالغان نۇرغۇن سۆزلەرنى «شېئىرىي تۈس»كە كىرگۈزدى.
شېئىرنىڭ كارامىتى گۈزەللىكتە . شائىر نەزىرىدە تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت چەمبەرچاس باغلىنىپ ياتىدۇ . ئۇلارنىڭ قۇچىقىدىكى ھەممە نەرسە يالقۇنلۇق كۈي ياڭرىتىپ تۇرغان ناخشا ، قەلب تارىنى چېكىپ تۇرغان ئويناق شېئىر . شائىر شېئىرنى ئەڭ يۈكسەك مەنىسى بىلەن چۈشەنگەندىلا ، شېئىر شائىرنىڭ قەلبىدە سەنئەتنىڭ ئېسىلزادىسىگە ، گۈلتاجىغا ئايلىنىدۇ . شۇ دەقىقىدىلا شېئىر ھەقىقىي شېئىر مەنىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ھەربىر شېئىرى يېڭى سۆزلەر ئامبىرى . «ئوسمانجان ساۋۇت شېئىر يېزىشقا تۇتۇنغاندا ، سانسىزلىغان يېڭى سۆزلەر ۋە توق قاپىيىلەر >مېنى قاچان ئىشلىتىسەن؟< دەپ تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ» (ئادىل تۇنىياز). شائىر ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا ، شېئىر توغرىسىدىكى ئومۇمىي قائىدە-پرىنسىپلارغا ، مەسىلەن ، شېئىرنىڭ تىلىغا ئىشلەش ، شېئىرىي شەكىل ، شېئىرىي جۈملە تۈزۈش ، تۇراق ، قاپىيە ، رىتىم گۈزەللىكى ، ئۆزئارا ئاھاڭدارلىق قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ . مەلۇمكى ، تىل ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئېلېمېنتى . گۈزەل ، نازۇك ھېس-تۇيغۇلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ، ئەڭ نازۇك جايلىرىغىچە ئىپادە قىلالايدىغان ، پىشقان ، ئوبرازلىق تىل شېئىرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ . سۆزنى تاللاشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە سۆز بولغاندا ، فرانسۇز يازغۇچىسى فلوبېر مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پەقەت بىردىنبىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەشكە بولىدۇ . ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بىردىنبىر پېئىللا كېرەك . ئۇنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش ئۈچۈن پەقەت بىردىنبىر سۈپەتلا كېرەك . بىز ئەنە شۇ بىردىنبىر سۆز ، بىردىنبىر پېئىل ، بىردىنبىر سۈپەتنى تاكى ئۇلار تېپىلغۇچە ئىزدىشىمىز كېرەك . ئىزدىگەندىمۇ يېقىنراق كېلىدىغان سۆزنى بايقاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، بۇ قىيىن ئىشكەن دەپ بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك» . شائىر ئوسمانجان ساۋۇت دائىم مانا شۇ «بىردىنبىر» سۆز ، پېئىل ، سۈپەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ . ئۇ تىلنىڭ گۈزەل ، جانلىق ، ئېنىق بولۇشىنى كۆزلەيدۇ . سۆز تاللايدۇ ، سۆز تاۋلايدۇ. ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. 1 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا جانلىق تىل ، يەنى يەرلىك دىئالېكت-شېۋىلەر ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆز ئورنىنى تاپقان. ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ جانلىق تىلى ، يەنى دىئالېكت-شېۋىلەر (بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دىئالېكت-شېۋىلەر ھەرگىزمۇ مەلۇم رايونغىلا خاس بولۇپ قالغان ، تار دائىرىدىكى دىئالېكت-شېۋىلەر بولماستىن ، بەلكى رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن يەرلەرگە ئورتاق بولغان ، ئەمما «شېئىرىي تىل» سېپىلىدىن كىرەلمەيۋاتقان كەڭ دائىرىدىكى دىئالېكت-شېۋىلەردۇر) ئۆز جايىدا قوللىنىلغان بولۇپ ، ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل يېقىملىق ، ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت ئىشلەتكەن دىئالېكت سۆزلەر ئەدەبىي تىلدا تەڭدىشى بولمىغان سۆز-ئاتالغۇلار بىلەن ئەدەبىي تىلنى بېيىتىش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە دىئالېكت سۆزلىرىدە ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئانا تىل تەركىبلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان سۆزلەر نۇرغۇن . ھازىرقى مەسىلە ئاشۇ سۆزلەرنى توپلاپ ، ئەدەبىي تىل تەركىبىدىكى بىئەپ ياسالغان سۆزلەرنىڭ ياكى تېخىچە قانداق ئېيتىلىشىنى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەن ئۇقۇملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش . دىئالېكت سۆزلەر خەلق تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەلق تىلى بولۇپ ، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر جانلىق تىلدا كەڭ قوللىنىپ كەلگەن ئوبرازچانلىق ھەم ئىنتايىن ئىخچاملىققا ئىگە . شۇڭا ، بەزى دىئالېكت سۆزلىرىنى كېڭەيتىپ ، ئەدەبىي تىل ھەتتا شېئىرىي تىل ئورنىدا قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ . خەلق ئاممىسى تىل ئۆگىنىش مەكتىپى ، شائىرنىڭ بىردىنبىر ئۇستازى خەلق ئاممىسى . مانا بۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنى خەلق ئاممىسىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جانلىق تىلىنى ئۆز جايىدا ، گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرۈپ قوللىنىپ ، زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن . مەسىلەن، بوغۇق بىر ناۋامۇ دوقۇرۇپ يۈرەر، ھەيۋەتلىك تاجلارنى كىيىپ بېشىغا. («مەرمەردەك سۈزۈكتۇر سۆيگۈ ۋە ھايات»دىن) ئۆندەرەپ ئۈندى بىر قىردا شۇمبۇيا گۈللەرنىڭ بەرگىگە ئۇرغىلى خەنجەر. («شۇمبۇيا»دىن) شۇنداق بىز نام-شۆھرەت قوغلاشماقتىمىز، ئەپ ئىزدەپ ، ئىلجىيىپ.. . ئېڭىشىپ يەرگە. («دوستۇمغا»دىن) قەددىمنى پەرلەشتىن بىردەممۇ قالما، چوققىلار پۇخساراپ سالسىمۇ پەرياد. («بەرگىمدە پۇراپ تۇر مەڭگۈگە ئالما»دىن) توزار شۇندا شاخلىرىمدىن داپشاق توزانلار، بەرگىلىرىم شولىلاردا قالار يۇيۇلۇپ. («بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق»دىن) ئېرىپ كەتتى ھىجران كەڭتاشا، يار ئۇچرىدى يولدا چاپمۇچاپ. .. . … جاراڭلىساڭ ، باشلايسەن ھەربار، مېنى ئانا باغرىغا دېمەك. .. . … ئۈنلىرىڭنى يۇتتۇم ئەزۋەيلەپ ۋە باغرىمنى باغرىڭغا ياقتىم. («قەشقەر كۈيلىرى»دىن) ئۇچتىڭىز چېقىن سىڭارى سىز لېكىن، ھەر كۆڭۈلنىڭ دىلبىرى ، لەيلىۋېشى. («ئەسلەش»دىن) تۆكۈلدى ئەسەبكە ئەينەك كۇكۇنى، قاقشىدى يۈرىكىم ، قاقشىدى يارام. («تارىخقا»دىن) ئېرىغدالماس ياشلاردىن پانىي ئالەم داغلىرى، نۇر بېرەيلى ئۇنىڭغا ، نۇر مۇقەددەس ، مۇقەددەس! («نۇر مۇقەددەس»دىن) ئۇ تامغان ، ئېھتىمال ، خۇش پۇراق ئەترە، يېرىلدى دىماغلار ، ئاڭقىدى ئىپار. .. . … پىرىم ماڭا باغلاندى ، مەن پىرىمغا باغلاندىم، كۈيلىرىمدە يوق ئەمدى چارچاڭ ، قىرتاق كەرىش تەم. .. . … ئادەم دېگەن تەڭ ئۇلۇغ، دېگەنىدىڭ ھېزى بول، ئېشىپ كەتكەن يېرىم يوق ، ياشا! دېدىم مىڭ ئۈندە. («تاشقا تامغان تامچىلار»دىن) مىكىرلەر ۋاپانى قاساۋېرىدۇ، ياخشىلار ياخشىغا ئىجىل بولمىسا. .. . … قېقىلماقتا ئالتۇن دەرۋازام، كېرەكمىدۇ ھاڭغىرقاي ئېچىش؟! .. . … تاش غۇجمىكى تاغ بولسا ، گۈل غۇجمىكى باغ بولسا، دەقىقىلەر غۇجمىكى مىنۇت ، سائەت ، چاغ بولسا. («ھېكمەت»دىن) توختىماستىن يامزالدا ئېسەدەيمەن، بۇ قىلمىشقا ئەمدى مەن نېمە دەيمەن؟ («كېيىك مەرسىيىسى»دىن) كۆرك ئىزدەپ كۆرۈكلەردىن ھەم، يۈرگەنىدىم ئېسىرىم تۇتۇپ. .. . … تىمتاسلىقتۇر تۈننىڭ ئۈنلىرى رەڭگى تارتقان تۇتمۇت ئۆزۈڭگە. («سەپەر كۈيلىرى»دىن) كۈلكىلەر ئوينايدۇ ئۇلار تەزىدە، ئالچاڭلاپ كېتىدۇ ھاللاسلار ئۇرۇپ. («ئېچىنىش»دىن) زىكرى سوڭ چايقالدى بېلىق كۆز قەدەھ تۇتتۇڭسەن ، بۇلجۇتماي ئىچىشىم كېرەك. («تاجىك تەرانىلىرى»دىن) نەگە بارسام پەرىشانمەن،مىسكىنمەن ، دىلتەڭ سېمىز كەلگەن ئىلھاملىرىم كېتەر ئورۇقلاپ. («ئايرىلىش»دىن) كۆركلەر كۈلگەنگە يۈرىكىم مەپتۇن گۈللەرنى ئالىمەن بۇژغۇندىن ئۈلگۈپ. («كۆيگەن جان»دىن) قاپىقىڭدىن لەپىلدەيدۇ قار نېمە بەۋا كېلەركىن ساڭا. («ئۇچرىشىش»دىن) ئاق ئېگىندە ئوخشايسەن ئاق گۈللىگەن ئۆرۈككە ئايىغىڭدىن ئاققان نۇر ئۇسسۇل ئوينار بەل تولغاپ. («ئەسلەش»دىن) چىمەنىستان بويلاپ بىللە سەپەر چېكەيلى، نۇر چايشاپتا ئاغناقلىشىپ ، پومىداقلىشىپ. («كەل شائىرە»دىن) خىسلەتلەر نۇر بىلەن قاندىن قۇرالغان، ئۇنىڭسىز قالىسەن خىسلەت بېرەلمەي. (سىرىم بار ئاخشىمى ئايغا ئورالغان»دىن) سۆيگۈسىز زېمىندىن قورقسام ، غەم يېسەم، قۇللۇقتىن قوتىيىپ بېشىم بېسىلار. («ئاق راۋاقتا ئاق پەرىشتە چۈشى باشلىنار»دىن) يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجى قېتىم ئوسمانجان ساۋۇت قەلىمىدە شېئىرىي مىسرالارغا تىزىلغان شېئىرىي تىللاردۇر . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىزنىڭ خەلق تىلىمىزدا شېئىرىي تىل چېگرىسىدىن كىرەلمەيۋاتقان نۇرغۇن ھەقىقىي شېئىرىي تىللار تولۇپ يېتىپتۇ . مەسىلە شۇنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشتە ، قانداق شېئىرىي مەنزىرە يارىتىشتا . بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى: دوقۇرماق تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ ئىزدىمەك. ئەپ لايىق ، قۇلايلىق ، ماس. ئىلجايماق ھىجايماق ، ئاغزىنى قىيسايتماق. ئۆندەرىمەك ئالدىرىماق ، تەمتىرىمەك ، ھولۇقماق ، تېنىمەك ، چۆچۈمەك. پۇخسارىماق بويۇنتاۋلىق قىلماق. داپشاق يۈزى قېلىن. چاپمۇچاپ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ، روبىرو. ئەزۋەيلىمەك سۆزدە ، ھەرىكەتتە جىددىيلىشىپ بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتمەك . ئەۋجىگە چىقماق. ھەربار-ھەربارە ھەر ۋاقىت ، ھەر چاغ. سىڭارى مىسالى ، گوياكى ، خۇددى. كۇكۇن ئۇۋۇندا. ئېرىقدىماق تازىلىماق ، پاكىزلىماق. ئاڭقىماق پۇراق چاچماق ، ھىد چاچماق. چارچاڭ لاۋزا. كەرىش لاۋزا ، تۇزسىز. ھېزى بولماق ئاۋايلىماق ، ئاگاھ بولماق. قاسىماق يوغان-يوغان چىشلەپ يېمەك. ھاڭغىرىقاي ئۇلۇغ ئوچۇق ، كەڭرى ئوچۇق (ئىشىك-دېرىزىلەر). غۇجمەك توپلىشىۋالماق ، بىر يەرگە يىغىلىشىۋالماق. يامزال تاغ ، يار قاتارلىقلارنىڭ باغرى؛ قاپتال ، يانتۇلۇق. كۆرۈك بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك (تەكلىماكاندىن چىقىدۇ). ئېسىر سەۋدايىلىق ، ئاشىقلىق ، نېرۋىن. تۇتمۇت بەئەينى ، خۇددى ، گوياكى. ھاللاس-ھاللاز ھاڭگا ئېشەكنىڭ ھاڭراپ كېتىشى. بۇلجۇتماق زورلاتماق ، بۇيرۇتماق. دىلتەڭ تەڭلىكتە قېلىش. ئۈلگۈمەك داننى ساماندىن قول بىلەن سورۇپ ئېلغىۋېلىش ، ئايرىۋېلىش. بەۋا كەلمەك تەڭ كەلمەك. ئېگىن كىيىم-كېچەك. ئاغناقلاشماق دومىلاشماق. پومىداقلاشماق تۈرۈلۈپ يىغلىماق ، ئىرمىشىپ-چىرمىشىپ دومىلىماق. قۇرالغان قۇراشتۇرۇلغان. قوتايماق بېلىنى ئېگىپ ، يېنىچە بولۇۋالماق (ئېشەكلەرنىڭ). يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى مىللىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دىئالېكت-شېۋىلىرىگە تەئەللۇق سۆزلەر ياكى ئاۋام خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا قوللىنىلسىمۇ ، شېئىرىي مىسرالارغا كېرەلمەيۋاتقان سۆزلەر ئىدى . بۇ سۆزلەر شېئىرىي مىسرالارغا تىزىلغاندىن كېيىن ، چېنىپ قالماق تۈگۈل ، شېئىرنى بىر بالداق يۇقىرى بەدىئىيلىككە كۆتەرگەن . بۇ سۆزلەرنى شېئىرىي مىسرالاردا كۆرگەن ، مەنىسىنى چۈشەنگەن كىشى خۇددى ياقا يۇرتتا ئۆز يۇرتلۇقىنى ئۇچرىتىپ قالغان كىشىدەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ . بۇ جەھەتتە ئوسمانجان ساۋۇتنى دىئالېكت-شېۋىلەرنىڭ پەرۋىشكارى دېيىشكە بولىدۇ . ئەمما شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە يەرلىك دىئالېكت-شېۋىلەرنى ئىشلىتىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ . قانداق دىئالېكت-شېۋىلەرنى ئەدەبىي تىل ئورنىدا قوللىنىش ، قانداق ئورۇندا قوللىنىش تىل تەتقىقاتچىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ، شۇنداقلا قاراش بىرلىككە كەلگەن تېما . ھەقىقەتەنمۇ دىئالېكت-شېۋىلىرىمىزدە ئەدەبىي تىلىمىزدىكى بىئەپ سۆزلەرنىڭ ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر بار ، لېكىن دىئالېكت-شېۋىلەردىكى ھەممە سۆزنى ئەدەبىي تىل قاتارىغا كىرگۈزۈشمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ، بۇ ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ، بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن پايدىسىز . شۇڭا ، دىئالېكت-شېۋە (جانلىق تىل) دىن پايدىلىنىشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى زۆرۈر . شېئىرىي ئەسەرلەر بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . چۈنكى ھەربىر شېئىرنىڭ ئاخىرىغا «لۇغەت» بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ. 2 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ، ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بەزى تارىخىي سۆزلەرمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى . گەرچە تىللارنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىرىشتىن خالىي بولالمىسىمۇ ، لېكىن قەدىمكىدىن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈشمۇ ئىجابىي تەرەققىياتتىن دېرەك بەرمەيدۇ . ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت ئامىلى قەدىمكى مەدەنىيەت ئاساسىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق بارلىققا كەلمىگەن ، تىل مەدەنىيىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . ئۇزاق زامانلار مابەينىدە رايونىمىزدا يۈز بەرگەن مەدەنىيەت قۇرغاقلىقى ئەجدادلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋەتتى . بىزنى ئەجدادلارغا ئۇلاپ كېىۋاتقان بىردىنبىر رىشتە دەل ئۆلمەي ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تىل ئامىلىدۇر . قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى بىزنى كۆپلىگەن قەدىمكى سۆزلەر بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماي ، ئۆزىمىزنىڭ سۆز خامىنىنىڭ ھەقىقەتەن ھوسۇلدار ۋە سېخىي ئىكەنلىكىدىن دېرەكلىدى . چەتتىن قوبۇللانغان سۆزلەرگە كۆنۈپ كەتكەن بەزى ئىلمىي ساۋاتسىزلىرىمىز ئۆگەي ئانىنىڭ دوقۇسلاشلىرىغا كۆنەككەن مەسۇمە ئۆز ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ياتسىرىغاندەك ئۆز تىلىمىزدىن ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك پاك ئاتالغۇلىرىدىن گاڭگىرىماقتا . شائىر ئوسمانجان ساۋۇت بۇ خىل ئاسىيلىققا تىغ ئۇرۇپ ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە قەدىمكى سۆز-ئاتالغۇلارنى مىسراغا تىزىشتا سەركەردىلىك رول ئوينىماقتا . ئۇنى قەدىمكى ئاتالغۇلارنى قۇتقۇزۇشتىكى تۇغدار دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . مەسىلەن، ئۇچۇم بولغان يۇمران بالاپان، دالىلارنى كەزگەندە ئاستا. («ئۇۋا 2»دىن) لەپىلدەپ تىنمايدۇ شاراب تۇغلىرى، دوقمۇشتا قول بۇلغاپ تۇرىدۇ ئىشرەت. («مەرمەردەك سۈزۈكتۇر سۆيگۈ ۋە ھايات»دىن) كۈرتەكلەر چىقىدۇ تاشلارنى يېرىپ، تاڭلاردەك غالبتۇر ئىزگۈلۈك ھەرئان. («قەقىنۇس»دىن) ئەرۋەشلەر ئەۋجىگە قىلمىدىڭ پىسەنت، يەنىلا ئىپتىخار چۇلغىدى مېنى. («قۇياشا تۇتاشقان سەن ماڭغان بۇ يول»دىن) قاردىن بەك چاقنايسەن نۇرلىنىپ تېخى، بۇ ئاددىي ئاجۇندىن كېتىپ بەك يىراق. («سەن چىققان چوققىلار قالمىسۇن پەسلەپ»دىن) چىمەنلەردە ئېغىنىدىم يەللەر بىلەن چىرمىشىپ، .. . … ئېسىپ قالسا بىر مەھەل يەلپۈنۈپ ھەم تەلپۈنۈپ، سەنمۇ ئەس دەپ ئۆزۈڭگە ئىملاپ قالار بورىيا. .. . … سەپسېلىپ بىر قاراپ باق ، ئۆزۈڭ سالغان ئېنىمگە، دەيدۇ باغرىم: ئاتا ئەن ئۆزگەرمە سەن ، يان ، چوغلان. («ئايدالا»دىن) خانبالىقتا ، زېمىندىكى تۇنجى قورۇلدا، مىجەزىڭىز پەيزىنى مەن كۆپ سۈرگەنىدىم. («ھازا كۈيى»دىن) ھەربىر سۆز ، ھەربىر ئوي ، ھەربىر ھەرىكەت، ئىدىتلاپ كۆرسىتەر ئەلكۈنگە ئەردەم. («ئەركەم»دىن) سىيپاپ قويساڭ قۇتسىز باشلارنى، بەخت تولدى ئېتەك-ئېتەككە. («تىترەر يۈرەك تىنماستىن بىردەم»دىن) ئەم بولمىدىم نېمىشقا مەن ئۇنىڭغا كەتتىمۇ يا ئېتىقادىم ئەسكىرەپ؟ .. . … تېكىن چوققا شۆھرىتىم بەرھەق، .. . … باسقۇن قىلغان ھوشلىرىمنى يېلىنجاپ ئىلھام. («تۈن تىۋىشلىرى»دىن) قاراپ باقتىم ئاسمانغىمۇ ، يەرگىمۇ، قۇۋناش چەكلىك ، ھەسرەت چەكسىز ، غەم چەكسىز. («دېرىزىدە ئىككى كۆزۈڭ سەبىي قىز»دىن) تولۇن ئاي سۇ بولغان سۈتتەك بىر كۆرپەز شېخى بار قولۇڭدا زەيتۇننىڭ يۇمران. .. . … بېلىقچىن توپلىرى ئېتىلار ئوقتەك، تاڭيارىن باغرى بار بېلىقلارغا ھەم. («ئۇچرىشىش»دىن) پەخىرلەن ئەۋلادىم ، مىنىسەن بۇراق①(بۇراق پەيغەمبەر مىنگەن دۇلدۇل.)، بالىقلار ئۈستىگە باغرىڭنى قادا. («ئىدىقۇت»دىن) كۆزلەرنى كېرەلمەس بىر قارا بودۇن، دىۋاندا سۈرى يوق بىر رايىش يارەن. («سىرىم بار ئۇ يەردە ئايغا ئورالغان»دىن) بىز كۆزلىگەن نىشانلارغا بىللە يېتەيلى، كەل شائىرە! ئاجۇنىمغا مۇزئارتلار ئېشىپ! («كەل شائىرە»دىن) كىرپىكىڭدىن تۆكۈلگەندە تىلسىماتتەك ياغدۇلار، سەندىن ئەمدى يېڭى بىر جان ، كەۋسەرسىمان دەملەرنى. («ئاق يۇلتۇز»دىن) مەن ساڭا ئۇيقاشمەن سەن ماڭا ئۇيقاش، .. . … نوگاينىمنى بىر پەقەت سەنلا بىلىسەن بىر مىسقالنى تاۋايسەن مىڭ بىر قاداققا. .. . … كەچمىشىمنى سۆزلەپ تۇرار نۇرلۇق پەزالار، لېۋەن كۈيچۈن ھەممە يەردە كۆزۈڭ پارلايدۇ. ئىزگۈلۈكتىن ئوخچۇپ چىققان نازۇك سەزالار، قۇيۇلىدۇ دىلغا دەۋرەپ ، دىلنى قامرايدۇ. .. . … باشايى بىر غۇجۇر بىلەكلىرىمدە، ئون توققۇز يېشىمنى كۆردۈممەن ھەيھات! .. . … نىقابسىز يۈرەكلەر ئالىقاندا ئايقىن، .. . … كەڭتاشا پوست تاشلاپ جۇلغۇندۇق تازا، تاغلارنىڭ روھىدىن روھ ئالدۇق مۇتلەق. («تاجىك تەرانىلىرى»دىن) زامان دېگەن تۇتىشىدۇ تاكى تۇمۇغقا، چەرخى ئۇنىڭ مىجىپ ئۆتەر تەنلەرنى ھامان. كىرگۈزەرمىز بۇ قاۋاننى قانداق سۇتۇققا، ئۈمىدلىرىم سەرسان بولدى جاھان ۋە جاھان. («كەلمەكتىمىز كەلگۈسى دەپ گۈزەل بىر جانان») پاك يۈرەكتە يانغان ئوتلارنىڭ ھۈللىرىنى ئەكەلدىڭ بىزگە. («ئايسۇلۇ»دىن) يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ياكى تارىخىي سۆزلەرگە تەئەللۇق بولۇپ ، شائىر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن زامانداشلىرىمىزغا شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق سوۋغا قىلغان . مىسرالار تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى: بالاپان قۇش بالىسى. بۇلغىماق شىلتىمەك. ئىزگۈلۈك ياخشىلىق. ئەرۋەش سۈرە-ئەپسۇن. ئاجۇن دۇنيا. يەل شامال. ئىملىماق شەرەتلىمەك ، ئىما قىلماق. ئەن تامغا. خانبالىق ئاستانە ، پايتەخت. قورۇل ئۆتكەن-كەچكەننى كۆزىتىش پونكىتى. ئەلكۈن ئەل-جامائەت. ئەردەم ئەخلاق-پەزىلەت. قۇت بەخت. ئەسكى كونا. تېكىن قۇل؛ كۆچمە مەنىدە: شاھزادە. باسقۇن بېسىۋالماق. ئەسمەك چىقماق ، سوقماق (شامال). قۇۋانماق سۆيۈنمەك ، شادلانماق. كۆرپەز ئارال ، بوغاز. بېلىقچىن-بالىقچىن بېلىقئالغۇچ ، قۇش ئىسمى. تاڭيارىن تاڭ شەپىقى ، تاڭ يورۇقى. بالىق شەھەر. قارا بودۇن ئاددىي پۇقرا. مۇزئارت مۇز داۋان. ياغدۇ نۇر. ئۇيقاش ئۇيغۇن كېلىش ، ماس كېلىش. نوگاينى قەدىر-قىممىتى. تاۋىماق تەڭ قىلماق. پەزا ئاسمان ، كۆك. سەزا نىدا ، نالە. قامرىماق ئىگىلىمەك ، ئىلكىگە ئالماق. باشايى بەڭۋاش ، بويۇنتاۋ. غۇجۇر كۈچكە تولغان. ئايقىن – ئېنىق. جۇلغۇنماق قاسراق تاشلىماق ، تېرە تاشلىماق. تۇمۇغ-تۇملۇغ دوزاخ. سۇتۇق قېلىپ ، ئەندىزە ، يول ، مۇقام. ھۈل ھارارەت ، تەپت. يۇقىرىقى سۆزلەر بىزنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئانا تىلىمىز جۈملىسىدىندۇر . تەۋەرۈك ئەسەرلىرىمىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»لەردە ۋە ناۋائىي ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلى سۈپىتىدە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى مەنىسى بىلەن تىزىقلىق . شائىر بۇ سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسى بىلەن ئىشلىتىپ ، بۇ تىللار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى ئىزاھاتسىزلا يېقىنلاشتۇردى ھەم ئۇيغۇر تىلى تارىخى خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى . قەدىمكى سۆز-ئاتالغۇلار بىزنىڭ مول بايلىقىمىز ، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەنبەسى ئىدى . لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى خوجىلار يېغىلىقى ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ قىر-چاپلىرى بىزگە تارىخنى ئۇنتۇلدۇردى ، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق تىلنى ئۇنتۇلدۇردى . تەلىيىمىزگە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ، «سۇ بويىدا» ، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ، «غەربكە ساياھەت» قاتارلىق خەنزۇ كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسى نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە مەڭگۈتاش پۈتۈكلىرىنڭ ئىزاھاتى بۇ سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى . بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن شائىر ئوسمانجان ساۋۇت دادىللىق بىلەن «قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ» مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ھەم شېئىرغا يېڭى كىيىم كىيگۈزۈپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى «كىيىمى پۈتۈن» ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى . گېزى كەلگەندە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتەي ، كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلىرىمىز قەدىمكى تىللار بىلەن تازا تونۇشۇپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا قەدىمكى سۆزلەرنى ۋە قىسمەن تارىخىي سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەزم قىلىش ئىقتىدارىنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. 3 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا يېڭىدىن ياسالغان سۆز-ئاتالغۇلارغا بەلگىلىك ئورۇن بېرىلگەن. سۆز ياساش «ئېنىق بولۇش ، راۋان بولۇش ، ئىخچام بولۇش»نى ئۆزىگە مىزان قىلىدۇ . ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلار كومىتېتى تەرىپىدىن تۇراقلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن بىرقىسىم سۆز-ئاتالغۇلاردا مەنە ئېتىبارغا ئېلىنغان بىلەن ، ئىخچاملىق نەزەردىن ساقىت قىلىنغاچقا ، كۆپىنچە سۆز-ئاتالغۇلار ھۆججەت يۈزى ۋە كىتابلاردا مەجبۇرىي قوللىنىلىپ ، جانلىق تىلدا قوللىنىلمايۋاتىدۇ ياكى باشقا تىللاردىكى تەڭدىشى قوللىنىلىۋاتىدۇ . بۇ ئاتالغۇ ياساش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر پاجىئە . ئوسمانجان ساۇت شېئىرلىرىدا يېڭىدىن ياسالغان سۆز-ئاتالغۇلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ . بۇ سۆز-ئاتالغۇلاردا قىلچىلىك سۈنئىيلىك ، بىئەپلىك مەۋجۇت ئەمەس . ئۇلار مىسرالاردا شۇنچىلىك جىپسىلىشىپ كەتكەنكى ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەنىداش باشقا بىر سۆزنى ئالماشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن، مەن بىر كارۋان غىڭشىقلارغا كۈلكە تاشلىغان مېنىڭ كۈلكەم قارغىش ئەمەس ، بەلكى ئەجەل-ئوق. («بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق»دىن) تىلسىمدەك بىلىنگەن ياناقلار قېنى؟ ئاتەشتەك تىلى بار كۆزلەرچۇ ، كۆزلەر. («ئۇچرىشىش»دىن) گۈلنىڭ پەيزى كۆرك بېرىش گۈلشەنگە، يوقنى تاپساڭ ئىجادكارسەن ، تاپقۇرسەن. («ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم پۈتكەن دۇئالار»دىن) ياشلىقىمغا خىرىسكار كۈندەشلىرىم كۆزىدە تەپچىرەپ بىر بالقىماس قار-مۇز بولۇپ قاتامسەن؟ («قاپقارا تۈن چاچلىرىم»دىن) ئۆندەرىگەك يىگىتكەن دېمە، مۆجىزىدىن كەتتىم ئۆندەرەپ. .. . … تۇغۇچلىرىم نەگىدۇر غايىب، بىز ئۇچراشتۇق بۇندا ئاجايىپ. («قەشقەر كۈيلىرى»دىن) بىزدىكى تۇيغۇلار ئوخشار شارابقا، كۆمۈكتە كۆپ تۇرۇپ ئۇزاق ساقلانغان. («قوشۇلۇش»دىن) سىنئەينەككە سىنىمىز چۈشسە، سىرلىرىمىز نەگە چۈشەر راست؟ («تاشقا تامغان تامچىلار»دىن) مۇشائىرە ئەۋجىپ كەتسۇن ، باشلا قېنى سەن، ئەشرەقەت①(ئەشرەقەت ناۋائىينىڭ مەشھۇر غەزىلى.)تەك ئېسىل نەزم تۈزۈلسۇن بۇ رەت. .. . .. . بېزەكلەردە سەن ئۇزغۇن سەن ، پىكىرلەردە مەن، ئۆمۈر بويى ئۆتسە كىشى مۇشۇنداق پەقەت. («كەل شائىرە»دىن) پاك ھاۋانى ئىزدىسەڭ بەندە، يول سال مېھنەت ئەۋجىگەن يەرگە. .. . … ئايدالىلار ئەجەب ھۆسندار، ئاڭلىغىنا سالماقتا سۇران. قەدىم روھلار بەكمۇ تۈگۈندار، لەۋھەسىدە ھامان بىر ئۇران. («سەپەر كۈيلىرى»دىن) ئاجايىپ خەتلىرىم قالدى جاۋابسىز، ئاجايىپ مىسرالار قالدى ئوقۇقسىز. («ئېچىنىش»دىن) قايىل بولماي كېلىمەن تەقدىرنىڭ بۇ تەركىگە، («ئەسلەش»دىن) نېمانچە قىپقىزىل ، ئەي گۈللەر تەققىڭ، سىرىڭنى پىچىرلاپ ئېيتقىنا ماڭا. .. . … ھايات-كۈي ، زوق-شوخقا قېنىققان بولساڭ كەل ، كۈيلەپ باقايلى ھەممىنى پۈتۈن. .. . … چىرايلىق سۈرەتكە يۈكدار ئۇيقۇلار، ئەس-ھوشنى بىر ئالغان خۇلق ۋە ھۆسن. («تاجىك تەرانىلىرى»دىن) كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز، سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا. («ئەقىدە»دىن) كەپە①(كەپە بۆرە تاۋۇزى ، ياتما غوللۇق ئۆسۈملۈك.)لەر ئايلاندى بويچان كەندىرگە مىڭ خىل ئوي قۇيۇلدى بىر خىل ئويۇمغا. («كۆيگەن جان»دىن) يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئوسمانجان ساۋۇت تەرىپىدىن ياسالغان يېڭى سۆزلەر بولۇپ ، شېئىرنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن . «غىڭشىق ، ياناق ، تاپقۇر ، ئۆندەرىگەك ، تۇغۇچ ، كۆمۈك ، ئۇزغۇن ، ئوقۇقسىز ، ھۆسندار ، تۈگۈندار ، يۈكدار ، بويچان» قاتارلىق سۆزلەر پېئىللارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ (ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن) ياسالغان سۆزلەر بولسا ، «سىنئەينەك ، بالمۇز» سىنتاكسىسلىق يول بىلەن سۆزلەرنى سۆزلەرگە قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كىشى ھېچ قىينالمايلا مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ . «قېنىققان ، ئەۋجىگەن-ئەۋجىپ» قاتارلىق سۆزلەرنى شائىر پېئىل ھالىتىدە جايىدا قوللانغان . «تەققىڭ ، تەركى» سۆزلىرى تىلىمىزدا يەككە ھالەتتە ، تۈرلىنىپ ئىشلىتىلىپ باقمىغان ، شائىر بۇنىڭ يەككە ھالىتىنى تاللىۋالغان . مېنىڭچە ، بۇلارنى تىلشۇناسلارمۇ تېخى ئويلاپ يېتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن . «مەن شېئىرىيەت دەرسىنى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل ئىلمى كەسپىدىكى ستۇدېنتلار ئۈچۈن مەجبۇرىي پەنگە ئايلاندۇرغان بولاتتىم» دەيدۇ قازاقىستان شائىرى ۋە تىلشۇناسى ئولجاس سۇلايمانوف . ئۇستاز شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ ھايات ۋاقتىدا: «تىلشۇناسلاردىن شائىرلارغا گرامماتىكا جەھەتتە ئازراق ئەركىنلىك بەرسەڭلار ، دەپ ئۆتۈنۈپ باقايمىكىن دەيمەن» دەپ چاقچاق قىلغانىكەن . بەرھەق ، تىلشۇناسلىرىمىز شېئىرنىڭ قۇدرىتىنى چۈشەنسە ، شائىرلىرىمىز تىلشۇناسلىق قائىدىلىرىدىن خەۋەردار بولسا تىلىمىزنىڭ ئاھاڭدارلىقى ، ئىخچاملىقى ، شېئىرلىرىمىزنىڭ جەلپكارلىقى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولاتتى . ئەڭ ئەقەللىيسى ، شېئىرلىرىمىزدىكى نايناق خوتۇننىڭ غىلجىڭ گېپىدەك مەنتىقىسىزلىك خېلى ئازايغان ، سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي «مودا» قوغلىشىپلا ئىشلىتىدىغان ئىلمىي قارىغۇلۇقتىن خالىي بولغان بولاتتى . لېكىن بىزدە «شائىر» قالپىقىنى كىيىۋالغان مودا سۆز غەۋۋاسلىرى ھېلىھەم ناھايىتى كۆپ . شېئىرىيەت گرامماتىكىسى بىزدە تېخى رەسمىي تەتقىق قىلىنىپ باقمىغان بولغاچقا ، بۇ بوزنى ئېچىش شائىرلارنىڭ ، تىلشۇناسلارنىڭ ئالدىدىكى يېڭى بىر ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا. 4 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا ئويناق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىستىلىستىكا تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ ، يەنى تىلنى تۈزەش ، تىلنى بېزەش ، تىلنىڭ ئوبرازلىق ، تەسىرلىك بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئىلىم . ئىستىلىستىكا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شېئىردا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ئىجادبىي پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم . ئوخشىتىشلر ، سىمۋوللار ، جانلاندۇرۇشلار ، كېسىم سۆزلەر يېڭى بولۇشى كېرەك . بالزاك: «قىزنى تۇنجى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان ئادەم دانىشمەن ، ئىككىنچى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان ئادەم ئەخمەق» دېگەنىكەن . دېمەك ، شائىر باشقىلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى تەكرارلىماسلىقى كېرەك . بىرەر سۆزنى دەل جايىدا ، ئورۇنلۇق ئىشلىتىش ئوڭاي ئەمەس . ماياكوۋىسكى: «شېئىرىي ئىجادىيەت خۇددى ئوران كولىغاندەك بىر ئىش ، بىر گرام ئوران كولاش ئۈچۈن يول بويى ئەمگەك قىلىش كېرەك . ئويلاپ كۆرۈڭ ، بىر ئېغىز سۆزنى جايىدا قوللىنىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا >تىل ئورانى< كېرەك» دەيدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت بۇ نۇقتىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان . شۇڭا ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى سىمۋولىستىك ۋاسىتىلەر ، سۈپەتلەش ، جانلاندۇرۇش سۆزلىرى دەسلەپ ئادەمگە غەلىتىرەك ، مەنتىقىگە سىغمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ . ئۇنى پەقەت سوغۇققانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلغان ، شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرى بىلەن دەڭسەپ كۆرگەندىلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
شېئىرىيەتتە سۆزلەرنى شېئىرىيەتنىڭ ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ماسلاشتۇرۇش شائىردىن يۇقىرى بەدىئىي دىت ۋە مول تىل بىلىمىنى تەلەپ قىلىدۇ . شائىر ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا سۆزلەرنى ئەنئەنىۋى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە قېلىپلىشىپ كەتكەن سۆز بىرىكمىلىرى قۇرۇلمىلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىپ ، «ماسلاشمايدىغان» ، «سۆز بىرىكمىسى ھاسىل قىلالمايدىغان» سۆزلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ ، شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئىي چوققىسىنى ئاپىرىدە قىلدى . ئۇنىڭ شېئىرىي تىل ماھارىتىنىڭ سىرى شۇ يەردىكى ، ئۇ ھەرگىزمۇ شېئىرىيەت ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ كونا ، قاتمال قائىدە -قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە قۇل بولماي ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئويناق ، ئەۋرىشىملىكىدىن ماھىرلىق بىلەن تولۇق پايدىلانغان . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا تۆۋەندىكىدەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
1) ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا مەجازلار ، يەنى مەنىسى كۆچكەن ياكى كېڭەيگەن سۆزلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان.
مەجاز يەنە مېتافۇرا ئىستىئارە دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدە قوللانغاندىن سىرت ، ئۇنى كۆچمە مەنىدە ياكى مەنىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ . مەجاز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوخشىتىش ۋە سۈپەتلەشلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى مەجاز ئاددىيلا سۆز ئالماشتۇرۇش بولماستىن ، بەلكى شۇ شەيئىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ، جانلىق قىلىپ ئىپادىلەپ ، ئوقۇرمەنلەر نەزىرىدە تېخىمۇ قويۇق شېئىرىي مۇھىت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان . مەسىلەن،
ياشلىقىمغا خىرىسكار كۈندەشلىرىم كۆزىدە
تەپچىرەپ بىر بالقىماس قار-مۇز بولۇپ قاتامسەن؟
(«قاپقارا تۈن چاچلىرىم»دىن)
ھېچنېمىنى بىلەلمەيدۇ قاۋاش باشلىغان،
بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق.
(«بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق»دىن)
ۋال-ۋۇل نىقاب ياراشمايدۇ ئەپتىڭگە،
ھەپىرەڭگە ھەيۋەت بەرمەس قورام تاش.
(«ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم پۈتكەن دۇئالار»دىن)
بىرىڭ ماڭساڭ كەڭ يولدا تاشلاپ ئەمدى كەڭ قەدەم،
بىرىڭ كېلىپ ئارقىدىن تۇيدۇرماستىن چالىسەن.
(«تۈن تىۋىشلىرى»دىن)
چاڭلارنى ، توزانلارنى يەلگە بەردىم،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم ، توزغانلارغا.
(«تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش)دىن)
پاراڭنى ئۆزگە ياققا چالغىتمايلى،
يۈرەكلەر ئاللىقاچان ئۆزلەشكەندە.
(«قۇياشنىڭ باغرىغا سىڭىپ كېتىمىز»دىن)
ئىزىڭنى سىنتاش دەپ ئۆپۈشتى يەللەر
گۈزەللىك بەرھەقكى ، يەللەرمۇ بەرھەق.
.. . …
خېلى مول تەڭگەم بار دەملەردىن پۈتكەن
جايىدا خەجلەيمەن ، خەجلىمەيمەن ھەم.
جايىدا جەجلەنسە ئۆمۈر يوق يىتكەن،
ئەكسىچە ، ئۆلگىنىم ، تاپقىنىم بەرھەم.
.. . …
قىرچىنتال ئوغلىدىن ئايرىلدى ئانا
يۈرىكى دەريا بوپ ئاقتى كۆزىدىن.
(«مەن ساڭا بەردىم بىپايان دېڭىز»دىن)
غورىلار چىللايدۇ جاملىرىدا مەي،
ۋە لېكىن بارمايمەن ئۇنىڭ رايىغا.
(«ئۆكۈنۈش»دىن)
بىز ياشاپ كېلىمىز چىگىش تور ئارا،
چىگىشلىك تۈگۈنلەر ھامان تېپىلار.
(«ئاق راۋاقتا ئاق پەرىشتە چۈشى باشلىنار»دىن)
قايناق رەستە ، باز-بازلىق بازار،
ئۇچراپ قالدىم ئۇشتۇمتۇت ساڭا.
(«سەپەر كۈيلىرى»دىن)
يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى ، مىسرالار تەركىبىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر شېئىردا ئەسلى سۆز مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى مەجاز رولىدا كېلىپ ، شېئىر تىلىنىڭ ئوبرازچانلىقىنى ئاشۇرغان . بىز سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە شېئىردىكى كۆچمە مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
سۆزلەملەر ئەسلى مەنىسى مەجازىي مەنىسى
كۈندەش بۇرۇنقى دەۋردىكى كۆپ خوتۇنلۇق كىشىلەرنىڭ خوتۇنلىرى.
رەقىب ، دۈشمەن.
قاۋىماق ئىتلارغا خاس خۇسۇسىيەت ، ئىتلارنىڭ ھاۋشىشى.
ھېچنېمىنى پەرق قىلماي سۆزلەۋېرىدىغان بەتخۇي ئادەم.
ھەپىرەڭ نامازشامگۈل ئالىجوقا ، تۇتۇرۇقسىز ، ھەپتىرەڭ.
چالماق ساز چالماق؛ (بىرنەرسىنى) ئېلەشتۈرمەك.
چاپۇتلىماق ، چىماق سالماق
توزغان چاڭ-توزانلارنىڭ توزۇشى ، ئۇچۇشى.
تۇراقسىز ، تۇتۇرۇقى يوق ، يولدىن چىققان ئادەم.
چالغىتماق سۇنى قوچۇماق ، چەمبىرەك چىقارماق.
بۇرىماق ، تېمىنى يۆتكىمەك.
سىنتاش ئاق ھەم سۈزۈكلۈكىدىن ئادەم قارىسا ، شولىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر خىل ئاق سۈزۈك تاش.
مۇقەددەس ، خىسلەتلىك ، گۈزەل.
تەڭگە پۇل ، مال-دۇنيا . ۋاقىت
قىرچىنتال تال ، تېرەكلەر تىپىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال . سۇ ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ . چىۋىقلىرىدىن ھەر خىل سايمان-جابدۇقلارنى توقۇشقا بولىدۇ.
نازۇك ، ئەۋرىشىم.
غورا تېخى پىشمىغان مېۋە-چېۋە.
يېتىلمىگەن ، نادان.
چىگىش تور چىگىشلىشىپ كەتكەن تور.
مۇرەككەپ دۇنيا.
باز-باز دەي-دەيگە سېلىش ، كۈشكۈرتۈش ، تالاشتۇرۇش.
ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان ، سودا-تىجارەت قاينىغان.
دېمەك ، ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا قوللىنىلغان مەجازىيلىق سۆزلەر شېئىرنىڭ جېنىغا جان قوشۇشتىن سىرت ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ ، ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك ھەسسە قوشقان.
2) ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى جانلىق سۈپەتلەشلەر كىشىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ.
سۈپەتلەش ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنى ، تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى ، سۈپەتلىرىنى ۋە ھالەت-ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئېنىق ، روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ سۈرەتلەپ بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى سۈپەتلەشلەر تەسۋىرلىنىۋاتقان ئادەم ۋە نەرسىلەرنى ، ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە روشەن كۆرسىتىدۇ ، ئاڭلىتىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلاردا ھېس-ھاياجان ئويغىتىدۇ . مەسىلەن،
سۆڭىكىم ئالماستىن پۈتۈلگەن تامام،
كېمىرىپ يۇتالماس ئىكەك تۇمشۇقلار.
(«مەن چېقىن ، مەن ئاپتاپ ، مەن سامانيولى»دىن)
ئالەمنىڭ رەڭلىرى سېھرىنى تاشلاپ،
نامەھرەم ھېسلىرى توزۇسا بىراق؛
ئېگىلگەك ھۆسنلەر توپىلاڭ باشلاپ،
قوغلانغان ئاپەتلەر ياندۇرسا چىراغ.
(«تەشۋىش»دىن)
يېتىلىدۇ غورا ھېسلار ھامان پەيدىنپەي،
قىيام بولۇپ تومۇرۇڭغا تارايمەن تېخى.
.. . …
ئاتقان تاڭلار،
ئاققان نۇرلار،
ئولجا ئەسنالار
ئەتىكى كۈن ئوڭلۇڭىنىڭ نىشانىسى دە!
يانغان قۇياش،
سۈزۈك ئاسمان،
ئالماس قىيالار
يۇمران-يۇمران نوتىلارنىڭ پېشانىسى دە!
(«مەڭگۈلۈك تولۇش»دىن)
بولمىغاندا ئوت سەزگۈنىڭ ئەكس ساداسى،
قانداق قىلىپ دىل يورىسۇن پېتىر ھىممەتتىن.
.. . …
يېڭى تاڭ كىرمەكتە ئۆيۈمگە ئەنە،
ئۇندا يوق ۋەھىمە ، ھەسەت پۈركۈشلەر.
.. . …
يانار ئىدى تاڭسۇق مەدەنلەر،
(«تۈن تىۋىشلىرى»دىن)
خەجلەيسەن جېنىڭنى كۆپ زۇغۇيلارغا،
چىلتەكلىك شەلپەردە يۈزىنى ياپقان.
(«بەرگىمدە پۇراپ تۇر مەڭگۈگە ئالما»دىن)
يارىتىپ تىنماستىن چىرايلىق ئاڭلار،
توزغانلار ئورنىنى ئالىدۇ گويا.
(«ئەركەم»دىن)
تەمە بىلەن باقار ھەممىگە،
غۇرۇرىنى كەش قىلىپ ئۇلار.
ئايلىنىدۇ ئاخىر تەلۋىگە،
خۇشامەتنى پەش قىلىپ ئۇلار.
(«دوستۇمغا»دىن)
ئالۋۇنلارغا ئايلىنىپ ، ئاق قۇچاقلىق ئۇپۇقۇم،
قوزۇق بولۇپ ۋۇجۇدۇم قېقىلغاندا بازغاندا.
(«تاشقا تامغان تامچىلار»دىن)
3) ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى جانلاندۇرۇشلار ئەنئەنىۋى جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
نەرسىلەرنى ئادەملەشتۈرۈپ ۋە ئادەملەرنى نەرسىلەشتۈرۈپ يېزىشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە جانلاندۇرۇشتۇر . ئۇ تىلنىڭ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى جانلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن پەرقلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەردە روشەن ، جانلىق ۋە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ . مەسىلەن،
مەڭگۈتاش كۈيلىرى ياڭرار قۇلاقتا،
ئۆچمەستۇر كەينىمگە مەن تاشلىغان ئىز.
(«مەن چېقىن ، مەن ئاپتاپ ، مەن سامانيولى»دىن)
يالپۇزلار جاقىلداپ بەزگەك بوپ گويا،
قىياقلار تىترىشىپ يۇتۇشتى زەھەر.
.. . …
شاماللار سەكرەيدۇ شۈمۈپ گۈللەرنى
تۈزدىكى شۇ ھاۋا يەنە شۇ ھاۋا.
(«شۇمبۇيا»دىن)
يۇقىرىقى مىساللاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئوسمانجان ساۋۇتقىلا خاس ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر بولۇپ ، ئۇنىڭدا «ئىكەك تۇمشۇق ، ئېگىلگەك ھۆسن ، ئالماس قىياق ، نامەھرەم ھېس ، غورا ھېس ، ئولجا ئەسنا ، پېتىر ھىممەت ، خەجلەيسەن جېنىڭنى ، ھەسەت پۈركۈش ، تاڭسۇق مەدەنلەر ، غۇرۇرىنى كەش قىلىپ ، ئاق قۇچاقلىق ئۇپۇق» قاتارلىق جانلىق سۈپەتلەشلەر ، «مەڭگۈتاش كۈيلىرى ، يالپۇزلار جاقىلداپ بەزگەك بوپ ، قىياقلار تىترىشىپ ، شاماللار سەكرەيدۇ شۈمۈپ گۈللەرنى» قاتارلىق جانلاندۇرۇشلار ئاجايىپ شېئىرىي مەنزىرە ھاسىل قىلغانكى ، ئوقۇغان كىشىدە گويا ھەسەل يېگەندەك تاتلىق سېزىم پەيدا قىلىدۇ . يۇقىرىقىلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ، ئوسمانجان ساۋۇت ھەقىقىي تىل ئۇستىسى ، يېڭى-يېڭى ئىسىتىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ تۇغۇمچان ئانىسى . ئۇنىڭ ئالدىدا تاغلار ، دەريالار ، گۈل-گىياھ ، ئۇچار قاناتلار ، دۇنيادىكى ھەممە جانلىق-جانسىزلار ئۆز قەلبىنى ئېلىپ قالماي ئاشكارىلايدۇ . «مەڭۈتاشلار كۈيلەيدۇ» ، «تۇمشۇقلار ئىكەك» بولىدۇ ، «ئېگىلگەن ھۆسنلەر» ئۇنىڭ «نامەھرەم ، غورا ھېس»لىرىنى قىيامىغا يەتكۈزىدۇ ، «يالپۇزلار جاقىلداپ» «بەزگەكتەك تىترەپ» ، «ئەسنالار ئولجا» بولىدۇ . شائىر زۇغۇيلار ئالدىدىكى ھاجەتمەنلەرنىڭ «جېنىنىڭ خەجلىنىپ» كېتىۋاتقانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ، «غۇرۇرىنى كەش» قىلماسلىققا چاقىرىدۇ . مانا بۇلار شائىر ئىجادىيىتىدىكى تىل خاسلىقى.

تىل شېئىرنىڭ جېنى . تىلنى قانداق ئىشلىتىش شائىرنىڭ دىتىغا ، بىلىم قۇرۇلمىسىغا باغلىق . تىلىغا ئىشلەنمىگەن ئەسەر گويا كىيىمىنى مەينەت ، رەتسىز كىيگەن كىشىگە ئوخشايدۇ.
ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنى باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلسا ، ئۇنىڭدىكى تىل گۈزەللىكى ، ئىستىلىستىكىلىق خاسلىق قاتارلىقلار ئۇنچىلىك يارقىن بولماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ «پېشقەدەم» ، «بالا» مىللەتنىڭ تىلىدىكى يارقىنلىق ۋە ئويناقلىقنى شائىردەك چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەسەرلىرىدە ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ بېرىش خېلى-خېلى تەرجىماننىڭ قولىدىن كەلمىسە كېرەك . شائىر ئانا تىلىغا ئانا كۆكسىگە تەلپۈنگەن بوۋاقتەك تەلپۈنىدۇ ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئاسرايدۇ . بۇنى ھازىرقى بەزى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەبجەش ئاتالغۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ . «كۆپ تىللىق بولۇش شاراپەت ، ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەيدۇ چىڭغىز ئايتماتوف . ئوسمانجان ساۋۇت ئانا تىلىغا خۇددى مەھمۇت قەشقەرى ۋە ناۋائىيدەك مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتتى . بۇ نۇقتىدىن شائىرغا تىلشۇناسلىق تاجىنى بەرمەسلىككە ئىلاجىسىزمىز.
شېئىر تىلنىڭ بالاغىتى . ناۋادا تىل قۇرامىغا يەتسە شېئىرغا ئايلىنىدۇ . تىلنىڭ قۇرامىغا يېتىشى ئوسمانجان ساۋۇت كەبى تىل ئۇستىكارلىرىنىڭ بەدىئىي دىتىغا ۋە تۇيغۇن روھىيىتىگە باغلىق . مېنىڭچە ، شائىردىن يېڭى-يېڭى سۆز دۇردانىلىرىنى كۈتۈشكە ھەقلىقمىز . چۈنكى شائىر بىزنى ئۇمۇندۇرمايدۇ . ئاخىرىدا شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىش تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىز ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇ تىلشۇناسلىرىمىز ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرىمىز تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەتقىقات تېمىسى.
2003-يىل سېنتەبىر-دېكابىر،ئۈرۈمچى