ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئىسلامىيەت ھەققىدىكى كۆپ ئەسەرلىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاقىلانە يەكۈنلىرى ئىسلامىيەت ھادىسىسىنىڭ ئەينى يىللاردىكى نۇقۇل دىنىي ـ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى،ياكى نوقۇل ئىسلامىيەت ئىلاھىيەتچىلىكى ئېتىقادى كاتېگورىيلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان تېخىمۇ كەڭ كاتېگورىيلىك قىممەتكە ـ ئىسلامىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىتەستىقلىدى.ۋەھالەنكى،ئسىلامىيەت مەدەنىيىتى تېگى ـ تەكتىدىن ئالغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي مەەنىيەت ئۆركىشىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب يېزىقى ۋە ئىسلامىيەت ئېتىقادى شەكلىدىكى سېنكرېتىك كۆرۈنىشىدىن ئىبارەت ئىدى، خالاس. بۇ مەدەنىيەت مىسىر، گرېك ـ رىم، ئىسرائىل، مىسوپوتامىيە ـ ئىران، يىراق شەرق، ئوتتۇراـ مەركىزى ئاسىيا ھەم ھىندىستان مەدەنىيەتلىرىدىن ئوزۇقلانغان ۋە بۇ رايۇنلارغا يېڭىچە مەدەنىيەت شەكلىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

تارىخىي شەخىس سۈپىتىدە مۇھەممەد پەيغەمبەر Ⅵ ئەسىرنىڭ 70ـ يىللىرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ قۇرەيىش قەبىلىلىرىگەمەنسۇب قاسىم ئۇرۇقىدىن بولۇپ،ئۇ 610ـ612ـ يىللىرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپى 633ـ يىلقى ئەبۇ مۇسلىمىيانغا قارشى جەڭلەردە قۇربان بولۇپ كەتكەچكە،ھەزرىتى ئابابەكرى خەلىپىلىكتە تۇرغان ۋاقىتلارداھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ سۆزلەر ئاساسىدا 《قۇرئان》تۈزۈش ئىشى باشلاندى.بۇ خىزمەتكە مۇھەممەد پەيغەمبەر نىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مىرزىسى زەئىد ئىبنى سابىت مەسئول قىلىندى.تۈزۈلۈپ چىققان تۇنجى توپلام ئابابەكرى ۋە ئۆمەر خەلىپىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى.ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە چىققاندىن كىيىن﹚644ـ656﹙،يېڭباشتىن رەسمىي ئىسلام دەستۇرى تۈزۈشنى ئويلاپ،بۇ خىزمەتنى يەنىلا زەئىد ئىبنى سابىتقا تاپشۇردى.ئۇ بىر قانچە ياردەمچى مىرزىلار بىلەن بىللە بارلىق ساقلىنىپ قالغان قول يازمىلار،پارچىلارنى توپلاپ،651ـ يىلى 114 سۈرە ۋە كۆپلىگەن ئايەتتىن تەركىب تاپقان ھازىرقى 《قۇرئان》نى تۈزۈپ چىقتى.ئىلگىركى تۇنجى توپلام كۆيدۈرلۈپ ،يېڭى توپلام تۆت نۇسخا كۆچۈرۈلدى.ئۇلار مەدىنە،كۇفا،بەسىرە ۋە دەمەشىقتىن ئىبارەت تۆت مەركىزىي شەھەردە ساقلاندى.

ئىسلام دىنى ئۆزىگە خاس دىنىي پەلسەپىگە ـ كالامىزم سىستېمىسىغا ئىگە.ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى《قۇرئان》،《ھەدىس》،《تەفسىر》،《فىقىھ》(قانۇن ـ نىزام)قاتارلىق دەستۇرلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ،بۇنىڭ ئاساسى《قۇرئان》دىن ئىبارەت.
ئىسلام بەش پەرھىزگە ئاساسلانغان،ئۇنىڭ بىرىنچىسى: 《ئاللانىڭ بىرلىكى،مۇھەممەدنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى》ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئىدى.بۇ ئىسلام ئېتىقادىنىڭ 《ئىمان》(ئىشەنچ)ئاساسى.ئىسلام دىنىدا 《شەيتان》،《ئىبلىس》بەندىلەرنى ئىماندىن چەتلەشتۈرگۈچى سەلبىي روھىي مەۋجۇدات سۈپىتىدىلا قارىلىنىدۇ.ئىسلام دىنى كۆپلىگەن مالائىكىلەر ھەققىدىكى بايانلار ئىچىدىن تۆت مالائىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ،ئۇلار:جەبرائىل،مىكائىل،ئەزرائىل،ئىسراپىلدىن ئىبارەت.ئىسلام ئەقىدىسى ئاللا دۇنيانى ئالتە كۈندە ئۆز نۇرىدىن 《بەرقى تەجەللى》(ئىممۇناتسىيە)شەكلىدە ياراتقان.7ـ كۈنى ئادەمنى ياراتقان،دەپ ئىزاھلايدۇ.ئىسلام دىنى《تەقدىر ئەزەلىيە》بىلەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق دېگەن ئىككى خىل ئىزاھلاشنى تەڭ قۇۋۋەتلەيدۇ.شۇ ئاساستا《زامان ئاخىر》ۋە《قىيامەت كۈنىدىكى سوراق》تەسەۋۋۇرلىرى سۈرەتلىنىدۇ.قىيامەتتە ھەممە مالائىكىلار ،جىن ـ ئالۋاستىلار ۋە ئادەمزات ئۆلىدۇ ۋە كېيىن قايتا تىرىلىپ قىيامەت سورىقىغا داخىل بولىدۇ دېيىلىدۇ.

ئىسلام دىنى تارىختا ئۆتكەن كۆپلىگەن دىن ئىختىراپچىلىرى ۋە پەيغەمبەرلەر ئىچىدە ئالاھىدە شۆھرەتلىنىدۇ.ئىسمائىلىزم تەرەپدارلىرى ئىمام مۇھەممەد ئاخىر زامان (ئىبىن ئىسمايىل)نى ئاخىرقى پەيغەمبەر دېيىشىدۇ.ئىسلام ئەقىدىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەر ئاللانىڭ ئەلچىسى،ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋە 《قۇرئان》جەبرائىل ئەلەيھىسالام ئارقىلىق ۋەھىي بولغان دەپ قارايدۇ.م ھەممەد پەيغەمبەر بىر كېچىدە 《مىراج》غا چىقىپ،تەڭرى دىدارىغا ۋاسىل بولغان، دىگەن قاراش ساقلانغان.
كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئىسلام پەرھىزلىرىنىڭ ئىككىنچىسى.دەسلەپكى ئىسلام ئېتىقاتىدا بېر كېچە ـ كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم ناماز ئوقۇش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ،مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن بەش ۋاق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
روزا تۇتۇش ئىسلام پەرھىزلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ،قەمەرىيە كالېندارى بويىچە رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇلىدۇ.مەلۇماتلارغا قارىغاندا دەسلەپكى ھەر ئون كۈندە بىر كۈن روزا تۇتۇش بەلگىلەنگەن. كېيىنچە رامىزان ئېيى روزا ئېيى قىلىپ بەلگىلەنگەن .رامىزان ئېتىدا روزا تۇتۇشتىن باشقا ئىختىيارىي تۇتۇلىدىغان روزىلارمۇ بار.

زاكات ئاتالمىسى《پاكلانماق》مەنىسىدە بولسىمۇ،ئۇ دىنىي تەشكىل ۋە دىنىي جامائەتنى ئىقتسادى جەھەتتە تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى سۈپىتىدە مۈلۈكدار ۋە تاپاۋەتلىك تەبىقىلەرگە پەرھىز قىلىنغان.
ھەج قىلىش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى ئەرەبلەردە ساقلانغان ئەنئەنە بولۇپ،ئۇلار مەككىدىكى قارا تاش ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ قەدىمكى جايىنى زىيارەت قىلىناتتى.بۇ ئادەت ئىسلاملاشتۇرۇلدى ۋە قۇربىتى يېتىدىغان مۇسۇلمانلارغا پەرھىز قىلىپ بېكىتىلدى.ھەج ۋاقتىدا تىكىلمىگەن ئىككى پارچە ئاق رەختتىن ئېھرام ۋە كەش كىيىلىدۇ.ئاراپات تېغى ۋە مىنا جىلغىسىدا ھەر قېتىمى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ قەدىمىي جايىدا ناماز ئوقۇلىدۇ.ھەج ۋاقتىدا قۇربانلىق قىلىنىدۇ.
ئىسلام دىنىدا بىر قاتار قانۇن ـ قائىدىلەر ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى 《فىقھ》ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن .ئىسلام كالامىزمىغا گۇمانلىنىش مۇتەززىلىزم تەرەپدارلىرىنىڭ 《قۇرئان》نى ئەقىل ياردىمى بىلەن ئىزاھلاش ئەركىنلىكى ئارقىلىق مەيدانغا چىققانىدى.تەبىئەت پەلسەپىسى،پانتېزم تەرەپدارلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئائىت دىنىي،سىياسىي مەزھەبلەر مەيدانغا چىقتى.ئىسلام كالامىزمى تارىخىدا 《ھۇججەتۇل ئىسلام》ۋە《زەينۇددىن》دەپ شۆھرەت قازانغان ئمام مۇھەممەد غەززالى(1059ـ1111)ئىسلام ئەقىدىلىرىنى پەلسەپىلىك سىستېمىسىغا سېلىش ۋە ئىسلام پەلسەپە قائىدىلىرىنى مەنتىقىلىق يول بىلەن دەلىللەشكە كىرىشتى ۋە ئۇ ئىبىن روشىد (1126ـ1198)قاتارلىق ناتۇرال پانتېزملىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەنقىدىگە يولۇقتى. ئىسلام دىنى《قۇرئان》دىنى پەلسەپىلىك،دىنىي قانۇن ـ ئەخلاقىي مەزمۇنلاردىن تاشقىرى يەنە قەدىمكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقالغان قەدىمكى دىنىي رىۋايەتلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان.بۇلارغا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى تەبىئەت ئىلاھچىلىقى ۋە تۇتېمىزم سىغىنىشىغا ئائىت مەنبەلەرنى،يەھۇدىزم دىنىي كىتابىي《تەۋرات》دىكى توپان،نوھ،ئىبراھىم،مۇسا،يۈسۈپ قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى؛ئەيسا پەيغەمبەر،قىيامەت،قايتا تۇغۇلۇش ۋە قىيامەت سورىقى قاتارلىق《ئىنجىل》ـ خرسىتىئان تەسىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئىسلام دىنى دەسلەپكى تەشۋىقات باسقۇچىدىلا كەڭ ئەپۇچانلىق پوزىتسىيىسى قوللاندى.بۇ ھال يېڭى دىننىڭ ئېتىقاد قوشۇنىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولغان.
مۇھەممەد پەيغەمبەر (570 ـ 632)دىن كىيىن ئابابەكرى(632 ـ 634 ـ يىللىرى خەلىپە بولغان)،ئۆمەر(634 ـ 644 ـيىللىرى خەلىپە بولغان)،ئوسمان(644 ـ 656 ـ يىللىرى خەلىپە بولغان)،ئەلى(656 ـ 661 ـ يىللىرى خەلىپە بولغان)خەلىپىلىكتە تۇرغان دەۋر《ئەل راشىد》دەپ ئاتالغان 《جۇمھۇرىيەت》دەۋرى بولسىمۇ،لېكىن بۇ چاغدا ئىسلام دىنى ۋاستە قىلىنغان سىرتقا كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.خەلىپە ئۆمەر ۋاقتىدىلا ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىن ھالقىغان سىرتقا قارىتىلغان ئۇرۇش باشلاندى.636 ـ يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى ۋىزانتىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ دەمەشىقنى،638 ـ يىلى ئىروسالىمنى،640 ـ يىلى پۈتۈن پەلەستىن ۋە سۈرىيىنى بېسىۋالدى.
شەرققە قارىتىلغان ئۇرۇشمۇ خەلىپە ئۆمەر ۋاقتىدا باشلانغانىدى.نەتىجىدە 642 ـ يىلى ساسانىلار مۇنقەرز قىلىندى.شۇ چاغلاردا قاھىرە ۋە ئىسكەندىرىيە شەھەرلىرى ئەرەبلەرنىڭ قۇلىغا ئۆتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەتل قىلىنىشىدن كېيىن سۈرىيىدىن ئۇمەييا قەبىلىسىدىن بولغان مۇئاۋىيە دەمەشىقتە ئۇمەييا(661 ـ 750)سۇلالىسىنى تەشكىل قىلدى.شۇنىڭدىن باشلاپ سايلام ئاساسىدا خەلىپە بەلگىلەش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدى.ئۇمەييا سۇلالىسى دەۋرىدە ئەرەبلەر تۇنىس،ئالجىرىيە،مولوگانى قولغا كەلتۈرۈپ،711 ـ يىلى جىبلتار بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيە(ئاندالوسىيە)نى ئىستېلا قىلدى.ئەرەبلەر فرانسىيگە يۈرۈش قىلغاندا زەربىگە ئۇچراپ بىلۇنۇس تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا توختىدى.شەرقتە پېرىسىيىدىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئاففانىستاننى،غەربىي شىمالىي ھىندىستاننى (ھازىرقى پاكىستان)نى ئستېلا قىلىپ،ئامۇ دەريا،ئارال دېڭىزى،سىر دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنى بېسىۋالدى.شۇنداق قىلىپ ئارال دېڭزىدىن نىل دەرياسىغىچە،پامىر تاغلىرىدىن ئىسپانىيىگىچە بولغان كەڭ زېمىن ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەرەب ئىستېلاچىلىرى قولىغا ئۆتىشى ئانچە ئاسان بولغىنى يوق.ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى كۈرىشى ھەققىدە كولتىگېننىڭ جەڭلىرى،《گۆر ئوغلى》خەلق ھېكايىسى قاتارلىق كۆپىگەن تارىخىي خاتىرىلەر ۋە بەدىئىي رىۋايەتلەر ساقلاندى.ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلامىيەت ھەربىي يۈرۈشلىرى بىر قانچە قېتىم تەكرار ئېلىپ بېرىلدى. Ⅶ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە، ھەتتا ⅫⅢ ئىسلاملاشتۇرۇش غازات ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلمىدى.بۇ ئارىدا ئىسلاملاشتۇرۇش يۈرۈشلىرىنى ئەرەبلەر،پارسلار،سامانىلار،قاراخانىلار،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلاشقان تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرى داۋاملاشتۇردى.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلاملىشىشى بىرقانچە تارىخى باسقۇچ ئارقىلىق ئورۇندالدى .
ئەرەبلەر 15 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىران تېرىتۇرىيىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، 651-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراسان شەھەر مەملىكەتلىرىنىڭ بىرلەشمىگەنلىكىدىن غالىپلار سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېللا قىلىش ئۈچۈن مەرۋىگە بارگاھ قۇردى ، پات-پات ئامو دەرياسىدىن ئۆتۈپ ماۋارائۇننەھىرەگە كىرگەن تۇنجى ئەرەپ سەركەردىسى دەمشەق خەلىپىسى مۇئاۋىيە تەرپىدىن 674-يىلى ئەۋەتكەن ئەبەيدۇللا ئىبىن زىياد ئىدى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككىچى ئەرەپ سەركەردىسى سەئىدى ئىبنى ئوسمان 676-يىلىبۇخاراغا قايتا ھۇجۇم قوزغاپ، ئىشنى سۈلھ بىلەن ئاخىرلاشتۇردى . بۇ چاغدا 30مىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسى ئەسىر سۈپىتىدە قۇل قىلىنىپ ئوتتۇرا يېقىن شەتىققە يۆتكەلگەنىدى.ئۇلار كېيىنچە ئىسلامىيەت شەرقىنىڭ مەدەنىيەت گۈللىنىشىگە ئۆز ھۈنەر-ماھارىتى ۋە سەنئىتى بىلەن تۆھپە قوشتى .بۇخارا خەلقىنىڭ ئەركپەرۋەر بىر تۈركۈم ئوغلانلىرى ئەرەپ سەركەردىسى سەئىد ئىبنى ئوسمان ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە ئۆزلىرىنىمۇ ھالاك قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن قۇتەيبە .ىبىن مۇسلىم خۇراسانغا ئەرەپ نائىبى بولۇپ بەلگىلەندى . ئەرەبلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى خەلىقلىرى ئوتتۇرسىدىكى دەھشەتلىك جەڭلەر باشلىنىپ كەتتى .چاش(تاشكەنت)،تالاس، چۇ ۋادىلىرىدا ، پەتغانە ۋە تۇخارىستاندا ، زەرەپشان ۋادىسىدا ،بۇخارا سەمەرقەند رايونلىرىدا تۈركى خەلەقلەر غايەت زوت كۈچ بولۇپ ياشايتى. سىر دەرياسىنىڭ شىمالى، يەتتىسۇ، ئىلى ۋە ئېرتىش ، نارىن – قىزىلسۇ ۋادىلىرىدا، قەشقەرىيە ۋە تارىم ساھىلىدا قەدىمى غەربى ۋە شەرقى تۈرۈك قەبىلىلەر ياشايتى . بىلازورىنىڭ يېزىشىچە VII ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى تۈرۈكلەر ئەرەپ ئىستىللاچىلىرىنى نىشاپۇرغىچە سۈرۈپ تاشلىغانىدى .

قۇتەيبە 706-يىلى ئامو دەريانىڭ زەرەپشان ۋادىسىغا يۈرۈش باشلىدى . 709-يىلى بۇخارانى ئىگەللىدى . 712-يىلى 20مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن سەمەرتقەنتكە ئۆز ئىنىسى ئابدۇراخماننى ئەۋەتتى . ئۇ كىشى ، نەسەف، خارازەمدىن 20 مىڭ كىشلىك ئەسكەر تەلەپ قىلىپ ، ئۆز يۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا ، خەلىپە ۋەلىد (705-715)ئۆلۈپ، ئورنىغا چىققان سۇلايمان خەلىپە قۇتەيبىنى ئۆز رەقىبى سۈپىتىدە تەقىب قىلدى .ئۇ 715-يىلى پەرغانىدە قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئەرەپ ئەسكەرلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئىسلاملاشتۇرۇش ۋە ھەربى ئىستېلا تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ ماۋارائۇننەھر رايۇنى ئەرەپ خەلەپىلىكى ھۆكۇمرانلىغىغا ئۆتتى، بۇ يەرلەردە ئاھالە تەدرىجى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى .
تاكى سامانىلار خاندانلىغى زامانىسىغىچە سىر-تالاس دەريالىرى ياقىسىدىكى ئۇيغۇر ، ياغما ، قارلۇق ، تۈركەش قەبىلىلىرى ، جۈملىدىن ئېرتىش بويىدىكى يەمەكلەر ئەرەبلەرگە قارشى قاتتىق مۇداپىئە سېپى تۈزگەنىدى .يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن قاراخانلار خاندانلىغى بۇ كۈچنىڭ ئالدىقى ئىستىكامى بولدى . ئىسمائىل (ئىمىن ئەخمەد) سامانى (865-892)ھاكىمىيىتى ھەتتا بۇخارا سىرتىغا مۇداپى.ە سېپىللىرىنى سالدۇرغانىدى .ئۇ 892- يىلى باھار ئېيىدا (ھىجىريىنىڭ 280-يىلى مۇھەررەم ئېيىدا ) تالاس- بالاساغۇن لىنيىسىگە كەڭ كۆلەمدە دىنى ھۇجۇم قوزغىدى . نەتىجىدە قاراخانىلارنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى ئوغۇلچاق قىدىرخان بالاساغۇندىن قەشقەرگە چېكىندى . ئىسمائىل سامانى سىر دەريا ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى تالاستىن تاكى چۇ دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىمىغىچە بولغان يەرلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ ،15مىڭ كىشىنى ئەسىر ئېلىپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇردى. بۇ جايلاردىكى مانى ۋە خىرىستىئان ئىبادەتخانىلىرى چېقىپ تاشلىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئورنىغا مەسچىتلەر سېلىندى .

ئىسلام دىنى ئۇيغۇر ياغمىلىرىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تەرپىدىن 932-يىلى قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى . پاناھلىق تىلەپ ئاتۇشقا كەلگەن سامانى شاھزادىلىرىدىن ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دىنى تەشۋىقاتى ، سۇلتان ساتۇچ بۇغراخاننىڭ ئوردا ئۆزگىرىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئاقسۇ- خوتەننى ئىسلاملاشتۇرش ئۈچۈن 971-يىلدىن 992 – يىلغىچە قانلىق ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلدى . بۇ ئىشنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ۋارىسلىرى مۇسا ئىبن ئابدۇكېرىم ، ئەلى ئىبن مۇسا ، ھەسەن ئىبن مۇسا (ھەسەن بۇغراخان)، يۈسۈپ قىدىرخان قاتارلىقلار ئاخىرغا يەتكۈزدى . شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆزلىرىنىڭ مانى دىندىكى بوۋىلىرى كۈل بىلكە قىدىرخان ،ئوغۇلچاق قىدىرخان ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ <<قولدىن ئۆتكەن زىمىننى قايتۇرۋېلىش>>ئۈچۈن سامانىلارغا قارشى ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش ئېلىپ باردى . خۇددى ئىسمائىل سامانى تالاس يۈرىشىدە 892- يىلى قازا قىلغىنىدەك ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بۇخارا يۈرىشىدە 956-يىلى قازا قىلدى . قاراخانىلار 999-يىلى سامانىلار خاندانلىقىنى مۇنقەرز قىلدى . شۇندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن قاراخانىلار ، غەزنەۋىلەر ، خارەزم شاھلىقى كېيىنكى ئوغۇز سالجۇقلىرى ئىسلامىيەتنىڭ تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدا بەقارار تاپقانلىغىنى كۆرسەتتى .
قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەتكە ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بېشبالىق – قۇجۇ ئۇيغۇر ئارسلانخانلىغى ئارىسىدىكى دىنى ئېتىقاد زىدىيەتلىرى كۈچەيدى . ئەھۋال نەچچە ئەسىرگىچە خۇددى كارىل ماركىسنىڭ ئېيتقىنىدەك بولدى :<< <قۇرئان> ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ئىسلام قانۇنىدا ھەر خىل ئوخشىمىغان مىللەت ۋە رايونلار ئاددقلد فورما بويىچە ئىككى خىل مىللەت ۋە ئىككى خىل دولەتكە ئايرىلاتتى،ئۇ بولسىمۇ مۇسۇملان ۋە كاپىر دېگەندىن ئىبارەت ئىدى >>[(ماركىس- ئېنگىلىس ئەسەرلىرى ) 10- توم خەنزۇچە نەشرى ،180-بەت .] بېشبالىق – قۇجۇ ئۇيغۇر خاندانلىغىدىكى ئۆز ۋەتەن ئۆز مىللەت خەلقىمۇ خۇددى شۇ فورمىدا غەيرى خەلىقلەت سانىلىپ كەلدى .

تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا تۇغلۇق تۈمۈرخان مەۋلانە ئەرشىدىن تەرپىدىن ئاقسۇدا يىگىرمە تۆت يېشىدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىسلامىيەتنى ئاقسۇ -كۇچار – قارا شەھەر ئەتراپىغا تارقاتتى .ئۇنىڭ ئوغلى خىزىر خوجاخان بېشبالىق ۋە قۇجۇ بۇددا ئۇيەىۇرلىرىغا دەھشەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ، ئۇ يەرگە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى . شۇنداق قىلىپ تۇنجى ئەرەپ سەركەردىسى ئەبەيدۇللا ئىبن زىيادىن خىزىر خوجىغىچە ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىرلىك قانلىق جەڭلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئومۇمى يۈزلۈك ئىسلامىيەتكە قەدەم قويدى .
ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇتلەق ھۆكۈمىران ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدىن خېلى ئىلگىرىلا ئەرەپ خەلىپىلىكلىرىنىڭ ئەلچىلىرى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا پەيدا بولغانىدى .
<<كونا تاڭنامە ، داشى تەزكىرىسى >> دە يېزىلىشىچە 651-يىلى چۇەنجۇدىن <<ھىجىرىيە 650-يىلى ۋاپات قىلدى>> دېگەن ئەرەبچە خەت يېزىلغان ئەرەب كىشىنىڭ قەبرىسى تېپىلغانلىغى بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ .ئابباسىيە خەلىپىلىگى ئېلىمىز بىلەن سودا قاتنىشى داۋامىق ساقلانغاچقا XII ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ككپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىسلاملاشقان ئاھالە چىڭگىزخان قوشۇنىغا ئەگىشىپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى ، مۇشۇ ئاساستا خۇيزۇلار شەكىللەندى ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كەڭ تارقىلىشىغا ئېلىپ كەلدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامىيەتنىڭ قارار تاپقانلىغى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئېتنولوگىيەلىك ، ئىدىلوگىيەلىك جەھەتلەردە تارىخى خاراكتېرلىق تەسىر كۆرسەتتى .

مەنبە: 《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》كىتابىدىن ئېلىندى.