ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» بىلەن ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» ئۈستىدە دەسلەپكى سېلىشتۇرما

ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇر

سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ــ دۆلەت ۋە مىللەت چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ھالدا تۈرلۈك ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بىر قانچە مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش ياكى ئوخشاشلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئەدەبىيات ئىلمى ۋە مەدەنىيەت ئىلمى تەقەززا بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى شەرھلەشكە تىرىشىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى خەلق ئەدەبىياتى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى ژانېرغا ئىگە. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بولغاندا خەلق ئارىسىدا ئاغزاكىي يوسۇندا تارقىلىپ كەلگەن تۈرلۈك ژانېرلاردىكى ھېكايە، قوشاق-بېيىت، لەتىپە-يۇمۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلق يازما ئەدەبىياتى بولسا ئادەتتە خەلق ئارىسىدا يازمىچە شەكىلدە خاتىرىلىنىپ ۋە تارقىلىپ كەلگەن قىسسە، ھېكايە، داستان ۋە بېيىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئەڭ ئاۋۋال مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىش جەريانىدا بارا-بارا تولۇقلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. مەلۇم باسقۇچقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بەزىلىرى يېزىققا ئېلىنىپ يازما ئەدەبىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە رەسمىي يوسۇندا يازغۇچىلار ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرى يېزىققا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھەم يېزىق ۋاستىسىدا، ھەم ئېغىز ۋاستىسىدا تارقىلىدۇ. خەلق ئەدەبىياتى تەۋەلىك نۇقتىسىدىن فولكلور ئىلمى دائىرىسىگە كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسمىدا ئېيتىلغىنىدەك ئەدەبىيات ئىلمى كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولىدۇ.

خەلق ئەدەبىياتى ئەدەبىيات ئىلمىغا تەۋە بولغاچ خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقاتىمۇ ھەم ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن زىچ بىر گەۋدىلەشكەن بولىدۇ. شۇنداقلا ئەدەبىياتنى ئوبيېكت قىلغان ئىلىملەرگە ھەم ئورتاق ھالدا تېما مەنبەسى بولالايدۇ. مەسىلەن، ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بولغان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان زات ــ نەسىرىدىن ئەپەندى بىلەن باغلانغان لەتىپىلەر شەرقتە جۇڭگودىن غەرپتە تۈركىيەگىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى خەلقلەر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. ئۇ بىر روشەن فولكلور ھادىسىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس، لەتىپە ژانېرى بىلەن ئايرىلماس بىر گەۋدىگە ئايلانغان قەھرىمان سۈپىتىدە ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر ئالاھىدە تىپ بولۇپ كۆرۈلىدۇ. دېمەك خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرى بىزنىڭ تەتقىقات ساھەيىمىز بولغان سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ ھەم تەتقىقات ئوبيېكتى بولالايدۇ.

بىز بۇ سائەتتە بىزگە يادا بولغان ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى«ئۇر توقماق» بىلەن ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارماقچىمىز.

سېلىشتۇرما ئەدەبىياتتا ئادەتتە تەسىر تەتقىقاتى ۋە پارالېل تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم تەتقىقات ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تەسىر تەتقىقاتى بولغاندا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمەلىي ئۇچرىشىش ۋە تەسىرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى تەتقىق قىلىنىدۇ. پارالېل تەتقىقات بولسا ئۆز ئارا ئۇچراشمايدىغان، تەسىر كۆرسىتىشمەيدىغان ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئەدەبىياتى سېلىشتۇرۇلىدۇ. بىز ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئىككى مىللەت خەلق ئەدەبىياتىدا مەۋجۇت بولغان «ئۇر توقماق» چۆچەكلىرىنى پەقەتلا تەسىر تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن سېلىشتۇرۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك مىللەتلىرى تارىختىن بېرى يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە مەيلى تىل، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتلەردىن بولسۇن ئەڭ يېقىن ھېسابلىنىدىغان مىللەتلەردىن سانىلىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر 15-، 16-ئەسىرلەردىن باشلاپ ئوخشاشمىغان سىياسىي گەۋدىلەرگە تەۋە بولغان بولسىمۇ بىراق، پامىر، تەڭرىتاغ تاغلىرى ئاتلىنىپ، قەشقەر بىلەن ئەنجاننىڭ، شىنجاڭ بوستانلىقلىرى بىلەن ئامۇ-سىر دەريا ۋادىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس. ئىككى ئارىلىقتا مەيلى سودا كارۋانلىرى بولسۇن، مەيلى سىياسىي يۈرۈشلەر بولسۇن، 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلىپ تۇرغان. بىراق ئەمەلىيەت شۇكى، بۈگۈندە «ئۆزبېك» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ مىللەت نامى 16-ئەسىردە قىپچاق دالاسىدىن ماۋارا ئۇننەھرگە باستۇرۇپ كېلىپ، تېمۇرىي تۈرك دۆلىتىنى ھىندىستانغا سىقىپ چىقارغان ئۆزبېكلەرنىڭ نامىدىن كەلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۈيۈك شائىر نەۋايى تەرىپىدىن «تۈركىي تىل» دەپ ئاتالغان بۇ تىل قومۇل بوستانلىقلىرىدىن كاسپىي دېڭىزى قىرغاقلىرىغىچە ئورتاق ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەر «تۈركلەر» دېگەن نام بىلەن باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، 15-ئەسىردە ماۋارا ئۇننەھردە ھۆكۈم سۈرگەن تېمۇرىي دۆلىتى، شىنجاڭ دائىرىسى ئىچىدە ھۆكۈم سۈرگەن چىڭگىز ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن داۋام قىلىنغان موغۇلىستان خانلىقى، 16-ئەسىردە ماۋارا ئۇننەھردە قۇرۇلغان ئۆزبېك خانلىقى، شىنجاڭ دائىرىسىدا يەركەننى پايتەخت قىلىپ داۋام قىلغان چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ «سەئىدىيە» دەپ ئاتالغان سەلتەنىتى، 17-ئەسىردە ماۋارا ئۇننەھردە خېۋە، بۇخارا، قوقەند ئۈچ خانلىققا بۆلۈنگەن ۋەزىيەت بىلەن، شىنجاڭدا ماۋارا ئۇننەھردىن ئېقىپ كىرگەن خوجىلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، 18-ئەسىردە ماۋارا ئۇننەھردە ئۈچ خانلىقنىڭ داۋام قىلىشى، شىنجاڭدا خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يېتىپ كىرىشى، 19-ئەسىردە ماۋارا ئۇننەھردە يەنە بۇ ئۈچ خانلىقنىڭ زەئىپلىشىپ چاررۇسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ماۋارا ئۇننەھرگە كېڭىيىشى، شىنجاڭدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ داۋام قىلىشى ۋە ماۋارا ئۇننەھر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭدا بولۇنغان نەچچە قېتىملىق خوجىلار ئىسيانى ۋە قوقەندتىن كەلگەن ياقۇپبەگنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىقى، 20-ئەسىردە ماۋارا ئۇننەھردە يەرلىك خانلىقلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقۇتۇلۇشى ۋە چاررۇسىيە ئېمپىرىيەسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، سوۋېت دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭدا مىلتارستلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە كومپارتىيەنىڭ يېتىپ كېلىشى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تاكى 50-يىللارغا قەدەر بولغان يېقىن مۇناسىۋەت، ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋارا ئۇننەھر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈشى…. مانا مۇشۇنىڭدەك بەش ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان سىياسىي ئۈزۈكچىلىك، شۇنداقلا يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە ئالاقىنىڭ ئازىيىشى تۈپەيلى كۆرۈلگەن مەدەنىيەت ئۇزاقلىقى، ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش قاتارلىقلار ئۇيغۇر، ئۆزبېك دەپ ئايرىلغان بۇ ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ ئارىسىغا مەلۇم پەرقلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىز بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغان «ئۇر توقماق» چۆچىكى ئەنە شۇنداق پەرقلەرنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ.

بىزگە مەلۇمكى، سېلىشتۇرما ئەدەبىياتتىكى تەسىر تەتقىقاتى تارقىلىش تەتقىقاتى، مەنبە تەتقىقاتى، ۋاسىتە تەتقىقاتى، ئەدەبىي تۈر تەتقىقاتىدىن ئىبارەت تۆت تارماق ئىلىمغا ئايرىلىدۇ. بىز ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلق ئەدەبىياتىدىكى «ئۇر توقماق» چۆچىكىنى مەنبە تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تېماتىكا، تېما، پېرسوناژ، سۇژىت، ئۇسلۇب، تىل قاتارلىقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش مەنبە تەتقىقاتى بولىدۇ.

سېلىشتۇرۇش نۇقتىلىرى:

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»:

ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»

بوۋاي:گول، ئەمما ئاقكۆڭۈل، خۇشامەتكار، ئەمما قانائەتچان

دەريا بويىدا بىر تۈپلا قاغا جىگدىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. قاغا جىگدىسىنى قاغىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن يالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قاغىلارنىڭ ئەڭ قېرىسىنى تۇتۇۋالىدۇ، ئۈچ قېتىم ئۈچ قىممەتلىك سوۋغىغا ئېرىشكەندە ئاۋۋال ئاخماقلىق بىلەن ئۇنىڭ سىر سۆزىنى تۈگمەنچىگە ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، پادىشاھقا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن ئۈچلا قېتىم ھەر قانچە تاياق يېسىمۇ پادىشاھنى كارامەتنى كۆرۈپ كېتىشكە چاقىرىدۇ. ئۈچ خاسىيەتلىك نەرسىنى ئالغاندىن كېيىن بەختلىك ياشاپ ئۆمرىنى داۋام قىلىدۇ.

چال:ساددا، ئاقكۆڭۈل؛ ئەمما يۇۋاش ۋە خۇشامەتكار، قانائەتچان ئەمەس،

ئوۋچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بىر كۈنى توزاققا لەيلەك چۈشۈپ قالىدۇ. لەيلەكنىڭ «نېمە تىلىسەڭ شۇنى بېرىمەن، ماكانىم ئاۋۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا» دېگەن ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۇنى قويۇپ بېرىدۇ. ئەتىسى يەتتە كېچە-كۈندۈزلۈك مۇساپىنى بېسىپ لەيلەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، لەيلەكنىڭ يىلقىچىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «قايناڭ خۇمرام»نى ئالىدۇ، ئىككىنچى قېتىم «ئاچىل داستىخان»نى ئالىدۇ. ئىككىلا قېتىمدا يېزا بالىلىرىغا بۇلارنىڭ مەخپىي تىلىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ ۋە ساختىسىنى ئېلىپ بېرىپ، لەيلەكنى قاغايدۇ، قايتا بېرىپ لەيلەكتىن «ئۇر توقماق»نى سورايدۇ ۋە يېزا بالىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇۋالغانلىقىنى تۇيۇپ خاسىيەتلىك سوۋغىلىرىنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ، ۋە ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، بۇلارنىڭ كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ ئۆيىنى ئوڭشايدۇ ۋە خاننى مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ، رەت قىلىنغاندىن كېيىن خانغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، «ئۇر توقماق»نى ئىشلىتىپ غەلىبە قىلىپ، ئۆزى يۇرتقا خان بولىدۇ. ئومۇمىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئەڭ بەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

موماي: ئاقكۆڭۈل، ساددا

كەمپىر: كەمپىر ئوبرازى ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ.

قاغا:سەمىمىيەتچىل، بۇ يەردە قاغىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سۇژىتنىڭ تۈگۈنى بولغان ۋە سۇژىت قاغا بوۋايغا بەرگەن سوۋغىلار بىلەن قانات يايغان. قاغىلار بوۋاينىڭ تىرىكچىلىك ئاساسى بولغان بىرلا تۈپ قاغا جىگدىسىگە خىرىس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بوۋاي باچكىنى ئۆلتۈرۈپ يۈزىگە سۈرتۈپ، ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالىدۇ. قاغىلارنىڭ خىزىرى دەپ ئاتالغان قاغا ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ تاپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن كۆزىنى چوقۇپ يېمەكچى بولغاندا بوۋاي ئۇنى كاپ قىلىپ تۇتۇۋالىدۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن قاغىنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە بوۋاينى تۈگىمەس بايلىققا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ،قاغىنىڭ «ئاخىرقى ئۆمرۈمدە ۋەدەمگە شۇنداق ۋاپا قىلىپ ئۆتەيكى، ئادەم بالىسى مېنى بىر بىلىپ قالسۇن» دېگەن ۋەدىسىدىن كېيىنلا بوۋاي قاغىغا ئىشىنىپ قويۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ قاغىنىڭ ماكانىغا بارىدۇ. سۇژىت لىنىيەسى ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ.

لەيلەك: تەكەببۇر

تاساددىپىي بىر ئوۋدا بوۋاينىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە «مەن لەيلەكلەرنىڭ باشلىقى» دېگەن گېپى بىلەنلا بوۋاينى ئىشەندۈرۈپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ. بوۋاي مىڭ جاپا مۇشەققەتلەرنى بېسىپ كېلىپ، لەيلەكنىڭ يىلقچىسىدىن «قاينا خۇمرا»، «ئاچىل داستىخان»، «ئۇر توقماق»لارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ سورىغىنىدا تەستىراق بېرىدۇ، شۇنداقلا چال ئۇنى سەمىمىيەتسىزلىكتە ئەيبلىگەندە ھېچقانداق ئىنكاستا بولمايدۇ.

قاغىنىڭ ماكانى: بىر جاڭگالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ يوغان بىر قېرى توغراق تۈۋىدىكى بىر كامار، توغراقنىڭ ئەتراپى مال-چارۋا مىغىلداپ يايلىغان، قويلارنىڭ ئۈستىدە تورغايلار ئۇگىلىغان، سۇلۇق، ئوتلۇق، چىرايلىق بىر جاڭگال. توغراقنىڭ تۈۋىدىكى كامارغا قەدىمىنى قويغان بوۋاينىڭ كۆزىگە ھەرخىل يورۇقلۇقلار كۆرۈنىدۇ، ئۈنچىلەر چېچىلىپ، قۇلۇپلار جاراڭلاپ، دەرۋازىلار ئېچىلىدۇ، بوۋاي بوستانلىقتىكى بىر سۇپىغا كېلىپ قالىدۇ.

لەيلەكنىڭ ماكانى: چال قوي بېقىپ يۈرگەن چوپاندىن، ئات بېقىپ يۈرگەن يىلقىچىدىن ئۆزلىرى بېقىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ لەيلەكۋايغا تەۋە ئىكەنلىك خەۋىرىنى ئالىدۇ. يەتتە كېچە-كۈندۈزدە لەيلەكۋاينىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارىدۇ.

تۈگمەنچى: ساختىپەز، ئاچكۆز؛ بوۋاي ئۈچ قېتىملىق سوۋغىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئالدىغا چىقىپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە بوۋاينىڭ گوللۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك بىلەن ئېچىل داستىخاننى ئالماشتۇرۇۋالىدۇ. ئاخىرىدا ئۇر توقماقنى ئېلىۋېلىش قەستىدە بولغاندا ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ تاياق-توقماق ئاستىدا قالىدۇ ۋە ئامالسىزلىقتىن ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك بىلەن ئېچىل داستىخاننى ئىككى قېتىمدا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

قىشلاق بالىلىرى: ئۇلارنى پۈتۈنلەي سەلبىيلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار نېمىلا بولمىسۇن بالا-دە! يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ساددا بوۋاي ئۇلارنى ئۆزى چاقىرىپ، مەن ئارام ئېلىپ كېلەي دەپ مەخپىيەتلىكنى ئېيتقان، شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بالىلار ئوبرازىنى بەك سەلبىي دەپ باھالىغىلى بولمايدۇ. بالىلار «ئۇر توقماق»تىن بىر تاياق يېگەن زامانلا تۆۋە قىلىپ، بوۋاينىڭ ھەممە نەرسىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

پادىشاھ:ئاچكۆز، زالىم، بىرىنچى قېتىم ئېشەكنىڭ كارامىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزى كېلىدۇ ۋە تېزەكنىڭ ئاستىدا قېلىپ، بوۋاينى ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋېتىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئېچىل داستىخاننىڭ كارامىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ۋەزىرلەر داستىخاندىن كۈتكىنىنى كۆرەلمىگىنىدە بوۋاينى ئۇرۇپ يۇمۇلىتىۋېتىدۇ. ئۈچىنچى قېتىم تەكلىپ قىلنغاندا، نېمە بالاغا قالدىم بۇ ئاخماق گاداي بىلەن دەپ بوۋاينى قوغلاپ چىقارسىمۇ يەنە، تاماخور نەپسى بېسىلماي ياساۋۇللىرىنى ئەۋەتىدۇ. بوۋاي ئېشەك ۋە داستىخاننىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ پادىشاھقا بىر مۇنچە سوۋغا ئەۋەتىدۇ. ئەمما پادىشاھ بۇنىڭغا قانائەت قىلىش تۈگۈل بوۋاينىڭ ئۆيىنى بۇزدۇرۇپ، پۈتۈن خەزىنىگە ئىگە بولماقچى بولىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇر توقماق تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ ۋە خەلق ئىچىدىن ئادىل بىر كىشى پادىشاھلىققا سايلىنىدۇ.

خان:تەكەببۇر، كىشىلەرنى ئۆزىگە تەڭ كۆرمەيدۇ. ئەمما ئۇ قەدەر زالىم ۋە ئاچكۆز ئەمەس. گەرچە چالنىڭ تەكلىپىنى قوپاللىقچە رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغىنىنى ئېتىراپ قىلىپ چالنى خانلىققا ئولتۇرغۇزىدۇ.

تىللا تېزەكلەيدىغان ئېشەك

قاينا خۇمرا

ئېچىل داستىخان

ئاچىل دەستۇرخان

ئۇر توقماق

ئۇر توقماق

يۇقىرىقى سېلىشتۇرما جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تا ئوتتۇرىغا چىققان بوۋاي ئوبرازى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن تىپىكلەشتۈرۈلگەن بىر قىسىم ساددا، گول، قوي مىجەز ئۇيغۇرلارنىڭ كارتىنىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ. ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان «تىللا ساڭقايدىغان ئېشەك» ۋە «ئېچىل داستىخان»لارنىمۇ ئۆزى جوڭقۇرۇپ تۇتالمايدۇ، تېخىمۇ كىشىنى تەئەججەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ھەتتا شۇلارغا ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلى، پادىشاھتىن قاتتىق تاياق يەيدۇ. پەقەت يەنە ئىنئام قىلىنغان «ئۇر توقماق»نىڭ ياردىمىدىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ «ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك» ۋە «ئېچىل داستىخان»لارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاددىي بىر پۇقرا ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلالايدۇ. ئەنە شۇنداق ئاجىز بىر تىپ ئەنە شۇنداق تىپىك ۋەقە ۋە تەسۋىرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتى يارقىن ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئەخمەق، گول بوۋايغا بولغان ھېسداشلىقىمىزنى قوزغايدۇ. شۇنداقلا ئاخىرىدا خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە ئۇھ دەپ ھاردۇقىمىز چىقىدۇ. ياخشى ئويلىنىپ كۆرگىنىمىزدە بوۋايدا مەۋجۇت بولغان ئاجىزلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىيىتى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى ئاجىزلىقتۇر. ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تا ئىپادە قىلىنغان چال ئوبرازى بولسا، ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى بوۋايغا قارىغاندا خېلىلا مەردانە بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەكنىڭ، ئېچىل داستىخاننىڭ كارامىتىنى كۆرۈشكە پۈتۈن ئەل-جامائەتنى، ئاچكۆز، زالىم پادىشاھنى قىچقىرغان بوۋايدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. چال پەقەت ئۆز ھال-ئوقىتىنى ئوڭشىغاندىن كېيىنلا خاننى مېھماندارچىلىققا چاقىرىدۇ ۋە خان كەلمىگەندە ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئاخىرىدا«ئۇر توقماق»نى ئىشقا سېلىپ غەلىبە قىلىپ ئەلگە ھاكىم بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى بوۋاي بولسا پادىشاھ ئۇنىڭ ئاشۇ ئەسكى كەپىسىنى بۇزۇپ، پۈتۈن بايلىق مەنبەسىنى تارتىۋېلىشقا كەلگەندە ئاندىن «ئۇر توقماق»نى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنىلا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مانا مۇشۇ ئىككى تىپىك بولغان سېلىشتۇرمىدىنلا ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى بوۋاينىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. گەرچە ئىككىلا چۆچەكتىكى بوۋاي ۋە چال ئوخشاش خاراكتېردىكى سوۋغىغا ئېرىشكەن، ساددىلىقتىن دەسلەپكى سوۋغىلارنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشتەك تەقدىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرىدە كۆرۈلگەن پەرقلا ئۇلار ئارىسىدىكى ئوخشاشماسلىقنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولسا كېرەك. بۇنى ئۆزبېكلەرنىڭ شىنجاڭ بوستانلىقلىرى بىلەن ئايرىلغان بەش يۈز يىل مابەينىدە شەكىللەندۈرگەن پىسخىك ئالاھىدىلىكىدىن شەكىللەنگەن دەپ قارايمىز. تارىم ئويمانلىقىنىڭ تىنىپ كەتكەن بوستانلىقلىرىدا سىرت بىلەن بولغان ئالاقىدىن مەھرۇم بىچارە ئۇيغۇر خەلقىدە «بوۋاي تىراگىدىيەسى»نىڭ ئېغىرلىقى، سىرتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرغان ئۆزبېك خەلقىدە بۇ تىراگىدىيەنىڭ ئۇ قەدەر ئېغىر بولمىغان بىر ھالدا مەۋجۇت بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بىراق ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى چالمۇ يەنىلا باشقىلار تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان «قاينا خۇمرا»، «ئېچىل داستىخان»، «ئۇر توقماق»قا ئېرىشكەچكە ئۇنىمۇ بۇ خىل تەييارغا ھەييار بولۇشتەك ئاجىزلىق تىراگىدىيەسىدىن خالىي دېيەلمەيمىز، ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى قاغا بىلەن ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى لەيلەكنى سېلىشتۇرساق، قاغا لەيلەككە قارىغاندا تېخىمۇ ئاقكۆڭۈل ۋە سەمىمىي بىر شەكىلدە نامايەن بولىدۇ. لەيلەك بولسا ناھايىتى تەكەببۇر، كىبىرلىق ھالدا چالغا تەلەپ قىلغان نەرسىلىرىنى تەستە بەرسە، قاغا بوۋايغا بېرىشقا تېگىشىك نەرسىلەرنى ئۆزى بىلىپلا تۈز كۆڭۈللۈك ئىچىدە بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا لەيلەك بىر قەدەر مۇرەككەپ ئوبراز ۋە چالنىڭ مەردانىلىقىنى نامايەن قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان بولسا، قاغىنىڭ مۇلايىملىقى بوۋاينىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. قاغا بىلەن لەيلەك ئوبرازىنىڭ بۇنداق پەرقلىق يارىتىلىشى ئۇيغۇر، ئۆزبېك ئىككى مىللەتنىڭ سىرت بىلەن بولغان پەرقلىق ئالاقىسىنى مەلۇم مەنىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەپ قارايمىز.

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى سوۋغىلارنى ئالماشتۇرۋالغۇچى تۈگمەنچى ناھايىتى قاقۋاش ۋە ئاچكۆز بىر ئوبراز سۈپىتىدە كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى يېزا بالىلىرى بولسا ئۇنداق ساختىپەز كىشىلەرگە قارىغاندا، سەبىي بالىلارنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى تۈگمەنچى بىلەن بوۋاي، ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى چال بىلەن يېزا بالىلىرى ئوخشاش بىر قاتلامغا تەۋە كىشىلەر. بىزچە بوۋاي ۋە چالغا پەرقلىق خاراكتېردىكى كىشىلەرنىڭ مۇئامىلە قىلىشى ئۇيغۇر، ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ مىللەت ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پەرقلىق مۇئامىلىسىگە تەخمىن قىلىش مۇمكىن.

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى پادىشاھ ناھايىتىمۇ زالىم ۋە ئاچكۆز بىر كىشى سۈپىتىدە ئىختىيارسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغۇچى ھۆكۈمران ۋە «ئۇر توقماق» تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئورنىغا خەلق تەرىپىدىن ئادىل بىر كىشى پادىشاھ قىلىپ سايلىنىدۇ. ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى خان بولسا، گەرچە پۇقرالارنى ئۆزىگە تەڭ كۆرمىسىمۇ ئۇ دەرىجىدە زالىملىقى بىلىنمەيدۇ ۋە ناھايىتى ئاسانلا ھاكىمىيەتنى چالغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى پادىشاھنىڭ ئالمىشىشىدىن بىزدە دېموكراتىك ئىدىيەنىڭ بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق»تىكى خاننىڭ تەختنى بوۋايغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىدىن ئۆزبېكلەردە ھۆكۈمرانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پەقەت يۇقىرى قاتلامغا تەۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پەرەزدىن ئىبارەت ئەمەلىي تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق بۇ نۇقتىلارنى ئىسپاتلاش تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى تارىخشۇناسلارغا ھاۋالە قىلىشقا مەجبۇرمىز.

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» بىلەن ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سېلىشتۇرمىمىز تىل ۋە ئىپادىلەش جەھەتلەردىن سېلىشتۇرما قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. بىراق ۋاقىت ۋە سەۋىيەنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن بىز مۇشۇ يەرگىچە سېلىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

بىز ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» بىلەن ئۆزبېك خەلق چۆچىكى «ئۇر توقماق» ئارىسىدىكى بۇ سېلىشتۇرمىمىزدىن چىقارغان ئاخىرقى خۇلاسىمىز شۇ بولدىكى، «ئۇر توقماق» چۆچىكى بەلكى، بىر ئاغزاكىي مەنبەدىن تارقالغان بولسا كېرەك. بىراق ئۇ بەش ئەسىرلىك ئايرىم ئىجتىمائىي ھايات جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقلىرى ئارىسىدا بىز يۇقىرىدا سېلىشتۇرغاندەك پەرقلىق ئىككى ۋارىيانتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ ئىككى پەرقلىق ۋارىيانت ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ پىسخىكىسى ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئىككى مىللەتنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھاياتىدىكى تىپىك پەرقلەرنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇلارنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۇنىڭدىن سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ مەدەنىيەت ۋە سوتسىئولوگىيە تەتقىقاتىدا ئوينايدىغان رولىنى، شۇنداقلا ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇپ يەتتۇق.

مەنبە : ئوكيان تورى