قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى

قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى

ھاجى نۇر ھاجى

9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ 13 – ئەسىرگە قەدەر بولغان 300 يىللىق ئارىلىقتا ئۇيغۇر، ياغما ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى مۇقەددەس ئانا ماكانى بولغان غەربىي دىياردا ياغمىلار قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى قۇردى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ راسا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى مىڭلاق ۋادىلىرى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي، چۇ دەريا ۋادىسى ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپى شۇنىڭدەك ماۋەرائۈننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.

بۇ مەزگىللەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن قوجۇ ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كۇچار بولغانىدى.

قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى دەسلەپ بالاساغۇن ( بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى توقماق رايونىنىڭ شەرىقى جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ ) شەھىرىنى ئاندىن قەشقەر (ئوردا كەنت) نى پايتەخت قىلدى.

”قارا“ دېگەن ئىسىم قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خانلىق ئۇنۋانىدا قوللانغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمرانى (خاقان) بۇغراخان ( بۇغرا — نار تۆگە دېگەن بولىدۇ ) ياكى قارا خان ( قارا — بۈيۈك، قۇدرەتلىك دېگەن بولىدۇ )، تاۋغاچ خان ئۇنۋان سۈپەتلىرى بىلەن بىللە قوللىنىلغانىدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمرانىنىڭ ”بۇغراخان“ (بۇغراخان ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر، ياغما ھۆكۈمدارلىرى قوللانغان ئۇنۋان) نىڭ ئۇنۋان سۈپىتىدە قوللىنىشىغا كەلسەك، ياغمىلارغا رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇرۇندىنلا بۇغراخان ئۇنۋانىنى قوللانغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان. تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ئۇنۋاننىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ ياغمىلارنىڭ قاراخانىيلار خاقانى تاۋغاچ بۇغراقاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەننىڭ ئۇنۋانلىرى ئىچىدە بۇغراخان خاقان ئۇنۋانى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. بۇ ئەسەرنى خاقانغا تەقدىم قىلغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە خانلار ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ئۇلۇغ خاقان ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن تاۋغاچ خان دېگەن نامنىمۇ قوشۇپ قوللانغانىدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى قەدىمكى قاراخانىيلاردىن بولغان مەشھۇر ”قاراخان“ (ئەفراسىياپ) نىڭ ئەۋلادىدىن دەپ قارىغانلىقى، قەدىمكى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن قاراخان دېگەن نام، بۇرۇندىنلا ئېلىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا، يەنى سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدا، مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قاراخانىيلار خاندانلىقى ياكى خاقانىيە دېگەن ناملار بىلەن بىللە قوللىنىلغان. ئىرانلىقلار ”بۇقا خاقان“ ياكى ”قاراخان“ نى پارس تىلىدا ئەفراسىياپ دەپ ئاتىغان. مەھمۇد قەشقەرى ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ دا بۇقا خاقاننى ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان………

ئەمدى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەۋلادى قايسى نەسەبكە مەنسۇپلۇقى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ۋە قايسى تۈركىي قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ئىلمىي ساھەدىكى ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى، ھەر خىل مۇلاھىزىلىرى داۋام قىلدى. بۇ خېلىدىن بېرى تالاش – تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلدى. بىرمۇنچە قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مۇنداق بولۇشى مەۋجۇت مەنبەلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ بەكمۇ كەمچىل بولۇشى، بۇ ھەقتىكى پەرەزلەرنىڭ ھەر خىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى :

(1) ئۇيغۇرلار ئىدى دېگەن ئىدى پەرەز — ( ۋامبىرى، رادلوف)

(2) ياغمىلاردىن ئىدى دېگەن پەرەز– ( مىنورىسكى)

(3) تۈركمەنلەردىن ئىدى دېگەن پەرەز –( ھاممە)

(4) قارلۇقتىن ئىدى دېگەن پەرەز ( پۇئات كۇپرۇلۇ)

(5) قارلۇق – ياغمىلاردىن ئىدى دېگەن پەرەز — ( قۇئات – كوپرۇلۇ)

(6) چېگىللەردىن ئىدى دېگەن پەرەز — (بارتولد)

(7) تۈركتىن ئىدى دېگەن پەرەز — (ۋەلىدى تورغان)

دېمەك، قاراخانىيلارنىڭ قايسى تۈركىي قەبىلىلەر تەرەپتىن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر بىر مەزگىل داۋاملاشتى. مۇنداق بولۇشى، تولۇق ئىسپاتلار بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، مەنبەلەرنىڭ توغرىلىقى ھەل قىلىنمىغان.

بۇ خىل مەنبەلەردە ئۇيغۇر قەدىمكى قوليازمىلىرى، ”تۈركىي تىللار دىۋانى“، ”قۇتادغۇ بىلىك“ ۋە خەنزۇچە مەنبەلەر بىلەن مۇسۇلمان تارىخشۇناسلارنىڭ تارىخىي ئىسپاتلىرىغا ئاساسلانغان، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ياغمىلار قۇرغان دېگەن قاراش، دەل تارىخىي مەنبەلەرگە بىرقەدەر ئۇيغۇن. بىز ئەمدى خەنزۇ مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى. ياغما دېگەن نامنى تۇنجى قېتىم مىلادىيە 801 – يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى دۇيۈ تەرەپتىن يېزىلغان ”ئومۇمىي قامۇس“ دېگەن ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر تەزكىرىسىدە شۇ دەۋردىكى خەنزۇ تىلى بويىچە ”ياغمىت“ دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان. ياغمىت ئۇرۇقى بولسا شۇ چاغدا ”توققۇز غۇز“ قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بەزى ئالىملار ياغمىت دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ياغما سۆزىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. رەشىدىدىن ( 1274 – 1318 – يىللار ) تەرەپتىن يېزىلغان“جامىئۇت تاۋارىخ“ ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار قىسمىدا ”بۇ ئۇرۇقنىڭ نامى ئودۇرغار دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان“. بۇ نام دەل ياغما قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولسا كېرەك دەپ قارايمىز.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەختىدە ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى ئالىپ ئارتۇڭا ( ئەفراسىياپ) نىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەننى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ خاندانى ئافراسىياپ دەپ ئاتىغانىدى. جامال قارشى ”مۇلھا قاتۇس – سۇراھ“ ئەسىرىدە ئۇلارنى ئەئاراسىياپ نەسلىدىن دەپ قەيت قىلغان. ( جامال قارشى ”سۇراھ“ )

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ دا ئۇنۋان ھەقققىدە توختىلىپ : ”خان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارى بولۇپ، ئەفراسىياپ خاقان دەپ ئاتىلىدۇ“ دەپ مەلۇمات بەرگەن.

”مەجمەئۇت – تاۋارىخ“ نىڭ نەقىل قىلىنغىنىدەك، ئەفراسىياپنىڭ سۇلتانزادىلىرىدىن ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، كىچىك ياشلىق ھاياتىدا پادىشاھ بولۇپ، تامام كاشىغەر ۋىلايىتىنى ئىسلامغا كىرگۈزدى. كاشىغەر ۋە ماۋەرائۈننەھرنىڭ پادىشاھلىرى بۇلارنىڭ نەسلىدىن ئىدى“. ( ”تارىخىي رەشىدى“ دىن ) ئەمدى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، 9 – ئەسىرلەردە ياغما قەبىلىسى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نارىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن (ئىسلام ئېنسكلوپېدىيىسى“ دىن ). ”ھۇدۇدۇل ئالەم“ ناملىق كىتابتا، ياغمىلارنىڭ ”توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىكەنلىكى“ ۋە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭمۇ ”توققۇز ئوغۇزلار“ (ئۇيغۇرلار) ھۆكۈمران ئائىلىسىدىن بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇ مەنبەگە قارىغاندا، قەشقەر ۋە ئاتۇش ( ئارتۇچ ) ناھىيىلىرىمۇ شۇ چاغدا ياغمىلارنىڭ قولىدا ئىدى.

”مۇجمەلەت – تاۋارىخ ۋەل – قىسەس“ ناملىق ئەسەردىمۇ مۇئەللىپ ياغمىلاردىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇغرا ئۇنۋانىنى قوللايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق يازىدۇ. قارلۇقلار بىلەن بىرلىكتە كۆكتۈرك ئېمپىراتورلۇقىنى يىقىتىش كۈرەشلىرىدە بىللە بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، غەربىي تۈركلەرنىڭ قەدىمىي زېمىنى ئون ئوقلارنىڭ يۇرتىنى بېسىۋالدى.

مىلادىيە 766 – يىلللاردىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنى ئون ئوقلارنىڭ خوجايىنى دەپ ئاتىدى. ئۇلار 840 – يىللىرىدىن كېيىن، يەنى ئۇيغۇر دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندا، قارلۇقلار ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىي بىلەن ئىسپجاپ، چۇ دەرياسى، ئىلى دەرياۋادىلىرىغا قەدەر بولغان جايلارنى ئىگىلىدى. 840 – يىللىرى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەركىبىدىكى بىر قوۋم بولغان ئۇيغۇرلار ھۆكۈمران ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان باش قوماندانلارنىڭ گۇرۇھىدىكى ياغمىلار غەربكە چېكىنىپ، قەشقەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. بەزى يەرلەرنى قارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ ھاكىملىق قىلىشتى. 10 – ئەسىردىكى جۇغراپىئونلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياغمىلارنى قەشقەر بىلەن ئۇنىڭ غەربىي شىمالىغا يېقىن بولغان جايلارنىڭ ھاكىملىرى بولغان دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

”ھۇدۇدۇل ئالەم“ دە قەشقەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى قارلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى ياغمىلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. تارىخىي مەنبەلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى : “ ياغمىلار چۇ دەرياسى، ئىلى ۋادىلىرىنى قارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ، بۇ جايلارغا ھاكىم بولغانلىقى كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد قەشقىئىرى 11 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئۇلاردىن خېلى كۆپ بىرقىسىمنىڭ ئىلى ۋادىسىدا، بىر قىسمىنىڭ بولسا تىراز (تالاس) ئەتراپىدا ياشىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ (”تۈركىي تىللار دىۋانى“ دىن “ ). مەھمۇد قەشقىرى ئىلى ۋادىسىنى تىلغا ئالغىنىدا، ”تۈركلەردىن ياغما، توخسۇ بىلەن چېگىللەرنىڭ بىر قىسمى چۈشكەن جىلغا دەپ يەشكەن ”. بىسىم ئاتالاي ئاق تېرەكنى ياغمىلار ئىلىدىكى ئىلى دەرياسى ئۈستىدىكى بىر كېچىك دەپ يازىدۇ.

بىر قاتار پاكىتلارغا قاراپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياغمىلار چۇ دەرياسى بويىدىكى بالاساغۇننىڭ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ جايلارنى ئىگىلىگەن. شۇڭا، قاراخانىيلار خانىدانلىقى قۇرۇلغاندا بالاساغۇن بىلەن قەشقەر بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندا، قەشقەرنىڭ ئوردۇ كەنت (مەركەز) بولۇشى، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قەبرىستانلىقىمۇ ئاتۇشتا بولۇشى، مانا بۇ بىر قاتار مەنبەللەردىكى تارىخىي پاكىتلاردا ياغمىلار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خانلىق نەسىبىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نۇرغۇن مۈلكى، ھەربىي ئەمەلدار ۋە ھەربىي سەركەردىلەر قوشۇنلاردا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، خان جەمەتى قارلۇقلار بىلەن چېگىللەردىن چىقمىدى. قاراخانىيلار خاقانى تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى مەشھۇر بولغانلار ياغمىلاردىن چىقتى. مانا بۇلار ياغمىلارنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىلدۇر.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياغمىلار ئوردا شەھەرلىرىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ فېئوداللىق ئىقتىسادىي تۈزۈمى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى. 9 – ئەسىرلەردە ”توققۇز ئوغۇز“ خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئالدىنقى قىسمى بولغان ياغمىلاردىن ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا قاراخانىيلار خانىدانلىقىنى قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مىلادىيە 850 – يىلىدىن 880 – يىللىرى بىلگە كۆل قىدىرخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان دەۋردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويۇپ، قۇدرەت تاپقان فېئوداللىق سۇلالە ئىدى. بۇ خانىدانلىق ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، 399 يىل ھۆكۈم سۈردى. قاراخانىيلار خانىدانلىقى مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا يۇقۇرى گۈللىنىش تەدرىجىي زەئىپلىشىشتەك باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى. بىلگە كۆل قىدىرخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى بارىز ئىنىسى ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت باشقۇردى. قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق يېڭى گۈللىنىش دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. قاراخانىيلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول – سانائەت ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بۇ دەۋردە مۇتەپپەككۈر سەنئەتكارلار، تارىخشۇناسلار، كەشپىياتچىلار، سىياسىيونلار، ھەربىي مۇتەخەسىس ئالىملار، ئەدىب تىلشۇناسلار، تىببىي ئالىملار، دىن پىشۋالىرى مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلارغا مول قىممەتلىك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر ۋە ئابىدىلەرنى قالدۇردى.

قاراخانىيلارنىڭ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىن زېمىن تېرىتورىيىسى مەمۇرىي جەھەتتىن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچىسى، مەركىزىي قىسىم ”خاقانىيە ئۆلكىسى“ دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىنچىسى، غەربىي قىسىم بولۇپ، ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىي، كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئۈچىنچىسى، شەرىقى جەنۇبىي قىسىم بولۇپ، يەكەندىن تارتىپ چەرچەنغىچە بولغان خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

قاراخانىيلار دەۋرىدە چوڭ شەھەرلەر ئىقتىسادىي مەدىنىيىتى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى تەرەققىي قىلغانىدى. قاراخانىيلارنىڭ شەرىقى ۋە شەرىقى شىمال تەرەپلىرىدە، قەشقەر، بارچۇق، بالاساغۇن، بارسىغان، غەربىي ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە تالاس، مەرغىلان، سەمەرقەند، تېرمىز ۋە باشقىلار مەدەنىيەت، سودا – سانائەت ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر ئىدى.

قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، قەشقەر ۋە بالاساغون ئىدى. ”قەشقەر ئوردۇ كەنت دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، خان شاھلار تۇرىدىغان مەركەز دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئەفراسىياپ شۇ يەردە تۇرغان “ ( مەھمۇد قەشقىرىي ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ 1- توم “ ). قەشقەر ئەڭ قەدىمىي شەھەر بولۇپ، قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى قەشقەر – ئوردۇ كەنتتە تۇراتتى. بالاساغۇن قاراخانىيلارنىڭ يەنە بىر پايتەختى ئىدى. 10 – ئەسىردىكى جۇغراپىئونلاردىن مۇقدەسى بالاساغۇن ھەققىدە توختىلىپ : “ خەلقى كۆپ، چوڭ ۋە باي شەھەر“ دەپ مەلۇمات بەرگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تەبىرىچە ”قۇز ئوردۇ بالاساغۇنغا يېقىن بىر شەھەر. بالاساغۇن شەھىرىمۇ قۇز ئوردۇ دېيىلىدۇ ”.

مەنبە:ھاجى نۇرھاجى تۈزگەن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار ناملىق كىتاۋى

قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى

قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى

ھاجى نۇرھاجى

9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ 13 – ئەسىرگە قەدەر بولغان 300 يىللىق ئارىلىقتا ئۇيغۇر، ياغما ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى مۇقەددەس ئانا ماكانى بولغان غەربىي دىياردا ياغمىلار قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى قۇردى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ راسا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى مىڭلاق ۋادىلىرى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي، چۇ دەريا ۋادىسى ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپى شۇنىڭدەك ماۋەرائۈننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇ مەزگىللەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن قوجۇ ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كۇچار بولغانىدى.

قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى دەسلەپ بالاساغۇن ( بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى توقماق رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ ) شەھىرىنى ئاندىن قەشقەر (ئوردا كەنت) نى پايتەخت قىلدى.

«قارا» دېگەن ئىسىم قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خانلىق ئۇنۋانىدا قوللانغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمرانى (خاقان) بۇغراخان ( بۇغرا — نار تۆگە دېگەن بولىدۇ ) ياكى قارا خان ( قارا — بۈيۈك، قۇدرەتلىك دېگەن بولىدۇ )، تاۋغاچ خان ئۇنۋان سۈپەتلىرى بىلەن بىللە قوللىنىلغانىدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمرانىنىڭ «بۇغراخان» (بۇغراخان ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر، ياغما ھۆكۈمدارلىرى قوللانغان ئۇنۋان) نىڭ ئۇنۋان سۈپىتىدە قوللىنىشىغا كەلسەك، ياغمىلارغا رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇرۇندىنلا بۇغراخان ئۇنۋانىنى قوللانغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان. تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ئۇنۋاننىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ ياغمىلارنىڭ قاراخانىيلار خاقانى تاۋغاچ بۇغراقاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەننىڭ ئۇنۋانلىرى ئىچىدە بۇغراخان خاقان ئۇنۋانى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. بۇ ئەسەرنى خاقانغا تەقدىم قىلغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە خانلار ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ئۇلۇغ خاقان ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن تاۋغاچ خان دېگەن نامنىمۇ قوشۇپ قوللانغانىدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى قەدىمكى قاراخانىيلاردىن بولغان مەشھۇر
«قاراخان» (ئەفراسىياپ) نىڭ ئەۋلادىدىن دەپ قارىغانلىقى، قەدىمكى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن قاراخان دېگەن نام، بۇرۇندىنلا ئېلىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا، يەنى سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدا، مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قاراخانىيلار خاندانلىقى ياكى خاقانىيە دېگەن ناملار بىلەن بىللە قوللىنىلغان. ئىرانلىقلار «بۇقا خاقان»ياكى «قاراخان» نى پارس تىلىدا ئەفراسىياپ دەپ ئاتىغان. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇقا خاقاننى ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان………

ئەمدى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەۋلادى قايسى نەسەبكە مەنسۇپلۇقى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ۋە قايسى تۈركىي قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ئىلمىي ساھەدىكى ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى، ھەر خىل مۇلاھىزىلىرى داۋام قىلدى. بۇ خېلىدىن بېرى تالاش – تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلدى. بىرمۇنچە قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مۇنداق بولۇشى مەۋجۇت مەنبەلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ بەكمۇ كەمچىل بولۇشى، بۇ ھەقتىكى پەرەزلەرنىڭ ھەر خىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى :

(1) ئۇيغۇرلار ئىدى دېگەن ئىدى پەرەز — ( ۋامبىرى، رادلوف)
(2) ياغمىلاردىن ئىدى دېگەن پەرەز– ( مىنورىسكى)
(3) تۈركمەنلەردىن ئىدى دېگەن پەرەز –( ھاممە)
(4) قارلۇقتىن ئىدى دېگەن پەرەز ( پۇئات كۇپرۇلۇ)
(5) قارلۇق – ياغمىلاردىن ئىدى دېگەن پەرەز — ( قۇئات – كوپرۇلۇ)
(6) چېگىللەردىن ئىدى دېگەن پەرەز — (بارتولد)
(7) تۈركتىن ئىدى دېگەن پەرەز — (ۋەلىدى تورغان)

دېمەك، قاراخانىيلارنىڭ قايسى تۈركىي قەبىلىلەر تەرەپتىن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر بىر مەزگىل داۋاملاشتى. مۇنداق بولۇشى، تولۇق ئىسپاتلار بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، مەنبەلەرنىڭ توغرىلىقى ھەل قىلىنمىغان.

بۇ خىل مەنبەلەردە ئۇيغۇر قەدىمكى قوليازمىلىرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە خەنزۇچە مەنبەلەر بىلەن مۇسۇلمان تارىخشۇناسلارنىڭ تارىخىي ئىسپاتلىرىغا ئاساسلانغان، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ياغمىلار قۇرغان دېگەن قاراش، دەل تارىخىي مەنبەلەرگە بىرقەدەر ئۇيغۇن. بىز ئەمدى خەنزۇ مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى. ياغما دېگەن نامنى تۇنجى قېتىم مىلادىيە 801 – يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى دۇيۈ تەرەپتىن يېزىلغان «ئومۇمىي قامۇس» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر تەزكىرىسىدە شۇ دەۋردىكى خەنزۇ تىلى بويىچە«ياغمىت»دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان. ياغمىت ئۇرۇقى بولسا شۇ چاغدا «توققۇز غۇز» قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بەزى ئالىملار ياغمىت دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ياغما سۆزىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. رەشىدىدىن ( 1274 – 1318 – يىللار ) تەرەپتىن يېزىلغان«جامىئۇت تاۋارىخ» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار قىسمىدا «بۇ ئۇرۇقنىڭ نامى ئودۇرغار دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان». بۇ نام دەل ياغما قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولسا كېرەك دەپ قارايمىز.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەختىدە ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى ئالىپ ئارتۇڭا ( ئەفراسىياپ) نىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەننى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ خاندانى ئافراسىياپ دەپ ئاتىغانىدى. جامال قارشى «مۇلھا قاتۇس – سۇراھ» ئەسىرىدە ئۇلارنى ئەئاراسىياپ نەسلىدىن دەپ قەيت قىلغان. ( جامال قارشى “سۇراھ” )

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇنۋان ھەقققىدە توختىلىپ : «خان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارى بولۇپ، ئەفراسىياپ خاقان دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ مەلۇمات بەرگەن.

«مەجمەئۇت – تاۋارىخ» نىڭ نەقىل قىلىنغىنىدەك، ئەفراسىياپنىڭ سۇلتانزادىلىرىدىن ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، كىچىك ياشلىق ھاياتىدا پادىشاھ بولۇپ، تامام كاشىغەر ۋىلايىتىنى ئىسلامغا كىرگۈزدى. كاشىغەر ۋە ماۋەرائۈننەھرنىڭ پادىشاھلىرى بۇلارنىڭ نەسلىدىن ئىدى. ( «تارىخىي رەشىدى» دىن ) ئەمدى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، 9 – ئەسىرلەردە ياغما قەبىلىسى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نارىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن («ئىسلام ئېنسكلوپېدىيىسى» دىن ). «ھۇدۇدۇل ئالەم» ناملىق كىتابتا، ياغمىلارنىڭ «توققۇز ئوغۇزلار»دىن ئىكەنلىكى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭمۇ «توققۇز ئوغۇزلار» (ئۇيغۇرلار) ھۆكۈمران ئائىلىسىدىن بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇ مەنبەگە قارىغاندا، قەشقەر ۋە ئاتۇش ( ئارتۇچ ) ناھىيىلىرىمۇ شۇ چاغدا ياغمىلارنىڭ قولىدا ئىدى.

«مۇجمەلەت – تاۋارىخ ۋەل – قىسەس»ناملىق ئەسەردىمۇ مۇئەللىپ ياغمىلاردىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇغرا ئۇنۋانىنى قوللايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق يازىدۇ. قارلۇقلار بىلەن بىرلىكتە كۆكتۈرك ئېمپىراتورلۇقىنى يىقىتىش كۈرەشلىرىدە بىللە بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، غەربىي تۈركلەرنىڭ قەدىمىي زېمىنى ئون ئوقلارنىڭ يۇرتىنى بېسىۋالدى.

مىلادىيە 766 – يىلللاردىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنى ئون ئوقلارنىڭ خوجايىنى دەپ ئاتىدى. ئۇلار 840 – يىللىرىدىن كېيىن، يەنى ئۇيغۇر دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندا، قارلۇقلار ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىي بىلەن ئىسپجاپ، چۇ دەرياسى، ئىلى دەرياۋادىلىرىغا قەدەر بولغان جايلارنى ئىگىلىدى. 840 – يىللىرى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەركىبىدىكى بىر قوۋم بولغان ئۇيغۇرلار ھۆكۈمران ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان باش قوماندانلارنىڭ گۇرۇھىدىكى ياغمىلار غەربكە چېكىنىپ، قەشقەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. بەزى يەرلەرنى قارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ ھاكىملىق قىلىشتى. 10 – ئەسىردىكى جۇغراپىئونلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياغمىلارنى قەشقەر بىلەن ئۇنىڭ غەربىي شىمالىغا يېقىن بولغان جايلارنىڭ ھاكىملىرى بولغان دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

«ھۇدۇدۇل ئالەم» دە قەشقەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى قارلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى ياغمىلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. تارىخىي مەنبەلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى : « ياغمىلار چۇ دەرياسى، ئىلى ۋادىلىرىنى قارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ، بۇ جايلارغا ھاكىم بولغانلىقى كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى 11 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئۇلاردىن خېلى كۆپ بىرقىسىمنىڭ ئىلى ۋادىسىدا، بىر قىسمىنىڭ بولسا تىراز (تالاس) ئەتراپىدا ياشىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ («تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ). مەھمۇد قەشقىرى ئىلى ۋادىسىنى تىلغا ئالغىنىدا، «تۈركلەردىن ياغما، توخسۇ بىلەن چېگىللەرنىڭ بىر قىسمى چۈشكەن جىلغا دەپ يەشكەن ». بىسىم ئاتالاي ئاق تېرەكنى ياغمىلار ئىلىدىكى ئىلى دەرياسى ئۈستىدىكى بىر كېچىك دەپ يازىدۇ.

بىر قاتار پاكىتلارغا قاراپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياغمىلار چۇ دەرياسى بويىدىكى بالاساغۇننىڭ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ جايلارنى ئىگىلىگەن. شۇڭا، قاراخانىيلار خانىدانلىقى قۇرۇلغاندا بالاساغۇن بىلەن قەشقەر بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندا، قەشقەرنىڭ ئوردۇ كەنت (مەركەز) بولۇشى، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قەبرىستانلىقىمۇ ئاتۇشتا بولۇشى، مانا بۇ بىر قاتار مەنبەللەردىكى تارىخىي پاكىتلاردا ياغمىلار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خانلىق نەسىبىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نۇرغۇن مۈلكى، ھەربىي ئەمەلدار ۋە ھەربىي سەركەردىلەر قوشۇنلاردا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، خان جەمەتى قارلۇقلار بىلەن چېگىللەردىن چىقمىدى. قاراخانىيلار خاقانى تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى مەشھۇر بولغانلار ياغمىلاردىن چىقتى. مانا بۇلار ياغمىلارنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىلدۇر.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياغمىلار ئوردا شەھەرلىرىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ فېئوداللىق ئىقتىسادىي تۈزۈمى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى. 9 – ئەسىرلەردە «توققۇز ئوغۇز»خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئالدىنقى قىسمى بولغان ياغمىلاردىن ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا قاراخانىيلار خانىدانلىقىنى قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مىلادىيە 850 – يىلىدىن 880 – يىللىرى بىلگە كۆل قىدىرخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان دەۋردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويۇپ، قۇدرەت تاپقان فېئوداللىق سۇلالە ئىدى. بۇ خانىدانلىق ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، 399 يىل ھۆكۈم سۈردى. قاراخانىيلار خانىدانلىقى مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا يۇقۇرى گۈللىنىش تەدرىجىي زەئىپلىشىشتەك باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى. بىلگە كۆل قىدىرخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى بارىز ئىنىسى ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت باشقۇردى. قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق يېڭى گۈللىنىش دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. قاراخانىيلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول – سانائەت ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بۇ دەۋردە مۇتەپپەككۈر سەنئەتكارلار، تارىخشۇناسلار، كەشپىياتچىلار، سىياسىيونلار، ھەربىي مۇتەخەسىس ئالىملار، ئەدىب تىلشۇناسلار، تىببىي ئالىملار، دىن پىشۋالىرى مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلارغا مول قىممەتلىك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر ۋە ئابىدىلەرنى قالدۇردى.

قاراخانىيلارنىڭ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىن زېمىن تېرىتورىيىسى مەمۇرىي جەھەتتىن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچىسى، مەركىزىي قىسىم “خاقانىيە ئۆلكىسى” دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىنچىسى، غەربىي قىسىم بولۇپ، ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىي، كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئۈچىنچىسى، شەرقىي جەنۇبىي قىسىم بولۇپ، يەكەندىن تارتىپ چەرچەنغىچە بولغان خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
قاراخانىيلار دەۋرىدە چوڭ شەھەرلەر ئىقتىسادىي مەدىنىيىتى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى تەرەققىي قىلغانىدى. قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمال تەرەپلىرىدە، قەشقەر، بارچۇق، بالاساغۇن، بارسىغان، غەربىي ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە تالاس، مەرغىلان، سەمەرقەند، تېرمىز ۋە باشقىلار مەدەنىيەت، سودا – سانائەت ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر ئىدى.

قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، قەشقەر ۋە بالاساغون ئىدى. قەشقەر «ئوردۇ كەنت» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، خان شاھلار تۇرىدىغان مەركەز دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئەفراسىياپ شۇ يەردە تۇرغان.( مەھمۇد قەشقىرىي«تۈركىي تىللار دىۋانى»1- توم ).

قەشقەر ئەڭ قەدىمىي شەھەر بولۇپ، قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى قەشقەر – ئوردۇ كەنتتە تۇراتتى. بالاساغۇن قاراخانىيلارنىڭ يەنە بىر پايتەختى ئىدى. 10 – ئەسىردىكى جۇغراپىئونلاردىن مۇقدەسى بالاساغۇن ھەققىدە توختىلىپ : «خەلقى كۆپ، چوڭ ۋە باي شەھەر»دەپ مەلۇمات بەرگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تەبىرىچە «قۇز ئوردۇ بالاساغۇنغا يېقىن بىر شەھەر. بالاساغۇن شەھىرىمۇ قۇز ئوردۇ دېيىلىدۇ ».

مەنبەسى: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.