قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نامايەندىسى — قاغىلىق چەكمىنى

قاغىلىق ناھىيىسى قەدىمىي ‹‹ يىپەك يولى ›› نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ‹‹ قارا قۇرۇم باغرىدىكى بىباھا مەرۋايىت ›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . ئۇ غەربتە تەكلىماكان قۇملۇقىغا ، جەنۇبتا قارا قۇرۇم تېغىغا يېقىن ، شەرقتە شىزاڭ ھەم پامىر ئېگىزلىكى بىلەن قوشنا بولۇپ ، تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي بوستانلىقلارنىڭ بىرىدۇر . بۇ جاينىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ، ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ – ئادىتى ، كىيىم – كىچىكى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاغىلىق ناھىيىسى دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئانار چېچىكى بايرىمى ، ئۈرۈك سەيلىسى ، بەيگە مۇسابىقىسى ۋە مول ھوسۇل بايرىمى قاتارلىق ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھەر خىل مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ساياھەتچىلەرنى ۋە سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى . قاغىلىق ناھىيىسىدە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلگەچكە ، ئەنئەنىۋى ناخشا – ئۇسسۇللار ھازىرغىچە ئەسلىسى بويىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە . شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە قاغىلىق ئۆتۈكى ، چەكمىنى ، ئەنئەنىۋى ناخشا – ئۇسسۇللار ۋە قاغىلىق سەنىمى تۇنجى قەدەمدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . بۇ يەردە يەنە قاغىلىق چەكمىنىمۇ ئۆز ئالاھىدلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ . قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى توزاقچىئېرىق يېزىسىدا تۆگە يۇڭىدىن چەكمەن توقۇيدىغانلار ھەم چەكمەن كىيىدىغانلار ھازىرمۇ بار . قاغىلىق چەكمىنى ناھايىتى قىممەت بولغاچقا ، ئەجدادلىرىمىز پەقەت توي – تۆكۈن ، مەشرەپ قاتارلىق مۇھىم يىغىلىشلاردىلا چەكمەندىن تون كىيەتتىكەن .

چەكمەننىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 3200 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن . ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ، تەرەققىيات تارىخى شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . چەكمەن تۆگە يۇڭى ۋە قوي يۇڭىدىن توقۇلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ، قارا ، كۈلرەڭ ، بوز رەڭ بولىدىكەن . قاغىلىق چەكمىنىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا توقۇش ئۈچۈن ياغاچ ئۆي ، قول بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان چاقپەلەك ، موكا ، بوياق ، بوياق ئىدىشى ، قۇرۇتۇش جازىسى قاتارلىقلار تەق بولۇشى كېرەككەن . توقۇش ئۇسۇلى يۇڭ تاللاش ، يۇڭنى يۇيۇش ، يۇڭنى ئېتىش ، ئىگىرىش ۋە تۇقۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن . مانا مۇشۇنداق بىر قاتار جەريانلار ئارقىلىق توقۇلغان چەكمەن ناھايىتى ئېسىل مال بولۇپ ، بۇ ئۇسۇلدا توقۇلۇپ تىكىلگەن توننىڭ باھاسى 650 يۈەن بولىدىكەن . بىر تونغا 51 مېتىر چەكمەن كېتىدىكەن . ھازىرمۇ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بىر قىسىم ياشانغانلار قىش كىرىشى بىلەنلا چەكمەن چاپان كىيىشىدىكەن . بۇنىڭدىكى سەۋەب ، ئۇ يۇڭدىن توقۇلغان بولغاچقا ، ناھايىتى ئىسسىق ھەم چىداملىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رېماتىزىم ، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ھەر خىل كېسەللەرگە پايدىسى بولغاچقا ، تاغلىق رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولغانىكەن .

رۇقىيە مۇھەممەترېھىم تەرجىسىمى

( ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى )