قەدىمىي خارابىلەردىن ئالۋاستى شەھىرىگە كىرىش

نىياز قاھار

قۇمۇل-جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇپلا قالماستىن ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ، مىللىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن زور مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار بىلەن ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرماقتا . ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولۇپ تۇرغىنى بەدىي ئەسەر « مايتىرى سىمىت» ، 3 مىڭ يىلدىن ئاشقان موميالار، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۇرالار ، مەسچىت -مەددىرىسلەر، ھېيتگاھ، مازارلار،قۇمۇلدا ئۆتكەن ۋاڭلار دەۋرىدىكى نەمۇنىلەر ، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا تۈزۈلگەن« باياز »ناملىق شىئېرلار توپلىمى… قاتارلىقلار يوقۇرقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر .
بىز تۆۋەندە پەقەت قۇمۇلنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان قەدىمقى خارابىلەرنى ۋە تەبىئەتنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .

ئۆتمۈشنىڭ نۇرلۇق يالدامىسى -بۈگۈر بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە لاپچۇق قەدىمىي شەھرى

بۈگۈر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقى- قۇمۇل رايونىدىكى ھازىرغىچە ساقلانغان، دائىرىسى ئەڭ چوڭ ، دەۋرى ئەڭ بۇرۇنقى بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسىدۇر . بۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇمۇل شەھرىدىن 59 كىلومېتېر يىراقلىقتا ، شەرقىي مىردىئان 92°58′56،شىمالىي مىردىئان 43°1′51. دېڭىز يۈزىدىن 699 مېتىر ئىگىزلىكتە . 1990- يىلى ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بىكىتىلگەن . بۈگۈر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىقى بۈگۈر غول ئېقىنىنىڭ شەرق ۋە غەرب قىرغاقلىرىغا جايلاشقان بولۇپ ، تىپىك بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق .
بۇ خارابە تىك يار ۋە كېسەك قۇرۇلما بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان .بۇددا مۇنارى ، بۇددا ئىبادەتخانا سارىيى ۋە غارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . غار ۋە بۇددا ئىبادەتخانا سارايلىرى چاسا شەكىللىك بولۇپ ھازىرمۇ رەڭلىك تام سۈرەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
غارلار ئىچىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان 2 كۋادىرات مېتىر كىلىدىغان تام رەسىملىرى بار ، تام رەسىملىرىگە سىنچىلاپ قارىغاندا تەگلىكى ئاق رەڭدە تۆپىدە قىزىل ۋە يېشىل رەڭدە كىچىكلىتىپ سىزىلغان مىڭلىغان بۇتلارنىڭ سۈرەتلىرى بار. بۇ غارلار قارىماققا تۇرپاندىكى بىزەكلىك مىڭ ئۆيلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە خارابىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىگىزلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان بۇتنىڭ ئورنى بار ، بۇت ئاللىقاچان ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، قېلىپ قالغان ئىزىدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ . « تاڭنامە» دە « ئېۋىرغولغا تەۋە ناجى ناھىيىسىنىڭ (ھازىرقى لاپچۇق) 20 چاقىرىم كىلىدىغان جايدا بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى بار »دەپ خاتىرىلەنگەن . بۇ دەل ھازىرقى بۈگۈر بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى كۆرسىتىدۇ . مىلادى 14-15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە ، ئىسلام دىنىنىڭ قۇمۇلغا كىرىشىگە ۋە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى تاشلىنىپ قالغان ۋە ئاستا ئاستا خارابىلىققا ئايلانغان . قۇمۇل ۋىلايەتلىك غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەمەت ئەسرا تۇرانىڭ دەپ بېرىشىچە ، بۇ خارابىلىق تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە خېلى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، تامدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت سۈرەتلەر ۋە ئىمارەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن .
بۈگۈر غول ئېقىنىنىڭ 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دائىرىدە يەنە تۆت ئورۇندا بۇددا مۇنارى ۋە ئىبادەتخانا خارابىلىرى بار .بۇ خارابىلىقلار ئانچە ئىگىز بولمىغان قىزىل توپىلىق تاغ چوققىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بۇتلارنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان، ئەمما ھازىر پەقەت ئۇلارنىڭ ئىزىلا قېلىپ قالغان.
جەنۇپ تەرىپىگە يەنە ئىلگىرلەپ ماڭغاندا ئىلىم ساھەسىگە خېلى تونۇشلۇق بولغان لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىگە كېلىمىز . لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى قۇمۇل شەھرىدىن 65 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ خەن ۋە تاڭ دەۋرىگە مەنسۈپ بولۇپ ، شەھەرنىڭ شىمالىي سېپىلى 185 مېتىر بولۇپ، شەھەرنىڭ كەڭلىكى 150 مېتىر ، شەھەر تاملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن . قالدۇق تاملارنىڭ ئىگىزلىكى 2مېتىر ، كەڭلىكى 8 مېتىر كېلىدۇ . يەنە بىر قىسىم قەدىمقى قالدۇق ئۆي ۋە ئىمارەتلەر بولۇپ، بۇلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان ياكى خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن. ، لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى ئەڭ بۇرۇن « كىيىنكى خەننامە»دە خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ قۇمۇلنىڭ ئەڭ بۇرۇن تارىخى يازمىلاردا خاتىرىگە ئېلىنىشى ھېساپلىنىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا بىز قۇمۇل ۋىلايىتىگە تەۋە جايلاردا ئارخىئولوگلار قېزىپ ئىسپاتلاپ چىققان مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى نۇرغۇنلىغان خارابىلەرنى ئالايلۇق :« باغداش بوداق خارابىسى»،« بوستان گۈجەك ئۇيغۇر شەھىرى » ، «تۆگە ياتاق ئۇيغۇر شەھىرى» ، «ئارا تام خارابىسى » ، «مۇميا خادا ئۇيغۇر تاملىرى » ، «زارەت كۆتەل ئۇيغۇر تاملىرى » ،« ئالاخادا ئۇيغۇر ئۆيلىرى» ، «مۈشۈك ئۆلدى قات ئۇيغۇر ئۆيلىرى ۋە كاڭلىق ئۇيغۇر ئۆيلىرى » ،« تولايتى ئېغىزدىكى ئۇيغۇر شەھىرى »، «ئازغان بۇلاق دەپسىگى ئۇيغۇر شەھىرى » ….قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلى توختالمىدۇق . قىسقىسى قۇمۇل مەدەنىيەت ياكى تارىخ نۇقتىسىدىن بولسۇن تولىمۇ قەدىمىيىلىققا ۋە رەڭدار ئۆتمۈشكە ئىگە . قۇمۇلدا تېخى نۇرغۇنلىغان قەدىمىي جايلار ئىلىم ئەھلىنىڭ ئارخىئولوگىيە قېدرىش ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ تارىخى سىرلىرىنى جاھانغا ئاشكارىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ .

ئالۋاستى شەھىرى – تەبىئەتنىڭ مۆجىزىسى

يارداڭنىڭ يەر شەكلى بولسا كۈچلۈك بوران ۋە شامالنىڭ دەشت چۆللەردە پەيدا قىلغان تۈرلۈك تۈمەن شەكىلدىكى شۇنداقلا ئاجايىپ غارايىپ مەنزىلەرنى بەرپا قىلغان تەبىئەت مۆجىزىسى . بۇ دەل قۇمۇل شەھىرىدىن 100 كىلومېتېر، قارا دۆۋە يېزىسىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇق ۋە چۆل جەزىرە ئىچىدىكى «ئالۋاستى شەھىرى »دۇر .
«ئالۋاستى شەھىرى» گە كەلگەن ھەر قانداق ئادەم تەبىئەتنىڭ بۇ يەردىكى تەبىئىي ئىجادىي ئەسىرىدىن زوقلانماي تۇرالمايدۇ . يىراقتىن قارىسىڭىز شەھەر سېپىللىرى ،قەلئەلەر، شاھلارنىڭ ئوردىلىرى ، بۇددا مۇنارلىرى، ئابىدىلەر ، ھايۋاناتلارنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى ئۆزگىچە قىياپەتلىرىنى كۆرىسىز .ھەتتا بۇ مەنزىرلەردىن ھوزۇرلىنىپ كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا بەلكىم پارقىراپ تۇغان ھېقىق، غەيرى تاش جىنىسلىرى، تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئۆسۈملۈكلەر ،دىنۇژاۋۇر تۇخۇملىرى …قاتارلىقلارنى ئۇچۇرتۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن . بەزىدە يېرىم كىچىدە بۇ يەردە ئادەمننىڭ قۇيقا چاچلىرىنى تىك تۇرغىزىدىغان جىنلارنىڭ دەھشەتلىك چىقىرغان، ئېچىنىشلىق ۋاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىسىز ، شۇڭا كىشىلەر بۇ يەرگە «ئالۋاستى شەھىرى» دەپ نام بەرگەن .
ئالۋاستى شەھىرىدە دەرۋەقە قەدىمىي شەھەر سېپىلى بار بولۇپ ، بۇ قەدىمىي خارابىلىق «ئەسكى شەھەر قەلئەسى » دىيىلىدۇ . بۇ سېپىلنىڭ ئىچىدە خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم ئىمارەتلەر ساقلىنىپ قالغان، يەنە بۇ يەردە بىر ئۆي بولۇپ ، ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا بۇ قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە غەربىي جەنۇپ تەرەپتىكى قاراۋۇلخانا بولغان . ھازىر «ئالۋاستى شەھىرى » دۆلەت تەرىپىدىن AAA دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايۇن قىلىپ بېكىتىلدى .
«ئالۋاستى شەھىرى» يەنى يارداڭلىقنىڭ يەر شەكلى مەنزىرىسىدىن قارىغاندا، شەرقىي شەھەر ، جەنۇبىي شەھەر ، غەربىي شەھەر ۋە شىمالىي شەھەر مەنزىرە رايۇنى دەپ تۆتكە ئايرىش مۈمكىن .
شەرقىي شەھەر مەنزىرىسىدە ئاساسەن قەدىمىي شەھەر قەلئەسى، ئايال ئىلاھ چوققىسى، بۇددا تېغى ، رەڭلىك تاشلار ساھىلى ، مۇنار تېغى قاتارلىقلار ، جەنۇب شەھەر مەنزىرىسىدە شىر تەنلىك ئادەم، ، تاش يولۋاس ، ئاسما كۆۋرۈك، ئىپتىدائىي توغراقلىق ..قاتارلىقلارنى كۆرۈسىز . غەرىپتىكى شەھەر مەنزىرىسىدە بولسا قانات كېرىپ ئۇچىۋاتقان جۈپ قۇش ، قوش مۇنار، ھەر خىل شەكىلدىكى قورام تاشلار، شامال ئىلاھى، تەپەككۈر قىلىۋاتقان ئادەم ، بۇددالا سارىيى قاتارلىق مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
ئەمدى شىمال تەرىپىدىكى شەھەردە بولسا رىۋايەتلەردىكى خىسلەتلىك تاش پاقا، قوش باشلىق ئات ، ئەسكى شەھەر قەلئەسى، قىزىل يۇلغۇن ساھىلى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرلەر سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
سىز يارداڭدىن ئىبارەت تەبىئىي مەنزىرىلىك رايونغا كىرگىنىڭىزدە خۇددىي سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىسىز. بۇ جاي ھەقىقەتەن ئادەمنى تۈرلۈك تەسەۋۋۇر ۋە تۇيغۇلارغا باشلاپ كىرىدىغان ھەم چۆلنىڭ سېھىرى كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان جاي . ئۇنىڭ ھازىرقى كۆلىمى 3200 كۇۋادىرات مېتىر ، بۇ جايدا ئاساسەن گىياھ ئۇنمەيدۇ شۇڭا ياۋايى ھايۋانلارمۇ يوق دىيەرلىك.