قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا سەنئەت

قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا سەنئەت

(موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر ئۇيغۇرلاردا سەنئەت)

يۈسۈپجان ياسىن

مەلۇمكى، ئىنسانلاردا تەبىئىي(ئادەتتىكى) تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىدىن باشقا، يەنە بىر خىل بەدىئىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك تەپەككۇر بولىدۇ. گۈزەل سەنئەت دەپ ئاتىلدىغان بىلىم تارماقلىرى مانا شۇ بەدىئىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك تەپەككۇردىن تۇغۇلىدۇ. بەدىئىي تۇيغۇ دېگەنلىك گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق ئالدىدا ھېس قىلىنغان ياكى گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق يارىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە تۇيغۇدۇر. يۈكسەك تەپەككۇرمۇ ئادەتتىكى چۈشەنچىلەردىن ھالقىغان، ياخشىنى، توغرىنى ۋە گۈزەللىكنى يارىتىدىغان چۈشەنچىدۇر. يەنى بەدىئىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك تەپەككۇر ئىنسان تۇيغۇسىنىڭ ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئىجاد قىلغۇچى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ.
سەنئەت كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇقۇم. ئەمما سەنئەت سۆزى تىلغا ئېلىنسا ئەسلى كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى بەدىئىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك تەپەككۇرنىڭ سۆز، يېزىق ۋە شەكىل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىشىدىن پەيدا بولغان ئەدەبىيات، مۇزىكا، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە مىمارچىلىقتىن ئىبارەت بەش ساھەدۇر. بۇ بەش ساھە ئۆزىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي بىر گۈزەللىكنى ئىپادە قىلىدىغان بولغاچقا، كاتىگورىيىلىك تېرمونولوگىيىدە يەنە <<گۈزەل سەنئەت>> دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە باشقا سەنئەت تارماقلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭمۇ گۈزەل سەنئەتكە مەنسۇپ تەرەپلىرى بار. مەسىلەن، ياغاچچىلىق ئادەتتىكى بىر سەنئەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنچىكە ۋە ئىلغار بىر شەكلى بولغان ئويمىچىلىق گۈزەل سەنئەت ھېساپلىنىدۇ. گۈزەل سەنئەت ئىنسانغا كۈچلۈك بىر ئېستېتىكا ۋە ھاياجان بېغىشلاش ئارقىلىق ئىنسان تەپەككۇرىغا ئىلھام بىرىدۇ، پىكىردە ئۆزگىرىش قوزغايدۇ، ئىدىيىدە پارتلاش خاراكتېرلىق بۇرۇلۇش ياسايدۇ. شۇ ۋەجىدىن تەپەككۇر ئىنقىلاۋى قوزغىماقچى بولغان ياكى مىللىي ئويغىنىش ۋەزىيىتىنى ياراتماقچى بولغان ھەر قانداق بىر مىللەت ئالدى بىلەن سەنئەتكە مۇراجىئەت قىلىدۇ. مەسىلەن، 14- 16- ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ۋە ھايات، تەپەككۇر ۋە پەننىڭ ھەر ساھەسىدە بۈيۈك ئۆزگىرىش ياساپ غەرپنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۇل سالغان رۆنېسانىس دەل سەنئەتتىكى يېڭىلىقتىن باشلانغان. شۇ سەۋەپلىك، <<تىرىلىش >> دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلىدىغان رۆنېسانىس <<ئەدەبىيات– سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
13- ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تەسىرى 14- 15- ئەسىرلەردىمۇ داۋام قىلغام موڭغۇل ئىستىلاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرىدە ناھايىتى چوڭ بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى بىر قاتار سىياسىي، ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىرقىي، ئېتنىك ئۆزگىرىشىلەر ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئاجىزلىشىشىنى ۋە ئاڭ – پىكىرىنىڭ تار بىر مۇھىتقا قاپسىلىپ، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي تىمىلاردىن يىراقلىشىشىنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار مىللەتلىك خاراكتېرىنى ئۇنتۇپ، يۇرت ۋە مەھللىنى بىرلىك قىلغان ئىنسان توپلىرى سۈپىتىدە ھاياتىنى داۋام قىلدۇردى. گەرچە موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار موڭغۇللارغا ئۇستاز بولغان ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە بەزى مەدىنىيەت ساھەلىرىنى(تىل ۋە يېزىق) يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھالەت ئاخىرقى ھېساپتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاس بىر خاراكتېر بىلەن گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى يارىتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىللىي ئاڭنىڭ ۋە يۇقىرى تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ئۆرنەكلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>> بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئاپتورلىرى يۈسۈپ بىلەن مەھمۇد ئۆز روھىنىڭ ۋارىسلىرىنى تاپالماي، پەقەت تارىخي بىر گۈللىنىشنىڭ پەردىسىنى ياپقۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى. پەقەت ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ئۆز خەلقىنى ئويغىتىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ناۋايى شېئىرىيەتتىن ۋاز كىچىپ، دىققىتىنى تىل ساھەسىگە يۆتكەپ، <<مۇھاكىمەتۇل لۇغاتەين>> دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق تۈركىي تىلنىڭ مۇستەقىللىقىنى تىكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ بۇ ساھەدە بەكلا ئاجىزلىق قىلدى.(1) دېمەك، موڭغۇل ئىستىلاسى ئۇيغۇر تارىخىدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش دەۋرىدۇر. بۇ بۇرۇلۇش ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تۇرغۇنلۇق ياكى چېكىنىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۇ خىل ھالەت تاكى 20- ئەسىرگە قەدەر داۋام قىلدى. ئۇيغۇر سەنئىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىيەت بىلەن بېيىتىش ئارقىلىق <<مىللىي سەنئەت>> يارىتىش، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىي قۇۋۋەت قازىنىش يولىدا ئىزدىنىش بولۇۋاتقان بۇ كۈندە سەنئىتىمىزنىڭ دەستلەپكى تەرەققىيات چاغلىرىغا نەزەر ئاغدۇرۇش ۋە سەنئىتىمىزنىڭ تارىخىي قىممىتىنى ھەقلىق بىر ئورۇنغا ئىگە قىلىش ئىلىم ساھەلىرىدىكى ھەر كىشىنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرىدۇر.
سەنئەت مىللەتنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنى سىمۋوللاشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ھاياتى ۋە تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ، ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە تۇتشتۇرىدۇ ھەم ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھېسيات كۆۋرۈكى ياسايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سەنئىتىمىز ئۆزىنىڭ ھەر تۈرلۈك بەلگىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيە تارىخىنىڭ، شۇنىڭدەك ھوقۇق تارىخىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ سەنئەت ھەققىدىكى <<سەنئەتسىز قالغان بىر مىللەتنىڭ ھاياتلىق تومۇرىدىن بىرى ئۈزۈلگەن بولىدۇ>>، <<گۈزەل سەنئەتتىكى ئۇتۇق بارلىق ئىنقىلاپنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدا ئۇتۇق قازىنالمىغان مىللەتلەرگە ئېچىنغۇلۇق. ئۇلار پۈتكۈل غەلىبىلىرىگە قارىماي، مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈكسەك ئىنسانىيلىق خاراكتېرى بىلەن تۇنۇلۇشتىن دائىم مەھرۇم بولىدۇ>>، <<بىر مىللەت رەسىم سىزمىسا، بىر مىللەت ھەيكەل ياسىمىسا، بىر مىللەت پەننىڭ زۆرۈر نەرسىلىرىنى ياراتمىسا، ئىتىراپ قىلىش كېرەككى، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىدا ئورنى يوقتۇر>>، <<ئەپەندىلەر ھەممىڭلار مىللەت ۋەكىلى بولالايسىلەر، مىنىستىر بولالايسىلەر ھەتتا جۇمھۇر باشقانى بولالايسىلەر، لېكىن بىر سەنئەتچى بولالمايسىلەر>> دېگەن سۆزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، تۇيغۇ، زوق، پىكىر ۋە ئارزۇنىڭ چىڭ يۇغۇرلۇشىنى مەنبە قىلغان سەنئەت بىلەن ئاشۇ سەنئەتنىڭ ئىختىراچىسى بولغان سەنئەتكارنىڭ ئىدىئالى مىللىي ھايات ۋە جەمئىيەت بىلەن بىرىككەندە سەنئەت ھەقىقىي قۇدرەتكە ئىرىشىدۇ، سەنئەتكارمۇ مىللەتنىڭ يىتەكچى ھەم سەر خىل ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. مەدەنىيەتلىك بولۇشنى ۋە ئىلغار بىر مىللەتكە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر مىللەت چوقۇم سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى ھەم سەنئەتكارلارنى يىتىشتۈرۈشى كېرەك. بۇ تارىخنىڭ يەكۇنى ۋە ئىستىقبالنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، <<مىللىي سەنئەت>> دېيىلگەندە تۇيغۇغا تايىنىپ تەبىئىي يارىتىلغان خەلق سەنئىتى بىلەن پىكىر ياكى بىلىمگە تايىنىپ يارىتىلغان ئىجادىي تۈستىكى سەنئەتنىڭ بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنى، دەۋرنىڭ زوقىنى ھەم قىممەت سەۋىيىسىنى ئىپادە قىلغان زامانىۋىي سەنئەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دېمەك، <<مىللىي سەنئەت>> تۇيغۇ بىلەن پىكىرنىڭ ياكى ھىسيات بىلەن مېتودنىڭ بىرىكىشىگە تايىنىپ يارىتىلغان ۋە <<مىللەتلىك>> خاراكتېرنى ئىپادىلىگەن سەنئەتتۇر. تېمىلىرىنى مىللەتنىڭ خاتىرىلىرى(ئەپسانە، رىۋايەت، داستان، مەسەل، ھىكايەت، چۆچەك، قوشاق بىلەن بۇلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مۇھىت) بىلەن دۇنياۋى چۈشەنچىلەر ئاساسىدا ياراتقان چىڭغىز ئايتماتوف ۋە ئۇنىڭ سەنئىتى دەل بىز دەۋاتقان مىللىي سەنئەتتۇر. ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە بولغان مەزگىل ئۇيغۇر سەئىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە دەستلەپكى گۈللىنىش دەۋرىدۇر. بىز بۇ ماقالىمىزدا دەل بۇ دەۋرنىڭ سەنئەت ساھەسىدىن سۆز ئېچىشنى مەقسەت قىلدۇق. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، بۇ سەنئەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قەلبتىن ئېتىلىپ چىققان چىن بىر تۇيغۇ بىلەن دەۋرىنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنى ئىگىلىگەن سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيىتىدىن مەيدانغا كەلگەن، دەۋرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر بىرىنىڭ ئاساسى ھەم راۋاجى بولغان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر سەنئىتى ئىدى.

<1>

رەسساملىق

ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ تارىخى بوزقىر كۈلتۈرىنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ. پروتوتۈرك ۋە ھۇن دەۋرلىرىدە رەسىم سەنئىتى خاسلىق يارىتىش باسقۇچىغا يەتكەن.
ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى كۆرۈلگەن قىيا تاش رەسىملىرى(پېتروگلىف) ئاساسلىقى قىياغا ۋە غارلارنىڭ تام — تورۇسلىرىغا سىزىلغان بولۇپ، بۇ رەسىملەرنىڭ بەزىلىرى بوياق بىلەن، بەزىلىرى ئويۇش ۋە جىجىش ئارقىلىق ئىشلەنگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن تاغ ئېتەكلىرىدىن مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرلەردىن مىلادى 14-، 15- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخقا مەنسۇپ تۈرلۈك تېمىدىكى قىيا تاش رەسىملىرى تېپىلماقتا. بۇنىڭ دەستلەپكى تارىخىي دەۋرلەرگە مەنسۇپ ئۆرنەكلىرىدە ئوۋچىلىق ۋە ئوۋ سىمۋولىزمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ رەسىملەرنىڭ بەزىلىرىدە سىمۋوللۇق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <<ھايۋانلارنىڭ سوقۇشىۋاتقان سەھنىلىرى>>نىڭ پروتو تىپلىرىنى ئۇچرىتىمىز. زىت ئۇقۇملارنىڭ كۆرۈشى(ياخشى ۋە يامان، يۇرۇغلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق قاتارلىق) سىمۋولىزم قىلىنغان بۇ سوقۇش كۆرۈنىشلىرى ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ سوقۇشىۋاتقان كۆرۈنىشلىرىدىن سىرت يەنە تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ھايۋانلارنى مۇقەددەس بىلىش چۈشەنچىسى ۋە <<ھايۋان قىياپىتىگە كىرىۋېلىش>> ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قىيا تاش رەسىملىرىدە ئاتلىقلار تەسۋىرلىرى، ئۇرىشىۋاتقان ئىنسان فىگۇرلىرى، ھارۋىلىق چىدىر تەسۋىرلىرى، پازىرىق قورغىدىن قېزىلغان ئاتلاردا كۆرۈلگىنىدەك، يۈزىگە ماسكا تاقالغان ۋە بەزىدە قۇيرىقى تۈگۈلگەن، <<مونجۇق>> دەپ ئاتىلىدىغان پۈپۈك بىلەن بىزەلگەن ئات تەسۋىرلىرى، بۆرە، تاغ ئۆچكىسى ۋە بۇغا قاتارلىق ھەر خىل سىمۋوللۇق ۋە مىتولوژىك مەنىگە ئىگە ھايۋانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كومپۇزىسىيۇنلار، دىنىي ئېتىقادلار ۋە كۈندىلىك ھاياتقا ئائىت كۆرۈنىشلەر، تامغا ياكى يېزىققا ئوخشاپ كىتىدىغان بەلگىلەر، يومىلاق ياكى تۆت چاسا شەكىللەر ۋە تۆت تەرەپنى ئىپادە قىلىدىغان بەلگىلەرگە ئوخشاش تۈرلۈك تەركىپلەر بار. (2)
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئەڭ دەستلەپكى ئۆرنەكلىرى مېزولىتىك ياكى دەستلەپكى نېئولىتىك دەۋرلەرگە ئائىت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئۆزبەكىستاندىكى زارائۇت قەمەر غارىدىكى ۋە شەرقىي پامىرنىڭ ساكتا غارىدىكى رەسىملەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن ھۇن ۋە كۆكتۈرك دەۋرلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرلۈك تۈركىي توپلىرىغا ئائىت ئۆرنەكلەر سىبىرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئالتاي، تەڭرىتاغ ۋە قاراقۇرۇمغا قەدەر بولغان جايلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.
قىيا تاش رەسىملىرىدە ھۇن دەۋرىدىن كۆكتۈرك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ماھارەت ۋە ئېستېتىكا جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان. پەقەت بەزى مۇھىم مەركەزلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىرىشكەن ئۆرنەكلەر بەزى يەرلەردە (تارىخى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئاركائىك (ئىپتىدائىي) ھالەتتە قالغان. شۇ سەۋەپلىك، قىيا تاش رەسىملىرى سەنئەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بەكرەك، كېيىنكى ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت دەۋرلىرىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىكونوگرافىك ۋە ئىكونولوژىك [1] خۇسۇسىيەتلىرى نوختىسىدىن مۇھىمدۇر.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 700- 100- يىللارغا مەنسۇپ تاغار ۋە تاشتىق كۈلتۈرى دەۋرىگە كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۇنلار تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان <<ھايۋان ئۇسلۇبى>>(<>) سەنئىتىدىن ئىبارەت يېڭى بىر رەسىم تىپى مەيدانغا كەلگەن.(3) <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> سەنئىتى قول سانائەت ئەسەرلىرى ئۈستىگە تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ كۆرۈنىشلىرىنى ئويۇش ئارقىلىق يارىتىلغان قاپارتمىلىق رەسىم سەنئىتى ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەرىيانىدا شەرقتە ئوردۇستىن غەرپتە قارا دېڭىزغىچە، ھەتتا ھۇنگىرىيە (ۋېنگرىيە)گىچە بولغان جايلاردىكى ئىسكىت– ساك، ھۇن، ئاۋار، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قەدىمكى ئىزلار ۋە قورغان — قەبرىلەردىن يولۋاس، شىر، بۆرە، بۈركۈت، بۇغا، ئات، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سوقۇشىۋاتقان كۆرۈنىشلىرى ۋە ھەر خىل قىياپەتلىرى قاپارتما قىلىش ئارقىلىق سىزىلغان ياكى نەقىشلىك قىلىپ ئويۇلغان قول سانائەت ئەسەرلىرى، يەنى يۇڭ توقۇلما رەختلەر، مەدەندىن ياسالغان زىبۇ–زىننەت بويۇملىرى، برونزى بۇيۇملار، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۇرۇش قوراللىرى(قىلىچ – خەنجەر) ،كەمەر توقىلىرى ۋە ئات جابدۇقلىرى كۆپلەپ تېپىلدى. بۇ خىل رەسىم سەنئىتىدە تېما قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ مىتولوژىك بىر مەنا بىرىدىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا. <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> رەسىم سەنئىتىدە مىنۇسىنسك ئەسەرلىرى بىلەن ئوردۇس ئەسەرلىرىنى ۋەكىللىك ئەسەرلەر دېيىشكە بولىدۇ. (4)
پروتوتۈرك، ھۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆكتۈرك دەۋرلىرىدە تەرەققىي قىلغان، ھەتتا ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك سەنئىتىدىمۇ تەسىرىنى كۆرسەتكەن <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دەسلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەنئەت ئۇسلۇبىدۇر. << ھايۋان ئۇسلۇبى>>نىڭ ھۇنلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلاردا يارىتىلغان ئەسەرلەردىكى كۆرۈنىشى باشقا ئىنسان توپلىرىدىكى ئۆرنەكلىرىدىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇشى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. غەرپ تەرەپتە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان ئىسكىتلەر(ساكلار) تەرىپىدىن تەدبىقلانغان <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> شەرقتە پروتوتۈرك دەۋرىنىڭ بىر بۆلۈمى بىلەن گېرەلىشىپ كەتكەنىدى.
بوزقىر كۈلتۈرىدىن رۇشەن پەرقلىنىدىغان جەنۇبتىكى يەرلەشكەن مىللەتلەردە كۆرۈلگەن ھايۋان ئۇسلۇبى بولسا خاراكتېر جەھەتتىن تامامەن ھالدا بوزقىر سەنئىتىدىن ئايرىم بولۇپ، بۇ سۇمېر، مىسۇپاتامىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەدىمكى سەنئەت مەھسۇلاتىدۇر. بۇ ئۇسلۇبتىكى ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىشىش تۈركىي قەۋملەر بىلەن خەنزۇ سەنئىتى ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئوردۇستا ھۇنلار تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بۇ <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> رەسىم سەنئىتى تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 600- يىللاردىن باشلاپ قەدىمكى خەنزۇ برۇنزى سەنئىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇلاردا كۈچلۈك بىر ھايۋان ئۇسلۇبى تەرەققىي قىلىپ، تامامەن يېڭى شەكىل ۋە يېڭى بىزەك مەيدانغا كەلگەن. مىنىكچىلىكنىڭ خەنزۇلار ئارىسىغا تارقىلىشى بىلەن ھارۋا جابدۇقلىرىدا ۋە ھارۋىنىڭ مىتالدىن ياسالغان بۆلەكلىرىدە ھايۋان ئۇسلۇبىنىڭ تەتبىق قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇلار دەستلەپ خەنزۇلاردا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەر ئىدى. ھۇن تەسىرى بىلەن بىزەك تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە نازۇك ھالەتكە كەلگەن. يېڭى تېخنىكىدا قاقما تېخنىكىسى(رەڭلىك تاشلارنى قېقىش) ۋە كۆمۈش يىپ تېخنىكىسى(كۆمۈش سىم قېقىش ) كۆپ قوللىنىلغان. بۇ يېڭى سەنئەت يالغۇز ئوتتۇرا جۇڭگو بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە جەنۇبىي جۇڭگو ۋە ھىندىچىنىگىمۇ تارقالغان.(5)
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان <<ھايۋان ئۇسلۇبى>>نىڭ مەنبەسى ئەڭ دەستلەپكى دەۋرلەردىن ئېتىبارەن قىيا تاشلار ئۈستىدە تەسۋىرلەنگەن ھايۋانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنىشلەردۇر. ئوۋ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەر، بىر بىرى بىلەن سوقۇشىۋاتقان ھايۋانلار تېما قىلىنغان ياكى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ئېلىشىۋاتقان كۆرۈنىشلىرى، ھەتتا ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشىنى ئىپادىلىگەن تەسۋىرلەر <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> نامايەن قىلىنغان دەستلەپكى ئۆرنەكلەرنى تەشكىل قىلغان. بۇ تۈردە يەنە باشقا سەنئەت تارماقلىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىمۇ چوڭ ئىدى. دېمەك، بۇ ئۇسلۇپ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس.
<<ھايۋان ئۇسلۇبى>>نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئالدى بىلەن بوزقىر ھاياتىدا ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشقا ئىگە بولغانلىقىدۇر. بۇ يەنە تۈرلۈك دىنىي ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلەرگە باغلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆك، يەر — سۇ ۋە ئەجدادلار ھەققىدە يارىتىلغان دىنىي سىستېمىغا تايىنىدۇ. بۇلارغا تەۋە ھالدا مەيدانغا كەلگەن مىتولوژى (ئەپسانە – رىۋايەتلەر) ۋە كوژمولوژىمۇ(ئالەم چۈشەنچىسى) ھايۋانلار تەسۋىرىنىڭ يارىتىلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ھايۋانلارنى مۇقەددەس بىلىپ ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ قوغدىغۇچى روھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ۋە ھايۋانلارنىڭ ئايرىم ئەزالىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ئوخشاش خۇسۇسلار ھايۋانلار تەسۋىرىنىڭ يارىتىلىشىغا ۋە زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇشۇ ساھەگە ئەھمىيەت بەرگەن سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. <<ھايۋان ئۇسلۇبى>>نىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000- يىللاردىن ئېتىبارەن شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئۇسلۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 700- يىللارغا كەلگەندە يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن. ر.گېروسسېتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، بۇ سەنئەت ھۇنلار تەرىپىدىن ئەڭ مۇكەممەل سەۋىيىگە يەتكۈزۈلگەن. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلىش قىلىشقا بولىدۇ:
1- ھايۋانلار بەزىدە يەككە، بەزىدە توپ ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن. يەككە ھالەتتە ئىپادە قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ بىر قىسمى يومىلاق شەكىلدە پۈكۈلگەن ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن.
2- بىر قىسىم ئۆرنەكلەردە فىگۇرىلار(قىياپەتلەر) ئانتىتېك ياكى سىمېترىك ھالدا كۆرسىتىلگەن.
3- ھايۋانلار جىم تۇرغان ياكى توپ ھالەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالدا تەسۋىرلەنگەن.
4- بەزىدە شەيئىلەر ياكى شەيئىلەرنىڭ بىر قىسمى ھايۋان ياكى ھايۋاننىڭ بېشى شەكلىدە كۆرسىتىلگەن.
5- نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئۈستى تەرىپى ھايۋان موتىفلىرى بىلەن بىزەلگەن.
6- بەزى ئەھۋاللاردا ھايۋان تەسۋىرلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى باشقا فىگۇرىلار بىلەن توشقۇزۇلغان. بولۇپمۇ بىر ھايۋانغا باشقا بىر ھايۋاننىڭ ئەزالىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ياكى ھايۋاننىڭ قۇيرىقى باشقا بىر ھايۋاننىڭ بېشى بىلەن، ياكى ئۈسۈملۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلغان.
7- بۇغا مۈڭگىزى، بۈركۈت تۇمشىقى، تىرنىقى ياكى كۆزى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرى مۇبالىغىلاشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن. ئاشۇ ئۇسلۇب ئىچىدىن ناتۇرالستتىك ياكى تەبىئەتكە زىت مەۋقەنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
8- تەسۋىرلەردە تەبىئەت ئۈستى ياكى ئەپسانىۋىي ھايۋانلارغىمۇ ئۇرۇن بىرىلگەن.
9- ھايۋانلارنىڭ سوقۇشۇۋاتقان كۆرۈنىشلىرىدە ئومۇمەن ۋەھشىي ھايۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قوش تىرناقلىق ھايۋان قورقۇش، ئاغرىق ۋە ھۇجۇم قىلغان ھايۋاننىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىرىنى ياكى ئالدى پۇتىنى يىغىپ چۆكۈۋالغان ھالەتتە كۆرسىتىلگەن. بەزىدە يېڭىلىپ قالغان ھايۋاننىڭ ئالدى پۇتى بەدىنىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ قالغان، ئارقا تەرەپتىن دۈمبىسى يەرگە تەگىپ قالغان ھالدا تەسۋىرلەنگەن. سوقۇشۇشتا ئاستىدا قالغان ھايۋان كۆپۈنچە تۇغما ئىقتىدارى بويىچە بېشىنى ھۇجۇم قىلغان ھايۋاننىڭ خالىغان يېرىگە بۇراپ تۇرغان ھالەتتە كۆرسىتىلگەن. سوقۇشۇۋاتقان ھايۋانلارنىڭ گەۋدىسى ئۈستىدە چىكىت، پەش ۋە تاقىغا ئوخشايدىغان شەكىللەرمۇ بار.
10- كومپوزىسيۇنلاردا ئىنسان فىگۇرىلىرى ئاندا– ساندا ئۇچرايدۇ. ئۈسۈملۈكلەر بىلەن بىزەشمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. (6)
قەدىمكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئالتۇن ۋە كۆمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنلەرگە تەتبىقلىغان سەنئەت موتىفلىرىگە، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئوتاغلىرىغا، تەختلىرىگە ۋە بۇ مىللەت توپلىرىدىكى زوقنىڭ نازۇكلىقىغا دائىر مىلادى 518- يىلى شىمالىي ھىندىستاندا ئاق ھۇن – ئېپتالىت ھۆكۈمدارى مېخاراگۇلانى زىيارەت قىلغان خەنزۇ سەيياھى سۇڭيۈن، مىلادى 568- يىلى ئىستەمى قاغاننى تەڭرى تاغدىكى ئالتۇن چىدىرىدە زىيارەت قىلغان ۋىزانتىيىلىك ئەلچى زىماركۇس، مىلادى 629 – يىلى تۇن يابغۇنىڭ ئوردىسىدا مىھمان بولغان راھىپ شۈەنزاڭ قاتارلىقلارنىڭ شاھىت ئىكەنلىكى ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. (7)
قىيا تاش رەسىملىرى ۋە <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> رەسىملىرىدىن باشقا ھۇنلاردا يەنە كۆك تەڭرىگە بولغان ئېتىقادنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەخسىتىدە ئاسماننىڭ رەسىمىمۇ كۆپ سىزىلغان.(8) كۆكتۈركلەرنىڭ رەسىم سەنئىتىدە <<خاتىرە ساراي رەسىملىرى>> بولغانلىقى مەلۇم. بۇ خۇسۇستا كۆل تېگىن بىلەن بىلگە قاغاننىڭ خاتىرە سارىيىنى تىلغا ئېلىش كۇپايە. ھەر ئىككى ساراينىڭ بىنا قىلىنىشىدا ۋە ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىمانلارنىڭ ئۇرۇش ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان رەسىملەرنىڭ سىزىلىشىدا تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ساراي سەنئەتكارلىرى ۋە رەسساملىرىنىڭ ئەمگىكىنىڭمۇ بارلىقى خەنزۇ مەنبەلىرىدىن ۋە ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن مەلۇم. لېكىن ئۆلگەنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن مەڭگۈ تاش تىكلەش ۋە سەنئەتلىك قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلىش بۇ چاغدا تۈركىي قەۋملەر ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس ئىدى. ھەقىقەتەن، ئاشۇ خەنزۇ مەنبەلىرىدە (<<جۇنامە>>، <<سۈينامە>>) كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ دەستلەپكى تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات بىرىلگەندە مۇنداق دېيىلگەن :<< قەبرە يېنىغا ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا ئۆلگۈچىنىڭ رەسىمىنى ۋە ئۇنىڭ ھايات چېغىدا قاتناشقان ئۇرۇشلىرىنىڭ كۆرۈنىشلىرىنى رەڭلىك قىلىپ سىزاتتى….قەبرە بېشىغا ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان يازما بەلگە(ئابىدە ياكى مەڭگۈ تاش) تۇرغۇزاتتى.>> ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەرىيانىدىمۇ كۆل تېگىن كۇللىياتى(قەبرە قۇرۇلۇشلىرى)نىڭ ئىچىدىن ئاشۇ خاتىرە ساراينىڭ ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ تېمىغا سىزىلغان رەسىم پارچىلىرىمۇ تېپىلدى.(9) كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار رەسسام، نەققاش ياكى ھەيكەلتاراشنى <<بەدىزچى>> دەپ ئاتايتى.
ھۇنلار ۋە كۆكتۈركلەرگە سېلىشتۇرغاندا،ئۇيغۇرلار رەسىم سەنئىتىدە پەۋقۇلئاددە ماھارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ ئاساسى قەدىمكى ئېتىقادلار ۋە تۇرمۇش شەكىللىرى بىلەن بۇددىزم ۋە مانىزم قاتارلىق دىنلارنىڭ ئېلىپ كىرگەن يېڭى سىستېمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ يېڭى سىستېمىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سېنتىز باشقا سەنئەت ساھەلىرىدىن پەرقلىق ئالاھىدىلىكنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر خىل ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتى <<مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى>> دەپ ئاتىلىۋاتقان نورمال ئىبادەتخانىلار ۋە غار ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تاملىرىغا ئىشلەنگەن، قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىسىنىڭ ئىزلىرىنى ساقلىغان ھالدا، مانىزىم ۋە تېخىمۇ ئومۇمىي بىر شەكىلدە يەرلەشكەن بۇددىزمنىڭ ئىكونوگرافىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن سېنتىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىدۇر. ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر تام رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاستا — ئاستا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالەتكە كەلگەن.
تام رەسىملىرى(فرەسكىلەر) تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردا ۋە جىرالاردا ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە ئىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئىراننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شىمالىي ئىراندا تۇرۇپ قالغان بىر قىسم يۇنانلىقلار قەدىمكى يۇنان سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە يەرلىك سەنئەتتىن بىر مۇنچە يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، << گرېك بۇددىزم سەنئىتى>> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان يېڭى بىر ئۇسلۇبنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ يېڭى سەنئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزى بۈگۈنكى ئافغانىستاندىكى گاندخارا شەھرى ئىدى. كېيىن يەرلىك خەلق، بولۇپمۇ كۇشان خانلىقى بۇ ئۇسلۇبنى يەرلىك زوق ۋە ئەنئەنىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۈيۈك بىر سەنئەت ئېقىمى ھالىتىگە كەلتۈرگەن. بۇددىزمنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، تارىم ۋادىسىغىمۇ تارقىلىپ كىرگەن بۇ ئۇسلۇب بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشقا مۇۋاپپەق بولغان. تەبىئىي ھالدا بۇ ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەر ئىدىقۇت خانلىقىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە ئائىت ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ رايوننىڭ گرېك بۇددىزم سەنئىتىنىڭ مەركەزلىرىگە يېقىن بولۇشى ئىدى. شەرققە سۈرۈلگەنسېرى بۇ ئېقىمغا ئائىت ئەسەرلەر تېخىمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مەسىلەن، كۇچادىكى قىزىلدا مىلادى 5- ۋە 6- ئەسىرلەردىن ئېتىبارەن بۇ ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەر كۆپۈيىشكە باشلىغان. يەنە مارالبېشىدىكى تۇمشۇقتىمۇ خېلىلا قەدىمكى ئەسەرلەر كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئىران بىلەن بۇددىزم دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيلىك جايلىشىش جەھەتتە بىر بىرىگە قوشنا بولۇشى سەۋەبىدىن بىر بىرىگە كۆرسەتكەن مەدەنىيەت تەسىرىمۇ كۆپ بولغان. باكتىرىيە كۇشان خانلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن ئاسانلا بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان. مىلادى 6- ئەسىردە بۇددىزم بۇ رايوندا ھەقىقىي مەنىسىدە تارقىلىپ بولغان. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ رايون كۆكتۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. باكتىرىيىدىكى مەشھۇر باميان تام رەسىملىرى كۆكتۈركلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە ئائىت ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاپراسىياب سارىيى (مىلادى6-7-ئەسىرلەر)، بۇنجىكەش سارىيى (بۇنىڭدا بۆرىدىن تۆرىلىش رىۋايىتىگە دائىر بىر تام رەسىمى بار)، سەمەرقەندتىكى پەنجىكەنت( مىلادى7-8- ئەسىرلەر)، ۋاراخشا(مىلادى 5-10-ئەسىرلەر)، ئاچىنا تۆپە(مىلادى 8- ئەسىر) ۋە بالالىق تۆپە (مىلادى 5-6- ئەسىرلەر) قاتارلىق مەركەزلەردە ئىشلەنگەن مەشھۇر تام رەسىملىرى قىسمەن ھالدا كۆكتۈركلەر ۋە بۇ رايوننى ئىدارە قىلغان تۈرك بەگلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ سەنئەت مەركەزلىرى غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان تۈركەش خانلىقى(658-766) ۋە قارلۇقلار دەۋرىدە(766- 840) داۋاملىق تەرەققىي قىلغان ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك — ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئاساس بولغان. بۇ ئەتراپتىكى رايونلاردا تام رەسىمى سىزىش ئەنئەنىسى خېلىلا كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر داۋام قىلغان. كۇچا ئەتراپلىرىدىكى بىر رەسسامنى تەسۋىرلىگەن بىر تام رەسىمى بىلەن بۇرجەك ياقىلىق كىيىم كىيگەن ۋە يېنىغا قىلىچ ئاسقان ئادەمنىڭ فىگۇرىسى ئىران ئۇسلۇبىنىڭ خاراكتىرىستىك ئەسەرلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا. بولۇپمۇ سىتەيىننىڭ خۇتەن ئەتراپلىرىدىكى دەندان ئۆيلۈكتىن تاپقان تام رەسىملىرى بىزگە ئىران ئۇسلۇبىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. قىزىلدىكى تام رەسىملىرى مىلادى 6- ۋە 8- ئەسىرلەرگە ئائىت ئىدى. تۇيۇقتىكىلىرى بولسا بىراز كېيىنكى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە زادىلا خەنزۇ تەسىرى يوق. خەنزۇ تەسىرى ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. تارىم ۋادىسىدىكى سەنئەت نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە تۈرگە ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىلمىي ۋە ئىشەنچىلىك بولغىنى ئا. گرۈنۋېدىلنىڭ تەسنىپىدۇر. ئا.گرۈنۋېدىلنىڭ تەسنىپى مۇنداق:1- گرېك بۇددىزم دەۋرى، 2- ئىران سەنئىتىنىڭ تەسىرى دەۋرى، 3- ئۇيغۇر دەۋرى. بىز بۇ تەسنىپنى قوبۇل قىلىمىز. ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ دەستلەپكى ۋە مۇكەممەللەشكەن دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچى بار. (10)
قەدىمكى تۈرك رەسىم سەنئىتىنىڭ ئەسلى ۋەكىلى سەنئەتتە ناھايىتى ئىستىداتلىق بولغان ئۇيغۇرلار ئىدى. ھەقىقىي ئۇيغۇر رەسىم ئۇسلۇبى ياكى كىلاسسىك ئۇيغۇر رەسىم ئۇسلۇبى مىلادى 9- ئەسىردە باشلانغان، 10- ئەسىردە تەرەققىي قىلغان، 11 -12- ئەسىرلەردە بولسا تولۇق مۇكەممەللىككە ئىرىشكەن. مىلادى 13-ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە يات مىللەت تەسىرى(لامائىست ئۇسلۇبنىڭ تەسىرى) ئېشىپ بېرىپ، بۇرۇنقى ئالاھىدىلىك يوقالغان.
9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ كۈلتۈرى ئارىلاشما بىر خاراكتېر ئىپادە قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئارقىلىق يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، يېڭى بىر ئۇسلۇپ مەيدانغا كەلگەن.ئا.ۋون لېكوك <<ئارىلاشما خاراكتېر>> دەپ ئاتىغان بۇ ئۇسلۇب تارىم بوستانلىقىدا كۆرۈلگەن گرېك بوددىزم سەنئىتى(1-دەۋر) ۋە ئىران سەنئىتى(2-دەۋر)دىنمۇ نۇرغۇن تەرەپلەرنى قوبۇل قىلغان. بۇ يېڭى ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى خەنزۇ سەنئىتىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىدى. يېپيېڭى بىر <<گۈل زىننەتچىلىكى>> بۇ ئۇسلۇبنى بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى سەنئەتتىن تامامەن پەرقلەندۈرۈپ تۇراتتى. قوچۇ(تۇرپان)دا بەكرەك كۆرۈلگەن بۇ ئۇسلۇب ئاستا – ئاستا قۇمتۇرا، قىرىش ۋە شورچۇققىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان.
ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ دەستلەپكى دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى بۇددىزم گاندخارا سەنئىتى بىلەن خەنزۇ ئۇسلۇبىنىڭ بىربىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ۋە يېڭى بىر جەرياننىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىدى. قۇمتۇرادىكى بىر نىرۋانا غارىدا براھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە پۈتۈكلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ھەتتا بۇ غارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنقى باشقا تۈركلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەنلەرمۇ بار. ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ دەستلەپكى دەۋرىگە ئائىت باشقا بىر مۇھىم ئەسەر يەنە قۇمتۇرا ئىبادەتخانىسىدىكى بۇددانىڭ ئۆلۈمىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەردۇر. ئا. ۋون لېكوك بۇ ئەسەرنى مىلادى 750- 850- يىللارغا ئائىت بولسا كىرەك، دەپ قارايدۇ. دەستلەپكى دەۋرگە ئائىت باشقا يەنە بىر مۇھىم ئەسەر شورچۇقتا ئۇچرايدۇ. قىرىن غارىغا ئىشلەنگەن ۋە ئۇيغۇر شاھزادىلىرىنى تەسۋىرلىگەن بۇ تام رەسىمىنىڭ مىلادى 8- ۋە 9- ئەسىرلەرگە ئائىت بولۇشى چوڭ ئېھتىماللىققا ئىگە.
بۇ دەۋردىكى ئەسەرلەرگە قىسمەن بىر دائىرە(مۇھىت) قوشۇش خائىشى بار ئىدى. غارلارنىڭ تورىسى <<گۈل>> نۇسخىلىرى بىلەن قاپلانغان ۋە يازمىلار بىلەن بىزەلگەن. كىيىنىش شەكىللىرىمۇ خېلىلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئەمدىلىكتە بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا قىياپىتى ئۇچرىماي، كۆچمەن ئەنئەنىلەر كۆپۈيىشكە باشلىغان. بەزى ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىچ تاقىغان ئەسكەرلەر تەسۋىرىنى پەنجىكەت تېپىلمىلىرىغا ئاساسەن مىلادى 9- ۋە 10- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ دەپ قاراشنى تەكىتلەيدۇ.(11)
ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى ھەممىدىن بەكرەك ئىچكى ئاسىيا تۈرك سەنئىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. گەرچە بۈيۈك ئىسكەندەر بىلەن بىرلىكتە كەلگەن ھېلېنىستىك(گرېك) ئۇسلۇبنىڭ نۇر ۋە سايە ئارقىلىق كۆلەم يارىتىش تېخنىكىسى بىر مەزگىل مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردىن كېيىن يەنە ئىچكى ئاسىيادىن قوبۇل قىلىنغان ئۇسلۇب داۋام قىلغان. بۇ ئۇسلۇب بولۇپمۇ قىيا تاش رەسىملىرىگە تايانغان گراپىك شەكلىنى، يەنى سىزىق ئېلېمېنتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىپادىلەش سەنئىتىنى مۇھىم بىلەتتى. بەزىدە ھەل قوللىنىلغان رەسىملەردە كىلاسسىك ئۇيغۇر دەۋرىدىكى قىزىل رەڭ، كۆك رەڭ ۋە يېشىل رەڭلەر كۆپ قوللىنىلغان. رەڭلەر كۆپۈنچە ئۇچۇق(پاقىراق) ۋە كۈچلۈك ئىدى. تەبىئىي بوياقلارمۇ قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بەزىدە تېمپېرا تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان بۇياقلارمۇ قوللىنىلغان. ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇددىزم سەنئىتىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇرلار رەڭنى يىلىمگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، نۇر ئۆتكۈزىدىغان جىسىم شەكلىدە سۈرەتتى. شۇڭا، كۆك رەڭ قاتارلىق ئۇچۇق رەڭلەر زادىلا ئۆڭمەي تالاي ئەسىرلەردىن بېرى ئەينەن تۇرماقتا. سەنئەت تارىخچىلىرى بۇنى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارىماقتا.(12) ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىدە كومپوزىسىيۇنلار قاتار ۋە سىمىترىك ھالەتتە قىياغا ئويۇلغان ئىبادەتخانىلاردىكى ۋە باشقا ئىبادەتخانىلاردىكى تاملارنىڭ يۈزىگە سىزىلغىنىدەك، يەنە يىپەك رەخت، ياغاچ ماتىرىياللار ۋە قەغەز ئۈستىگىمۇ كەڭ سىزىلغان. تامغا سىزىلغان رەسىملەر بەزىدە بىۋاسىتە ھالدا تۈپتۈز ھالغا كەلتۈرۈلگەن تام يۈزىگە، بەزىدە ھۆل سۇۋاق ئۈستىگە سىزىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، تامغا ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈستىگە سىزىلغان رەسىملەردە كۆپ خىل تېمىلار ئىپادە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە دىنىي كۆرۈنىشلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. دىنىي كۆرۈنىشلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىمۇ بۇددانى، بۇددانىڭ تەلىماتىنى، بۇددانىڭ ھاياتىنى ۋە باشقا بۇددىزم ئىلاھلىرىنى تەسۋىرلىگەن. بۇددانىڭ ئۆلۈمىنى تەسۋىرلىگەن بەزى كۆرۈنىشلەردە كىشىلەرنىڭ پىچاق بىلەن يۈزىنى تىلىپ ياكى ياقىسىنى يىرتىپ يىغلىشى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئورخۇن ئابىدىلىرىدە چۈشەندۈرۈلگەن تۈرك يوغ(دەپنە قىلىش) ئەنئەنىسىدىن بىشارەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئالاھىدە توختىلىشقا تېگىشلىك بىر تېمىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىدە ئۇچرىتىدىغان <<لوكاپالا>> دەپ ئاتىلىدىغان ئالپ — مەبۇد تەسۋىرلىرى قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردىكى ئالىپلىق تەسەۋۋۇرى سەۋەبى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقتىن ناھايىتى مۇھىم بىر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەپسانىۋىي ياكى تەبىئەتتە بار ھايۋانلار، كۈندىلىك ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنىشلەر، سىمۋوللۇق گۈل تەسۋىرلىرى، تۈرلۈك داستان ۋە ئەپسانە – رىۋايەتلەر، دىن ئادەملىرى، ئاتلىق قوشۇن، شاھزادە ۋە مەلىكىلەرنىڭ تەسۋىرلىرىمۇ بۇ رەسىملەردىن ئورۇن ئالغان. تام رەسىملىرىدە پىلنىڭ تەسۋىرىمۇ كۆپ. پىل ئاق كۆڭۈللۈك، ساداقەت ۋە ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. رەسىملەردە قاغان بىلەن پىل ئوتتۇرىسدىكى تۇقۇنۇشمۇ سىزىلغان. (13) بەزى مەلۇماتلاردا پىلنىڭ بۇددىزمنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەردە ھەتتا تۈركىي قەۋملەرگە ئوخشاش كېيىن ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەردىمۇ ھۆكۈمدارلىقنىڭ دەبدەبىسى ۋە ھەشەمىتىنىڭ، كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ ۋە قەھرىمانلىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغانلىقى، شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ تەخت سىمۋولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. (14)
ئىنساننىڭ يۈزىگە خۇسۇسىي ئالاھىدىلىك بىرىش، يەنى پورترېت سەنئىتى تۇنجى بولۇپ مىلادى 750- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تام رەسىملىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئىنساننىڭ تېنىنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئوخشاش يۈز قىسمىمۇ سىخىما بويىچە سىزىلاتتى ۋە رەسىمنىڭ ئاستىغا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلىپ پەرقلەندۈرىلەتتى. تام رەسىملىرىدە ئۆزلىرىنى سىزدۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر تەسۋىرلەنگەچكە، ھەر خىل ئىنسان تۈركۈملىرى، يەنى ھىندى، خەنزۇ راھىپلىرى، توخارلار ۋە ئىرانلىقلارمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، بۇلارنى تىپلارغا ئايرىغان ۋە تەبىئىي ھالدا ئۆزلىرىنى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ئېنىق تۇنۇشقا باشلىغان. بۇ ھالەت ئۇلارنى پورترېت سەنئىتىنى يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. پورترېت ئوخشاشلىقى بىر خىل قىياپەتتىكى قاتار تىزىلىپ تۇرغان راھىپلارنىڭ رەسىملىرىدە ئېنىق مەلۇم بولغان. بۇلارنىڭ يۈز چېھرىدىن ئۇلارنىڭ ھەر خىل كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. باشقا رەسىملەردە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرغان بۇ پورترېت سەنئىتى كىشىلىك چۈشەنچە ۋە ئاڭ — تۇنۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر تەرەققىياتنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. پورترېت سەنئىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە قەدىمكى ئەنئەنىلەرنىڭمۇ رولى بار ئىدى. كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردا <<بەنگۈ>> ياكى <<مەنگۈ>>(مەڭگۈ) دەپ ئاتالغان خاتىرە تاشلارغا ئۆلگەن قەھرىمانلارنىڭ نام– شەرىپى، ئۈنۋانى، مەمۇرىيىتى ۋە يېشى خاتىرىلىنىپ، ئۇلار ئەبەدىيلەشتۈرىلەتتى. ئۇيغۇرلاردا بۇ پىكىر كېيىنچە تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولسا كىرەك. بېزەكلىك تام رەسىملىرىدە ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرى ناھايىتى رىئالست ھالدا سىزىلغان. شورچۇقتا ئەر – ئايال ساخاۋەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تام رەسىمىدە فىگۇرىلارنىڭ ھەممىسى پورترېت ئالاھىدىلىكىنى ئىپادە قىلغان. قوچۇدىكى تام رەسىملىرىنىڭ بىرىدە تەسۋىرلەنگەن تىز چېپىپ كىتىۋاتقان ئات كۆرۈنىشىمۇ يېڭى رىئالىزم ئۈچۈن ياخشى بىر مىسال سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.(15)
ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىدە مانىزم ئىكوگرافىيىسىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى. بولۇپمۇ مانىزمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان مانىنىڭ ناھايىتى مەشھۇر بىر رەسسام ئىكەنلىكىنىڭ مانىزم رەسىم سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى تەسىرى خېلىلا كۆپ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن مانىزم تېكىستلىرىنى يىراقتىن بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار ئەڭ ياخشى رەڭ بىلەن، ئەڭ ئېسىل ئاق قەغەزگە ناھايىتى گۈزەل يېزىق بىلەن يېزىلغان. مانىزمنى قوبۇل قىلغانلار بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە يازمىلارنىڭ ئارىسىنى گۈزەل مىنياتۈر — قىستۇرما رەسىم بىلەن زىننەتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن مانىزم مۇھىتىدا ئۇيغۇرلاردا مىنياتۇر سەنئىتىدىن ئىبارەت يېڭى بىر خىل سەنئەت تۈرى ئوتتۇرىغا چىققان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر دەۋرىدىن قالغان مىنياتۇر سەنئىتى مانىزم كىتاپلىرىدىن بىزگە قەدەر يىتىپ كەلگەن ۋاراقلاردۇر. بۇلاردا قىسمەن دىنى، قىسمەن دۇنياۋىي كۆرۈنىشلەر تەسۋىرلەنگەن. تام رەسىملىرى تېخنىكىسىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ رەسىملەردە ئۇيغۇر ھۆكۈمدارى بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن دەپ قارىلىۋاتقان بىر كۆرۈنىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مىنياتۇرلۇق سەھىپىلەردە كۆرۈلگەن تولغىماچ شاخ بىزەكلىرى، مۇزىكىلىك كۆڭۈل ئېچىش كۆرۈنىشلىرى، ئاق كېيىملىك ئۇيغۇر مانىزم راھىپلىرى ۋە كاتىپلىرى قاتارلىق تېمىلارمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. (16) بۇلاردىن باشقا چوڭ رەسىملىك ۋاراقلار ۋە بايراقلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئەسلىدە مانىزم ئىبادەتخانىلىرىدا ساقلانغان ۋە دىنىي مۇراسىملاردا ئىشلىتىلگەن. بۇ ئۇيغۇر مىنياتۈرلىرى ئىسلام مىنياتۇر سەنئىتىنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان.
مىلادى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە باغدادقا كەلگەن بەزى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى مۇتەسىم دەۋرىدە قۇرۇلغان سامېررا شەھرىگە بېرىپ، ئۇيەردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. سامېررادىن تېپىلغان بىر ساپال قاچا ئۈستىگە ئىشلەنگەن بىر تەسۋىر ئورگىنال قىياپىتى بىلەن مۈرىسىدە جەرەن كۆتۈرىۋالغان بىر تۈرك — ئۇيغۇرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنىڭ تەسىرى مىلادى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەزنەۋىلەرنىڭ لەشكەرى بازار سارىيى تام رەسىملىرى بىلەن ئاشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سەلجۇقلارنىڭ مەركىزى رەيدىكى تام رەسىملىرىدە، بولۇپمۇ رەي ۋە كاشاندا ياسالغان سىرلىق ۋە پاقىراق ساپاللار بىلەن چىنىلەر (كاھىش)دە كۆرۈلگەن. بۇ دەۋرگە ئائىت دەستلەپكى ئىسلام مىنياتۇرلىرى يوقالغان. ئۇيغۇر رەسىم ۋە مىنياتۇر ئۇسلۇبى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاساسىنى يوقاتماي مىلادى 15- ئەسىردىمۇ داۋاملاشقانىدى. ئۇيغۇر رەسىم ئۇسلۇبىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرپكە ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ ئۇسلۇبنى غەزنە، رەي، كاشان، مۇسۇل ۋە ئاناتولىيىگە يەرلەشتۈرگەن. نەتىجىدە غەربىي ئاسىيادا ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىش(مىنياتۇر) ئېقىمى مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرى شىمالىي ئافرىقىغىمۇ كېڭەيگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئا. ۋون لېكوكنىڭ تۇرپان رەسىم مەكتىپىنىڭ تەسىرىنىڭ دېھلى تۈرك سۇلتانلىقى دەۋرىدە ھىندىستانغا قەدەر يېيىلغانلىقى ھەققىدىكى نەزىرىيىسى كېيىن مەيدانغا چىققان بىر تارىخىي خاتىرە ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.(17)
مىلادى 13- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلخانىيلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى مىنياتۇر سەنئىتىدە يېڭى بىر پارلاق دەۋرنى ئاچتى. ئۇيغۇرلار مەراگا ۋە تەبرىز قاتارلىق يېڭى مەركەزلەردە مىنياتۇر سەنئىتىنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىنى ياراتتى. ئىلخانىيلارنىڭ ۋەزىرى راشىددىننىڭ <<جامىۇلتەۋارىخ>> دېگەن ئەسىرىدىكى مىنياتۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇلارنىڭ قولىدىن چىققان. ئىستانبۇل توپقاپى سارىيى خەزىنە كۇتۇپخانىسىدە ساقلىنىۋاتقان مىلادى 1317- يىلى كۆچۈرۈلگەن <<جامىئۇلتەۋارىخ>>تىكى مىنياتۇرلاردىن يالغۇز ئۈچى ئەسەرنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتىدا ئىشلەنگەن، قالغانلىرى مىلادى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا ئائىت ئىدى. بۇ ئەسەرنىڭ مىلادى 1314- يىلى كۆچۈرۈلگەن ۋە ھازىر لوندۇن خان جەمەتى كۇتۇپخانىسى ئاسىيا بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىكى بىر مىنياتۇر بىلەن بېرلىن دۆلەتلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مىلادى 8-، 9- ئەسىرلەرگە ئائىت بىزەكلىك تام رەسىملىرىنىڭ بىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. دېئىز بۇ مىنياتۈرنى ئىشلىگەن نەققاشنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىران مىنياتۈر سەنئىتى ئىلخانىيلار دەۋرىدە ئۇنىڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ قولى بىلەن شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رەسسىم سەنئىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا باشلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ تۈرك رەسساملىرى چوڭ رول ئوينىغان.
مىلادى 15- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شاھرۇھنىڭ ھېراتتىكى سارىيىدا ئۇيغۇر رەسساملىرى زور ماھارەت بىلەن خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە ئىران رەسىملىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن. غىياسىدىننىڭ پارىژ رەسىم مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ھۈمايۈن مىنياتۇرى مۇشۇ دەۋردە ھېراتتا يارىتىلغان ئەڭ كاتتا ئەسەردۇر. پارىژ مىللىي كۇتۇپخانىسدا ساقلىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن <<مىراچنامە>>گە 58 مىنياتۇر ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ مىلادى 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھېراتتا ئۇيغۇر سەنئىتى ئەنئەنىسىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەسەرنىڭ خاتىمىسىدە مالىك باخشى تەرىپىدىن مىلادى 1436- يىلى ھېراتتا كۆچۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان. ئەسەرنىڭ مىنياتۇرلۇق بەتلىرىدە ئەرەبچە ۋە ئوسمانلىچە ئىزاھاتلارمۇ بار. فىگۈرلاردا، قىياپەت ۋە تىپ(ئىرق)تا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەسىرى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ئەسەردە ھايۋان تەسۋىرلىرىمۇ(دىۋە) ھەر ھالدا جانلىق بىر ئۇسلۇبتا ئىشلەنگەن. تىمۇرىيلار ئىمپېرىيسى دەۋرىدە تەرەققىي قىلغان رەسساملىقنىڭ ئاساسلىق ئۇستىلىرى تىمۇرنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئىكەنلىكى زىكرى قىلىنغان گۈنك بىلەن تەبرىزلىك يەنە بىر تۈرك ئابدۇلخەي مۇساۋۋىردۇر.(18)
ئانادولۇدا مەيدانغا كەلگەن تۈرك مىنياتۇر سەنئىتىدە ئۇيغۇر تەسىرى بىلەن ۋىزانتىيە تەسىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىستانبۇل توپقاپى سارىيى خەزىنە كۇتۇپخانىسىدىكى فاتىھقا بېغىشلانغان 2153 نومۇرلۇق ئەلبۇمنىڭ ئىچىدە ئۇسلۇب بىرلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان خېلىلا كۆپ ساندىكى رەڭلىك ۋە قارا قەلەم بىلەن سىزىلغان بىر تۈركۈم مىنياتۇرنىڭ ئاستىغا مەھمەت سىياھ قەلەم دېگەن ئىمزا قويۇلغان. ئەسەرلىرى تىمۇرىيلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ۋە ئاق قويۇنلۇ دەۋرىگە ئائىت بولغان مەھمەد سىياھ قەلەمنىڭ ئەلھاج مەھمەد باخشى ئۇيغۇر ئىسىملىك ھېراتلىق بىر رەسسام ئىكەنلىكى بىلدۈرىلدى. تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشچە، بۇ رەسسام ئەسلىدە ئۇيغۇر مەملىكىتىدىن بولۇپ، كېيىنچە ھېراتقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە ئۇيەردە ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان ئەلىشىر نەۋائىنىڭ كۇتۇپخانىچىسى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بەدى ئەل — زامان مىرزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئىراققا بارغان. ئۇ يەردىن ھىجازغا بېرىپ ھاجى بولغان. مىلادى 1507- يىلى ھېراتتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەسەرلىرىگە قارىغاندا، مەھمەد سىياھ قەلەمنىڭ ئوسمانىيلارنىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى ھۆرمەتكە ئىرىشكەن ۋە تۇنۇلغان بىر رەسسام ئىكەنلىكى مەلۇم. مىلادى 15- ئەسىرگە مەنسۇپ بۇ مىنياتۇرلارنىڭ ئىران تەرەپلەردىن پەرقلىق ھالدا، تۈرك(ئۇيغۇر) مەنبەلىك ئىكەنلىكى ئا. كۈخنېل تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەن. ھەقىقەتەن بۇ ئەسەرلەرنىڭ شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رەسىملىرىدىن كەلگەن بەزى تەسىرلەر ئارقىلىق ناتۇرالىست بىر ئۇسلۇبنى ئىپادە قىلغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. سۇلتان بايەزىد Ⅱدەۋرىدە ئۇزۇن فىردەۋسى دېگەن ئىسىم بىلەن تۇنۇلغان بۇرسالىق شارافەددىن يازغان <<سۇلايماننامە>> دېگەن ئەسەردىكى ئىككى مىنياتۇرنى مىلادى 16 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان كىلاسسىك ئوسمانلى مىنياتۇر سەنئىتىنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئەسەردە مەھمەد سىياھ قەلەمنىڭ جىن — شەيتانلار سىزمىلىرى ئاددى بىر ئۇسلۇب بىلەن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. بەلكىس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى تەسۋىرلىگەن يەنە بىر مىنياتۇردا جىن — شەيتانلار بىلەن ھايۋانلار كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئىككى مىنياتۇرنىڭ ئۇسلۇبى كېيىنكى ئوسمانلى مىنياتۇرلىرىدىن تېخىمۇ سۈپەتلىك چىققان. بۇ مىنياتۇرلاردىكى قاتار — قاتار فىگۈر تىزمىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ساخاۋەت كۆرۈنىشلىرىگە باغلىنىدۇ.(19)
ئۇيغۇرلار ئىنسانلارنى تىپقا ئايرىش، دەۋرىنى كۆرسىتىش ۋە پورترېتىنى يارىتىشتىن باشقا يەنە ئىلاھ تەسۋىرلىرىنىمۇ ياراتقان. بۇ ئىككى جەھەتتە خەنزۇ رەسىم سەنئىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىلادى 7- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا خۇتەنلىك رەسسام ۋىسا ئىراسانگا رەسىم سەنئىتىدىكى <<ئويما — قوپما ئۇسۇلى>>نى، سىترولۇق ھالەتنى رەسمىي پەن دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئۇ تەكلىپ بىلەن بېرىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن ۋە لوياڭدا 70 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، 700دىن ئارتۇق شاگىرىت تەربىيىلىگەن. <<ئوتتۇرا ئەسىر رەسسامچىلىقنىڭ پىشىۋاسى>> دەپ ئاتالغان ۋىسا ئىراسانگانىڭ بۇ ئۇسلۇبى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رەسسامچىلىقىدا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغاندىن سىرىت، يەنە چاۋشيەن ۋە ياپونىيىلەرگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.(20) فرانسىيىلىك مەشھۇر خەنزۇشۇناس ۋ. ئېبىرخارد تاڭ دەۋرى خەنزۇ رەسساملىقى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: <<ھەقىقەتەن رەسساملىق ساھەسىدە غەرپنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا- ئا) تەسىرىنىڭ نە قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالماسلىق مۇمكىن ئەمەس…. تاڭ دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر خەنزۇ راسسامى ۋۇداۋزې بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆرنەكلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا قالغان رەسسامدۇر.>>(21)
مىلادى 9- ئەسىردە ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۇسلۇبتا چوڭ ۋە ئاددى كومپوزىسىيۇنلار ئاساس قىلىنغان. مىلادى 9-13- ئەسىرلەردە ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى بېزەكلىك، تۇيۇق، سېڭگىم، مۇرتۇق، يارخوتۇ، شورچۇق، قۇمتۇرا، قىزىل ۋە دۇنخۇاڭدىكى مىڭ ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر بۇددىزم، مانىزم ۋە قىسمەن خرىستىئان رەسىم سەنئىتىنىڭ مەركەزلىرىگە ئايلانغانىدى. مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر ئۇسلۇبىنىڭ پارلاق مىراسلىرى مىلادى 13- ئەسىردە يېڭى ھاكىمىيەت قۇرغان موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە غەرپكە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئۆتكەن. لېكوكنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، بۇ ئۇسلۇبنىڭ تەسىرى كېيىن يەنە ھىندىستاندىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى.
شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، مىلادى 9-13- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتى ئىككى خىل ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرى، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى بۇددىزم ۋە مانىزمنى ئاساس قىلغان رەسىم سەنئىتى ئىدى. يەنە بىرى بولسا قاراخانىيلارنىڭ ئىسلام مۇھىتىدىكى رەسىم سەنئىتى ئىدى. قاراخانىيلاردىن بۇرۇن ئاشۇ رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن قارلۇقلارنىڭ (766 -840) سەنئىتىدە <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> سەنئىتىنىڭ ئىزنالىرى داۋاملاشقان. ئۇلار مىتال بويۇملار ئۈستىگە تۈركلەرنىڭ كوزمىك موتىفلىرىنى ۋە ئارسلان، قاپلان، ئەجدەرھا ۋە بۇغا تەسۋىرلىرىنى چۈشۈرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن چۇل ۋە سارىغتىن تېپىلغان قارلۇق بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تام رەسىملىرىدە تۈركەشلەر دەۋرىدە تەرەققىي قىلغان ئۇسلۇبقا قوشۇمچە قىلىنغان ھالدا ئۇيغۇر تەسىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.( 22) قارلۇقلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن قاراخانىيلاردا ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش چەكلەنگەنلىكتىن، فىگۈراتىف (تەسۋىرى) سەنئەتنىڭ دۇنياۋىي تەسۋىرلىرى بىر چەتكە تاشلىنىپ قالغان ياكى ئىنتايىن تار — كىچىك دائىرىگە چۈشۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئورنىغا دېكوراتسىيە ئاساسلىق سەنئەت تۈرىگە ئايلانغان. مىلادى 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تالاس ۋادىسىغا ئىسلامىيەتنىڭ تارقىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ تاراز شەھرىدىكى ئىسلام كۈلتۈرى چۇ ۋادىسى ۋە تەڭرىتېغى ئېتەكلىرىدىكى ئىسلامىي بولمىغان ئۇيغۇر موتىفلىرىنى تىز سۈرەتتە سىقىپ چىقارغان. تىز سۈرەتتە ئۆچۈرۈلۈپ تاشلانغان موتىفلەر ئاساسلىقى ئادەم رەسىملىرى ئىدى. ئەكسىچە ھايۋان تەسۋىرلىرى بۇ رايوندا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتى. ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ بۇ رايوندىكى موتىفلارغا كۆرسەتكەن يەنە بىر مۇھىم تەسىرى ئۆسۈملۈك موتىفلىرىنىڭ كۆپۈيىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن سوغدىلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇرلاردا تەلتۈكۈس تەرەققىي قىلغان رېئالست موتىفلەر ئۆچۈرۈلۈشكە، ئۇنىڭ ئورنىنى زىننەتلەش–بىزەش ئۇسۇلى ئىگىلەشكە باشلىدى. تەسۋىرلەر ئىچىدىن ئاستا — ئاستا سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان ھايۋان كۆرۈنىشلىرى قاچىلارنىڭ شەكىللىرىدە كۆرۈلىدىغان بولدى.(23)
بۇ ۋاقىتتا ئۆسۈملۈك موتىفلىرى بىلەن بىرگە ئىسلامىيەتنىڭ گېئومىتىرىيىلىك زىننەتچىلىكىنىڭىمۇ ئۇرۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى قولىمىزغا چۈشكەن بەزى ئەسەرلەردىن ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. ھەقىقەتەن، قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر دەۋرىنى تەشكىل قىلىدۇ. قەدىمكى تۈركىي قەۋملەر ئادەمنى ۋە ھايۋانلارنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە يەنە تەبىئەت جىسىملىرىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئەسەرلىرىدە ئۆسۈملۈك موتىفلىرىنى كۆپ قوللانغان. بۇ ئۆسۈملۈك موتىفلىرىنىڭ كۆپچىلىكى خەنزۇ تەسىرىدىكى زىننەتلەش تەرتىۋى ئىدى. گەرچە بۇ ئۇسلۇب خەنزۇ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەسەرلەردە قوللىنىلغان ئۆسۈملۈكلەر بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا تېپىلىدىغان ۋە تۈركىي قەۋملەر ناھايىتى ياقتۇرىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىدى. ئىسلام سەنئىتىنىڭ گېئومىتىرىيىلىك موتىفلىرىنى ياقتۇرمىغانلار ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆسۈملۈك بىلەن زىننەتلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆسۈملۈك ۋە گۈل موتىفلىرى خەنزۇ سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەمما، مىلادىدىن ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋرلەردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتىنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆسۈملۈك ۋە گۈل موتىفلىرى ھايۋانلارنىڭ تەسۋىرىدىن قالسىلا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان تەسۋىرلەش ئوبيېكتى ھېساپلىناتتى. جۇڭگودا ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەر كۆپ خىل ئۇسلۇپقا كىرگۈزۈلگەچكە، ئادەتتە ھەقىقىي ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قوياتتى. لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا تەبىئەت ئەينەن شەكىلدە قوبۇل قىلىناتتى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار تەبىئەتتە قانداق كۆرۈنسە، ئۇنىڭ تەسۋىرى شۇنداق يارىتىلاتتى. ئەلبەتتە بۇنىڭ بىر خىل سەنئەتلىك تەرىپى بار ئىدى. بۇ موتىفلار ئۇسلۇبقا ئىگە قىلىناتتى ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە بىر خىل روھ بىرىلەتتى. لېكىن، تەبىئەتنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئايرىلىش ئوتتۇرا ئاسىيالىق رەسساملارنىڭ تۇيغۇسىغا زادى ئۇيغۇن كەلمەيتتى.(24)
دېمەك، قاراخانىيلارنىڭ رەسىم سەنئىتىدە ئىسلامىيەت تەسىرى بىلەن 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتەك ئاساسىي ئۇسلۇب ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆسۈملۈك ۋە گېئومىتىرىيىلىك موتىفلاردىن تەركىپ تاپقان دېكوراتسىيە سەنئىتى ئىگىلىگەن. دېكوراتسىيە سەنئىتىدە ئاساسلىقى ئىشارەت–بەلگە ماھىيىتىدىكى ئېلېمىتلار قوللىنىلىپ، ئىدىئولوگىيىلىك مەۋقە يەنىمۇ ئېنىق ئىپادە قىلىنغان. بۇ سەنئەتتە لوتۇس (نىلۇپەر تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر) گۈلى ۋە ئۇنىڭ غۇنچىسى، تۆت بۇلۇڭ، كىرسېت بەلگىسى، سەككىز تەرەپ بەلگىسى ئوكتوگون قاتارلىق بۇددىزم سىمۋوللىرى (بەلگىلىرى) بىلەن بىرگە <<قۇرئان>>دىكى تەقۋادار مۇسۇلمانلارنىڭ نىيەت — ئىقبالىنىڭ سىمۋولى بولغان قەندىل ئىچىدىكى يۇلتۇز تەسۋىرى ئورۇن ئالاتتى. شۇنداق قىلىپ يۇلتۇز تەسۋىرى ئاي، ھىلال ئاي، <<كۈن — ئاي>> قاتارلىق قەدىمكى يۇرۇقلۇق سىمۋوللىرى بىلەن بىرلىكتە بايراق ۋە تەڭڭە پۇللاردىنمۇ ئۇرۇن ئالدى.(25) بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى رەسىم سەنئىتى، يەنى دېكوراتسىيە سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي سەنئەت قاراشلىرى، بۇددىزم تەركىپلىرى ۋە ئىسلامىيەت چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. لېكىن، قاراخانىيلاردا گېئومىتىرىيىلىك زىننەتلەر ئۆسۈملۈك موتىفلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى يوقاتقان. شۇڭلاشقا، بەزى رۇس ئالىملىرى قاراخانىيلارنىڭ بۇ تىپىتىكى موتىفلىرىنى<<ئۆسۈملۈك تۈسىدىكىگېئومىتىرىيىلىك سەنئەت>> دېگەن نام بىلەن ئاتىغان.(26)
ئاخىرىدا شۇنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقىلىپ كىرىشى بىلەن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش دەۋرى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئىسلامىيەتنىڭ ئەسلى روھىدا رەسساملىقنىڭ يەكلەنمىگەنلىكى مەلۇم. ئىسلامىيەتتە پەقەت چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياساشقا ۋە مۇقەددەس بىلىش مەقسىتىدە رەسىم سىزىشقا قارشى تۇرۇلغان. ئېستېتىك مەقسەتتە ماھارەت ۋە ئۇستاتلىقنى ئىپادە قىلغان، مىللەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنى سىمۋوللاشتۇرغان ھەر قانداق بىر سەنئەت تۈرىگە قارشى تۇرۇلمىغان. تارىختا بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتە مۇزىكا ۋە رەسىمنىڭ رەسمىي چەكلەنمىگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچىلىك پاكىتلار بار. <<سەھىھ بۇخارى>> دە ئۇچرايدىغان <<تويلىرىڭلارنى داپ چېلىپ خوشال ئۆتكۈزۈڭلار>> دېگەن ھەدىس موزىكى ھەققىدە يول كۆرسەتكەن. بۇخارى تىلغا ئالغان شۇ ۋەقە دىققەتنى تارتىدۇ: بىر كۈنى مۇھەممەد پەيغەمبەر ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇدۇلىدىكى پەردىدە بىر قۇشنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن. ئۇ ھەزرىتى ئائىشەگە <<ناماز ئوقۇغاندا پەردە ئالدىمغا ئۇچۇپ تۇرىدىكەن، بۇنى بۇ يەردىن ئېلىۋەت>> دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئائىشە ئۇ پەردىنى ياستۇق قىپى قىلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ بۇنىڭغا قارشى تۇرمىغان. مەككە تارىخىنى يازغان ئەزراكىنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، مۇھەممەد پەيغەمبەر مىلادى 629- يىلى 12- ئايدا مەككىگە كىرىپ كەبىنى زىيارەت قىلغان چاغدا، <<قولۇمنىڭ ئاستىدىكىدىن باشقا بارلىق رەسىملەرنى ئۆچىرىۋىتىڭلار>> دېگەن. بۇ رەسىم كىچىك ئەيسانى مەريەم ئانىنىڭ تىزىغا ئېلىپ ئولتۇرغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇ رەسىم خەلىپىلىك داۋاسىنى قىلغان ئابدۇللا بىننىزۇبەيىرىنىڭ ھىجرىيە 63- يىلى(684) كەبىگە يوشۇرۇنىۋېلىشى سەۋەبى بىلەن كەبىگە ئوت قويۇۋېتىلگەنگە قەدەر ساقلانغان. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەڭگە پۇلى يەنى ئاقچىسىنىڭ بىر يۈزىدە كەلىمە شاھادەت، يەنە بىر يۈزىدە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ رەسىمى بار ئىدى. سالاھىدىن ئەييۇبىنى بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن تەڭگە پۇللار بولغىنىدەك، ئارتۇقىيلار، ئاتابەك ۋە سەلچۇق ئاقچىلىرىدىمۇ رەسىملەر بار ئىدى. جالالىدىن رۇمىنىڭ نەققاش ئاينۇد دەۋلەگە ئۆزىنىڭ پورترېتىنى سىزىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى مەلۇم. ئەبۇ سەيد ئەبۇ خەيرى دادىسى ئۈچۈن بىر ساراي ياسىتىپ، ئۇنىڭ تاملىرىنى مەھمۇد غەزنەۋىىينىڭ پىللىك ئەسكەرلىرىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىزىگەن. تىمۇر سەمەرقەندتە <<باغى دىلقۇشا>> دېگەن بىر ساراي ياسىتىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا ئۇرۇش رەسىملىرىنى سىزدۇرغان. 13- ئەسىردىكى سەلچۇقلاردىن قالغان پەرىشتىلەرنى، ئەسكەرلەرنى ۋە ئوۋچىلارنى تەسۋىرلىگەن تام قاپارتمىلىرى دىققەتنى تارتىدۇ. ھەتتا دىۋرىگى ۋە سىۋاستىكى سەلجۇقلارغا ئائىت دارۇش شىفانىڭ ئىنساننىڭ باش سۈرىتى ئارقىلىق بىزەلگەنلىكى ئۇچرايدۇ. ئابباسىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە جانلانغان كىتاپ رەسساملىقىدا تۈركلەرنىڭ زور ئەمگىكى بار ئىدى. ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ سارىيىدا تۈرك نەسلىدىن بولغان نۇرغۇن كاتىپلار خىزمەت قىلغان. سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىق ئوسمانىيلار دۆلىتىدىمۇ خېلى مەزگىل داۋام قىلغان.فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد(1451-1481) سەنئەتكە ئەھمىيەت بىرىپ، بېللىنىنى ئىتالىيىدىن ئەكەلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ پورترېتىنى سىزدۇرغان. قانۇنى دەۋرىدە(1520-1566) قىزىقچى ناسۇھنىڭ سىزغان مىنياتۇرلىرى خېلىلا جانلىق يارىتىىلغان بولۇپ، كۈنىمىزگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. لېكىن ئوسمانىيلار كۈلتۈرىدىكى جانلىنىشنىڭ كادىزادىيلەر ھەرىكىتىدىكىگە ئوخشاش پات — پات مۇتەئەسسىپلىك سەۋەبى بىلەن توختىتىلماقچى بولغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت ئىدى. بۇ خىل مۇتەئەسسىپلىك ھەرىكىتى 17- ئەسىردە جامەلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق مۇنارلىرىنى يۇقىتىش ۋە مۇڭلۇق ئاۋازدا <<قۇرئان>> ئوقۇشنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشتەك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. شۇنداقتىمۇ تۈرك سەنئىتى ئەمەلىيەتچىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى يۈرگۈزۈلگەن دەۋرلەردە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىرىشكەن ئىدى. مىنياتۇر، كىتاپ بىزەكچىلىكى، مۇقاۋىچىلىق، خەتتاتلىق، گىلەمچىلىك، پالازچىلىق، شېئىر، كلاسسىك تۈرك مۇزىكىسى ۋە بەزى قول ھۈنەر سەنئىتى دىققەتنى تارتىدۇ. 1870-يىلىدىن كېيىن كونكېرىت ۋە چاغداش(زامانىۋىي) رەسساملىق پائالىيەتلىرى باشلانغان.(27)
ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئادەمنى ئاساس قىلىپ سىزىشتەك مۇھىم بىر ئۇسلۇبنىڭ يۇقىتىلىشى ياكى چەكلىنىشى ئىككى سەۋەپتىن بولغان ئىدى. بىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بەزى بايانلىرىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، تەسۋىرىي سەنئەتنى مۇھىم ئەقىدىلەر قاتارىغا قويغان بۇددىزم، مانىزىم ۋە خرېستىئان دىنىنىڭ ئورنىنى ئىسلامىيەتنىڭ ئېلىشى جەرىيانىدا رەسىم ۋە ھەيكەللەرمۇ بۇ دىنلارنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ تەۋھىد(بىر خۇدالىق) چۈشەنچىسىگە زىت ئەقىدىلىرى سۈپىتىدە كۆرۈلگەچكە، ئىسلام تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا شىددەتلىك ھالدا بۇزۇپ تاشلانغان. مۇقەددەسلەشتۈرۈش ۋە چوقۇنۇش مەقسىتىدە يارىتىلغان دىنىي مەزمۇندىكى رەسىم ۋە ھەيكەللەر يۇقىتىشقا تىگىشلىك ئەسەرلەر دەپ قارىلىپ ئەنە شۇنداق شەكىلدە ۋەيران قىلىنىۋاتقاندا، دۇنياۋىي تېمىلاردىكى ۋە ئېستېتىكىلق مەقسەتتىكى ئەسەرلەرمۇ ئەسلىدە دىندىن خالى مەزمۇندا بولغىنىغا قارىماي، دىنىي سورۇنلاردا ئاشۇ رەسىم ۋە ھەيكەللەر بىلەن بىر يەردە ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارمۇ تارىخىي ۋە مىللىيلىك ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنماستىن تەقىپكە ئۇچرىغان. يەنە بىرى، ئوسمانىيلاردىمۇ كۆرۈلگىنىدەك، ئىسلامىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە تارىخىنى بىلىشتىن يىراق تۇرۇپ مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنى ھاسىل قىلغان بەزى جامائەتلەر بۇ سەنئەت تارماقلىرىنى كۇفىرلىق دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بار كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئەتتىكى مۇھىم بىر ئېقىم بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىشقا باشلىغان. لېكىن، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى مىللىي زوقنىڭ مۇھىم بىر ساھەسىنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن بۇ ساھە بەزى سەنئەتكارلارنىڭ خۇسۇسىي پائالىيىتى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىرىشكەن ئىدى. بۇنىڭغا قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپ بىر قاپارتما رەسىمنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇخارادا ئاجايىپ بىر تۇنچ قازان تېپىلغان. ئۇ مىس ھەم كۆمۈش بىلەن نەقىشلەنگەن. 1163 – يىلى 12- ئايدا ھېراتنىڭ سۇ بۇياق رەسسامى مەسئۇت ئىبنى مەھمۇد بىلەن قۇيمىچى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ياسىغان بۇ كىچىك قازانغا تەختتە ئولتۇرغان خان، ئويۇن ئويناش، شىكارغا چىقىش، ئۇسسۇل ئويناشقا ئوخشاش كۆرۈنىشلەر ئويۇلغان.(28) بۇنداق دىندىن خالى رەسىملەر ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدا ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇددا مۇھىتىدىن غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ مىنياتۇر ئەسەرلىرىدىمۇ كۆپ ئىشلەنگەن ئىدى. بۇ خىل موتىف غەربىي ئاسىيا رەسىم سەنئىتىنىڭ مۇھىم بىر مەنبەسىگە ئايلانغان ئىدى.

بىبلىئوگرافىيە:
(1) ئا.جافەرئوغلۇ: <<تۈرك تىلى تارىخى>>، تۈركچە، 2- قىسىم، 198-،218 – بەتلەر، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
(2) ياشار چورۇھلۇ: <<دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى>>، تۈركچە ،67 – ،68- بەتلەر،1998- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(3) ئە. مەمىش: <<قەدىمكى دەۋردە تۈركلەر>>، تۈركچە، 44-بەت، 2002- يىلى، كونيا، چىزگى نەشرىياتى. ياشار بەدىرخان: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى ۋە كۈلتۈرى>>، تۈركچە، 18- بەت، 2004- يىلى، كونيا، مائارىپ نەشرىياتى. ر.گروسسېت: <<بوزقىر ئىمپېرىيىسى>>، تۈركچە، 31- بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(4) ب. ئۆگەل: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 56 – بەت، 2003- يىلى، ئەنقەرە ، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
ياشار چورۇھلۇ: <<دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى>>، تۈركچە، 73-بەت.
(5) ۋ. ئېبېرخارد: <<چىن تارىخى>>، تۈركچە، 69-بەت، 1995- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(6) ياشار چورۇھلۇ:<<دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى>>، تۈركچە، 76- ،77- ،78- ،79- ،80-، 81- بەتلەر.
(7) <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<تۈركلەر>>ماددىسى)، تۈركچە، 12 – توم، 2- قىسىم، 257- بەت، 1988- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: <<تۈرك مىللىي كۈلتۈرى>>، تۈركچە، 340- ،341- بەتلەر، 2004- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(8) ب.ئۆگەل: <<تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى>>، تۈركچە،1- توم،12 – بەت، 1971- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. ئانىل چەچەن: <<تۈرك دۆلەتلىرى>>، تۈركچە، 66- بەت،2007- يىلى، ئەنقەرە، فارك نەشرىياتى.
(9) <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<تۈركلەر>> ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم، 2-قىسىم، 257- بەت. ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: <<تۈرك مىللىي كۈلتۈرى>>، تۈركچە،341 -بەت. لى يەنشۇ: <<شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى>>، ئۇيغۇرچە، 535- بەت، 2002-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. <<غەربىي يۇرت تارىخى ماتىرىياللىرى>> (<<سۈينامە>>)، ئۇيغۇرچە، 888- بەت، 2004-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ياشار چورۇھلۇ: <<دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى>> ، تۈركچە، 88 – بەت.
(10) ب. ئۆگەل: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 357- ، 358 -، 359- بەتلەر.
(11) ب.ئۆگەل: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 360- بەت.
(12) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<ئۇيغۇر سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 138- بەت، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(13) ئانىل چەچەن: << تۈرك دۆلەتلىرى>>، تۈركچە، 169- بەت .
(14) ياشار چورۇھلۇ: <<تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا خەتلىرى>>، تۈركچە، 148- بەت، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالچى نەشرىياتى.
(15) ئوكتاي ئاسلانئاپا: <<تۈرك سەنئىتى>>، تۈركچە، 1- توم ،14- 15- بەتلەر، 1984- يىلى ، ئىستانبۇل ، كارۋان نەشرىياتى.
(16) ياشار چورۇھلۇ: <<دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى>>، تۈركچە، 121-،122- بەتلەر.
(17) <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<تۇرپان>> ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم،2- قىسىم، 117-بەت.
(18) ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان: <<ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش>>، تۈركچە، 90- بەت، 1981- يىلى، ئەندەرۇن نەشرىياتى.
(19) <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<تۈرك سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم،2- قىسىم، 655-، 656- بەتلەر.
(20) ئابلىز مۇھەممەد سايرامى: <<سۈي–تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى>>، ئۇيغۇرچە، 122-،123 – بەتلەر،1993 – يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى. گېڭ شىمىن :‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر دەرسلىكى››، خەنزۇچە، 5-بەت، 2009-يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(21) ۋ. ئېبىرخارد: <<چىن تارىخى>>، تۈركچە، 222-، 223- بەتلەر.
(22) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<قارلۇق سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە، 21- توم، 350-،351- بەتلەر، 1974- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(23) ب.ئۆگەل: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 306- بەت.
(24) ب.ئۆگەل: <<تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى>> ، تۈركچە،1-توم، 139- ، 140- بەتلەر.
(25) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<قاراخانىيلار سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە ،21- توم،282 – بەت، 1974 – يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(26) ب. ئۆگەل: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 314-بەت.
(27) ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچى : <<كۈلتۈر تارىخىمىزدا دىن>>، <<بەللەتەن>>، تۈركچە، 1990-يىل، 210-سان، 795-796- بەتلەر.
(28) ب.گ. غاپۇرۇف: <<تاجىكلار تارىخى>>، ئۇيغۇرچە، 2- توم، 123-بەت، 1988- يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.
داۋامى بار

(شىنجاڭ سەنئىتى 2011-يىلى 2- سان)