قىممەت ۋە ھىممەت

يالقۇن رۇزى

شىۋولدىكى رازىخان

2001- يىلى 12- مارت چۈشتىن بۇرۇن. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىغا قاراشلىق بىر نامرات يېزا. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىپ تۇراتتى. ئەتىياز بىلەن قىش ئارلىقىدا بولىدىغان مۇزدەك سوغۇق بەدەننى ھېلىدىن –ھېلىغا جۇغ –جۇغ قىلاتتى. چاڭ باسقان يۇپۇرماقسىز دەل – دەرەخلەر شۈمشىيىپ تۇراتتى. شاخ – شۇمبىلار بىلەن قوشامداپ سېلىنغان ئاددىي ئۆيلەر بەكمۇ غېرىبانە كۆرۈنەتتى. ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان مەنزىرلەر بىلەن تولغانىدى. قۇرۇق تېمىمۇ يوق، ھەممە يېرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر مەكتەپنىڭ ھويلىسىدا مۇزدەك سوغۇقتا، كىيىملىرى يېلىڭ بىر مەسۇمە قىز مۇخبىرلار ئالدىدا نىمجان كەپتەردەك دىرىلدەپ تىترەپ تۇراتتى. بۇ مەسۇمە قىزنىڭ ئىسمى رازىخان ئىدى. ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرىكى شامدەك ئېرىمەي قالمايتتى. ئۇنىڭ ھىكايىسى تۇلىمۇ قىسقا ، ئەمما بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە غەلىتە بۇلۇپ، ئەقلىگە پەقەت سىغمايتتى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئاشۇ بىچارە قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى ھەم ئۇنىڭ مۇخبىرلار ئالدىدا دىرىلداپ تىترەپ تۇرغان ھالىتى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە ئىدى. مەن ئۇنى پات – پات ئەسلەيتتىم. ئۈرۈمچىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك ھايات قارشىنى شەكىللەندۈرۈش، توغرا قىممەت قارشىنى تۇرغۇزۇش تېمىلىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مىسال كەلتۈرەتتىم. رازىخاننىڭ ھىكايىسى مەن 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ خەۋەر ئىدى. مەن رازىخاننى كۆرگەندە 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمىزغا 71 كۈن بولغانىدى. كېلەچەككە ھەر دائىم ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان روھىي ھالىتىم 21-ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمزغا ھارپىسىدا تېخىمۇ ئۈمىدكە تولغانىدى. ماڭا نىسبەتەن 21 – ئەسىرنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن تەكڭ قۇچاق ئېچىشى مۇمكىن بولغان بىرەر پارلاق مەنزىرىدىن دېرەك يوق بولسىمۇ، ۋۇجۇدۇمدا كۆرۈلگەن بۇ پىسخىكىلىق ھالەت كالىنداردىكى «چوڭ سەكرەش » بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەبئىي ھاياجان ئىدى. مەن 21 – ئەسىرگە قەدەم قۇيۇشنى كالىندارچىلىق جەھەتتىكى ئەھمىيىتىدىن تاشقىرى چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم. 21-ئەسىرگە قەدەم قۇيۇش ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى بىر ئەسىر ئالمىشىش ئەمەس ، بەلكى مىڭ يىلدا بىر ئۆزگىرىدىغان ئېرا ئالمىشىش ئىدى. بىر ئېرادىن يەنە بىر ئېراغا قەدەم قۇيۇش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ بىر ئىش ھىسابلىناتتى. ئەنە شۇنداق چوڭ ئېراغا ئاتلىغاندىن كىيىن قەلبىمنى لەرزىگە سالغان چوڭ خەۋەر – ئاشۇ مەسۇمە قىز رازىخاننىڭ ھىكايىسى بولغانىدى.

بۇ يىل، يەنى 2010 – يىلنىڭ باشلىرى بىر كۈنى كەچتە ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ، تىزگىنەك بىلەن تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 – يۈرۈش قانىلىدا دىكتور ماھىنۇر ئەخمەتنىڭ نەق مەيدان خەۋرى كۆرسىتىلىپ قالدى. دىكتور ئاپتىنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىللىق يىغىنى بىلەن سىياسى كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى نەق مەيداندىن ئاڭلىتۋاتاتتى. دىكتور ماھىنۇر ئەخمەت ئارلىقتا بۇ قېتىمقى « ئىككى يىغىن » دا « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇئان قەلب ئالبومىمدا رازىخاننىڭ سوغۇقتا، يېلىڭ كىيىملىرى بىلەن مۇخبىرلار ئالدىدا دىرىلداپ تۇرغان ھالىتى ئەكس ئەتتى. ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بالدۇراق ئاشقان بولسا، بۇ قارار نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇلاتتىدە، بەخىتسىز قىزچاق رازىخاننىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى يۈز بەرمىگەن بۇلاتتى. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاشمىغان ئەھۋالدا بۇنداق قارارنى چىقىرىشقا ھەقىقەتەن ئىمكانىيەت يار بەرمەيتتى. بۇ تەرىپىنى چۈشىنىشكە بۇلاتتى. يۈز بەرگىنىگە ئون يىل بولغان بۇ ھىكايىنى بىز 2001 – يىلى مارتتا كېرىيە ناھىيىسىدە ئاڭلىغانىدۇق. بىز دېگىنىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىدىن تەشكىنلەنگەن دەرىسلىك كىتابلارنىڭ ئوقۇغۇچى بېشىغا ئەمەلىيىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئون كىشى ئىدى. بۇ گۇرۇپپىنى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم تەشكىللىگەن بۇلۇپ، گۇرۇپپىنىڭ مەقسىتى خۇتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلارنى سېتىۋېلىشى قىيىن بۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ مەركەزگە يوللاش، شۇ ئارقىلىق مەركەزنىڭ سىياسەت ۋە تەدبىر بەلگىللىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بۇلۇش ئىدى. بۇ تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىلىك بوپقالسا، تالاي نامرات ئاتا – ئانىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يەڭگىللىگەن بۇلاتتى. ئابدۇرازاق سايىم پۇقراغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنىڭ كويىدىلا يۈرىيدىغان ئىسىل خىزمەت ئىستىلىغا ئىگە بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىگەنىدى. بۇگۇرۇپپىدا ئابدۇرازاق سايىم بىلەن مەندىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازرارىتىدىن ئىلھام، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دىكتورلىرىدىن گۈلشەن ئابدۇرېھىم، مۇنىرە غۇپۇر، مەمتىلى ئابلىز، مۇخبىر ئەنۋەر رۇزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىدىن روشەن ، ئىبراھىملار بار ئىدى. مەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ سۆز تېكىستىنى يېزىشقا مەسئۇل ئىدىم. بىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ۋىلايىتى تەۋەسىگە قەدەم قويدۇق. خۇتەن تەۋەسىدە كۈندە دېگۈدەك توپا يېغىۋاتقان ، ھاۋا سوغۇق كۈنلەر ئىدى. بىز نىيا ناھىيىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، كېرىيە يىتىپ بارغان كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كېرىيە ھاكىمى مەتسەيدى خۇدا بەردى بىزگە كېرىيىنىڭ شىۋول يېزىسىدا يۈز بەرگەن دەرسلىك كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر پاجىئەلىك ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى. مەتسەيدى ھاكىمنىڭ دىيىشىە، شىۋول يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر جۈپ ئاكا – سىڭىل بۇلۇپ، ئاكىسى 13 ياشتا، سىڭلىسى 11 ياشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ قۇلى قىسقا ئاتا – ئانىسى تېرىپ – تۆشەپ يىغقان پۇلىنى ئىككى بالىسىنىڭ دەرسلىك كىتاب پۇلىغا تكلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاكا – سىڭىل ئىككىسىگە 20يۈەندىن جەمئىي 40 يۈەن كېمىيىپ قاپتۇ. دەرسلىك كىتابنىڭ پۇلىنى شىنخۇا كىتانخانىسىغا تاپشۇرىدىغان قەرەل توشۇپ كەتكەچكە، مەكتەپ بۇ ئىككيلەندىن قالغان 40 يۈەننى تىزراق تۆلىۋېتىشنى سۈيلەپتۇ. ئاكا – سىڭىل ئىككەيلەن ئەھۋالنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتقاندىن كىيىن، دادىسى نائىلاج ، ئۈچ ئۇرۇق تۇخىسىنى سېتىپ 20 يۈەن راسلەپ، ئىككى بالىسىغا 10 يۈەندىن تۇتقۇزۇپ، مۇشۇنى بولسىمۇ تۆلەپ تۇرۇڭلار، دەپتۇ. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىقۇۋۇللۇقىنى چۈشىنىدىغان بالىلارنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىشقا تىلى بارماپتۇ. نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك 13 ياشلىق ئوغۇل باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەنە خىجالەتچىلىك تارتىشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ قۇلىدىكى 10 يۈەننى سىڭلىسىغا ئۆتۈنۈپ بىرىپ، سەن قەرزىڭنى تۆلىۋەتكىن، مەن بىر ئامال قىلىمەن، دەپ سىڭلىسىنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ قۇيۇپ، ئۆزى مەھەللىنىڭ سىرتىغا كېتىپتۇ. كەچتە ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ جەسىتىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىلۋالغان يېرىدىن تېپىپتۇ. تاماق شىرەسىدە ئولتۇرۇپ بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان ھەممىمىزنىڭ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى، 20 يۈەن پۇلنىڭ كەم بوپقالغانلىق سەۋەبىدىن 13ياشلىق بىر نوتا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. جاپاكەش دېھقاننىڭ ئۈمىدىنى يەلكىسىگە يۈكلىگەن بىر ساغلام سەھرا بالىسى قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەنىدى. ھەرخىل ئۇيۇننى ئويناپ مەيدانلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈشكە ، ۋېلىسپىتنى مىنىپ يېزا يوللىرىدا قۇيۇنداك چېپىپ ئويناشقا، مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن «بىز بەختىلىك ئەۋلاد» دېگەن ناخشىنى جاراڭلىق ئېيتىشقا، ئاتا- ئانىسىنىڭ
بوينىغا ئېسلىپ شادلىق ئىلكىدە ئۇلارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە ھەقلىق بىر ئۆسمۈر بوينىغا ئارغامچا سېلىپ ، توپا يىغىپ تۇرغان بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقانىدى. مەن سەپەرگە چىقشنىڭ ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا مەكتەپنىڭ « بىر تەشتەكتىن گۈل ئەكىلىش » تاپشۇرقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ يېنىدىكى گۈل بازىرىدىن 20 يۈەنگە بىر تەشتەك گۈل ئېلىپ بەرگەنىدىم. خىيالىمدا ئادەتتىكى بىلەن ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىر سەبىي بالا بىر – بىرىگە روبىرو تۇراتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 12- مارت ئەتىگەندە شىۋول يېزىسىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاشۇ بىچارە ئوغۇل ئوقۇغان مەكتەپنى كۆرۈش ، ئەھۋالنى ئىنىق ئۇقۇش، ئۆلۈۋالغان ئوغۇلنىڭ سىڭلىسىنى يوقلاش ئىدى. گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزا بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ راستلىقىغا ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار ھېلىدىن – ھېلىغا باشلىرىنى چايقايتتى. ماشىنىلار كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ بىر يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن شىۋول يېزىسغا يىتىپ كەلدى. مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە قارىساق چوڭ يىغىن ئېچىلۋاتقانىكەن. بىر نەچچە ئېغىزلىق ئاددىي سىنىپ بىناسىنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق مەيداندا ئاتا – ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار زوڭ ئولتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش » توغرىسىدىكى سكزىنى ئاڭلاۋاتقانىكەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى سىنىپ بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە قۇيۇپ قۇيۇلغان كانايدىن ياڭراپ تۇراتتى. ھاۋا چاڭ ھەم سوغۇق ئىدى. بىز بارغاندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى سۆزدىن توختاپ ھەممىمىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇ ئارىدا دىكتور مۇنىرە غۇپۇر ھېلىقى قىزنى تېپىپ، يانغا تارتىپ پاراڭلىشۋېتىپتۇ. مۇخبىر ئەنۋەر رۇزى تېلكامىراغا ئېلىۋېتىپتۇ. سوغۇق ھاۋادا يېلىڭ كىيىنىۋالغان قىزچاق نىمجان كەپتەردەك دىرىلدەپ تىترەپ، بۇ ناتۇنۇش، ئەمما مېھرى ئوتلۇق مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا قورۇنۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا جاۋاپ بېرىۋېتىپتۇ. مۇنىۋە غۇپۇرنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ ئۆزىنى تۇتالماي قاپتۇ. بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان پاجىئەلىك ھىكايىنىڭ بىر ئاساسلىق پىرسوناژى بولغان قىزچاق تولا يىغلاپ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ كەتكەنمۇ ياكى گۆدەكلىكىدىن بۇ پاجىئەنىڭ تىرگىدىيىلىك قىممىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمىدىمۇ، ئەيتاۋۇر كۆزىدە بىر تامچىمۇ ياش يوق ئىدى. ئەمما سوغۇقتىن توختىماي تىترەيتتى. مۇنىرە غۇپۇر ئۇنى ۋۇجۇدى بىلەن بولسىمۇ ئىسىتىش ئۈچۈن باغرىغا بېسىپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا مەكتەپ مۇدىرى يىغىن ئەھلىگە بۈيۈك يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىزى، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى دىرىكتورى گۈلشەن ئابدۇرېھىمنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن 2000يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. زوڭ ئولتۇرۇپ يىغىن تىڭشاۋاتقان ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشتى. ئارقىدىن گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىئانە قىلشتى. مۇنىرە غۇپۇر رازىخان ئىسىملىك ھېلىقى قىزنى يىتىلەپ كېلىپ، گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەنگە تۇنۇشتۇردى. قىزنىڭ گويا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھالىتى قەلبىمىزگە ئورناپ كەتتى. قىزچاق چەمبەر شەكىلدە چۆرىدەپ قاراپ تۇرغان ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا توپىلىق مەيداندىن ئۈنۈپ چىقىپ قالغان يېپىنچا ئۆسۈملىكتەك ئۈن – تىنسىز تۇراتتى. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىۋاتاتتى. ئاسمانمۇ توپا، يەرمۇ توپا ئىدى. ئاسمان بىلەنيەرنىڭ ئوتتۇرىسدا قاپقارا قىسمەتنىڭ ئىلىكىدە 11 ياشلىق رازىخان بۇ دۇنياغا قۇيۇلغان سۇئال بەلگىسىدەك شۈمشىيىپ تۇراتتى. كۆزلەر نەملەشكەنىدى. ھېچكىم ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. بىز شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن خوتەن شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق. كەچتە يازغۇچى نۇرىمۇھەممەت توختى، شائىر رۇزى سايىت ( 2011.9.8-1943) ۋە بىر قىسىم دوختۇر ئاغىنىلەر بىلەن «خوتەن مىھمانخانىسى » نىڭ ئايرىمخانىسىدا غىزالانغاچ پاراڭلاشتۇق. يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى بىلەن شائىر رۇزى سايىت پاراڭ ئارلىقىدا مەندىن ئۈرۈمچىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە سوراپ قالدى. مەن يېڭى ئەسىرگە قادەم قويغاندىن بۇيان ئۇچراتقان ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە شىۋولدىكى رازىخاننىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم. سورۇندىكىلەر ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلاندى. ئىرادىسى قاتتىق، ئەمما كۆڭلى يۇمشاق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. خەلقچىل شائىر رۇزى سايىت « بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. يىغىغا ئەگىشىپ يۆتىلىمۇ تۇتتى. ئۇ ئۇزۇنغىچە يۆتەلدى. ..»

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ 2001 – يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان « شائىرغا كىسەل تەگكەن كۈنلەردە » ناملىق خاتىرىسىدە« خوتەن مىھمانخانىسى » نىڭ ئايرىم خانىسىدىكى سۆھبەت ئەھۋالىنى قىستۇرۇپ يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ پاجىئەلىك ھىكايىدىن ئەڭ دەسلەپ خەۋەردار قىلدى. بىز بىر ئايغا يېقىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ « ئىچكى ماتېريال » سۈپىتىدە ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەركەزدىكى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزدۇق. شىۋولدىكى رزىخاننىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى ھۆججەتلىك فىلىمدىن تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرىلدى. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ خاتىمىسدە پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىتىكى نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق. بۇ مەسىلىنى قايەرلەردىن، يەنە كىملەر، قانداق يوللار بىلەن ئىنكاس قىلىپ، ئىلتىماس قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن بىخەۋەر. ئەمما، شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشلەپ يۇقىرىغا يوللىغان ھۆججەتلىك فىلىم بەكمۇ تەسىرلىك، ئەمىلىي ھەم جانلىق ئىدى. كۆرگەن ھەر قانداق رەھبەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىماي قالمايتتى. بىزنى خۇشھال قىلغىنى شۇكى، بىر يىلدىن كىيىن، يەنى 2002 – يىل 15 – سىنتەبىردىكى « شىنجاڭ گېزىتى «200مىڭ نامرات ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ » دېگەن خەۋەر بېسىلدى. دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بۇلىدىغان ئوبىكىتلار خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى 200 مىڭ نامرات ئوقۇغۇچى ئىدى. بىز ئىشلەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللىغان « ئىچكى ماتېرىيال » نىڭ بۇ خۇشھاللىنارلىق خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇناسىۋىتى يوق دېگىلى بولمايتتتى. بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ خىزمىتى، تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىگەنىدى. بۇ خىزمەتتە ئابدۇرازاق سايىم ئالاھىدە رول ئوينىغاندىى. ئۇ، بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىمەي، ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىرىدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىمۇ بولىۋېرەتتى. لېكىن، خەلق ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى ئىزدىنىپ يۈرۈپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن بۇ كادىر بىر قىسىم نانقېپى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان. ئىزدىنىپ ئىشلەش ئادىتى يوق كادىرلاغا پەقەت ئوخشىمايتتى. ئۇ قايسى ئورۇندا ئىشلىسە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغۇدەك خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغانىدى. ئابدۇرازاق سايىم 1996- يىلى دېكابىردا ئاقسۇ ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيىلىك پارتىكومغا مۇئاۋىن شۇجىلىققا تەيىنلەپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا چۈشكەن مەزگىلدە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ يەر –جاي ناملىرى ئىلمىي نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقىشغا تۆھپە قوشقان. يەنى، بۇ ناھىيىنىڭ شۇ يىللاردىكى « كونا شەھەر » دېگەن نامىنى تارىختىكى ئەسلىي ئاتىلىشى بۇيىچە « ئونسۇ» دەپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەمۇرىيەت ۋە قانۇن تەرتىپى بۇيىچە زېرىكمەي يول مېڭىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. كۆرىمىزكى، بىر قىسىم كادىرلار خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشىنمەي ئىمتىياز دەپ چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان « چاكار » لىق بۇر چىنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ. مەن بۇنداق مەسئۇليەتسىز كادىرلارغا ئەزەلدىن ئۆچ. ئۇلار ھوقۇقنى مۇلازىمەت دەپ ئەمەس، ماختىنىدىغان مەنسەپ دەپ چۈشىنىدىغانلاردۇر. بۇنداق كادىرلاردىن مەنلا ئەمەس پارتىيە، ھۆكمەتمۇ، ئاۋام خەلقمۇ بىزار. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇىچلارنى دەرسلىك كىتابلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش توغرىسىدىكى سىياسەتنىڭ قارار قىلىنىشىدا، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مۇۋاپىق يول بىلەن يەتكۈزۈپ كەلگەن كادىرلار تۆھپىسى گەۋدىلىك ئىدى. ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئەمەس، خوتۇن – بالىلىرى ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتنىڭلا كويىدا ئىدى. شۇڭا، كادىرلار ساپاسى مەسلىسى ھازىر ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە بوپقالدى.

« مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بۈەۈنكى كۈندە 20 يۈەن كىتاب پۇلىنى تەييارلىيالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان بەخىتسىز قىز رازىخان ئاللىقاچان 20 ياشتىن ئاشتى. ئۇنىڭ تەقدىر – قىسمىتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ. ئەمما، ئۇنىڭ بالىسى مەكتەپتە ئوقۇسا، چوقۇم دەرسلىكنى سېتىۋېلىش يۈكىدىن خالىي ھالدا ئوقۇيدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ غەم -غۇسىسىز چوڭ بولىدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە.

زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ

يېقىنقى يىللاردا شېئىر – قوشاقلاردا، سەھنە – ئېكرانلاردا « ئانىلار ئۇلۇغ » ، « جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا » ،« ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ » دېگەنەە ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سكزلىرى خېلى كەڭ ئۇمۇملىشىپ قالدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كىشىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىستىمال قىلىدىغان بولدى. كىشىلەر ئانىلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارىقۇيۇق ئۇلۇغلايدۇ ؟ مېنىڭچە ، ئۇلار ئۇمۇمەن مۇنداق قارايدۇ :« ئانىلار توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغىدۇ ؛ يەنە بالا ئېمىتىدۇ، بالىنى پەرۋىشلەپ چوڭ قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈۈن ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار ئۇللۇغلاشقا تىگىشلىك ئىنسانلار !»

بىرىنچى، ئانىلار ئۇلۇغ بولسا ، دادىلار ئۇلۇغ ئەمەسمىكەن ؟ شۇبھىسىزكى، بۇ بىر ئۇرۇنسىز تالاش – تارتىشنى پەيدا قىلىشتۇر. بىلىش لازىمكى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە ئىگە بۇلۇپ، ئەرلىرى ئۇنىڭ ئەكىسچە بۇلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس. ئۇلۇغلۇق ئادەمنىڭ جىنسى، يېشى، نەسەبى، مىللىتى ئاساس قىلىنىپ ئايرىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. شۇنىڭدەك، ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قانداقتۇر « ئۇچار قاناتلاردىن جان – جانىۋارلارغىچە بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلىقلارغا ئورتاق بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلىقلارغا ئورتاق بولغان تۇغۇش، بېقىش، ھىمايىسىگە ئېلىش، ئاسىراش – پەرۋىش قىلىشتەك جەريان بىلەنلا چەكلەنسە كۇپايىلىنەمەيدۇ. » ئانىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ ئانىلار بار، دادىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ دادىلار بار. ھەرەىزمۇ ئۇلارنىڭ « ھەممىسى ئۇلۇغ » ئەمەس ! ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ ئاجايىپ پاساھەتلىك مىسرالارنى تۈزگەن ، ئانىلارنى مەدىھىيىلەپ ناخشا – قوشاقلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، بىز بۇنداق ھاياجانلىق ھىسىياتنىڭ قانداق ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىشى لازىملىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق « بالا تۇغۇش » بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى ئۇلۇغ ئىدىيىنى، ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش بىلەن خارەكتېرىلىنىدۇ. ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانا قىيىن تاللاشلارغا توغرا كەلگەندە توغرا يول تاپالايدىغان ئەقىل – پاراسىتى بىلەن، ئەۋلادلىرىنىڭ بەخىت – سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان جەڭگىۋار روھى بىلەن، كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋە قايىل قىلىدىغان پاكلىقى بىلەن ، ھۆسنىگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى بىلەن ، يىمىرىلمەس قورغاندەك ئېتىقادى بىلەن ئۇلۇغ بولىدۇ. بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا، مەيلى ئەر ، مەيلى ئايال، مەيلى دادا، مەيلى ئانىغا نىسبەتەن بولسۇن ، « ئۇلۇغ » لۇقنىڭ ئەڭ ئالىي شەرتى -خەلقچىللىق ؛ قانچىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئادەم بولسا، شۇنچە ئۇلۇغ بولىدۇ. .. مۇشۇنداق شەرتنى ھازىرلىغان ئانا ئەمەس، بەلكى ئىنىكئانا بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر ئانىلار قارىغۇلارچە ھالدا ئۇلۇغلانسا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى « بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش » قا باغلاپ قۇيۇلسا، ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاپ، ئۆزىگە قويىدىغان تەلىپى تۆۋەنلەپ، بىخۇدلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. چۈنكى ، ئانىلارنىڭ بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمايدىغان مەسئۇلىيىتى – ئائىلە ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر، دۇرۇس تەربىيە بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان ياراملىق ئىز باسارلارغا، ئانا ۋەتەننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالىدىغان، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەزمەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بالزاكنىڭ « مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قۇلىدا » دېگەن مەشھۇر سۆزى دەل ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىشى ياكى ئادا قىلالماسلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان.

ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا ئكلچەم ھىسابلىنىدىغان يۇقىرقى شەرت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ « ئۇلۇغ » دېگەن سۈپەتنى پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىكى ئانىغا ئاتا قىلىۋېرىش -بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىنىڭ مۈجمەللەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر ئانىلار قارىقۇيۇق ئۇلۇغلىنىپ، ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا مەدىھىيە ئوقۇلىۋەرسە ، ئانىلا ئارىسىدىكى ئۆز – ئۆزىنى تۇنۇش ئېڭى تېخى يىتەرلىك ئويغانمىغان مىليونلىغان نادان ئانا خاتا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئائىلىدە ئەرلىرى بىلەن مەرتىۋە ۋە باراۋەرلىك دەۋاسى قىلىدىغان ئاقىۋەت ئۇلغىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا « ئەر ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر » دېگەن قانۇن تەشۋىقاتىنى خاتا چۈشىنىپ، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەممە ئىشتا تەتبىقلاشقا ئۇرۇنۇش خاھىشى قۇشۇلسا، « ئائىلە » دىن ئىبارەت ئىمارەتكە ئىچىدىن دەز كېتىشكە باشلايدۇ. ئېنىقكى، بىر ئائىلىدىكى بارلىق ئەزا ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇق، ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت « قانۇنىيەت » تىن ئىبارەت مۇقەددەس مىزان ئۈستىگە قۇرۇلغان. « قانۇن » بىلەن « قانۇنىيەت » ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئاۋۋال قانۇنىيەتنىڭ مىزانىغا بويسۇنۇش، ئاندىن قانۇننىڭ نىزامىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك. ھەر قانداق ئائىلىدە بۇ خىل « قانۇنىيەت ئېڭى » ئاجىزلاپ، « قانۇن ئېڭى » كۈچىيىپ كېتىدىكەن، ئۇنداق ئائىلە رىقابەتلىشىۋاتقان رەقىبلەر سورۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغان سالاھىيىتىنى ئېنىق تونۇسا، يەنە دادا دادىلىق، ئانا ئانىلىق، ئەر ئەرلىك، ئايال ئاياللىق، بالا بالىلىق سالاھىيىتىنى ئېنىق تونۇسا ۋە شۇ ئاساستا مەجبۇرىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلسا، بۇنداق ئائىلە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر جەمئىيەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرىدۇ.

« زامانىۋىلىشىش » نى يېتەكچى شۇئار قىلغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ئىنسان تەبئىتىگە يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىش، ئەر بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق كۈنسايىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. « ئەركىنلىك » ، « باراۋەرلىك » شۇئارى ئاستىدا ئەرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ « ئائىلە » دىن ئىبارەت ئىلىق ئۇۋىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆزىنى سىرتقا ئېتىۋاتقان ئاياللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. … مۇشۇنداق نامۇۋاپىق يۈزلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا. ئائىلە نىزامى جەھەتتە ئەركىنلەشكەن ئائىلىلەر ناھايىتى مۈشكۈل ئەخلاق كىرىزىسىگە پاتماقتا. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قان كېچىپ قۇربان بېرىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئەركىنلىك بار، شۇنداقلا يەنە ئالىقىنىڭدا تۇرسىمۇ، ئىككىلەنمەي چۆرۈپ تاشلىۋەتسە بولىدىغان ئەركىنلىكمۇ بار ! شۇڭا ، « ئەركىنلىك » مەسىلىسىنى ئائىلىگە تەتبىقلىغاندا، باشقىچە ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. مېنىڭچە، ئەركىنلىكنى ئەمەس، « مەجبۇرىيەت » نى شۇئار قىلغان ئائىلە – پالاكەتچىلىكتىن يىراق ئائىلىدۇر.

ئىككىنچى، ئانىلارنى قارىقۇيۇق ئۇلۇغلاش ھادىسىسى -ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك، ھەتتا ھاقارەت بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر ئانىلار بارلىق ئانىغا ئورتاق بولغان « بالا تۇغۇش، بالا ئىمىتىش، بالا چوڭ قىلىش » تەك ئۇمۇمىي شەرت بلەن ئۇلۇغلانسا، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ، باشقىلارنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىدىغان، ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىككەنمەي قۇربان بېرىشكە تەاييار تۇرىدىغان پىداكار، باتۇر، غۇرۇرلۇق، مەسئۇليەتچان ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسلىزلىك بولىدۇ. ئانىلار ئارىسىدا ئەۋلادلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە كېچىلىرى كىرپىك قاقماي ئويلىنىپ، گۈزەل كېرلەچەك ، پارلاق ئىستىقبال ۋە غالىب ئاقىۋەتلەرنىڭ ئارزۇسىدا يىلاندەك تولغىنىپ، ئوت-ئاتەش بۇلۇپ يانىدىغان ئانىلارمۇ بار ؛ تاڭ ئاتقۇچە ئەيىش – ئىشرەت كۇلۇبلىرىدىكى كۆلچەكلەردە ئۈزۈپ، ئۆزگىلەرنىڭ كارۋاتلىرىدا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئېغىناپ، ئەر ۋە بالىلىرىنى نۇمۇس دەرياسىغا غەرق قىلىپ، ھاقارەت ئوتۇدا كۆيدۈرۈپ پۇرچىلاۋاتقان ئانىلارمۇ بار ؛ ھايات – ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ غرمىنى يەپ، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن بارلىق پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ۋە بارلىق جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر ئانىلارمۇ بار ؛ يولدىن ئازغانلارنىڭ كېچىدە ئادىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۈلخان ياقىدىغان، ئۇلار ماڭماق بولغان چۆللەرگە قۇدۇق كولاپ ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئانىلارمۇ بار ؛ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخي شۆھرەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار روھىدىن كۈچ – مەدەت ئېلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ شەنىگە نۇر بېغىشلاش كويىدا ئىزدىنىپ ياشايدىغان پەخىرلىك ئانىلارمۇ بار ؛ ئۆز ئەجدادىنىڭ قاتىلىنى ئۆز قوينىدا ھۇزۇرلاندۇرۇپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن لەنەتگەردى ئانىلارمۇ بار ! ئانىلارنى مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپ بويىچە ئۇلۇغلىماي، « بالا تۇغۇش ، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش » تەك شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈنلا، قارىقۇيۇق ئۇلۇغلاش -مىللىي پىسخىكىمىزدا پەرۋاسىزلىق، مەسئۇليەتسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىپ كەتكەنىلىكىنىڭ ئىپادىسى. بلىشىمىز كېرەككى، ئىنچىكە ، پۇختا ئىش كۆرۈش روھى ئاجىز، پەرق تۇيغۇسى مۇجىمەل، مەسىلىلەرنى ھەقىقەت نەزىرى بىلەن كۆزىتىشكە ئادەتلەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قىممەتى ئوخشاش ! بىزگە ئوخشاش، يۈكسىلىشنىڭ كويىدا كېچە – كۈندۈز تىپىرلاۋاتقان بىر مىللەتكە نىسەبەتەن ئېيتقاندا ئۇلۇغلاش ئوبىكتىنى توغرا بىكىتەلمەي، « ئۇلۇغ » دېگەن بۇ ئالىي ماركىنى كىمگە چاپلاشنى ئاڭقىرالماي قايمۇقۇپ يۈرىش بەكمۇ بىچارىلىكتۇر.

ناۋادا ، « بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش » تەك شەرتنى ھازىلىغانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئانىلارنى ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە، ئېسىمىزدە بولسۇنكى، جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئانىسىمۇ بۇ ئۆلچەمگە پۈتۈنلەي چۈشىدۇ. ئاياللار تۈرمىلىرىدىمۇ بۇ شەرتنى ھازىلىغان ئاياللار كۈرمىڭ ! ئەمما، ئاشۇلار « ئۇلۇغ ئانا » دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىمدۇ ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئانىلارنى كەلسە – كەلمەس ئۇلۇغلاش – ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئۇچۇق ھاقارەت.

ئۈچىنچى، ئانىلار « بالا تۇغۇش، ئېمىتىش ، چوڭ قىلىش » شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى « ئۇلۇغ » دەپ سۈپەتلەنسە، بۇ سۈپەتلەش فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بۇلالمىغان ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. تۇغۇش – ئاياللارنى كەمستكەنلىك بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. تۇغۇش – ئاياللارنىڭ تەبئىي ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئورتاق فىزىئولىگىيىلىك خۇسۇسىيىتى. بىر جەمئىيەتنىڭ ئانىلارنى بۇنداق بىمەنە ئۇلۇغلىشى ئالدىدا، پەرزەنت كۆرەلمەسلىك قىسمىتىگە مۇپتىلا بولغان ئاياللار نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. گۇناھسىز ئاياللارنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇنداق مەنتىقىسىز ئۇلۇغلاش ھادىسىسىنىڭ باشقىلارغا كەلتۈرىدىغان بېسىمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە نوقۇل ھالدا بالا تۇغۇپ ئانا بۇلۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋىيە ياكى ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنمايدۇ ، ھەتتا بۇ ئىش بەزى گاس – گاچا ئاياللارنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقىلنىڭ روھىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولسىلا، نامدىكى « ئانا » لارنىڭ سېپىگە قوشۇلىشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بىراق، ئۆز پەرزەنتىنى ئىنساندەك ياشاشقا ئىگە قىلشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلاش باشقا بىر گەپ. بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان، بەلگىلىك ساپا ۋە سۈپەت، قىيىن تاللاشقا دۇچ كەگەندە جاپا مۇشەققەتتىن، ھەتتا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغاندا ئاندىن ھازىرلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسىگە ھاياتىي كۈچ بۇلۇپ قېتىلىدۇ. بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان، بەلەىلىك ساپا ۋە سۈپەت، قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە جاپا – مۇشەققەتتىن، ھەتتا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغاندا ئاندىن ھازىرلىنىدۇ. مانا شۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسىگە ھاياتىي كۈچ بۇلۇپ قېتىلىدۇ. بۇنداق شارائىىتنى ھازىرلىمىغان ئانىلارنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى گېزى كەلگەندە بىر ۋاقلىق تامق ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي سېتىلىدۇ !

تۆتىنچى، ئانىلار « بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش » شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلۇغلانسا، بۇنىڭدىن « قانچە كۆپ بالا تۇغسا، شۇنچە ئ ۇلۇغ ئانا، قانچە ئاز تۇغسا، شۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇلۇغ ئانا ؛ توغمىسا، ئۇلۇغ ئەمەس » دېگەن بىمەنە يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. ئويلاپ باقساق، پادىچىنىڭ قىممىتى پادا سىنىنىڭ ئاز – كۆپلىكىدە ئەمەس بەلكى ئۆز پادىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدە كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئانىنىڭ قىممىتى ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى، يەنى پەرزەنتلىرىنى زاماننىڭ تەلىپى، مىللەتنىڭ ئىھتىياجىغا مۇناسىپ ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر، ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا « بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش » شەرت قىلىۋېلىنسا ، ھەر قانچە بىلملىك، ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايال بولسىمۇ، بۇ خىل ئۇلۇغلۇق شەرتىگە يېقىنلىشالمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، « يەتتە قىزلىرىم » ، نۇزۇكۇم، رىزانگۈللەر ئانا ئەمەس، بەلكى قىزلاردۇر. ئۇلار نەچچە ئەسىردىن بېرى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇلماي ئۇلۇغلىنىدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار ھۆرلۈك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى ھەممىدىن ئالىي بىلگەنلىكى، ئەلنىڭ بەخىت – سائادىتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن قۇربان بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلىنىدۇ. بىز يۇقىرىقى بىمەنە « شەرت » نى ئاشۇ ئۇنتۇلماس قەھرىمان قىزلىرىمىزغا قۇيۇشقا پېتىنالايمىزمۇ ؟! تەڭرى ئاتا قىلغان تەبئىي ئىقتىدار ۋە ھەممە ئايالغا ئورتاق بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپلا « ئانىلار ئۇلۇغ » دىيىش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. ھەر قانداق قىز بالاغەتكە يەتكەندە فىزىئولوگىيىلىك نوقتىسىدىن ئانا بۇلۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن بىز ئۇلارنى « ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر »، « كاندىدات ئۇلۇغلار » دەپ ئېيتساق مۇۋاپىق بۇلامدۇ ؟ بالا تۇغقا، ئېمىتكەن، چوڭ قىلغان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا « ئانا » دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ؛ شۇ تۈپەيلى ئانىلارنى قارىقۇيۇق ھالدا ئۇلۇغلاش-نورىمالسىزلىق. ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشى، كۈتۈشى، ھەتتا « ئانام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا » دەپ چۈشىنىشى ئۆزىنىڭ ئەركى. بۇنداق ھىسىياتنى چۈنىشىكە بۇلىدۇ. « ئانام ئۇلۇغ » دېگەن سۆزنىڭ خارەكتىر ۋە مەنە پەرقى ناھايىتى زور. ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئۇلۇغ كۆرۈش بىلەن ئۇمۇمىي ئانىلارنى ئۇلۇغ كۆرۈش پىرىنسىپال مەسىلە. بۇ يەردە ھىسىيات بىلەن ھەقىقەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياتىدىغان نازۇك پەرق مەۋجۇد.

مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى2010 -2- سانىدى ئېلىندى.