« قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ئائىلە تەربىيىسىگە ئائىت بايانلار ھەققىدە

ئاپتور: ئابدۇقەييۇم مىجىت

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك » ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە « خاس ھاجىپ » لىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. «قۇتادغۇبىلىك» ( « بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم » ) ناملىق زور ھەجىملىك بۇ داستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى شانلىق كۈنلىرىنىڭ مەرىپەت نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغان يىگانە ئەسەر « قۇتادغۇ بىلىك » تە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇندىن نۇرغۇن ئەسىرلەر بۇرۇنقى ئائىلە تەربىيىسى يەنى پەرزەنت ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي قاراشلىرى، ئەخلاقى چۈشەنچىلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشكە مۇۋاپىق ئورۇن بېرىلگەن. « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ يېزىلغىنىغا 1000 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، شۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، ئۇ بەزىدە كۆرۈنۈش، بەزىدە كۆمۈلۈش ھاللىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى پەرزەنت تەربىيىلەشكە ئائىت مەزمۇنلارنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە مۇھىم بىر قوللانما سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئەرزىيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى توغرىلىق قىلغان تۈرلۈك سۆزلىرى، كەلتۈرگەن دەلىل – ئىسپاتلىرى، تۇيغۇ – ھېسسىياتلىرى ناھايىتى قىممەتلىك. ئۇ قاراخانىيلار ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پەرزەنت تەربىيىسىدىن تارتىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقىچە چېتىشلىق بولغان بىر بۈيۈك قامۇستۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى 50 ياشقا قەدەم قويغىنىدا يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەقىل – پاراسەتتە تولغان، ئۆزىنى توختاتقان مەزگىلى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى دۆلەت نورمال تەرتىپ ۋە قانۇن ئىزىدىن چىقىپ، جەمئىيەت ۋە ئىنسان ئەخلاقى بۇزۇلغان، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىميەت، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت پارچىلىنىپ، خەلق ئېغىز كۈلپەت ئاستىدا قالغان بىر دەۋرگە توغرا كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل « كىشىلىك، جىمى ياخشىلىق ۋە قائىدە – يۇسۇن يوقىلىپ، رەزىللىك قالغان، ۋاپا قەھىتى بولۇپ، جاھانغا جەۋر تولغان، جاھىللار ئارىسىدا ئۆزىگە ئەلەم يەتكەن » (قاراڭ: « قۇتادغۇ بىلىك » 6566 – 6602 – بېيىتلار ) بۇ زاماندىن قاتتىق ئاغرىنغان ۋە بۇ خىل مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىغا باشقا بىر غايىۋى جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىيىتىگە كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ « ئومۇمىيەتچىل، ئادىل ۋە پاك ھۆكۈمدار، ئالىم ۋە ئۆلىمالارنىڭ دوستى سۈپىتىدە تونۇلغان » خاقانى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەخت ۋارىسلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا بېغىشلىغان. « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ ئاساسىي ھېكايە لىنىيىسىنى تەشكىل قىلغان بۇ بابلاردا ئاپتورنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى غايىۋى قاراشلىرى، يەتمەكچى بولغان غايىۋى جەمئىيەت ھەققىدىكى يۈكسەك ئارزۇ – ئىستەكلىرى، تونۇش ۋە ئىزدىنىشلىرى ئىجتىمائىي ئورنى، ھايات قارىشى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغان تۆت ئاساسىي پېرسوناژ _ ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى پادىشاھ كۈنتۇغدى ئېلىگ، تەخت ۋە سائادەت سىمۋولى ۋەزىر ئايتولدى، ئۇنىڭ ئوغلى، بىلىم ۋە ئەقىل سىمۋولى ئۆگدۇلمىش ئاقىۋەت ۋە قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش (زاھىد) نىڭ دراماتىك سۆھبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى يازما ئەدەبىياتىدىن زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئىي ئەسەر. 11 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ھەم قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرى ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسىدۇر. ئۇ قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم، قانۇن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى، پەلسەپە ۋە دىن، ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن؛ قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا شۇ زامانغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ھەجىملىك شېئىرىي داستان ۋە شېئىرىي دارامىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان غايە، ئىدىيە، تەشەببۇسلىرىنى؛ پېرسوناژلار خاراكتېرى؛ زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى جانلىق ۋە يارقىن ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئەسەردىكى خېلى كۆپ تەركىبلەر دىداكتىك خاراكتېردە بولسىمۇم لېكىن بۇ دىداكتىكا قۇرۇق، يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەند – نەسىھەت، دىنىي سەپسەتىلەر بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى خىلمۇ خىل تەجرىبە – ساۋاقلار ئاساسىدا جۇغلانغان، رېئال تۇرمۇش ئوچىقىدا تاۋلانغان، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ماھھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ يۈكسەك دەرىجىدە ئوبرازلاشتۇرۇلغان پىكىر جەۋھەرلىرىدۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر ئەل ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ ئەسىرلەر داۋامىدا ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى، يازما ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلغان، شۇنىڭدەك، قېرىنداش ۋە قوشنا خەلقلەر ئەدەبىياتىدىن ئىجادىي ئىلھام ئالغان. ئۇ ئەسىرىدە قايسى ماۋزۇدا سۆز ئاچسا، ئۆز پىكىر – مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىلى سۈپىتىدە شۇ ساھەنىڭ خەلق ماقال – تەمسىللىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى مىسال كەلتۈرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەتمەكچى بولغان غايىۋى جەمئىيەت نىشانى ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن بىر «ئوتوپىيە» (خىيال) بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئەينى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت قاراشلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان. بولۇپمۇ، بۇ ئەسەرنىڭ يېرىم سەھىپىسىنى تەشكىل قىلغان ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىش ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار مۇنازىرە، سۆھبەتلەردە گەۋدىلىك ۋە روشەن ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەقتە «قۇتادغۇبىلىك» نى ئېنگلىز تىلىدا نەشىرگە تەييارلىغۇچى روبېرت دانكوۋ: « سىياسەتچى ئۆگدۈلمش بىلەن تەرىقەتچى زاھد ئودغۇرمش ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىق ۋە بىرلىك جەھەتتە يۈسۈپنىڭ ئېلىپ بارغان بايانلىرى بۇ ئەسەرنى ئىسلام ئەدەبىياتىدا يېگانە ئورۇنغا ئىگە قىلدى . » دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » داستانى ئۆز قىممىتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان يۇقىرى ئورنىنى مۇقىملاپلا قالماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ دەۋرىدىن دەۋرگە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. « قۇتادغۇ بىلىك » تە ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە، نىكاھ، ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئەخلاقى ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ خېلىلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ 63- بابىدا مەخسۇس « پەرزەنتلەرنى قانداق تەربيىلەش بايانىدا » توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بابتا ئالغا سۈرگەن ئىدىيىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە ئۆرنەك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم دەستۇرى قېلىشقا ئەرزىيدۇ. شۇڭا، بىز ماقالىمىزدە بۇ بىر بابتىكى مەزمۇنلارنى بىيتمۇ بىيت تەھلىل قىلىپ كۆرىمىز.
[4504] تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز – ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
بۇ بىيتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتا – ئانا پەرزەنت يۈزى كۆرگەن ھامان بالىغا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆزى تەربىيىچى بولۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار، بولۇپمۇ ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆزى باقمايدىغان، قامىتىم بۇزۇلىدۇ ياكى خىزمەت بىلەن ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆزى تۇغقان يۈرەك پارىسىنى ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قىلىپ، بالا باققۇچىلار ياكى يەسلىگە تاشلاپ بېرىدىغان يامان ئادەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدىكى پەرزەنت تەربىيىلەش ئەنئەنىسىدىن يادلاشماقتا. ئەمما بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ « ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول » دېيىش ئارقىلىق، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يىتەكچى ۋە تەربىيىچىنىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئاتا – ئانا تەربىيسىدە بولمسا، كېيىن چوڭ بولغاندا ئاتا – ئانىغا كۆيۈمى يوق، ئۇلارغا تازا ئىچەكىشىپ بولالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەم ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرسىدا بىر كۆرۈنمەس ھاڭ شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر « ئىنساننىڭ تۇنجى ئۇستازى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى » دېيىشىدۇ. گەرچە بىر بالىنى ئاتا – ئانىسى تۇغۇپ، ئۇنى باشقىلار تەربىيىسىگە ئالغان بولسا، تەن ئاتا – ئانىنىڭ بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بارلىق ئىزگۈ خىسلەتلەر ھەممىسى ئۇنى تەربىيىلىگۈچىگە مەنسۈپتۇر.
[4505] ئېرىغ ياخشىنى ئال ئىنىگە قىلىپ،
ئوغۇل – قىز ئۆسەر پاك ۋە ساغلام بولۇپ.
مەلۇمكى، بالا تۇغۇلۇپ بىر – نەچچە كۈنگىچە ئۆز ئانىسىدىن سۈت كەلمەيدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئېمىتىپ بېرىدىغان ئايال، يەنى ئىنىكئانا ( « سۈتئانىسى » مۇ دېيىلىدۇ. ) تېپىش زۆرۈر بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئىمىلداشلار ئۆز – ئارا توي قىلىشى چەكلگەنگەن بولغاچقا، كېيىن قودىلىشىش ئارزۇسى بار ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېمىلداش بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ ئىنىكئانا بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنىكئا تاللىغاندا مەيلى جىسمانى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەنىۋىي جەھەتتىن بولسۇن تولىمۇ پاكىزە ( ئېرىغ )، ئەخلاق – پەزىلىتى ئېسىل، ئەدەبلىك ئاياللارنى ئىنىكئانا قىلىپ تاللاش بەكمۇ مۇھىم . چۈنكى، پەرزەنت تېنىگە تۇنجى قېتىم تاشقى دۇنيادا قۇۋۋەت بەرگۈچى بولغان ئىنىكئانىنىڭ ئەخلاق – دىيانىتى، ھالال ۋە پاكىزەلىكى چۇقۇمكى ئۇ گۈدەكنىڭ ۋۇجۇدىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىنىكئانا بولغۇچى ئايال ھارامدىن قۇرقمايدىغان، دىيانىتى سۇس ئايال بولسا، ئۇنىڭ سۈتى بىلەن بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ كېرىپ، ئۇستىخىنى سەمىرسە، ئېنىقكى پەرزەنتنىڭ تېنى بولغىنىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ « ئوغۇل – قىزنىڭ پاك ۋە ساغلام ئۆسىشىنى » ئۇنىڭغا ئىنىكئانا بولغۇچىنىڭ ئېرىغ ( پاكىزە ) بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق دەپ، قەيت قىلىدۇ.
[ 4506 ] ئوغۇل قىزغا ئۈگەت بىلىم ھەم ئەدەب،
بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ .
بۇ بيتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرنى جىسمانى جەھەتتىن تەربىيىلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى بىلىم ۋە ئەدەب – ئەخلاق جەھەتتىنمۇ كىچىكىدىن تارتىپ تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم ۋە ئەدەب – ئەخلاقنى پەقەت ئوغۇللارغىلا ئۆگۈتۈپلا قالماي، قىزلارنىمۇ بىلىملىك، ئەدەب – ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەشنى زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە قىز – ئاياللارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشى، مەكتەپ – مەدرىسىلەردە تەربىيىلىنىشى زور چەكلىمىلەرگە، قارشى تۇرۇشلارغا ئۇچراپ كەلگەن. قىز – ئاياللار خۇددى پەقەت ئۆي ئىشى ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى ئورنىغا سەل قارالغان. لېكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنلا قىزلارنىمۇ ئوغۇللارنى تەربىيىلىگەندەك بىلىم ۋە ئەدەب – ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. بىلىم __ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىشى ۋە تەجرىبىنىڭ مەھسۇلى ياكى مۇئەييەن ساھەگە ئائىت بولغان مەلۇماتلار يىغىندىسىدۇر. ئەڭ ئاۋۋال ئىنسان ئاڭ – ئىدىيە ۋە تەربىيىلىنىش جەھەتتە ئەركىن ۋە باراۋەر بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قىمممىتىنى تونۇيالايدۇ. بۇ بىيتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەر – ئاياللارنىڭ مائارىپتا باراۋەر بولۇش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن، دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. بۇ يەردە يەنە بىلىمدىن قالسا ئەدەب – ئەخلاقنىڭ ئىنسانغا ھەر ئىككىلى دۇنيادا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. خۇددى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك « ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. » ، « ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا ». پەزىلەت ئىنساننى بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەگەر كىشى بىلىملىك بولۇپ، ئەخلاق – پەزىلەتسىز بولسا، ئۇ مۇناسىپ قەدىر – ئېتىباردىن مەھرۇم بولىدۇ.
[ 4507] ئوغۇلنى ئۆيلەندۈر، قىزنى ئەرگە بەر،
ياشا دەرد – ئەلەمسىز، ئايا قۇتلۇق ئەر.
ئوغۇلنى ئۆيلەش، قىزنى ياتلىق قىلىش ئاتا – ئانىنىڭ زىممىسىدىكى زۆرۈر مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتى ئۆزلىرىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئۆمۈر مۇراسىملىرىنى بىللە ئۆتكۈزۈش بىلەن قۇۋناقتۇر. مەيلى قىز بولسۇن، مەيلى ئوغۇل بولسۇن ئۇلارنىڭمۇ ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا ئائىلە قۇرۇشى، ئۆزىنىڭ بىر خۇسۇسىي پائالىيەت بوشلۇقى بولىشى زۆرۈر بولىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا « ئۆيلەنگەن ئۆسەر، ئۆيلەنمىگەن ئۆچەر » دېگەن ماقال بار. ئائىلە ئەر – ئايالنى مەسئۇلىيەتچان، ئېغىر – بېسىق، قىلىدۇ. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قىز – ئوغۇلنىڭ تويىنى قىلىپ ئۆز زېممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلغان كىشىلەر « دەرد – ئەلەمسىز، قۇتلۇق كىشى » دەپ تەرپلىشىمۇ شۇ سەۋەبلىكتۇر- ئەلۋەتتە.
[ 4508] پەزىلەتنى قويماي ئوغۇلغا ئۆگەت،
ئاڭا مال بەرگۈسى يېغىپ پەزىلەت.
[ 4509 ] ئوغۇلنى بىكار بوش يۈرمە سەن قويۇپ،
بىكارچى بولۇر ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ .
ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىسى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس تامغىلارنى باسىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۇستازى، ئانا تىلىمىزدىكى چوڭقۇر مەنالىق، ھېسسىياتقا باي سۆزلەرنى پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە پەقەت ئانا تىلىنى ئۈگۈتۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا يەنە ئۆزىدىكى گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىمۇ ئۈگىتىش زۆرۈر. چۈنكى، تىل مەزمۇن بىلەن ئىتىبارلىقتۇر. ئىلىم – پەن ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىنى ۋەتىنىگە، خەلقىگە تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەت ئىگىسى بولۇشى يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزىرىدىكى تەلىم – تەربىيە تەلىپىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىسى. ھەر بىر كىشىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئۇنىڭ جەمئيەتتىكى ئورنى، خەلق ئارىسىدىكى يۈكسەك ئابرويى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
[4510] قىزىڭ ئۆيدە ئەرسىز ئۇزاق تۇرمىغاي،
ئۆلەرسەن پۇشايماندا سەن ئاغرىماي.
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بىرىپ كەلگەن. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە قىزلارنىڭ قانداق تەربىيىلىنىشى ياكى قانداق كىشىگە ياتىلىق قىلنىشى ئائىلە ئىستىلىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇش ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى شۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلىگە مەنسۇپ ئورتاق ئىستىل ھەربىر ئائىلىدە ئەنئەنىۋى ھالىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەت بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئونىڭغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىلە ئىستىلى ئائىلە تەربىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيىسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيىگە ئەھميەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاتا – ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە كۆز قارىسىدا « ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ » دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئاتىنىڭ ئورنى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئاتا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىگە مەسئۇل بولغاندىن سىرت يەنە ئۆز ئايالىنىمۇ ئەدەپ – ئەخلاق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن نازارەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى يات كۆزلەردىن قاتتىق قوغدايدۇ.
[4513] خوتۇنغا بول ئۆيدە دائىم كۈزەتچى،
تېشىدەك بۇلالماس چىشىنىڭ ئىچى.
[ 4514] ئۆيگە يات كىرمىسۇن، چىقمسۇن خوتۇن،
ئاڭا چۈشسە يات كۆز، بۇزۇلغاي پۈتۈن.
بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ قانداق بولىشى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە بەكرەك مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قائىدە – يوسۇن بىلمەيدىغان، ئەدەبسىز قىزلارنىڭ ئەدەبسىزلىكىنى كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن كۆرۈپ ئەيىبلەيدۇ. شۇڭا، «چاقتا گۇناھ يوق، شادىسى بۇزۇق، قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلاردا ئائىلىدە ئەر – خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشى ئائىلىنىڭ ئەخلاقى كەيپىياتى، مۇھىتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، دەپ قارىلىدۇ.
ئوغۇل بالىنى تەربىيىلەشنى ئاساسەن دادا، قىز بالىنى تەربىيىلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دادا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقىتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەدەب – ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، راستچىل، ئۆز – ئارا كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەھلى مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
[ 1219] ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا، ياخشى ئېرۇر،
ئاتاسى – ئاناسى بەخىتلىك بولۇر.
[ 1220] ئەگەر چىڭ تۇتۇلماس ئىكەن ئۇ ئوغۇل،
بولۇر زايە، ئاندىن سەن ئۈزگىن كۆڭۈل.
[ 1224] كىچىك چاغدا قويسا ئوغلىنى ياۋا،
ئوغۇلدا گۇناھ يوق، ئاتىغا جاپا.
[ 1225] ئوغۇل – قىز خۇيى – پەيلى بولسا يامان،
يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى ھامان.
[ 1228] ئوغۇل – قىزغا ئۆگەت پەزىلەت، بىلىم،
پەزىلەتلە بولسۇن خۇلقى مۇلايىم.
بۇ بېيىتلاردىن مەلۇمكى، پەرزەنتنىڭ ياخشى – يامان بولىشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىسى تەرپىدىن قىلىنغان ئائىلە تەربىيىسىگە باغلىق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنى ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقى كۆپ، جەمئىيەتنىڭ ئەدەپ – ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىنىڭ تەربىيىنى كىچىكىدىن تارتىپ باشلىشى لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن قىزلار بىلەن ئوغۇللارغا قويۇلىدىغان ئەدەپ – ئەخلاق ئۆلچەملىرى ۋە ئىش تەقسىماتىدا مۇئەييەن پەرقلەر بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە قىز بالا ھامان « تالانىڭ ئادىمى »، يەنى باشقا ئائىلىگە « بالا » بولىدىغان بولغاچقا، ئانا بولغۇچى قىز بالىغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازلىقى، كىر – قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكمىچىلىك قاتارلىق ئىشلارغا ئۆگىتىدۇ. بولمىسا، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كېلىن بولۇپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئائىلە ئىشلىرىنى جايىدا، ئىدىتلىق قىلالماسلىقى تۈپەيلى ئىزاغا قېلىشى، بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇيغۇرلاردا ئاتا – ئانىلار ئوغۇللارغا يۇقاردا تىلغا ئالغان قىزلارغا ئۆگىتىلىدىغان ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئىجتىمائىي مۇناسۋەتتە دۇرۇست، زىرەك، ئەقىللىق، سېخىي، مەردانە ۋە ھەققانىيەتپەرۋەر بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا « قىز نىڭ ئۇزلىقى ئانىغا تالىق، يىگىتنىڭ مەردلىكى ئاتىغا .» دەيدىغان ماقال كەڭ تارقالغان. ئاتىنىڭ ياخشى نامى ئۇنىڭ ئوغلىغا زور ياخشىلىقلار كەلتۈرۈدۇ. مەسىلەن، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى مۇنۇ بېيىتىلارغا قاراپ باقايلى:
[110] تولا كونا بىر سۆز مەسەلدە كېلۇر،
ئاتا ئورنى، ئاتى ئوغۇلغا قالۇر.
[246] كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر،
يامان ئاتلىق ئولسا، ئۇ قارغىش ئالۇر.
[1664] دۇرۇسلۇق، ئۇيات ھەم بۇ ياخشى قىلىق،
بىرىكسە بۇ ئۈچى بولۇر خۇشچىلىق.
[1951] ئەقىللىك كېرەك ھەم بىلىملىك كېرەك،
سېخىيلىق كېرەك ھەم سىلىقلىق كېرەك.
ئۇيغۇرلاردا پەرزەنتلەر ئىچىدە تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ <ئىككىنچى ئاتىلىق> ھۆرمىتىگە سازاۋەر. ئۇ بەزىدە ئاتىسىغا ۋاكالىتەن ئائىلىنىڭ بارلىق تاشقى ئىشلىرىنى بىجىرىپلا قالماي، يەنە ئائىلىنىڭ بارلىق ئىچكى ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ چوڭ ئوغۇل ئائىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كىرىم – چىقىم ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مال – مۈلۈكىنى باشقۇرۇش، پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا بىر قارارغا كىلىشتە ئالدى بىلەن ئاتىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللارنى تەربىيىلەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇ خىل قاراش « قۇتادغۇ بىلىك » تىمۇ خېلى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن:
[ 1493] ئوغۇلنى كىچىكتە ئوقۇتماق زۆرۈر،
كىچىكلىكتە بىلسە ئۇتۇقلۇق بولۇر.
[ 1495] كىچىك چاغدا بىلسە بالا نېمىنى،
قېرىپ ئۆلمىگۈچە ئۇنۇتماس ئۇنى.
[ 1823] كىچىك چاغدا ئىنسان بىلىم ئۆگىنۇر،
چوڭايسا ئۇنىڭلە تىلەككە يېتۇر.
ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق سىڭگەن ئەخلاق ئەنئەنىسىنى ئەلا بىلىش، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئائىلە ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئۇيغۇر پەرزەتنلىرى كىشىلەر بىلەن ئۆز – ئارا مۇئامىلىدە بولغاندا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش، ئەدەب – ئەخلاق ۋە تەلىم – تەربىيە ئۆلچەملىرىنى ھەممىنى ئائىلىدىن يەنى ئاتا – ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ.
تەلىم – تەربىيە __ ئىلىم – پەن بىلەن ئۇنى ئىگىلىگۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىيەتنى ئېچىش بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن ئۇ يۈكسەك ئەخلاق، پرىنسىپلار بىلەن ئادەمنى تەربىيىلەش ۋە ئىلىم – پەننى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى.
ئۇيغۇرلاردا « بالا بالا بولغۇچە ئانىسى موما بولار » دېگەن گەپ بار. بۇ ھەر قانداق ئانا پەرزەنتىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقىچە بارلىقىنى پەرزەنتى ئۈچۈن بېغىشلاپ، ياشلىق باھارى، كۈچ – قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ قېرىپ مۈكچىيىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن بىر يۈرۈش ئائىلە قائىدە – يۈسۇنلىرى، كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەب – ئەخلاق مىزانىلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئائىلە مىزانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە – يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.
_______________
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
① يۈسۈپ خاس ھاجىپ : « قۇتادغۇ بىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984- يىل 5- ئاي، بېيجىڭ 1- نەشرى.
②ھۆرمەتجان ئابدۇاخمان فىكرەت: « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە ئەخلاقى قارىشى ھەققىدە مۇلاھىزە »، « بۇلاق »، 2003 – يىل 5- سان.
③ئابدۇشۈكۈر تۇردى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن: « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى »(Ⅰ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 4- ئاي 1- نەشرى.
④غېنى ئابدۇگۈل، ئايگۈل سۇلايمان : « < قۇتادغۇ بىلىك > تىكى مائارىپ، ئەخلاق ۋە پەرزەنت تەربىيىلەشكە دائىر قاراشلار »، « شىنجاڭ مائارىپى ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى »، 2002 – يىل 3- سان.
⑤ مۇنەۋۋەر غۇپۇر: « < قۇتادغۇ بىلىك > تىكى تەربىيە ۋە تەربىيىلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا »، « شىنجاڭ نېفىت مائارىپى ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى »، 2000 – يىل 2- سان.
⑥ مەھمۇد زەئىدى : « « < قۇتادغۇ بىلىك > تىكى بالىلار تەربىيىسىگە دائىر مەزمۇنلار توغرىسىدا »، « قەشقەر ئەدەبىياتى »، 1984 – يىل 2- ئىيۇندىكى سانى.
⑦مەھمۇدجان مۇھەممەت: « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ – ئائىلە قاراشلىرىنىڭ قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى »، « ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە < قۇتادغۇ بىلىك > » ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 – يىل نەشرى.
⑧ئابدۇكېرىم راخمان: « < قۇتادغۇ بىلىك > تە ئائىلە ۋە ئائىلە تەربىيىسى »، « شىنجاڭ ياشلىرى »، 1989- يىل 10- سان.
⑨ يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007- يىل نەشرى.
⑩ خالىدە زەينۇللا: « < قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ئائىلە تەربىيىسىگە دائىر قاراشلار توغرىسىدا »، « شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى »، 2008- يىل 2- سان. مەنبە: ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى