شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە

باتۇر روزى

مىلادى 870 – يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان ئېگىز – ئېگىز سېپىللىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. غۇر – غۇر شامال شەھەر ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئارامبەخش نەم ھاۋاسىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. كۈندۈزى قۇياش تەپتىدە تونۇردەك قىزىپ كەتكەن شەھەر كوچىلىرى گۇگۇم چۈشۈپ، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىشى بىلەنلا ئۇياقتىن – بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى…
سېپىل ئۈستىدىكى لەشكەرلەر ئەتراپتىكى شەپىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قۇلاق سېلىپ، قىلىچ ۋە ئايپالتىلىرىنى چىڭ قۇچاقلىغان ھالدا سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇشماقتا. سېپىل ئەتراپىدىكى لىق سۇ توشقۇزۇۋېتىلگەن خەندەكلەر كۈمۈش يىلاندەك سوزۇلۇپ سېپىلنى يۆگەپ ئايلىنىپ، ئەتراپقا ۋەھىمە تارقىتىپ تۇراتتى. ئادەتتە سېپىل ئاستىدىكى خەندەكلەرگە ئارتىلدۇرۇپ قويۇلىدىغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغىۋېلىنغانىدى. شەھەر قوۋۇقلىرىمۇ ھىم ئېتىۋېتىلگەنىدى. بۇلار شەھەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇداپىئە ئەھۋالىنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.
ئاي نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەل. شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكى قوۋۇقى قىيا ئېچىلىپ،ئېتىنى بولۇشىغا چاپتۇرغىنىچە ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن بىر كۆزەتچى لەشكەر كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە جۇۋازدەك غىچىلداپ ئاۋاز چىقىرىپ يېپىلىپ قالدى…
مۇھەممەت تارخان كېڭەشتىن قايتىپ چىلانتورۇق ئېتىغا سەكرەپ مىندى – دە، ئۇنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ ھەش – پەش دېگۈچە قەلئەنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە جايلاشقان قورۇ – جايىغا يېتىپ كېلىپ ئاتتىن چۈشتى.
تېخىچە ئۇخلىماي خوجايىنىنى ساقلاپ تۇرغان ئاتباقار يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن ئالدى.
مۇھەممەت تارخان ئايالى يۇلدۇزئايىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ بەخىرامان ئۇيقۇغا كەتكەن تۆت ياشلىق ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ پېشانىسىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، بالا ئويغىنىپ «دادا» دەپ چاقىردى. مۇھەممەت تارخان بالىنى يوتقاندىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ بىرھازا ئەركىلەتتى.
– سېنى ئويغىتىۋەتتىم – ھە، بۆرەم؟
– مېنىڭ ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق. ئاپام پەپىلەپ يۈرۈپ ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ. ئەسلى سىز كەلگەندە ئاندىن ئۇخلىماقچى ئىدىم.
– بوپتۇ، بالا چېغىڭدا قېنىپ ئۇخلىۋال، بۆرەم. چوڭ بولغانسېرى غەم – ئەندىشەڭ كۆپىيىدۇ، ئويلايدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىڭ ئاۋۇپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا داداڭغا ئوخشاش ئۇخلايمەن دېسەڭمۇ ئۇخلىيالماي، تاڭلارنى كىرپىك قاقماي ئاتقۇزىسەن.
كىچىك ئەبۇنەسىر ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى.
– كىچىك بالىغا نەدىكى چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ … -دەپ كايىدى يۇلدۇزئايىم.
– توغرا، بالىلار بىلەن ئۇلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە سۆزلىشىش كېرەك ئىدى. مەن بۇ شاكىچىك بۆرەمنى خۇددى چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟بىراق ئۇنىڭمۇ كىچىك تۇرۇپ «ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق» دېگىنى قالتىس گەپ بولدى – دە.
مۇھەممەت تارخان بالىنىڭ مەڭزىگە ئاخىرقى قېتىم بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى.

كىچىك ئەبۇنەسىر ھەش – پەش دېگۈچە يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ چاغلاردا ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى خېلى مەلۇماتلىق، كۆپنى كۆرگەن كىشىلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئاتىسى مۇھەممەت تارخاندىن ئۆز يۇرتىنىڭ ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تارىخى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن قىسسە ۋە رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ «قۇلاق موللىسى» بولۇپ قالغانىدى. ئەينى چاغلاردا قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ئۆز ئىسمىنىڭ كەينىگە ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتنىڭ نامىنى قوشۇپ ئاتاش مودا بولۇپ قالغانىدى. بۇنداق مودا بولۇۋاتقان ئىشلارغا كەلگەندە ناھايىتى سەزگۈر مۇھەممەت تارخان ئۆز ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگىمۇ ئۇ تۇغۇلغان كىچىك شەھەرنىڭ نامىنى قوشۇپ، ئۇنى «ئەبۇنەسىر فارابى» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. ئۇزاققا بارماي بۇ نام كىچىك ئەبۇنەسىرنىڭ دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا تېزلا ئومۇملىشىپ كەتتى.
قاراخانىيلار خاندانلىقى رەسمىي ئىسلام دىنىغا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ تەسىرى قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا بۇرۇنلا باشلانغانىدى. كىچىك ئەبۇنەسىرنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق سېپى ئۆزىدىن فارابلىق تۈركلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزلۇق دېگەن ئىسمىمۇ تىپىك قارلۇقچە ئىسىم ئىدى. ئۇ «گۈزەل، چىرايلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇزلۇق بوۋايدىن كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ئارىسىدا ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئادىتى شەكىللەندى. شۇڭا ئەبۇنەسىرنىڭ دادىسىغا ئۇزلۇق بوۋاي «مۇھەممەت» دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئادىتىنىڭ ئەمدىلا شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بىر زاماندا تۇغۇلغان مۇھەممەت تارخانمۇ ئۆز ئوغلىغا يەنىلا ئەرەبچە «ئەبۇنەسىر» دەپ ئىسىم قويغانىدى.
70 مىڭ قوشۇن جايلاشقان فارابنى ئانچە كىچىك شەھەر دېگىلى بولمايتتى. ھەربىي قەلئە ۋە رابات، سودا بازارلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ شەھەر ئوترار بوستانلىقىغا جايلاشقان تالاس، بالاساغۇن، قەشقەرنى تۇتاشتۇرغان قەدىمكى كارۋان يولىنىڭ مۇھىم بىر تۈگۈنى بولۇپ قالغانىدى.
چۇ، تالاس ۋە سىر دەريا ۋادىسىدا شەھەر ھاياتىنى مەركەز قىلغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ئەينى يىللاردا فاراب شەھىرى قەشقەرگە يېقىن بالاساغۇنغا قاراشلىق شەھەر بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە يارىشا چىرايلىق ئىدى. 9 – ئەسىردىكى فاراب شەھىرى مانى دىنىدىكى ئۇيغۇر قارلۇقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن مۇداپىئەلىنىش لىنىيىسىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلىدا تۇرغاچقا، «قاراچۇق» دەپمۇ ئاتىلاتتى. سۇلتان بىلگەكۆل باھادىر قىدىرخان بىلەن سامانلار خانى نوھ ئىبنى ئەسئەت ئارىسىدا ئىسپىجاپنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، ئەبۇنەسىر فارابىنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق بىلگەكۆل باھادىر قىدىرخاننىڭ قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن باج – سېلىقتىن خالىي قىلىنغان كىشىگە بېرىلىدىغان «تارخان» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغانىدى.
سامانىيلار خانى ئىسمائىل ئىبنى ئەخمەت ئۆز قېرىندىشى ناسىر ئىبنى ئەخمەتتىن زورلۇق بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن سېپىل سوقتۇرۇپ، كېيىن قاراخانىيلارغا قارشى غازات قىلىشنى باشلىدى. ئىسمائىل سامانى 893 – يىلى باھاردا تالاس، بالاساغۇنلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە ئوغۇلچاق قىدىرخان بالاساغۇندىن «ئوردۇ كەنت» (قەشقەر)گە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسمائىل سامانى سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ئىستراتېگىيىلىك جاي تالاستىن تاكى غەربتىكى چۇ دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىمىغىچە بولغان ئارىلىقنى، جۈملىدىن مۇھاسىرىدە قالغان تاراز شەھىرىنى قولغا ئالدى. مۇشۇ ئۇرۇشتا مۇھەممەت تارخان قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشقىنىغا قارىماي فاراب شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوترار بوستانلىقى سامانىيلار قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جايلاردىكى 15 مىڭ كىشى ئەسىرگە چۈشۈپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئوتراردىكى مانى چېركاۋلىرىنىڭ ئورنىغا ئارقا – ئارقىدىن مەسچىتلەر بەرپا قىلىندى. بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ قىران بىر يىگىتكە ئايلىنىپ قالغان ئەبۇنەسىر فارابىمۇ پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن سامانىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. 100 يىل داۋام قىلغان دۈشمەنلىك ۋە يوللارنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى فارابلىقلار ۋە كۆپلىگەن توققۇز ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردىكى خاقانىيە ئاھالىسىدىن ئايرىۋەتكەنىدى.ئەبۇنەسىر بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاق تىدا قەدىمكى قارلۇق – ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆگىنىشكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلدى. ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى توققۇز ئوغۇز تىلى سۈپىتىدە پۈتۈن تۈركىي تىل – ئەدەبىيات ۋە مائارىپىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەمۇرىي – سىياسىي ھاياتتىمۇ، ئىلمىي پائالىيەتتىمۇ ئاساسىي تىل ئىدى. فارابى سامانىيلار سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ماۋارائۇننەھر ۋە خارەزىمدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە تاجىك – پارس تىلىنى تېزلا ئۆگىنىۋالدى.
فارابى ئۆز دەۋرىدىكى ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن ئۆگەندى. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر خرىستىئان دۇنياسىدا «ئۈچ بىلىم» دەپ ئاتالغان گرامماتىكا(نەھۋى)، ئىستىلىستىكا(ئىلمىي پاساھەت)، ئەخلاق دەرسلىكلىرىنى ۋە تۆت «بىلىم» دەپ ئاتالغان ھېساب، مۇزىكا، گېئومېتىرىيە(ھەندىسە)، ئاسترونومىيە(ئىلمىي نۇجۇم) پەنلىرىنى پۇختا ئىگىلىدى. ئۇ بالاغەت يېشىغا يېتەر – يەتمەي تۇرۇپلا «ھىرات – مەرۋى ئىلمى گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان تەبىئەت ئىلمى گۇرۇھىنىڭ ھەممە نەرسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقىدىنى ئەمەس، ئەقىلنى مىزان قىلىش توغرىسىدىكى چوڭلارغا خاس سوغۇققانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلغار پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇپ قالغانىدى. مەرۋى ئىلمى گۇرۇھى بولسا مىسسۇپوتامىيىدىكى ھەرران، بەسرە تەبىئەت ئىلمى گۇرۇھىنىڭ، ھىندىستان ۋە ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت كۆزقاراشلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئەت كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىلمىي ئىزدىنىش گۇرۇھى بولۇپ، گرېك باكتېرىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلاتتى.
فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادا 30 ياشلارغا كىرگۈچە ياشىدى. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ مول بىلىمگە تەشنا بولۇپ ئېچىرقاپ تۇرغان بۆرىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. يېڭىياچە ئىسلام دىنىغا كىرىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت بىلەن يېڭى دىنىي ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان غايەت كېلەڭسىز بىر ھاڭنىڭ گىرۋىكىدە تېڭىرقاپ، دەلدۈگۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بېشىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن ئاپەت بىرىنچى بولۇپ فارابىنى سۈت ئۇيقۇدىن چۆچۆتۈپ ئويغاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەلىكىدە ئىگىلىگەن بىلىم ۋە ئىزدىنىشلىرى بىلەن تېخى بۇ قىيىن مەسىلىگە جاۋاب بەرگىلى بولمايتتى. مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قېتىملىق توپان بالاسىغا دۈچ كېلىۋاتقان خەلقىگە بۇ توپاندىن ساق – سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان «نوھنىڭ كېمىسى»نى ياساپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى دەپ تونۇغان فارابى بۇ قىيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى يېشىش ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئىسلام دىنى تارقالغان ۋە تەرەققىي قىلغان ئەرەب، پارس ئەللىرىگە بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەكسىچە تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتنى ئەمەس، بەلكى ئەقىل ۋە تەجرىبىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ئادەتلەنگەن بۇ غەلىتە مۇسۇلمان ئەرەب ۋە پارس ئەللىرىنى ئۆزلىرى تارقاتقان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبىخانا دەپ قارىدى. چۈنكى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن ئەنئەنىۋى تۈرك مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا بىردىنلا پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ھاڭغا مەزمۇت كۆۋرۈك سېلىپ يول ئاچقىلى بولمايتتى. ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەرەب، پارس ئەللىرىگە بېرىپ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەڭ كۆلەملىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى زادىلا باشتىن كەچۈرمەي بولمايتتى. بۇ ئەينى يىللاردىكى غايەت مۈشكۈل بىر مەسىلە ئىدى.
ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ياشانغان ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر توپ جامائەتنى قورۇسىغا يىغىپ داشقازان ئېسىپ زاراخەتمە قىلىپ بەردى. مۇھەممەت تارخان ھەربىي ئەمەلدارلارغا خاس سوغۇققانلىق بىلەن ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى ئانچە بىلىندۈرمەي ئۇزاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇلدۇزئايىم ئەبۇنەسىرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ ھازا ئاچماي تۇرالمىدى. بىر توپ جامائەتمۇ يۇلدۇزئايىمغا جور بولۇپ بېلىنى پوتىدا باغلاپ، قولىغا ھاسا ئېلىپ، ھاسا بىلەن يەرنى ئۇرۇپ قوشاق توقۇپ ھازا ئېچىشىپ بەردى. فارابى بۇ قىزىقارلىق ھازىنى كۆرۈپ ئۇيغۇر قارلۇقلىرىنىڭ زىيادە ھېسسىياتچان تەبىئىتىنى ئاخىرقى قېتىم تەجرىبە قىلىپ كۆرۈۋاتقاندەك بولدى – دە، ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ بىئارام بولۇشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە سوغۇققانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سوغۇققان چىرايىغا قاراپ ئانا دەرھال يىغىدىن توختاپ ھاڭۋېقىپ قالدى. مۇھەممەت تارخان بولسا ئۆز ئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي ئەجەبلىنىپ قالدى. فارابىنىڭ مەڭزىدىكى ئاشۇ بىر قېتىملىق سوغۇققان كۈلۈمسىرەش ياشانغان ئاتا – ئانا ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق بولۇپ قالدى.

3فارابى شۇ يۈرۈپ كەتكەنچە سەمەرقەنت ۋە بۇخارالاردىن ئۆتۈپ، ئىسپىھان، ھەمەدان شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى. ئۇ پارس زېمىنىدا تۇرغان قىسقىغىنا بىرنەچچە يىللىق ھاياتىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جېنىغا جان قوشقان پارس مەدەنىيىتىنى زور تىرىشچانلىق بىلەن قېدىرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن توپتوغرا پۈتكۈل ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئاپىرىدەگاھلىرىدىن بىرى بولغان باغداتقا قاراپ يول ئالدى
فارابى باغداتقا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلىپە مۇقتەدىر ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. بۇ چاغدىكى باغدات گەرچە ئۆزىنىڭ خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدىكى گۈللەنگەن ھۆسنىنى يوقاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب يېزىقى ۋە ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي ئوچىقى، دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ تۇرغان خەلقئارا شەھەر ئىدى. باغداتقا يەنىلا ھەرقايسى ئەللەر، رايونلاردىن كەلگەن ھەر خىل دىنىي ئېتىقاد ۋە پەلسەپىۋى كۆزقاراشتىكى ھەر مىللەت مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ئالىملار ۋە ئەدىبلەر توپلاشقانىدى. ئۇلار گاھىدا ئوچۇق ئىلمىي مۇھاكىمە ياكى بەس – مۇنازىرە شەكلىدە، گاھىدا يوشۇرۇن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ياكى ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلەيتتى.
فارابى باغداتقا بارغاندا ئەرەب تىلىنى بىلمەيتتى. ئۇ بۇ تىلنى ئەبۇبەكرى ئىبنى سىراجىددىندىن تېزلا ئۆگىنىۋالدى. ئۇ يەنە باغداتتا ياشايدىغان مەشھۇر خرىستىئان ئالىمى ئەبۇبەشەر مەتتە ئىبنى يۇنۇستىن گرېك تىلى، لوگىكا ۋە تېبابەتچىلىك پەنلىرىنى زوق بىلەن ئۆگەندى. باغداتقا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئەرەب يېزىقىدا مۇرەككەپ پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى ۋە گۈزەل شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىدى. ئەرەب پەلسەپىسىنىڭ بىر يۈرۈش ئاتالغۇلىرىغا مەخسۇس لۇغەت تۈزۈپ چىقىپ، ئەرەب تىلى خەزىنىسىنى بېيىتتى. فارابى تىل ۋە لوگىكا جەھەتتە ئۆز ئۇستازىدىن تېز ئېشىپ كەتتى. فارابىنىڭ تىل ۋە لوگىكا جەھەتتىكى ئۇستازى بولغان ئەبۇبەشەر مەتتە ئىبنى يۇنۇس ئۇلۇغ يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ھامىيسى بولۇپ، ئۇ ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى دەسلەپكى تەرجىمىسى ۋە شەرھىسىنى ئىشلىگەنىدى.
فارابى باغداتتا ئىگىلىگەن بىلىملىرى بىلەن يەنە قانائەت ھاسىل قىلالمىدى. شۇڭا ئۇ داۋاملىق ئۆگىنىش نىيىتىدە ھەرران شەھىرىگە كەلدى. ھەرران ئەينى يىللاردا مىسسۇپوتامىيىدىكى مۇھىم بىر مەدەنىيەت ئوچىقى ئىدى. ئۇ يەر ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىدا باغدات شەھىرىدىن جىق ئىلگىرىلەپ كەتكەنىدى. فارابى ھەرراندا خرىستىئان دىنىدىكى ئاتاقلىق پەيلاسوپ، دوختۇر ۋە ئالىم بەشەر مەتتە ئىبنى يۇنۇسنىڭ ئۇستازى يوھەننا بىننى ھەيلاندىن پەلسەپە ئۆگەندى. ئۇ فارابىغا ئاساسەن لوگىكا ۋە ئارىستوتىل پەلسەپىسىدىن، يەنە ماتېماتىكا، نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك ۋە پىفاگور مۇزىكا تەلىماتىدىن تەلىم بەردى. فارابى باغداتتىكى ۋاقتىدا ئەتراپىغا دۆۋە – دۆۋە كىتابلارنى يىغىۋېلىپ جان – جەھلى بىلەن بېرىلىپ ئۆگەنگەنىدى. ئاشۇ كىتاب دۆۋىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا ئارىستوتىلنىڭ كىتابلىرىمۇ ئۇچرىغانىدى. بۇ ھادىسە فارابىنىڭ ئارىستوتىلچىلىق ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يېڭى بىر پەللە ياراتقان نامايەندىسى بولۇپ قېلىشىغا دەسلەپكى سەۋەب بولۇپ قالغانىدى.
فارابىنىڭ ئىلىم يولىدىكى ئىزلىنىشلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۇنىڭدا تەبىئىىي ھالدا ئارىستوتىلغا بولغان قىزىقىشنى پەيدا قىلىپ قويغانىدى. ئۆزىدە تۇرغۇزۇلغان تەبىئەتشۇناسلىق كۆزقارىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كۆزقاراشلىرىنىڭ تۈرتكىسى، شۇنداقلا تۇيۇقسىز ئۇچرىغان ئارىستوتىل ئەسەرلىرى قەلبىدە قوزغىغان يېڭى ئىنتىلىشلەر فارابىنى تەبىئىىي يوسۇندا ئۇ ئۆزى مەرۋىدىكى چېغىدىلا داڭقىنى ئاڭلىغان ئۇلۇغ ئالىم – يوھەننا بىننى ھەيلان ھۇزۇرىغا باشلاپ كەلدى.
فارابى ھەرراندا ئالىكساندىرىيە ئىلمى گۇرۇھىدىكى خرىستىئان تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ئارىستوتىل ئەسەرلىرى بىلەن ئارىستوتىلنىڭ گرېك يېزىقىدىكى ئەسلى ئەسەرلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئۆگەندى. ئۇ ئارىستوتىلنىڭ «روھ توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى 100 قېتىم، «مىتافىزىكا» دېگەن ئەسىرىنى 40 قېتىم، «رىتورىكا» دېگەن ئەسىرىنى 20 قېتىم ئوقۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تېگى – تەكتىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ماھىيەتنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن توختىدى. فارابى ھەر بىر ئەسەرنى قايتا ئوقۇغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرىراق تەلەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ماھىيىتى، مۇۋەپپەقىيىتى ۋە نۇقسانلىرىنى تولۇق ئىگىلەشكە تىرىشاتتى.

فارابى باغداتقا ئىككىنچى قېتىم مىلادى 921 – يىللىرى كەلگەنىدى. ئۇ شۇ قېتىم كەلگەنچە باغداتتا توپتوغرا يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاساسەن كىتاب كۆرۈپ داۋاملىق ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، دەرس ۋە لېكسىيىلەر ئوقۇش، شاگىرت تەربىيىلەش، كىتاب يېزىش بىلەن مەلىكە بولۇپ ئۆتتى. فارابىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باغداتتا يېزىلدى.
فارابى 941 – يىلى سىياسىي پاراكەندىچىلىكتىن بىزار بولۇپ باغداتتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ھەلەپ(شام) شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرمايلا ئۇدۇل ئۆز يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ئات سالدى. ئۇ ئانا يۇرتىنى قەۋەت سېغىنغانىدى. مۇتەئەسسىپ روھانىيلارنىڭ كۈچى كۈنساناپ شىددەت بىلەن ئۇلغىيىپ، مەزھەپ ماجىرالىرى ۋە سىياسىي پاراكەندىچىلىك پاتقىقىغا باشچىلاپ پېتىپ قالغان ئەرەب ئەللىرىنى ئۇنىڭ كۆرەر كۆزى يوق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇشۇ قايتىپ كەلگەنچە ئۆز يۇرتىدا تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرۇپ قالماقچى ۋە ئىسلام ئېتىقادى بىلەن ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ھاڭغا كۆۋرۈك سېلىشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى. فارابى باشتىن – ئاخىر ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىش مەقسىتىدە بولغاچقا، تا ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىپ، قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغۇچە ئەرەب ئەللىرىدە ئۆيلۈك – ئوچاقلىقمۇ بولماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىنىشكە ئىشتەي ساقلاپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ گەرچە ئەرەب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا بولغان چوغدەك مېھرى – مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركچە كىيىنىپ، بېلىگە قارلۇقلارچە پوتا باغلاپ يۈرۈشنى قەتئىي تاشلىمىدى. ئۆز ئانا تىلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى قەتئىي ئۇنتۇمىدى.
ئۇ ئانا يۇرتى فاراب شەھىرىگە يېتىپ كەلگۈچە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە يول بويى لېكسىيە سۆزلەپ ماڭدى. ئۇ دەسلىپىدە مەنسۇر ئىبنى نوھ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سامانىيلار دۆلىتىگە كېلىپ بىر توختىدى. ئۇ بۇ يەردە پادىشاھنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئىككىنچى تەلىمات» دېگەن كىتابىنى يېزىپ، مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىگە چوڭقۇر قايىللىق بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭغا «ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز» دېگەن شۆھرەتلىك نامنى ئاتا قىلدى. فارابى يازغان بۇ كىتاب ئىسپىھان شەھىرىدىكى «سىۋانۇل ھېكمە» كۇتۇپخانىسىغا قويۇلدى.
فارابى ئۆز يۇرتى فاراب شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. گەرچە فارابىنىڭ داڭقى بۇ يەرگە ئاللىبۇرۇن يېتىپ كېلىپ ئۆز ئىگىسىنى ساقلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى تونۇشلۇق بەرمىگۈچە ئۆز يۇرتىدا ئۇنى تونۇيدىغان ئادەم چىقمىدى. كىچىك چاغلىرىدا ئۆزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىرنەچچە بۇرادىرىنى ئىزلەپ كۆرۈۋىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى ئىچىدە قالغان فاراب شەھىرىدىن ئائىلىسى بىلەن بىللە باشقا بىر يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ چىقتى. فاراب شەھىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى جەڭگىۋار قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدى، بازارلاردىمۇ گۆرىستان جىملىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. ئاۋات رەستىلەر چۆلدەرەپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قايناق ھالىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدى، سېپىللارنىڭ ئۇيەر – بۇيەرلىرى چۈشۈپ ئالا – پاساق بولۇپ قالغان بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى كونىراپ، ئۈلگۈچەكلىرىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغانىدى. بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ فارابىنىڭ كۆزلىرىدە ئىختىيارسىز يىغا قاينىدى.
فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك تۈپەيلى ئۆز يۇرتىدا ئۇزاق تۇرالمىدى. بۇ چاغلار قاراخانىيلار بىلەن سامانىيلار ئۆزئارا زىتلىشىۋاتقان، بۇخارادا يانغىن كۆتۈرۈلگەن چاغلار ئىدى.
فارابى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدىكى قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق نەزمە توقۇدى:

چەكسىمۇ زەخمەت – مالامەت سىز تەرەپتىن تەندە جان،
سىنە – قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان؛
ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغىتىپ تۇرغاچ مېنى،
زوق، ئۈمىد – ئىككى سەۋەب دەل سىز تەرەپكە دائىمان.
قوزغىلىپ چىقسام سەپەرگە سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن،
يا ئىزىمغا قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان!
سىزدىن ئەۋزەلرەك دىيار – ئەل گەر تەئەررىز قىلسىمۇ،
ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان.
ئېغىر ئازابقا پاتقان ھالدا فاراب شەھىرىدىن يولغا چىققان ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز يۇرتىدىن قايتىپ كېلىپ سىياسىي پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالغان باغداتقا قايتا بېرىشنى خالىماي، توپتوغرا دەمەشىققە يېتىپ كەلدى.

فارابى 849 – يىلى دەمەشقتىن چىقىپ ئىسمائىلىزىم پىكىر ئېقىمى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ كېتىۋاتقان مىسىرغا كېلىپ توختىدى. فارابى مىسىردا نۇرغۇن ئالىملار بىلەن تونۇشتى، ئىلمىي لېكسىيىلەر ئوقۇدى ۋە بىر قاتار ئىلمىي بەس – مۇنازىرىلەردە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ، زور ھۆرمەت ۋە شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولدى. فارابى مىسىردىمۇ ئۇزاق تۇرماي يەنە دەمەشققە قايتىپ كەلدى.
فارابى 80 ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي خېلىلا تەمبەل ۋە ساغلام ئىدى. قېرىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي سەيپۇل دەۋلە سوۋغا قىلغان پەرغانە ئارغىمىقىغا باشقىلارنى يۆلىگىلى سالماي مىنەلەيتتى. 80 ياشلىق فارابى يەنىلا ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا ۋەزمىن، ئۆتكۈر، تېتىك بولۇپ، ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى، تەسەۋۋۇرىنىڭ تېزلىكى، ئالدىن بايقاپ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، مۇھاكىمە ۋە نۇتقىنىڭ مەنتىقىلىقلىقى ۋە ئوبرازلىقلىقى بىلەن ھەرقانداق كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئىلغار كۆزقاراشلىرىدىن زادىلا يالتايمىدى ۋە ھەقىقەت يولىدىكى جاپالىق كۈرىشىنى بىرەر مىنۇتمۇ توختاتمىدى.
فارابى ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن دائىم: «سىز ئۇلۇغ ئالىممۇ ياكى ئارىستوتىلمۇ؟» دەپ سورىغاندا، فارابى ئىزچىل ھالدا: «ئەگەر مەن ئارىستوتىل زامانىدا ياشىغان بولسام، ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شاگىرتلىرىدىن بولغان بولاتتىم» دەپ جاۋاب بېرەتتى.
فارابى تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە قانائەتلەنمىدى، ئۆگىنىش ۋە ئىزلىنىشنى زادىلا توختاتمىدى. فارابى ئىلىم بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆيلەنمەي ئۆتۈپ كەتتى.
ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئۇستازى سۈپىتىدە كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشتى. ئۇنىڭ يالغۇز شامدىلا ئون مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. فارابىنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدىن ئىسلامىيەت شەرقىگە تونۇلغان مەشھۇر ئالىملاردىن نۇرغۇنلىرى يېتىشىپ چىقتى. ئۇنىڭ ھەرراندىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەڭ مەشھۇرى ئەبۇ زەكەرىيە يەھيا ئىبنى ئەدى ئىدى. يەھيا ئىبنى ئەدىنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدىنمۇ بىرمۇنچە مەشھۇر ئالىملار يېتىشىپ چىققانىدى.
فارابى شەھەرلەرنى ئارىلاپ، ھەتتا يىراق – يىراق مەملىكەتلەرگە بېرىپ سەييارە نۇتۇق سۆزلەشنى پەقەت قولدىن بەرمىگەنىدى. يۇرت – يۇرت ۋە شەھەر – شەھەرلەردە ئىلمىي سۆھبەت ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆز تەلىماتلىرىنى دەۋر تەقەززاسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ كەلگەنىدى. بىراق ئۇنىڭ بارغانلا جايدا كۆرگىنى ھاكىمىيەتتىن نارازى بولغان خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى، ھاكىمىيەتتىكى چىرىكلىك، ئىچكى نىزالار ئىدى. فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ، باغداتتىمۇ، سۈرىيەدىمۇ، مىسىردىمۇ ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلمەتنىڭ ھەممە دەھشەتلىك تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇڭا ئۇ كۆرگەنلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق شېئىر يازغانىدى:
ھەر چېكىنگەن دەمدە تەتۈر بۇ زامان – دەۋرانىغا،
سەن قىلىپ سۆھبەت يېتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا؛
بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
ھەممە باشقا دەرد يېتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا؟
فارابى تىنىمسىز ئىلمىي ئەمگىكى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر پەلسەپىسى ۋە ئىلىم – پەننىڭ ھەممە ساھەسىدە غايەت زور ئىلمىي مىراس قالدۇرۇپ ئۆتتى. فارابى ئۆز ئۆمرىدە 160 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازدى. ئۇ بەزى ئەسەرلىرىدە ئارىستوتىل ۋە قەدىمكى گرېك ئىلمىي مىراسلىرىنى ئىجادىي شەرھلەپ جارى قىلدۇرغان بولسا، يەنە كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇستەقىل ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر بىلەن بايان قىلىپ چىقتى. فارابىنىڭ ئارىستوتىل، ئېۋكىلىد، پىتولىمى قاتارلىق گرېك پەيلاسوپ ۋە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا يازغان شەرھلىرى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا ئىشلەش، قايتا ئىزاھلاش، ئېنىقسىزلىقلارنى روشەنلەشتۈرۈپ، نۇقسانلارنى تۈزىتىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. فارابى بۇ خىل شەرھى ئەسەرلىرىدە قەدىمكى گرېك ئىلغار كۆزقاراشلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، ئۇنى يېڭى پىكىر ۋە پاكىتلار بىلەن راۋاجلاندۇردى. فارابىنىڭ قارىشىچە، ئارىستوتىل ۋە قەدىمكى گرېك ئىلمىي مىراسلىرىنى بۇنداق ئىجادىي شەرھلەش ئۇنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش ئىشىنىڭ پەقەت باشلىنىشىلا ئىدى. فارابىنىڭ مەقسىتى ئارىستوتىلنىڭ ئىلغار ئىلمىي، پەلسەپىۋى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت دۇنياسىغا تەتبىق قىلىش، شەرق خەلقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق مۇنەۋۋەر ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پەلسەپىۋى جەھەتتىن يەكۈنلەش، ئۆز زامانىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە ئىمكانقەدەر توغرا جاۋاب بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. فارابى بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ بىر قاتار مۇستەقىل ئىدىيىلەرنى ئالغا سۈرگەن ئەسەرلىرى بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆز پەلسەپىۋى سىستېمىسىنى ياراتتى. فارابىنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى سىستېمىسى ئىسلامىيەت شەرقىدە تەبىئەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېڭى يول ئاچتى.
ئەرەب ئىلغار ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى فارابىدىن باشلانغانىدى. ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنى قايسى مىللەت ۋە قايسى مەملىكەتتە ئاپىرىدە بولسۇن، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايتتى.
فارابى ئۆز دەۋرىنى، جۈملىدىن ئۆز بىلىملىرىنى تارىخ ۋە بىلىش تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى دەپ جاكارلىماي، تولىمۇ ئىپتىدائىي بىر بالداق، ھەتتا ئالەم سىرلىرىنى ئاچالمىغان بىر بالداق دەپ ھېسابلىغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر رۇبائىيسىدە تولىمۇ چىنلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغانىدى:
مەۋجۇتلۇق سىرلىرى خام – پىشماي قالدى،
بۇ قىممەت دۇر يىپقا تىزىلماي قالدى؛
ھەركىم ئۆز ئەقلىچە بىر سۆز دېدىيۇ،
ئەمما ئەسلى سىر ھېچ ئېچىلماي قالدى.
فارابىنىڭ قارىشىچە، تېخى ئالەمدىكى مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ سىر ۋە قانۇنىيەتلىرى يېشىلمىگەن، كىشىلەر ئالەم سىرلىرىنى بىلىش يولىدا كۆپ ئىزلەنگەن بولسىمۇ، بىلىش تېخى ئاخىرقى پەللىگە يەتمىگەنىدى.
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت پەھلىۋانى ئەبۇنەسىر فارابى مىلادى 950 – يىلى ماھى رەجەپ(دېكابىر ئېيى)نىڭ بىر كۈنى دەمەشقتىن بەلخكە كېتىۋاتقاندا، دەمەشققە يېقىن بىر جايدا مۇتەئەسسىپ روھانىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىنىڭ زور مال – دۇنيا ۋەدە قىلىپ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۆزىنى پايلاپ يۈرگەن قوراللىق باندىتلار تەرىپىدىن ۋاقىتسىز ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
ئالىمنىڭ جەسىتىنى بىرىنچى بولۇپ يەنە ئەسقالاندىن دەمەشققە قايتىپ كېلىۋاتقان سەيپۇل دەۋلە بايقىدى ۋە بۇ ئۇلۇغ ئۇستازنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى ئېتىپ قان – يامغۇر يىغلىدى.
شۇ كۈنى سەيپۇل دەۋلە رەسمىي ماتەم لىباسى كىيىپ، ئالىمنىڭ جەسىتىنى تېگىشلىك دەبدەبە بىلەن دەپنە قىلدى. فارابىنىڭ قەبرىسى دەمەشق شەھەر سېپىلىنىڭ «بەبەس سەغىر» دەرۋازىسى يېنىدىن ئورۇن ئالدى.
شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، ئىنىسكىلوپىدىك ئالىم ئەبۇنەسىر فارابى ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل بىلىش تارىخىدا، پەن – مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ ئالەمدىن ئۆتتى! شەرقنىڭ ئەڭ ئالىي پەيلاسوپى ۋە ئارىستوتىلچىسى ئەبۇنەسىر فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر پۈتۈن دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. «شەرق ئارىستوتىلى»، «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان فارابى شەرق دۇنياسى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى. ئۇ پەلسەپىگە ئۇل سالدى ۋە پەلسەپىدىكى ھەرقايسى ئىلىملەرنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان شەرق پەيلاسوپلىرى ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دېيەرلىك. سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. پەلسەپە سوقرات، ئەپلاتون ۋە ئارىستوتىلنىڭ قولىدا دۇنياغا كېلىپ، تا فارابى دەۋرىگە كەلگۈچە سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەلسەپە ئويلىشىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. فارابى غايەت زور ئەمگەك سىڭدۈرۈپ بۇ ئىشنى پەزىلەتلىك شەھەر ھەققىدىكى قاراشلىرىدا دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۇتۇقلۇق تاماملىغان بىردىنبىر ئادەم بولۇپ قالدى. فارابىنىڭ شانلىق ئىدىيىسى ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يارقىن نەمۇنىسى سۈپىتىدە ئىبىن سىنا، ئۆمەر ھەييام قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ئارقىلىق ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا ۋە ياۋروپا پانتىزمىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا فارابىنى ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى «ئىدىيە ئازادلىق مۇتەپەككۇرى»، «ئىلىم – پەن قەھرىمانى»، «روھىي ئەركىنلىك، تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە گۇمانىزم ئۈچۈن كۈرەشكۈچى جەڭچى» دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەشمەكتە!
مەرھۇمنىڭ شۇ ناملىق كىتاپچەسىدىن :