مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار

ئۇيغۇر قىز بالىلار ئويۇنلىرى: «ئىلەڭگۈچ» ئويۇنى

ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كەشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ–گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى، ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا…