قىممەت ۋە ھىممەت ، يالقۇن رۇزى

قىممەت ۋە ھىممەت

يالقۇن رۇزى شىۋولدىكى رازىخان 2001- يىلى 12- مارت چۈشتىن بۇرۇن. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىغا قاراشلىق بىر نامرات يېزا. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىپ تۇراتتى. ئەتىياز بىلەن قىش ئارلىقىدا بولىدىغان مۇزدەك سوغۇق بەدەننى ھېلىدىن –ھېلىغا جۇغ –جۇغ قىلاتتى. چاڭ…