تارباغاتاي ۋىلايىتى

رايوننىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى:
تارباغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال بەلۋىغى ۋە غەربى قىسىم تاغلىق رايوننى كىسىپ ئۆتىدۇ. شەرقىي جەنۇبى شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ۋە بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بىلەن، غەربىي جەنۇبى بورتالا مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ۋە قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن، شەرقىي شىمالى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى قازاقىستان بىلەن چىگىرلىنىدۇ، قارماي شەھىرى ۋە كۈيتۇن شەھىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چۆچەك شەھىرى شىخۇ شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيسى، ساۋەن ناھىيسى ، تولى ناھىيسى،چاغانتوقاي ناھىيسى ۋە قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ناھىيسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە چۆچەك شەھىرىدە، 2004-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۇمۇمى نۇپۇسى 966 مىڭ 281 بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ562مىڭ160نەپەر، قازاق 237مىڭ336نەپەر، خۇيزۇ67مىڭ847نەپەر، ئۇيغۇر 42231نەپەر، موڭغۇل 33مىڭ678، داغۇر 533نەپەر بولۇپ قالدىسى باشقا مىللەتلەتلەردىن تەركىپ تاپقان.
تەبىئي بايلىقى:
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى ئىگىز، ئوتتۇرسى پەس بۇلۇپ، جەنۇبىي قىسمى تەڭرىتاغ سۇ شىمالىي باغرى تاغ ئالدى ئېقىن تىنما تۇزلەڭلىكى، شىمالى قىسمى تارباغاتاي تاغلىق رايونى ۋە تارباغاتاي-دۆربىلجىن ئويمانلىقى، شەرقىي قىسمى گۇربانتۈڭگۈت قۇملىقى، غەربىي قىسمى بارلىق تاغ رايونى.سۇ بايلىقىدىن دۆربىلجىن دەرياسى، كۇيتۇن دەرياسى، يەنسىخەي دەرياسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قىزىلما بايلىقلىرىدىن نىفىت، تەبئىي گاز، كۆمۇر، مانگال، مىس، قوغۇشۇن، خروم، ئالتۇن، كۆل تۇزى، بېنتونىت قاتارلىق 50 نەچچە خىل بار. ياۋا ھايۋانلىرىدىن يىلپىز، بۆكەن، قۇلان، ئاق لەيلەك، جەرەن، بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، بوز ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۇملىكىللەردىن سوغا گۈل، قانتىپەر، چوڭ سۇزاپ، كىرەش، چۈچۈكبۇيا، قۇمۇش قاتارلىقلار بار. تارباغاتاي ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ۋە يىرىم قۇرغاق ئىقلىم رايۇنىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتورسى 7.0 سېلسىيە گىرادوس، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل-يېغىن مىقدارى223.4مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا .ئايلىنىش مىقدارى 1941.4 مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 153 كۇن.
ئىگىلىك ئىقتىسادى:
تارباغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەرئىشلەپچىقىرىش ۋە چارۋىچىلىق ئاساسىي بازىسى، ساۋەن ناھىيسى بىلەن شىخۇ شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك يىزا ئىگىلىك ئىكىلوگىلىك ناھىيە ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پاختا بازىسى ناھىييىسى ھىسابلىنىدۇ. چۆچەك شەھىرى، شىخۇ شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيسى ۋە ساۋەن ناھىيسى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، مايلىق دان ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى. بۇ رايوندا بىر تۈركۈم بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدىكى يېڭى زامانىۋى سانائەت كارخانلىرى قۇرۇلدى. كۆمۇر، ئىلىكتىرئېنىرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، كۆن-خۇرۇم يوڭ تۇقۇمچىلىق، پاختا تۇقۇمچىلىق، قەنتشىكەر، يىمەكلىك، سۈت مەھسۇلاتلىرى، قەغەزچىلىك ھاراق ئېچىتىش، خېمىيە سانائىتى، كىيىم-كىچەك قاتارلىق سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش سېستىمىسى بارلىققا كەلگەن. يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئارپا، بۇغداي، كۆمىقوناق، شال، كېۋەز، سەۋزە، پۇرچاق، كۈنجۈت، زاراڭزا،گازىر، ئالما، ئۈزۈم، شاپتۇل، تاۋۇز، قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقلىرىدىن قوي، ئۆچكە، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قۇيى ۋە باشباي چوڭ قۇيرۇقلۇق قۇيى پۇتۇن مەملىكەتكە داڭلىق.
قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى:
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ «جۇڭغار دەرۋازىسى»دېگەن نامى بار. قاتنىشى قولايلىق ، دۆلەت يولى 312-لىنيىسى، ئۈرۈمچى كويتۇن يۇقىرى سۆرەتلىك يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۇر يولى ۋەدۆلەت يولى 217-لىنيىسى بىر-بىرى بىلەن كىسىشىپ ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان بۇلۇپ، نۇرغۇن ئۆلكەيولى تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىپ، تاشيول تورىنى شەكىللەندۈرگەن. ساۋەن، شىخۇدىن ئۆتۈپ ئالاتاۋ ئېغىزى ۋە قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق قازاقىستانغا تۇتىشىدىغان ، كۈيتۈن قاراماي ئارقىلىق قۇبۇقساردىن ئۆتۈپ ئالتايغا بارىدىغان تۆمۈر يول تارباغاتاينى كېسىپ ئۆتكەن ئىككى مۇھىم تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ھىساپلىنىدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدىكى باقتۇ دۆلەت پورتى 1-دەرىجىلىك پورىت ھېساپلىنىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ سايائەت بايلىقى مول،ئانتىروپولىگىلىك ئەۋزەللىككە گەۋدىلىك. مەدىنيەت يادىكارلىقلىرىدىن جۇڭغارخانلىقى قەدىمى شەھەر خارابىسى، ئۇسۇنلار قەبرىستانلىقى، قارائىمىل قىياتاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرلىك جايلىرىدىن كويغولىن ئورمىنى، باياغول، بۇغا مۇڭگىزى داۋىنى، مىڭبۇلاق بايلىقى قاتارلىقلار بار.