تارىخىمىزدىكى ئاياللار ئوبرازى

تارىخىمىزدىكى ئاياللار ئوبرازى ، ئاماننىساخان

پەرھات جىلان

ئىنسانلارنىڭ ئانىلارنى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغان ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا باشلانغان.ئىنسانلار ئىجتىمائىي مەخلۇقات سۈپىتىدە تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان ئاشۇ يىراق ئۆتمۈشتە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ،قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تىكلەنگەن مۇئەييەن كىشىلەر توپى يەنى مۇئەييەن ئۇرۇق ئانىلارنى مەركەز قىلىپ تەشكىللىنەتتى.ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئانا تەرەپنى ئاساس قىلاتتى.ئاياللار ئۇرۇق –جامائە ئىچىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ،بارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلاتتى.ئەر كىشى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ باراتتى ۋە ئايال تەرەپنىڭ جەمەتىگە ئۆتۈپ كېتەتتى.

قىسقىسى،ئاياللارنى ئەزىز كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى پۈتۈن جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلانغانىدى.بۇ خىل ئېتىقادنىڭ روھىي ماھىيىتى-ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەزمۇندا بېيىغان،يەنى ئاياللار ئىنسانلارنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن،يەنە ئەكسىگە ياندۇرۇپ بارلىقتىن يوقلۇققا ئايلاندۇرالايدۇ،دەپ قارالغان.دېمەك،ئىپتىدائىي ئادەملەر ئاياللارنى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى ۋە ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ جىنس دەپ چۈشەنگەن.

سىنىپىي جەمىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن تەدىرىجى ھالدا ھوقۇق ئەرلەرگە مەركەزلەشكەن ئاتىلىق تۈزۈمى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتتى.دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقى رەسمىي قانۇنلاشتى.شۇنداقتىمۇ ئانىلارنى ھۆرمەتلەش،ئاياللارغا كۆيۈنۈش ھېسىياتى كىشىلەر قەلبىدە يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.بۈگۈنكى دۇنيادا ئاياللارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداش تەلىپى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمىي بولۇپ قالدى.ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئاياللار ئوبرازىغا نەزەر سالساق،جەمىئىيەتتىكى ئاياللار ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ئاڭ ھالىتىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.مەلۇمكى،خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۆز ئارا تولۇقلاش رولىنى ئويناپ،مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆپخىللىشىشى تەبىئىي ھالدا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى تاكاممۇللىشىشقا،تۈپەككۈر پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.بۇ ھال ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاڭ كاتىگورىيىسىنى بەلگىلەيدۇ.ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ قانداق بولۇشى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ باسقۇچلۇق تەرەققىياتىغا شۇنداقلا جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.نەتىجىدە،بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى،تەپپەكۈر شەكلى ۋە قىممەت قارشى تەدرىجىي شەكىللىنىپ چىقىدۇ.ئەنە شۇ خىل تەدرىجى شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئامىللار كىشىلەرنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتىنى نىسبەتەن تۇراقلاشقان ئىجتىمائىي ئاڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ.مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئاڭ ئوخشاشمىغان تارىخىي شارائىتتا ئوخشاشمىغان تەسەۋۋۇر ۋە ئوخشاشمىغان ئىدىئولوگىيە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.دېمەك،ئاياللار ئازادلىقى ئىدىيىسى ۋە ئاياللارنى قەدىرلەش ھېسىياتى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشتىن-ئاياغ داۋاملىشىپ كەلگەن.

سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار شۇ دەۋرلەردە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى،بۇ دىننىڭ ئەۋلىيالىرى ھىسابلانغان شامانلار پۇقرالار ئىچىدىكى ئەر-ئاياللاردىنباراۋەرلىك ئاساسىدا تاللاپ سايلىناتتى.

ھەتتا بىر قىسىم ئۇرۇق قەبىلىلەردە شامانلار مۇتلەق ئايال بولاتتى.ئەل ئىچىدە«شامانلار ئۇ دۇنيا بىلەن بۇ دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى،ئۇلار ئەجداتلارنىڭ روھى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىدە بولۇپ،جىن-ئالۋاستىلارنى قوغلاپ كەتكۈزۈپ،خەلقنى بالايىئاپەتتىن ساقلاپ قالالايدۇ»دەپ قارىلاتتى.شۇڭلاشقا ئەينى دەۋردە ئاۋام پۇقرالاردىن تارتىپ ھۆكۈمران خانلارغىچە شامانلارغا جۈملىدىن ئاياللارغا باش ئۇرۇپ،ئۇلاردىن مەدەت ئاسايىشلىق تىلەيتتى.توي ۋە ئۆلۈم ئىشلىرىغا شامانلار رىياسەتچىلىك قىلاتتى.تەبىئىي ئاپەت ۋە ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى يۈز بەرگەندە يەنە شۇ شامان دەپ ئاتالغان ئەر-ئاياللار پىرە ئويناپ«ئاپەت ياغدۇرغۇچى»جىن-ئالۋاستىلارنى قوغلايتى.ئەجدادلارنىڭ مۇقەددەس روھلىرىنى«ياردەم»گە چاقىراتتى.ئومۇمەن پۈتۈن جەمئىيەت ئەنە شۇ كارامەتلىك شامانلارنىڭ تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتىگە ئىشىنەتتى ۋە ئۇلارغا چىن قەلبىدىن سېغىناتتى.

ئۇيغۇرلار شامان دىنىنى تاشلاپ،مانى دىنىغا كۆچكەندىن كېيىنمۇ ئاياللارنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى كىشىلەر ئېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى.،مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئورخۇن سېلىنگا،تۇغلا دەريا ۋادىلىرى ۋە ئۆتۈكەن تاغلىرىنى ماكان تۇتۇپ ياشىغان قەبىلىلىرىدە شۇ دەۋىرلەرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە داۋاملاشقان ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە ئوغۇل پەرزەنت ھەر قېتىم ئۆيگە كىرگەندە ئالدى بىلەن ئانىسىغا ،ئاندىن ئاتىسىغا تەزىم قىلىپ سالام بېرەتتى.

يەنە شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى رەسمىي ھۆججەت خاراكتېرلىك تاش پۈتۈكلەردە قاغان (خان) بىلەن قاتۇن (خانىش) ئاتالغۇلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغان.مەسىلەن،مىلادى 750-يىلى ئورنىتىلغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ تەكشىتى خانلىقىنىڭ ئىككىنچى قاغانى بايانچۇرنىڭ تىلىدىن بايان قىلىپ،«قاغان قاتۇن ئاتاغ ئاتانىپ »(قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرى بىلەن ئاتىلىپ) خانلىقنى باشقۇرغانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان.

دېمەك،ئەلنى سوراشتەك زور سىياسىي-ئىجتىمائىي پائالىيەتتىمۇ خان بىلەن خانىش تەڭ باراۋەر ئورۇنغا قويۇلغان.

شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىمۇ ئاياللارغا كۆيۈنۈش،خوتۇن-قىزلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئىدىيىلىرى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەنىدى.ئەگەر كىمدە كىم مەرتىۋىسىنىڭ ھەرقانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېرى بار ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلسا،ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆلۈم جازاسى بېرىلەتتى.ئەگەر كىمدە كىم ياتلىق بولمىغان قىزنىڭ نومۇسىغا تەگسە،ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشى شەرت ئىدى.ئەر كىشى قازا قىلسا ئۇنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئىنىسى ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرىگە ياتلىق بولاتتى ۋە شۇ ئارقىلىق مەزكۈر ئۇرۇق جەمەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىتىنى ساقلاپ قالاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئايال كىشى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ توپلىشىپ ياشاشتەك ئۇرۇقداشلىق شارائىتىدا تۇل بولۇپ،باشپاناھسىز قېلىش قىسمىتىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتى.جەمئىيەت ئەزالىرى ئۇرۇق-جەمەتلەر بويىچە ئايرىلغان چوڭ ئائىلە تۈزۈمىدە شەكىللەنگەن شۇ خىلدىكى ئادەتلەر دېھقانچىلىق ۋە شەھەر مەدەنىيىتى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە خېلى ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.

ئورخۇن يايلاقلىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق شارائىتىدا ياشىغان ھەم شىنجاڭ بوستانلىقلىرىدىكى دېھقانچىلىق،باغۋەنچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەرلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرىگە قاتناشتى.ئۇلار تەبىئەتكە قارشى كۈرۈشلەردە ياكى تۈرلۈك سىياسىي-ئىجتىمائىي بوران-چاپقۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى ۋە ئېگىلمەس ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى.جاپالىق تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سىناقلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئامىللار ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئىش-ئەمگەكتە تىرىشچان،كۈرەشلەردە جەڭگىۋار،كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە بىر قەدەر دادىل ۋە ئەركىن بولۇشتەك جانلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئانىسى گەرچە تۆۋە تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ،كۆپ ئوقىغان ۋە ئۆگىنىشتىن ئەقىل تاپقان ئايال بولغاچقا،ئوغلى مەھمۇدنى كىچىكىدىنلا ئائىلىدە ئۆزى ئوقۇتۇپ،ساۋاتىنى چىقارغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئېرى ھۈسىيىن ئىلىك خانغا ھەمىشە پايدىلىق مەسلەھەتلەرنى كۆرسىتىپ،خان جەمەتىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان.

Ⅺ ئەسىردە سالجۇقىلار ئوردىسىغا قاراخانلار ئوردىسىدىن كېلىن بولۇپ كىرگەن تۈركەن خاتۇنمۇ بىلىمى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئېرى سۇلتان مەلىكشاھقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان.

بىر ئاددىي ئوتۇنچىنىڭ قىزى ئاماننىساخان ئۆز زامانىسىغا يارىشا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.ئۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى ئابدۇرىشىتخانغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش ۋە تولۇقلاشتەك ئۇلۇغۋار ئىلمىي ئىشقا ئۆچمەس توھپە قوشقان.

كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى قەشقەردىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان نۇزۇگۇم،مۆلجەر تېغىدىكى پىداكار يەتتە قىز،ئىلى خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىدە قۇربان بولغان مايىمخان،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى رىزۋانگۈل قاتارلىق نۇرغۇن يارقىن ئوبرازلار تارىختا ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى مەشھۇر داستانلارنىڭ باش تېمىسى ھامان گۈزەل ۋە ساداقەتلىك ئايال (قىز) ئوبرازىغا باغلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ چىن مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئېسىل روھى مەدھىلىنىدۇ.

سانسىزلىغان مىساللار بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئانىلارغا،ئىگىچە-سىڭىللارغا،قىز پەرزەنتلەرگە قارىتىلغان ياخشى كۆرۈش،كۆيۈنۈش ۋە قەدىرلەش روھى ھايات بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ،ھەر بىر ئادەم ۋە ئائىلىنى دەۋر قىلغان ھالدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەنە شۇ يورۇق نۇقتىلار ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ،ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.ھالبۇكى،بۇ يورۇق نۇقتىلار خىرەلىشىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ جەمئىيەتتە ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

جاھالەت،خۇراپات ۋە نادانلىقتەك مەنىۋىي ئاجىزلىقلار ئىنساننى ئەسلىدىكى مۇھەببەتلىك پاك تەبىئىتىدىن ياتلاشتۇرۇپ،«كۈچلۈكلەر»(ئەرلەر) «ئاجىزلار»(ئاياللار) نى خارلايدىغان ياۋايىلىقنى يېتىلدۈرىدۇ.ئىنسان داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتقان ۋە بېيىتقاندىلا مەنىۋىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ،ئاياللار بولمىسا ھاياتمۇ ئۆزىنىڭ تۈپكى مەنىسىنى ۋە ئەسلى ماھىيىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. «ئاياللار مىللەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلىگۈچى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى»دېگەن ئۇقۇم مەدەنىيەتلىك زاتلارنى بارغانسېرى چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا. دەرۋەقە،ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى ئىلمىيلىشىدۇ.نەتىجىدە،كەلگۈسى ئەۋلادلار ئىچىدە ياراملىق كىشىلەر كۆپلەپ چىقىدۇ.بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى ئىنسانلار تارىختىكى ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىجتىمائىي ئاڭ تەرەققىياتى جەريانىدا تېپىپ چىققان.بىز بۇ ھەقىقەتنى ئاڭلىق چۈشەنگىنىمىزدىلا خەلقنىڭ،مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قاراشنى ئۈگىنىۋالالايمىز.بۇ خىل مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئاياللارنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلانغاندا ئىنسانىيەتنى ۋە مىللەتنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئانا ئوبرازى خەلقنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

مەنبەسى: «شىنجاڭ ئاياللىرى»1999-يىلى 4-سان