«تارىخىي رەشىدىي» ھەققىدە

«تارىخىي رەشىدىي» ھەققىدە

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1495-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆراگان سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ پەرمانى بويىچە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، خوتۇنى خۇبنىگار خانىم بىلەن ئۆرەتۆپە (ھازىرقى تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا)گە بارغان. 1508-يىلى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆراگان شەيبانىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېراتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان ئانىسى خۇبنىگار خانىم بىلەن بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن، لېكىن بۇ يەردىمۇ بىخەتەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەخشاندىكى قەلئەئى زەفەرگە كەتكەن، 1509-يىلى كابۇلغا – بابۇرنىڭ ھوزۇرىغا بارغان.

1512- ۋە 1513-يىللىرى ئەنجانغا – سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان، 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن تاكى 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغانغا قەدەر، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدەخشانغا كەتكەن، ئۇ ياردىن كابۇلغا- كامران مىرزىنىڭ سائىيىغا بارغان. ئۇ يەردىن ئەگرەگە – ھۇمايۇن مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، 1541-يىلى كەشمىرنى ئالغان. شۇ ۋاقىتتىن تاكى 1551-يىلىغىچە كەشمىرنى ئىدارە قىلغان ۋە شۇ يىلى تاغلىق قەبىلىدىكىلەر ئاتقان ئوقتا يارىلىنىپ، كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن.

مىرزا ھەيدەر كۆراگان كەشمىرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1547-يىلى يەركەند خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى، سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئاتاپ پارسچە «تارىخىي رەشىدىي» (ئىككى كىتابقا بۆلۈنگەن، ئاپتور بىرىنچى دەپتەر، ئىككىنچى دەپتەر دەپ ئاتىغان)نى يازغان، بىرىنچى كىتاب «رەسمىي تارىخ» 70 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1329-1362-يىللىرى)نىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن تارتىپ ئابدۇرەشىدخان (1510-1559-يىللىرى) دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى كىتاب «ۋەقەلىكلەر بايانى» (ئاپتور بۇ قىسىمنى «مۇختەسەر» دەپ ئاتىغان) 117 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت تۇتقىنىدىن ئۆزىنىڭ كەشمىردە ھاكىمىيەت تۇتقىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

ئومۇمەن، بۇ كىتابقا 200 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، دىن، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيرات موڭغۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پائالىيەتلەر سۆزلىنىپ، موڭغۇل خانلىرى ۋە دوغلات جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغانلىق تارىخىمۇ بايان قىلىنغان.

«تارىخىي رەشىدىي» ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئەينى مەزگىلدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاسىتە ماتېرىيال بولالايدۇ. ئۇ شەرق مەملىكەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەر خىل قوليازما نۇسخىلىرى ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك قوليازمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. 18-، 19-ئەسرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇھەممەد سادىق كەشىغەرىي ۋە موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇرنىڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كاشغەردە تەرجىمە قىلىنغان، ھازىر تاشكەنتتە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسى بىزدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. 1895-يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم ئېدۋارد دېنىسون رۇس تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر غەربىي ياۋروپادىكى شەرقشۇناسلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە 1898-يىلى 2-نەشرى نەشر قىلىنغان، 1972-يىلى قايتا بېسىلغان؛ ئەنە شۇ ئىنگىلىزچە نۇسخا ئاساسىدا خەنزۇچە نۇسخىسى 1983-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم قىلىپ نەشر قىلىنغان.

تاكسون تەرىپىدىن ئىزاھ، ئىندېكىس بېرىلگەن، پارسچە تېكىست بىلەن بىللە ئىشلەنگەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 1996-يىلى ئامېرىكا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛ 1996-يىلى تاشكەنت «پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇسچە تەرجىمىسى، 2003-يىلى ئالما-ئاتادا قازاقچە تەرجىمىسى، 2004-يىلى تېھراندا پارسچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ 1895-يىلىدىكى ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيە سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.

«تارىخىي رەشىدىي»نى نەشرگە تەييارلاشتا موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ سانت-پېتېبۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .0759 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى ئاساس قىلىندى. موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ھىندىستان كىتابلىرى بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان مسس. تۇركى.1 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئامبىردگە ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مس.290 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى، «تارىخىي رەشىدىي»نىڭ موللا مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ سانت-پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .569 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان پارسچە قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئادد.24090 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلدى. ئۇلاردىن باشقا، خەنزۇچە، قازاقچە، پارسچە ۋە تۈركچە نەشرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېكىستولوگىيىلىك پەرقلەر ھاشىيىدە ئىزاھلاندى. دېمەك، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بىرقەدەر مۇكەممەل نەشر قىلىندى.

مىرزا ھەيدەر يەركەندە سەئىدخانغا ئەگىشىپ يۈرگەن چاغلىرىدا «جاھاننامە» ناملىق بىر داستان يازغان.
بۇ ئەسەر 1528-1533-يىللىرى يېزىلغان. مىرزا ھەيدەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە «ئاياز شىكەستە» ياكى «ئاياز» دېگەن سۆزلەرنى تەخەللۇس قىلغان، «جاھاننامە» ئاپتورنىڭ تىبەت ۋە بەدەخشان سەپەرلىرى جەريانىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. (ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى)

چۈشەندۈرۈش
«جاھاننامە» ئىلگىرى «ئايازبەگ قۇشچى» ياكى «ئاياز شىكەستە» دېگەن ئايرىم بىر شائىرنىڭ ئەسىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن، بۇ ئەسەرنڭ مىرزا ھەيدەرنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى،شۇنداق بولسىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنى چەتكە قاقمايدۇ.