تارىختىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئاياللار

1 – ئاماننىساخان . < 1534 _ 1567 > . سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس . 1567 – يىلى تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان .

2 – ئاخۇن ئاغچا . 19 – ئەسرنىڭ ئوتتىرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .

3 – ئەنبەر ئاتىن . < 1870 _ 1915 > . دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى . قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن .

4 – ئەسىرى . تەخمىنەن 18 _ 19 – ئەسرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .

5 – ھۇماي ئانا . تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 -ئەسرلەردە ياشاپ ئۆتكەن .

6 – بىبى زەينەپ . 1660 -يىلى ياركەنت شەھىردە تۇغۇلغان . ئىسمائىل خاننىڭ قىزى . 1678 -يىلى ھىدايەتۇللاھ خوجا سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۇرۈۋەتكەن .

7 – بىبى مەسۇم ئەززەم . 18 – ئەسردە ياركەنتدە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .

8 – جىۋا . < 324 _ ؟ > مەشھۇر ئالىم . نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسى .

9 – دىلبەر دورغا . 19- ئەسىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قاراقاشتا ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .

10 – دىلشاد بەرنا . < 1800 _ 1905 > ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ ئۆتكەن شائىرە . تاجىكىستان ئۆرەتۆپىلىك .

11 – راھىلە . < 1860 _ 1917 > ئاتۇشنىڭ ئۈستۇن ئاتۇش يېزىسىدىن . شائىرە .

12 – زەبوننىسا . بابۇرشاھنىڭ نەۋرىسى ، شائىرە.

13 – زۇلفىيە < كاشغەرى > ، ئۇ ھىدايەتۇللاھ خوجا جۇڭغارلارغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن .

14 – زىلەيخا بېگىم . ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئەدەبى تەرجىمان ، شائىرە . ھىدايەتۇللاھ خوجانىڭ < 1626 _ 1694 > ئانىسى .

15 – زۇمرەت . 19 – ئەسردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .

16 – سۇلى سۇما . مىلادىيە 4 – ئەسردە يەكەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر ۋە ئەدىب . ياركەنت خانىنىڭ كىچىك قىزى .

17 – سېمىرا قىزى . 10 – ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە . ئۇدۇن خانى چېسا ئىمرانىڭ قىزى .

18 – شىياۋ گۇەنيۇەن . < 1039 _ 1075 > قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرە . » ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن»

19 – شەنلىشى باقىشى . < ؟ _ 1332 > يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرە ۋە مەشھۇر خەتتات .

20 – گۇەن يۇنشى قىزى . 14 – ئەسردە يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە . «ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن »

21 – مۇترىبە . 18 – ئەسىردە فەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن كەشغەرلىك ئۇيغۇر شائىرە .

22 – نادىرە . < 1792 _ 1842 > قوقان خانى ناربوتابېك ھاكىم بولغان زاماندا راھمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر شائىرە .

23 – نازۇگۇم . ۋەتەنپەرۋەر ، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى . ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل . تەخمىنەن 1806 – 1807 – يىللىرى كاشغەردە تۇغۇلغان . 1827 – يىلى چىرىك مانجۇ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .

24 – ھەمرا بىبى . 19 – ئەسردە كاشغەردە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە