توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمھالى

يازغۇچى توختى ئايۇپ 1945 – يىل كۇچا ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1953 – يىلدىن 1961 – يىلغىچە كۇچا ناھىيسىدە باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1961 – يىلدىن 1963 – يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1979 – يىلغىچە كۇچا ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكىدە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1979 – يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىش ئىشىغا قاتناشقان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. توختى ئايوپ 1982 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1988 – يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

توختى ئايۇپ ئەدەبىيات ساھەسىگە 60 – يىللاردا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، 70 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قولىغا قايتا قەلەم ئالغاندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغىچە «قاراۋۇل»، «ھايات قەدرى»، «مۈڭگۈز»، «غۇر – غۇر شامال»، «بۆشۈك»، «ئاخىرقى ئىبادەت»، «گۇگۇمدىكى تەنھالىق» قاتارلىق ھېكايىلارنى، «مارجان بۇلاق»، «قۇم باسقان دېڭىز» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى ۋە «تەڭرىنىڭ ھۆكمى» ناملىق رومانىنى يېزىپ، ئەدەبىياتچىلار ۋە كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

توختى ئايۇپ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ، «قىساس» قاتارلىق دراملىلارنى، «بەخت ئىزلىگۈچى»، «ساقچى بىلەن شەيتان» قاتارلىق كىنو سىنارىيىسى – تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «كېلىچەك مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ» غا ئوخشاش ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يازغان.
توختى ئايۇپ ئىجادىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، جۈملىدىن 1991 – يىلى جۇڭگودا تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولغان جۇاڭ جىڭۋىن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

توختى ئايۇپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن «ھايات قەدرى» (1983 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «مارجان بۇلاق» (1985 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى، «ئارمان» (1988 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «قۇم باسقان دېڭىز» (1991 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «غۇر – غۇر شامال» (1993 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «تەڭرىنىڭ ھۆكمى» (1994 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.

توختى ئايۇپ ھازىر 2 – دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.