‹تۈركى تىللار دىۋانى› دىن تاللانغان پارچىلار

1-ماقال-تەمسىللەر
1. ئەدەب-ئەردەم بېشى تىل.
2. ئەندىك مېھمان ئۆي ئىگىسىنى ھۆرمەتلەر.
3. ئوت دىگەنگە ئېغىز كۆيمەس.
4. قوش قىلىچ بىر قىنغا سىغماس.
5. يىراق يەر خەۋىرىنى كارۋان كەلتۈرەر.
6.ئاتا بالىسى ئاتىسىدەك تۇغۇلار.
7. قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
8. كۆزدىن يىراق،كۆڭۈلدىن يىراق.
9. تاغ تاغقا قوۋۇشماس،ئادەم ئادەمگە قوۋۇشۇر.
10. بىر قاغا بىلەن قىش كەلمەس.
11. ئېرىنچەككە بوسوغىمۇ داۋان كۆرنەر.
12. زامان ئۆتەر،كىشى تويماس،ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس.
13. خاننىڭ ئىشى بولسا،خېنىمنىڭ ئىشى قېلىپ تۇرار.
14. ئادەمنىڭ ئالىسى ئچىدە،ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
15. بەش بارماق تەڭ ئەمەس.
16. كۈزنىڭ قانداق كېلىشى يازدىن مەلۇم بولۇر.
17. ئاي تولۇن بولسا ،قول بىلەن ئىملەنمەس.
18. سۇ كۆرمەگگنچە ئۆتەك سالما.
19. ئاچ نىمە يېمەس،توق نىمە دېمەس.
20. بىتەلەي قۇدۇققا كىرسە ،شامال ئېلىپ چىقار.
21. ياۋاش بىلەن ئۇرۇش،يۇزسىز بىلەن ئېيتىشما.
22. قۇرۇلغان كىرىچ تۈگۈلمەس،سالما بىلەن تاش ئېگىلمەس.
23. سىنمىسا ئېزىقىدۇ،ساقلانمىسا ئۇتقۇزىدۇ.
24. باتۇرلار بىلەن ئۇرۇشما،بەگلەر بىلەن تىركەشمە.
25. تاي ئات بولسا تىنۇر،ئوغۇل ئەر بولسا ئاتا تىنۇر.
ئالىپ ئەرتۇڭا ھازىسى
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك يېرتىلۇر.
ئەرلەر بۆردەك ھۆۋلىشىپ،
ياقا يىرتىپ ۋارقىرشىپ،
ئۈننىڭ بارچە چىرقىرشىپ ،پەرياد چېكىپ،
ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلەر.
كۆزۈمنىڭ يورۇقى كەتتى ،
جېنىمنى ئالدى .
ئۇ قەيەردە بولغاي،
ئەمدى ئۇيقىدىن ئويغىتار.

مەنبەسى :بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى