ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم – پىرخۇيلان

تۇيۇق مىڭئۆيى خارابىسى

پىرخۇيلان ( 726 – 820 – يىللىرى ) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.

پىرخۇيلان ( 裴 悲 ) مىلادى 736 – يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر ( خەنزۇچە خاتىرىلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن ) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋىرلەردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى قەشقەرنى ھەرقايسى ئەللەردىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ مۇقەددەس زىيارەتگاھىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرىق ئەللىرىدىن كېلىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە ئالىملىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنەتتى. بۇ دەۋىردە يەنە سانسىزلىغان مۇتەپپەككۇرلار ، ئالىملار ، تەرجىمەشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ ، قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەن پىرخۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالى ئىبادەتخانىلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنىش ئۈچۈن تىل – يېزىق ئۆگۈنىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئۆز ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. نەتىجىدە ئۇ كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس ، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان.
پىرخۇيلان ئۆمۈرىنىڭ كىيىنكى چاغلىرىدا قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە « پىشىۋا ئالىم » دىگەن شانۇ – شەۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ چاڭئەندە 20 يىل قان – تەر ئاققۇزۇپ ، « بارلىق نوم سۆزلىكلەرنىڭ شەرھىسى » ( 一切经音义 ) ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان. ئۇ چاڭەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى ( 西明寺 ) دا 52 يېشىدا ( مىلادى 788 – يىلى ) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى يېزىشقا باشلاپ ، 74 يېشىدا ( مىلادى 801 – يىلى ) تاماملىغان. ئالىم بۇ قامۇسنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ كاتتا نومى – چوڭ يوللۇقلار ماھايانا ( Mahayana ) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق راھەت – پاراغەت دۇنياسىغا يىتىپ بېرىش ھەققىدىكى « ماھابخاراژنا پارامىتا سۇترا » ( Mshaprajna paramita Sutra ) دىن باشلاپ ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەقدىم قىلىدىغان ۋە بۇددانى جان تىكىپ قوغدۇغىچى « 护命法 » سوتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان.

ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئىزاھلىغان ۋە شەرھىلىگەن نوملار جەمى 5480 جىلىد ئىدى. بۇ قامۇس خارەكتىردىكى يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى ، مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمەشۇناسلىرى قولدىن – قولغا ئېلىپ دەرىسلىك ، لىكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى ( 1644 – 1911 – يىللىرى ) نىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئۇقۇپ كەلگەن.

« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى » بۇددا نوملىرىنى ئۇقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نوقتىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنى دەستۇر بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىنتونوگىرافىيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن ؛ ئۇ تىل – ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرىسلىك كىتاپ. بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن.

ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ، تەرجىمە پىشىۋاسى ، مەشھۇر پەيلاسوپ كومىراجىۋا ( 344 – 413 – يىللار ) ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن غوڭقا ، جاللا ، بەرباپ قاتارلىقلار ھەققىدە ؛ ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم ، جۇراپىيۇن ، ئىنتونوگىراف مەھمۇد قەشقىرى ( تەخمىنەن 1008 – 1105 – يىللار ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل تارىخى ساھەلىرىدە مۇھىم مەلۇماتلار قالدۇرۇلۇپ ، بىزنى بۇ ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىدەك ، پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ، پولو ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن : ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » دىگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى دىرامما خارەكتىردىكى ئويۇنى – سۇ – مۇز ئويۇنى توغرىسىدا توختىلىپ : « سۇ – مۇز غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئويۇنى بولۇپ ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان. ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار. بۇ قومتۇز ، داميەن ( چۈمپەر ) ، باتۇر ئويۇنلىرىدىەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يە بولمىسا جىن – ئەرۋاھلار سۈپىتىدە نىقاپ تاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي ، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىغا سالما ، ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ ، قىزىقچىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ. ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇخىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن – شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ… » دەپ يازغان.

ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » نىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيەلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، تاڭ سۇلالىسى تەرپىدىن ئۇلارنىڭ تەكلىۋى رەت قىلىنغان. كىيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيەلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرىۋالغاندا ، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۆچۈرىۋېلىشقا قوشۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. ئەسەرنىڭ پەيدىن – پەي شەرىق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگە تارقالغان.

مىلادى 1737 – يىلى ( چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ ئىككىنچى يىلى ) پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880 – يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخسىسنى ياپۇنىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان.

ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە مۇدىغا ئايلانغان ئەنەتكەك ( سان – سىكىرت تىلى ) تىلىنى ، جۇڭگۇ ( خەنزۇلار ) نىڭ ئەدەبى تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگەللىگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى بارلىق خاتىرلىرىنى ناھايتى پىششىق ئۈگۈنىپ چىققان. نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن.

    تۇيۇق مىڭئۆيى خارابىسى