ئۈرۈمچى شەھىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ـــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مەركىزى. ئۇ تەڭرىتاغ ئوتتۇرا بۈلىكىنىڭ شىمالى ئىتىكى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان بۇلۇپ، شەرىقى تەرپى تۇرپان شەھىرى بىلەن، غەربىي شىمال تەرپى جىمسار ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى فۇكاڭ، ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمال تەرىپى تۇدۇنخې دەرياسى ئارقىلىق سانجى شەھىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇب تەرىپى تەڭگىر تېغى، قارىتاغ ئارقىلىق خېجىڭ( خوتۇنسۇمۇل ) ۋە توقسۇن ناھىيىلىرى بىلەن، شەرىقى جەنۇب تەرىپى تۇرپان ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، شەھەرنىڭ شەرىقتىن غەربكە ئۇزۇنلىقى 190 كىلومىتېر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 120 كىلومىتېر كېلىدۇ. يەر مەيدانى 11 مىڭ 440 كۋادرات كىلومېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇن ئومومىي يەر مەيدانىنىڭ %0.68 تېنى تەشكىل قىلىدۇ.

تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقى ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى مال ئالماشتۇرۇش مەركىزى بۇلۇشتەك ئەۋزەل ئىستراتېگىيىلىك ئورنى تارىختا كۆچمەن چارۋېچىلىقتىن تەدرىجىي دىققانچىلىق ئىگىلىككە ئۆتۈش قەدىمىنى تىزلىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۈرۈمچى خەن دەۋىرىدە غەربىي دىياردىكى 36 بەگلىكنىڭ ئالدى قۇش ۋە ئارقا قۇش بەگلىكلىرىگە قارىغان، جىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تېلى ( تۆلۈس ) لارغا قارىغان، كېيىن ئاۋارلار تەرپىدىن بېسىپ ئېلىغان. شىمالىي جۇ زامانىدا تۈرۆلەرگە قارىغان. سۇي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بۇلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەشبالىق قۇرۇقچىبەۆ مەھكىمىسىگە قارىغان، ئۈرۈمچى بىر قەدەر روناق تاپقان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 20- يىلى (1755- يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى جۇڭغار توپىلىڭىنى تىنچلىتقاندا قەدىمكى شەھەر ئيۇرۇشتا ۋەيران بولغان. جيەنلۇڭنىڭ 23- يىلى (1758 – يىلى ) چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈرامچىنىڭ شەرىقىدە قۇرغان سالغان، جيەنلۇڭنىڭ 28- يىلى (1763- يىلى)، يەنى قورغان شەھىرىنىڭ شىمالىدا، ھازىرقى قىزىلتاغ ( جۇڭسەن) نىڭ جەنۇبىدا يېڭى شەھەر سېلىنىپ، ئۇنىڭغا خەنزۇچە <> ، يەنى ئۇۈرۈمچى رەسمىي شەھەر قىلىپ بىكتىلدى. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن 1954- يىلى <> دىگەن نام ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىلىپ، قەدىمكى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىگە يەتتە رايۇن ( تيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى، شىمىگو رايونى، تۇدۇنخابا رايونى، نەنسەن كان رايونى ۋە دۇڭسەن رايونى )، بىر ناھىيە ( ئۈرۈمچى ناھىيىسى)، بەش دىھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر فېرما قارايدۇ.

شەھەر ئومومىي نۇپۇسى 1 مىليۇن 379 مىڭ 327 نەپەر بۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايون ئومۇمىي نۇپۇسىنىڭ %8.59 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومومىي نۇپۇسى ئىچىدە ئۇيغۇرلار 173 مىڭ 788 نەپەر بۇلۇپ، ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ %12.60 نى تەشكىل قىلىدۇ، قازاقلار 30 مىڭ 880 نەپەر بۇلۇپ، ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ %2.89 نى تەشكىل قىلىدۇ، خەنزۇلار 1 مىليون 7478 نەپەر بۇلۇپ، ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ %73.04 نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %11.47 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇنلانمايدىغان شەھەر نۇپۇسى 1 مىليون 129 مىڭ نەپەر بۇلۇپ، شەھەر ئومۇمىي نۇپۇسىنىڭ %81.85 نى، يېزا- قىشلاق نۇپۇسى %18.15 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھەر كۋادرات كىلومىتېرغا 120.5 ئادەم توغرا كىلىدۇ (1993- يىلى)
ئەسەر يوللىغۇچى: كۆكتۇغ