ئۇيغۇر قىز بالىلار ئويۇنلىرى: «ئىلەڭگۈچ» ئويۇنى

ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كەشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ–گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى، ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە پەسلەيدۇ›› دېگەن (‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››3–توم، 518–بەت). دېمەك، بۇ ئويۇن ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياخشى ئەرمىكى بولغان.

بۇ ئويۇن ئادەتتە ئەتىياز، ياز ۋە كۈز كۈنلىرى دەل–دەرەخلىك ئېرىق–ئۆستەڭ بويلىرىدا، ئورمانلىقلاردا قىز ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ، بۇ ئويۇننى 7–15ياشقىچە بولغان قىزلار ئوينايدۇ.
ئىلەڭگۈچ ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى تۈپ دەرەخكە ياكى دەرەخنىڭ چوڭ ئىككى شېخىغا چىگىپ، ئوتتۇرىسى يەرگە تېگىپ قالمىغۇدەك قىلىپ سېلىنىدۇ. قىزلار تۆت–بەشتىن بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن ئوينايدۇ. ئىلەڭگۈچ ئوينىغۇچى ئىككى تال ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ كەينىگە يېنىپ، بىر پۇتىنى ئىلەڭگۈچ تاختىسىغا ئېلىپ، يەنە بىر پۇتىنى يەرگە تىرەپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئىتتىرىپ قويۇشى ياكى ئۆزىنى كۈچەپ ئالدىغا ئېتىش ئارقىلىق پۇتىنى يەردىن ئۈزۈپ ئۇچۇشقا باشلايدۇ. دەسلەپتە پەسرەك ئۇچىدۇ، كېيىن ئالدى– كەينىگە كۈچەپ رىتىملىق سىلكىنىپ بارغانسېرى ئېگىز ئۇچىدۇ. ئۇچۇش قانچە ئېگىز بولسا، ئۇچۇش تېزلىكى شۇنچە ئاشىدۇ. بىر قىز ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقاندا پەستە نۆۋەت كۈتۈۋاتقانلار:

ئىلانى،

گۇچانى،

چىمچاچاق،

كىم ئويناق.

مېنىڭ بالام تورغايچاق،
… …

ھويت،ھويت،ھويت،

ماڭا قاراڭ،

بەسلىكى نار،

مەسلىكى بار.

بوز تايچاق

… …

دېگەنگە ئوخشاش ئىلەڭگۈچ قوشىقىنى ئېيتىدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىلەڭگۈچ ئۇچقۇچىنىڭ قانائەتلەنگەندىن كېيىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈشى ئارقىلىقلا بولىدۇ.
بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزئارا ئۆتۈنۈش، يول قويۇش، ياردەملىشىش قاتارلىق ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار تەييارلىغان.

مۇھەررىرى: گۈلباھار ناسىر

مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى